سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » بۆرە، تۈلكە ۋە ئارسلان – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (10)

بۆرە، تۈلكە ۋە ئارسلان – مەسنەۋىدىن دۇردانىلەر (10)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

(تەرجىمە: ھەبىبۇللا ئابلىمىت)

بۆرە، تۈلكە ۋە ئارسلان

تىكەن تىكسەڭ، يوق ئۈمىد گۈلدىن يەنە،
گۈل تىكسەڭ، كۈلۈمسەر گۈلدەك ساڭا.
بىر تۈگمەندە ئۈگۈتتەك يانچىلىسەن،
ئۇن ئەمەس، ئەلۋەتتە بېرىدۇ تۇپراق ساڭا.

بىر ئارسلان، بۆرە ۋە تۈلكە بىلەن ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن تاققا چىقىپتۇ. ئۇلارنىڭ نىيىتى بولسا ھەر ئۈچى ئۆز-ئارا ياردەملىشىپ، بىر-بىرىگە ماسلىشىپ ھايۋانلارنى كۆپرەك ئوۋلاش ئىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچى ئوۋ ئىزدەپ، ئۇياق-بۇياقنى ئايلىنىپ يۈرۈپتۇ. گەرچە بۇ ئىش ئارسلان ئۈچۈن بىر ئاز خىجىل بولىدىغان ئىشتەك تۇيۇلغان بولسىمۇ ۋە لېكىن بۆرە بىلەن تۈلكىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپتۇ. تۈلكە بىلەن بۆرە بولسا ناھايىتى رازىمەنلىك بىلەن تاغقا قاراپ، خۇشال مېڭىپتۇ.
ئۇلار ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن بىر ياۋا ئۆكۈز، بىر تاغ ئۆچكىسى ۋە بىر توشقان ئوۋلاپتۇ ۋە ئۇلارنى تاغدىن سۆرەپ چۈشۈپ،تۈزلەڭلىكتىكى ئورماننىڭ ئىچىگە ئەكىرىپتۇ. ئوۋلارنىڭ ھەممە يېرى قان بىلەن بۇلغىنىپ كەتكەن ئىكەن. تۈلكە بىلە بۆرە “بۇ ئوۋلارنى ئارسلان شاھ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىگە لايىق بىر شەكىلدە تەقسىملەيدۇ” دېگەنلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تەمەخورلۇق بىلەن ئويلىغان ئويلىرىنى ئارسلان ئاللا بۇرۇن سېزىۋالغان ئىكەن.
ئۇلارغا ئىلتىپات قىلسا، ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. ئارسلان ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى ئوۋلاۋاتقانلىقىنى بىلسىمۇ ئەمما، ھېچ چاندۇرماپتۇ ھەمدە ئۆز كۆڭلىدە مۇنداق ئويلاپتۇ:
” سىلەرنى جازالىشىپ كېرەك. سىلەر شاھنىڭ جازاسىغا لايىق. مېنىڭ پىكرىمدىن قانائەت ھاسىل قىلماي، ئەكسىچە ئىلتىپاتىمنى ئىنكار قىلماقچى بولۇۋاتىسىلەر. توغرا يولدا ماڭىدىغانلارنى سىلەرنىڭ ئەيىبىڭلاردىن قۇتقۇزاي، بۇ ھېكايە ئالەمگە ئىبرەت بولسۇن” ئاندىن ئارسلان چاندۇرماي مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپتۇ.

ئارسلان بۆرىنى قېشىغا چاقىرىپ، “سەن بۇ ئوۋلىغان ھايۋانلارنى بىر قوللۇق تەقسىم قىل. پەقەت شۇنىڭغا دىققەت قىلغىنكى، ھەر ۋاقىت ئادالەتلىك بول” دەپتۇ.

بۆرە:” ئەي ئۇلۇغ شاھىم! ياۋا ئۆكۈز ئەلۋەتتە سىزدەك بىر پادىشاھقا لايىق بىر لوقمىدۇر. ئۆچكە بولسا ئوتتۇراھال چوڭلۇقتا، مەنمۇ ھەم شۇنداق. تۈلكىگە ئەلۋەتتە شەك شۈبھىسىز توشقان لايىقتۇر” دەپتۇ.

ئەلۋەتتە بۆرە بولسا بىر ئىت نەسىلگە مەنسۇپ بىر مەخلۇقتۇر، ئۆزىچە ئۆزىنى بىر بارلىق ھېسابلاپ، كىبىرلىككە تولغان ئارسلاننىڭ ھۇزۇرىدا قانداقمۇ سۆزىنى ئۆتكۈزەلىسۇن دەيسىز.

ئارسلان، بۆرىنىڭ بۇ تەقسىماتىدىن قاتتىق نارازى بولۇپتۇ ۋە:” ھەي پەسكەش بۆرە! نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىسەن! مەن تۇرسام “بىز ۋە مەن” دېگىنىڭ نېمىسى ھە؟” دەپ ۋارقىراپتۇ.

ئارسلان، بۆرىدىن توغرا ۋە ئىشقا يارىغىدەك بىر ئەقىلنىڭ يوقلۇقىنى بايقاپتۇ – دە،
بىر كاچات بىلەن ئۇنى ئوڭدىسىغا ئۇچۇرۇۋېتىپتۇ ۋە كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىپ، تېرىسىنى تەتۈر سويۇپتۇ. ئاندىن مۇنداق خىتاب قىلىپتۇ:

“ماڭا قارشى ئۆزۈڭنى بىر بارلىق ھېسابلىدىڭ. سېنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر جاننىڭ بولغىنىدىن، ئۆلگەن ياخشى. مادامىكى ھوزۇرۇمدىن يوقالمىدىڭ، ئۇنداقتا ھۆكۈمۈم كاللاڭنى ئالماقتۇر.”

ئارسلان تۈلكىگە قاراپ مۇنداق دەپتۇ:”تەقسىمات ئىشىنى ياخشى بىر ئۇسۇلدا ئۆزۈڭ قىل”
تۈلكە ئارسلانغا سەجدە قىلىپ تۇرۇپ:”بۇ سېمىز ئۆكۈز پادىشاھىمنىڭ ئەتىگەنلىك غىزاسى بولسۇن. بۇ ئۆچكە بولسا، تەلەيلىك پادىشاھىمىز ئۈچۈن چۈشلۈك تاماق بولسۇن. بۇ پاكىز توشقان بولسا شاھىمىز ئۈچۈن كەچلىك شۇنداق ئېسىل مەززىلىك بىر تاماق بولۇشقا ماس كېلىدۇ” دەپ تەقسىماتنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ.

بۇ تەقسىماتتىن مەمنۇن بولغان ئارسلان:” ھەي تۈلكە! شۇنداق ئادىل تەقسىم قىلدىڭ. بۇنداق ئادىل، گۈزەل تەقسىماتنى كىمدىن ئۆگەندىڭ؟ ھەي بۈيۈك تەقسىماتچى ئۇستا. قېنى سۆزلە” دەپتۇ.

تۈلكە بېشىنى ئېگىپ تۇرۇپ:” ھەي ھايۋانلارنىڭ پادىشاھى! بۆرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۆگەندىم” دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان ئارسلان:”ئىشنى خاتاسىز قىلدىڭ. بۇ ئۇچ تال ئوۋنى ساڭا ھەدىيە قىلدىم. قېنى ئال ھەممىنى. ھەي تۈلكە سەن بىزگە سادىق بولدۇڭ. شۇڭا سېنى رەنجىتسەك ئادىل بولمايدۇ. بىز سېنىڭ بولدۇق. پۈتۈن ئوۋلارمۇ سېنىڭ. بۆرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىپسەن. سەن ھازىر تۈلكە ئەمەس، بەلكى بىر ئارسلاندەك بولدۇڭ”

بۇ ماختاش، مەدھىيىلەرنى ئاڭلىغان تۈلكە، ئارسلان غا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خۇشاللىق ھېسسىياتلىرىنى ئىزھار قىلىپتۇ ۋە ئىچىدە يۈزمىڭ شۈكرى قىلىپ:”ئەگەر باشتىلا ماڭا ئوۋلارنى تەقسىم قىلىشنى بۇيرۇغان بولسا، جېنىمنى قۇتقۇزۇشقا چوقۇم ئىمكان يوقتى.” دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپتۇ.

ئۇنداقتا بىزمۇ تەڭرىگە يۈزمىڭ شۈكۈر قىلىمىزكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ مول تەجرىبە -ساۋاقلىرى سەۋەبىدىن تېخىمۇ قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولۇپ ياشىماقتىمىز.
ھەقنىڭ قەھىردىن ۋە ئادالىتىدىن، ئۆتمۈشتىكى ئىنسانلارنىڭ قانداق جازالانغان ئۇچرىغانلىغىنى ئاڭلىدۇق.
بۆرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىپ، تۈلكىدەك ئەخلاقىمىزنى قوغدايلى.
ئىبرەت ئىگىسى ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىدۇ. بولمىسا ھالى باشقىلار ئۈچۈن ئىبرەت بولىدۇ.

ھېكمەتلەر:

جامائەت رەھمەتتۇر.
پۈتۈن دانىشمەنلەر پەيغەمبەرنىڭ پىكرىگە موھتاج ئىكەن، ئۇ “ئۇلار بىلەن كېڭەش” دېگەن ئەمىرنى ئالدى.

ئارپا تارازىدا ئالتۇن بىلەن يولداش بولىدۇ. بۇنىڭغا قاراپ ئارپىنىڭ ئالتۇندەك قىممىتى بار دەپ قالما.
ھازىرچە تەن روھقا يولداشتۇر.
ئىتمۇ بىر مەزگىل دەرۋازىنىڭ كۆزەتچىسى.
ئارسلاننىڭ ئارقىسىدا يۈرگەن كېچە-كۈندۈز كاۋاپ يەيدۇ.

سىرلارنىڭ ئارسلانىغا كۆڭۈللەردىكى نەرسىلەر ئايان بولىدۇ.
كامىلنىڭ ئالدىدا، قەلبىڭدىكىگە دىققەت قىل.

سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار، پىكرىڭلارمۇ، ئۇنۋانىڭلار مېنىڭ ئېھسانىمنىڭ سايىسىدە.
مېنىڭ ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق گۇماندا بولۇپ، جاھاننىڭ ۋە بىللە بولغانلىرىڭلارنى كەمچىلىكى ۋە ئىزاسى بولدۇڭلار.
رەسىم، رەسسامغا قانداقمۇ كۆرەڭلىسۇن؟ چۈنكى ئۇنى سىزغان ئۇ.

كۈلگەن ئارسلانغا ھەرگىز ئىشەنمە.
دۇنيا مالى ئارسلاننىڭ تەبەسسۇمىدۇر.
جاھان خەلقى مانا مۇشۇ كۈلۈشنىڭ سەۋەبىدىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەن.

ھەقتىن باشقا ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ. ھەقىقەت، ھەقنىڭ بارلىقىدا يوق بولماقتۇر.

دەرگاھتا”بىز ۋە مەن” دىن سۆز ئاچقان قوغلىنىدۇ. شاھنىڭ ئالدىدا ئەتىۋارى بولمايدۇ.
ئەقىللىق كىشى ئالدىرىماي تۇرۇپ، ۋەسىيەتلەرنى ئاڭلاپ، باشقىلارنىڭ ھالىدىن ئىبرەت ئالىدۇ

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش