You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » تاش ئالما

تاش ئالما

ھېكايە

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئېھ قۇياش! سۆيۇملۇك قۇياش، تاش ئالمىنىڭ يۇزىنى سۆيۇپ ئۆتكىن!

1

ئۇلۇغ تەڭرى بۇ ئىلى دېگەن بۇ مۇبارەك زىمىننىڭ كۈنىنى ئوچۇق، يامغۇرىنى راۋان، ھاۋاسىنى زىلال، تاغلىرىنى گۈزەل، دەريالىرىنى دولقۇنلۇق، ئورمانلىرىنى باراخسان، باغلىرىنى بۇلبۇللۇق، تۇپراقلىرىنى ھوسۇللۇق قىلىپ ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن ئىكەن. ئەللىرىنىڭ خۇي–پەيلىنى ياخشى، قوينى ئىللىق ھەق بولغاچقا ئەلمىساقتىن بېرى مۇساپىرلارغا، يىتىم–يىسىرلارغا ئاسمىنى كەڭرى ماكان بولۇپ كەلگەنتى. بۇ گۈزەل يۇرت–مەھەللە ئەمدىلەدىن مالىمانچىلىقتىن خالاس تېپىپ، كۆڭلى سەل تىنجىپ 80-يىللارنىڭ ئىيۇل ئايلىرىغا قەدەم باسقانتى.

كۆكتىكى قۇياش چاشكا ۋاختىدا كۆنچە مەھەللىسىنى سۆيۇپ ئۆتۇپ ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان شاغىلىق ئۆستەڭ بويىغا جايلاشقان بىر قورانىڭ ئۇستىدە، ئەتراپىدىكى بۇلۇت–مانانلارنى تارىتىپ، تۆت ياشلىق تۇرغاننى كۇزىتىۋاتاتتى. مىڭلىغان چاقنىغان قۇياش نۇرلىرى، بالىنىڭ بارلىق ئىش–ھەركەتلىرىنى، ئوي–پىكىرلىرىنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىش ئۈچۈن فوكۇسىنى ئاشۇ دەرۋازىسى تىشىدىن قۇلاپلىق قوراغا يىققانتى. تونۇردەك ئاستا–ئاستا قىززىۋاتقان قورانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان تۇرغان قۇياشنىڭ ئالتۇن زەررىچىلىرىدىن ۋال–ۋال پاقىراپ تۇرغان بىلەكلىرىنى ئۇياق–بۇياققا شىلتىيتى. تۈرغان ئۆزى يالغۇز پىنھان ئىلكىدە، قەپەزدە قاناتلىرىنى كىرىشكىمۇ چارىسىز قالغان قۇشلاردەك ئۇياق–بۇياققا مېڭىپ، قەپەزدىن قۇتۇلۇپ، مۇقەددەس ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈستىدە قانداقتۇر بىر پىلانلارنى ئويلاۋاتاتتى.

بۇ قورانىڭ ئۈچ ئېغىز ئۆيى كۈن پېتىشقا قاراپ سىلىنغان بولۇپ، ئىچىدىن شاغىلىق ئۆستەڭنىڭ كۈنگەي غولى كىسىپ ئۆتەتتى. بۇ ئۆستەڭ، لەڭزە بېشىدىكى يۈزلىگەن بۇلاق كۆزلىرىدىن ئىتىلىپ چىققان قاشتېشىدەك سۈزۈك مۇنچاقلارنىڭ شايى يىپقا تىزىلىشىدىن ھاسىل بولغان بىر تىزىق مارجاندەك، تۆرەم مەھەللىسى، كۆنچە مەھەللىسى، تاش كۆۋرۇك مەھەللىسىنىڭ توپا باسقان بويۇنلىرىنى سۆيۈپ ئۆتۈپ، ئىلى دەرياسىغا سىرىلىپ تۆكۈلەتتى. قورانىڭ تەسكەي بىلەن كۈنگەيگە قارىغان ئىككى بېقىننى ئاپپاق ئاقارتىلغان، ئەمما ئادەمنىڭ روھىنى قارارتىدىغان سوقما تاملىرى بىلەن تورالغان ئىدى. كۈن چىقىشتىكى ئىككى قاناتلىق كۆك رەڭدە سىرلانغان دەرۋازىسى داۋاملىق تېشىدىن قۇلۇپلۇق تۇراتتى. ئۆستەڭ بويىدىكى ئاق تىرەكلەر قوراغا سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئەمما ئۇزۈم باراڭسىز، گۆرجىستان جىمجىتلىقى باسقان بىر قورا ئىدى.

مانا ماشۇ قورادا، ئۇ بالا ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان ئانىسى ئامىنە، ئۆزىنىڭ بىرىدىن بىر قوللىغۇچىسى، سۆھبەتدىشى ۋە بىللە ئويۇن ئوينايدىغان كۆيۈمچان ھەدىسى بىلەن بىللە ياشايىتتى. بۇ قورانىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئۆز ۋاقتىدا سەھراغا سۈرگۈن قىلىنغان ئائىلىلەردىن بولۇپ، تېخى قايتىپ كەلمىگەنلىكتىن، بۇلار ئىجارىگە ئولتۇرۋاتاتتى. تۇرغاننىڭ ئانىسى كۈندۈزى قۇرۇلۇشتا ئىشلەيىتتى. ھەدىسى مەكتەپكە كىتەتتى. دادىسى، تۇرغان تۇغۇلۇپلا ئۇزۇن ئۆتمەي خاڭ بېسىۋىلىپ، ساماۋى ئەختەرلەرنىڭ يىنىغا ۋاقىتتىن بۇرۇن سەپەر قىلغانتى. شۇڭا تۇرغان دادىسىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەيىتتى، ھەمدە ”دادا“ دېگەن بۇ سۆزنىڭ قانداق بىر سۆز ئىكەنلىگىنى، ئۇ سۆزنى قەيەردە ئىشلىتىدىغانلىغىنىمۇ ئەقلىگە كەلتۇرمەيىتتى. تۇرغاننىڭ بېلىدىغان ئانىسى، ھەدىسى ۋە ئىككى بېقىنىنى نىقتاپ تۇرغان ئىككى ئاق تام ئارقىسىدىكى ئانامنى ۋە نۇرمۇھەممەتنىڭ ئايالى رىسالەتەمنى ناھايىتى ئومدان تونىيىتتى. تۇرغان ئەقلىگە كەلگەندىن بېرى ئۇ ئىككى خوشنا ئۇ يالغۇز قالغاندا كۆز قۇلاق بولۇپ كىلىۋاتاتتى.

ئانام تامغا يۆلەپ سالغان تونۇرغا نان ياققاندا، ئاتايىتەن تۇرغانغا ئاتاپ ئۈچ–تۆت تال كىچىك توقاچ يىقىپ قوياتتى. توقاچنىڭ يۈزى قىزىل لالىدەك قىزارغاندا يۇلۇپ ئالاتتىدە، قولياغلىققا ئەپلىك قىلىپ باغلاپ، كۈسەينىڭ ئۇچىغا ئىلاتتى – دە، تونۇرنىڭ ئۈستىدە دەس تۇرۇپ، پاقىراپ تۇرغان ماڭلىيىدىكى مۇنچاق تەرلەرنى سول بىلىكى بىلەن سۈرتىۋىتىپ، بېشىنى قوراغا سوزاپ ”قارا قۇمچاق! قارا قۇمچاق بالام تۇرغان!“ دەپ ۋاقىرايتى. تۇرغان ئۆي ياكى قورانىڭ قايسى بۇلىڭىدا بولسا ئانامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان قاپ–قارا كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ تام تۆۋىگە ”سانىيەم ئاپا“ دەپ يۈگىرەپ كىلىپ تەبەسسۇم قىلاتتى. ئاپام توقاچ باغلاغلىق قولياقلىق ئىلىنغان كۆزەينى تۇرغانغا سۇناتتى. تۇرغان ئۇرۇق، نازۇك يۇمران بارماقلىرىنى بىلەن قولياغلىقتىكى كىچىك توقاچنى ئىلىپ بىر يانغا ئەپلەپ قوياتتى – دە، ياغلىقنى كۈسەينىڭ ئۇچىغا باغلاپ ئۆزىگە قارىتىپ تارتىپ ئاپام بىلەن ئوينۇشۇپ، قاقاقلاپ كۇلۇپ كىتەتتى. مانا ماشۇ مىنۇتلاردا ئانامنىڭ ئۇچ تونۇر ناننىڭ خېمىرىنى ئۆزى يۇغۇرۇپ، ئۆزى راسلاپ، ئۆزى يېقىپ ھاردۇق يەتكەن مۇبارەك غوللىرىنى، قوللىرىنى، پۇتلىرىنى تۇرغان ئاشۇ يۇمشاق پاك گۇناھسىز قوللىرىنى بىلەن مىجىپ تۇتۇپ قويغاندەك، پۈتۈن ھاردۇقلىرى چىقىپ كىتەتتى.
بەزىدە ئوڭ بىقىنىدىكى رىسالەتەم ”تۇرغان، تۇرغان بامۇ سەن؟“ دەپ ۋارقىراپ، قولىنى تامنىڭ ئاخىرقى ئۇچى تورالماي قالغان شورلۇقنى توراش ئۈچۈن قويۇلغان قوناق شاقلار ئارىسىدىن چىقىرىپ، بىر نەرسىلەرنى سۇناتتى.

مانا بۈگۈن ئىككى تەرەپتىن سادا يوقتى. چۈنكى ئۇلار يۇقارقى مەھەللىگە ئۆلۈم پەتىسىگە كىتىشكەنتى. شۇڭا تۇرغان ئادەتتىكىدىنمۇ بەتەر يالغۇزچىلىقتا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىچى سىقىلدى. ئۇ ئاستا بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ دەرۋازا تۈۋىگە كەلدى. تېشىدىن قۇلۇپ سىلىنغان دەرۋازىنىڭ ئىككى قانىتى ئارىسىدىكى يوچۇقتىن كۈچۈكتەك تۇمشىغىنى كوچىغا چىقىرىپ مارىدى. كوچىدا ئاندا–ساندا ئۆتىۋاتقان ماشىنلارنىڭ ئاۋازلىرى، ۋېلسىپىتلەرنىڭ ئۇزۇلمەي چىلىنغان قوغغىراق ئاۋازلىرى ئاڭلىنىۋاتاتتى. يولدا ئۈزۈلمەي مېڭىپ كىتىۋاتقان ھەر خىل پۇتلارغا تۇرغاننىڭ كۆزى چۈشتى. دەل مۇشۇ چاغدا ھارۋا قىتىلغان بىر ئېشەك كوچا ئوتتۇرىسىدىكى كەتمەننىڭ يۈزىچىلىك بىر نەم يەرنى پۇراپ ماڭماي تۇرۇۋالدى. كۆرە ما كارامەتنى! تۇرغان تازا زەڭ سىلىپ قاراپ تۇردى. ھارۋا ئۇستىدىكى ھارۋىكەش بالا قولىدىكى تايىقى بىلەن ئېشەكنى ”قىغىي! ئاناڭنى!!“ دەپ ئۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما، ئېشەك نەدىكىنى ماڭسۇن، ھېچ قىمىرلىماي يەرنى بىر پۇراۋىتىپ، ئىككى قىلىن كالپۇكىنى ئاستى – ئۇستىگە پۇرۇشتۇرۇپ ”پۇر.. پۇر..“ دەپ بىل سىلكىنىۋىتىپ، تۇمشۇقىنى يۇقۇرغا قىلىپ بىر ھاڭرىغانتى، بۇ ئالامەت مەنزىرىنى كۆرگەن تۇرغان دەرۋازا تۈۋىدە كۈلۈپ تېلىقىپ قالدى. ئۇ ئىچىدە پاك تالا دېگەندە نېمە دېگەن كارامەت قىززىق ئىشلار بار ھە! دەپ، ئىچىگە ئوت كەتتى. ئۇ ئىچىدە:“بۈگۈن چوقۇم تالاغا چىقىشىم كېرەك!“ دەپ ئويلىدى – دە، دەرھال ئارقىسىغا يېنىپ، ئوماق قوللىرى بىلەن يۇلغۇننى خىجالەتكە قويۇدىغان قاپ–قارا چاچلىرىنى سىلىدى. ئۇ جىددىلىشىۋاتاتتى. ئۇ تەسكەي تەرەپتىكى قوناق شاھ بىلەن تۇرالغان ئۆستەڭنىڭ بويىدىكى يەرگە كەلدى. ئۇ ئاخىرى بىر ئامالنى تاپتى بولغاي، پىسسىڭڭىدە شۇنداق تاتلىق كۈلدىكى، ئۇنىڭ قاپ–قارا بىر جۇپ كۆز قارچۇقلىرى ئۇياق–بۇياق شۇنداق تىز مىدىرلاپ، كۆز چاناقلىرىغا سىغمايلا كەتتى. ئۇ، قوناق شاھلار ئالدىدا ئىككى قولى بىلەن بېقىنىنى تۇتۇپ ئازراق تۇرغاندىكى كىيىن، جاسارىتىنى توپلىدى بولغاي، دەرھال ”ئالغا“ دەپ بۇيرۇق ئالغان ئەسكەرلەردەك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ، ئۇدۇل بېرىپ قوناق شاھلارنى شۇنداق تىز ئىككى ياققا قايرىشقا باشلىدى. ئالاھەزەل ئازراق ۋاقىت ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى بېشى پاتقىدەك بىر تۆشۈك ئاچتى. ئۇ، ئاچقان تۆشۈككە ئۆمۈلەپ كىرىپ، بىشىنى ياندىكى قورادىن چىقاردى. ئۇ خۇددى ئاستا ئۇۋسىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئۇياق–بۇياقنى كۇزۈتۈپ قارىغان توشقاندەك ھويلىنىڭ ھەممە تەرىپىگە ئوبدان قارىدى. قورانىڭ ئىچىدە جىن ئىنسان يوق ئىدى. ئۇ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، تىزلىرىنى قىقىشقىمۇ ئۆلگۈرمەي، ئالدى–كەينىگە قاراپمۇ قويماي بىر قانىتى قىيا ئىچىلغان دەرۋازا تەرەپكە يايدىن چىققان ئوقتەك ۋىڭڭىدە ئۇچتى. دەرۋازىدىن چىقىپ چوڭ كوچىغا شۇنداق نەزەر سالدى. ”پاھ! ئالەم دېگەن مانا مۇشۇ ئىكەندە“ دەپ ئويلىغاندەك شۇنداق بىر ھەيرانلىق ئىچىدە ئۇياق–بۇياققا نەزەر تاشلىدى. شۇنداق ھوزۇر بىلەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى. ئۇ ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۇمران يۈرەكلىرى يازنىڭ شوخ شامىلىدا، ساپىقىدا لىڭشىپ تۇرغان تاش ئالمىدەك بوپ كەتكەنتى. بۇ تۇيغۇلارنى ئۇ ئۆزىنىڭ مەسۇم بەدىنىدە ھېس قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ خىياللىرى ئۇنى ئەركىنلىككە يۈزلەندۈرگەن ئىدى. ئۇ ئىچىدە: ”يۇمران قوللىرىمنى باغلاپ قويۇشىڭلار، تۆت تامنىڭ ئىچىگە سولاپ قويۇشۇڭلار مۇمكىن. ئەمما، ئەركىنلىك چۈشەنچىلىرىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچكۈزەلمەيسىلەر“ دىگەندەك قىلىپ دەرۋازا تۇۋىدە بىردەم تىك تۇردى. ئاندىن ئەركىن ئىنسانلار توغرا تەپەككۇر قىلغاندەك تۇرغاننىڭ قوشۇقتەك مېڭىسىمۇ توغرا تەپەككۇر قىلىۋاتاتتى. ئۇ، ئادەملەر ئەڭ كۆپ ماڭغان بازار تەرەپكە يۇزلەندى – دە، ”سەپەر بىزنىڭ، زەپەر ئاللاھتىن!“ دىگەندەك قىلىپ، قەپەزدىن قۇتۇلغان ئەركىن قۇشتەك قانات قاقتى.

2

تۇرغان يولنىڭ چىتىدە مېڭىپ كىتىۋاتتى، ئارىسىدا ”جىرىڭ..جىرىڭ“ قىلغان ۋىلسىپىتنىڭ قوغغۇراق ئاۋازلىرى ئاڭلاپ چۆچۇپ، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قاراپ، يەنە كۇلۇپ قويۇپ يولىنى داۋام قىلاتتى. ئۇنىڭغا ھېچكىممۇ دىققەت قىلمايتى. ئەسلىدىلا ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭلىرىغا بۇنى قۇلۇغىچە تويغان ئاتا–ئانىلار كوچىدىكى بىرە بالىنىڭ يالغۇز مېڭىپ قىلىشىغا، چىپىپ ئويناشلىرىغا كۆنەك ئىدى. ئۇنىڭغا كوچىدا ئۇچ نەرسە ناھايىتى تونۇش ئىدى. بىرسى قىرلىرىدىكى ساڭگىلاپ تۇرغان سۆگەتنىڭ ئەۋىرشىم تاللارنى سۆيۇپ قىچىۋاتقان شوخ ئۆستەڭ، يەنە بىرسى ئاپپاق ئاقارتىلغان تامالار يەنە بىرسى كۆپكۆك كۆك يۇزى ئىدى. ئۇ ئۆزىگە ئەڭ تۇنۇش، ئاۋازى ئەڭ يىقىملىق ”شىررىلداپ“ مۇزىكا چىقىرىپ ئاققان ئۆستەڭنىڭ بويلاپ كىتىۋاتاتتى. ئۆستەڭ گاھ كۆرۇلۇپ، گاھ يوقاپ كېتەتتى. ئۇ تۆرەم مەھەلىسىگە كەلگەندە سەل ھاردۇق يەتتى بولغاي ئاستىلاپ قالدى. ئۇ ئۆستەڭ بويىغا كىلىپ پەسرەك يەرنى تاپتىدە، زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ، ئىككى قولىنى مۇزدەك سۇغا تىقىپ پاكىز يۇغاندىن كىيىن ئالقىنىغا سۇ ئالدى. قوشۇقتەك قوللىرى ئارىسىدىكى زۇمرەتتەك سۇ قۇياشنىڭ نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. ئۇ يۇزىنى پاكىز يۇدى. ئالندىن قان غىدەك ئىچتى. ئاندىن ئۆرە تۇرۇپ ئىشتانلىرىنىڭ تىزلىرىنى ئەپلىك كىچىك قوللىرى بىلەن قاقتى.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سەل ئىككىلىنىپ قالدى بولغاي ئارقىسىغا بىر قارىدى. ئۆيدىن خىلىلا يىراقلاپ كەتكەن ئىدى.

ئۇ، ئۆز ئويىدا ”ئانامنىڭ ئىشلەيدىغان يىرى چوقۇم ماشۇ تەرەپتە“ دەپ ئويلىدى ھەم ئۆستەڭنىڭ باش ئۇچى ئاشۇ تەرەپكە ئارقاندەك سوزۇلغان ئىدى. ئۇ ئارقاننىڭ ئۇچىنى ئىزدەپ ئالغا قاراپ مېڭىۋەردى. ئۇ، بىردىنلا ئۇچىنى يوقۇتۇپ قويدى. چۇنكى باش قىسمى ئادەملەر دېڭىزىغا ئايلانغان غۇلجىنىڭ ”ھەنزۇ بازىرى“ دېگەن چوڭ بازاردىكى چوڭ كۆكرۇك ئاستىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى.

تۇرغاننىڭ ئۇدۇللىدا ئەركىن بازار بار كوچا تۇراتتى. كوچا ئىغىزى كىرىپ–چىقىۋاتقانلار ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئۇ يان تەرەپتىكى يولنىڭ چىتىگە كىلىپ تۇرۇپ ئادەملەرنى، ئەتراپىدىكى رەستىلەرنى، ماگىزىنلارنى.، يولدىكى ماشىن–ھارۋۇلارنى. يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاسقان شەپكە كىيىم قوللىرىنى ئۇياق بۇياققا شىلتىپ تۇرغان قاتناش ساقچىسىنى كۇزەتتى. مۇنداق بىر قاينام–تاشقىنلىقنى تۆت يىللىق ئۆمرۇدە برىنچى قىتىم كۆرۇشى ئىدى. ئىچىدىكى بۇ ھاياجاننى، ئەركىنلىك تۇيغۇسىنى ئاننىسى ۋە ھەدىسى بىلەن بىللە ھوزۇرلان غۇسى كەلدىمۇ، ياكى ئۆزى بىر نەرسىلەردىن ئەنسىردىمۇ قانداق كۆڭلى سەل لەت بولغانتى. ئاندىن ئۇ ئۆزىنى چەتكە تارتىپ، تامنىڭ تۆۋىدە بىر سىۋەتتە تاش ئالما سېتىۋاتقان بىر ئون بەش ياشلاردىكى باققال بالىنىڭ يېنىنى ئۆزىگە پانا قىلدى.

تۇرغان يەردە ئولتۇردى. ئۇ تەخمىنەن ئۈچ كىلومېتىردەك يولنى ئۆزى يالغۇز پىيادە مېڭىپ، چارچىغانتى. ئۇ، ھاردۇق يەتكەن ئىنچىكە پۇتلىرىنى ئالدىغا ئۇزۇن سوزغان غاندىن كىيىن، ئادەملەرنىڭ دەسسەۋىتىشىدىن ئەنسىردىمۇ قانداق پۇتىنى ئىچىگە يىغدى.ئاندىن مەرۇزىدا بەداشقان قۇرۇپ، ئىچىدە ئايەت ئوقۇپ، ئىتىكاپقا ئولتۇرغان كىچىك دەرۋىشلەردەك جىمىپ كەتتى.

باققال بالا تۇرغان غا ئىنچىكىلىپ بىر سەپ سالدى. كۇننىڭ نۇرىدا، تۇرغاننىڭ ئۆسكىلەڭ چاچلىرىغا يىپىشىۋالغان قوناخ شاھنىڭ كىچىك قۇرۇق يوپۇرماق پارچىلىرى ئالتۇن ياپراقلاردەك پال–پال پاقىرايتى. ئۇنىڭ يۇز كۆزلىرى نۇر چېچىپ تۇراتتى. ئۇزۇن ۋە قويۇق كىرپىكلىرى ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىنى ئەمەلىيەتتىكىدىنمۇ بەك چىرايلىق قىلىپ كۆرسىتەتتى. كۈندە كۆيگەن بىلەكلىرى مالائىكىلارنىڭ قولىدېكى سىھىرلىك چوكىلاردەك ۋاللىلداپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بارلىق ۋۇجۇدى روھىغا ئوخشاھلا پاك، سەبى ، ئوچۇق ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئولتۇرۇشىغا سەپ سالغان ھەرقانداق بىرسى تەبەسسۇم قىلماي تۇرالمايتى.

باققال بالا ئىچىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولغان مۇھەببەت بىلەن تۇرغان غا كۇلۇسىرەپ قاراپ، سىۋەتتىكى قىزىل تاغىل تاش ئالمىدىن ئۇچ تالنى ئىلىپ سۇندى. باققال بالىنىڭ يىرىلغان ئالقانلىرى ئىچىدە قىپقىزىل كەھرىۋادەك پاقىراپ تۇرغان تاش ئالماغا قارىغان تۇرغان پىسسىڭڭىدە يەنە بىر كۇلۇپ قويۇپ،زىلۋا قولىنى سۇنۇپ نوتىدەك يۇمران بارماقلىرى بىلەن تاش ئالمىنى ئالدى. ئىككى تالنى بۇرۇلكىسىنىڭ ئىككى يانچۇقىغا سىغداپ سىلىپ، بىرسىنىڭ قىپقىزىل پاقىرىئاپ تۇرغان سېلىق يۇزىگە، ئاپپاق ئۇنچىدەك چىشلىرىنى سۇنچىلىك ھەۋەس بىلەن پاتۇردى. تاش ئالمىنىڭ سىلىق يۇزىدىن ئىقىپ چىققان شىرىن سۇلار بالىنىڭ جۇغىزىدىن ساقىدى. تۇرغان سول قولىنىڭ دۇمبىسى بىلەن تاش ئالمىنىڭ شەربىتىنى سۇرتۇپ، باققال بالىغا شۇنداق بىر كۇلۇمسىرەپ ئۆزىنىڭ ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان سەبى تەشەككۇرلىرىنى ئىزھار ئەيلىدى. تۇرغاننىڭ بۇ تۇرقى خۇددى مەلەكلەرنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ سۆيگۇ بولسا قەلب كۆچەتلىرىنىڭ مېۋىسى ئىدى.ئۇنىڭ دەل ماشۇ چاغدىكى پاكلىقى، ساددىلىقى، بەختىيار روھى ھالىتىنى كۆرگەن باققال بالىنىڭ ئىچىدە قانداقتۇ بىر ئىسسىق ئىقىم ئىقىپ تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك بولدى.

باققال بالا ئىچىدە:“دادىسى ئەركىن بازارغا بىر نېمە ئالغىنى كىركىتىپ، بۇ بالىنى ”بۇ يەردە ساقلاپ تۇر“ دەپ قويۇپ قويۇپتىدە، ياكى بولمىسا…“ دەپ ئويلاپ، بىر گۇمان بىلەن بالىنى گەپكە سىلىپ،مۇنداق سورىدى:“داداڭ ئەركىن بازارغا كىركەتكەنما؟ ياكى سەنمۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن قەپەزدىن قاچقان قۇشتەك ئۆيدىن قاچتىڭمۇ؟“
تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سوئالدىن تۇرغان ھودۇقۇپ قالدى. ھەم بۇ ئۇزۇن سوئالدىكى ”دادا“، ”ئەركىنلىك“ دېگەن سۆزلەردىن باشقىسى قۇلۇغىغا كىرمىدى. ئۇ ”دادا“ ”ئەركىنلىك“ دېگەن سۆزلەرنىمۇ مانا بۇگۇن ئاڭلاۋاتقاچقا ئۇنىڭ مەنىسىنىمۇ بىلمەيتى. ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇنداق نەرسىلەرگە ئىگە بولمىغان ئادەم ئۇ سۆزلەرنى نەدىن بىلسۇن. بار بولغان نەرسىلەرگە ئىگە بولالماۋاتقان بۇ زاماندا، قانداقمۇ يوق نەرسىلەرگە ئىگە بولالايدۇ دەيسىز.

تۇرغان، باققال بالىنىڭ يېنىدا ئالاھەزەل بىر ئاش پېشىم ۋاقىت ئولتۇردى. بۇ جەرياندا باققال ئىككى خېرىدارغا تاش ئالما ساتتى. ئۇ تاش ئالمىنى تارتىپ بولۇپ، ھەققى مەندە ھەرگىز قالمىسسۇن دېگەندەك قىلىپ خېرىدارغا بىر تال تاش ئالمىنى قوشۇپ بىرەتتى. تۇيۇقسىز باققال بالا كۇن چىقىش تەرەپتىكى پات–پاراخچىلىقنى كۆرۇپ قالدى. ئۇياقاتىن ماللىرىنى قوچاقلاپ پالاقلىغىنىچە كىلىۋاتقان يايمىچىلارغا قاراپ ھودۇقۇپ كەتتى. ئۇ، قولى بىلەن ئادەملەر سۇرلىرىنىڭ ئۇستىدە قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان بىردىن–بىرى كۆركەم تاغ چوققىلار بار تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ“ ئەركىن بازار تەرەپتىن بازار باشقۇرغۇچىلار كىلىۋىتىپتۇ! مەن قاچمىسام تارازامنى تارتىۋالىدۇ. سەن داداڭ كەلگىچە بۇ يەردىن قىمىرلىما!“ دېدى – دە، يارىم سىۋەت تاش ئالمىنىڭ ئۇستىگە تارازىسىنى قويۇپلا ”خوش ئۇكام!“ دەپ قاچتى.

تۇرغاننىڭ قولىغىدا باققال بالىنىڭ دېگەن سۆزلەر ئىچىدىكى پەقەت ”دادا“ ”ئەركىنلىك“ دېگەن سۆزلەر يەنە بىر قىتىم ئۇنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغانتى. گەرچە بۇ سۆزلەردىن ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، باققال بالىنىڭ ھودۇقۇپ قىچىشلىرىدىن قانداقتۇ يامان بىر ئىشنىڭ ھازىرلا يۇز بېرىدىغانلىغىنى پەملىدى ۋە دەرھال ئېسىگە ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس بولغان مېھرىۋان ئانىسىنى كەلدى. ئۇ خۇددى ”تىلەكلىرىڭنىڭ نىجادىيىتى سەن روكى قىلغان مېھراپتا ئەمەس، سەجدە قىلىۋاتقان چەۋەنداز ئىلكىدە!“ دېگەندەك قىلىپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ قاياققا مېڭىشىنى ئويلىدى. ئۇ تەۋەككۇل قىلىپ، ئاننىسىنى ئىزدەپ تىپىش ئۇمىددى بىلەن كۇن چىقىش تەرپتىكى قاردۇڭ مەھەللىسى تەرەپكە يول ئالدى.

3

ئۇمىد تەۋەككۇلدىن خالى ئەمەس. ئۇمىد بولسا بۇ قاراڭغۇ ئالەمنىڭ نۇرانە گۈلتاجى. شۇڭا تۇرغان ئۇمىدكە تولغان كىچىك چامداملىرى بىلەن داۋاملىق ئالغا قاراپ ماڭدى.
بۇ يولدا تۇرغان غا ئەڭ تونۇش بولغان ئۆستەڭ يوق ئىدى. ئەمما، ئۆزىگە ياد بولمىغان تاملارنىڭ تۆيىنى ياقىلاپ كىتىۋاتتاتتى. تام تۆۋىلىرىدە پايپاق، لۆڭگە سىتىۋاتقان، ئاياق مايلاۋاتقان ۋاسكىچى مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنى كۆردى. كىرسوپۇن، تاغاق، يېلىم سىتىۋاتقان ئاپپاق ساقاللىق يايمىچى بوۋايلارنىڭ ئالدېدىن ئەپلەپ ئۆتتى. ساپايىنى دولىسىغا بولۇشىغا ئۇرۇپ“ھەيھەي دۇنيا، سەن دۇنيا، كىمگە ۋاپا قىلدىڭ سەن…“دەپ، نەزىم ئوقۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان دىۋانىلارغا زەڭ سىلىپ قارىدى. يولنىڭ ئۇ تەرىپىدكى كاۋاپچىلارغا، كاۋاپتاندىن پۇقۇراپ چىقىۋاتقان ئىس–تۆتەكلەرگە، يوغان يوغان مانتا قاسقانلىرىغا كۆزى چۇشتى. ئۇنىڭ شۇتاپتا قوسىقى ئاچقان ئىدى. ئەمما، ئۇ غورۇرلۇق ئەركەكتى. ئاننىسىنى ئىزدەپ تىپىشنى ئۆزىگە مۇقەسدەس ۋەزىپە قىلغان ئىدى. ئۇ يەنە ئالدىغا قاراپ زىھنىنى يىغىپ يۇرۇپ كەتتى. ئۇ مېڭىپ ئۆيدىن ئۇزاقلاشقانسىرى، ئانىسىنى ئىزدەپ تىپىش ئۇمىددىمۇ ئېشىپ مانغان ئىدى.

تۇرغان مانا ماشۇنداق ھەيرانلىقلار، ئاراسالدىلىقلا ئىچىدە ئۇدۇل مېڭىپ قاردۇڭگە كەپ قالغان ئىدى. قۇياشنىڭ ئىسسىق ھارارىتى قاردۇڭ مەھەلىسىنى بەئەينى دوزاقتەك قىزدۇرۋەتەكەن ئىدى. ھەر يەردىن توپا يىغىپ تۇراتتى. ئۇ دۆڭگە قاراپ ماڭدى. ھالسىزلىغان نوتىدەك ئىنچىك پۇتلىرىنى ئاران يۆتكەيتى. ئۇ ياندىكى دۆڭلۇكتىكى دومباق دومباق توپا دۆۋىلىرىگە نەزەر سالدى. ئۇ يەر قاردۇڭ قەۋرىستانلىغى ئىدى. تۇرغان شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. دۆڭنىڭ قاپ بېلىگە كەلگەندە ئۇنىڭ ھېچ مادارى قالمىدى. ئۇ توپا يولنىڭ چىتىدە قوڭىنى قويۇپلا، پۇنى ئالدىغا سپزۇپ ئولتۇردى. ئەتراپ زەراتكارلىق ئىدى. ئۇ، توپا دۆۋىلىرى ئۇستىدىكى قاغچىراپ كەتكەن قوشقارنىڭ مۇڭگۇزلۇك باشلىرىغا، ماكچىيىپ كەتكەن خام كېسەكلەرگە، خەتلەر يېزىلغان مەرمەر تاشلارغا، سانجىلغا قوزۇقلارغا، خەتلەر يېزىلغان يېرىق تاختىلارغا، ئەتراپىدىكى قۇرۇپ كەتكەن چۆپلەرگە بىربىرلەپ قاراپ چىقتى. ئۇنىڭ گەللىرى قۇرغان ئىدى. قوسىقى تازا ئاچقانتى. ئىككى يانچۇقىدىكى تاش ئالمىنى سىلاپ قويدى. تاش ئالما قىززىپ كەتكەن ئىدى. دەل ماشۇ چاغدا ئۇنىڭ قۇلاق تۆۋىدە باققال بالىنىڭ ”دادا“، ”ئەركىنلىك“ دېگەن سۆزلىرى ياغرىدى. بۇ سۆزلەر بەلكى ئىگىز تاغلارنى، چوققىلارنى، دۆڭلۇكلەرنى بىلدۇردىغان سۆزلەر ئوخشايدۇ دەپ قالدىمۇ قانداق، بېشىنى كۆتۇرۇپ ئالدىغا قاراپ، يېراقلارغا نەزەر سالدى.

چوققىسى كۆك ئاسماندىكى ئاقبۇلۇتلارنىڭ ئارىسىغا شۇڭقىغان تەڭرى تاغلىرىنى كۆردى. تاغنىڭ ئاپپاق بەللىرىدە ئۇزۇپ يۇرگەن قۇياش تاغ تىزمىلىرىنى چاقنىتىۋەتكەن ئىدى. تەسكەي تەرەپتىكى تەلكى تاغلىرىنىڭ باشلىرى ئاسماننىڭ قەھرىگە تۇتۇشۇپ، ئۇلۇنىپ كەتكەن تاغتىزمىلىرى پەلەك ئۆگزىسىدە قوقچىيىپ تۇراتتى. غۇلجا شەھەرنىڭ ئەتراپىنى ئەنە ئاشۇ گىگانىت تاغلار ئوراپ، ئۆزىدىكى گۈل–گىيالارنىڭ ھەدىلىرىنى كۆكلەمدىكى لەرزان شامالدا ئۇچارتىپ ئەكلىپ شەھەررنىڭ ھەريانلىرىغا چاچاتتى. ئۇنچە–مەرۋايىتتەك يامغۇرلىرى شەھەر ئىچىدىكى تالچىۋىقلىرى ساڭگىلاپ تۇرغان ئەۋىرشىم تاللارغا شايى–جۇلا مۇنچاقلار ئاساتتى. كۈڭەي تەرەپتىكى نارات تاغ ئېتەكلىرىدە يىلاندەك تولغۇنۇپ بەئارام ياتقان ئىلى دەرياسى ئۆز ھەسرەتلىرىنى،مۇڭلىرىنى، جىمى دەرد–ئەلەملىرىنى ئىچىگە يوشۇرۇپ، زاھىردا ھېچ نېمە بولمىغاندەك تەمكىنلىك بىلەن ئاقماقتا ئىدى. ئارلاپ مەۋج ئۇرۇپ، چايقىلىپ بۇجغۇنلاشلىرى، ئۆركەشلەشلىرى بولسا نەپرەت، غەزەپلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇشلىرىدىن ئىدى. ھەي گۈزەل ئىلى دەرياسى! سەن مېنىڭ ئەجداتلىرىم بىلەن مۇڭداش، سەن ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ دىلاۋەر،مەرت ئوغلانلىرىغا ھەم نەپەس، ھەمسىرداش!
سەن، قۇت تەڭرىتاغنىڭ ئۇ قېتىدىكى تارىمغا ۋە بۇ تەۋەدە ئالتاي غول ئېتەكلىرىدىن قايرىلىپ چىققان ئىرتىسقا ھەم چەكسىز–پايانسىز بايقالغا بېقىياس رەڭداش…..
سەن خاسىيەتلىك تارىخ! سەن مېنىڭ جاپاكەش خەلقىمنىڭ، ئەجداتلىرىم تارىخىنىڭ يارقىن سەھىپىلىرى سەن.

تۇرغان ئارقىغا بۇرۇلدى. ئۇ ئارقىسىدىكى چەكسىز كەتكەن دۆڭلۇكتە باش كۆتۇرۇپ تۇرغان قەۋرىلەرگە مەسۇم، ھارغىن كۆزلىرى بىلەن سەپ سالدى. ئۇ، ئىچىدە ”دادا“، ”ئەركىنلىك“ دېگەن سۆزلەرنى ئىختىيارسىز تەھرارلىدى. ئۇ ھالسىزلىدى، ئۇنىڭ خىيالىدىن مۇنۇلار كەچكەندەك بولدى:“ھەي ئەزىز روھلار! سىلەردىكى بۇ تەلەي كىمدە بار؟ يا ئۇسسايدىغان ئېغىز يوق، تويدۇرىمەن دەيدىغان قوزاق يوق. سولاپ قويدىغان ئادەم يوق. سىلەر ماشۇ چەكسىز تۆپىلىكتە قانچىلىك ئەركىن ئىكەنلىگىڭلار بىر بىلگەن بولساڭلار، ئۆزەڭلارنىڭ تەلەيلىك ئىكەنلىگىڭلارنى ئاندىن بىلگەن بولاتتىڭلار“

تۇرغان دۆڭلىكتە ئولتۇرۇۋىرىپ ھاردۇق يېتىپ، مۇگدەشكە باشلىدى. چۇنكى ئۇ بۇگۇن تۆت كىلومېتىردىن ئوشۇق مۇساپىنى پىيادە بەسىپ، دادىسىنى يوقلاپ كەلگەنتى. مانا ھازىر ئۇ يەككە–يىگانە پىنھان ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۇمران بەدىنى چۇشتىن كىيىنكى قۇياشنىڭ ئوتتەك تەپتى ئاستىدا ئىرىۋاتقان مۇز پارچىدەك ئىرىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سەبى كۆڭلى دەردكە تولۇشقا باشلىدى. ئۆزىنى يالغۇز، چارىسىز بىچارە ھېس قىلدى. ئۇنىڭغا يىغا ئولاشتى. ئۇ، كۇن چاققان ياشانغۇ كۆزلىرىنىڭ قادىلىپ ئاغرىۋاتقانلىغىنى بايقىدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئارام ئالدۇرۇشنى ئويلىدىمۇ، ياكى ياشلىرىنى يوشۇردىمۇ، ئەيتاۋۇر. ئىككى قولىنى، تۇگۇلگەن تىزىنىڭ ئۇستىگە گىرەلەشتۇرۇپ قويدى. ئۇ پاقىراپ تۇرغان پەشەنىسىنى قولنىڭ ئۇستىگە قويۇپ بەشىنى تۆۋەن گە ئەگدى. چۆمۇشتەك بېشىدىكى قاپقارا قىرقىم چاچلىرى، يۇلتۇز زەررىچىلىرىنى چىچىۋەتكەندەك ۋاللىلداپ تۇراتتى. ئالاھەزەل قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىنتاڭ، تۇشمۇ تۇشتىن گۇلدىرلىگەن ئاياق ئاۋازلىرى قولىقىغا ئاڭلاندى. ئۇ، بېشىنى كۆتۇرۇپ، ماڭلايلىرىدىن تەرلەر سۇرتۇپ، دۆڭلىكتىن ئات سۇرلىرىدەك چاق–توزاق چىقىرىپ كىلىۋاتقان ئادەملەرگە قارىدى. ئۇلارنىڭ قەدەملىرى بارغانسىرى يىقىنلاشتى. ئۇلار بىر مىيىپنى يەرلىگىگە قويۇپ يان غان جامائەت ئىدى. ئارىسىدىن ۋىلسىپىتىنىڭ رولىغا ئىسىلغان ھالدا دۆڭدىن تۆۋەڭە قاراپ چۇشىۋاتقان بىرسى تۇرغاننىڭ ئالدىغا كىلىپ تۇردى. ئۇنىڭ توپا پاسقان يۇزلىرىگە زەڭ سىلىپ قارىدى – دە،“تۇرغان بالام! نېمىلەرنى قىپ يۇرۇيسەن بۇ يەردە؟“ دەپ ۋىلسىپىتنى تاشاپلا قويۇپ، تۇرغاننى تۇرغۇرغۇزۇپ، يۇز–كوزىنى سىلىدى. ئەتراپتىكى ئادەملەر ئوغلىمىكىن دەپ قالدۇمۇ قانداق، بىر قاراپ قويۇپلا ئۆز يوللىرىغا ئالدىراش مېڭىپ كىتىۋەردى. گەۋدىسى خۇش پېچىم ئىگىز قامەتلىك ئادەم ئۇرۇق قوللىرى بىلەن تۇرغاننى باغرىغا چىڭڭىدە باستى.تۇرغان بۇ ئادەمنىڭ ئوڭ بېقىنىدىكى خوشنىسى رەسالەت ھەدەمنىڭ يولدىشى نۇر مۇھەممەت ئاكا ئىكەنلىگىنى تونۇپلا بۇققۇلداپ يىغلاپ تاشلىدى. ئۇ بۇ غايىپتىن چۇشكەن شاپائەتچىسىگە چىڭڭىدا ئىسىلىپ، بۇينىدىن ھۆر پەرىلەرنىڭ ھىدىنى پۇراپ، ”دادا“ مېھرىگە قان غاندەك ئىچىدىن بەختىيار بولدى. زۇلۇم توپا–چاغلىرى يىغىپ تۇرغان قارا دۆڭدە يىگانە، جۇدالىق دېغى ئىچىدە قاغجىرغان كۆڭلىگە باھار يامغۇرى يىڭىپ ياشنىدى.

4

تۇرغاننىڭ ھەدىسى مەكتەپتىن كېلىپ، دەرۋازىنىڭ قۇلۇپىنى ئىچىپلا ئىنىسىنى توۋلىدى.“تۇرغان! تۇرغان قوزام قەيەردە سەن؟ ئەمما، قورادىن، ئۆينىڭ ئىچىدىن ھېچ سادا چىقمىدى. ھەدىسى بىردىنلا ئۆستەڭ تەرەپكە يۇگەردى. شىررىلداپ ئىقىۋاتقان ئۆستەڭ بويىدىمۇ كۆرۇنمەيتى. قىزسىڭ كاللىسىنى بىردىنلا ھەرخىل يامان خىياللار چىرماپ ئالدى. قىز ئۇن سىلىپ يىغلاپ تالا تەرەپكە يۇگەردى. ئۆيمۇ–ئۆي كىرىپ تۇرغاننى سورىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەھەللە ئاھالىسى تەۋرەپ كەتتى. مەھەللىدىكى ئاتارمەن–چاپارمەنلەرمۇ ھەركەتكە كىلىپ، ھەر تەرەپكە چېپىپ،تۇرغاننى ئىزدەشكە كىرىشتىن. بىرلىرى ئۇدۇل بازار تەرەپكە چاپسا، بىرلىرى دەريا تەرەپكە ماڭدىن. ھەدىسى بىرنەچچەيلەن بىلەن ئۆستەڭنىڭ ئىقىشىنى بويلاپ يىغلاپ كەتتى. تۇرغان ھېچ يەردە يوق ئىدى. مەن تار كوچىلارنى بىرە قۇر ئىزدەپ، قورادا ئەنسىزچىلىك ئىچىدە تۇرغا ئانامغا ”يا ئاپا ئۆستەڭگە چۆشۇپ ئىقىپ كەتمىگەندۇ؟“ دېدىم. ئانام ”شۇم ئېغىزلىق قىلماي! ماڭ چىقىپ باغ تەرەپكە بىرىپ باق دەپ ۋاقىردى“

كۈن ئاستا–ئاستا ئولتۇرۋاتاتتى. مەھەللىدىكى قىيامەت بارغانسىرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى. تۇرغاننىڭ ئانىسىمۇ ئىشتىن چۆشۇپ تۇرغاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىگىن خەۋەردار بولغان ئىدى. ئاننا ئىچىدىن ئۇن سىلىپ يىغلايتى. نېم قىلىشىنى، نەرگە بېرىپ ئىزدىشىنى بىلمەي چارچىغان يىلىكلىرىدىن تارتىپ سىقىراپ ئاغرىپ ئىچىشاتتى. ئاغرىش باشقا مەسىلە ئوماق جان قوزىسىدىن ئايرىلىپ قەلبىنىڭ جۇدالىق ئوتى ئىچىدە ئازاپ چىكىشى باشقا مەسىلە ئىدى. ئانا قۇياش پاتقاندا چىڭڭىدە يۇمۇۋالىدىغان ياسىمەن گۈلدەك تۇگۇلۇپ ئازاپلىق ئىڭرايتى. تەڭرىدىن ئوغلۇنىڭ تېچ ئامان تىپىلىشىنى تىلەيتى. دەل ماناشۇ چاغدا نۇر مۇھەممەت ئاكا بىر توپ بالىلارنى ئارقىسىغا سېلىپ، ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان باھادىرلاردەك مەغرۇر كۆرۇن گەن تۇرغاننى بېشىدا ئىگىز كۆتۇرۇپ، ئەرشىدىن چۇشكەن مالايىكا ئەنبىيالاردەك ئانىنىڭ كۆز ئالدىدىلا پەيدا بولدى. ئانا چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ، يىغلاپ، تىترەپ، ئاھ ئۇرۇپ، تۇرغاننى قوچاقلاپ باغرىغا چىڭڭىدە باستى. ئۇنىڭ باش–كۆزى، قوللىرىنى سۆيدى. ئانا بالا ئىككىسىنىڭ تەنلىرىلا ئەمەس، روھلىرىمۇ بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئانىنىڭ ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان ئىسسىق خوشاللىقى ئاغزىدىن بالىنىڭ مەڭزىگە تەگدى. بالا ئاخىرى غىدىغى كىلىپ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتى ئاندىن شىمىنىڭ ئىككى يانچىقىدىن ئىككى تال قىپقىزىل چوغدەك تاش ئالمىنى ئىلىپ ئاننىسى بىلەن ھەدىسىگە سۇندى. تۇرغاننىڭ بۇ قىلىقلىرى، قاقاقلاپ كۇلۇشلىرى، ھەدىسىنىڭ قەلەمدەك قاشلىرى ئاستىدىكى تولا يىغلاپ قىزىرىپ كەتكەن قوي كۆزلىرىگە كۇلكىنىڭ جۇلالىسىنى پەيدا قىلدى. قىزنىڭ قىزىل گۈل سۇپەتلىك يۇزلىرى، غۇنچىدەك ئاغزى، رەيخاندەك لەۋلىرى تىترەشتىن توختىدى. ئەترەپتىكى ئەھلىمەھەللىلىكلەرنىڭ قەلبىنى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قۇياشنى كۆرۇپ ئىرىگەن ئاپپاق قارلاردەك ئىرىتىپ، تەبەسسۇم جىللىۋىسىگە چۆمۇلدۇرۋەتتى.

5

كۈنلەرنىڭ ئىقىن سۇدەك ئىقىشى بىلەن بۇ ئىشلارمۇ، باشقا ئىشلارغا ئوخشاشلا ئۇنتۇپ كىتىلدى. شورلۇقنى كېسەك بىلەن ئىتىۋەتكەندىن كىيىن، تۇرغان داۋاملىق قوراغا سولاپ قويۇلدى. ئۇ داۋاملىق دەرۋازىنىڭ يوچىقىدىن تالا قاراپ ”دادا ئەركىنلىك“ دېگەن سۆزنى تەھرارلايدىغان يىڭى بىر ئادەتنى چىقىرۋالغان ئىدى. چۈنكى ئۇ، ئاشۇ قىتىم جاھاننى كىزىش ۋە ئۇنى تونۇش ئارقىلىق تەڭرىنىڭ ياراتقان بۇ مۇئاززام بىر ئەسىرىنى بىر قۇر كۆرۇپ چىققاندەك بولغان بولسىمۇ ۋە لىكىن ئۇنىڭ مەسۇم قەلبىنىڭ تۆرىدە پەقەت ۋە پەقەتلا ”دادا ئەركىنلىك“ دېگەن بۇ ئىككى سۆزلا ئورۇن ئالغان ئىدى. بارا بارا بۇ ئىككى سۆز مەھەللە ئەخلىگىمۇ تەسىر قىلىشقا باشلىدى. ئاخىرى ”لەقەمنى خىزىر قويىدۇ“ دېگەندەك بۇ ئىككى سۆز تۇرغاننىڭ لەقىمۇ بولۇپ قالدى. كىچىك بالىلاردىن تەرتىپ ئۇنى ”دادا ئەركىنلىك“ دەپ چاقىردىغان بولىۋالدى. تۇرغانمۇ بۇ ئىككى سۆزنى ئاڭلىسا دەرھال قارايدىغان ھەتتا تەبەسسۇم بىلەن قارايدىغان بولدى.

مانا ئاشۇ ۋەقە بولۇپ ئارىدىن ئالاھەزەل ئىككى ئاي ئۆتكەندە، قورادا ئۇياق–بۇياققا مەڭىپ دەرس ياتلاۋاتاتتىم. بىردىنلا ئۆستەڭنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن ۋاراڭ چۇرۇڭ، قىيا–چۇقان كۆتۇرلۇشكە باشلىدى. ”دادا ئەركىنلىك“ دېگەن ئاۋازلار چىقىشقا باشلىدى. مەن دەرھال ئۆستەڭ بويىغا يۇگرەپ بەرىپ تۆۋەڭە قارىدىم. ئۆستەڭ ئۇ تەرىپىدىكى قىرىغا،قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە قالغان بىر توپ ئادەملەر ئويلۇشۇۋالغان ئىدى. مەن دەرھال دەرۋازىدىن ئۇچقاندەك چىقىپ، ياندىكى كوچىدىكى كۆۋرۇك ئارقىلىق ئۇياققا ئۆتتۇم. ئاندىن ئادەملەر ئارىغا قىسىلىپ كىرىپ قارىسام، مەھەللە مەسچىتتىمىزنىڭ ئىمامى بىر كىچىك بالىنىڭ ئىككى پۇتىنى يۇقۇرغا كۆتۇرۇپ، بەشىنى تۆۋەن گە ساڭگىلتىپ سىلكىۋىتىپتۇ. ئۇ بالا دەل تۇرغاننىڭ ئۆزى ئىدى. تۇرغاننىڭ ئاغزى–بۇرنىدىن چىققان سۇ تۆۋەڭە قاراپ قۇيۇلىۋاتتى.قاتتىق جىددىلىشىۋاتقان ئىمام بالىنى ئىشتىك يەرگە ياتقۇزۇپ ئاغزىغا پۇكلەشكە باشلىدى. ئەمما، بالا نەپەس ئىلىشتىن پۇتۇنلەي توختىغانتى. ئىمام بالىنىڭ شاھ تومۇرىنى تۇتتى. ئاندىن چوڭقۇر ئىزتىراپ بىلەن ”ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس بۇ بالا ئۆزىنىڭ پاك ئامىنىتىنى ئاللاھقا تەسلىم قىلدى” دېدى. ئەتراپتىكى ھەممىمىز قىيا–چىيا قىلىپ يىغلاشقا باشلىدۇق. ئىمام، تۇرغاننىڭ جانسىز بەدىنىگە چوڭقۇر ئەلىم ئىچىدە بىر قارىغاندىن كىيىن، چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدى. ئاندىن كۆپچىلىككە تەسسەللى بېرىپ، مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى:”ئۆلۇمگە بىز بەندىلەر چارەسىزمىز. ئەجەلگە ئەلەكمۇللا! ئۇنىڭ ئۈچۇنمۇ بۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغان ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا :

“قارا يەر قەھرىدىن ئەرشىي زوھەل،
كائىنات سىرلىرى بارىنى قىلدىم ھەل.
كۆپ مۇشكۇل تۆگۇننى يەشتىم، چۇشەندىم،
يىشەلمەي قالغىنىم پەقەتلا ئەجەل.”

دەپ نەزمە يازغان ئىكەن. شۇڭا بىزنى ياراتقان ئاللا تابارەك بۇيرۇغىدىن قىل تەۋرىمەيدۇ.
ئەجەل مۇتلەق، ئەجەل مۇئەللەق . بۇ ئەجەل مۇئەللەق ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى مۇجىماقتا……..”

مەن ئۇن سىلىپ يىغلاپ، چاناقلىرىدىم سىرغىپ چۇشىۋاتقان ياشلىرىم سۇرتۇم، تۇرغاننىڭ تاتارغان يۇزىگە، كۆكەرگەن لەۋلىرىگە.، يۇمۇلغان كۆزلىرىگە قاراپ ئەلەملىك قىينالدىم. تۇرغاننىڭ چىڭ يۇمۇلغان ئوڭ قولىنىڭ يۇمران بارماقلىرى ئارىسىدا، پەرەڭدەك قىپقىزىل بىر تال تاش ئالما كۆرۇنۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىنچىك جانسىز بېلەكلىرى ئۆستەڭنىڭ قىرىدىن يۇلۇپ تاشلىۋەتكەن لالە غۇنچىسىدەك يەردە ياتاتتى. ئەسلىدە ئۇ، ئۆستەڭدە ئىقىپ كىلىۋاتقان ئاشۇ بىر تال قىزىل تاش ئالمىنى سۇزىمەن دەپ سۇدا ئىقىپ كىتىپ، پاك مۇبارەك روھى كۆكلەرگە كۆتۇرۇلگەن ئىدى.

بۇ ئىچىنىشلىق تراگىدىيە بولۇپ، بىر يىل كىيىن ئامىنەم ھەدەم قىزىنى ئىلىپ ئانا يۇرتى ئەزىزانە قەشقەرگە ماڭدى. ”روھىمغا تىنچلىق بەرگەن جاي دەل مېنىڭ يۇرتۇم” دېگەندەك، قوۋم–قىرىنداش، جەددە–جەمەتىنى پانا تارتىپ، يۇرتىغا ماڭغانتى.

ئانا ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلىش بىلەن تەڭ ئۆز روھىدىنمۇ ئايرىلغان ئىدى. ئانىنىڭ روھى جان قوزىسى بىلەن بىللە ئاشۇ قارا تۇپراققا كۆمۇلگەن ئىدى. ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ئارقىدا قالدى. ئوغلىنىڭ ۋاپاتى ئامىنە ھەدەمنىڭ قەلبىدە مەڭگۇ ساقايماس، داۋاملىق قانايدىغان بىر يارىنى پەيدا قىلغانتى. ئانا ئىنتايىن بەخىتسىز ئىدى. داۋاملىق تۇرغاندىن سۆز ئاچاتتى. دېگەن سۆزنى تەھرارلايتى. ئۆزىنى گۇناھكار ھېس قىلاتتى. ئىنسان ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرگەن بىرسىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۆزىمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يوق بولىدۇ. ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسىگە پەرۋاسىز قاراپ، شۇنداق بىر ھالغا كېلىدىكى تابۇتتەك جانسىز، قۇرۇق بولۇپ قالىدۇ. ئەمما، ئامىنە ھەدەمنىڭ تاتارغان يۇزىدە سەۋرنىڭ ئالامىتى بار ئىدى. ياق مېنىڭچە بۇ يالغان. ئەلۋەتتە ھېچكىمنىڭ سەۋرسى مەڭگۇلۇك بولمايدۇ. ھامان بىر كۈنى سەۋر قاچىسى تاشىدۇ.

بۇ دۇنيادا، ئانىلىق نېمە دېگەن تەس بىر ھۈنەر ھە!

خاتىمە

ئامىنەم ھەدەم قىزى بىلەن مەھەللىمىزدىن ئايرىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىن مەنمۇ بۇ گۈزەل كۆنچە مەھەللىسىدىن مەڭگۇلۇك ئايرىلدىم. ئايرىلىش ئالدىدا ئەڭ ئاخىرقى قىتىم مەھەللەمگە نەزەر تاشلىدىم. كۆنچە مەسچىتتىنىڭ گۇمبىزىدىكى كۆپكۆك ساماغا تۇتاشقان ھىلا ئاي بىلەن يۇلتۇزنىڭ كۈن نۇرىدا چاقناپ تۇرغان ھالىتى مېنى ئۆزىگە مەپتۇن ئەيلىنىدى. مەھەللىمىزدىكىلەر ئەڭ ياخشى كۆرۇپ تىكىۋاتقان تاش ئالما كۆچەتلىرىگە پاكار سوقما تاملار تىشىدىن بوينۇپ سوزوپ قارىدىم. ئۇلارنىڭ يۇمران تاللىرىغا مارجاندەك تىزىلغان قىزىل، سېرىق، تاغىل….. تاش ئالمىلار بىلەن مەڭگۇلۇك ۋىدالشتىم. ئۆستەڭنىڭ تىنىمسىز شىلدىرلاشلىرىنى قەلبىمگە پۇكتۇم. ئاندىن مەھەللىمىزنىڭ ئىشىتنىڭ قاۋشىغان ئاۋازىنى، ئېشەكنىڭ يىقىمسىز ھاڭراشلىرنىمۇ زىھنىمدە ساقلىدىم. بۇلبۇلنىڭ نالىسى ئاڭلىدىم……. ئەلۋىدا ئاتا–ئانام! ئەلۋىدا يۇرت–مەھەللەم!

بۇ مەھەللىدىكى ھەم نەرسە جانلىق ئىدى. ھەتتە يەرلىرىدىكى تاشلارمۇ بىر يەردە تۇرمايتى. ھەر ھوللىدا ھەر خىل ئادەم، ھەر خىل ھېكايە بار ئىدى. ھەر بىر ھوللا بىر ئالەم ئىدى. دېمەك ئۇلۇغ تەڭرى ھەربىرىمىزنى ئايرىم ئايرىم قىلىپ، ھەرخىل خۇي–مىجەزلىك، ھەر خىل سۇرەت بىلەن ئاپىرىدە قىلغان مۇئازام بىر سەن ئەت ئەسىرى ماشۇ كۆنچە مەھەللىسى ئۆزىدىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانتى. مانا بۇ ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرى ئىدى.

شۇندىن مۇقەددەم 37 يىل ئۆتكەن بۇگۇنكى كۈندە مەھەللىمىزدە ئاجايىپ ھېكايلىلار، داستانلار، رومانلار يېزىلغۇدەك ئىشلار يۇز بەرىپتۇ. مېنى ئەڭ ئىچىندۇرغىنى زۇمرەتتەك زۇپزۇك سۇ ئاقىدىغان ئۇ ئۆستەڭ قۇرۇپ كىتىپتۇ. پەقەت ئىنچىكە بىر ئىزناسى بىلەن ئۇ يەر بۇ يەرلىرىدىكى كىچىك چوقۇرلار مەھەللىمىزگە يادىكار بولۇپ قاپتۇ.
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى يەنە شۇ تاش ئالما بولدى. ھازىر مەھەللىمىزنىڭ كوچىلىرىمۇ تاش ئالما بىلەن زىننەتلىنىپتۇ. بۇرۇنقى قارياغاچلار ئاللا بۇرۇن قىرىپ، قۇرۇپ كىتىپتۇ. ئورنىغا تاش ئالما كۆچەتلىرى تىكىلىپتۇ. شۇڭا ھازىر مەھەللىمىزنى ياشلار “تاش ئالما مەھەللىسى” دەپمۇ ئاتايدىكەن.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بەزى مەسىللەرنى ئۇنتۇپ كىتىمىز. ئەمما، بەزى نەرسىلەر مەڭگۇ ئىسىڭىزدىن چىقمايدۇ. بولۇپمۇ ئورۇن ۋە ۋاقىز ئېسىڭىزدە قالىدۇ. بىر يەر ۋەيران قىلىنسا، ئۇ يەردىكى نەرسىلەر يوق بولۇپ كىتىدۇ. بىراق ئاشۇ ئورۇن ۋە ئۇنىڭ شەكلى ئېسىڭىزدە قالىدۇ. يالغۇز بىزنىڭ خاتىرىمىزدىلا ساقلىنىپ قالماي بەلكى ماشۇ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئاشۇ ئەسلىمىلەر بىزدەك مۇساپىرلارنىڭ زىھنىڭ چوڭقۇر يېرىگە مەڭگۇ ئۆچمەيدىغان بىر سىزىق سىزغان بولۇپ، كۆزلىرىمىزدىن ئاققان ھەسرەتلىك كۆز ياخشلىرى ئاشۇ سىزىقنى بويلاپ ئاجايىپ ھېكايە ۋە رومانلارنى روياپقا چىقىرىدۇ. بىز ئۆلسەكمۇ كۆرگەنلىرىمىز، بىلگەنلىرىمىز، قىلغانلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق نەرسىلەر ئەنە ئاشۇنداق ھېكايە بولۇپ، مەۋجۇتلۇقىنى مەڭگۇ يوقاتمايدۇ.
مەسىللەر ئۇستىدە ئويلىنىپ ئازاپلىنىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئىنسانلارنىڭ ئازاپلىق يۇرەكلەردىن تۆكۇلگەن ساتىرلار كەلگۇسى نەسىل ئۈچۈن يول ئاچىدۇ….

07.05.2017

گېرمانىيە

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top