You Are Here: Home » ئانا تىل » بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرلىكى

بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرلىكى

مۇھەممەد يۈسۇپ

شەكسىزكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىماندىن قالسا، ئۆگىتىش ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش خۇددى ئۇلارغا قۇرئان ئۆگىتىش زۆرۈر بولغاندەك زۆرۈردۇر.
چۈنكى ئانا تىلى يوقىلىپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا قالغان بىر مىللەتنىڭ، ئۆز ئانا تىلىنى خۇددى دىنىنى قوغدىغاندەك مەھكەم تۇتۇپ قوغدىشى، تەبىئىي زۆرۈرىيەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامدا مىللەتچىلىك يوق. ئەمما ئىسلامدا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بار. ئەمما بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ تىلى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئىستېمالدىن قېلىش، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشنى پەرز دەرىجىسىدىكى زۆرۈرىيەت دېسەك ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
چۈنكى مەزكۇر مۇسۇلمان مىللەت ئەگەر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىش ئورنىغا، مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئىسلامىي ئەخلاقىنىمۇ ئاستا-ئاستا قولدىن بېرىپ قويۇشقا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش شۇ مىللەت خەلقى ئۈچۈن دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ مەسىلىدە ئانا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن چەتئەللەردە، خۇسۇسەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشىغان خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، دىنىنى ۋە ئانا تىلىنى جان تىكىپ قوغداشتۇر. ئۇيغۇر نەدە بولمىسۇن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
تىلىمىز دىنىمىزنى قوغدايدۇ
بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەرشارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى، ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. ئانا ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.
ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا، ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.
تىل—مىللەت دېمەكتۇر. مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ تىل ۋاسىتىسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز-خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرى مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا ئۆز خەلقىنىڭ دىنىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە بارچە ئۆزگىچىلىكلىرىنى تونۇمايدىغان بولۇپ ئۆسىدۇ. كىچىك بىر مىسال: مۇنداق بالا كىچىكنى ئاسراش، چوڭغا ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك مىللىي ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلاردىنمۇ پەرۋاسىز ئۆسىدۇ. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق يەنىلا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.
كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم-سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.
شۇڭا دەيمىزكى، بالىلارغا ئۆز ئاتا تىلىنى ئۆگىتىش قۇرئان ئۆگىتىشكە ئوخشاش زۆرۈرىيەتتۇر. بالىلار مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنى ۋە ئۆز ئانا تىلىنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ بولۇشى لازىم. بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ مۇئەللىملىرى چوقۇم ئانا بىلەن ئاتا بولۇشى لازىم.
بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك بىر تىلدۇر. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئانىمىزنىڭ تىلى. شۇڭا ئۇنى«ئانا تىل» دەيمىز. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا ئوخشاشلا ھۆرمەتلىك تىلدۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز دۇنيادىكى داڭلىق تىللاردىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ.
ئانا تىلىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىراسىدۇر
ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقتۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز ھېچبىر زامان ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولغان ئەلشىر نەۋائىي 15- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىلا، ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونترول قىلىۋالغان پارس تىلىدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخى پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» دېگەن شانلىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان ۋە پۈتكۈل خەلقى ئالەمگە جاكارلىغان.( )
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلۇغ تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى كىشىلەرنىڭ ئەرەب، پارس تىللىرىغىلا بېرىلىپ كېتىپ ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا خەلقلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشىگە ياردەمچى قوللانما بولۇشى مەقسىتىدە يېزىپ چىققان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 11- ئەسىردە، ئاتاقلىق دانىشمەن بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەسەرلەرنى ئەرەب ۋە پارس تىللىرى بىلەن يازمىسا ئەسەر ھېساب قىلىنمايدىغان شۇنداق بىر شارائىتقا ئەمەل قىلماي دۇنياغا داڭلىق « قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىققان. «قۇتادغۇبىلىك»نى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملار شۇنى جاكارلىدىكى، بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىن باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر يوقنىڭ ئورنىدا. شۇ يۆنىلىش تەسىرىدە 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماۋارەئۇننەھردە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان لۇتفى، ئاتائىي ۋە سەككاكىيلارنىڭ غەزەللىرىمۇ ساپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان. دېمەك، شۇ دەۋر شارائىتىدىمۇ ئەجدادلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇغىدەك قوغداپ كەلگەن.
ئەمدى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە، بىز ئۇنى قوغدىمىساق بولامدۇ؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top