You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «دىۋانى كەبىر» دىن دۇردانىلەر

«دىۋانى كەبىر» دىن دۇردانىلەر

جالالىدىن رۇمى
تەرجىمە:ھەبىبۇللا ئابلىمىت

گۈل-چېچەككە پۈرگەنگەن ۋەتەن

مېنىڭ قايتىپ كېلىشىم توغرىسىدا، ئۇ جاھاندىن خەت كەلدى. قايتىپ كىتىشكە بەل باغلىدىم. يۈكلىرىمنى كۆككە چىقىرىمەن….
دېدىكى: «قايتىپ كەل. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆز ۋەتىنىڭگە قايت»
دېدىمكى: «ۋەتىنىمدىن كەلگەندىن بېرى ئاشىقمەن. مۇساپىرمەن. شېرىن-شىكەر مېۋىلەر، گۈلىستانلار بىلەن تولغان يۇرتۇم ھېچ ئىسىمدىن چىقمىدى. ۋەتەن ئىچىمدە، مەن ئۇ جەننەتتە. سېنىڭ قۇشلىرىڭ بىلەن ھاۋادا ئۇچۇپ، قايتىش ماڭا قورقۇنۇچلۇق تۇيۇلدى. يوللىرىم توراقلىق، چۈنكى بەدەن جەھەتتىن بىر كەپتەردەك مەن»

دېدىكى: «سەن بۇ يولنىڭ ئۇزۇنلىقىدىن قورقۇپ ئەنسىرمە. ئۆزەڭگە ئىشىنىپ خوشاللىق بىلەن ئۇچ. چۈنكى تەڭرىنىڭ ھەرىمىدىكى كەپتەرنىڭ جانلىرى كاپالەتكە ئىگە بولغان»

پانىلىق يولىدا. بىزنىڭ ئاسرىشىمىزغا مۇيەسسەر بولغان بىرسى، دېڭىزنىڭ تا ئۇ بېشىغا كەتسىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، ئىتىبار قازىنىدۇ. نۇھ مىڭ يىلغا يىقىن دۈشمەنلىرى بىلەن ياشىدى. بىزنىڭ قوللىشىمىزغا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرى ھەممىسىنى يەڭدى. ئاشۇنىڭدەك قانچىلىغان تاللانغان قۇللىرىم ھەر تەرەپتە ئىشىكىم ئالدىدا، شۇنچىلىك كۆپ نىمەتلەرگە، مول مول رىزىقلارغا ئىگە بولدى.

مۇسا: «مەن سۇدىن ئەندىشە قىلمايمەن؛ چۈنكى، مەن ئۇنچىمەن» دېدى.
مەسىھ: «ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىمەن. تۇغما كورنى كۆرىدىغان قىلىمەن. بۇ ئىشلارنى تىبابەت ئىلىملىرىگە تايانماي قىلىمەن.» دېدى.
مۇھەممەد: «ياردەمچىم ئاللاھنىڭ ئىشارەتلىرى بىلەن كۆكتىكى ئايغا قول تەككۇزەلەيمەن. چۈنكى، مەن ئايلاردىن ئۇستۈن ۋە پاقىراق. سۇرەتتىن چىقىپ شاھىنشاھنىڭ ھوزۇرىغا بارىمەن. چۈنكى، ئۇنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلېنىپ، ئۇنىڭ قولى بىلەن سۈپەتلەنگەنمەن» دېدى.

قېرىندېشىم! مەن كەتسەم، ماڭا: «يوقاپ كەتتىڭ» دېمە. ئەگەر ساڭا نىسبەتەن كۆرۇنمەي پەردىلەنگەن بولسام، روھ جەھەتتىن ئاشكارىدۇر مەن. گۈزەل ئىسمىم بۇ جاھاندا شەھەر شامىلىدەك بىر ئىشارەت بېرىپ، ئەتراپقا ئەنبەر پۇراقلىرىنى چاچىدۇ. چۈنكى، جان بىلەن ئەنبەرگە ئايلىنىپ كىتىپتىمەن. مېنىڭدەك كۆڭلى خوش بولغانلار ، گۈلشەنلەر ۋە چىمەنلەر ئىچىدە ئولتۇرىدۇ. قاراڭغۇ قۇدۇققا چۈشۈپ كىتىشتىن ۋە بوينى ئارقان بىلەن باغلىنىپ قىلىشتىن قۇتۇلۇپ، ھۇررىيەتكە ئېرىشىدۇ. چۈنكى مەن چەمبەرنىڭ سىرتىدا.

قول بېرىپ بەسلىشىپ، گېپىڭنى ئوچوق قىل. نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەر سۆزنىڭ ئىككى بىسلىق ئىكەنلىگىنى بىلدۇق …
ئەي كۆڭۇل! مادەمكى كۆكتىن تاج، ئۇلۇغلۇق تەخت چۈشىدۇ، ئۇنداقتا مەنلا سەپەر قىلسام، يۈكلىرىمنى كۆككە چىقارسام تىخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ كۆرۈۋاتامسەن؟ پۈتۈن دېڭىزلار ئۆز چاڭگىلىدا ئۇنچىلەرنى تاپتى. سەن دېڭىز سۈيىنىڭ كۆپىيىپ ۋە ئازلىشىغا قاراپ ھاڭۋىقىپ نېمىگە تۇرىسەن؟ ھە قېنى ئەمدى ئۆلۈك ئۆكۈزگە قاراپ باق. سامىرى (قۇرئان ۋە تەۋراتتا ئىسىم ئاتىلىدىغان، ھەزرىتى مۇسانىڭ مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئىلىپ ماڭغان يەھۇدىلار ئارىسىدىكى بىر شەخس) نىڭ سېھىرگەرلىگى بىلەن ئۇ ئۆكۈز مۆرىگەن ھالدىمۇ، سەن ئۇنىڭغا چوقۇنما.

نەمرۇت، بۈركۈت قاناتلىرى بىلەن قانچىلىك ئىگىز ئۇچسا، يەرگە شۇنچىلىك تىز چۈشىدۇ. چۈنكى، جافەرى-تاييارنىڭ قاناتىدەك قانات ئۇنىڭدا يوق.

ئەگەر بىر كەپتەر قۇۋلۇق قىلىپ كەكلىك ئوۋلىسا، ئۇ كەپتەر كەپتەردىن ئۆزگۈرۈپ ئاق بۈركۈت بولۇپ قالامدۇ؟

ئاللاھتىن باشقا بىرسى ھېچكىمگە جان بىرەلمەيدۇ. ئەقىلنىمۇ ئۇ بەرگەن. ھەيكەلتىراشچى ئەزەربەيجانلىق قانچىلى ئۇستۇلۇق بىلەن ھەيكەل ياسىسىمۇ بەرىبىر …

مەنمەنلىك قىلىپ دەرد چەكمە. ھېلە بىلەن قانچىلىك خوش بولساڭمۇ …
ئاللاھ يولىغا باش قويۇپ، ئۇلۇغلۇق قازان. سىركە بېرىپ، شىكەرگە ئىگە بول. ئەينەك بېرىپ، ئۇنچە ئال. سۈرمە بېرىپ، كۆز ئال. گۈزەل دارچىن دەرەخلىرىدەك تالايلىك بول.
سەجدىگە باش قويغانلار گۈزەل خۇيلۇقلار بولۇپ، ئۇلار خۇددى قولى ئوچۇق دەريا سۈيىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار، نەپسىنىڭ ئارزۇسىنى، ھاۋايى-ھەۋەسلەردىن ۋاز كىچىپ، ئۇلۇغلۇق يولىغا قەدەم تاشلىغۇچىلاردۇر.

ئەي كۆڭۇل! گۈزەل كۆزلۈك ھۈرىلەر ئوتتۇرغان ياپ-يېشىل روھ باغچىسىغا قارا. سەن ئۇ باغدا مەست ۋە خاراپ ھالدا مېڭىپ، پادىشاھلارنىڭ مەنزىرلىرىنى كېزىسەن. ئايلىنىپ كۆڭۇل ئاچىسەن. چاخچاق قىلىپ كەيىپ سۈرىسەن. چوقۇنغۇدەك دەرىجىدە گۈزەل، نازاكەتلىك دىلبەرلەرنىڭ ئىزا تارتىپ مۇكۇۋالغان پەردىلىرىنى قايرىيسەن …

ئايدەك يۈزۈڭدىن ھەممە يەر جانلىنىپتۇ. ئىپار پۇرايدىغان گۈل مايسىلىرىڭ بولسا شاراب قەدەھلىك ئارچا بوپتۇ.
ئەقىللىقلەر ۋە روھلار ھەر تەرەپتە ئۇ كۆڭۈلنىڭ ئالدىدا سەجدە قىلىپ، مۇنداق دەپتۇ:
«ئەي جاننىڭ تىلەك ۋە ھەۋىسى! سەن ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنىسەن …
ئەي كۆكتىكى ئايلار! سىز ئۇ گۈزەللىكنى، ئۇ پۇراقلارنى ئۇنىڭدىن ئالدىڭىز. ئەي بابىل شەھرىنىڭ ھۈرلىرى! سىلەر سېھىرگەرلىكنى ئۇنىڭدىن ئۆگەندىڭلار.
ئەي كۆڭۇل! سەن غەمنى تىزلا خوشاللىققا ئايلاندۇرىسەن. سەن قانچىلىغان مەريەمنىڭ ئەيساسى، قانچىلىغان جەننەتنىڭ روھى، قانچىلىغان ئۇنچىلەرنىڭ ھەۋەس قىلغان ئۈنچىسى»

ئەي مېنىڭ دوستۇم! بۇ غەزەللەر بىكاردىنمۇ؟ ئۇنى ئۆزەڭنىڭ ئاشىق زەنجىرلىرىڭ بىلەن باغلىۋال…

سەھەر ۋاقتىدا، يۈزۈ ئەڭلىك بىلەن پەردەزلەنگەن ئاي دىرىزەمنىڭ ئۈستىدىن ماڭا قاراپ: «سەن كىم بولىسەن؟» دەپ سورىدى.
مەن دېدىمكى: «مەن سېنىڭ ۋىسالىڭغا تەشنا بولغۇچى. بىراق سەن، مېنى يېنىڭغا بېرىشقا يول قويماۋاتىسەن. دەپ باقە زادى سەن كىم؟»

جاۋاپ بەردى: «مەن چۈشۈنۈپ بولغىنى بولمايدىغان زالىم بىر شاھىنشاھ بولىمەن. مېنىڭ يۈكسەك ياردىمىم قول-قانات بولمىغىچە ھېچبىر كۆڭۈل تەندىن ئايرىلىپ، يۇقۇرىغا ئۇچالمايدۇ. مېنىڭ ئېھسان ئارقانلىرىم بولمىغىچە ھېچكىم قۇدۇقتىن چىقالمايدۇ. ئەقىل، مېنىڭ پەرمانىم بىلەن ئىرپان مەجلىسىدە ئەدەب بولىدۇ. ئاشىق، مېنىڭ قەدەھلىرىم بىلەن شاراپ ئىچىپ غەم-غۇسسەدىن قۇتۇلىدۇ. مېنىڭ قۇتلۇق، گۈزەل جامالىمنى كۆرمەي تۇرۇپ، بېلى پۈكۈلگەن ھەركىم جەننەتتە خوشال يۈرسىمۇ، ئۇ يەنىلا بىر گالۋاڭ، ئەخمەقتۇر. سەن سەھرالارنى كېزىپ، شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ، شۇنى بىلدىڭكى: مۇرىت ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمدىن باشقا ياخشى بىر يەر، ياردەم ئۈچۈن ئىچىلغان ياخشى بىر ئىشىك يوقتۇر. ئۆلۈكمۇ مېنىڭ پۇرۇقىمدىن تىرىلىدۇ ۋە مەڭگۇلۇك بىر بەختكە ئېرىشىدۇ. گالۋاڭمۇ، مېنىڭ سۆزلىرىمدىن، مەنالارنى چۇشۈنەلەيدىغان زېرەك ئارىفقا ئايلىنىدۇ»

مەن دېدىمكى: «سەن بىر گۈزەل ھايات. ساڭا يالۋۇرىمەن. مەن سېنىڭ بىلەن سۆزلەشكەنسېرى، مېنىڭ يېنىمغا يار كەلگەندەك بىر ھېسياتتا بولدۇم….»

دېدىكى: «مەن بولساملا سەندىن سەنلىك كىتىدۇ. شەك-شۇبھىسىز سەن سەندىن پانى بولىسەن. بۇنىڭ سەۋەبى، چۈنكى مەن ھېچكىم بىلەن چوڭ بىر چېدىرغا پاتمايمەن. ماڭا مەستانە بولغانغا ھەر جاھاندا، جاھان بىلەن جاھان كېرەمى بار. لېكىن ئەمگەك قىلىپ، سەۋر قىلىپ، پاك بولساڭ بۇ نېممەتكە ئېرىشىسەن …»

يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك خوجايىنلىرى ھەر تەرەپتە توپ-توپ تۇرىدۇ. بىراق قۇللۇق يولىدىكى بۇ تەكلىك ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. كېسەلگە توغرا ھۆكۇم قىلىدىغان تېۋىپلار ھەر تەرەپتە بار. بىراق تۇغما قارغۇنى ساقايتالايدىغان ئەيسا ئاز.

مەن مەزلۇملارنى خوشال قىلىش ئۈچۈن بۇلارنى مىسال قىلىپ سۆزلىدىم. مەن ھەرگىز كىشىلەرنى ئالدايدىغانلاردىن ئەمەسمەن. چۈشەندۈرۈش تىلسىز بولىدۇ. ئۇ بولسا ئۇچقۇنسىز. زىيانسىزدۇر.

ئەي شاشىنشاھىم! سۆزنى ئەگىتىپ تۇرۇپ قىلغاننىڭ پايدىسىنى يەنە سەن سۆزلىگىن.
ئەي ھىجران بىلەن سۆيگۇسىنىڭ قېنىنى ئېقىتقان پىكىرنى سەن چۈشەن!
ياخشى قارا، ئۇ سەن. ئەي ئۆز ئۆزىدىن قاچقان! ئۇ سەن بولىسەن….

ئەي مېنىڭ شېرىن گۈزەلىم! تۈنۈگۈن نېمە يېدىڭ؟ ئېيتقىن، ئېيتقىنكى، مەن ئۆمرۇمنىڭ قالغان قىسمىدا، سەن نېمە يېگەن بولساڭ، كىچە ھەم كۈندۈز شۇنى يەپ ئۆتكۇزەي. ئەگەر سەن مېنى ئالداپ توغرا سۆزلىمىسەڭ، غەمكىن چىرايىڭ ھەممىنى ماڭا توغرا ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سېنىڭ رەڭگى-روھىڭنى كۆرگەن كۈندىن بېرى بۇ مېنىڭ بېشىم گاڭگىراپلا قالدى…

تىزگىننى ئازراق تارتىپ قوي. ئالدىمدىن ئىشتىك ئۆتۇپ كەتمە.
ساڭا قانغىچە قاراپ، كۆڭلۈم تىنجىسۇن.
يۈرىكىم دەھشەت سوقۇۋاتىدۇ. بىردەم تۇر.
ئىككى كۆزۇمدىن قان ياشلىرى ئېقىۋاتىدۇ.
ئالدىمدىن ئىشتىك ئۆتۇپ كەتمىگىن.
مەن سېنىڭ يېنىڭغا بارغىچە، قارا تۇپراققا ئايلىنىپ بولىمەن.
بىردىنلا سېنى كۆرگەندە، كۆك ئاسماندەك يالتىراپ كىتىمەن.
يەر يۈزىنىڭ كۆزىدىن قۇياش ئۇزاقلاشقانسىرى، ھىجران دەستىدىن كىچە مۇتلەق قارا كىيىم كىيىدۇ.
سەھەردە قۇياش كۆتۈرۈلگەندە، ئاق لىباس كىيىدۇ.
ئەي يۈزۈ جانىمنىڭ قۇياشى! يېنىمدىن يېراقلاشما……

سۆيۈملۈكىم! زالىملىق قىلما. بىكاردىن قېنىمنى تۆكمە.
گۈزەلىم! تاش يۈرەكلىك قىلما. ئۇنچىنى سۇندۇرما.
خىيالىمدا، تۆنۈگۈن قولۇمغا شاراپ قەدەھىنى بەردى.
بىراق ئۇ قەدەھنىڭ ئىچىدە سەن بولمىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مەيلىم بولمىدى.
يەر ۋە كۆككە ئوزۇقنى سەن بەردىڭ. مېنىمۇ سەن باق. مەن بەك ئاۋاق…

ئەي جىدەلخور، سۆيۈملۈك گۈزەل! سېنىڭ جىدەلخورلۇقىڭمۇ شۇنچىلىك تاتلىق.
سېنىڭ جېنىڭ مېنىڭ جېنىم. سېنىڭ قىزىڭ مېنىڭ قىزىمدۇر…

مەن، كۆڭلۈمگە: «قان يۇتساڭمۇ جىم تۇر» دەپ كۆپ قىتىم خىتاپ قىلدىم.
بىراق نەدىكىنى ئاڭلىسۇن؟ مەن ئاشۇنداق دېگەنسىرى، ئۇ بوينىنى تولغاپ:
«.سەن شۇك تۇر. مەن بىر پاڭ» دەپ نىدا قىلدى.

10.08.2017
گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top