You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » شىۋېتسىيە ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قوليازما «قۇرئان»لار

شىۋېتسىيە ئارخىپلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئائىت قوليازما «قۇرئان»لار

ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەت

شىۋېتسىيە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتىرىياللار بىر قەدەر كۆپ ساقلىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ماتىرىياللار ئاساسەن شىۋېتسىيە دۆلەتلىك ئارخىپخانانىسى، لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسى، شىۋېتسىيە مىسسىيونۇرلار ئارخىپخانىسى، شىۋېتسىيە مۇزىكا ئارخىپخانىسى قاتارلىق بىر قانچە ئورۇنغا مەركەزلەشكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسى بىلەن شىۋېتسىيە مىسسىيونۇرلار ئارخىپخانىسى ئىسلام دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈكۈم دىنىي كىتاپلار ساقلىنىۋاتقان ئورۇنلار بولۇپ، بۇ دىننىي كىتاپلارنىڭ ئارىسىدىن تەخمىنەن 14 پارچىغا يېقىن قول بىلەن كۆچۈرۈلگەن «قۇرئان» لارنى تاپقىلى بولۇدۇ. گەرچە بۇ «قۇرئان» لارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ قاچانلاردا كۆچۈرۈلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئېنىق يىلنامىلىرىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ «قۇرئان» لارنى سېتىۋالغان ۋە ساقلىغان تۈركولوگ گۇننار ياررىڭنىڭ ۋە شىۋېت مىسسىيونۇرلىرىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىغا ئاساسەن مەلۇم سانلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولغىلى بولۇدۇ. چۈنكى بۇ قوليازما قۇرئانلارنىڭ بىر قىسمىنى گۇننار ياررىڭ ئۆزۈنىڭ تۇنجى قېتىملىق كاشىغەرگە قىلغان سەپىرى جەريانىدا قەشقەردىكى كىتاپپۇرشلاردىن سېتىۋالغان بولسا، يەنە بىر قىسمنى قەشقەر، يەركەنت ۋە يېڭىھېسارلاردا پائالىيەت ئېلىپ بارغان شىۋېت مىسسىيونۇرلىرى سېتىۋالغان.
شىۋېت مىسسىيونۇرلىرى 1890-يلىدىن 1938-يىلىغىچە قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولغان. شىۋېت مىسسىيونۇرلىرى ئارىسىدىكى يازغۇچىلار تەرپىدىن يېزىلغان تارىخىي كىتاپلاردىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا شىۋېت مىسسىيونۇرلىىرنىڭ پائالىيىتى 1930-يىللاردىن كېيىن ئاساسەن تەقىپ، بېسىم ۋە كونترول ئاسىتىدا بولغان بولۇپ، ھەر خىل پائالىيەتلىرى زور دەرىجىدە چەكلەنگەن. شۇڭا بۇلارنىڭ قول يازما «قۇرئان» لارنى سېتىۋېلىشىنى 1930- يىللاردىن بۇرۇن بولغان دەپ پەرەز قىلىشقا بولۇدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەينى چاغدىكى لۇند ئونۋېرسىسىتىنىڭ بۇيرۇتۇشى بىلەن مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئۆگۈنۈش ۋە قوليازما سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەشقەرگە بارغان گۇننار ياررىڭنىڭ سەپىرى دەل 1929-يىلىغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك بۇ نوقتىلارنى نەزەرگە ئالغاندا بۇ قوليازما «قۇرئان» لارنى ئاز ھېساپلىغاندىمۇ 100 يىللىق تارىخقا ئىگە دىيىشكە بولۇدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ قوليازما «قۇرئان» لارنىڭ 9 پارچىسى لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ گۇننار ياررىڭنىڭ نامىغا بېىشلانغان«گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قول يازملار توپلىمى» قاتارىدا ساقلىنىۋاتقان بولسا يەنە 4 پارچىسى مىسسىيونۇرلار ئارخىپخانىسىنىڭ ماتىرىياللار ئامبىرىدا ساقلانماقتا. لۇند ئونۋېرسىتىتىدىكى «گۇننار ياررىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قول يازملار توپلىمى» نىڭ مۇندەرىجىسى لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قۇيۇلغان بولۇپ، بۇ يەردىن جەمىئىي 560 پارچە قول يازمىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرگىلى بولۇدۇ.
1-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى نۇمۇرى: [ياررىڭ پرو 15].
بۇ قۇرئان شىۋېتسىيە مىسسيونۇرى گۇننار ھېرمانسون تەرپىدىن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، ھېجىرىيە 1347-يىلى جەمەديەلئەۋۋەل ئېينىڭ 29-كۈنى يەنى مىلادىيە 1929-يىلى 6-ئايدا يەركەندە قول بىلەن كۈچۈرۈلۈپ تاماملانغان. قۇرئاننىڭ ئىگىزلىكى 23.5 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 15 سانتىمېتېر كېلىدۇ، جەمىئىي 87 بەت.
2-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى نۇمۇرى: [ياررىڭ پرو 106].
بۇ قۇرئان جەمىئىي 335 بەت بولۇپ، ئىگىزلىكى 20 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 11 سانتىمېتېر. بۇ قۇرئاننى گۇننار ياررىڭ 1929-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى قەشقەردە كىتاپپۇرۇش روزىئاخۇندىن 5 سەرگە سېتىۋالغان.
ئەمما بۇ قۇرئان ھېجىريە 1307-يىلى، مىلادىيە 1889-1890 يىللىرى ئەتىراپىدا مۇھەممەد يۈسۈپ ھاجى بىن تاجى تەرپىدىن كەشمىرىنىڭ سرىناگار دېگەن يېرىدە كۆچۈرۈلگەن.
3-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى نۇمۇرى: [ياررىڭ پرو 110].
بۇ قۇرئان جەمىئىي 304 بەت بولۇپ، ئىگىزلىكى 16،5 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 11 سانتىمېتېر كېلىدۇ. بۇ قۇرئاننى گۇننار يارىڭ ئىستانبۇلدىن سېتىۋالغان بولۇپ، ھېجىرىيە 1286-يىلى، مىلادىيە 1869-1870 يىللىرى كۆچۈرۈلگەن.
4-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى نۇمۇرى: [ياررىڭ پرو 254].
بۇ قۇرئان جەمىئىي 296 بەت بولۇپ، خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان. قۇرئاننىڭ ئىگىزلىكى 28،5 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتېر كېلىدۇ. بۇ قۇرئاننى گوستاف ئالبېرت 1930 يىلى قەشقەردىن سېتىۋالغان بولۇپ، كېيىن گۇننار ياررىڭغا تەقدىم قىلغان.
5-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى نۇمۇرى: [ياررىڭ پرو 281].
بۇ قۇرئان جەمىئىي 400 بەت بولۇپ، ئىگىزلىك 22،5 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 15 سانتىمېتېر كېلىدۇ. بۇ قۇرئاننى داۋىد گوستافسون 1920-1930-يىللىرى ئارلىقىدا يەركەندىن سېتىۋالغان بولۇپ، كېيىن لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىغا تەقدىم قىلغان.
6-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان تىزىملىكتىكى نۇمۇرى: [ياررىڭ پرو 289].
بۇ قۇرئان جەمىئىي 248 بەت بولۇپ، ئىگىزلىك 21،5 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتېر كىلىدۇ. بۇ قۇرئاننىڭ ئاخىرقى ئىگىسى قوبسان ھاجى بولۇپ، قۇرئانغا ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قالدۇرغان. كېيىن بۇ قۇرئان مىسسىيونۇر لاش ئېرىڭ ھۆگبەرىينىڭ قولىغا ئۆتكەن بولۇپ، لاش ئېرىڭ ھۆگبەرىي قۇرئانغا 1913-يىلى دەپ تامغىسىنى باسقان.
بۇ قۇرئاننىڭ بەزى سۈرە-ئايەتلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، تەپسىرلىرى يانداش بېرىلگەن. تەرجىمە ۋە تەپسىر تىلىدىن قارىغاندا قۇرئان ئۇيغۇرلار تەرپىدىن ئەمەس، بەلكى ئەزەربەيجانلىقلار تەرپىدىن كۆچۈرۈلۈپ، بىر قىسىم سۈرە-ئايەتلەرنىڭ تەپسىلىرى كىرگۈزۈلۈپ يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن، دېگەن پەرەزگە كېلىمىز.
7-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى نۇمۇرى: [ياررىڭ پرو 331].
بۇ قۇرئان جەمىئىي 459 بەت بولۇپ، ئىگىزلىك 15 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 10 سانتىمېتېر كىلىدۇ. بۇ قۇرئاننى داۋىد گوستافسون يەركەندىن سېتىۋالغان. قۇرئانغا بىر قانچە كىىشنىڭ ئىمزاسى قالدۇرۇلغان بولۇپ، بىرسىدە «بۇ قۇرئاننىڭ ئىگىسى مەنكى توختى ئاخۇندۇرمەن، كىمكى بۇ قۇرئاننى مېنىڭ دېسە ئاغزى قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ يېزىلغان . يەنە بىرسىدە «قۇرئان ئوقۇغۇچى مەنكى ئابدۇراخماندۇرمەن، مېنىڭ ئىككى تالىبىم بۇ قۇرئاننى ئوقۇدى» دەپ يېزىلغان. ئەمما بۇ قۇرئاننىڭ كىم تەرىپىدىن قاچان كۆچۈرۈلگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر قالدۇرلمىغان.
8-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى نۇمۇرى: [ياررىڭ پرو 376].
بۇ قۇرئان جەمىئىي 66 بەت بولۇپ، خوتەن قەغىزىگە يېزىلغان. ئىگىزلىكى 18 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 12 سانتىمېتېر كېلىدۇ. بۇ قۇرئاننى گوستاف راكېت ۋە ئايالى خاننا راكېت 1920-يىلى يەركەندىن سېتىۋالغان بولۇپ، ھېجىرىيە 1306-يىلى، مىلادىيە 1888-1889-يىللىرى ئەتىراپىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇشى مۈمكىن دەپ پەرەز قىلنىدۇ.
9-قۇرئان: لۇند ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى نۇمۇرى:[ياررىڭ پرو 515].
بۇ قۇرئان جەمىئىي 400 بەت بولۇپ، ئىگىزلىكى 36.5 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 22،5 سانتىمېتر كېلىدۇ، بۇ قۇرئاننى مىسسىيونۇر سىگفىرد موئېن سېتىۋالغان بولۇپ، قەشقەر، يەركەنت ياكى يېڭىھىسساردىن سېتىۋالغان بولۇشۇم مۈمكىن دەپ قارالماقتا. ئۇ ئۆلۈپ كىتىشتىن ئىلگىرى يەنى 1989-يىلى بۇ قۇرئاننى گۇننار ياررىڭغا ھەدىيە قىلغان.
مىسسىيونۇرلار ئارخىپخانىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتىرىياللار تېخى تۇلۇق تىزىملىنىم تۈرلەرگە ئايرىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئارخىپخانا كاتولىگىدىن بۇ تۆت پارچە قوليازما «قۇرئان»نى كۆرگىلى بولۇدۇ.
مىسسىيونۇرلار ئارخىپخانىسىدىكى بۇ تۆت پارچە قۇرئان ئۈچ خىل ئۆلچەمدە بولۇپ، ئىككى دانىسنىڭ ھەجىمى ئاساسەن ئوخشايدۇ. ھەر ئىككىلىسىنىڭ تەخمىنەن ئىگىزلىكى 16 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 12 سانتىمېتىر ئەتىراپىدا كېلىدۇ. يەنە بىرى ئوتتۇراھال چوڭلۇقتا بولۇپ، تەخمىنەن ئىگىزلىكى 22 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتېر ئەتىراپىدا كېلىدۇ. بۇلار ناھايىتى مۈكۈممەل ۋە پاكىز ساقلانغان، ھېچقانداق يەرلىرى يىرتىلىپ كەتمىگەن. تۆتىنچى قۇرئاننىڭ ھەجىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، تەخمىنەن ئىگىزلىكى 40 سانتىمېتېر، كەڭلىكى 30 سانتىمېتېر، قېلىنلىقى 10 سانتىمېتېر ئەتىراپىدا كېلىدۇ. ئەمما قۇرئاننىڭ مۇقاۋىسىدىن تارتىپ، ئىچ ۋاراقلىرىغىچە كونىراپ كەتكەن، ھەتتا بىر قانچە ۋاراقلىرى يىرتىلىپ كەتكەن. قۇرئان قاتتىق ۋە قېلىن قەغەز بىلەن مۇقاۋىلانغان بولۇپ، مۇقاۋىنىڭ ئۈستىدە چوڭ بىر يېرىق بار. يېرىقنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا، يېرىقنىڭ ئۆتكۈر بىر تىغنىڭ ئۇرۇلىشىدىن قالغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولۇدۇ.
ئارخىپخانا خادىمىنىڭ بايان قىلىشچە، قۇرئاننىڭ ئىگىسى ئۇرۇش مەزگىلىدە ئۆزىگە قىلىچ ئۇرغان قارىشى تەرەپنىڭ قىلىچىنى مۇشۇ قۇرئان بىلەن توسقان ئىكەن، قىلىچ قۇرئاننىڭ مۇقاۋىسىنى كىسىۋېتىپتۇ. ئەگەر بۇ باياننى راست دەپ ئويلىساق، بۇ قۇرئاننى ياقۇپ بەگ دەۋىرىدە ياكى ئۇنىڭدىن بالدۇر كۆچۈرۈلگەن بولۇشى مۈمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولۇدۇ. چۈنكى ياقۇپ بەگدىن كيىنكى دەۋىرلەردە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا ئاساسەن قىلىچ كۆپ ئىشلىتىلمىگەن.
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ستوكھولۇم

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top