• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » مەدىنە دەۋرى

مەدىنە دەۋرى

1. مەدىنىگە كەلگەن دەسلەپكى چاغلار
مەدىنە دەۋرىدە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پائالىيەتلىرى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنى چۈشەندۈرۈشتىن، ئىسلام دىنىنىڭ سىستېما قانۇنلىرىنى كونكرېت قورۇشقا ئۆتۈپ، سىياسى، ئىقتىسادى، ھەربى، مەدەنىيەت، تاشقى ئالاقە ھەمدە يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش-تۇرۇش، ئۆلۈم-يىتىم، توي-تۆكۈنلەرگىچە كەڭ دائىرىدىكى ساھەلەرگە چېتىلدى. بۇنداق قىلىشىتىن مەقسەت—ئىسلام دىنى رامكىسى ئاستىدا يېڭى ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم ئورنىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. مەككىدىن-مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىش، ئىسلام دىنىغا نىسبەتەن ئالغاندا، زور بىر تارىخى بۇرۇلۇش بولغان ئىدى. مەدىنىدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسسالام كىلىشتۈرگۈچى سۈپىتىدە قارشى ئېلىنىپ، تىزلا ھەممە ئىتىراپ قىلىدىغان سىياسى رەھبەر ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر دىنىي باشلامچى بولۇپ قالدى.
بۇ چاغدا، مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىر قىسمى مەككىدىن كۆچۈپ كەلگەن مۇسۇلمانلار، بۇلارنىڭ سانى كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇلار «مۇھاجىر» لار دەپ ئاتالدى. كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىغانلار بولسا دىنىغا كېيىن كىرگەن مەدىنىلىكلەر بولۇپ، ئۇلار «ئەنسار» لار دەپ ئاتالدى. مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش—مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويۇلغان زور بىر مەسىلە، شۇنداقلا موسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ غەلىبە قازىنىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن سىياسى بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن مۇسۇلمانلار ئۈممەسىنى قۇرۇپ چىقتى. كىشلەر بىرلىككە كەلگەن دىنى ئېتىقاد بويىچە، قەبىلە ۋە ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. مۇھاجىرلار تاغ-دەريالاردىن ئېشىپ مەدىنىگە كەلگەچكە، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكلىرى كەمچىل ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى قېرىنداشلىقنى تەكىتلەپ، ھەر بىر مۇھاجىرغا بىردىن ئەنسارنى ھىمايىچى ۋە باققۇچىسى قىلىپ بەلگىلدى. ھەمدە مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلار ئۈچۈن مەخسۇس بىر ھۆججەت تۈزۈپ چىقتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىن مەقسىدى—بارلىق مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتپاقلاشتۇرۇش ئىدى.
ھەر خىل ئەھۋاللاردىن مەلۇمكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە يېڭى كەلگەن چاغلاردا، يەرلىك يەھۇدىلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا تىرىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتە ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشقان. بۇ، مەدىنىدىكى يەھۇدىلارنىڭ قوشۇلىشىغا مۇۋەپپەق بولغان. شۇڭلاشقا، بۇ يەھۇدىيلار مىسلىسىز مۇرەسسەنى ئىپادىلگەنىدى. ئەمما، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مۇرەسسەسى ۋاقىتلىق بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ مەدىنىدىكى ئىقتىسادى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۈستۈن ئورنىغا تاينىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەسخىرە قىلىش ۋە قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى تۇتتى، ھەمدە ھەر قايسى قەبىلىلەر ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىك ئوتىنى قايتا تۇتاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى. موشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قەتئىيلىك بىلەن ئۇلاردىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللانىڭ بىر قىسىم ۋەھىيلىرىنى ۋە ئويدۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى؛ بۇرۇن قوبۇل قىلىنغان يەھۇدىي دىنىنىڭ بەزى قائىدىلىرىنى قەتئى چىقىرىپ تاشلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىگە بېرىپ ھەج تاۋاپ قىلىشنى پەرز قىلدى.
مۇسۇلمانلار مەدىنىدە پۇت تىرەپ تۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مەككىدىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇلار ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى سېغىنىپ، مەككىدە ئامالسىز تاشلاپ كەلگەن مال-دۇنيالىرى ۋە سودا ئىشلىرىنى يادىدىن چىقىرالمىدى. كەئبە، بەيتۇللانىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنى تېخىمۇ قەدىرلىك بىلىنشكە باشلىدى. ئەمما، مەككىدىكى قۇرەيىشلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئىسلام دىنىغا بولغان پوزىتسىيەسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغانىدى. ئۇلار ئىزچىل تۈردە، مەدىنە ئىجتىمائىي گوروھلىرى ئىچىدىكى ساختا مۇرتلار بىلەن دوست تارتىشىپ، مەككە بىلەن مەدىنە چىگىرالىندىغان رايونلاردىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلاتتى، ھەمدە دائىم مەدىنىنىڭ شەھەر ئەتىراپىغا كىچىك قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ بۇلاڭچىلىق، پاراكەندىچىلىك سالاتتى. مەدىنىدىكى مۇسۇلمانلار بىلەن قوراللىق قارشىلىشىشقا پۇرسەت ئىزدەيتتى. يۇقىرىقىلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قورال كۈچى بىلەن ئۆزىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتتى. ئۇ، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن مۇسۇلمان ھاكىميىتىنى، ئىسلام دىنىنى قورال كۈچى بىلەن قوغداشقا قەتئى بەل باغلىدى.
دەسلەپتە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قوللانغان ئىستىراتىگىيە ئاساسلىقى: بىر تەرەپتىن كىچىك قىسىملارنى ئەۋەتىپ مەككىلىكلەرنىڭ سۈرىيىگە بارىدىغان كارۋان يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش؛ دۈشمەننىڭ ھەركىتىنى رازۋېدكا قىلىش، مۇۋاپىق پەيتتە قۇرەيىش كارۋانلىرىنىڭ پۇل-ماللىرىنى بۇلاش، يەنە بىر تەرەپتىن، ئامال قىلىپ مەدىنە ۋە دېڭىز بويى ئارلىقلىرىدىكى ھەر قايسى قەبىلىلەر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، ياكى ئىتتپاقلىشىپ، مەدىنە مۇسۇلمان ھاكىميىتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىش، ھەمدە قۇرەيىش قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ سودا پائالىيىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەھدىت پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
ھەر قېتىم ئەۋەتىلدىغان قوشۇننىڭ سانى ئاز بولۇپ، بىر قانچە ئون ئادەمدىن ئاشمايتتى. بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت—قۇرەيىشلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ياكى بۇلاڭچىلىق بولماستىن، بەلكى ئۇلارغا سۈرىيە بىلەن بولغان كارۋان سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئۇلارغا دىن تارقىتىش ياكى مەككىگە ھەج تاۋاپ قىلىش ئەركىنلىكى بېرىش كېرەكلىكىنى تونۇتۇشتىن ئىبارەت ئىدى.
مىلادىيە 624-يىلى ھىجىرىيە 7-ئايدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئابدۇللا بىننى جەھىشنى كىچىك قوشۇن بىلەن، مەككە بىلەن تايىغىنىڭ ئارلىقىدىكى نەخلە دېگەن جايدا مەككىنىڭ بىر كىچىك كارۋىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى ئادەمنى ئەسىرگە ئالدى. ھەمدە ماللارنى غەنىيمەت ئالدى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە، قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى بىلەن يەھۇدىيلار قوشۇنى جەڭ قىلىش چەكلەنگەن ئايدا ئۇرۇش قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ھەقتە ئاللا تائالا بۇ ئايەتنى نازىل قىلدى: «ئاللانىڭ يولىدىن توساش، ئاللاغا كۇپۇرلۇق قىلىش، مەسچىدى ھەرەمدە ئىبادەت قىلىشنى توساش ۋە مەسچىدى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللانىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ چوڭ گۇناھدۇر. پىتنە «(يەنى مۆمىنلەرگە زىيانكەشلىك قىلىش) ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھدۇر» (217 : 2) شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغانلارنىڭ قايغۇسى كۆتۈرۈلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشەنچىسى ئېشىپ، بارلىق پىتنە-پاساتچىلار بىلەن ئاللا يولىدا كۈرەش قىلىشقا بەل باغلىدى.
2. مەشھۇر غازاتلار
1› بەدىرى غازىتى: بۇ قېتىمقى غازات مىلادىيە 624-يىلى ھىجىرىيە 9-ئايدا يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا ئەبۇ. سۇفىيان باشلىغان قۇرەيىش مۇشىرىكلىرىنىڭ بىر چوڭ سودا كارۋىنى مەككىدىن چىقىپ مەدىنە ئارقىلىق سۈرىيىگە بېرىپ قايتقان ئىدى. بۇ كارۋاندىكى مالنىڭ قىممىتى 50مىڭ دىناردىن ئارتۇق بولۇپ، مەككىدىكى ئىقتىدارى بار مۇشىرىكلارنىڭ ھەممىسى پاي قوشقان ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ كارۋاننى توسۇۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەبۇ. سۇفىيان مەككىدىكى قۇرەيىش مۇشىرىكلىرىغا كارۋاننى قوراللىق قوغداپ، مۇسۇلمانلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن تەييار تۇرۇشنى ئۇقتۇرغان ئىدى. ئۇلار 900نەپەر ئەسكەر تەييار قىلدى. ئۇنىڭ ئىچىدە 600نەپىرى ساۋۇت كىيگەن ئەسكەرلەر بولۇپ يۈز ئاتلىق ئەسكەر ۋە 700 تۆگىسى بار ئىدى. قوشۇنغا ئەگىشىپ ماڭغان ھاپىزلىرى داپلىرىنى چېلىشىپ، مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەيدىغان ناخشىلارنى ئېيتىپ ماڭاتتى.
ئەينى چاغدا موسۇلمانلار 314ئادەم بولۇپ، كۆپىنچىسىنىڭ جەڭ قىلىش تەجىربىسى يوق، بىر قىسىم مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار قېرىلار ئىدى. ئۇلاردا پەقەت 70تۆگە، 2، 3 ئات بار ئىدى. ۋەزىيەت مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن پايدىسىز ئىدى.
غازات باشلىنىشتىن بۇرۇن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئادەملىرىدىن پىكىر ئېلىپ، ئۇرۇش قىلىش-قىلماسلىقىنى كېڭەشتى. مۇشىرىكلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان مۇھاجىرلار جەڭ قىلىشنى قەتئى تەلەپ قىلىشتى، ئەنسارلارمۇ قەتئىلىك بىلەن: «ئى رەسۇلۇللا، بىز ساڭا ئىمان كەلتۈردۇق، سىنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭگە ئىشىنىپ تەستىق قىلدۇق. سېىنىڭ بىزگە يەتكۈزگەنلىرىڭنىڭ بارچىسىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى ئىسپاتلىدۇق. بىز بۇنىڭ بىلەن قەسەميات قىلدۇق. ئاللانىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سەن بۇيرۇغان ئىشتىن باش تارتمايمىز، «ئى رەسۇلۇللا، بۇيرۇق قىلغىن، بىزنى ئوتقا، سۇغا كىر دېسەڭمۇ، بىزنىڭ ئىچىمىزدىن بىرەر ئادەم كەينىگە چېكىنمەيدۇ. ئەتىلا دۈشمەن بىلەن ئۇچىراشساقمۇ، بىز خۇشاللىق بىلەن ساڭا قوشۇلۇپ بارىمىز، بىز ئۇرۇشقا چىداملىق ۋە سۇباتلىق كىشلەرمىز، ئىنشائاللا، بىزلەردىن مەمنۇن بولىدىغان ئىشلارنى كۆرۈشۈڭ مۇمكىن، ئاللاغا تاپشۇرۇپ، بىزنى باشلىغىن»، دېدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن خۇش بولدى. ھەمدە: «ئاللا يولىدا يولغا چىقىڭلار، خۇش خەۋەرنى تەبرىكلەڭلار! ئاللا ماڭا كارۋان بىلەن ياكى قۇرەيىش ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشتىن بىرىنى تاپشۇردى»، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئادەملىرىنى باشلاپ مەدىنىنىڭ ئەتىراپىدىكى سۇدىن يىراق بىر شورتاڭلىققا چۈشتى. بۇ چاغدا ئەنسارلاردىن ھوباب ئىبىنى مۇنزىر: «ئى رەسۇلۇللا، بۇ يەرگە ئاللانىڭ بۇيرۇقى بىلەن چۈشتۇڭمۇ ياكى ئۆز رايىڭ بىلەن چۈشتۈڭمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز رايى بىلەن چۈشكەنلىكىنى ئېيتقاندا، ئۇ: ئى رەسۇلۇللا، بۇ يەرگە چۈشۈش مۇۋاپىق ئەمەس، بىز بەدرىنىڭ مۇشىرىكلارغا يېقىن سۇ بويىغا چۈشەيلى، بىر كۆل كولاپ ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان سۇنى تولدۇرۋالايلى، باشقا قۇدۇقلارنى تىندۇرۋېتەيلى، مۇشىرىكلار سۇدىن قىينالسۇن»، دېگەن تەكلىپنى بەردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى. كېيىن ئۇ يەنە سەيىد ئىبىنى مۇئازنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، قوشۇننىڭ كەينىگە بىر كەپە ياسىتىپ، ئۆزى شۇ يەردە ئولتۇردى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللا نازىل قىلغان (8 : 12، 17، 65-66) سۈرىلەرنى ئوقۇپ كۆپچىلىكنىڭ غەيرىتىگە مەدەت بەردى. مۇسۇلمانلار بىرى ئونغا، ئونى يۈزگە تاقابىل تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى. ئاخىر زور غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. مەككە مۇشىرىكلىرىنىڭ باشلىقى ئەبۇ. جەھل قاتارلىق 70نەچچە ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپ، 70نەچچە ئادەم ئەسىرگە ئېلىندى. مۇسۇلمانلاردىن پەقەت 14ئادەم چىقىم بولۇپ، ئاز ئادەم بىلەن جىق ئادەمنى يېڭىشتەك مۆجىزە يارىتىلدى. ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئۇرۇشتا قولغا چۈشكەن ئەسىرلەر ۋە غەنىمەتلەر توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلمىلەرنى چىقاردى. ئەسىرلەر توغرۇلۇق، ئۇ ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەرلەرنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئاز بىر قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ، زور كۆپ ساندىكى ئەسىرلەرنى تۆلەم تۆلىگەندىن كېيىن ئازاد قىلدى. پۇلى يوق لېكىن ئوقۇشنى، يېزىشنى بىلدىغانلار ئون مۇسۇلمان بالىنى ساۋاتلىق قىلىپ قويۇش بەدىلگە ئازاد قىلىندى. «قۇرئان» دا تۆلەم ئېلىش گۇناھ دېيىلگەن (8: 67-68) ، لېكىن توغرا نىيەت بىلەن ئېلىنغان تۆلەمنى ئاللا مۇسۇلمانلارغا ھالال قىلدى. (8-70) ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى تەقسىم قىلىشمۇ ئاللانىڭ ۋەھىيىسى بويىچە (8-41) ئېلىپ بېرىلىپ، جەڭگە قاتناشقان پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەرلەر، شەھىتلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ھەمدە پەرزەنتلىرى، شۇنىڭدەك جەڭگە بىۋاسىتە قاتناشمىغان ئارقا سەپ خادىملىرىغىمۇ مۇۋاپىق غەنىمەت تەقسىم قىلىپ بېرىلدى.
بەدىرى غازىتنىڭ غەلبىسى مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇ، ئىسلام دىنىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى ھەقىقى تۇرغۇزۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتەردى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، مەدىنە يېڭى ھاكىميىتىنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلدى. ئۇ پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلىككە كەلتۈرۈلىشىنىڭ ئالدىنقى سىگنالى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ تۇرمۇشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئاساس سالدى.
2› ئوھۇد غازىتى
ئوھۇد غازىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادىيە 622-يىلى مەدىنىگە ھىجىرەت قىلغاندىن كېيىن، 625-يىلى 3-ئايدا يۈز بەرگەن قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى بەدرى غازىتىدا يېڭىلىپ قالغانلىقىنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ، مەككە كاتتىلىرىنىڭ سودا ۋە دىنى ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن، مەدىنىگە ھوجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى جىددى ئېلىپ باردى. ئۇلار 3000كىشلىك قوشۇن توپلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ساۋۇت كىيگەنلەر 700ئادەم، ئاتلىقلار 200، تۆگە 3000 ئىدى. قوشۇن بىلەن بىرگە يەنە 7ئايال ماڭغان بولۇپ، ئۇلار ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن چىققان ئىدى. چوڭ قوشۇن مەدىنىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى ئوھۇد تېغىنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتى. دۈشمەن قوشۇنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مۇسۇلمانلار قوشۇنىدا ئەينى چاغدا 700ئادەم بولۇپ، ئادەم سانى ۋە قورال-ياراق جەھەتتىكى پەرق زور ئىدى. دەسلەپتە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قىسمەن ساھابىلەر مەدىنىدە بېكىنۋېلىپ سىرىتقا چىقماي تۇرايلى، ئەگەر ئۇلار باستۇرۇپ كىرسە ئۇلار بىلەن جەڭ قىلايلى، دەپ مەسلىھەت قىلىشتى. ئەمما، بىر قىسىم مۇسۇلمان ياشلار ۋە مۇھاجىرلار، بولۇپمۇ بەدرى غازىتىغا قاتناشمىغانلار، جەڭگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئىگە بولالمىغانلار سىرىتقا چىقىپ ئورۇشۇش پىكرىدە چىڭ تۇردى. ئاخىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پىكىرىدىن يېنىپ، ئۇلارنىڭ تەشەببۇسىغا قوشۇلدى. ئۇ ئۆيىگە كىرىپ ئۈستىگە ساۋۇت كىيىپ، قالقاننى دۈمبىسىگە ئارتىپ،قېلىچىنى ئېسىپ، قولىغا نەيزە ئېلىپ چىقتى. شەھەردىن چىقماسلىقىنى تەشەببۇس قىلغانلار پۇشايمان قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «ئى، رەسۇلۇللا، سېنىڭ پىكرىڭ بويىچە ئىش قىلايلى»، دېدى. رەسۇلۇللا: «پەيغەمبەر دېگەن جەڭ كىيمىنى كىيىگەندىن كېيىن، دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئاللانىڭ ھۆكمى بىلەن كەلگەن نەتىجىنى كۆرمىگىچە كىيمىنى سېلىۋېتىشكە بولمايدۇ»، دېدى.
ئۆزلىرىدىن جىق كۈچلۈك دۈشمەن قوشۇنى ئالدىدا، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ھەربى قوماندانلىق سەنئىتى ۋە ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلدى. ئۇ ئوقياچىلارنى تاغ يولىنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۈشمەن ئاتلىقلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش يولىنى كىسىپ تاشلىدى، ۋە ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ ئارقا سېپىنى قوغدىدى. ئۇ ئوقياچىلارغا لەشكەرلەرنىڭ ئارقا تەرىپىنى ساقلاشنى، مۇشىرىكلار مۇسۇلمان ئەسكەرلىرىگە ھوجۇم قىلغاندا ئۇلارنى ئوق ئېتىپ چىكىندۈرۈشنى ۋە مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى مەيلى يەڭسۇن، مەيلى يېڭىلسۇن، ھامان ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماسلىقىنى بۇيرىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي جەڭ باشلاندى. ئاللانىڭ مەدىتى بىلەن مۇسۇلمانلار دۈشمەنلەرنى يەڭدى. دۈشمەنلەر تېرە-پىرەن بولۇپ قېچىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاياللىرىمۇ ھەممىسى قولغا چۈشتى. مۇسۇلمان لەشكەرلەر دۈشمەننى قوغلاپ قىرىۋاتقاندا، ئوقياچىلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئۇنتۇپ، پوزىتسىيەسىنى تاشلاپ، ئولجا ئېلىشقا ئۆزىنى ئاتتى. دۈشمەن ئاتلىقلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدىن ھوجۇمغا ئۆتۈپ، مۇسۇلمانلار قوشۇنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئازغىنا ئادىمى قالسىمۇ، دۈشمەنلەر بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشتى. دۈشمەنلەر ئاتقان تاش پەيغەمبەرنىڭ يۈزىنى يارلاندۇردى. تىزىمۇ يارلاندى، ئۇچىسىدىكى ساۋۇتنىڭ تۆمۈرى يۈزىگە سانچىلىپ كەتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئۆز بەدىنىنى قالقان قىلىپ، پەيغەمبەرنى دۈشمەننىڭ ئوقىدىن توساپ تۇردى. جەڭ راسا قىزىغاندا، ئۇبەي ئىبىنى خەلەف دېگەن مۇشىرىك پەيغەمبەرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ ئېتىلىپ كەلگەندە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يېنىدىكى بىرسىنىڭ نەيزىسىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنى سانچىپ ئۆلتۈردى. بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر قايسى غازاتلاردا ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگەن بىردىن-بىر ئادىمى ئىدى.
بۇ قېتىمقى غازاتتا مۇسۇلمانلاردىن 70ئادەم شەھىت بولدى. دۈشمەنلەردىن 23ئادەم ئۆلدى. قۇرەيىش مۇشىرىكىلىرى ئۆزلىرىنى زور غەلىبە قازاندۇق دەپ چاغلىدى، ئەبۇ سوفيان ماختانغان ھالدا: «بۇ بىزنىڭ بەدرى جېڭىدىكى ئۆچىمىزنى ئالغان كۈن»، دېدى. ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن، ئەرەبلەرنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرى چىشىنى بۈلەپ، مەدىنىگە ھوجۇم قىلماقچى بولۇشتى، بەزىلىرى دىن تارقاتقىلى سىرىتقا چىققان مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈردى. بەزىلىرى قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولدى. پۈتكۈل ئەرەبلەر رايونىدا، يەھۇدىيلەر، مۇرتەدلەر ۋە بۇتپەرەسلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانلار بىلەن قارشىلاشتى. شۇڭلاشقا، مۇناسىپ تەدبىر قوللۇنۇپ، تېزدىن دۈشمەنلەرنىڭ ئىتتپاقىنى پارچىلاش—مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر ۋەزىپە بولۇپ قالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئالدى بىلەن، قوشۇن باشلاپ بېرىپ نەدىر قەبىلسىدىكى يەھۇدىيلارنى قورشىدى ۋە ئۇلارنى قوغلاپ چىقاردى. ئارقىدىن يەھۇدىيلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسۇلمان مۇھاجىرلارغا بۆلۈپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، مۇھاجىرلار ئەنسارلارنىڭ ياردىمىگە تايانمايدىغان بولۇپ، توپتىكى ئورنى كۈچەيدى. ئەنسارلارنىڭمۇ مۇھاجىرلارنى بېقىش يۈكى يېنىكلىدى. يەھۇدىيلار قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، مەدىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇشۇرۇن خەۋپ ۋە تەھدىت يوقىتىلدى. مۇرتەدلەر يەنە يەھۇدىيلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىش تېرىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدى. مۇسۇلمانلار ھاكىمىيىتى بىخەتەر، ئىشەنچىلىك ئارقا سەپكە ئىگە بولدى. ئوھۇد غازىتىنىڭ ئاخىرىدىكى مەغلۇبىيەت تۈپەيلى كېلىپ چىققان ناچار تەسىر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تالانتلىق رەھبەرلىكى ئارقىسىدا تۈگىتلىدى.
3› ھۈدەيبىيە سۈلھىسى
بۇ سۈلھىنامە مىلادىيە 628-يىلنىڭ بېشىدا ئىمزالانغان. سەۋەبى: بىر قانچە قېتىملىق غازات ئارقىلىق، بۇرۇن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلمىغان بىر قىسىم مەدىنىلىكلەر ئىسلام دىنىغا كىرىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئىتىراپ قىلدى. بۇ، 627-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ مەدىنىنىڭ بىردىنبىر دىنى بولۇپ، مەدىنە شەھىرىدە ئىسلام دىنى ئېتقادىنى ئاساس قىلغان ئىتتپاقلاشقان يېڭى تىپىتىكى بىر جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ تەدرىجى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەسلەپكى دەۋرلەردىكى ھەر قايسى تەرەپلەر ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىدىغان ئىستىراتىگىيسىنى ئۆزگەرتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ بىر قانچە غازاتلاردا كەينى-كەينىدىن قازانغان غەلبىلىرى تۈپەيلىدىن، ھىجاز رايونىدىكى نۇرغۇن قەبىلىلەر مەدىنىنىڭ ئەتىراپىغا يۆتكۈلۈپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار قوشۇنى تېزلىكتە زورايدى. بۇ چاغدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككە تەرەپتىكى نۇرغۇن مۇشىرىكلارنىڭ تىنىچلىققا ئىنتىلىپ، ئۇرۇش قىلىشنى خالىماي، مۇسۇلمانلار بىلەن ياخشىلىشىپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. شۇنىڭ بىلەن مىلادىيە 628-يىلى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 1500دىن ئارتۇق مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنى باشلاپ مەككىگە ئۈمرە قىلىشقا ماڭدى. مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنىڭ ھەج قىلىشى چەكلەنگەنلىكى 6يىلدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار بەيتۇللاغا كىرىپ تاۋاپ قىلىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتى. ھەج قىلىش ئەرەبلەرنىڭ بىر تۈرلۈك قەدىمكى ئادىتى بولۇپ، چەكلەنگەن ئايدا جەڭ قىلىشنى مەنئى قىلىشمۇ ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ چەكلەنگەن ئاي ئىچىدە مەككىگە ھەج قىلىشقا كىرىشى، ئۇرۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ دىنى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، قۇرەيىشلەر مۇسۇلمانلارنى توسۇشقا بانا تاپالمايتتى. ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلىشىپ، چەكلەنگەن ئاي ئىچىدە ئۇرۇش قوزغىسا، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاممىدىن ئايرىلىپ قالاتتى. مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەرەبلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتىرەتتى.
قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەركىتىدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلدى. بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىنى ئىگەللىۋېلىشىنىڭ بىر تەدبىرى دەپ قاراپ، ھەر قانداق بەدەل تۆلىسىمۇ ئۇلارنىڭ مەككىگە كىرىشىنى توساش قارارىغا كەلدى. مۇسۇلمانلارنى توسۇش ئۈچۈن خالىد. ئىبىنى ۋەلد قوماندانلىقىدا 200ئاتلىق ئەسكەرنى مەدىنىدىن يولغا سالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قۇرەيىشلەرگە لەنەت، ئۇرۇش ئۇلارنى يۈتۈپ تاشلايدۇ، ئۇلار مىنىڭ باشقا ئەرەبلەر بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىمنى ئېچىۋەتكەن بولسا، قۇرەيشلەرگە ياخشى بولماسمىدى، ئاللا بىلەن قەسەمكى، ئاللا ماڭا تاپشۇرغان ئىشنى، ئاللا ھەممىدىن ئۈستۈن قىلغىچە كۈرەش قىلىمەن»، دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇرۇن بېكىتىپ قويغان تىنچلىق پىلانى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ساھابىلىرىنى باشلاپ، مەككە ئاتلىقلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ھۈدەيبىيەنىڭ يىراق تەرىپىگە چۈشۈشكە بۇيرۇپ، مەككە بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تەييارلاندى. دەسلەپتە قۇرەيىشلەرنىڭ پوزىتسىيەسى قاتتىق بولۇپ، يامان نىيتىدىن يانمىدى، ھەتتا مۇشىرىكلار كېچىدە مۇسۇلمانلارغا ھوجۇم قىلىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ ئەسىرگە چۈشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىنىچلىق ساداقىتىنى بىلدۈرۈش، چەكلەنگەن ئاي ئىچىدە مەككىدە ئادەم ئۆلتۈرمەسلىك ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىش ئۈچۈن، ئەسىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئازاد قىلىپ قويىۋەتتى، ھەمدە ئوسماننى ۋەكىل قىلىپ، مەككىگە سۆھبەتكە ئەۋەتتى. قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى ئوسماننى قاماپ قويدى. مۇسۇلمانلار ئارىسىدا «ئوسمان ئۆلتۈرۈلۈپتۇ» دېگەن خەۋەر تارقالدى. بۇنى ئاڭلاپ مۇسۇلمانلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، بىر تۈپ دەرەخنىڭ سايىسىدە تۇرۇپ، قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى بىلەن ھايات-ماماتلىق جېڭى قىلىشقا قەسەميات قىلىشىتى. قۇرئاننىڭ (48-18) سۈرىسىدە بۇ ۋەقە خاتىرلەنگەن. مانا بۇ ئىسلام دىنى تارىخىدىكى داڭلىق «رىزۋان» بەيئىتىدۇر.
مۇسۇلمانلارنىڭ ئىرادىسى ۋە قەسىمى قۇرەيىش مۇشىرىكلىرىنىڭ ئۇيقۇسىنى ئېچىپ قويدى. ئۇلار، بىر تەرەپتىن ھەر قانداق ئادەمنىڭ چەكلەنگەن ئاي ئىچىدە مەككىدىكى بەيتۇللاغا ھەج قىلىشقا كېلىشىنى توساشقا ھوقۇقى يوقلىقىنى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەردە ئۇلار چەكلەنگەن ئاي ئىچىدە مۇسۇلمانلارغا ئوت ئاچسا، ئەرەبلەرنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، ئەرەبلەر مەككىگە كەلمەي قويسا، مەككىنىڭ سودىسىغا ئېغىر زىيان بولىدىغانلىقىنى، تونۇپ يەتتى. شۇڭا، قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، تارىخى خاراكتىرلىك «ھۈدەيبىيە سۈلھىسى» نى ئىمزالىدى.
سۈلھىگە ئاساسەن: ئىككى تەرەپ ئون يىلغىچە ئۇرۇش قىلماسلىق (بەزى تارىخشۇناسلار ئىككى يىل ئۇرۇش قىلماسلىق، دەپ قارايدۇ)، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمانلار بۇ يىل بەيتۇللانى تاۋاپ قىلماي قايتىپ كېتىپ، كېلەر يىلى كېلىش، بۇندىن كېيىن، مەككىلىكلەر ھەر يىلى 3كۈن شەھەر سىرتىغا چىقىپ تۇرۇپ، مۇسۇلمانلار ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىماي بەيتۇللانى تاۋاپ قىلىش؛ قۇرەيىش تەرىپىدىن قېچىپ كەلگەنلەرنى مۇسۇلمانلار قايتۇرۇپ بېرىش، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قېچىپ كەلگەنلەر مەككىدە تۇرۇپ قېلىشقا بولىدىغانلىقى، ئۇلار قايتۇرۇلمىسىمۇ بولىدىغانلىقى بېكىتىلدى. مۇسۇلمانلارنى يەنە قۇرەيىشلەرگە تاپشۇرۇپ بەرسە، ئۇلار مۇشىرىكلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايتتى. بۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوبۇل قىلمىقى تەس ئىدى. ئۆمەر ئەينى چاغدىلا قاتتىق غەزەپلەنگەنىدى. ئەمما، بۇ سۈلھىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ كەلگۈسى، پۈتكۈل ئەرەبلەرنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن زور تەسىرى بار ئىدى. بۇرۇن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار ئىسلام دىنى بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ھەر قايسى قەبىلىلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ قويغان بولۇپ، بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇچراشسا قۇرەيىشلەرنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇپ ئۆزلىرىگە بالا تېپىۋېلشىتىن ئەنسىرەيتتى. ھۆدەيبىيە سۈلھىسى بۇ خىل توسالغۇلارنى يوقۇتۇپ، كىشلەرنى ئىسلام دىنىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى بۇ سۈلھىدە تۇنجى قېتىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش قانۇنلۇق ئورنىنى ئىتىراپ قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بەيتۇللادىكى ھەرەمنى تاۋاپ قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئىسلام دىنىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھەممە ئىتىراپ قىلغان بىلەن باراۋەر بولۇپ، باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىمۇ بۇ سۈلھىنى ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىنىڭ سىگنالى دەپ قارىدى. ئۇنىڭدىن سىرت ئۇرۇش توختۇتۇش مەزگىلدە، مۇسۇلمانلار قۇرەيىش مۇشىرىكلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىك سېلىشىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغاچقا، ئىسلام دىنىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاندى. «قۇرئان» دىمۇ، ھۈدەيبىيە سۈلھىسىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ روشەن غەلبىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە سۈرە نازىل قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ يىلى ئىسلام دىنىغا كىرگەن ئادەملەرنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئالدىنقى يىللاردىكىدىن ئېشىپ كەتتى.
مەككە مۇشىرىكلىرى بىلەن سۈلھى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى تۇتۇپ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى. مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەتىراپىدىكى بىدۇ ئىنلار ئارقا-ئارقىدىن بەيئەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. مىلادىيە 629-يىلى 3- ئايدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھۈدەيبىيە سۈلھىسىگە ئاساسەن، 1000نەپەر ساھابىنى باشلاپ مەككىگە ئۈمرە تاۋاپ قىلىشقا باردى. بىر قىسىم مەككە مۇشىرىكلىرىمۇ ئىلگىرى-كېيىن ئۇلارنىڭ قوشۇنىغا كىرىپ، ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىق بولغىنى ئەمىر. ئىبىنى. ئاس ۋە خالىد. ئىبىنى. ۋالدتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى ئادەم كېيىن ئاتاقلىق ھەربى قوماندانلاردىن بولۇپ چىقىپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە تۆھپىلەرنى يارىتىپ، نامى تارىخ بېتىگە يېزىلغان. بۇ چاغدا، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن، ئۇزۇن مۇددەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن دۈشمەنلەشكەن ئەبۇ سۇفيانمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەخپى سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى.
4› مەككىنى فەتھى قىلىش
مەككىنى فەتھى قىلىش—مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ باشتىن-ئاخىر ئېغىشماستىن يەتمەكچى بولغان نىشانى ئىدى. ھۈدەيبىيە سۈلھىسى ئىمزالىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى كەئبىنى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىدىغان مەركىزى قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ باشقا رايونلارغا بولغان تەسىرىنى ئوبدان بىلگەچكە، پۇرسەت كۈتۈپ، بۇ مۇھىم شەھەرنى تارتىۋېلىشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇردى. مىلادىيە 630-يىلى 1- ئايدا مەككىنىڭ ئىتتپاقدىشى بەنى بەكىر قەبىلىسى قۇرەيىش مۇشىرىكلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتپاقدىشى خوزائە قەبىلىسىگە ھوجۇم قىلىدۇ. قۇرەيىش مۇشىرىكلىرىنىڭ بەزى باشلىقلىرى ئۇلارنى كۈشكۈرتۈپ ۋە ئۇلارنى قورال-ياراق بىلەن تەمىنلەپ، بىر تەرەپلىمە ھالدا ھۈدەيبىيە سۈلھىسىگە خىلاپلىق قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال مەككىنى فەتھى قىلىش پەيتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، قوشۇن تەشكىللەپ مەككىگە يۈرۈش قىلىدۇ. يۈرۈش جەريانىدا، مۇسۇلمانلار قوشۇنىغا توختىماي باشقا قەبىلە ئادەملىرى كېلىپ قوشۇلۇپ، مەككىگە يېقىنلاشقاندا، مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ سانى 10مىڭغا يېقىنلىشىپ قالىدۇ. ھەيۋەتلىك قوشۇن مەككىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس قاتارلىقلار ھاشىم جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى باشلاپ مەككىدىن ئايرىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قوشۇلىدۇ. مەككىنىڭ تىنىچلىقىنى ساقلاپ ئۇرۇش قىلماي قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تاغىسى ئابباسنى ئەلچى قىلىپ، مەككىدىكىلەر بىلەن سۆزلىشىشكە ئەۋەتىدۇ. ئابباسنىڭ ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىشلىشى بىلەن، بۇرۇن ئىسلام دىنىغا ئەڭ قاتتىق قارشى تۇرغان ئەبۇ. سۇفيانمۇ ئىسلام دىنىغا كىرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەرھال شەھەرگە كىرىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئادەملىرىنى 4يولغا بۆلۈنۈپ شەھەرگە كىرىش، شەھەرگە كىرگەندىن كېيىن بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرمەسلىكنى تاپىلايدۇ. ھەمدە جاكاچى چىقىرىپ: «ئەبۇ سۇفياننىڭ ھويلىسىغا كىرۋالغانلارغا—ئۆيىدىن سىرىتقا چىقمىغانلارغا؛ مەسچىتكە كىرۋالغانلارغا ئامانلىق بېرىلىدۇ»، دەپ جاكارلىتىلدۇ. ئەبۇ سۇفيان يول ئېغىزىدا تۇرۇپ، كىشلەرگە مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى تەڭداشسىز، ئۇلارغا قارشى تۇرمىغانلار ئامان قالىدۇ، دەيدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى جاھىل مۇشىرىكلار قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بۇلىۋىدى، مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى ئۇلارنى تىزلا تېرە-پىرەڭ قىلۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇشۇنلىرى مەككە شەھىرىنى فەتھى قىلىپ كەئىبىگە كىرىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ كەئبىدىكى بۇتلارنى چېقىپ تاشلايدۇ. تاملاردىكى گۈزەل ئاياللارنىڭ سىياقىدا سىزىپ قويۇلغان پەرىشتىلەرنىڭ تام رەسىملىرىنى ئۆچەرگۈزىدۇ. پەقەت كەئبىدىكى قارا تاش (ھەجر ئەسۋەد) نى مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇمى سۈپىتىدە ساقلاپ قالىدۇ. شۇندىن تارتىپ بۇتقا چوقۇنۇش مەنئى قىلىندۇ. مەككە شەھىرى بۇتلارغا چوقۇنۇش مەركىزىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ 1-مۇقەددەس جايىغا ئايلىنىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كەئبىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، تەكبىر ئېيتىپ ناماز ئوقۇيدۇ، كەئبىنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، قۇرەيىش مۇشىرىكلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئېلان قىلىدۇ. گۇناھى ئىنتايىن ئېغىر بىر قانچە ئادەمدىن باشقا بۇرۇن مۇھەممەد پەيغەمبەرگە ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرغان، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلارنىمۇ پۈتۈنلەي ئازاد قىلۋېتىدۇ. ئۇ، مەككىنىڭ مۇقەددەس جاي بولۇشتەك ئەنئەنىسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ: «ئاللا زىمىننى ياراتقان كۈنىلا مەككىنى مۇقەددەس جاي قىلدى. بەيتۇللا مۇقەددەسنىڭ مۇقەددىسىدۇر. ئاخىر زامانغىچە، ئاللاغا، ئاخىر زامانغا ئىشىنىدىغان ئادەملەرنىڭ مەككىدە ئادەم ئۆلتۈرۈشىگە، ئۇرۇش-جىدەل قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ»، دەپ ئېلان قىلىدۇ. ئۇ بەيتۇللانى قوغداش ۋەزىپىسىنى تەلھە ئىبىنى ئۇبەيدۇللاغا، بەيتۇللانىڭ ئۇسسۇلۇق تەمىنلەش خىزمىتىنى ئابباسقا تاپشۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىزمەتنىڭ ئەۋلاتمۇ-ئەۋلاد مىراس قالىدىغانلىقى، تالاش-تارتىش قىلماسلىق كېرەكلىكىنى ئېلان قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسلامنىڭ سىياسەتلىرى ۋە نۇتىقى، خەلقنىڭ قەلبىگە ياقتى. فەتھ قىلىنغاندىن كېيىنكى مەككىنىڭ سىياسى مۇقىم بولدى. مەككەكاتتىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئىقتىسادى مەنپەئىتىمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى. شۇڭا، قۇرەيىش مۇشىرىكلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ئورنىنى ۋە نوپۇزىنى ئىتىراپ قىلدى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە پەقەت 15كۈنلا تۇردى. مەككە شەھىرىگە ئەتتاب. ئوسەيدىنى ھاكىم قىلىنىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، بېشىغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە ئەڭ زور ياردەملەرنى بەرگەن ئەنسارلار بىلەن ئۆلۈم ۋە كۆرۈمدىمۇ بىللە بولۇش ئۈچۈن مەدىنىگە قايتىپ كەتتى.
3. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەججە تولۋىداسى
مىلادىيە 632-يىلى 3-ئايدا (ھىجىرىيەنىڭ 10-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 100مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننى باشلاپ، رەسمى ھەج تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن مەككىگە باردى. ئۇندىن بۇرۇن، ئۇ ئىككى قېتىم ئۈمرە ھەج قىلغان بولۇپ، رەسمى ھەج پەرزىنى ئادا قىلمىغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ھەج قىلىشى بولۇپ، «ھەججە تۇلۋىدا» دەپ ئاتالغان.
ئالدى بىلەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەج قىلىشقا ئۆزى قاتناشتى ۋە يىتەكچىلىك قىلدى. مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە ئىھرام باغلىدى. بەيتۇللاغا بارغاندىن كېيىن، ھەجر ئەسۋەدنى سۆيدى. بەيتۇللانى 7قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدى. مەقامى ئىبراھىمدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. ئابى زەمزەمنى ئىچتى، ئاندىن كېيىن سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا 7قېتىم ماڭدى، مىناغا كېلىپ قوندى. ئەراپات تېغىغا چىقىپ، مۇز تەلفەدە كېچىنى ئۆتكۈزدى. مىناغا قايتىش يولىدا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش، چېچىنى ئالدۇرۇش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۆتىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام شۇ قېتىم ھەج قىلىشتا 63تۆگە قۇربانلىق قىلغان. شۇ يىلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 63ياشقا كىرگەن بولۇپ، بىر ياشقا بىردىن تۆگە سىمىۋول قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەج پائالىيەتلىرىنى تاماملاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى مۇراسىملارنى توغرا ئىجىرا قىلىشىغا ئۈلگە يارىتىپ بەرگەن.
بۇ قېتىمقى ھەج تاۋاپ قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى—مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەراپات تېغىغا چىقىپ سۆزلىگەن مەشھۇر نۇتىقىدۇر. بۇ ۋىدالىشىش نۇتىقىدا، ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ئەھكاملىرى ۋە ئىجتىمائىي پىرىنسىپلىرىنى قايتا تەكىتلىدى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ بىر-بىرىنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىشى ھارام قىلىندى، جازانىخورلۇق ۋە جاھىليەت دەۋرىدىكى قان قەرز بىكار قىلىندى. كىشلەردىن ئىسلام ئېتقادىنى چېڭىتىپ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتماسلىق، زىنا قىلماسلىق، ئاللا چەكلىگەن ئىشلارنى قىلماسلىقىنى، ھىجىرىيە يىلىنىڭ 1-،7-، 11-، 12-ئايلىرى چەكلەنگەن ئاي قىلىپ بېكىتىلىپ، بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاش تەلەپ قىلىندى. ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى ۋە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقلىرى ھەمدە مىراسخورلۇق تۈزۈمى ئېنىق بېكىتىلدى. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قېرىنداش ئىكەنلىكى، ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئەزمەسلىكتەك ھەرىكەت مىزانلىرى تەكىتلەندى…. نوتۇق تاماملانغاندىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «قۇرئان» نىڭ (3:5) سۈرىسىنى ئوقۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلبىسىنى ئېلان قىلدى. تارىخشۇناسلار ۋە مۇھەندىسلەر بىردەك موشۇ قېتىمقى سۈرىنى ئاللانىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن ئەڭ ئاخىرقى ۋەھىيسى دەپ قارايدۇ. بۇ قېتىمقى ۋىدالىشىش ھەجىمۇ «ئىسلام ھەجى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئاللانىڭ ئىسلام دىنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، موسۇلمانلارغا بولغان ھىدايىتىنى ئورۇنلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، مۇسۇلمانلار يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھەج قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. ھەر يىلى نەچچە مىليون مۇسۇلمان ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى مەككىگە بېرىپ تەنتەنىلىك ھەج تاۋاپ قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. ھەج تاۋاپ قىلىش ھەر قايسى دۆلەت موسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاش كۆۋرۈكى بولۇپ قالدى.
4. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپات بولۇشى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدە ھەج تاۋاپ قىلىپ مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، بەخىتكە قارشى ئېغىر كېسەل بولدى. كېسەل مەزگىلدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرى ۋە پۈتكۈل ئەرەب مىللىتىنىڭ ئىستىقبالىغا قارىتا پىلانلارنى تۈزۈپ، بىر قانچە چوڭ مەسىلىگە نىسبەتەن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
ئالدى بىلەن، ئۇ يەنىلا مەسچىدكە بېرىپ ناماز ئۆتەشنى داۋاملاشتۇردى. كىشلەرگە ياشلارنىڭ جىھاد قىلىشنىڭ ھەمدە ئاللانىڭ رەسۇلۇللاسىنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجىرا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى سۆزلەپ بىرەتتى. ئىككىنچىدىن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمرىيى ۋە دوستى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇ بۇيرۇق قىلىپ، ئەبۇ بەكرىدىن باشقىلارنىڭ مەسچىتكە ئېچىۋالغان ئىشىكلىرىنى ئەتكۈزۋەتتى. (بەزى ساھابىلەرنىڭ ئۆيلىرى مەسچىت بىلەن تۇتاش بولغاچقا مەسچىتكە چىقىدىغان ئىشىك ئېچىۋالغان ئىدى). ئۇ مەسچىتكە چىقىپ ناماز ئۆتىيەلمەيدىغان بولۇپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئەبۇ بەكرىنى ئىماملىققا تەيىنلىگەنىدى. بىر قېتىم، ئەبۇ بەكرى سىرىتقا چىقىپ كېتىپ نامازغا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمەي، ئورنىغا ئۆمەر ئىماملىق قىلىپ ناماز ئۆتىگەندە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئاللا ۋە مۇسۇلمانلار بۇنداق قىلىشنى راۋا كۆرمەيدۇ»، دەپ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىز باسارىنى بېكىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يەنە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن، ئۆزىدىن كېيىن، مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلارنىڭ ئارىسىدا جىدەل-ماجىرا يۈز بىرىدىغانلىقىنى بىلىپ، مۇھاجىرلاردىن ئەنسارلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مەسچىتكە چىققاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئەبۇ بەكرىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئۆتەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن رازى ۋە خۇش بولدى. نامازدىن كېيىن جامائەتكە: «ئى، خالايىق! ئوت ئاللىقاچان تۇتاشتى، قىيىنچىلىقلار قاراڭغۇ كېچىگە ئوخشاش ئۈزۈلمەي كېلىدۇ، ئاللا بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنىڭ ماڭا بىرەر نەرسە قالدۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلمايمەن. ئاللا بىلەن قەسەمكى، «قۇرئان» ھەق دەپ تونىغان ئىشنى مەن ناھەق دەپ قارىمايمەن. «قۇرئان» دا مەنئى قىلىنغان نەرسىنى مەن توغرا دەپ قارىمايمەن. «ئاللا قەبرىنى مەسچىت قىلىۋالغانلارنى قاغايدۇ» دېدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىنى يەنى ھەممە ئىشتا «قۇرئان» نى ئاساس قىلىپ ئىش قىلىشنى ئۇنىڭ قالدۇرغان ئاغزاكى ۋەسىيىتى دېيىشكە بولىدۇ.
مىلادىيە 632-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كېسىلى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ قېلىپ، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ، ئاللانىڭ دەرگاھىغا كەتتى. ئۇ 63ياشتا ئىدى. ئەينى چاغدا، ئۇ ئائىشەنىڭ ئۆيىدە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى: «جەننەتتىكى ئەڭ ئۇلۇق دوست» زىمىندىكى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولۇپ جەننەتتىكى ئەڭ ئۇلۇق دوستىنىڭ يېنىغا كەتتى. دېگەن سۆز ئىكەن.
پەيغەمبەرنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، كىشلەر دەرھال مەسچىتكە توپلاندى. بۇ خەۋەرگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى يوق ئىدى. ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆلدى دېگەنلەرگە قېلىچىنى سۇغۇرۇپ تەھدىت سېلىپ: «مۇناپىقلار پەيغەمبەرنى ئۆلدى، دەيدۇ، پەيغەمبەر ئۆلمىدى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش، ئاللانىڭ ھۇزۇرىغا كەتتى. ئۇ قايتىپ كېلىدۇ. ئەزبىرايى خۇدا، رەسۇلۇللانى ئۆلدى دېگەنلەرنىڭ پۇت-قولىنى كېسىپ تاشلايمەن!» دەپ ۋارقىرىدى. ئەبۇ بەكرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ، ئائىشەنىڭ ئۆيىگە كىردى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىنى ئېچىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ سۆيدى ۋە يىغلىدى، ھەمدە: «ئى، رەسۇلۇللا! ئاتا-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن، سەن ئاللا ساڭا مەرھەمەت قىلغان ئۆلۈم شەربىتىنى تېتىدىڭ، ئاللا ساڭا رەھمەت قىلسۇن، ساڭا ئىككىنچى قېتىم ئۆلۈم بەرمىسۇن» دېدى. ئاندىن مەسچىتكە چىقىپ، جامائەتكە قاراپ: «ئى خالايىق! كىمكى مۇھەممەدكە ئىبادەت قىلىمەن دەيدىكەن، مۇھەممەد ئۆلدى، كىمكى ئاللاغا ئىبادەت قىلىمەن دەيدىكەن، ئاللا تىرىكتۇر، ئۇ ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، دەپ ئاللانىڭ «قۇرئان» دىكى (3—144) سۈرىسىنى ئوقىدى. مۇشۇ چاغدا، ئۆمەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە ئشەندى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا كىم رەھبەرلىك قىلىش مەسىلىسىدە، ئەنسارلار بىز ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى كۈچى، مۇھاجىرلار پەقەت يۇرتىدىن ئايرىلىپ كەلگەنلەر، دەپ مۇھاجىرلارنىڭ ھەممىنى كونترول قىلىشنى قوبۇل قىلالمىدى. ئەبۇ بەكرى قۇرئاننىڭ (9—100) سۈرىسىدىكى «مۇھاجىرلار» دېگەن سۆزنىڭ ئالدىدا، «ئەنسار» دېگەن سۆزنىڭ كەينىدە ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىپ، مۇھاجىرلارنىڭ باشلىق بولىشىنى چۈشەندۈردى. ئۆمەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئەبۇ بەكرىگە سادىق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەمياد قىلىپ، ئەبۇ بەكرىنىڭ پەيغەمبەرنىڭ خەلىپىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئىختىلاپنى تۈگەتتى. مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلا پەيغەمبەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەم— ئەبۇ بەكرىگە قەسەم بېرىپ سادىقلىقىنى بىلدۈردى. ئەبۇ بەكرى مۇسۇلمانلارغا قاراپ ئېسىل نۇتۇق سۆزلەپ، ئاللا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەلىمىگە بويسۇنۇپ، مۇسۇلمانلارنى داۋاملىق ئاللانىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.
مىلادىيە 632-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ مېيىتى مەدىنىدە ئائىشەنىڭ ئۆيىدىكى ئۆزى ياتقان كارىۋاتنىڭ ئاستىغا دەپنە قىلىندى، بىر ئۇلۇغ ئادەم ئالەمدىن ئۆتتى، ئۇ ئىنسانلارغا ئۇلۇغ مەنىۋى مىراس، ئۇزۇنغىچە سولمايدىغان دىنى ئېتىقاد ۋە پارلاق ئىسلام دىنى مەدەنىيىتىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئۆمرىنى ئىنتاىن ئاددى-ساددا ئۆتكۈزگەن، ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن زور ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن، ئىنتايىن شۆھرەت قازانغان چاغلاردىمۇ ئوخشاش بولغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قالدۇرغان ماددى بايلىقلار كۆپ ئەمەس ئىدى، ئەمما، ئۇ مول مەنىۋى بايلىق قالدۇردى. ئۇ ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈردى، ھەمدە ئۇنى پۈتۈن دۇنيادا تەرەققى قىلدۇردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىنلا تىرىشچان، ئۆگىنىشكە ھىرىسمەن بولۇپ، تۇرمۇش تەجرىبىسى ۋە بىلىمى مول ئىدى. ئۇ ئاخىرىدا، ئۆزىنىڭ ئەمەلى ھەرىكىتى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئورنىنى قوغدىدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىشقا بېغىشلاپ، قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ئەرەب يېرىم ئارىلىنى بىرلىككە كەلگەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇردى. ئىسلام دىنىنىڭ نۇرى بىلەن دۇنيانىڭ بارلىق بۇلۇڭلىرىنى يورۇتتى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئامېركىنىڭ تارىخشۇناسى مەيكور. خارت «دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخس» دېگەن كىتابىدا، ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى 1-ئورۇنغا قويغان. ئۇ: «ئۇ ھەقىقەتەن تارىختا دىن، ئۆرپ-ئادەت جەھەتنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە كۆرىنەرلىك نەتىجە ياراتقان بىردىن-بىر شەخس»، دېگەن. ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر روھى تەھلىلشۇناس ئالىمى يورس. ماسەيمان ئامېرىكا «خەلقئارا ئاخبارات ژۇرنىلى» مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «داھى بولغان ئادەم جەزمەن مۇنداق 3 چوڭ رولىنى جارى قىلىدۇرىشى لازىم: بىرىنچى، رەھبەرلىق قىلىنغۇچىلىرىغا بەخت يارىتىش، ئىككىنچى، ئىچىدىكىلەر بىخەتەرلىك ھېس قىلالايدىغان بىر ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇپ چىقىش، ئۈچىنچى، كىشىلەر سەمىمى، سادىقلىق بىلەن ئېتىقاد قىلىدىغان بىر يۈرۈش ئىدىيە سىستىمىسىنى بەرپا قىلىش… پۈتكۈل تارىخقا نەزەر سالساق، يۇقىرىقى 3 خىل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىغان داھىلاردىن پەقەت مۇھەممەد بىرلا ئادەم بار. ئۇ بارلىق دەۋرلەردىكى ئەڭ ئۇلۇغ داھىدۇر»، دېگەن.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top