ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى تەكلىپنامىسى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى پائالىيىتى تەكلىپنامىسى

NUSHA4ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار!

بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ تارىخى ۋەزىيەتتە، ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلىغى ۋە ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن، ۋەتەن ئىچى-تېشىدىكى ئىلىم سۈيەر زىيالىلىرىمىز، ۋەتەن سۈيەر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئورتاق قوللىشى ۋە قاتنىشىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەلقارالىق ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەش نامىدا، 2013-يىلى  2-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە)  سائەت 13:00 دىن 16:30 گىچە ئىستانبۇل فاتىھتىكى سەفەرى ئالەم خەلقارا ئۇقۇغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ يىغىن زالىدا  3-قېتىملىق ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى.

تىل- بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىلدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ، تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ قېنىمىزغا، ئەللەي ناخشىسى بىلەن ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.

BAĞAKمانا شۇنداق بىركۈندە، مىللى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا، ئۆز ئانا تىلىغا ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ھىسياتىغا ئىگە ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى چىن يۈرەكتىن  ئۈمىت قىلىمىز ۋە سىلەر بىلەن مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائالىيەتتە بىللە بۇلالىغانلىقىمىزدىن چەكسىز شەرەپ ھىس قىلىمىز.

بۇ ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىمىزنىڭ ئانا تىل سەھىپىسىگە ھەرخىل  ئەدىبى ئەسەرلەر قۇبۇل قىلىنىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى  2013-يىلى  2-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە)  سائەت 13:00 دىن 16:30 گىچە  تۈۋەندىكى ئادرىستا ئېلىپ بېرىلىدۇ:

سەفەرى ئالەم خەلقارا ئوقۇغۇچىلار جەمىيىتى فاتىھ يىغىن زالىدا

ئالاقە تېلىفۇنى :  0530 317 6733      0506 384 5639
Sefire-i Alem Uluslararası Öğrenci Derneği
Akşemsettin Mahallesi Ocaklı Sokak No : 4 Fatih / İstanbul, Turkey

Seferi_Alem_MAP


ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش