• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئەخمەتجان قاسىمىغا مەرسىيە

ئەخمەتجان قاسىمىغا مەرسىيە

ئەخمەتجان قاسىمىغا مەرسىيە

«نېمشىھىت شېئىرى»

نېمە دەپ بايان قىلاي، ئەي كاج پەلەك، ھېكايىتىڭنى،
پاش ئەيلەيىن ئەلگە سېنىڭ شىكايىتىڭنى.
كۆرگەنمۇ خەلق بىرەر قېتىم ئىنايىتىڭنى،
تاشلارسەنمۇ قىلىپ كەلگەن زىيارىتىڭنى؟

قايسى بىرلەر يوقسۇللۇقتا جاپا چەككەن،
قايسى بىرلەر شۇم قۇشلارغا بويۇن ئەككەن.
گاھى گۈلگە باھار بولماي ئۈششۈك تەككەن،
كۆرەلمىدۇق پەلەك سېنىڭ ھالاۋىتىڭنى.

گاھى بىرنى ئاتاسىدىن ئايرىپ قېلىپ،
يا مىھرىبان ئاناسىدىن قايرىپ قېلىپ.
يىتىملىكتىن قانچىلارغا كۈلپەت سېلىپ،
تاپارسەنمۇ، ئېيتچۇ ئۆزۈڭ ئىناۋىتىڭنى؟

بىر نەچچىلەر «ئاھ بالام!» … دەپ ئوتلار ياقار،
خەستە بۇلبۇل كۆيگەن باغنى قانداق تاپار؟
بېلىق سۇدىن ئايرىلغاندەك ھوشسىز ياتار،
سۆزلەر ھەركىم ھەركۈن تۈرلۈك مالامىتىڭنى.

بۇ ئىشلىرىڭ ئەل ئارىلاپ بولار ئىدى،
خەنجەرلىرىڭ يۈرەكلەرنى تىلار ئىدى.
كۆز-ياش بىلەن كۆلدەك نەپسىڭ تولار ئىدى،
ئۇنتۇدۇڭسەن، ۋادەرىخا، ئادالىتىڭنى.

چۈنكى، بۈگۈن ھەممىگە تەڭ قايغۇ سالدىڭ،
كارابىمنى سۇدىن ئېلىپ لايغا سالدىڭ.
ئۆلكىمىزنىڭ خەلقىن بىردەك ۋايغا سالدىڭ،
كىملەر سۆيسۈن سېنىڭ مۇنداق ئالامىتىڭنى؟

تۇيۇقسىزدىن سالدىڭ بۈگۈن بىزگە ماتەم،
«قايدا كەتتىڭ، ئەخمەتجان!» دەر ھەممە ئادەم.
ئاھ، جىگىرىم، قېرىندىشىم قاسىم زادەم،
قىزغاندىڭمۇ بۈگۈن بىزدىن ھىدايىتىڭنى؟

ئۆلكىمىزدە قۇرماق بولۇپ يېڭى گۈلباغ،
خەلقىمىزنى قىلغان ئىدىڭ ئەجەپ خۇشچاغ.
شۇم خەۋەردىن يۈرەكلەرگە ئورنىدى داغ،
بىھۇش بولدۇق يوقاتقاچقا سالامىتىڭنى.

ھەربىر سۆزۈڭ يۈرەكلەرگە داۋا ئىدى،
ئاب-ھاۋاغا خۇش خۇيلىقىڭ ناۋا ئىدى.
سەندەك دانا ئۆلكىمىزگە راۋا ئىدى،
ئاھ، ھەسرىتا! يوقاتتۇق بىز ساماھىتىڭنى.

شۇم قۇشلاردىن باغنى ئازاد قىلغانىدىڭ،
يىرتقۇچلارنىڭ يۈرەك-باغرىن تىلغانىدىڭ.
زەھەر تىلىن قارماق بىلەن ئىلغانىدىڭ،
كۆرگەن ئىدۇق سېنىڭ قانچە كارامىتىڭنى.

بەخت ئۇرۇقىنى تەرگەنىدىڭ ئۆلكىمىزگە،
ئورتاق ئىدىڭ يىغىمىز ھەم كۈلكىمىزگە.
كاشكى، بۈگۈن كۆتۈرەتتۇق يەلكىمىزگە،
ئۆمۈرۋايەت ئۇنتۇمايمىز راپاۋىتىڭنى.

قانداق قىلاي، ئاھ، جۇدالىق سەندىن بۈگۈن،
پىراقىڭدا قان يىغلىسام كۈندۈز ۋە تۈن.
زەرداپ تولغان يۈرەك قانداق بولار پۈتۈن؟
خەلق قوپاردى بۈگۈن سېنىڭ قىيامىتىڭنى.

تۇتتى ئەجەل كۆكتە ئەمەس، يەردە ئەمەس،
تۇمان-بۇلۇت ئارىسىدا يولۇقتى بەس.
جەسىتىڭنى تاپماقمۇ خوپ بولدىكى تەس،
يادلىغانسەن جان ئۈزەردە ۋىلايىتىڭنى؟!

يېشىڭ كىچىك ئىدى، لېكىن قەدرىڭ ئۇلۇغ،
ھەربىر ئىشقا پاراسىتىڭ ئىدى تولۇق.
كۈتكەنىدى خەلق سەندىن يورۇقچىلىق،
ئارمان بىلەن تاشلاپ كەتتىڭ سابائىتىڭنى.

ۋەدە بەرگەن خەلق سېنى ياقلايمىز، دەپ،
كۆز قارىسى كەبى سېنى ساقلايمىز، دەپ.
سىزىقىڭدا تارىخ بېتىن ئاقلايمىز، دەپ،
ئېلىپ كەتتىڭ ئۆزۈڭ بىلەن شاپائىتىڭنى.

باقالمىدىڭ نارىسىدە پەرزەنتىڭگە،
شېرىن كەبى يىغلاپ قالغان دىل بەندەڭگە.
ھاياتىڭنى بەخش قىلغان پەيۋەندەڭگە،
چۈشتە كۆرەر ئەمدى ئۇلار گۈل قامىتىڭنى.

گاھى بىھۇش، گاھى ھوشيار تۇققانلىرىڭ،
قاچان ئەستىن چىقار كۈلۈپ باققانلىرىڭ.
مۇھەببەتتىن پىستە، مېغىز چاققانلىرىڭ،
قەدىرلەيمىز ئەمدى سېنىڭ ئىمارىتىڭنى.

ھاياتىڭدا خەلق غېمىنى يىگەنىدىڭ،
خىتاپ قىلىپ «ئويغان خەلقىم!» دېگەنىدىڭ.
ھەر سۆزۈڭدە بىزگە ئىلھام بەرگەنىدىڭ،
ئەمدى بىلدۇق سېنىڭ ھەربىر ئىشارىتىڭنى.

سەن دۈشمەننىڭ ھىيلىسىنى پاش ئەيلىدىڭ،
ھەر كۈرەشتە كۆزلىرىنى ياش ئەيلىدىڭ.
بىرلىكسەپنىڭ ئۇلىنى گاڭ تاش ئەيلىدىڭ،
بىز ئۆگەندۇق سېنىڭ تۇتقان سىياسىتىڭنى.

ھەممىگە تەڭ كەلدى بۈگۈن دەرد بىلەن غەم،
چارە يوقتۇر باشقا چۈشتى ئېغىر ئەلەم.
تارىخىڭنى يازار ئەمدى ئالتۇن قەلەم،
ھۈرمەت بىلەن ساقلايمىز بىز ئامانىتىڭنى.

تېنىڭ كەتتى، لېكىن روھىڭ بىزگە يولداش،
ھەر سائەتتە، ھەر مىنۇتتا، ئىشتا قولداش.
مەيۈسلەنمە، سەن ئېلىڭدىن، ئەي ۋەتەنداش،
ھېچ بۇزالماس شەيتان سېنىڭ ئىمارىتىڭنى.

بوشقا كەتمەس بىزنى قىلغان تەربىيىتىڭ،
قۇلاقتا بار سېنىڭ قىلغان نەسىھىتىڭ.
ئورۇندىلار ئەلگە قىلغان ۋەسىيىتىڭ،
ئۆزۈڭ شۇنداق ئۆگەتكەنىدىڭ جامائىتىڭنى.

قانمىغانىدى خەلق سېنىڭ جامالىڭغا،
تەشنا ئىدى يەنە كۆپلەر نىھالىڭغا.
يەتكۇزمىدى پەلەك سېنى كامالىڭغا،
ئاڭلاش ئۈچۈن مۇشتاق ئىدۇق پاساھىتىڭنى.

ئەي، نىمشىھىت، دۇنيادا ھېچ كامال بارمۇ؟
مەرسىيەدىن ئۆزگە ئىشقا ماجال بارمۇ؟
سەبىر دېمەي بۇ قىسمەتكە ئامال بارمۇ؟
قەدىردانغا يوللا بۈگۈن ۋەكالىتىڭنى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top