تارىخمىزدىكى «ئاجايىپ» شەخسلەر
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
1-تاڭ سۇلالىسىنىڭ ساداقەتمەن سانغۇنى ئاشىنا شىر
ئاشىنا شىر كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ باتۇر شاھزادىسى ئىدى. كۆكتۈرك خانلىقى مىلادى 583-يىلى غەربىي تۈرك خانلىقى ۋە شەرقىي تۈرك خانلىقى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەندىن كېيىن، مىلادى 626-يىلى شەرقىي تۈرك خانلىقى تەۋەسىدىكى 15 كە يېقىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلەر بىرلىشىپ شەرقىي تۈرك خانلىقىغا قارشى ئىسىيان كۆتۈردى. دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە شەرقىي تۈركلەر خاقانى قارا خاقان بۇ ئىسياننى باستۇرۇش ئۈچۈن ئاشىنا شىر بىلەن ئۆز ئوغلى يوغۇق شاد باشچىلىقىدا 100 مىڭ كىشلىك قوشۇننى ماڭدۇردى. ئاشىنا شىر ئۇيغۇرلارنىڭ باتۇر سەركەردىسى — بوسات تېكىن تەرپىدىن قاتتىق مەغلۇپ بولدى. مىلادى 629-يىللىرى ئاشىنا شىر يەنە بىر قېتىم بوسات تېكىن تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ھازىرقى جىمسار ئەتىراپىغا كېلىۋالدى. شۇ يىلى شەرقىي تۈركلەر خانلىقى يېمىرىلگەندىن كېيىن غەربىي تۈركلەر ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدىمۇ ئىچكىي ماجرا يۈز بېرىدۇ. پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئەقىللىق ئاشىنا شىر غەربىي تۈركلەر تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ غەربىي تۈركلەر زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ ئۆزىنى دۇب خاقان (都布可汗) دەپ جاكارلىغان. دەل شۇ پەيتتە شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىنى سىرتاردۇشلار خانلىقى (مىلادى 628~646-يىللار) ئىگىلىگەن. غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىنى ئىگىلەپ ئۆزىنى ئازراق كۈچلەندۈرگەن ئاشىنا شىر شەرقىي تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان سىرتاردۇشلار خانلىقىنى ئىگىلەپ شەرقىي تۈرك خانلىقىنى قايتا تىكلىمەكچى بولىدۇ. ئەمما بۇ قېتىممۇ قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنىدۇ.
تۈركلەرگىمۇ، سىرتاردۇشلارغىمۇ ۋە باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىگىمۇ قاتتىق نارازى بولغان ئاشىنا شىر مىلادى 635-يىلى تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت قىلىدۇ. ئۇ تاڭ تەيزوڭنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ سولقانات باقاۋۇللار ئۇلۇغ سانغۇنى (左卫大将军) دېگەن مەنسەپكە تەيىنلىنىپ خاننىڭ سىڭلىسى نەنياڭ مەلىكە (南阳公主) گە ئۆيلىنىدۇ، ئاشىنا شىرمۇ تاڭ تەيزوڭغا ناھايىتى ساداقەتمەن بولۇپ خاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ.
مىلادى 637-يىلى تاڭ سۇلالىسى شەرقتە باش كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىدىكى سىرتاردۇشلار خانلىقىنىڭ، شەرقىي-جەنۇبتا تىبەت خانلىقىنىڭ، غەربتە غەربىي تۈركلەر ۋە غەربتىكى ئۇيغۇر خانلىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا تاڭ تەيزۇڭ «ياتلارنىڭ قولى بىلەن ياتلارنى يوقىتىش ئەڭ ئۈنۈملۈك چارە» دىگەن ئەنئەنىگە ئاساسەن، غەربىي تۈركلەرنى ئاشىنا شىر ئارقىلىق يوقىتىش قارارىغا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاشنا شىرنى غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى قوشۇنلارنىڭ باش سانغۇنى قىلىپ تەيىنلەپ 40 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن غەربكە يۈرۈشكە يولغا سالىدۇ. ئاشىنا شىر ئالدى بىلەن قۇچۇ خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغاندا قۇچۇ خانلىقىنىڭ خانى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ. بۇ قېتىم ئاشنا شىر توسالغۇسىزلا ئىدىقۇتنى ئالىدۇ ھەمدە قېينىئاكىسى تاڭتەيزۇڭغا بۇ خوشخەۋەرنى يەتكۈزىدۇ. ئاشىنا شىر چىڭخەيدىكى تۇيغۇنلارنى، ئاندىن قومۇلنى، قۇچۇنى بىرلا ۋاقىتتا ئالغاندىن كېيىن، غەربىي تۈركلەر جىددىي تەدبىر قوللىنىپ كۆسەنگە بولغان كونتۇرۇللۇقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن، ھەتتا كىنگىت (ھازىرقى قارا شەھەر) خانىنىڭ قىزلىرىغا غەربىي تۈرك يابغۇسى چۇلى ئاكا-ئۇكىلار ئۆيلىنىپ قۇدىلاشقان. مىلادى 644-يىلى ئاشىنا شىر 40 مىڭ كىشلىك قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كىنگىتكە ھۇجۇم قىلىپ ئۆزئارا ئۇرىشىۋاتقاندا غەربىي تۈركلەر بىلەن كۆسەن خانلىقى ئاشىنا شىرغا قارشى زور قوشۇن چىىقىرىپ، كىنگىتنى ماددى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. يەنە كېلىپ ئاشىنا شىر قوشۇنلىرىنىڭ يولىنى توسۇپ ئۇنى چېكىندۈرگەن. مىلادى 648-يىلغا كەلگەندە تاڭ تەيزۇڭ كۆسەنگە ئىككىنچى قېتىم ئاشىنا شىر قوماندانلىقىدىكى 100مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن يۈرۈش قىلىدۇ. ئاشىنا شىر بۇ قېتىم كۆسەن خانلىقى بىلەن غەربىي تۈركلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۈزىۋېتىش ئۈچۈن، بىر يۆلىنىش قوشۇننى كۆسەننىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلدۇرغان. دەل ھالقىلىق پەيتتە غەربىي تۈركلەرنىڭ يابغۇسى قۇلۇبۇ بىلەن شىخۇي تۈركلەرگە ئۆزلىكىدىن تەۋەلىك بىلدۈرۈپ تاڭ قوشۇنلىرىغا يول باشلىغۇچى بولغان. شۇنداق ئەۋزەل شارائىتتا ئاشىنا شىر بىرقانچە قېتىم ئېلىشىش ئارقىلىق كۆسەن قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلغان. كۆسەن خانى خېلىبوسبى ۋە باش سانغۇنى جالالىدىن قاتارلىقلارنى تىرىك ئەسىر ئالغان. كۆسەن ۋەزىرى نالى كېچىدە قېچىپ كېتىپ غەربىي تۈركلەر تەرەپكە بېرىپ ياردەم سوراپ ھەمدە قالدۇق كۆسەن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، كۆسەن شەھىرىنى ساقلاشقا قالغان گوشىيۋلۇ ئاتا-بالا ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆسەن شەھىرىنى ئىگىلىۋالغان. بۇنى ئاڭلىغان ئاشىنا شىر كۆسەنگە قايتا يۈرۈش قىلغان. بۇ ۋاقىتتا نالىنى كۆسەنلىكلەر ئۆزلىرى تىرىك تۇتۇپ ئاشىنا شىرغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئاشىنا شىر ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ بەش چوڭ شەھەرنى ۋە 70 نەچچە كىچىك شەھەرنى تاڭ سۇلالىسىگە قارام قىلىپ بەرگەن.
ئاشىنا شىرنىڭ ھاياتى كېچە-كۈندۈز تاڭ سۇلالىسى ئۈچۈن قان كېچىپ جەڭ قىلىش، تاڭ ھۆكۈمىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، تاڭ سۇلالىسىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش، چېگرا رايۇنلىرىنى تىنىچلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇلۇغ تارىخى ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش بىلەن ئۆتكەن ھايات. مىلادى 655-يىلى ئاشنا شىر پايتەخت چاڭئەندە كېسەل بىلەن ۋاپات بولغاندا تاڭ گاۋزۇڭ ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ جەسىدىنى ۋاڭلىڭ قەبرىستانلىقىغا قويۇپ، قەبرىسى ئۈستىگە ئابىدە تىكلىگەن. ①
2- قىرغىزلارغا تۆھپە كۆرسەتكەن ئۇيغۇر سانغۇن كۇلۇگ باغا
مىلادى 839-يىلى ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىدا ئىچكى جەھەتتىن نىزا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدە يۈز بەرگەن جۇدۇن ئاپىتىدە ئات-ئۇلاغلار، مال-چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ ۋابا كېسىلى تارقىلىپ، خانلىق قىيىن ئەھۋالدا قالغان پەيتتە ئۇيغۇر سانغۇنى كۇلۇگ باغا خاككاسلار (قىرغىزلار) تەرەپكە بېرىپ ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان خاككاسلارنىڭ 100 مىڭ كىشلىك قوشۇنى كېلىپ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارگاھى قارا بالغاسۇننى ئىشخال قىلىدۇ. ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولۇپ بىرقانچە بۆلەككە بۆلىنىپ ھەر تەرەپكە كۆچۈشكە باشلايدۇ.
3- موڭغۇللارغا يېلىنغان قورچاق پادىشاھ ئاپپاق غوجا
ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا ئىشان بولۇپ ، مىلادىيە 1626-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 -يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن. ئانىسى زۇلەيخا بىكىم ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىن قۇمۇلغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەشكىرەملىك مىرسەئىد جىلىل دىگەن كىشىنىڭ قىزى بولىدۇ. ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638-يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دادىسىدىن رەسمىي سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان. 1667-يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ يەكەندە «ئىسھاقىيە» مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كىيىن، ئاپپاق غۇجا ئۈزلىكسىز مۇرت كۆپەيتىش، كۈچ توپلاش ۋە تەسىر دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىننىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ، ھاكىميەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678-يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنى باشلاپ كېلىپ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ، تارىختا 165 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە خانلىقىنى بەربات قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى .
ئاپپاق غوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋردە، ئىلگىر كىيىن بولۇپ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى. بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى. ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قېتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى.
ئاپپاق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ، غالچا يىگىت ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى. ئۇ يەنە، خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ، مەسچت-مەدرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرتتى. قۇرئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخىي قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى. بۇنىڭغا نارازى بولغان، قارشى چىققان شەرىئەت پىشىۋالىرىنى، دىنني ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى.②
ئاپپاق غوجا مىلادىيە 1693-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ بېشىدىكى بىر پەيشەنبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى. بىر كېچە-كۈندۇزدە يەكەندىن قەشقەرگە ئېلىپ كېلىنىپ، ھازىرقى ھەزرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان «مازارى شاھان» غا ئاپىرىپ دادىسىنىڭ ئايىغىغا دەپنە قىلىندى .
4- تۈن بالىسى نىياز ھېكىم بەگ
پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ياتلارنى تازىلاپ، مۇناپىق خوجىلارنىڭ خەلقىمىزگە سالغان زۇلۇم -سىتەملىرىدىن جاق تويۇپ، نەپەسمۇ ئالالماس ھالەتكە كېلىپ قالغان ئاۋامنى قايتىدىن قەددىنى رۇسلاش ۋە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەل باغلىغان ياقۇپ بەگ (بەدەۋلەت) نى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن ساتقىن تۈن بالىسى نىياز ھېكىمبەگمۇ تارىخىمىزدىكى تالاي پاجىئەلەرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر. نىياز ھېكىمبەگ ئۆزىنى شۇنچە ئەتىۋارلىغان ياقۇپ بەگنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن «زوڭتۇڭ دارېن» نىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى ئېلىپ قېلىپ ئىشلىتىشنى، ھېچ بولمىسا «چەنتو» لارنىڭ يېرىدە پايدا يەتكۈزەلەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا «زوڭتۇڭ دارېن» مىيىقىدا كۈلۈپ، «ئۆز پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلغان كىشى ھامان بىزگىمۇ ئاسىيلىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئاپىرىپ تۇرمىگە تاشلاڭلار!» دەپ تۇرمىگە قامىغان. شۇندىن ئېتىبارەن نىياز ھېكىمبەگ زىنداندا سۇنىڭ ئورىنىدا ھاراق ئىچىشكە، ئوزۇقنىڭ ئورنىدا ئۆزىنىڭ تېنىدىن شىلىۋېلىنغان گۆشتىن قورۇلغان قورۇمىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان. شۇنداق قىلىپ 25كۈن بولدى دىگەندە ئۇنىڭ جېنى كۆپ يەرلىرىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان، زەي زىنداندا سېسىپ، يىرىڭلاپ، قۇرتلاپ، بەدبۇي ھىد تارقىتىۋاتقان ھالدا تېنىدىن جۇدا بولغان. ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى مەھبۇسلارغا بورىغا يۆگەتكۈزۈپ، كۈتەرتىپ يېڭىشەرنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى بارىن قەبرىستانلىقىغا ئېلىپ بېرىپ، شۇ پېتى كۆمدۈرىۋەتكەن ③.
5- ئابدۇقادىر داموللامنى قەتلى قىلغان ئەھمەد مەزىن
ئابدۇقادىر داموللام كېچىدە تەرەت ئالغىلى چىققاندا ئەھمەد مەزىن تەرپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرلىدۇ. ئەھمەت مەزىننىڭ ئابدۇقادىر داموللامنى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ھىندىستاندىكى ئوقۇشىنى تاشلاپ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ دېلۇنى ئادىل بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، قەشقەردىكى ئەمەلدارلار (ئۆمەربەگ بىلەن زۇنۇن پاششاپلار) شەھەر كاتتىسى تەرپىدىن سۈڭگۈتۈلگەن ئالتۇن يامبۇنىڭ كۈچى بىلەن بۇ سىرنى ئاشكارلىماسلىققا ۋەدە بېرىدۇ. ئەھمەت مەزىننىڭ ئۆزىگىمۇ بارلىق جىنايەتلىرىدىن تېنىش كىرەكلىگى، شۇندىلا ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن خالاس بولىدىغانلىقى ئالاھىدە جىكىلىنىدۇ. لېكىن توختىماي قىلىنغان بۇ دەۋادىن زېرىككەن شەھەر كاتتىلىرى ئەھمەت مەزىننى تۆمۈر قەپەزگە سولاپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرىۋېتىدۇ. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇلئەزىز مەخسۇم ئىز قوغلىشىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئەرز سۇنىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئەھمەت مەزىننى ئېتىپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ ئابدۇلئەزىز مەخسۇم بۇنىڭغا قوشۇلماي پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىلارنىمۇ جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قاتىل ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، لېكىن پەردە ئارقىسىدىكىلەر يەنىلا ئاشكارلانمايدۇ. قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ تەلىپى ۋە ۋەدىسى بويىچە ئەھمەت مەزىن سولاقتىن بوشتىلىپ قويۇپ بىرىلىدۇ. بۇ قاتىل ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىكى كىشىلەرنىڭ تىل -ئاھانەت، دەشتناملىرىدىن بىر مىنۇتمۇ ئارام تاپالماي، ياقا يۇرتلارغا قېچىپ بېرىپ جان باقىدۇ. روھىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە يېگەن مەزىن ئاقىۋەتتە ئېلىشىپ قېلىپ شۇ دەرىجىگە يېتىدۇكى، ھەتتا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىيىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە ئەنە شۇنداق ساراڭلىقتا بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆلىدۇ.
1924-يىلى ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﯩﺘﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ئۇنىڭ شاگىرتى ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯلىشىدۇ.
6-شېڭ شىسەيگە ساداقىتىنى بىلدۈرگەن شاپتۇل داموللام
ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﭘﻪﻳﺰﺍﯞﺍﺕ ﺷﺎﭘﺘﯘﻟﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﯞﻩﺳﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ، ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﭘﺎﺷﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺷﯩﺠﺎﯕﻨﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﻣﺎ ﺟﻪﻧﺴﺎﯓ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ. ﺋﯘ 1934-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﮬﻪﻡ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. 1935-ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﻟﻜﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ «ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﯞﺍﻡ ﻛﻮﻧﻔېرانسىيىسى» ﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ. ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺨﻼﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﮬﻪﻡ شېڭ شىسەينىڭ « ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ» ﻧﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ .
1936-ﻳﯩﻠﻰ 5-ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﯞﺍﻟﯩﺴﻰ ﯞﺍﯓ ﺑﺎﯞﭼﻪﻧﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، «ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ئېكىسكۇرسىيە ﯞﻩ ﺯﯨﻴاﺭﻩﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮﺩﺍ-ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎنلىقىنى، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮىشى ﻻﺯىملىقى» نى ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟىۋاتقانلىقىنى ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﺷﯩﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، 5-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 12-ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﯘﺭ ﺷﺎﭘﺘﯘﻝ ﺩﺍﻣﻮﻟﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻪﯓ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﮔﯜﺯﯛﯞﻩﺗﻜﻪﻥ.
7- ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى چاققان شېڭ سىسەينىڭ سادىق غالچىسى روزى موللام
1933 – يىلى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلاڭچىلىرىدىن ئەجەللىك زەربە يەپ، ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېلىۋاتقان شېڭ شىسەي تۇرپانغا كەلگەندە، روزى موللام شېڭ شىسەيگە غالچىلىق قىلىپ، ئېشەك مىنىپ ئالدىغا بېرىپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى «دېھقانلار قوزغىلىڭىزنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى» دەپ چاقىدۇ. شېڭ شىسەي بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13 -كۈنى سەپداشلىرى بىلەن بىللە باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ.
8- لۇتپۇللا مۇتەللىپنى چاققان گومىنداڭچى ھېكىم نۇر
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ جاسۇسلۇق بۆلۈمىدىن مۇتەللىپنى كۈزىتىدىغان ئادەملەر ئاللىبۇرۇن تەشكىللەنگەن. شۇ چاغدا ئاقسۇ گېزىتخانىسىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنى تەكشۈرىدىغان «ئەپەندى»، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىدا «ياخشى»، «كاڭجيەن»، جەمئىيەتتە «گاڭبى» دىگەندەك مەخسۇس ئادەملەر بار ئىدى. ل.مۇتەللىپ قاتارلىقلارنى ئاشكارىلاپ قويغان ھېكىم نۇرنىڭ مەخپىي ئىسمى «گاڭبى» ئىدى. ھېكىم نۇر شۇ يىللاردىكى ساقچى ئەمەلدارى، ل.مۇتەللىپلەرنىڭ تەشكىلاتىغا سوقۇنۇپ كىرگەن ئىشپىيون ھەم مۇتەللىپنىڭ قاتىلى ئىدى.
ئىزاھلار:
① ئابلىز مۇھەممەت سايرامى،«سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىدە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخىي شەخسلەر» 65~71-بەتلەر، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999-يىل 7-ئاي.
② ئەخەت تۇردىنىڭ «بەخىتسىز سەئىدىيە» ناملىق كىتاۋىدىن ئېلىندى .
③ ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى يازغان «بەدەۋلەت-ئۆركەشلەپ ئاققان قايدۇ دەرياسى» ناملىق روماننىڭ 11-بابىدىن ئېلىندى.