You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » دانىشمەن

دانىشمەن

دانىشمەن

بىر زامانلاردا بىر دانىشمەن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ كىشى بىر كۈنى ئاتلىق كېتىۋاتقاندا، بىر ئالما دەرىخنىڭ سايىسىدا خورەك تارتىپ، ئاغزىنى ئېچىپ قاتتىق ئۇخلاپ ياتقان بىرەيلەننى كۆرۈپتۇ. شۇنداق سىنچىلاپ قارىسا بىر يىلان ئۇ كىشىنىڭ ئاغزىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە تەمشىلىۋاتقىدەك. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ئاتلىق دانىشمەن قاتتىق تەمتىرەپ كېتىپتۇ ۋە يىلاننى ھۈركۈتۈپ قاچۇرۇۋېتىش ئۈچۈن شۇنچىلىك ئالدىراپتۇ. ئەمما، مىڭ ئەپسۇس ئۈلگۈرەلمەپتۇ. يىلان ئادەمنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كېتىپتۇ. كۆز ئالدىدىلا يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەنى كۆرگەن دانىشمەن، دەرھال ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇ ئۇخلاپ ياتقان ئادەمنى ئويغىتىش ئۈچۈن، بىرنەچچە قېتىم ئارقا- ئارقىدىن ئادەمنى قاتتىق ئۇرۇپتۇ. بۇ دۇمبالاشتىن ئويغانغان ئادەم ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپتۇ.
بۇ يەردە شاختىن يەرگە چۈشكەن  بىر مۇنچە سېسىق ئالمىلار بار ئىكەن. دانىشمەن ئۇنىڭغا يەردىكى سېسىق ئالمىلارنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ :»بۇ ئالمىلارنى يە» دەپتۇ.
يىلاننى يۇتۇۋالغان ئادەم، بۇ تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇيرۇقنى ئاڭلاپ گاڭگىرىغان ھالدا دەپتۇ: «بېگىم، مەن ساڭا نېمە يامانلىك قىلدىم؟ مەندە نېمە ئۆچۈڭ بار؟ ھەقىقەتەن مەندە بىر ئۆچۈڭ بولسا، ئالدىڭدا بوينۇم قىلدىن ئىنچىكىدۇر. بوينۇمغا قىلىچىڭنى ئۇر، قېنىمنى تۆك»
ئەمما، دانىشمەنگە بۇ سۆزلەر كار قىلماپتۇ ۋە دانىشمەن سېسىق ئالمىلارنى ئۇنىڭغا مەجبۇر يېگۈزۈپتۇ. ئۇ ئادەم زارلىنىپ تۇرۇپ، ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن قورسىقى كۆپۈپ كەتكىچە ئۇ ئالمىلارنى يەپتۇ ۋە يەنە مۇنداق شىكايەت قىپتۇ: «سېنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان بۇ كۈنگە لەنەت بولسۇن. سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرمىگەن كىشى نېمە دېگەن بەختلىك _ ھە» !
مانا مۇشۇ سۆزلەرنى ئاچچىقىدا دەۋاتقاندا ئاغزىدىن قان تامچىپتۇ. بۇ ھالىنى كۆرگەن ئادەم قاتتىق قورقۇپ كېتىپ: «يا رەببىم! جازاسىنى سەن بەر!» دەپ ۋارقىراپتۇ ۋە ئاغزىغا كەلگەن يامان گەپلەر بىلەن دانىشمەننى ھاقارەتلەپتۇ. لېكىن دانىشمەن: «قېنى قاچ» دەپ ئۇ يىلان يۇتقان ئادەمنى يەنە ئۇرۇپتۇ. ئادەم تاياقنىڭ دەردىدىن بار كۈچى بىلەن شامالدەك تېز يۈگۈرۈپتۇ. دانىشمەن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلىق قوغلاپتۇ، ئادەم بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ قېچىپتۇ. ئادەم ھالسىراپ دۈم چۈشۈپتۇ. ئادەمنىڭ قورسىقى ھەددىدىن زىيادە تويۇپ كەتكەننى ئاز دەپ، يەنە ئىنتايىن ھېرىپ كېتىپتۇ. تولا يىقىلىپ يۈز كۆزى يارا، ئۈستى-بېشى توپىغا مىلىنىپ كېتىپتۇ. ئەمما، ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان دانىشمەننىڭ تايىقىدىن قورقۇپ يىقىلىپ-قوپۇپ يۈگۈرۈپتۇ. ئاخىرى كۆڭلى ئېلىشىپ قاتتىق ھۆ…قىلىپ قۇسۇپتۇ. يېگەن بارلىق نەرسىنى ياندۇرۇپتۇ ۋە يىلانمۇ تەڭ يەرگە چۈشۈپتۇ. يەردىكى يىلاننى كۆرگەن ئادەم بىر تەرەپتىن قاتتىق قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەيران بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپتۇ. بۇ چاغدا بېشىدا تەبەسسۇم جىلۋىسىگە تولغان نۇرلۇق يۈز بىلەن قاراپ تۇرغان دانىشمەننى كۆرۈپتۇ ۋە ئىشنىڭ ماھىيىتىنى ئاندىن بىلىپتۇ. بۇ بالادىن قۇتۇلغان ئادەم دەرھال ھوشىنى يىغىپ ئۆزىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزغان دانىشمەنگە سەجدە قىپتۇ. ھەم يەردىكى قاپقارا يىرگىنىشلىك يىلاننى كۆرۈپ، تارتقان پۈتۈن ئازابلىرىنى بىردىنلا ئۇنتۇپ كېتىپتۇ. ئاندىن دانىشمەنگە ئۆز تەشەككۈرنى مۇنداق بايان قىپتۇ:
«سەن بىر پەرىشتە ئىكەنسەن! سېنىڭ بىلەن ئۇچراشقان بۇ كۈن مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ بەختىيار كۈنلەرنىڭ بىرىدۇر. سەن مېنى كۆرۈپ، ئۆلۈمدىن قۇتقۇزدۇڭ. ماڭا يېڭى بىر ھايات بەخش ئەتتىڭ. سەن مېنى ئانامدەك ئىزدىگەندە، مەن سەندىن ئېشەكتەك قاچقان ئىدىم. سېنىڭ بۇ مۇبارەك جامالىڭنى كۆرگەن كىشى نېمە دېگەن بەختلىك _ ھە! سەن بىلەن ھەر ۋاقىت بىللە بولغان كىشى نېمە دېگەن بەختلىك!»
_ ئەگەر سەن ماڭا باشتا بۇ ئەھۋالنى دېگەن بولساڭ، سېنى ھاقارەت قىلماستىم. ئەمما، سەن ھېچ بىر سۆز قىلمايلا ئۇرۇپ كەتتىڭ. باشلىرىم ئاغرىپ، ئىششىپ كەتتى. ئەقلىمنى يوقاتتىم. تا ھازىرغىچە بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ. ئەي يۈزىمۇ، ئىشىمۇ گۈزەل ئادەم. كەچۈرگىن مېنى. ساراڭلىق قىلىپ دېگەن گەپلىرىم ئۈچۈن مېنى ئەپۇ قىل.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئاتلىق دانىشمەن دەپتۇ:
_ئەگەر مەن بۇ ئەھۋالنى ساڭا دېگەن بولسام، سەن قورققىنىڭدىن يۈرىكىڭ يېرىلىپ ئۆلەتتىڭ. «قوسۇقۇڭدا يىلان بار» دېگەن بولسام، قورققىنىڭدىن يۈرىكىڭ يېرىلىپ كېتەتتى. ئەگەر سەن ئىچىڭدىكى يىلاننى بىلگەن بولساڭ، يا ئالمىنى يېگۈدەك مادارىڭ بولمايتتى ياكى يۈگۈرگىدەك ھالىڭ.
سەن مېنى تىللىدىڭ. مەن ھېچ نېمە دېمەي، پەقەت ئېتىمغا مىنىپ «يا رەببىم، سەن مېنىڭ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇر»_ دېدىم.
شۇنداق قىلىپ جان قۇتقۇزغان دانىشمەن يەنە ئېتىنى مىنىپ يولىغا راۋان بوپتۇ.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

ئەقىللىقلەرنىڭ دۈشمەنلىكىمۇ ئىنسانغا ھاياتلىق بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ زەھىرىمۇ جانغا شىپا.
ئەخمەقنىڭ دوستلۇقى ئىنسانغا زىيان بېرىدۇ. ئىنساننى ھالاكەتكە باشلايدۇ.
نەپسىڭنى پەسلىتىپ، ئەقلىڭنى ئۆرلەت!
بۇ شۇم نەپسىڭنى ئەقىلنىڭ تارازىسىدا تارت. بولمىسا ئېشەكتەك دائىم يەم قايغۇسىدا بولىسەن.
ئەقىل ئۈستۈن بولسا  نەپسىڭ ئاجىزلايدۇ. ئېغىر يۈك ئېشەكنى ھالسىز قىلىدۇ. ئەي ئېشەك سۈپەتلىك ئىنسان! ئەقلىڭنىڭ كەملىكىدىن بۇ قوتۇر ئېشەك ئەجدىھا بولدى.
سەن نۇر باغچىسىدىكى قۇياشتەك بول.
ئارچا دەرىخىنى ئوت بىلەن سىنىماقچى بولساڭ، جاھان ئەندىشە ئىچىدە قالىدۇ.
ئەقىللىق كىشىنىڭ جاپاسى، ناداننىڭ ۋاپاسىدىن ياخشىدۇر.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top