ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىللىرى تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىللىرى تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

UA-Sempozyumu1[1]

2011 -يىلى 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئۇيغۇر دوكتور ۋە ماگېستىر ئوقوغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىدىكى ئۇيغۇر پەن – مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى تېمىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلدى.يىغىن يەكشەنبە ئەتىگەن سائەت 10:00 دا  مەركىزى ئىستانبۇل فاتىھ رايۇنىغا جايلاشقان ئىنساني ياردەم فوندىنىڭ يىغىن زالىدا دەل ۋاقتىدا باشلاندى. يىغىنغا ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان ھەر قايسى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئوقوغۇچىلار، جەمئىيەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلار ۋە تۈركىيەدە  ئۆسۈپ يىتىلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن تەركىپ تاپقان 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى.

Mustafa-Aksu-we-Munewwer-Omer[1]يىغىن رىياسەتچىللىرى مۇستاپا ئاقسۇ ۋە مۇنەۋۋەر ئۆمەرنىڭ  يىغىن  باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرىشى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ئاساسي قانۇنى بويىنچە تۈركىيە دۆلەت مارشى – ئستىقلال مارشى ئوقۇلدى. جاراڭلىق ئوقۇلغان ئىستىقلال مارشى جەڭگىۋار ئۇدارى بىلەن ھەممەيلەننىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

SANYO DIGITAL CAMERAئارقىدىن، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى قەدىمكىي تۈرك تىلى ئەدەبىياتى ماگېستىر ئوقوغۇچىسى ھېيىت قارىنىڭ مۇڭلۇڭ  قۇرئان تىلاۋىتى  ۋە يىغىننىڭ مۇۋەپپىەقىيەتلىك بولۇشى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئىشلىرىنىڭ راۋان بولۇپ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يېتىشى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلىگەن پاساھەتلىك دۇئالىرىىدىن كىيىن  ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى رەئىس ۋەكىلى ئابدۇلھەمىد قاراخان  ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.Abdulhamit-Karahan1[1]ئابدۇلھەمىد ئەپەندى ئۆز سۆزىدە بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاكادېمىك سەۋىيەدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئوقوغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ كېينىكىلەرگە ئۈلگە بولۇش، ياش  ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقوغۇچىللىرىنىڭ ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كېيىنكى ئاكادېمىك ۋە خىزمەت ھاياتىغا ئۇل سېلىش ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى كۈندىن- كۈنگە تارىيىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ زاماننىڭ كەينىدە قالمىغانلىقى، دۇنيادىكى ئىلغار تىللارغا ئوخشاشلا يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىلىم ساھەسىدىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا قوللانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش جەھەتتىكى ئەھمىيەتلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن رىياسەتچى مۇستاپا ئاقسۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى، ئامىرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (ناسا) ئالىي ئوپتىك ئېنژىرى دوكتورئەركىن سىدىق،  ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى پېروففىسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنۋېرسىتىتى ئۆپكە كىسەللىكلىرى تەتقىقاتچىسى مەمەت ئىمىن، ئامىرىكىدىن ئۇيغۇر تارىخ پەنلەر دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن، ياپۇنيەدىن ئۇيغۇر كومپېيوتېر مۇتەخەسىسى غەيرەت توختى كەنجى، جەمىئىيەتشۇناس دوكتور ئاسپرانت  تاش مۇھەممەد ۋە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇر دوكتور ئوقۇغۇچىللىرىدىن گىرمانىيە ئولىم ئۇنۋېرسىتىتى نانو تېخنىكىسى كەسپىدىكى دوكتور ئاسپرانت قۇربانجان بارات قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئەزالىرىنىڭ چىن يۈرەكتىن ئېيتقان سالامى ۋە يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشى ھەققىدىكى گۈزەل تىلەكلىرىنى يىغىن ئەھلىگە يەتكۈزدى. ئوخشاش ۋاقىتتا رىياسەتچى يىغىنغا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن قاتنىشالماي قالغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى  رەئىسى پىروففىسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەتنىڭ تەبرىكنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى، تۆۋەندە تەبرىكنامىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

Dr.Erkin-Sidick1[1]تەبرىك خېتى

ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى، مېھمانلار، دوستلار، ئۇكىلار ۋە سىڭىللار:

بۈگۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۈچۈن يەنە بىر ناھايىتى خوشاللىنارلىق كۈن، يەنە بىر ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كۈن بولدى. ئۆزىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل توشقان، بىر ئىنتايىن ياش ئۇيغۇر جەمىئىيىتى بولىشىغا قارىماي، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۈگۈن ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئاچتى. گەرچە بۇ يىغىنغا مەن ئۆزەم كېلىپ قاتنىشالمىغان بولساممۇ، مۇشۇ خېتىم ئارقىلىق مەن ھەممىڭلەرگە، يەنى مەزكۇر يىغىننىڭ غەبىلىك ئېچىلىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا سىلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن – مۇبارەك بولسۇن!

بىر مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا، تەبىئى-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنجىنىرلىق ۋە ماتىماتىكا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلار تەرەققىي تاپقان باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ تۆت ساھەدە تېخىچە بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى بۇ تۆت ساھەدە كۈچلەندۈرۈپ، مىللىي ساپانى ئۆستۈرۈشتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى، مۇشۇ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ياشلار، شۇنداقلا ۋەتەندىكى ۋە چەت ئەللەردىكى پەننى سۆيۈدىغان، ئىلىم-پەننىڭ يوقۇرى پەللىسىگە چىقىش يولىدا توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان ياشلارنىڭ ھەممىسى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. مەن ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرنىڭ مىللىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش يولىدىكى مۇقەددەس ۋەزىپىسى ۋە تارىخىي بۇرچىنى ھەر زامان ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئى-پەن، تېخنولوگىيە، ئىنجىنىرلىق ۋە ماتىماتىكا ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

مۇشۇ يىغىنغا قاتناشقان ياشلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر تۈركۈم ئوت يۈرەك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاكادەمىيىسى ھازىر يالغۇز چەتئەلدىكى ئوقۇغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىرگە ئېرىشىپلا قالماستىن، ۋەتەندىكىلەرنىڭ قەلبىدىمۇ بارغانسېرى چوڭقۇر ئورۇن ئېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىر ئىسپاتى سۈپىتىدە، مەن بۇ تەبرىك خېتىمنى ۋەتەندىكى تور ئىسمى «سالامدىل» دەپ ئاتىلىدىغان بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىگە يېزىپ قالدۇرغان مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

نەقىل:

ئەسسالام، مىللەت ئوغلانلىرى، ئامانمۇسىلەر؟

ئۇلۇغ ئاللا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا بىرلىك، مۇھەببەت ، بىلىم ئاتا قىلغاي.

بىزنىڭ ئائىلىدىكى بەشىمىز ئىشلىرىڭلارنى ئاڭلاپ، كۆرۇپ، ھېس قىلىپ، ئالەمچە خوشال بولدۇق. بۇلۇپمۇ ئاپام ئىسسىق كۆز يېشى قىلدى. سىلەرگە ئاللا يولىدا دۇئا تىلەيمىز.

ئاللا بىزگە، قېرىنداشلىق مېھرىنى ئايىماي بەرگەي.

يېقىندا ھەدەم بىلەن ئىنىم چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى. سىلەرنىڭ تەسىرىڭلار بۇ ئىشلاردا خېلى چوڭ، دەپ قارايمىز. سىلەرنىڭ يوللاردىكى چىراق، دېڭىزدىكى ماياك، تۇرمۇشىمىزدىكى كومپاس بۇلۇپ، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلغان ئىش-ئىزلىرىڭلار تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغۇسى.

تېخىمۇ تەرەققىيات تىلەپ، بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكى بارىلىق ئەزالاردىن سىلەرگە بەرىكەت تىلەيمىز.

ئامىرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتى، لوس ئانجىلىس شەھىرىدىن ئەركىن سىدىق
(ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخىرى رەئىسى، ئامىرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ناسا ئالىي ئوپتىك ئېنژىنىرى)

Prof.Dr_.Alimjan-Inayet1[1]تەبرىك

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قىممەتلىك ئەزالىرى، مۆھتەرەم مىھمانلار، ئەزىز قېرىنداشلار!
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان “ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى” تىمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى سىلەر بىلەن بىرگە بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن ھەممىڭلاردىن ئەپۇ سورايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىشتىراكىڭلار ئارقىلىق بۇ پائالىيەتنى قوللاپ بەرگىنىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن، بۇ ئىلمىي پائالىيەتنى تەرتىپلەشتە پىداكارلىق بىلەن غەيرەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئابدۇلھەمىد قاراخان باشلىق رەھبەرلىرىگە ۋە ئەزالىرىغا، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىلمىي دوكلاتلىرى ئارقىلىق قىممەتلىك تۆھپە قوشقان ياش ئىلمىي خادىملىرىمىزغا چەكسىز رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە مۇھەببىتىمنى، سەمىمى سالىمىمنى يوللايمەن.
ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يالغۇزلا ئۇيغۇر ئاكادىمىكلىرى، تەتقىقاچىلىرى ۋە ئىلمىي خادىملىرىنىڭ سورۇنى بۇلۇپلا قالماي، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، كەلگۈسىنىڭ ئاكادىمىكلىرى، ئىلىم ئادەملىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ سورۇنۇدۇر. بۇ سورۇن ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار جەم بولىدىغان، ئىلمىي پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ۋە تەربىيىلىنىدىغان بىر مەكتەپتۇر. بۇ مەكتەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاكادېمىكلىرىنى، ئالىملىرىنى، ئىلمىي خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۈگۈنكى پائالىيەت مانا مۇشۇ ئالىي مەقسەت بىلەن تاشلانغان تۇنجى قەدەملەرنىڭ بىرى بولۇپ ھەساپلىنىدۇ. بۇ خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېلىپ بارماقچىمىز. بۇ پائالىيەتلەر دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇتۇشى، جەمىئىيىتىمىزگە تەقدىم قىلىشى ئۈچۈن ئىمكان ۋە شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. دوكتور ۋە ماگىستىر ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇ پائالىيەتلەر جەريانىدا ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئىلمىي خادىملارغا خاس ئىلمىي ئۇسۇل ۋە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن كۆپچىلىككە سۇنۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك ئىلمىي تەنقىت ۋە كۆز-قاراشلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىش ۋە تولۇقلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۇلاردىن ئىلھام ۋە ئۆرنەك ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ.
مەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا، مىھمانلىرىمىزغا ۋە ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا قايتىدىن مىننەتدارلىق بىلدرۈرىمەن ۋە ئىلمىي دوكلات بەرگۈچى ئۈمىتلىك ياشلىرىمىزغا مۇۋەپپقىيەتلەر تىلەيمەن، بۇ پائالىيەتنىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن خەيىرلىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن
پروففىسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى، ئەگە ئونۋېرسىتىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستوتى ئوقۇتقۇچىسى
06. 02. 2011

ئالاھەزەل ئارا سائەتلىك دەسلەپكى مەزمۇنلاردىن كېيىن بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن تۆۋەندىكى ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز تەتقىقاتىدىن نۇتۇق سۆزلىدى.
1. يۇلتۇز تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى تۈركولوگىيە كەسپى دوكتور ئوقوغۇچىسى زەمىرە ئەخمەت « قەدىمكى ئۇيغۇرچە- خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دىگەن تېمىدىكى لېكسىيەسىنى يىغىن ئەھلىگە سۇندى.

Zemire-Ehmed[1]زەمىرە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى مابەينىدە ئۆزىنى يوقاتماي مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالغانلىقى ۋە ھازىرقىدەك يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغانلىقىنى باياۋان قۇملۇقتىكى توغراققا تەمسىل قىلىپ، جانلىق بۇ ئوخشىتىش بىلەن لېكسىيىسىنى باشلىدى. لېكسىيە ئۇيغۇر قەدىمىي تىلى توغرىسىدا كەڭ مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمقىي ئۇيغۇر تىلى، خاقانىيە ئۇيغۇر تىلى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق تارىخى باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى ۋە قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆكتۈرك يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، سوغۇت يېزىقى، مانى يېزىقى، بىراھمان يېزىقى قاتارلىق يېزىقلارنى قوللانغانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. لېكسىيىدە يەنى ئۇيغۇر قەدىمكى يېزىقلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتى بولغان بىلگە خاقان ئابىدىلىرى، كۆل تېكىن ئابىدىلىرى، تۇنيۇقۇق ئابىدىسى قاتارلىق تارىخى ماتېرىياللار ئاڭلىغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇلۇپ، بۇ ئابىدىلەرنىڭ ئۈستىگە ئويۇلغان تىل يېزىقنىڭ ئەھمىيىتى، تىلنىڭ ساپلىقى ۋە مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى ئاساس قىلغان ئەجداد ھېكمەتلىرى چۈشەندۈرۈلدى. لېكسىيەدىن نۇرغۇن بىلىم ئىگەللىۋالغان يىغىن ئەھلى بەس – بەستە سۇئال سوراپ، كەيپىياتنى بىر پەللە يۇقىرىغا كۆتۈردى.

Memtimin-Ataman[1]بىرىنجى قېتىملىق لېكسىيەدىن كېيىن، ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ماگېستىرى مەمتىمىن ئاتامان دېكتورلارغا خاس سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئايرىلمىغىل» دىگەن شېئىرىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.

 

ئايرىلمىغىل

ھىممىتىڭدىن غەيرىتىڭدىن ئۆل لېكىن ئايرىلمىغىل،
ھەقلىقىن بىلگەن يولۇڭدىن جاننى بەر قايرىلمىغىل.
مانىئىڭ كۆپ بولسىمۇ قورقماي ئۈزۈپ ئالدىڭغا باس،
تاغۇ – تاش، دەريا، ئۇلۇغ سۆزلەرگە سەن تاڭ قالمىغىل.

ئات ئۆزۈڭنى بەشرىگە، يا غەرق بول يا تاپ گۆھەر،
شىر نە يولۋاس كەبى باسقان ئىزىڭدىن يانمىغىل،
تۆت تەرەپ ياۋ ھۇۋلىشىپ، سەككىز تەرەپ تىغ تەڭلىسە،
ئېلىشىپ قانغا بويال، نۇمۇسنى ھەرگىز ساتمىغىل.

كىمكى ھەق يولغا قەدەم قويسا ئۇتۇق مۇتلەق شۇنىڭ،
بۇ نىچۈك بولغاي كېيىن دەپ يوق خىيالغا پاتمىغىل.
ئابدۇخالىقنىڭ سۆزى دەپ ئىتىبار قىلماي قېلىپ،
ئۇشبۇ ۋىجداننى كېيىن پۈتمەس ئازاپقا سالمىغىل.

 

2. ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى بازار ئىلمىي كەسپى ماگېستىر ئوقوغۇچىسى زۇلپىقار ئەنۋەر ئۆز كەسپىدىن «بازار ئىلمىي ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

Zulpikar-Enwer[1]

زۇلپىقار لېكسىيىنى قىزىقارلىق بىر ھېكايە بىلەن باشلاپ، ئاڭلىغۇچىلارنى قىزىقارلىق، ئەركىن ئازادە بىر مۇھىتقا باشلاپ كىردى. لېكسىيە كارخانا ۋە شىركەتنىڭ پەرقىنى چۈشەندۈرۈشتىن باشلاپ، بازار ئىلمىنىڭ بازار تەكشۈرۈش، ئىستىمالچىلار ئانالىزى، سېتىش پىلانى، ئېلان ۋە مالنى بازارغا سۇنۇشتىن تارتىپ بازار ئىلمىنىڭ ئىنچىكە مەزمۇنلىرىغىچە جانلىق، يۇمۇرىستىك مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى ئۆزىگە قاتتىق جەلىپ قىلدى. ھەربىر كارخانا يېڭى مەھسۇلات بازارغا سېلىپ ئىستىمالچىلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش، ئەسلى مەھسۇلاتىنىڭ سېتىش مىقتارىنى ئاشۇرۇپ سەرمايىسىنى ئاشۇرۇشقا ھەرقاچان ئىھتىياجى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى بازار ئىلمىي كەسپىدە ئوقۇغان سېتىش دېرىكتورىنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپىدۇر. زۇلپىقار بۇ لېكسىيىسى ئارقىلىق بازار ئىلىمى ھەققىدىكى بەزى خاتا چۈشەنچىلەرگە خاتىمە بەردى، شۇنداقلا بازار ئىلمىي چۈشەنچىسىنىڭ ئاڭلىغۇچىلار تەرىپىدىن توغرا قوبۇل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
3.  ئستانبۇل بوغاز ئىچى ئۇنۋېرسىتىتى MBA ئوقوغۇچىسى ئادىلجان دىندار «پۇل – مۇئامىلە ۋە ئۇنىڭ سىياسەتكە بولغان تەسىرى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

Adiljan-Dindar[1]

ئادىلجان ئاۋۋال تاشقى پېرىۋوت زاپىسى، ئۇنىڭ فونكىسىيسى، مەنبەسى قاتارلىق ئاساسى ئۇقۇملارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئېكسپورت ۋە تاشقى مەبلەغنىڭ تاشقى پېرىۋوت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئۆتتى. ئادىلجاننىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بىر دۆلەتنىڭ ئېكسپورت مىقتارىنىڭ ئېشىشى ياكى چەتئەل مەبلىغىنىڭ كۆپلەپ كىرىشى ئۇ دۆلەتنىڭ تاشقى پېرىۋوتىنىڭ بىۋاستە ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئادىلجان يەنە جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن 10 يىل مابەينىدە ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشى بىلەن تاشقى پېرىۋوت زاپىسىنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماھىرلىق بىلەن ئېچىپ بېرىپ، بۇ 2 تېرىلىيوندىن ئوشۇق دوللار زاپىسىنىڭ ئىقتىسادقا بولغان سەلبى ۋە ئىجابى تەسىرىنى چۈشەندۈردى. لېكسىيەنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئۇ جۇڭگودىكى ئۆي – مۈلۈك سودىسىنىڭ گۈللىنىشى، ئۆي باھاسىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشى قاتارلىق مەزمۇنلاردا توختىلىپ، بۇنىڭ ماھىيىتىنى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا ئاممىباپ تىلدا چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردى.
لېكسىيەلەر ئارىلىقىدا رىياسەتچىلەر ئامىرىكا كولومبىيە ئونۋېرسىتىتى ئۆپكە كىسەللىكلىرى تەتقىقاتچىسى دوكتور مەمەت ئېمىن ئەپەندىنىڭ دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرىپىدە تۇرۇپ ئەۋەتكەن تەبرىكنامىسىنى ئوقۇدى، تۆۋەندە تەبرىكنامىنىڭ مەزمۇنى:

Dr.Memet-Emin[1]تەبىرىكنامە

ھۆرمەتلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئەزالىرى، بۇ قىتىمقى يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى قېرىنداشلار، ئۇكىلار ۋە سىڭىللار، ئالدى بىلەن بىز “ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى”نىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن قىزغىن تەبىرىكلەيمىز.

ھەممىمىزگە مەلۇم ھازىر بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىمىز، تىلىمىز، پەن مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيىتىمىز ناھايىتى زور بىر تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. بىزنىڭ بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرالىشىمىز ياكى تۇرالماسلىقىمىز، ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ۋە ئولتۇرغان ھەرقايسىڭىزلارغا باغلىق.

بىز ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئۈمۈتنى باشقىلاردىن كۈتتۇق، سەۋەپنى باشقىلاردىن ئىزدىدۇق، بۇرۇنقىلار ئۇنداق قىلماپتىكەن، بۇنداق قىلماپتىكەن، دەپ بۇرۇنقىلاردىن ئاغرىندۇق، بىراق بىز “مەن ياكى بىز نىمە قىلدۇق؟” دەپ ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز سوئال قويۇپ باقمىدۇق. ئەمدى ھەر بىرىمىز چوقۇم ئۆزىمىزدىن “مەن ۋە ياكى بىز نىمە قىلدۇق؟ نىمە قىلىشىمىز كىرەك؟” دىگەن سوئالنى قويۇشىمىز كىرەك.

ئالدىمىزدا ماڭىدىغان مۇساپە ئۇزۇن ۋە جاپالىق، رىقابەتچىمىز كۈچلۈك، قىلىدىغان ئىشلىرىمىز كۆپ. مۈرىمىزگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىلەر ئېغىر، بىراق ئەۋزەل شارائىتىمىز ۋە تاللايدىغان پۇرسىتىمىز ناھايتى ئاز. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بىزدىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىد مىللىتىمىزدىن كۆپلەپ ئىقتىساسلىق كىشىلەرنى يىتىلدۈرۈپ چىقىش ۋە پۇتۇن مىللىتىمىزنىڭ ئاڭ سەۋىيسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشتىن ئىبارەت.

ھازىرقى پەن – تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ئۇچقانداق تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى زاماندا، كىم يوقىرى پەن – تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلارنى ئىگەللىيەلىسە، شۇلار دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ۋە سىياسى ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۇنى گوگۇل ئۆزىنىڭ تور بەت مۇلازىمىتىنى باشلاپ، قىسقىغىنا 6 يىل ۋاقىتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى بولغان “ياخۇ” شىركىتىنى يېڭىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ دەپ كىممۇ ئويلىغان. 2 يىل ئىلگىرى ئەمدىلا بازارغا كىرگەن “ئاندروئىد” قول تىلفۇن تېخنىكىسىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە بارلىق رىقابەتچىلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، خېرىدارى كۈنىگە 200 مىڭدىن 250 مىڭ ئارىلىقىدا كۆپىيىۋاتقان چوڭ بىر شىركەتكە ئايلىنىشنى كىممۇ تەسەۋۋۇر قىلغان.

سوغوق ئۇرۇش دەۋىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن شەرق ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئارىسدىكى ئۆز – ئارا يەكلەش بارا – بارا تۈگەپ، دۇنيانىڭ پەن – تېخنىكا ۋە ئىقتىسادى بىر گەۋدىگە ئايلىنىشقا يۈزلەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيانىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كۈچى قايتا تەقسىملىنىشكە يۈزلەنمەكتە. بۇرۇنقى دۇنيانىڭ سىياسىتى، ئىقتىسادى ۋە يوقىرى پەن – تېخنىكىسى ئاز بىر قىسىم دۆلەتلەر تەرىپىدىن مونۇپۇل قىلىشتەك ئەھۋال تەدىرىجە ئۆزگىرىپ، نۇرغۇن ئاجىز دۆلەتلەر ئاستا – ئاستا قەد كۆتۈرۈپ چىقماقتا. سانائەتلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئىشلەپچىرىش كۈچلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەبئىي بايلىققا ۋە ئېنىرگىيىگە بولغان ئىھتىياجى ھەسسىلەپ ئاشماقتا. نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ھەر خىل تەھدىت، رىقابەت ۋە پۇرسەتكە يۈزلەنمەكتە.

ئۇيغۇر ياشلىرىغا گەرچە ئەركىن دۆلەتلەردىكى ياشلاردەك ئۇنداق ياخشى پۇرسەت ۋە شەرت – شارائىتلار بولمىسىمۇ، بىراق ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر ياشلىرى، بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق چوقۇم كۆزلىگەن مەقسىتىگە يىتەلەيدۇ.
ئاخىردا سىلەرگە مۇۋاپپىقىيەت ۋە ئۇتۇق تىلەيمىز. ھۆرمەت بىلەن: – دوكتور مەمەت ئېمىن (ئامىرىكا كولومبىيە ئونۋېرسىتىتى ئۆپكە كىسەللىكلىرى تەتقىقاتچىسى)

يىغىننىڭ چۈشىتىن بۇرۇنقى قىسمى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان ئىدى، ئاخىرىدا تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان قېرىندىشىمىز ئاسىيە قاراقاش ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى ئۈمىدىنى سىڭدۈرۈپ يازغان Direnen Sesler دىگەن شېئىرىنى ئوقۇپ بەردى.

Asiye-Qaraqash[1]

جانلىق، ھېسىياتلىق دېكلاماتسىيە قىلىنغان شېئىر چەتئەل مۇھاجىرلىرى ۋە مۇساپىر ئوقوغۇچىلارنىڭ ئانا يۇرتىغا بولغان تەلپۈنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە كەلتۈرىۋەتتى. ئاسىيە قاراقاش يالغۇر شېئىر يېزىشتىلا يېتىشكەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە رەسساملىق تالانتىمۇ بار ئىدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئۇ ئۆزىنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرىنىمۇ ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بۇ رەسىم كۆزگەزمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

SANYO DIGITAL CAMERA

كۆرگەزمىدە يەنە ئىشتىن سىرت فوتوگرافچى مەمتىمىن ئاتاماننىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمگەك مېۋىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇستىلىق بىلەن تارتىلغان تەبىئەت مەنزىرلىرى، داڭلىق قۇرۇلۇشلار، ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن فوتو سۈرەتلىرى بىلەن بەزىلىرى ئابىستىراكىت مەنە ئىپادىلەيدىغان، بەزىلىرى تۇرمۇشنى ئىپادىلەيدىغان ماي بوياق ۋە تېز سىزمىلار چارچىغان يىغىن ئەھلىنىڭ نېرۋىسىنى تىنىچلاندۇرۇپ، روھىغا ئارام بەخىش ئەتتى.

SANYO DIGITAL CAMERAچاي سۆھبىتى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى

قېنىق دەملەنگەن تۈرك چېيى ۋە ئىستانبۇل يەرلىك پېچىنە – پىرەنىكلىرىدىن ئېغىز تەگگەچ رەسىملەردىن زوق ئالغان تاماشىبىنلارغا چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ شاھى بولغان پولو تارتىلدى.

SANYO DIGITAL CAMERAچۈشلۈك تاماق

 

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن پېشىن نامىزى ئوقۇلۇپ ، يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنلىك لىكسىيە پائالىيەتلىرى باشلاندى.

SANYO DIGITAL CAMERA

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ياۋروپادىكى ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلار ۋەكىلى گىرمانىيە ئولىم ئونۋېرسىتىتى نانو تېخنولوگىيەسى كەسپى دوكتور ئاسپرانتى قۇربانجان باراتنىڭ تۆۋەندىكى تەبرىكنامىسى ئوقۇلۇپ ئۆتتى.

Qurbanjan-Barat[1]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك قېرىنداشلار،

بىز ياۋرۇپادا ئوقۇۋاتقان ۋە ئىلىم تەھسىل قىلۋاتقان ئۇيغۇرلار نامىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تۇنجى قىتىملىق “ئۇيغۇر ماگىستىر-دوكتۇر ئوقۇغۇچىلرىنىڭ پەن-مائارىپىمىزنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى” نى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز. ھەم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېميىسىنىڭ پائاليەتلىرى ئۈچۈن قان-تەرنى ئاققۇزىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا غايەت مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن! ئارىلىق يىراق سەۋەبلىك سىلەرنىڭ يىنىڭلاردا بولالمىغىنىمىزغا تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز، ئاللاھ خالىسا كەلگۈسىدە بىزنىڭمۇ بىر كىشلىك تۆھپە قوشالايدىغان پۇرسەتلەرنىڭ كىلىدىغىنىغا ئىشەنچىمىز كامىل. ئاللاھ بىزنى قىيىنچىلىقلار ئالدىدا تېخىمۇ ئىجىل-ئىتتىپاق، مۇستەھكەم ئىرادىدە بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن. ئاخىرىدا يىغىننىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى، يىغىننىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئىلىم يولىدا تىرىشۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئىلھام ھەم مەدەتلەرنى بېرىشكە مۇۋەپپەق بولۇشىنى سەممىي قەلىبلەردىن تېلەيمىز!

كامالى ئىھتېراملار بىلەن: – قۇربانجان بارات

كەينىدىنلا مارمارا ئونۋېرسىتىتى تۈرك تىلى ئەدەبىياتى بۆلىمى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى مەۋلۈدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «غەزەپ ۋە زار» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. مەۋلۈدەنىڭ ئاۋازىنىڭ ئىنچىكە بولۇشىغا قارىماي شېئىر جاراڭلىق، ئېنتوناتسىيىلىك دېكلاماتسىيە قىلىشى ھەرقانداق دېكتورلاردىن قېلىشمايتتى.

Mewlide[1]

غەزەپ ۋە زار

ئەي پەلەك، بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىما بىزارىمەن،
ئىستىدىم كۆپ ، تاپمىدىم بۇ دەردىمە ھىچ دارىمەن.
ئاتا – بوۋامدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ دەردىدە،
گاھ ئۆلۈپ- گاھ تىرىلىپ كۆپتىن بېرى ئاۋارىمەن.
بىر پۇراپ كۈلسەم نە ئارمان بېغىم باھارى گۈلنى،
ھەر سەھەر گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلغا ئوخشاس زارىمەن.
دوستىلىرىم ئوۋغا چىقارىدا كەلتۈرەر مىسالىغا،
قارچۇغا قۇشلار ئۇلار، مەن مىسالى سارىمەن.
يۈزمۇ-يۈز قىلماس تەئەررۇز كۆپ كۆڭۈلچاندۇر ئۇلار،
كۆرمىسەم چاينار نىجىس گوياكى دىل ئازارىمەن.
لا ئەقىل دەپ ئويلىدى چىندىن نەزەر سالماي تۇرۇپ،
يېڭىلىپ كەتتى ئۇلار كۆپتىن بېرى ھۇشيارىمەن.
قولىدىن كەلمەيدۇ ئىش دەپ دائىم غىتىملايدۇ مېنى،
مەن ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىگە بەكمۇ بەك خۇنبارىمەن.
پەنگە ماڭساق كۆز ئېچىپ كاپىر جەمەد دەپ قارغۇشۇر،
بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ئاتەش بولۇپ يانارىمەن.
چۆل- جەزىرە، دەشتۇ-سەھرا ئىچرە قالدىم نا ئىلاج،
ئاھ قاچان بىر يول تېپىپ قوشۇلاي قاتارىمەن.
سۇغا تەشنادۇر بۇ چۆل بىپايان مۇنبەت يېرى،
مىسلى دەريا تاپماي ئېقىش، قاينام بولۇپ قاينارىمەن.
ئويغىنىپ كەتتى جاھان مەغرىپى- مەشرىق تامام،
مەن تېخى سۈت ئۇيقۇدا چۈش كۆرۈپ ياتارىمەن.
باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ، سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،
مەن مىسالى يالاڭ ئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.
ئىلىم-پەندىن يوق خەۋەر باستى غەپلەت خەۋپ- خەتەر،
ھالىمىز قۇلدىن بەتتەر قانداق چىداپ تۇرارىمەن.
تىل-ھاقانەت، تەنە-دىقماق ۋاي- دات بۇ جاننى قىينىدى،
ئەمدى نە قىلماق كېرەك، ئەجەپمۇ بولدۇم خارىمەن.
زۇلۇمنىڭ ئوكيانىدىن تاپماي پاراغەت ئارىلى،
تاغ كەبى دولقۇنىدا ئۆرلەپ، ھەققە ئاھ ئۇرارىمەن.
دەۋرى جەبىرىدىن ئېسىت! ھالىڭغا ئۇيغۇر ۋايىكىم،
جاننى ئالقانغا ئېلىپ، تاپمايسەن باشقا چارىسەن.

4. ئىستانبۇل بوغاز ئىچى ئۇنۋېرسىتىتى ئېلىكتورونلۇق ئۇچۇر سېسىتىما ماگېستىرئوقوغۇچىسى ئەكبەر دەۋران ئۆزىنىڭ «سىمسىز ئالاقە تېخنىكىسى ۋە سىگنال ئانالىزى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە» دېگەن تېمىسىنى سۇندى.

Ekber-Dewran[1]

ئەكبەر سىمسىز ئالاقە سىستىمىسىنىڭ ئومۇمى قۇرۇلىشى، باغلىغۇچىلارنىڭ تۈرلىرى، سىگنالنى كودلاش ۋە كودلاش تۈرلىرى، PSK, FSK, ASK قاتارلىق سىگنال ئانالىز ئۇسۇللىرى، شاۋقۇن قاتارلىق سىمسىز تېخنىكىنىڭ دەسلەپكى بىلىملىرى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى، ۋە چۈشۈنۈشلۈك ۋە ئاددى بولغان Hill شىفىرلاش تىخنىكىسىنى تونۇشتۇردى. سىمسىز تېخنىكا ھازىر تۇرمۇشىمىزدا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتقان تېخنىكىلارنىڭ بىرسى بولۇپ، ئەتراپىمىزدىكى يانفۇن، تېلىۋوزۇر، كومپىيوتېر قاتارلىق ئەسلىھەلەر بۇ تېخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇڭلاشقا بۇ ئىشلىتىش دائىرىسى كەڭ بولغان تېخنىكىنى ھەممەيلەننىڭ چۈشىنىشىگە ئازدۇر- كۆپتۇر ئىھتىياجىمىز بار، ئەكبەر ئاڭلىغۇچىلاردىكى دەل بۇ بوشلۇقنى تولدۇردى.
5. ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتىتى ماتېرىيال ئېنژىنىرلىق كەسپى بويىچە ماگېسىتىرلىق ئوقۇۋاتقان ئابدۇرېھىمجان قادىر «تۈركىيەدە ۋە دۇنيادا پولات- تۆمۈر سانائىتى» دىگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

Abdurehimjan-Qadir[1]

ئالدى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پولات- تۆمۈرنى قايتا تونۇشى ئۈچۈن ئابدۇرېھىمجان پولات – تۆمۈرنىڭ تارىخى، تاۋلاش تېخنىكىسى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلىشى، يېزا- ئېگىلىك، شەھەر قۇرۇلىشى، قاتناش ۋە ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى مۇھىم رولى قاتارلىقلارنى سۆزلىدى. ئۇنىڭدىن كېين ئۇ يەنە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى، GDP ۋە پولاتنىڭ مۇناسىۋىتى، دۇنيادىكى پولات ئىشلەپچىقىرىش ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ پولات- تۆمۈر سانائىتىگە بولغان بولۇمسىز تەسىرى قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنلاردىن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ خەۋەردار قىلدى. لېىسىيەنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا، مىللى دارامەتنىڭ ئېشىشى بىلەن پولات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئوڭ تاناسىپ ھاسىل قىلىدىغان بولۇپ، چۈنكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللى دارامەت ئاشسا، كىشىلەرنىڭ پولاتقا بولغان ئىھتىياجىمۇ ئاشىدىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇرېھىمجان يەنە تۈركىيەدىكى تۆمۈر رودىسى كانلارنىڭ ئەھۋاللىرى، پولات تۆمۈر زاۋۇتلىرى بىلەن دىيارىمىزدىكىنى سېلىشتۇرۇش ئېلىپ باردى،ۋە دىيارىمىزدىكى پولات سانائىتىنىڭ تەرىققى قىلىشىدىكى توسالغۇلارنى سۇنىڭ كەمچىل بولۇشى، قاتناش ھەققىنىڭ قىممەت بولۇشى قاتارلىق ئامىللارغا يىغىنچاقلىدى. پولات سانائىتىدىكى خاتالىقلارنى بولسا، قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىغا بولغان ئىھتىياجنىڭ تويۇنغانلىقى دەپ كۆرسەتتى.

بۇ لېكسىيەدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى مۇئاۋىن رەئىسى دوختور ئەخمەتجان پولات ئەپەندى «ياخشى بولغىن مەيلى كىم بولساڭ» دېگەن شېئىرنى ئوقۇدى.

Dr.Ahmetjan-Polat[1]

ياخشى بولغىن مەيلى كىم بولساڭ

تۈپ قارىغاي بولالمىساڭمۇ، تىك قىيادا قەددىڭنى كەرگىن،
مەيلى چاتقال بولمىساڭمۇ بولغىن، xxxx گۈزەللىك بەرگىن.
ئەگەر قۇياش بولالمىساڭمۇ، يۇلتۇز بولغىن تۈندە نۇر چاچقىن،
تىرىش تىرماش تەندە بولسا جان.
بولالايسەن بىر كۈن ئپار، يا كۆلدىكى ئەركىن بېلىجان.
بىر ھاياتلىق دېڭىزىدا نىدا!
بىز ھەممىمىز گوياكى ماتروس،
بولالمايمىز ھەممىزى كاپتان،
بىراق ئادەم بولۇش كېرەك داۋۇ- دۇرۇس.
ھەممەيلەنگە ئىش بار دۇنيادا،
بەزىلەرگە ئاز، بەزىلەرگە كۆپ.
چىن ئىنسانلىق شەرپى ئۈچۈن ياشايلى،
ھامان ئالدىراش.

6. ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتى بىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە ماگېستىر ئوقوغۇچىسى مەرھابا ئەركىن «بىئولوگىيەنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەھمىيىتى» دىگەن تېمىدا لېكىسيە بەردى.

Merhaba-Erkin[1]

لېكسىينىڭ ئالدىنقى قىسمى بىئولوگىيە قىسمىدىن دەسلەپكى چۈشەنچە بولۇپ، بۇ قىسىم بىئولوگىيەنىڭ ئىزاھاتى، مەقسىتى، تارماقلىرى، تارىخى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇنىڭدىن كېىين لېكسىيەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بولغان مىكروبىئولوگىيە قىسمىغا كەلگەندە، مەرھابا مىكروبىئولوگىيەنىڭ ماھىيىتى، ئەھمىيىتى، خۇسۇسىيەتلىرى، تەتقىقات تارىخى توغرىسىدا توختالدى ۋە تېخىمۇ ئىنچىكە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن باكتېرىيە ھەققىدە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى. بۇ لېكسىيەدىن ئاڭلىغۇچىلار تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان لېكىن ئەھمىيەت بەرمىگەن بۇ تېما ھەققىدە نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئىگە بولدى.

سورۇننىڭ يۇقىرى كەيپىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ، رىياسەتچىلەر بۇ ۋاقىتتا ساۋاقداش ئابدۇرۇسۇل مەمەتنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «مۇزلىغان شەھەر» ۋە «باھار چىللايمەن» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

باھار چىللايمەن

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

مۇزلۇق كۇچىنىڭ تاملىرى قىيسىق،
مەھسۇن شەرىنىڭ دەملىرى سىقىق.
بۇلۇڭ پۇچقاقنى قويماي چارلىتىپ،
قىشنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق.

كۈننىڭ ئەسىرى يوق، ھاۋا تۇمانلىق،
يەرلەر تىترىشۇر ،مۇزلىغان جانلىق.
ھەرنە شادلىقتىن جۇدادۇر ھايات،
ئاڭلىنار ھەر ئۈن، مۇڭلۇق پىغانلىق.

كۆزلەر غەزەپلىك،قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ دىمى سىقىق ۋە ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللاپ،
ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك.

تۇرخۇن تۈۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،
چۇرۇق تىتىرەيدۇ تاپىنى تۆشۈك.
مەسۇم گۈدەكلەر چىرايى سېرىق،
قوللار سۇنۇلغان، بۇيۇنلار پۈكۈك.

دوقمۇش-دوقمۇشتا چولاق كەتمەنلەر،
دۈگدىيىپ يۈرگەن يىرتىق چەكمەنلەر.
پارچە نانغا زار تېلىققان كۆزلەر،
چاقلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر.

مۇزلارمىش شەھەر مۇزلارمىش ھىسار،
قۇۋۇقلار سۇنۇق، كونا بىر مازار.
سەھەر ئۈستىدە لالما بۇلۇتلار،
ئۇزۇق ئىزلىشىپ قىلىدۇ شىكار.

كۆزلەر غەزەپلىك،قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ يىپى ئۇلاق يا ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللاپ،
ئاچچىق ۋارقىراپ چالىدۇ گۈدۈك.

زىرىككەن دىللار بۇ زىمىستاندىن،
جانى-جانىمدىن باھار چىللايمەن.
تۈنلەر كىچىسى ھوۋلىغان شىردەك،
ئاھ پىغانىمدىن باھار چىللايمەن.

نە تاقىتىم،نە سەۋەرەم ئەمدى،
قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى.
گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى،
شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن.

ئۆلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق،
مىراسمىدى بۇ ياشلار ئاققۇزماق.
خائىنلار ئىشى باش ئىگىپ تۇرماق،
پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن.

شۇنى تىلەيمەن زىمىستاندىمۇ،
تىلىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ.
كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ،
ئىسسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن.

ئۈمۈدىم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك،
ئۈمىد باغىدا ئاچتى كۆپ چىچەك.
خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك،
كۆرەشچان تاڭدىن باھار چىللايمەن.

باھار چىللايمەن ،باھار چىللايمەن،
خەلىق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن.
ئارزۇيۇم باھار،ئۈمۈدىم باھار،
ئۇندىن ئۆزگىگە كۆڭۈل بولمەيمەن.

باھار چىللايمەن.باھار چىللايمەن،
خەلىق مۇڭى شۇ ،شۇنى كۈيلەيمەن.
بوۋاممۇ ماڭا شۇنى ئۆگەتكەن،
ئۇندىن ئۆزگىنى نىچۈك سۆيمەيمەن.

باھار چىللايمەن تۈن ۋە كىچىسى،
مەيلى توزىسۇن ئۆمرۈم غۇنچىسى.
رازىمەن ئاندىن قىلچە ئارمان يوق،
بولالىسام مەن خەلىق مۇڭچىسى.

7. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ئېكىلوگىيە كەسپى ماگىستىرى مەنزىرە تۇرسۇن «تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىدىكى بوستانلىقنىڭ قۇملىشىىش ئاپىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە سەۋەپلىرى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

Menzire-Tursun[1]

مەنزىرە ئالدى بىلەن تەتقىقات رايونىنىڭ ئومومى ئەھۋالى، قۇملىشىشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ، بوستانلىقلارنىڭ قۇملىشىشىنىڭ ئاساسلىق زىيىنىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ شىددەت بىلەن كېمىيىشى، قاتناشقا تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى، يېزا- ئېگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلىشىشى ۋە سالامەتلىككە بولغان زىيىنى قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مەنزىرەنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ قۇملىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرى تەبىئى ئامىل ۋە ئىجتىمائى ئامىل دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، تەبىئى ئامىل تۇپراق، سۇ، ھاۋا كېلىماتى ۋە يەر شەكلىدىن ئىبارەت ئىكەن. ئىجتىمائى ئامىل بولسا، نامۇۋاپىق تېرىقچىلىق، نوپۇسىنڭ كۆپىيىشى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى، ھەددىدىن زىيادە مال- چارۋا بېقىش، دەل- دەرەخلەرنى كېسىش، سۇ مەنبەسىنىڭ نامۇۋاپىق ئىشلىتىلىشى، كەڭ كۆلەملىك نېفىت قېزىش قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپىدىكەن. ساۋاقداش مەنزىرەنىڭ بۇ مۇھىت بۇلغىنىش ھەققىدىكى دوكلاتى بىز ھەممىمىزنى دىيارىمىزنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقى ھەققىدە تەخىرسىز ئويلاشقا مەجبۇر قىلدى.

8. ئەڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى ماشىنسازلىق كەسپى ماگىستىرى مەمتىمىن ئاتامان ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بولغان ئاپتوموبىل ھەققىدە «ئاپتوموبىلنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭى نەسىل ئاپتوبوبىل–توكلۇق ھېبرىد ئاپتوموبىل» دىگەن تېمىدىكى لېكسىيىسىنى سۇندى.

Memtimin-Ataman1[1]

مەمتىمىن ئاپتوموبىللارنىڭ يېقىلغۇ نۇقتىسىدىن ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل، ھېبرىد ئاپتوموبىل ۋە توكلۇق ھېبرىد ئاپتوموبىل دەپ ئۇچ تۈرگە ئايرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، ۋە ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى، دۇنيادىكى ۋە ئاساسلىق دۆلەتلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، دۇنيادىكى داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ ئىقتىساددىكى يېتەكچىلىك رولى ۋە باشقا سانائەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مەمتىمىن يەنە ھېبرىد ئاپتوموبىللارنىڭ ماھىيىتى، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبللاردىن پەرقى، ئارتۇقچىلىقى، يىتەرسىزلىكى، ھەرىكەت پىرىنسىپى ۋە قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. لىكسىيەنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققى يۆنىلىشى مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان ھېبرىد ئاپتوموبىللار بولىدىكەن.

لېكسىيەلەر تۈگىگەن بولسىمۇ پائالىيەت تېخى داۋاملىشىۋاتتى. رىياسەتچىلەردىن مۇنەۋۋەر ئۆمەر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش ئۈچۈن سەھنىگە چىقتى، ئۇنىڭ ياڭراق ئاۋازى پۈتۈن زالدا لەرزان پەرۋاز قىلدى:

Munewwer-Omer[1]

يىللارغا جاۋاب

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ، ساقلاپ تۇرمايدۇ،

يىللار شۇ ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.

ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ ،

يورغا يىللار ئومۇرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﭘﻼﻗﺎﭼﯩﺪﯗ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻧﻤﺎﻱ،

ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﻮﺭﻏﯩﻠﯩﺸﯩﭗ؛

ﻳﺎﺷﻠﯩﻖﺑﯧﻐﯩﺪﺍ ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻼﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻗﺎﻗﻤﺎﻱ،

ﻳﯘﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻼﺭﻗۇﻳﯘﻟﯩﺪﯗ ﭘۇرﻟﯩﺸﯩﭗ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چىغى،

تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.

يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،

ياشلىق گۈلىدىن تۆكىلىدۇ بىر يوپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۇنىدۇ، ئىزلار كومۇلىدۇ،

يوپۇرماقسىز ياغاچ بىچارە بولىدۇ قاقشال…..

يىللار سېخى، قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ،

قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻼﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﺎﻟﻤﻪﻳﺪﯗ،

ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺋﯚﺗﯩﯟﻩﺭﺳﯘﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﻰ …

ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻣﯘﯞﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ ،

ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﻰﺑﻮﺳﺘﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻰ.

ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔﻗﻮﻳﻨﻰ ﻛﻪﯓ، ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ،

ﺗﺎﻏﺪﻩﻙﺋﯩﺸﻼﺭ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.

ﻗﺎﺭﺍﭖﺑﺎﻕ، ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﻘﻰ ﺑﻮﯞﺍﻕ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ،

ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻥﺋﯚﻣﯩﻠﻪﭖ، ﮬﻪ… ﺑۈﮔۈﻥ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯗ.

ﻛﯜﺭﻩﺷﭽﺎﻥﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯩﻠﻼﺭ،

ﻛﯜﺭﻩﺵﻧﻪﯞﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ.

ﺋﺎﺧﺸﺎﻡﺑﻪﺧﺖ ﺋۈﭼۈﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ،

ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﻨﻰﻳﺎﺩﻻﭖ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﻳﺎﭘﯩﺪﯗ.

ﻣﻪﻳﻠﻰ، ﺳﺎﻗﺎﻝ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ،

ﻣﻪﻧﻤﯘﺗﺎﯞﻟﯩﻨﯩﻤﻪﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﺍ.

ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻢ، ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ،

ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﯨﻦﻗﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻞ بوينىدا.

ﻗﯧﺮﯨﻤﺎﺳﻤﻪﻥﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ،

ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻢﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻳﺎﻧﺎﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ.

ﺋﯚﻟﯜﻡﭘﻪﺳﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ،

ﭼﯩﺪﺍﻡﻏﻪﻳﺮﻩﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﯕﮕﯩﻨﻰ ﮬﻪﺭدەم ﻳﺎﺩﯨﻤﺪﺍ.

ﺋﯧﺴﯩﻼﺭﻣﻪﻥﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﯞﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ،

ﻳﯧﭙﯩﺸﺎﺭﻣﻪﻥﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ.

ﻛﯜﺭﻩﺵﺑﺎﻳﺎﯞﯨﻨﯩﺪﺍ ﮬﺎﺭﻣﺎﺳﻤﻪﻥ ﺋﻪﺳﻼ،

ﻳﯧﯖﯩﺶﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﯓ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ.

يىللار، مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،

ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﺍﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ.

ﻗﯧﺮﯨﺘﯩﻤﻪﻥﺩﻩﭖ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻤﻪ،

ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﺭﻣﻪﻥ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ.

ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻤﯘ،

ﺋﯘﭘﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰﻳﺎﺭﯨﺪﯗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﭖ.

ﻳﯩﻠﻨﯩﯔﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﯕﻤﯘ،

ﺋﯩﺠﺎﺩﻳﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻗﯧﺮﯨﺘﯩﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺑﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﺎﯞﺍب.

1944-يىل يانىۋار، ئاقسۇ.

شېئىر دېكلاماتسىيەدىن كېيىن ھېچكىم ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. رىياسەتچىلەر لېكسىيە سۆزلىگەنلەرگە سوۋغات تەقدىم قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ھەربىر ئوقوغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇغان چاغدا، لېكسىيە بەرگەن ئوقوغۇچىلار ھەيرانلىق ۋە خوشاللىق ئىلكىدە سەھنىگە تىزىلدى ۋە  ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوختور ئەخمەتجان پولات ئەپەندىنىڭ كۆڭۈل سۆزى يېزىلغان ۋە ئىمزاسى قويۇلغان كىتاپنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، يىغىن كەيپىياتى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

ئوقوغۇچىلار ئۆز جايىغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى باش كاتىپى، ئىجرائىيە رەئىسى يۈرەك كىسەللىكلىرى  مۇتەخەسىسى دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى يىغىن خۇلاسىسى قىلدى، خۇلاسىدە يىغىننىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى يەنى بىر قېتىم تەكىتلىنىپ، يىغىننىڭ ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

Dr.Ablet-Turan[1]

ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قۇرۇلغىنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بىر يىلدىن كۆپرەك بولغان بۇ ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەتنى سېستىمىلىق، مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشى ئاسان ئەمەس ئىدى. دوكتور ئابلەت تۇران ئەپەندى يىغىندا لېكسىيە بەرگەن ئوقوغۇچىلار، يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان يىغىن ئەھلى ۋە ئارقا سەپتە ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلغان ساۋاقداشلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ بىر يىلدىن بېرىقى پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تونۇشتۇرۇش فىلىمى قويۇلدى، فىلىمنىڭ مۇڭلۇق مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ، ھەممەيلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ بۇ بىر يىللىق تەرەققىياتىنى ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئەسلەپ چىقتى. ئەڭ ئاخىرىدا قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن دۇئا قىلىنىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھمىيەتلىك تۇنجى باشلىنىش بولغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى كەچ سائەت 5:30 دا  غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

Uyghur-Akademiyesi-Heyetliri[1]يوقارىقى رەسىمدە، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇرۇشقا ئاكتىپ كۈچ قوشقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ بىر قىسىم ياش ھەيئەت ئەزالىرى

UA-Oghlanliri[1]

يوقارىقى رەسىمدە، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ياش ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرى

شۇنىڭ بىلەن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقوغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۆز ئانا تىلىدىكى كەسپى لېكسىيە سۆزلەش مۇھاكىمە يىغىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزىلىپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر ئۈچۈن بىر باشلىنىش نۇقتىسى ھازىرلاپ بەردى. ئۇلۇغ ئاللاھتىن قىلغان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئەھمىيەتلىك بولۇشىنى، ۋەتەن- مىللەتكە پايدىسى بولۇشىنى ۋە كەلگۈسى ئارزۇ- ئارمانلىرىمىزغا يەتكۈزىشىنى تىلەيمىز. ئامىن!

بۇ كىشىلەر، بۇ ئۇچرىشىش ھەر بىرىمىزنىڭ ھاياتىنى بېيىتتى!

بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىمىز، ئەتىكى كۆرەشلىرىمىزگە مەدەت بولغۇسى!

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى تەشۋىقات بۆلىمىدىن زۇلپىقار ئەنۋەر

تەھرىر ۋە نازارەتچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان

2011-يىلى 7-فىۋرال، دۈشەنبە

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كونا توربېتى

———————————————-

تىمىغا ئالاقىدار كونا توربەتتە چۈشكەن ئىنكاسلار:

ئىنكاسلار (23)

  • پۇلزار

    2010- يىل 19- دېكابىر سائەت 10:38 (تەھرىرلەش)

    ناھايىتى ياخشى باشلىنىش، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن. ئاللادىن ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق، ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

    جاۋاب

  • Kokturk

    2011- يىل 8- فېۋرال سائەت 06:07 (تەھرىرلەش)

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم
    مۇھاكىمە يىغىننىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك ئېچىلغانلىقىغا ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇم. ئىنشاللاھ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشىغا تىلەكداشمەن. ۋە سىلەرنى قوللايمىز…..تەبرىكلەيمىز….
    ئاللاھ يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلسۇن..

    جاۋاب

  • abral

    2011- يىل 8- فېۋرال سائەت 12:37 (تەھرىرلەش)

    خەۋەرمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، قولۇڭلارغا دەت بەمىسۇن!
    بويىنچە ئەمەس بويىچە دەپ يازساق ئىملاسى تېخىمۇ توغرا بولىدۇ، يەنىمۇ مۇۋېپپىقىيەت تىلەيمەن!!

    جاۋاب

  • ئابدۇقەييۇم

    2011- يىل 8- فېۋرال سائەت 13:00 (تەھرىرلەش)

    ئاللاھ ئەجرىڭلارنى بېرسۇن!بىز ۋەتەندىكى ياشلار ھەمتىرشىۋاتىمىز،ئنشاھ ئللاھ،ئۇزۇنغا قالماي سىلەرنىڭ سېپىڭلارغا قوشۇلىمىز!

    جاۋاب

  • Murat Orhun

    2011- يىل 8- فېۋرال سائەت 13:03 (تەھرىرلەش)

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
    مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى ياخشى ئۆتەپتۇ. مەن تۇركىيەنىڭ مالاتايا شەرىندەكى بىر ئىلمى تەتكىكات يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يىغىنغا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم ۋە بەك ئەپسۇسلاندىم. ئاما بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ گۈزەل تەتقىقاتلارıنى تەقدىم قىلغان ئوقۇغۇچىلارىمىزىنى تەبرىك قىلەمەن ۋە بۇندان كىيىن تېخىمۇ ئۇتۇقلۇنق نەتىچىلەر قازىنىشىنى تىلەيمەن. ھۆرمەن بىلەن،
    مۇرات ئورخۇن.

    جاۋاب

    • Karahan

      2011- يىل 8- فېۋرال سائەت 16:29 (تەھرىرلەش)

      ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن دوكتۇر مۇرات ئورخۇن ئەپەندى.سىز يوق بىزنىڭ ھەم كۆڭلىمىز يېرىم بولدى.
      ئىنشا ئاللاھ بۇندىن كېيىمۇ ياخشى پىكىر ۋە پاراسەتلىرىڭىز بىلەن بىزنى زەرەتلەپ تۇرغايسىز.

      جاۋاب

  • بۇلۇت

    2011- يىل 8- فېۋرال سائەت 14:44 (تەھرىرلەش)

    مىللەتنىڭ ھەر چوڭ غەلبىسى كىچىك ئىشلاردىن باشلانغان، ئاكادىمىيەنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىپ تەرەققى قىلغانلىقى بىزنى تولىمۇ ئۈمۈدلەندۈرىدۇ، ئىشىنىمەنكى مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاكادىمىيە كەم بولسا بولمايدىغان تۆھپىلەرنى قوشتى، كەلگۈسى ئۇيغۇر مائارىپى ۋە پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكادىمىيە چوڭ رول ئوينايدۇ. باسقان ھەر بىر قەدىمىڭلار قۇتلۇق بولغاي، ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن!!!

    جاۋاب

    • Karahan

      2011- يىل 8- فېۋرال سائەت 17:00 (تەھرىرلەش)

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام

      رەخمەت سىزگە

      جاۋاب

  • qum

    2011- يىل 9- فېۋرال سائەت 14:28 (تەھرىرلەش)

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم! رەخمەت سىلەرگە! بۇ خەۋەرنى كۆرۇپ يىغلاپ كەتتىم…

    جاۋاب

  • گۇزەلقىز

    2011- يىل 9- فېۋرال سائەت 18:49 (تەھرىرلەش)

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:
    ‹ نامراتلىقتا قالغان مىللەتنى ئون يىلدا باي قىلغىلى بولىدۇ،لېكىن روھى دۇنياسى نامرات مىللەتنى مىڭ يىلدىمۇ باي قىلغىلى بولمايدۇ›.خەلقىمىزنى ئويغۇتۇش ھەر بىرىمىزنېڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز!ئاللا ئەزىز تېنىڭلانى ساق قىلسۇن.ئىزلىرىڭلاردېن گۇللەر ئېچىلسۇن!

    جاۋاب

  • Heweskar

    2011- يىل 9- فېۋرال سائەت 19:14 (تەھرىرلەش)

    Allah ejringlerni bersun, yolunglarni rawan qilsun.
    yuqurida diyilgen ئالدى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ پولات- تۆمۈرنى قايتا تونۇشى ئۈچۈن ئابدۇرېھىمجان پولات – تۆمۈرنىڭ تارىخى، تاۋلاش تېخنىكىسى، تۇرمۇشىمىزدىكى كەڭ كۆلەملىك قوللىنىلىشى، يېزا- ئېگىلىك، شەھەر قۇرۇلىشى، قاتناش ۋە ئېنىرگىيە ساھەسىدىكى مۇھىم رولى قاتارلىقلارنى سۆزلىدى. bayanlardiki تاماشىبىنلار digen soz toghra ishlitimey qaldimu nime?

    جاۋاب

  • Karahan

    2011- يىل 9- فېۋرال سائەت 22:46 (تەھرىرلەش)

    سالام قېرىندىشىمىز ھەۋەسكار!
    دىگىنىڭىز توغرا، بۇ يەردە ئاڭلىغۇچىلار دىگەننى تاماشىبىنلار دەپ خاتا ئىشلىتىلىپ قويۇلغان. ئونى ئۆزگەرتىپ ئاڭلىغۇچىلار دەپ تۈزىتىپ قويۇلدى. سىزگە كۆپ رەھمەت!

    جاۋاب

  • ئەختەر

    2011- يىل 10- فېۋرال سائەت 09:29 (تەھرىرلەش)

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
    مۇشۇنداق ئىلمىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ،مىللىتىمىزدىكى ياشلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتى بېرىپ،ھەمدە ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ناھايتتى زور ئىلھام بەرگەنلىكىڭلەرگە تولىمۇ تەشەككۈر!
    سىلەرنىڭ ھەربىر ئىش-پائالىيتىڭلار بىزگە زور ئېلھام بەخش ئەتكۈسى!

    جاۋاب

  • پۇلزار

    2011- يىل 10- فېۋرال سائەت 12:11 (تەھرىرلەش)

    ياخشى ، ئۇتۇقلۇق ئاياغلىشىش بۇلۇپتۇ.ئاللادىن ئشلىرىڭلارغا بەركەت تىلەيمەن.

    جاۋاب

  • ئېھسان

    2011- يىل 10- فېۋرال سائەت 13:05 (تەھرىرلەش)

    بارلىق ئىشلىرىڭلارغا خەيرىيەت تىلەيمەن! ئاللاھ سىلەرنى بارچە يامان كۆزلەردىن ساقلىسۇن!

    جاۋاب

  • ئۇيغۇر ئوغلانى

    2011- يىل 10- فېۋرال سائەت 15:58 (تەھرىرلەش)

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ياخشىمۇسىلەر ؟ دوستۇڭلادىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام لار بولسۇن 《
    سىلەرنىڭ بۇقېتىمقى يىغىننى مۇۋاپپىقيەتلىك ئېچىۋالغىنىڭلاردىن ئىنتايىن خوشال بولدۇم ۋە بۇندىن كىيىنكىى ئىشلىرىڭلانىڭ ئاسان بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

    بارلىق ئىشلىرىڭلارغا خەيرىيەت تىلەيمەن! ئاللاھ سىلەرنى بارچە يامان كۆزلەردىن ساقلىسۇن!

    جاۋاب

  • سامۇراي

    2011- يىل 11- فېۋرال سائەت 12:46 (تەھرىرلەش)

    يىغىننىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىدىن كۆڭلۈم ناھايتى سۆيۈندى. لىكىن مىنڭچە كلەر قېتىم يىغىن ئاچقاندا ئەمەلىي مەسسىللەرنى مۇھاكىمە قىلىشنى، مەسسىللەرنىڭ ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، شۇ مەسسىللەرنى ئۆز ۋاقتىدا ھەل قىلىشنى ئويلىشىپ باقساڭلار، ئۆزىمىزنىڭ كىينكى تەرەققىياتنى تېخىمۇ تىز ئلگىرى سۇرگلى بولاتتى.

    جاۋاب

  • ت . ئا . يانغىن

    2011- يىل 12- فېۋرال سائەت 08:23 (تەھرىرلەش)

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. شۈنداقلا مۇشۇنداق ئىلمىي ئەمگەك ۋە ئەمەلىي تىرىشچانلىقلار ئارقىلىق مىللىتىمىز ئەۋلادلىرىغا زور ئىلھام بەرگەن ۋە يورۇق نىشان پارلاندۇرۇپ بەرگەنلىكىڭلاردىن قەۋەتلا خوش بولۇۋاتىمەن. گەرچە بۇ مېھنەتسىز ئەجىرلىك ئىشلارغا بىۋاستە قاتنىشالمىغان بولساقمۇ، تۆۋەندە تۇرۇپ قېرىنداشلىرىمىزنى تەپسىلىي خەۋەرلەندۈرۈشكە كۈچ چىقىرىشىمىز ھەقلىقتۇر.
    كەلگۈسى ئىجادىي ئىشلىرىڭىزلارنىڭ توسقۇنسىز تېخىمۇ ئالغا بېسىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن … تىلەيمەن.

    جاۋاب

  • بىز بىر

    2011- يىل 15- فېۋرال سائەت 10:59 (تەھرىرلەش)

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! بۇ ئىش بەك ياخشى بوپتۇ . اللە ھەممىمىزگە رەھمەت قىلغاي،ئامىن !
    مېنىڭ سورايدىغان بىر ئىشىم بار ئىدى. ئاۋۇ ITU ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئوقۇيدىغان ئابدۇرېھىمجان قادىرنىڭ ۋە مەمتىمىن ئاتامانىڭ ئېلخەت ئادرىسنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بوللاتتى (تىزرەك بولسا تېخى ياخشى چۈنكى مەن ITU ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتىتىغا ماتېرىيال فىزىكا ئىلمىگەماگىستىرلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلۋاتاتتىم )،رەھمەت.
    مېنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم:bizbir@live.com

    جاۋاب

  • PAN TEKIN

    2011- يىل 18- فېۋرال سائەت 12:05 (تەھرىرلەش)

    شاھىمەردان پانتېكىن ۋەتەندىكى بارلىق قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلىرىڭلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە روناق تېپىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .ھەمدە كىيىنكى قىتىملىق مۇھاككىمە يىغىنىڭلاردا كۆپرەك ئۇيغۇر قوش تىللىق مائارىپىغا ئائىت ماقالە شۇنداقلا پىكىرلەرنى بېرىشىڭلانى ئۈمۈد قىلىمەن.تامام!

    جاۋاب

  • yigananur

    2011- يىل 23- فېۋرال سائەت 05:02 (تەھرىرلەش)

    بىز قېرىنداش
    ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىدىن تەسىرات

    (يىگانەنۇر)

    خۇش بولدى يۈرەك،
    خۇش بولدى ھەممە،
    باتۇرلۇق بىلەن ئالغان قەدەمدىن.
    تەنتەنە قىلىپ، تىلەكلەر ئىلىپ
    ئىستانبولغاكەلدى سالاملار
    يەتتە قىتئەدىن…

    بىراق ئۈن-تىنسىز!!!
    كەتتى دۇئالار.
    قەشقەر، خوتەندىن،
    ئاقسۇ ئۈرۈمچى… غۇلجا ، يەكەندىن.
    سېغىندى سىلەرنى، يۈرەك پارەڭلەر.

    دەيتى چوڭ دادام :
    سەپەر قىلىڭلار،
    «مۇساپىر بولمىغۇچە، مۇسۇلمان بولماس»،
    بەدەلسىز كارۋان داۋان ئاشالماس

    ئابدۇخالىقنىڭ قەدرى ئۆتۈلدى،
    بۈگۈن يەنە بىر رەت شېئىرى ئوقۇلدى…

    قايناق شەھەرنىڭ يۈرىكىدىن،
    ۋاراڭ-چۇرۇڭىدىن،
    تەنھالىقىدىن سۇغۇرلۇپ بىر قىز،
    كىتابلار ئارىسىدا يازماقتا شېئىر.

    قولۇڭنى بەرگىن بولايلى سىرداش،
    مۇڭداش،قەلبىداش،
    چۈنكى ھەممىمىز تۇغقان-قېرىنداش.
    كۆزلەردە ياش، ئېغىر ئۇھسىنىش،
    چوڭقۇر بىر تىندىم تۈگەپ تېڭىرقاش.

    جاۋاب

  • intile

    2011- يىل 4- مارت سائەت 11:44 (تەھرىرلەش)

    دىلداشبىز،تىلداشبىز ،سىرداشبىز، تەقدىرداشبىز ، سىلەرنىڭ ھەر بىر نەتىجەڭلار بىزنىڭ خوشاللىقىمىز ۋە پەخرىمىز . ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە ھەممىمىزگە ئىلىم ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلگىرلەيدىغان كۈچ -ماغغدۇر ،غەيرەت-شىجائەت ئاتا قىلغاي!

    جاۋاب

  • ئۇيغۇر ئۆرلە

    2011- يىل 8- ماي سائەت 16:53 (تەھرىرلەش)

    مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىدىن ناھايتى خۇشال بولدۇم، كەلگۈسىمىز ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرۋاتىسىلەر. مەن سىلەردىن پەخىرلىنىمەن .
    ھارمىغايسىلەر،ئاللاھ مەخسەتلىرىمىزگە يېتىشىمىزگە ياردەم قىلسۇن!!

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش