You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ئىجادىي پىكىرنىڭ سالمىقىدا

ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ئىجادىي پىكىرنىڭ سالمىقىدا

يالقۇن روزى

ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قەلەمكەشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئەدىب دەپ ھېسابلاۋەرگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئەسەرلەرنى ياراتماي تۇرۇپ، ئەدىب دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن يازغۇچى، شائىرلارغا ئوقۇرمەنلەر ئالاھىدە ئۈمىد باغلايدۇ. ئۇلارنىڭ يېڭى-يېڭى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ ئاسمىنىنى بېزىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. نىمە ئۈچۈنكىن، نۇرغۇن ئىجادىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن تالاي ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئەدىب دەپ تونۇلغان بەزى يازغۇچى، شائىرلار گاھىدا قاملاشمىغان سەۋەنلىكلەرنى سادىر قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشتىن خالىي بولالمايدىكەن. مەن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 15-يانۋار كۈنىدىكى ساننىڭ «چولپان» بېتىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇۋېتىپ، توساتتىن بىر ئىشنى بايقاپ قاتتىق ئەپسۇسلاندىم. ئۆزۈمنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بېرى شەكىللەنگەن گېزىتنى ئاخىرقى بېتىدىن باشلاپ ئوقۇيدىغان ئادىتىم بويىچە ئاۋۋال بۇ گېزىتنىڭ 6-بېتىدىكى سەلكىننىڭ «ئىلىم ئوغرىلىرىغا بىر قامچا» دېگەن تەنقىدىي ماقالىسىنى ئوقۇدۇم. سەلكىن تەخەللۇسلۇق بۇ ئاپتورنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكتىن ئىبارەت يامان ئىللەتنى پاكىتلىق، ئىلمىي، مۇۋاپىق تەنقىدلىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھەقلىق دەپ قاردىم. ئۇنىڭ ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى «ئەجەبا بۇنداق ئەھۋالدا بىز كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بۇنداق قىلمىشلارغا لام-جىم دېمەي سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟» دېگەن جۈملىلىرىگە ئۆزۈمچە، «ئەلۋەتتە سۈكۈت قىلماسلىق كېرەك» دەپ پىچىرلاپ ئاۋاز قوشۇپ قويدۇم. ئېغىزىمدىن سائەت چىقىپ كەتكەندەك مەزكۇر سان گېزىتىنىڭ 4-بېتىدىكى يەنى «چولپان» بېتىدىكى مۇختەر بۇغرا ئىمزاسىدىكى «كۈي شېئىرلىرى»نى ئوقۇپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم. كۆز ئالدىمدا بىر ھەۋەسكار قەلەمكەش سادىر قىلغان سەۋەنلىك ئەمەس، بەلكى بىرنەچچە شېئىر توپلىمىنىڭ ئاپتورى، تېلىۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق نامى كىشىلەرگە تونۇش بولۇپ كەتكەن بىر شائىرنىڭ كۆچۈرمىكەشلىكى ئايان بولۇپ تۇراتتى. كۆچۈرمىكەشلىك يامان ئىللەت دېگەن تونۇش ھەممىمىزگە ئورتاق، بۇنىڭ قىلچە خاتاسى يوق. دېمەك، كۆچۈرمىكەشلىككە قىلچىمۇ يول يوق. داڭلىق شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بۇ تۇغرۇلۇق بىر رۇبائىيسىدا مۇنداق يازغان:
ئۆتنە يېرىم قىلماق تۇرمۇشتا بار ئىش،بىلىمنى ئۆتنىگە ئالماق خار ئىش.بىراۋنىڭ تونىدا تەرلەيمەن دېمەك،ۋىجدانلىق كىشىگە بىر ئۆمۈر ئار ئىش.
مەن مۇختار بۇغرانىڭ ئەسەرلىرى بىلەن خېلىدىن بېرى تونۇش ئىدىم. «كىچىك بالا ئەمەسمەن»، «سوۋغات»، «تەكلىماكاندىكى چۈش»، «كۆك بۆرە رىۋايىتى»، «دېرىزەڭنى ئېچىۋەت»، «خېتىڭنى كۈتسەم»، «ئەۋلىيا دوستۇم»، «مەن بىر ئوقيا»، «ئادەم ۋە ئېشەك»، «بىزنىڭ مەھەللە»، «سائەت نۆلدە» دېگەندەك شېئىرلىرى مەندە ياخشى تەسىر قالدۇرغان. «سوۋغات» دېگەن شېئىرىدىكى:
بىر تال گۈل سورىساڭ بىر قۇچاق بېرەي،گۈلدەستە راستلىۋال چىمەنلەر ئارا.چىمەنلەر ئىچىدە نازۇك چىمەن بارۋاپانى قەدىناس دوستۇڭدىن سورا.
دېگەن كوبلىتىنى بىر يېقىن دوستۇمنىڭ خاتىرىسىگە يېزىپمۇ قويغان ئىدىم. شائىر بۇغدا ئابدۇللامۇ «شائىر مۇختار بۇغرا شېئىرلىرىدىكى ھالقىش» ناملىق قىسقا ماقالىسىدە ئۇنىڭ ئادەم بىلەن ئىشەكنى سېلىشتۇرۇپ، ئېشەكنى ئۇلۇغلاپ «كارۋانلارغا باش بولۇپ كەلدى شۇ ئېشەك، بوۋاڭغا يار-يۆلەك، ئاتاڭغا ھەمراھ» دەپ يازغان شېئىرىنى «قوۋۇرغىسى بار ئەسەر قاتارىدا ساناشقا بولىدۇ» دەپ ماختىغانىدى. شائىر مىرزاھىد كېرىممۇ ئۇنىڭ «ئاتا تەبىرى» ناملىق ناخشا تېكىستىنى «ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ كېتىشىگە ئىشىنىمەن» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنىدى. دېمەك، مۇختار بۇغرا تونۇلۇۋاتقان شائىر ئىدى، پىشقەدەم شائىرلار ئۈمىد بىلەن قاراپ مۇئەييەنلەشتۈرۈۋاتقان شائىر ئىدى. ئەپسۇس، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى قىلمىشى مېنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى.
ئۇ ئۆزىنىڭ«كۈي شېئىرلىرى» دېگەن نام ئاستىدا ئېلان قىلغان «بالام دەپ» دېگەن شېئىرى ئۆزبىكىستاننىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا خېلى كەڭ تارقالغان بىر ناخشىسىدىن كۆچۈرگەنىدى، ئۆزبىكىستانلىق ئۆزبىك ناخشىچى ئېيتقان ناخشىدا مۇنداق ئېيتىلغان:
بازارلەردىن سودا قىلدىم بالامگە دەپ،شېرىنگىنە ناۋات ئالدىم بالەمگە دەپ،گۈزەل گۈللۈك سەرپاي ئالدىم يارىمگە دەپ،مەن باغرىتاش نېمە ئالدىم ئانامگە دەپ؟
مۇختار بۇغرا بۇ مىسىرالارنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ كۆچۈرگەن:
نېمە ئالدىم بازاردىن،مەن باغرىتاش ئاتام دەپ.شىرىن مىۋە ئالمىدىم.چامغۇر-كۆكۋاش ئانام دەپ.
ئۆزبىكىستانلىق ئۆزبېك ناخشىچىنىڭ ناخشىسىدا يەنە مۇنداق ئېيتىلغان:
ھەشەمەتلىك ئۆيلەر قۇردۇم بالام ئۈچۈن،دەبدەبىلىك تويلەر قىلدىم بالام ئۈچۈن،ئاياغ-ئاستى قويلار سويدۇم كىملەر ئۈچۈن،مەن ناتىۋان نېمە قىلدىم ئانام ئۈچۈن؟
مۇختەر بۇغرا بۇ مىسىرالارنى مۇنداق ئۆزگەرتىپ كۆچۈرگەن:
ئايدا-ئايدا بانكىغادوللار قويدۇم بالام دەپ.كاتتا-كاتتا توي قىلىپ،قويلار سويدۇم بالام دەپ.
ئۆزبىكىستانلىق ناخشىچى ئىجىرا قىلغان بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىدە پىكىر مۇكەممەل، ھېسىيات چوڭقۇر ئىدى. ئاپتور «مەن»نىڭ بالام دەپلا ياشىغانلىقىنى، ئەمما ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ باقمىغانلىقىنى ناھايىتى ئۆكۈنۈش ھېسىياتى بىلەن ئىپادىلىگەن. مۇختار بۇغرا «بالام دەپ» دېگەن بۇ كۆچۈرمىسىدە ئەسلىي شېئىردىكى پىكىرنىڭ مۇكەممەللىكىنى بەكلا ئاجىزلەشتۈرۈۋېتىپ، ئەستىرى يوق چاپاندەك قىلىپ قويغان.
نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، باشقىلارنىڭ شېئىرىنى ئاندا-مۇندا ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇش مۇختار بۇغرانىڭ «يۈرەك كاۋىپى» دېگەن شېئىرىدا «تەپمە ھالال كۈن كەچۈرەر شېئىرىم» دەپ يازغىنىدەك، بىچارىلىكنى پەيدا قىلىدۇ، خالاس.
مەن مۇختار بۇغرانىڭ باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى پىكىر ۋە ھېسىياتىدىن ئىلھاملىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ يازغان شېئىرلىرىنىڭ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، ئەمما ئۇنى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ تەنقىدلەش زۆرۈر ئەمەس دەپ قارىغانىدىم. مەسىلەن: ئۇ «بالا بولماق تەس» دېگەن ناخشا تىكىستىنى مۇناكۇ جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنياۋى چولپانلار سەنئەت كېچىلىكىدە 10 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئاق تەنلىك بالا ئوقۇغان ناخشىدىن ئۆزلەشتۈرگەن. «سالام، تۆھپىكارلار»، «تېز تالاغا چىق ئاداش»، «خەلقىم ئامراق ناخشىغا» ، «سادىر پالۋان» ، «يۇلتۇزلار»، «مەشىرەپ» دېگەن شېئىرلىرىمۇ تەييار پىكىرنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېزىلغان. ئەسلى مۇشۇنچىلىك دائىرىدە بولسا، «خەير» دەپ چۈشىنىشكە، شەرتلىك قۇبۇل قىلىشقا بولاتتى. ئەمما «بالام دەپ» دېگەن ناخشا تىكىستىدە ئەھۋال باشقىچە بولغان. ناخشىچى ئابدۇرېشىت يۈسۈپ ئورۇندىغان «سېنىڭ كۈلكەڭ» ناملىق VCD پىلاستىنكىسىدا ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن خەلق ناخشىسى «ئانام قۇنىخان، دادام كارۋان»نىڭ «شېئىرى مۇختار بۇغرانىڭ» دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن چېغىمدا «خاتا يېزىلىپ قالغان چېغى» دەپ ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمىگەن ئىدىم. بۇ قېتىمقى ئەھۋالدىن بايقالغاندىن كېيىن، شائىر مۇختار بۇغرانىڭ كۆچۈرمىكەشلىكتىن ئىبارەت بۇ يامان ئىللەتنى خېلىلا يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ «ئىلھام پەيتلىرى» دېگەن شېئىرىدا «ماڭا ئاز بېرىلدى ئىلھام پەيتلىرى، ياستۇقنىڭ يېرىمى بېرىلمىگەندەك» دەپ ئاغرىنىپ يازغانىدى.
ئىجادىيەت ئەخلاقىدىكى ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ شۇكى، شائىر ئىلھامى كەلمىسە، ئىلھام پەيىتلىرىگە ئېرىشەلمىسە كۆچۈرۈش يولى بىلەن ئەسەر يېزىش كويىدا بولماسلىقى كېرەك. مۇختار بۇغرا كىتابىدا «ھەقىقىي شائىر مۈدۈرىدۇ، لېكىن مۈگدىمەيدۇ» دەپ يازغان، شۇڭا بۇ قېتىمقى قاملاشمىغان قىلىق بۇ ياش شائىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق مۈدۈرۈشى بولۇشى مۇمكىن. بىر ئادەمنى غەپلەت بېسىپ ئۆز يولىدىن ئاداشقاندا، نىشاننى خاتا تاللاپ، خالتا كوچىغا كىرىپ كىتىۋاتقاندا، «ئەنسىرەيمەن ئۆمرۈمدىن، قالماسمۇ بىر ئىز» دەپ نام-شۆھرەتنىڭ ئېزىقتۇرۇشى بىلەن باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىگە قول ئۇزاتقاندا بىر چەتتە كارى بولماي قاراپ تۇرۇش، مەسئۇلىيەتچان ئادەمنىڭ ئەخلاقى ئەمەس. بىرەر ئەدىبنىڭ مۇشۇنداق تۇيۇق يولغا مېڭىشىدا ئۆزىنىڭ قايمۇقۇپ قېلىشى، ئېزىپ قېلىشى تۈپكى ئامىل بولسىمۇ، يەنە باشقىلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشى ۋە ئېزىقتۇرۇشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. بۇ ئەھۋال مۇختار بۇغرادا روشەن كۆرۈلدى. مۇختار بۇغرانىڭ بىرنەچچە شېئىرى بىرنەچچە قەلەمكەشلەر تەرىپىدىن زىيادە ھەم خاتا ماختىلىپ مۇختار بۇغرانى قايمۇقتۇردى ھەم ئۆزىنى خاتا مۆلچەرلەيدىغان، بېسىم ھىس قىلىدىغان قىلىپ قويدى. خاتا مۆلچەرلەنگەندە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويماي چالا-بۇلا ئىجادىيەتلەرنىمۇ ئېلان قىلىۋېتىدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرۈۋالدى. بېسىم ھىس قىلغاندا باشقىلارنىڭ زىيادە كۆپتۈرۈپ ماختاشلىرىغا لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئالدىراپ، ئۆزىنىڭكىگە باشقىلارنىڭكىنى قوشۇپ ئېلان قىلىۋېتىدىغان ئىجادىيەت ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلدى. يازغۇچى، شائىرلار ئىچىدە خاراكتېرى ئاجىز بىر قىسىملىرى تەنقىدلەشكە بەرداشلىق بېرەلمەي ئىجادىيەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان ئەھۋالمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. يەنە ماختاشلاردىن خۇدىنى يوقىتىپ ئۆزىنى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. مېنىڭچە مۇختار بۇغرا 2-خىل ئەھۋالغا مەنسۇپ بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇ مەسىلىلەر ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىدىكى ئەستايىدىلسىزلىقىنىڭ نەتىجىسىمۇ، ياكى ياخشىچاق ئوبزورچىلارنىڭ قۇرۇقتىن قۇرۇق ماختاپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئوبزورلارنى يازغانلىقىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئەيتاۋۇر پاكىت سۈپىتىدە سادىر بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ.
مۇختار بۇغرا ئۆزىنىڭ «شائىر ۋە بىز» دېگەن بىر شېئىرىدا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىز، تومتاق، خاتا، تېتەم-پەتە شېئىرلانى يازىدىغان شائىرلارنى تەنقىدلەپ، مەسخىرە قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك مىسىرالارنى يازغان ئىدى:
بال-ھەسەلدىن چىقارماق بولىمىز زەھەر،تىللىرىمىز ئەبجەشلەشكەن بەتتام شائىر بىز.شۇنداق تۇرۇپ، ئىگەر ئېگىز، گەدەن قوتاندەك،ئەل دېگەندەك «پەقەت بىرلا تاسقام شائىر»بىز.
بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى بىلىشى، ئۆزىنى تەنقىد قىلالىشى، بولۇپمۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقلىرىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مەن مۇختار بۇغرا ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، ئاجىزلىقلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ، دەپ ئىشىنىمەن. ئەڭ مۇھىمى ياخشىچاق ئوبزورچىلارنىڭ كۆپتۈرۈپ ماختاشلىرىغا «راست ئوخشايدۇ» دەپ ئىشىنىپ قالماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: «مۇختار بۇغرا شېئىرلىرى ھېسىياتلىق، ساپ، ھېكمەتلىك بولۇپ، مەيلى ياشلار، چوڭلار بولسۇن ياكى باشقا مىللەتلەر بولسۇن، ھەممىسىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ»، «مۇختەر بۇغرا شېئىرلىرىدىكى ساددا تۇيغۇ ۋە قوپال مەنا ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئېستېتىك ئامىللارنىڭ تەڭشىكى»، «مۇختەر بۇغرا مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقان تالانت ئىگىلىرىنىڭ بىرىدۇر»، «مۇختەر بۇغرا تۇرمۇشقا ئۆتكۈر نەزەر تاشلىغان شائىر»، «بىز مۇختەر بۇغرانى ئىجادىيەت ئارخىپىدىن ئابرويىغا داغ كەلتۈرىدىغان يالغان، قۇرۇق، ئۆمرى قىسقا شېئىرلانى تاپقىلى بولمايدىغان، ئىمانى پاكىز شائىر دەپ تەنتەنىلىك جاكارلايمىز».
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەسئۇلىيەتسىز، ياخشىچاق، دەلتە ئوبزورچىلار ماختاپ قالسا، مانا مۇشۇنداق ئاسمانغا چىقىرىپ ماختايدۇ. بىلش كېرەككى، بىراۋنى ئۆزىدە يوق ئالاھىدىلىك، ئارتۇقچىلىق، خىسلەتلەر بىلەن ئاشۇرۇپ سۈپەتلەپ ماختاش، دەل ئۇنىڭغا قىلىنغان زىيانكەشلىك!
مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 2009-يىللىق 5-فىۋرال سانى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top