ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » تۆھمەتكە قالغان دەرۋىش

تۆھمەتكە قالغان دەرۋىش

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىر كېمىگە بىر ئاق كۆڭۈل دەرۋىش چىقىپتۇ. دەرۋىش باشقىلار بىلەن ھېچ كارى بولماي، ئۆز خىيالىنى قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ، كېيىن ئۇيقۇغا غەرق بوپتۇ. مانا مۇشۇ چاغدا كېمىدىكى بىرسېنىڭ بىر كېسەك ئالتۇنى يۈتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكى پۈتۈن يولۇچىلارنىڭ يانلىرىنى ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئاختۇرۇپتۇ. ئالتۇننى يۈتتۈرۈپ قويغان كىشى، بۇ ئىشلاردىن ھېچ خەۋەرسىز بەھۇزۇر ئۇخلاۋاتقان دەرۋىشنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە دەرۋىشنىڭ يانلىرىنى ئاختۇرماقچى بولۇپ، ئويغىتىپ دەپتۇ:
_ كېمىدە ئالتۇن يوقاپ كەتتى. باشقىلارنى ئاختۇردۇق، ئەمدى سېنىمۇ ئاختۇرۇشىمىز كېرەك. شۇڭا چاپانلىرىڭنى يەش. بىز سېنىڭدىنمۇ گۇمانلىنىۋاتىمىز. بەلكى گۇمانىمىز توغرىمۇ تېخى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ بولغان دەرۋىش مۇنداق دۇئا قىپتۇ:

_ يا رەببىم! بۇ گۇمانخورلار مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭگە تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ. سەن مېنى بۇ تۆھمەتتىن قۇتقۇزغىن.
بۇ ئۇشتۇمتۇت قىلىنغان تۆھمەت ۋە ئۇچرىغان ھاقارەتتىن كۆڭلى لەختە-لەختە بولغان دەرۋىشنىڭ دەردلىرىدىن تەسىرلەنگەن دېڭىز ئاستىدىكى بېلىقلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز دېڭىزنىڭ كۈپكۆك يۈزىدە ئېغىزلىرىدا قىممەت باھالىق ئۈنچىلەرنى چىشلىگەن ھالدا پەيدا بوپتۇ. مىڭلىغان بېلىقلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاغزىدا بىردىن ۋالىلداپ تۇرغان بۇ ئۈنچىلەر شۇنداق بىر ئۈنچىكى، ھەر بىرى بىر شەھەرنى سېتىۋالغۇدەك قىممەت باھالىق ئۈنچىلەردىن ئىكەن. بۇ كارامەت پەقەت ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ قۇدرىتىدىن، ئېھسانىدىن بولغان ئىكەن. مانا بۇ كارامەتنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ ئېغىزلىرىنى ئېچىپ قالغان كېمىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپتىن دېڭىزدىكى ئۈنچە چىشلەپ تۇرغان سانسىزلىغان بېلىقلارغا قارىسا يەنە بىر تەرەپتىن ئەرش-ئەلانى تەخت قىلىپ ئولتۇرغان، يۈزىدە نۇر يېغىپ تۇرغان دەرۋىشكە قاراپ ھاڭۋېقىپلا قاپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا دەرۋىش كېمىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا ۋال-ۋۇل قىلىپ كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىرنەچچە تال ئۈنچىنى ئېتىپتۇ ۋە مۇنداق خىتاب قىپتۇ:
“كېمە سىزنىڭ، تەڭرى مېنىڭ بولسۇن. ئەمما، بىر ئوغرى سىلەرگە يولداش بولمىسۇن. بۇ ئارىمىزدىكى پەرقنىڭ زىيىنىنى ھەر بىرىڭلار تارتىسىلەر. مەن كۆپچىلىكتىن ئايرىم تۇرۇش ئارقىلىق ھەققە دوست بولدۇم. ھەق ماڭا ئوغرى دەپ تۆھمەت قىلمايدۇ. ئەمما، بەزى نىيىتى قارىلار بۇلاردىن بىئارام بولىدۇ”
دەرۋىشنىڭ بۇ ئورۇنلۇق سۆزلىرىنى ئاڭلىغان كېمىدىكى كىشىلەر سوراپتۇ:
_ بۇنداق بىر يۈكسەك مەرتىۋىنى ساڭا نېمە ئۈچۈن بەردى؟ “
بۇ سوئالغا دەرۋىش شۇ جاۋاپنى بېرىپتۇ:

_كەمبەغەللەرنى ھېچ بىر ۋاقىت ئەيىپلىمىدىم. تۆھمەت قىلمىدىم. ئۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلمىدىم. كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىگە ئازار بەرمىدىم. كەمبەغەللەرنى يوقسۇل دەپ قارىما، ئۇلارنىڭ يوقسۇللۇقى ئۇلارنىڭ بەختىدۇر ۋە تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتىدۇر. ئۇلارغا تۆھمەت قىلماسلىق كېرەك.. ئەسلى گۇناھكار ئەقىل بولماستىن بەلكى، نەپسانىيەتچىلىكتۇر. تۆھمەتكە ئۇچرىغان پەقەت ھېستۇر، لاتاپەتلىك نۇر ئەمەس. بالا نەپسىڭنى قىلىچ بىلەن چاپ. ئۇنىڭغا دەلىل كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما، بەرىبىر چۈشەنمەيدۇ. ئۇنىڭ جاجىسىنى قىلىچلا بېرىدۇ. نەپسانىيەتچىلەر بىر مۆجىزە كۆرسە، شۇ زامان ئۇنىڭ ھەق تەرىپىدىن بولغانلىغىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەمما، ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنى بىر “خىيال” دەپ بىلىدۇ ۋە “ئۇ كۆرۈنگەن نەرسە، ھەقىقەت بولسا ئىدى، كېچە-كۈندۈز ھېچ كۆزىمىزدىن غايىپ بولۇپ كەتمەيتتى” دەپ تۇرۇۋالىدۇ. بۇنى ئەقىل ئىگىلىرى چۈشىنەلەيدۇ. ھەي ئوغرى ۋە تۆھمەتخورلار! “بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن كۆپ سۆزلەپ كەتتىڭ” دەپ قالماڭلار. مەن پەقەت يۈزدىن بىرىنى سۆزلىدىم. سۆزلىگەنلىرىم پەقەت ددېڭىزنىڭ بىر تامچىسىدۇر.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش