ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق ئۇيغۇر پەن – مائارىپى بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غەلبىلىك ئېچىلدى

knfrs1[1]2010-يىلى 8-ئاينىڭ  28- چىسلا شەنبە  كۈنى سائەت 17:30 – 09:15 ئارىلىقىدا ئىستانبۇل تاكسىم ئىستىقلال كوچىسى شاھ قۇلى بوستانى تارماق كۇچىسى 8-نۇمۇردىكى تارىخ زەپەر تۇنايا مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا  ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2-قېتىملىق «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى» تىمىلىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ۋە داڭلىق ئۇيغۇر تارىخچىسى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىملار بۇلۇپ  يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر زىيالىيسى قاتناشتى . چەتئەلدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندا تەشكىللىنىپ قۇرغان ئىلمىي جەمىئىيتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى  (خەلقئارا ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار جەمىئىيىتى) ھازىر گەرچە دۇنيادىكى دۆلەت ئاكادېمىيىلىرىگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ۋە كەسپىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولمىسىمۇ، بۇ ئۇيغۇرلار كۆزلىگەن تەرەققىيات ئۈچۈن بېسىلغان تۇنجى قەدەمدۇر. قىسقىغىنا بىر يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى 2 قېتىم ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئەقىللىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، ئەركىن سىدىق، رىشات ئابباس، نەبىجان تۇرسۇن، ئالىمجان ئىنايەت، مەمەت ئىمىن، ئەركىن ئەكرەم، ئەركىن ئەمەت، مۇھەببەت كامال، تاش مۇھەممەت ۋە مۇرات ئورخۇنغا ئوخشىغان ۋەتىنىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئۇرۇن ئېلىپلام قالماي، بەلكى ئۆزى ئىشلەۋاتقان دۆلەتلەردە ئىزچىل تۈردە تۆھپىلىرىنى قېتىپ، ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ ئۆچمەس بەتلىرىگە ئۇيغۇر ئىسمىنى جۇلالاتقان ئاكا-ھەدىلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بەرگىنىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايمىز.

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى پەيشەنبە كەچ سائەت 5:00 تە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن  ئىستانبۇلغا يىتىپ كەلدى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى ۋە ئىستانبۇلدىكى ئويغۇر ئوقۇغۇچىلار ئايرىدۇرۇمغا چىقىپ ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىقنى قىزغىن قارشى ئالدى.

بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىمىزنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئالىملار ئۇيغۇر تىلىدا ئۆز تەتقىقاتىدىن نۇتۇق سۆزلىدى(نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ دوكىلات ھۆججىتى بۇ خەۋەردە ئىلان قىلىندى، ئۇنى چىكىپ كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرۋالالايسىز):

1. ئۇيغۇر تارىخ پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن 20-ئەسىرنىڭ ئالدىقى يېرىمىدا سېۋىت ئىتتىپاقى ۋە دىيارىمىزدا  يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ۋە ”موسكۇۋا خىياللىرى“ دا تىلغا ئالغان نۇرغۇن ئالىملىرىمىزنىڭ رەسىملىرى ۋە نەتىجىلىرى بىلەن ئەتراپلىق تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتۈپ، ئالىم ۋە زىيالىلارنىڭ ۋەتىنىمىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىنى خاتىرلىتىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەيلى قايسى دۆلەتتە ياشىسۇن، جاپاغا چىداپ ئۆگەنگەن ۋە تىرىشىپ ئىشلەپ مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلا بولسا، تارىختىن بېرى ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇلۇپمۇ ئاتوم فىزىكىسى ۋە ئالەم قاتنىشى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ روسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكى ئىلىم-پەن تەتقىقات مەركەزلىرىدە يىتەكچى ۋە رەھبەر بۇلۇپ ئىشلىگەنلىكى ھەمدە تاشكەنىتتە تەربىيلەنگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسىنى تىكلەشكە قوشقان تۆھپىلىرىنى خاتىرلىتىپ ئۆتتى. ئۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۇيغۇر پەن-مائارىپىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ  كەلگۈسىدىن تۇلىمۇ ئۈمىدۋار بولغانلىقىنى بىلدۇردى.  بۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى پەن – مائارىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىشىنى ۋە باشقىلارنىڭمۇ ئۇلارنى قوللاپ بېرىشىنى تەكىتلىدى.  ئۇ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدىن ” ئىستانبۇل خىياللىرى“ تىمىسىدا بىر پارچە ئەدەبىي خاتىرە يازىدىغانلىقىنى ئېيتىپ،قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشىتى.

2. ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق “مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ سىرلىرى“ ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيادا مۇۋەپپىقەت يېزىقچىلىقى ساھەسىدە داڭلىق يازغۇچى ناپالىيۇن خىلل نىڭ بۇ توغرىلىق يازغان كىتابىدىن نەقىل ئېلىپ، مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنىڭ سىرلىرى ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ يوللىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۆز تالانتىنى بايقاپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، توختاۋسىز توغرا ئۇسۇلدا تىرىشىپ ۋە پۇرسەتنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ چىڭ تۇتقاندا غەلبە قىلغىلى بۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نۇرلاندۇرۇپ بەردى. گەرچە ئۆزى تەبىئىي پەن ئالىمى بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ساھەلەردە توختىماي ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قانداق قىلىپ قەددىنى رۇسلاپ، مەغرۇر ياشىيالىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام بىرىش خىزمىتىنى بۇشاشماي ئىشلەش كېرەكلىكىنى ئۆزىنىڭ ماقالىلىرى بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتتى. بۇ تىرىشچان ھارماس ئۇيغۇر ئالىمى ئۆز ئەمىلىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر زىيالىرىغا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ ئىلمىي دوكىلات ھۆججىتى:

ئارزۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ سىرلىق قانۇنىيىتى

3. بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى تۈركىيە ۋان يۈزىنجى يىل ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى، مۇھەببەت كامال گۈزەل ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى دۆلەت ۋە دۇنيا دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تەبىئىي رايۇنلىرىنى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىمىزدىن ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ سىتاستىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن، نە قەدەر باي ۋە گۈزەل بىر ماكاندا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەسلىتىپ ئۆتسە، ئۇ تەبىئىي رايۇنلارنىڭ يىلدىن يىلغا كۆپىيىۋاتقان ساياھەتچى ۋە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ تەسىرىدە ناھايىتى زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ بۇزغۇنچۇلۇق نەتىجىسىدە كۆپلىگەن  رايونلاردىكى قىممەتلىك دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كىتىش گىردابىغا بېرىپلا قالماستىن، دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان، ھەتتا دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلدىغان ھايۋانلارنىڭ ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان موھىت ئىزدەپ كۆچۈشى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنسىز سېتىۋېلىشى بىلەن ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك تىز سۈرەتتە ئازىيىۋاتقانلىقىنى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق دەلىللەپ، بۇ ئەھۋالغا سەل قارالغاندا، ئنسانىيەتكە قانداق ئېغىرئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ۋە ھەر بىرئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى بۇ قىممەتلىك تەبئەتنى ئۆز ھاياتىنى قوغدىغاندەك قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

4. يادرو ئېنىرگىيە پەنلىرى ماگىستىرى ئابدۇلھەمىد قاراخان ”يادرو ئىلىمى ۋە ئاتوم بومبىسى“ تىمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بىرىپ، ئىنتايىن ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك تىلدا يادرو ئىلىمى، ئاتوم بومبىسىنىڭ ياسىلىش پىرىنسىپى ۋە ئاتوم بومبىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە، ئۇنى ئۇرۇشتا ئىشلىتىش ۋە سىناق قىلىش جەريانىدە ئىنسانلارغا قانداق ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا خاتىمە بىرىلىشى كىرەكلىكى ۋە يادرو ساھەسىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە قۇدرەتلىك بىر مىللەت بۇلىشىدا ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

يادرو ئېنىرگىيە پەنلىرى ماگىستىرى ئابدۇلھەمىد قاراخاننىڭ ئىلمىي دوكىلات ھۆججىتى: يادرو ئىلىمى ۋە ئاتوم بومبىسى

5. تۈركىيە ئىستانبۇل بىلگى ئۇنىۋېرسىتىتى كومپىيوتېر ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر مۇرات ئورخۇن ئۆزىنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىدىن كومپىيوتېردا ئۇيغۇرچە بىلەن تۈركچە ئوتتۇرىسىدا ئاپتۇماتىك سۆز بىرىكمىسى ۋە جۇملە تەرجىمە قىلىش پروگراممىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئوتتى. بۇ پروگرامما پۈتۈپ، رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقىنى،بۇ پروگرامىنىڭ  ئۇيغۇر ۋە تۈركلەرنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىدا بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئالقىشقا ئىرىشتى.

كومپىيوتېر ئىلىمى دوكتۇرى مۇرات ئۇرخۇننىڭ ئىلمىي دوكىلات ھۆججىتى: كومپىيوتېر تەرجىمە سىستىمىسى

6. ياپۇنىيە چىيۇبۇ ئۇنىۋېرسىتىتى خەلقئارا مۇناسىۋەت كەسىپىدىن دوكتۇر ئاسپىرانتى  تاش مۇھەممەت ئۆزىنىڭ ”ئاسمىلاتسىيە توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش“ دىگەن دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىنى قىسقىچە خۇلاسىلاپ، 50 يىلدىن بۇيان تۈركىيە قەيسەرى ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توپلىغان ئەمىلىي پاكىتلار ئاساسىدا،ئۇيغۇر ۋە تۈركلەر گەرچە يىلتىزى بىر، تىل ۋە ئۆرۈپ-ئادەت جەھەتتە بەك يېقىن بولسىمۇ، يەنىلا قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى دىدى. گەرچە “يات مىللەتلەر ئاسمىلاتسىيە بولمايدۇ، قېرىنداش مىللەتلەر تىز ئاسمىلاتسىيە بۇلىدۇ“ دىگەن نەزىرىيە بولسىمۇ، قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئانا تىلى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى يەنىلا ساقلاپ كىلەلىشىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بىر ئۈلگە ئىكەنلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسمىلاتسىيە بولماسلىق ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىنىڭ تۇلىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

ياپۇنىيە چىيۇبۇ ئۇنىۋېرسىتىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى دوكتۇر ئاسپىرانتى تاش مۇھەممەتنىڭ ئىلمىي دوكىلات ھۆججىتى: ئاسمىلاتسىيە ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش

7. تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتى تىل – ئەدەبىيات پاكولتىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ”ئا، ئە“ تاۋۇشلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەھۋالىنىڭ 1950-يىللاردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر تىلىدا يوقلىقىنى ئېيتىپ، ھازىرقىدەك بۇ خىل ئاجىزلىشىش ئەھۋالىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا قېرىنداش تۈرك تىللىرى بىلەن بولغان پەرقىنىڭ چوڭىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىڭ قەدىمكى ساپلىقى ۋە ئىملا قانۇنىيىتىنى ئۆز ئەينى بۇيىنچە ساقلاپ قېلىشى ۋە قېلىپلاشتۇرىشى ھەققىدە ئىلمىي كۆز قاراشلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ ئۆتتى.

8. تۈركىيە ھاجەتەپە ئۇنىۋېرسىتىتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئېنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى، تارىخ سىتىراتىگىيە پەنلىرى دوكتۇرى ئەركىن ئەكرەم  SWOT ئانالىزى ئارقىلىق “ ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى“ تىمىلىق ماقالىسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ سىتىراتىگىيە تەتقىقاتى بويىنچە ئانالىز ئېلىپ باردى.  دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ھازىرقىدەك ئىنتايىن سەزگۈر دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇلىمۇ ھۇشيار بۇلۇپ، ھىسياتقا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى ئەقىلگە تايىنىپ ئىش قىلىشى كىرەكلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا قىلغان خاتالىقنى قايتا سادىر قىلماسلىقى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يارىتىلغان پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتىشىنىڭ تۇلىمۇ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

9. تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتىتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئېنىستىتوتى ئوقۇتقۇچىسى پىروڧېسسور دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت “ تىئو-سىتىراتىگىيە ۋە مىسيونىرلىق نوقتىسىدىن ئۇيغۇرلار“ دىگەن نۇتىقىدا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ، ئۇيغۇر ئىلىدە ئېلىپ بارغان مىسيونىرلىق پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەشىر قىلغان كىتاپلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىشقا ئورۇنغان مىسيونىرلىق پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە بۇ مىسيونىرلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدە ھىلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە تەتقىقاتچىللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بۇ خىل مىسيونىرلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنيىتىنى قوغداپ قېلىشىنىڭ ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكرار – تەكرار تەكىتلىدى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخرىدا گىرمانىيەدىن كەلگەن داڭلىق ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت خانىم ئىلمىي دوكىلات بەرگەن ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە تەتقىقاتچىلارغا ئۆزى سىزغان رەسىملەردىن سوۋغا قىلدى. ئۇ بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقانلىقىدىن تۇلىمۇ پەخىرلىندىغانلىقىنى ۋە بەكمۇ ھاياجانلانغانلىقنى ئېيىتىپ، نۇتۇق سۆزلىگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى-ئالىملارنى تەبرىكلىدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ 2 – قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئويلىغاندىكىدىنمۇ مەزمۇنى مول ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتتى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتچى – ئالىملار ئۆز تەتقىقاتىدىكى يېڭىلىقلارنى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا تۇلىمۇ ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە-ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ئىلھام بىرىش ۋە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ياراملىق بىر ئىز باسار بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن بەلگىلىك تۈرتكىلىك ئەھمىيىتىگە ئىگە.

بۇ قېتىمقى ئىلىمىي دوكىلات يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا جەم بولغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى، ئەزالىرى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن 15 ئۇيغۇر دوكتۇر ۋە تەتقىقاتچىلار بىرگە بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى يەكۈنلەپ چىقىپ، بۇ تۈردىكى ئىلمىي پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىنى بىردەك ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدا، 3-قېتىملىق  ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 11-12-كۈنلىرى ئېلىپ بېرىش قارارى ئېلىنىپ، بۇ ھەقتە پىلان لاھىيەلەر تۈزۈلدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كىيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ھەيئەتلىرى ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى زىيارەت قىلدى.   

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى بابى-ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى زىيارىتىدە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى تۈركىيە پەن – تېخنىكا ئىدارىسى زىيارىتىدە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى تۈرك ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسى زىيارىتىدە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىكى چەتئەل مائارىپى باشقارمىسى زىيارىتىدە

 

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى تۈركىيە باش مىنىستىرلىكى تۈركىيە سىرتىدىكى تۈرك قەۋىملىرى ئىشلىرى  باشقارمىسى زىيارىتىدە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى تۈركىيە بىرلىك ڧوندى جەمىئىيىتى زىيارىتىدە

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى دائىمىي ھەيئەتلىرى ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى زىيارىتىدە

يۇقارىقى بۇ تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى زىيارىتىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى بىلەن بۇ تەشكىلات ۋە ئورگانلار ئوتتۇرىسىدا ئالاقە  ئورنىتىلىپ، پەن – تەتقىقات جەھەتتە ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىندى. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىدى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئالىملارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە-ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىلغان ۋە قىلماقچى بولغان خىزمەتلىرى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىغا مەسلىھەت ۋە ياردەمدە بۇلۇش جەھەتلەردە ئېلىپ بارغان ۋە ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بىرىلگەندىن كىيىن، بۇ تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ خارەكتىرى ۋە ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىگە ئاساسەن ھەمكارلىقلار ئورنىتىلىپ بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل بولدى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئىلمىي زىيارەتلىرىدىن كىيىن، ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى دوكتۇر ئەركىن سىدىق تۈركىيەنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىدىن بىرى بولغان بوغاز ئىچى ئونىۋېرسىتىتىدا(http://www.boun.edu.tr/index_eng.html) ئىلمىي دوكىلات بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئامىرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىدا قىلىۋاتقان تەتقىقاتى ”كائىناتتىكى ھاياتلىق بار بولغان پىلانىتلارنى ئىزدەيدىغان ئالەم تېلىسكوپى“ ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىدى.

دوكتۇر ئەركىن سىدىق 2008- ۋە 2010-يىلىدىكى تۈركىيە زىيارىتىدە، ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى، بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتىتى، گەبزە يۇقىرى تېخنولوگىيە ئېنىستىتوتىدا ئىلمىي دوكىلات بىرىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئىلمىي ساھەلەر، ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا تۇنۇلىشىغا ۋە ئىنتايىن ياخشى تەسىر قالدۇرۇرىلىشىغا تۈرۈتكىلىق رول ئويناپ، باشقىلار قىلالغاننى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىقنى تۈركىيەدە يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش