ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بىر بادام دوپپا ئەپسانىسىدىن ھېس قىلغانلىرىم

بىر بادام دوپپا ئەپسانىسىدىن ھېس قىلغانلىرىم

پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت

بىزدە دوپپا كىيىش مىللىي ئەنئەنە بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر بۇ ئەنئەنە بويىچە ئۆزلۈكىدىن دوپپا كىيىشىدۇ، لېكىن بېشىغا كىيىپ يۈرگەن دوپپىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيدۇ. دوپپا ئاددىيلا بىر بۆك ئەمەس، ئۇنىڭدا ناھايىتى چوڭقۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت كودى يوشۇرۇنغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان بىر ئەپسانىگە قارىغاندا، بادامدوپپا ئەسلىدە بايراق ئىدى. ئەپسانىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇرلار ئۆز بايراقلىرىغا بادامنى كەشتىلىگەن ئىكەن. ئۇلار بەكمۇ ئۆم ئىكەن. خوتۇن-قىزلىرىنىڭ قۇلىقىغا ئاسقان زىرىلىرىنىڭ شەكلىمۇ بادام شەكلىدە ئىكەن. بوينىغا ئاسقان زۇننارلىرىنىڭ شەكلىمۇ بادام شەكلىدە ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۈشمەنلەر بۇلارغا ھۇجۇم قىپتۇ. ئىككى ئوتتۇرىدا قاتتىق جەڭلەر بوپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاڭقىلىرى (ھارۋىلىرى) غا ئولتۇرۇپ، ئاتلىرىغا مىنىشىپ، تۇغ – ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، داقا – دۇمباقلىرىنى چېلىشىپ نەچچە ئايلاپ قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىپتۇ. ئۇلار جەڭدە نۇرغۇن قۇربانلارنى بېرىپتۇ. لېكىن ئىككىلەنمەي، كەينىگە چېكىنمەي، تېخىمۇ غەزەپكە كېلىپ، ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قانلىق قىساسى ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلىۋېرىپتۇ. دۈشمەن كۈچلۈك، ئادىمى بىر قانچە ھەسسە كۆپ بولغاچقا، ئۇيغۇرلار ئۇرۇشتا ئاخىر مەغلۇپ بوپتۇ. ئۇلار مەغلۇپ بولسىمۇ، ئۆملۈكنى ساقلاپ، تىرىك قالغانلار جەڭ مەيدانىدا بايرىقىنى دۈشمەن قولىغا بەرمەپتۇ. ئۇلار بايراقنى يىرتىپ پارچىلاپ، تۆت تەرىپىنى چىگىپ باشلىرىغا كىيىشىپ، جەڭ مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىپتۇ. كېيىن بۇلارنىڭ قوشۇنىدىكى تارقىلىپ كەتكەن خەلق ئۇلارنىڭ بېشىغا چىگىۋالغان بايراق پارچىسىغا قاراپ <توپ بار>، <توپىمىز بار ئىكەن> دېيىشىپ يەنە يىغىلىپتۇ. ئۇلار توپلانغاندىن كېيىن، يىرتىلغان بايراق پارچىلىرىنى ئۇلاپ يەنە تۇغ-ئەلەم ياسىشىپتۇ ۋە ئۇيۇشۇپ كۈچ توپلاپ، دۈشمەنگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ غەلىبە قىپتۇ. كېيىنچە ئۇلاردا ھېلىقى بايراق پارچىسىغا ئوخشىتىپ باش كىيىم كىيىش ئادەتكە ئايلىنىپتۇ. ئۇلار بۇنى <توپپا> دەپ ئاتاشقانىكەن، كېيىنچە <دوپپا> دەپ ئاتىلىپتۇ. ھازىرقى <بادامدوپپا> شۇنىڭدىن قالغانىكەن.» (1) ئۇنداقتا، ئەپسانىلەرگە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟ ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى، تەبىئەتنى، تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىزاھلاش ۋە چۈشەندۈرۈش ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان ئەپسانىلەر ھەقىقىي ياكى خىيالى مۇئەييەن شەخس ، ھادىسە ۋە ماكان ھەققىدە ئېيتىلغان ئاغزاكى ھېكايىلەردۇر. زامان ۋە ماكانغا ئاساسلىنىپ ئېيتىلغانلىقى ئۈچۈن چۆچەكلەردىن ئىشەنچلىك بولىدۇ. تەركىبىدە فانتازىيە ئامىللىرى بولسىمۇ، تىڭشىغۇچىلارنى ياكى ئوقۇغان كىشىلەرنى ئىشەندۈرەلەيدۇ.
ئەپسانىلەر بىر مىللەتلەرنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تەپەككۇر ۋە دىنىي ئېتىقاد سىستېمىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ. مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىك بەرپا قىلىشىدا، ئۆز تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ ئېلىنىشىدا ۋە ئەمىلىيلەشتۈرۈلۈشىدە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.
بادامدوپپا ھەققىدىكى ئەپسانە، 1) تۈركلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مىللىي بايرىقىدا كۆكبۆرە بېشى موتىفىنىڭ بولغانلىقى، 2) بۇ ئەپسانىنى ياراتقان كىشىنىڭ يۈكسەك سىياسىي ۋە مىللىي ئاڭغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بايرىقىدا بادام ئەمەس، كۆكبۆرىنىڭ بېشى بار ئىدى. ئەجدادلىرىمىز كۆكبۆرىنى مۇقەددەس دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئۇلۇغلاپ بايراقلىرىغا كەشتىلىگەن، تۇمار قىلىپ بويۇنلىرىغا ئېسىشقان. مەسىلەن، ئابدۇراخمان خان غوجا ناملىق داستاندا مۇنداق مىسرالار ئۇچرايدۇ:

ئابدۇراخمان خان غوجا،

قايتىپ كەلدى قاتارغا.

كۆپنىڭ كۆزى قادالدى،

بوينىدىكى تۇمارغا.

* * *

بۆرە باشلىق ئول تۇمار،

مۇقەددەستۇر مۇبارەك.

سۆيۈنەردى جانى دىلدىن،

ئۇنى كۆرگەن ھەر يۈرەك.

مېنىڭچە، تارىخىي بايراقتىكى كۆكبۆرە بېشى كېيىنكى دەۋرلەردە دىنىي ئېتىقاد ياكى ئىدېئولوگىيەلىك سەۋەبلەر بىلەن بادامغا ئۆزگەرتىلگەن بولۇشى مۇمكىن. بادامدوپپا ھەققىدىكى ئەپسانىگە ئاساسلانغاندا، بادامدوپپا ئەسلىدە بايراقتۇر، مىللىي سىمۋولدۇر. ئۇيغۇرلار ئۆز بايرىقىنى قولىدا ئەمەس، بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن بىر خەلقتۇر.
ئەرىك ھوبسباۋننىڭ «ئەنئەنىلەرنىڭ ئىجادى» ناملىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقارىشى بويىچە، ئەنئەنىلەرنى ئىجاد قىلىش / يارىتىش مۇمكىن. مەن بادامدوپپىدىن يېڭى بىر باش كىيىم يارىتىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن. بادامدوپپىدا كەشتىلەنگەن بادام موتىفىنىڭ ئورنىغا كۆك بۆرە بېشى ياكى ئاييۇلتۇز موتىفىنى كەشتىلەشكە بولىدۇ. كۆكبۆرە بېشى ياكى ئاييۇلتۇزلۇق دوپپا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋە سىياسىي ئېڭىنى، شۇنداقلا مىللىي كىملىكىمنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدۇ. مەن بۇنىڭغا ئىشىنىمەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتتا، ھەر ئۇيغۇرنىڭ بۇ بايراقنى كۆتۈرۈش ۋە بۇ بايراق ئاستىدا ئۇيۇشۇش مەجبۇرىيىتى بار.

(1) كۆك گۈمبەز، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، ئۈرۈمچى، 2006، س. 353-354

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش