ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » كۈپتىكى بوياققا چۈشۈپ كەتكەن چىلبۆرە

كۈپتىكى بوياققا چۈشۈپ كەتكەن چىلبۆرە

كۈپتىكى بوياققا  چۈشۈپ كەتكەن چىلبۆرە

توپتىن ئايرىلىپ قالغان بىر چىلبۆرە كۈپتىكى بوياققا چۈشۈپ كېتىپتۇ ۋە ئىچىدىن مىڭ بالالىقتا ئاران چىقىپتۇ. ئەمما، ئۈستى-بېشى بويىلىپ كېتىپتۇ. بۇ ھالىنى كۆرگەن چىلبۆرە ئۆز-ئۆزىگە: “مەن كۆكلەردە لەرزان پەرۋاز قىلىدىغان توز بولدۇم”دەپتۇ.
ئۇنىڭ بويالغان تۈكلىرى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۈكلىرىنىڭ يېشىل، قىزىل، سېرىق ۋە شاپتۇل چېچىكىدەك رەڭلەردە بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى باشقا چىلبۆرىلەرگە كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ. چىلبۆرىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن باشقا چىلبۆرىلەرنىڭ ھەممىسى: “ساڭا نېمە بولدى؟ قانداق بولۇپ بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆز-ئۆزۈڭدىن خۇشال بولۇپ يۈرىسەن؟ بۇ خۇشاللىق سەۋەبىدىن بىزدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتىسەن. بۇنداق كۆرەڭلەشنى نەدىن ئۆگەندىڭ؟” دەپتۇ ۋە ئارىدىن بىر چاكال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: “ئەي دوستۇم! يا سەن بىزنى ئەخمەق قىلىۋاتىسەن، ياكى بولمىسا سەن تەركى-دۇنيا بولغان بىر دەرۋىش بولدۇڭ. ئالدىغا چىقىپ ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئۆزۈڭگە مەپتۇن قىلىش ئۈچۈن ھىلىگەرلىك قىلىۋاتىسەن. كۆپ ئاۋارە بولدۇڭ. ئەمما،ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدىڭ. ئەمدى ئىزا تارتماسلىقنى ئۆزۈڭگە ھۈنەر قىپسەن. بۇ نومۇسنى بىلمەسلىكىڭدىن بىز نومۇس قىلىۋاتىمىز” دەپتۇ.
ھەممە يېرى بوياق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ بويالغان چىلبۆرە، ئۆزىنى ئەيىبلىگەن چىلبۆرىنىڭ قۇلىقىغا ئاستا مۇنداق دەپتۇ:”ماڭا بىر قاراپ باق، رەڭدار ھالىمنى تاماشا قىل. ھەرقانداق بۇتقا چوقۇنغاننىڭ مېنىڭدەك بىر بۇتى يوق. مېنىڭ گۈلىستاندەك خىلمۇ-خىل رەڭگىم بار. شۇنداق يېقىملىق ۋە گۈزەل بىر ھالەتتە تۇرمامدىم؟ ماڭا قارشى تۇرماي، دەرھال سەجدە قىل. مېنىڭ ياسىنىشىمغا، پارقىراقلىقىمغا، رەڭگىمگە قارىمامسەن؟
“ئەي چىلبۆرىلەر! مەن ئەمدى چىلبۆرە ئەمەس. قايسىڭلار مەندەك گۈزەل چىلبۆرىنى كۆرۈپ باققان؟ سىلەر ئەمدى ھوشۇڭلارنى تېپىڭلار!”
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان بارلىق چىلبۆرىلەر ئۇ بويالغان چىلبۆرىنىڭ ئەتراپىغا، شامنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان پەرۋانىلەردەك توپلىنىپتۇ ۋە سوراپتۇ:
“ئۇنداقتا سېنى نېمە دەپ چاقىرساق بولىدۇ؟”
ئۇ چىلبۆرە جاۋاپ بېرىپتۇ: ” ئەركەك توز”
بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان چىلبۆرىلەر: “بوپتۇ شۇنداقمۇ دەپ ئاتايلى. ئەمما، توزلار گۈلىستانلىقلاردا، چىرايلىق قاناتلىرىنى كېرىپ جىلۋە قىلىپ، ھەيۋەتلىك ماڭىدۇ. سەنمۇ ئاشۇنداق جىلۋە قىلالامسەن؟”
بويالغان چىلبۆرە: “ياق ئۇنداق قىلالمايمەن. بىراق بۇ دەۋايىڭنىڭ توغرىلىقىغا مەيلى ئاز مەيلى كۆپ، دەلىل بولسىلا بولدىغۇ.” دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
بۇ جاۋابنى ئاڭلىغان چىلبۆرىلەر يەنە سوراپتۇ: “توزدەك يېقىملىق سايرىيالامسەن؟”
بويالغان چىلبۆرە: “ياق ئۇنداقمۇ سايرىيالمايمەن.”
بۇ جاۋابلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىردەك: ” ئۇنداق بولسا سەن توز بولالمايسەن. توزنىڭ رەڭمۇرەڭ، چىرايلىق پەيلىرى ھەقتىن كەلگەن. سېنىڭدىكى بۇ رەڭلەر ئۆزەڭنىڭ شەخسى  ئارزۇ-ئىستەكلىرىڭدىن بولغان. قانداقمۇ ئىككىسىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولسۇن؟ دەپتۇ.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

مال ۋە مەنسەپنى كۆرۈپ سەجدە قىلما. ئۇلار بوينۇڭغا سېھىرلىك مۇنچاق بولۇپ ئېسىلمىسۇن.
مال-مۈلۈك زەھىرى جان ئالغۇچى يىلاندۇر.
چاكال ھېچ بىر ۋاقىت توز بولالمايدۇ.
مۇسا بىلەن ھارۇن خۇددى توزنىڭ قاناتلىرىدەك ئىدى. شۇڭا ئۇ قاناتلارنى كۆرگەن پىرئەۋن ۋەيران بولدى.
قانىتىڭ بولمىسا ئۇچىمەن دېمە. بولمىسا ئېگىزدىن باشچىلاپ چۈشىسەن.
يامانلار مەيلى نېمە دېسۇن، يامانلىقى سۆزىدىن مەلۇم بولىدۇ.
كومزەك ئالساڭ، دەزلىرىگە قاراپ ئال. دەزلىرىنى كومزەكتىن چىققان ئاۋازدىن بىلىسەن. سۇنۇقنىڭ ئاۋازى باشقىچە بولىدۇ. چۈنكى ئاۋاز، ئۆز ھالىنى ئۆزى ئىزھار
قىلىدۇ.

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش