ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پايدىلىق ئۇچۇرلار » نىيويورك شەھرىدە «مەن ئۇيقۇدىن بىدار – ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

نىيويورك شەھرىدە «مەن ئۇيقۇدىن بىدار – ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2019-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى نىيويورك شەھرىدە «مەن ئۇيقۇدىن بىدار – ئۇيغۇرلار ۋەتىنىگە ئېھتىرام» نامىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 19-چىسلا ئۈچىنجى كۈنىدە دوكتۇر مۇقەددەس مىجىت خانىمنىڭ ئالاھىدە پرۇگۇراممىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى پائالىيەتكە بىر نەچچە ئۇيغۇر ئائىلىسىمۇ قاتناشتى.

بۈگۈنكى  رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمى كەچ سائەت 6:00 دىن 8:00 گىچە ئىككى سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، مۇراسىم جەريانىدا، بۇ قىتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ساھىبى لىسا روس بىۋاستە مۇناسىۋەت قىلغان ۋە يىقىنقى بىر ئىككى يىل جەريانىدا قولغا ئىلىنغان راھىلە داۋۇت، پەرھات تۇرسۇن، سەنەۋەر تۇرسۇن قاتارلىق زىيالىي ۋە سەنئەتچىلەر دۇچ كەلگەن پاجىلەرنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناھايىتى تەسىرلىك ۋە ئۆزگىچە قىلىپ ئاڭلىتىلدى. رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن زال گەرچە ئۇنچە چوڭ بولمىسىمۇ، قويۇلغان رەسسىملەر بەك كۆپ بولمىسىمۇ، بىراق بىر تەرەپتىكى تام پۈتۈنلەي راھىلە داۋۇتنىڭ رەسىملىرى بىلەن بىزەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى لىسا روسنىڭ بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئەجىر سىڭدۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش قىيىن ئەمەس ئىدى.

بۇ ئىچىلىش مۇراسىمىغا نىيويورك ئەتىراپىدا ياشايدىغان 10 يىقىن  ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخىرى رەئىسى دوكتۇر رىشات ئابباس ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى دوختور مەمەت ئىمىن ئەپەندىمۇ بار ئىدى. دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان لىسا روسقا، بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن ياپۇنلۇق خانىمغا ۋە بۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئالاھىدە فىرانسىيەدىن كەلگەن دوكتور مۇقەددەس مىجىتكە ۋە باشقا شەخىسلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيىتتى.

بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە يالقۇن روزىنىڭ ئايالى ۋە ئوغلىمۇ بار ئىدى. بۇ ئالاھىدە پرۇگۇراممىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پائالىيىتى يالقۇن روزىغا بىغىشلانغان ئىدى. دوكتۇر مۇقەددەس مىجىت يالقۇن روزى توغرسىدا سۆز قىلىپ، يالقۇن روزىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئۇستازى ھىساپلىنىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ يالقۇن روزى تۈزۈشكە قاتناشقان دەرىسلىك كىتاپلارنى ئوقۇغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. دوكتور مۇقەددەس مىجىت ئۆزىنىڭ ئۆزىگىچە تالانتى ۋە تەسىرلىك ئىپادىللىرى ئارقىلىق مۇراسىمغا قاتناشقۇچىلارنى ئالاھىدە تەسىرلەندۈردى، كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆز يىشى قىلىشتى.

ئاخىردا يالقۇن روزىنىڭ ئوغلى كامال تۈرك سۆز قىلىپ، بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچىلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيىتتى ۋە دادىسى توغرسىدا قوشۇمچە قىلىپ، دادىسى يالقۇن روزىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە دەرىسلىك كىتاپلارنى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقىنى، 10 يىلدىن ئارتۇق كەسپى ھاياتىنى يىزىقچىلىق ۋە لىكسىيە سۆزلەشكە سەرىپ قىلغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي يوقۇتۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، دادىسىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇنىڭ باللىرىنى دادىسىدىن، ئايالىنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ، يالغۇز ئۆز ئائىلىسىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بارغان بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش