ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » تۆھمەتكە قالغان ئادەم

تۆھمەتكە قالغان ئادەم

بۇخارا دېگەن شەھەردە سەدرى جىھاننىڭ بىر خىزمەتكارى تۆھمەتكە ئۇچراپ، ئۇ شەھەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بوپتۇ. ئۇ ئون يىل ياقا يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ ياشاپتۇ. ئاخىرى سەۋر قاچىسى تېشىپ ، بۇ سەرگەردانلىق ھاياتتىن جاق تويۇپ، دەپتۇ: “بۇ سەرسانلىققا چىدىغىدەك ھېچ ھالىم قالمىدى. بۇ دەردلىك كۆڭۈلنىڭ سەۋر تاقىتى تۈگىدى. بۇ ھىجراندىن تۇپراقلار شورلاشتى. ئاققان سۇلار توختىدى.
جانغا جان قوشقان شاماللار قورقۇنچلۇق ۋابا بولدى. ياپراقلار سارغىيىپ سامان بولدى. جەننەتتەك باغچىلار قۇرۇپ جەھەننەمدەك بولدى. دوستلاردىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇ ئەقىلمۇ، ئوقياسى سۇنغان مەرگەندەك بولدى. بۇ ھىجران ئازابى مېنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى. دۇنيادا ياخشى كۆرگەن نەرسەڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ بەتەر ئازابلىق ئىش بولمىسا كېرەك”
ئادەم شۇنداق خىياللاردىن كېيىن بۇخاراغا قايتماقچى بوپتۇ. ئۇ زامانلاردا بۇخارا ئىلىم- مەرىپەتنىڭ بۆشۈكى ئىكەن. خوجايىنى سەدرى جىھاندىن ئۇزۇن يىل ئايرىلىپ يۈرگەن ئادەمنىڭ يۈرىكى ئايرىلىش دەرتلىرىدە  لەختە بوپتىكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئادەمنىڭ ئۇدۇل سەدرى جىھاننىڭ يېنىغا بېرىشتىن باشقا بىر ئارزۇسى يوق ئىكەن.
ئۇ ئادەم: “مېنىڭ جايىم، يۇرتۇم ئۇنىڭ يېنىدىدۇر. مەن ئۇنىڭ يېنىدىلا ھۇزۇرغا ئىگە بولىمەن. مەن ئۇنىڭغا ئۆز دەردىمنى بايان قىلىمەن. مانا مەن كەلدىم. جېنىم ئىلكىڭدە. يا ئۆلتۈر، يا ياشات. سېنىڭ ھوزۇرۇڭدا ئۆلۈش، باشقا يەردە تىرىك يۈرگەندىن ياخشىراق. مەن شۇنچە يىل ئايرىلىپ ياشاپ باقتىم. ئەمما، سەنسىز ياشاشنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يەتتىم” دەپتۇ.
ئادەم يەنە  خىتاب قىپتۇ: “جان سۆيگىنىنىڭ يېنىغا كېتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاشىق ئۈچۈن ۋەتەن سۆيگۈسى دېگەن مانا مۇشۇ!”
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان دوستلىرى ئادەمگە بۇنداق نەسىھەت قىپتۇ:
“ئەي دوستۇم، سەن بىر ئەقىللىق ئادەم . ئەقىل ئىگىسى ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ ئاندىن قارار چىقىرىدۇ. ئەقلىڭنى ئىشلەت. ئىشنىڭ باش- ئايىغىنى ئوبدان ئويلا. ئۆزۈڭنى پەرۋانىدەك ئوتقا ئاتما. ساراڭدەك بۇخاراغا كېتىمەن دېمە. ئۇ يەرگە بارا- بارماي پۇت-قولۇڭنى زەنجىر كىشەن بىلەن كىشەنلەپ زىندانغا ئاتىدۇ. ئۇ سەدرى جىھان دېگەننىڭ ئاچچىقى تېخى يانمىدى. سېنى قاچان كېلەركىن دەپ چىشىنى بىلەپ تۇرىدۇ. جانابى ھەق ئۆز ۋاقتىدا ساڭا بىر پۇرسەت بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇڭ. ھازىر نېمە ئۈچۈن زىندانغا قاراپ يول ئالىسەن؟ پەرىزىمىزچە، سەن بۇ نەسىھەتلىرىمىزگە قۇلاق سالمايدىغاندەك قىلىسەن”
ئادەم دەپتۇكى: “ماڭا نەسىھەتنىڭ كېرىكى يوق. مېنىڭ قارارىم قەتئىي. بىر يەردە ئاشىق ئوتى ئۇلغايدىمۇ، ھېچكىمنىڭ سۆزى كار قىلمايدۇ. ئۆلۈم بىلەن مېنى قورقۇتىمەن دېمە، ئاشىق ئۈچۈن ھەرۋاقىت بىر ئۆلۈم بار. ئاشىق مەشۇقىغا ھەرۋاقىت جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييار. مەن بۇخاراغا  بىر ئۇستازدىن دەرس ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مەشۇقۇمنى كۆرۈش ئۈچۈن بارىمەن. ئاشىقلارغا مەشۇقىنىڭ گۈزەللىكى بىر ئۇستازدۇر. كىتاب، دەپتەر  ۋە قەلەم ئۇنىڭ يۈزىدۇر. ھەر نەرسېنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ماھىيىتى بار.” دەپتۇ ۋە بۇخاراغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ.
پۇتلىرىنىڭ ئاستىدىكى قۇملار ئۇنىڭغا مامۇقتەك، دەريالار كىچىك ئېرىقتەك تۇيۇلۇپتۇ. چۆللەر گۈل-گۈلىستاندەك كۆرۈنسە، كۆڭلى گۈللەردەك ئېچىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ ئاخىرى سۆيگۈنى بار بۇخاراغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ بۇخارا كوچىلىرىنى مەي ئىچكەن مەستەك كېزىپتۇ. ئۆزىنى بۇخارا ئاسمىنىدىكى ئاي قۇچاقلاۋاتقاندەك ھېس قىپتۇ. ئەمما، يولدا كۆرگەن تونۇش – بىلىشلەر ئۇنىڭغا:”ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەي ئۇدۇل قاچ. پادىشاھنىڭ ئاچچىقى تېخى يانمىدى. ئون يىللىق ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، سېنى ئىزدىمىگەن يېرى قالمىدى. ئۆتۈنۈپ قالايلى ئۆزۈڭنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمە. مادامىكى قاچتىڭ، ئەمدى نېمە دەپ كەلدىڭ؟ بالادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچىگەن ئىدىڭ. ئەمدى قايتىپ كېلىشىڭنىڭ ئۆزى بىر ئەخمەقلىق. ئارسلان، تەلەيسىز توشقان بىلەن دوست بولامدۇ؟ ئەقلىڭدىن ئازغان ئوخشايسەن” دەپ نەسىھەت قىپتۇ.
ئاشىق دەپتۇ: “مەن ئۇسسۇزلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بوپ قالدىم. شۇڭا ئۆزۈمنى دەرياغا ئاتتىم. بەلكى سۇ مېنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم، سۇدىن ئۆزىگە زىيان كېلىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلمەيدۇ. ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدا “بۇ نە قەدەر راھەت ئۆلۈم-ھە!” دەيدۇ. قەيەردە بىر ئاقار سۇ كۆرسە، ئۇ سۇ مەن بولسامچۇ دەپ قىزغىنىدۇ. مېنىڭ مەقسىتىم ئاشىق ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماقتۇر. ئۆز ۋاقتىدا ھىلە ئىشلىتىپ قاچقىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىمەن”
شۇنداق قىلىپ ئادەم سەدرى جىھاننىڭ ھۇزۇرىغا بارماقچى بوپتۇ. پۈتۈن بۇخارا خەلقى ھەيرانلىق ئىچىدە قاپتۇ ۋە “ئەجەبا ئۇنى ئاسامدىغاندۇ ياكى ئوتتا كۆيدۈرەمدىغاندۇ؟” دەپ غۇلغۇلا قىلىشىپتۇ.
سەدرى جىھان، ئۆز زامانىدىكى يوقسۇللارغا قىلغان زالىملىقىنى، ئۇ ئادەمگىمۇ قىلغان ئىكەن ۋە لېكىن ئادەم قېچىپ قۇتۇلۇپتىكەن. بىراق، ئاشىق ئوتىدا يېنىپتىكەن . پەرۋانىدەك لامپىنىڭ يورۇقىنى نۇر دەپ بىلگەن ئۇ ئەخمەق ئادەم ئۆز جېنىغا ئۆزى زامىن بولغىلى ئاز قاپتىكەن.
لېكىن ھازىر ھەقىقىي ئاشىق ئىكەن. ئىشىق شامى ئادەتتىكى شامغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئايدىڭلىق ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك يورۇقلۇقتۇر. ئاشىقنىڭ ئوتى، كۆرۈنۈشتە ئوت. ئەمما ئىچى پۈتۈنلەي نۇردۇر.
سەدرى جىھان بۇ ئاشىقنىڭ ھىجران ئازابىدا نۇرغۇن جاپالارنى تارتقانلىقىنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپتۇ. مۇزلىغان كۆڭلى ئېرىپتۇ. بىر كۈنى تاڭ سەھەردە ئۆز كۆڭلىدە ئويلاپتۇ: “ئۇ بىچارىنىڭ كۆڭلى نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ بىر گۇناھ قىلدى، بىز ئۇنى كۆردۇق. ئەمما، ئۇ بىزنىڭ ياخشىلىقىمىزنى، ۋاپايىمىزنى كۆرمىدى. گۇناھىدىن قورقۇپ بىزدىن قاچتى. ئەمما، ئۇنىڭ ئۇ قورقۇسىدا نۇرغۇن ئۈمىد بار ئىدى. گۇناھ قىلىپ، گۇناھىنى تونۇمىغان جازالىنىدۇ. ئۆز گۇناھىنى تونۇغاننى جازالاش ئەدلىمىزگە ئۇيغۇن ئەمەس. سوغۇق سۇ بار قازاننىڭ ئاستىغا ئوت ياقىمىز، قاينىغان قازانغا ئوت كېرەك ئەمەس. ئىنساننىڭ سىرلىرى دەرەخنىڭ يىلتىزىدەك. شاخ ئۇنىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. دەرەخنىڭ شاخلىرى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ. نەپسىمۇ، ئەقىلمۇ ھەم شۇنداق. ئاشىقتىن كۆكلەردە شاخلار ئۆسىدۇ، سەدرى جىھاننىڭ كۆڭلىدە ئۆسمەسمۇ؟ “
پادىشاھ ئەنە شۇنداق ئويلاردا بولۇپ، خىزمەتكارنى كەچۈرۈۋېتىش قارارىغا كەپتۇ . كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە بىر دېرىزە ئېچىلىپتۇ. مەشۇق، ئاشىققا ئۆز مەيلىنى بىلدۈرۈپتۇ.
سەدرى جىھان ئۇ ئادەمنىڭ يېنىغا مېڭىپتۇ. سادرى جىھان ئۇ ئادەمنى كۆرۈپ، خۇددى تېنىدىن جان قۇشى ئۇچقاندەك تۇيغۇغا كەپتۇ. قۇرۇق ياغاچتەك بوپ قالغان ئاشىقىنىڭ ھەيرانلىق ئىچىدە، ئاغزى گەپكە كەلمەيلا قاپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ سارغايغان يۈزىنى كۆرۈپ، ئاتتىن چۈشۈپ، ئادەمنىڭ ئالدىغا كەپتۇ. ئۇنىڭغا ئىلتىپات قىلىپ ئاستا-ئاستا ئۇنى سەگىتىپتۇ ۋە قۇلىقىغا دەپتۇ:
“ئەنسىرىمە ئەمدى ساڭا مەدەت بېرىش ئۈچۈن كەلدىم. سەن ئۆز نېسىۋەڭنى ئالىسەن. ئايرىلىپ سەنمۇ كۆپ جاپا تارتىڭ. ئەمدى ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال. بۇ خاتالىق، بۇ دەردلەر تۈگىسۇن!” ۋە كۆپچىلىككە قاراپ خىتاب قىپتۇ:
“بۇ ئاغرىپ قاپتۇ. داۋاسى مەندە. بۇ ئۆلۈك تەن مېنىڭ بىلەن تىرىك. ئۇ جانىدىن كەچتى، ئۇنداقتا ئۇ ماڭا جاندۇر. ئۇنىڭغا مەن يەنە باشقا بىر جان بېرەي ” دەپ ئاشىقىغا بۇرۇلۇپتۇ ۋە: “ئەي دەردكە، بالاغا مۇپتىلا ئاشىق! مۇرادىمىزغا يېتىشنىڭ ۋاقتى كەلدى. قېنى كەل! سېنىڭ سەرگەردان بولۇشۇڭغا، جاپا تارتىشىڭغا بىز سەۋەبچى بولدۇق. ئەمدى ساڭا بەزى ئىشلارنى دەپ بېرەي، سەن ئاڭلا!”
ئۆلۈكتەك قېتىپ قالغان ئاشىق، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئاستا-ئاستا ئۆزىگە كېلىشكە باشلاپتۇ. دەرتمەن ئاشىق خۇشاللىقتىن كۈلۈپتۇ. ئارقىسىغا ئازراق يېنىپ تازىم  قىپتۇ. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بۇنداق دەپتۇ :
“جامائەت! تەڭرىگە مىڭ شۈكرىكى ئاخىرى قايتىپ كەلدىم. ئەي قەدىرلىك سەدرى! مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەنلىكىڭ مېنى ئالەمچە خۇشال قىلدى. بۇ ياخشلىقىڭ ئۈچۈن قۇلۇڭ بەكمۇ ھاياجانلاندى. ئەمدى ماڭا قۇلاق سال. بىرىنچى، سەندىن ئايرىلغاندىن بېرى نەزىرىمدە ھەممە نەرسە زۇلمەتتەك كۆرۈندى. ئىككىنچى، قۇلىقىڭنى ۋە ئەقلىڭنى ماڭا بەر. ئۇلارنى كۆپ ئىزدىدىم، ئەمما، ئۇلاردەكنى تاپالمىدىم. ئۈچىنچى، سەندىن ئايرىلغانلىغىم ھەق ئۈچۈن بولغانلىقى ماڭا ئايان بولدى. تۆتىنچى، ئۆتكەن ئىشلارغا سالاۋات!  بەشىنچى، قەيەردە بىر تامچە قان كۆرگەن بولساڭ، ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمدىن ئاققان ئىدى. ئەي شاھ! كۆزلەردىن ئاققىنى يۈرەك قانىدۇر.” مانا شۇنداق تەسىرلىك گەپلەرنى دەپ يىغلاپ كېتىپتۇ ۋە ئەتراپىدىكى پۈتۈن خەلقنىڭمۇ  كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلۈپتۇ.

ھېكمەتلىك سۆزلەر:

سايە قانداقمۇ قۇياشقا دەلىل بولسۇن؟
ئەگەر كېچە بولمىغان بولسا ئىنسانلار دەم ئالماي،  ئۆز نەپسى ئۈچۈن  ئۆز- ئۆزىنى نابۇت قىلاتتى.
ئەقىلسىزغا ئېغىلدىكى يەممۇ ئېسىل كۆرۈنىدۇ.
قاسساپنىڭ بەرگەن ئوتى ئاچچىق.
شەيتان سۈتىنى ئېمىشتىن قۇتۇلساڭ، رىسقىڭ مول بولىدۇ.
ئەقىللىق غەم يەيدۇ، نادان بال.
ئۆلۈم كۈنۈڭ ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۆلۈكتەك بولساڭ، ئەبەدىي ئاشىق بىلەن يار بولىسەن.
جاپا، تىرىشچان كىشى ئۈچۈن بىر ئايغا ئوخشايدۇ.
جان قايغۇسىدا جاناندىن قاچما!
سۆيگۈنىڭ ئاشىق قىلىچىدىن بوينۇڭنى قاچۇرما.
ئۆستەڭنى كۆرسەڭ، ئېرىقتىكى سۇنى ئۇنىڭغا باشلا. سۇ ئۆستەڭدىن قاچامدۇ؟
ئېرىقتىكى سۇ، ئۆستەڭگە قوشۇلسا، ئۇنىڭدا يوق بولۇپ ئۇنىڭدەك بولىدۇ.
ئاشىقنىڭ بەدەنلىرى ھىجران ئازابىدا زەئىپلەشكەن بولسىمۇ، سۆيگۈسى تاۋلىنىدۇ.
كۆك يۈزى ئەر بولسا، يەر يۈزى ئايالدۇر. كۆكنىڭ بەرگىنىنى يەر بېقىپ يېتىشتۇرىدۇ.
بەزى ئىشلارنى نىيەت قىلىسەن. قارار قىلىسەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
بەزىدە كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئىشەنچ بولسىمۇ ئىشلار تەتۈرىگە ماڭىدۇ.
ئاشىقنىڭ مەشۇقىغا ئېرىشىشى، جان ۋە كۆڭۈل بىلەن باغلانغان ئاشىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ

مەنبە: ”ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى“ ناملىق كىتاب

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش