ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » قىزىمنىڭ خاتىرىسى

قىزىمنىڭ خاتىرىسى

قىزىمنىڭ خاتىرىسى

نۇرىيە راخمان

بۈگۈن سەھەردە ئويغىنىپلا ئاخشامقى ھاياجانلىرىمنىڭ يەنىلا شۇ پېتى ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بالكونغا چىقىپ، سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن تويۇپ، تويۇپ نەپەس ئالدىم. بۇ يىل كۈز پەسلى تولىمە ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ، بەزىدە ھەتتا تەمپەراتۇرا 20گرادۇستىن ئېشىپ، ئادەمگە ئارام-بەخىشلىك ئىللىق ھاۋا داۋام ئېتىۋاتىدۇ. قىزىمنىڭ ئۆيى ئارۋ دەيدىغان بىر دەريانىڭ بويىدا بولغاچقا، ھەر قېتىم قىزىمنىڭ ئۆيىگە كېلىپ قونۇپ قالسام، سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا، بالكونغا چىقىپ، خۇددى تۇنجى قېتىم كۆرۇۋاتقاندەك، ئەتراپتىكى مەنزىرىلەرگە زوق بىلەن قاراپ كېتىمەن. بۈگۈن مېنى كۆك ئاسمانلىق ئوچۇق بىر كۈن كۈتىۋالدى. سەھەرنىڭ ھاۋاسى سەل سوغۇق بولسىمۇ، ئۇيقۇدىن يېڭى ئويغانغان تەنگە بۆسۈپ كىرىپ، ئادەمنىڭ روھىنى جانلاندۇراتتى. مانا سۇس يېشىل قاشتېشى رەڭگىدىكى دەريا سۈيى تېپ-تېنىچ ئېقىۋاتىدۇ. بىر نەچچە ئۆردەك سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ يۈرۈيدۇ. دەريا بويىدىكى ئىككى رەت دەرەخلەر گەرچە كۈز پەسلىدىن بىشارەت بېرىپ، ياپيېشىل يوپۇرماقلىرىنىڭ رەڭگىنى قىزغۇچ، سېرىق، سۇس يېشىل دېگەندەك رەڭلەرگە ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، يوپۇرماقلىرىدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، ئۇلارنى مەھكەم تۇتىۋالغان بولغاچقىمۇ، يەنىلا شۇنداق مەزمۇت كۆرۈنەتتى. بۇ دەرەخلەر ئارىسىدىكى پىيادىلەر يولىغا چۈشكەن كۈز يوپۇرماقلىرى خۇددى رەڭلىك پاياندازدەك، بۇ يولغا تېخىمۇ گۈزەل بىر تۈس بەرگەن ئىدى.

ئادىتىم بويىچە ئىشقا مېڭىشقا تەرەددۇتلەندىم، ئەمما كېچە ئۇيقۇلىرىمنى ئاللىقاياقلارغا قاچۇرۇپ، مېنى خېلى ۋاقىتلارغىچە ئۇخلاتمىغان تۈگىمەس ئويلارغا، ئاخشام قىزىم بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمىزگە ئىختىيارسىز قايتا شۇڭغۇدۇم.

تۆنۈگۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىن، قىزىم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، بىر كىتاب توغرىلىق سۆز ئېچىلدى. قىزىم ئۇ كىتابنى كىتاب ئىشكابىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ، قولىغا بىر خاتىرە دەپتەرنى ئالدى. خاتىرە دەپتەر نەچچە يىللاردىن بېرى قولغا ئېلىنمىغان بولغاچقىمۇ، ئۈستىگە بىراز توپا-چاڭلارمۇ قونغان ئىدى.

– ھەجەپمۇ چىرايلىق تاشلىق خاتىرىكەنغۇ قىزىم ؟ ئەكىلىڭە، كۆرۈپ باقاي، دېدىم مەن قىزىقىپ.

قىزىم خاتىرىنىڭ ئۈستىنى پاكىز سۈرتىۋېتىپ:

– بۇ مەن بۇرۇن كۆچۈرۈپ يازغان، مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شېئىرلار ئاپا، ئۇزۇن بوپتۇ قولۇمغا ئالمىغىلى،- دېگەچ، خاتىرىنى ماڭا ئۇزاتتى.

بۇ خاتىرىنىڭ مۇقاۋىسى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ نەققاشلىق سەنئىتىگە مايىل رەسىملەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان،ھەر خىل رەڭلىك چېچەكلەر بىلەن تولغان نەپىس بىر پارچە سۈرەتلىك تاش ئىدى. بىرىنچى بېتىنى ئاچتىم. قىزىم ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۇيغۇرچە يېڭى يېزىقتا، كونا يېزىقتا ۋە خەنزۇچە يېزىپ بولۇپ، دادىسى ۋە مېنىڭ ئىسمىمنى فامىلىلىرىمىز بىلەن قوشۇپ كونا يېزىقتا يېزىپتۇ. بۇ بەتنىڭ ئەتراپىنى رامكىلاپ، چىرايلىق كىچىك گۈللەر بىلەن يۇلتۇزلارنى سىزىپ بېزەپ، خۇددى بۇ خاتىرىسىنىڭ كىرىش سۆزىنى بەرگەندەك بوپتۇ. ئىككىنچى بېتىگە ئۆتتۈم. بۇ بەتنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا ھەم ئاددىي ھەم ئوماق كىچىك گۈللەر، ئوتتۇرىسىغا كىچىكتىن تەدرىجىي چوغايغان ھالقىسىمان شەكىللىك چېچەكلەر سىزىلغان ئىدى. ئۈچىنچى بېتىگە ئۆتۈشۈم بىلەن، ھەيرانلىقىم خۇددى دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلغان دولقۇنلاردەك ئۆرلەشكە باشلىدى. بۇ بەتتىن باشلاپ، قىزىم سول بەتكە بىر پارچە رەسىم چاپلاپ، ئوڭ بەتكە شېئىر كۆچۈرۈپتۇ. كۆزۈم دەرھال”باھار چىللايمەن“ دېگەن تېمىغا چۈشتى. بۇ شېئىرنى مەن نەچچە قېتىملاپ ئوقۇغان، ھەتتا بىر نەچچە كوبلېتىنى يادلاپمۇ ئالغانىدىم. خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەشھۇر يازغۇچىمىز، شائىرىمىز مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ بۇ شېئىرى قەھرىتان زىمىستاندا غال-غال تىترىگەن قانچىلىغان يۈرەكلەرنى ئىللىتمىغان؟! قانچىلىغان ئۈمىدسىز روھلارغا جان بېرىپ، يېڭى ھايات يولىغا باشلىمىغان؟! يەنە قانچىلىغان كىشىلەرغا غەيرەت، جاسارەت، ئۈمىد مەشئەللىرىنى تۇتقۇزۇپ، يۈكسەك غايىنىڭ سەركىلىرىگە ئايلاندۇرمىغان؟! بۇ، بۇ بىر شېئىرلا ئەمەس، بۇ بىر ئابىدە، بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىبلىنامىسى! تۆت كۆبلەت شېئىرنى جاراڭلىق ئوقۇپ چىقتىم. شېئىرنى ئوقۇپ بولۇپلا قىزىمدىن:

– بۇ خاتىرىنى قاچان يازغانتىڭىز قىزىم؟- دەپ سورىدىم ھاياجان بىلەن.

شىۋىتسارىيەگە يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا، يەنى 14-15 يىللار ئىلگىرى. سىز ئالدىراش بولغاندىكىن، دەرسلىرىمنى ئۆگىنىپ بولۇپلا، شۇ كىتاب ئوقۇغاچ، ياخشى كۆرگەنلىرىمنى كۆچۈرۇۋالغانتىم،- دەپ جاۋاب بەردى قىزىم.

كېيىنكى بەتلەرنى ئۆرۈشكە باشلىدىم: فرانسۇزچە ئاددىي تىلدىكى ئىككى پارچە شېئىردىن كېيىن، ئىنگلىزچە” كەچۈر دېيىش ھەممىدىن تەس سۆز بولسا كېرەك“، ئاندىن”ھەممە دەست تۇرايلى“دېگەن ئىككى ناخشىنىڭ تېكىستى تۇراتتى. مەن قىزىم ئۈچ ياشلارغا كىرگەندىلا ئىنگلىزچە ئۆگىتىشكە باشلىغان بولغاچقا، 12 يېشىدا شىۋىتساترىيىگە يېڭى كەلگەندە، فرانسۇزچىنى تېخى بىلمىگەچكە، ئىنگلىزچە سۆزلەپ، مەقسىدىنى چۈشەندۈرەلەيتتى. ”بلۇ “(”كۆك“) دېگەن بىر گۇرۇپپىنىڭ ناخشىلىرىغا تولىمۇ ھېرىسمەن ئىدى. شۇڭا بۇ تېكىستلەرنى كۆرۈپ زىيادە ھەيران بولمىدىم. .

-شۇ چاغلاردا ئاجايىپ ياھخى كۆرەتتىڭىز- ھە بۇ گۇرۇپپىدىكى ناخشىچىلارنى؟

-ھەئە ئاپا، ئۇمۇ شۇنداق بىر دەۋىر ئىدى.

ئاندىن، بىر تۈركچە تېما قويۇلغان بەتكە كەلدىم ”ياگمۇرلار ئىسلانماسىن: “، بۇ بىر مۇھەببەت ناخشىسىنىڭ تېكىستى ئىدى.

-قانداقلارچە بۇ تۈركچە ناخشىنىڭ تېكىستىنى كۆچۈرۈپ قالدىڭىز قىزىم؟

قىزىمنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا، كۆزلىرىم ”ئىز“ دېگەن سەرلەۋھىگە تىكىلدى. سول بېتىگە قىزىمنىڭ 12 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنىدە بىز شۇ كۈنى ئولتۇرۇپ جەنۋە كۆلى يەنى لېمان كۆلى سەيلىسى قىلغان پاراخوتنىڭ كاپىتانى بىلەن چۈشكەن رەسىمى چاپلانغان ئىدى. ئوڭ بەتىگە ئۇلۇغ شائىرىمىز مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ تۆت كۆبلەتلىق ”ئىز“ ناملىق شېئىرى كۆچۈرۈلگەن ئىدى. ياق، ”ئىز“ نى شېئىر دېگەندىن، ئۆتمىشىمىزنىڭ يەكۈنى، كەلگۈسىمىزنىڭ نىشانى دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ! قىزىم سۆز باشلىدى:

-ئاپا، 5-6 ياش چاغلىرىمدا ماڭا ”ئىز“ ۋە يەنە” تۈگىمەس ناخشا“،”ھەيكەل“ دېگەن شېئىرلارنى يادلاتقان ئىدىڭىز. چوڭ ئۆيلەرگە بارسام بوۋام-موماملار، قوروغا چىقسام خۇلۇم-خوشنىلار « دىلفۇرۇز ”ئىز“ نى بىر ئوقۇپ بېرىڭە» دەپ تۇرىۋالاتتى. بىر قېتىم تېخى « يۇلغۇن» رېستۇرانىدىكى بىر خەتنە تويدىمۇ مەن بۇ شېئىرنى دىكلاماتسىيە قىلىپ بەرسەم، بىر نەچچە داداش كېلىپ ماڭا پۇللارنى بېرىپ كەتكەنىدى. ئېسىڭىزدىمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا ئۆگەنگەن شېئىرلىرىمنى پەقەت ئۇنتۇمايمەن ئاپا.

ئېسىمدە بار، ئەلبەتتە. قىزىم كىچىك چاغلاردا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان شېئىرلاردىن بەش-ئالتىنى قىزىمغا يادلاتقۇزغان ئىدىم. دىكلاماتسىيە قىلغاندا چوقۇم توغرا ئوقۇشىنى ھەم روھلۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلاتتىم. چۈنكى مەن ئۈچۈن بۇ شېئىرلار مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ مىللەتكە بولغان چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتى ۋە كامالەتكە يەتكەن ئەقىل-ئىدرەك تۇيغۇلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماستىن، دەۋر بورانلىرىدا بىھۇدە تۆكۈلگەن قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن مۇقەددەس ئەسەر ھەم تېپىلغۇسىز مەنىۋىي بايلىق ھېسابلىناتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قىزىمنى ئۆيدە دىكلاماتسىيە قىلدۇرغىنىمدا، سەل بوشاڭلىق كۆرۈلسە، تېرىكىپ كېتەتتىم، بەزىدە زەردىم بىلەن:”بۇنداق ئوقۇغاندىن كۆرە، ئوقۇمايلا قويۇڭ. ياخشى ئوقۇمىسىڭىز، بۇ چوڭ داداشلارغا بىھۆرمەتلىك قىلغان بولىسىز! “ دېگەن ۋاقتلىرىمدا، قىزىم دەرھال خۇددى ھازىر جەڭگە ئاتلىنىدىغان كىچىك جەڭچىدەك قەددىنى رۇسلاپ، بۇ شېئىرلارنى قايتا-قايتا دىكلاماتسىيە قىلاتتى. لېكىن ھەر قېتىم باشقىلار ئالدىدا دىكلاماتسىيە قىلغاندا بولسا، قىلچە تارتىنماي، ئەستايىدىللىق بىلەن بىر باشلاپ كەتتىمۇ، “توختاڭ! بولدى قىلىڭ!” دېمىگۈچە، بىرنەچچە شېئىرنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنى ئۇلاپ، شۇ قەدەر جانلىق ھەم جاراڭلىق ئوقۇپ كېتەتتى

شۇ ئەسلىمىلىرىم بىلەن يىراقلاپ كېتىۋېتىپ، نەزىرىم ئىختىيارسىز شېئىر ئاستىدىكى سۇس سېرىق رەڭدە سىزىلغان قۇم بارخانلىرىغا، قارا رەڭلەردە سىزىلغان كىچىك-كىچىك ئاياق ئىزلىرىغا، قىزغۇچ رەڭلىك كەچلىك ئۇپۇق مەنزىرىلىرىگە ئاغدى. بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە ئەسلىدىنمۇ يىغلاڭغۇ بولۇپ كېتىۋاتاتتىم، بۇ رەسىمنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم. ياشلىرىم ئەمدى ماڭا بوي بەرمەيتتى، خۇددى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك، كۆزۈمنىڭ ھەممىلا يېرىدىن تۆكۈلۈشكە باشلىدى، گويا ماڭا : ” بىزنى ئەركىن قويۇۋەت! بىزنى ھازىر تۆكمەي قاچان تۆكىسەن؟ بىزنى خوشاللىق بىلەن، پەخىرلىك بىلەن تۆكۈۋاتىسەن! “دەۋاتقاندەكمۇ قىلاتتى. شۇنداق، مەن، قىزىمدىن سۆيۈنۇۋاتاتتىم، قىزىمدىن پەخىرلىنىۋاتتاتتىم، قىزىمدىن رازى بولۇۋاتاتتىم. قىزىمنى باغرىمغا باستىم.

بىراز ئېسلىمگە كېلىۋالغاندىن كېيىن، تېخىمۇ قىزىقىش بىلەن بەتلەرنى ئۆرۈشنى داۋاملاشتۇردۇم: بۇ بەتتە مەشھۇر قوشتىللىق يازغۇچىمىز مەرھۇم ئابدۇكېرىم خوجىنىڭ ”ھەيكەل“ دېگەن شېئىرى، ياندا قىزىمنىڭ مومىسى سائادەت ئىمىن ئاپامنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ، مەڭزىلىرىنى يېقىپ، كۈلۈپ چۈشكەن رەسىمى، كېيىنكى ئۈچ بەتتە ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپنىڭ ” سۇلايمان گۇۋاھ“ دېگەن شېئىرى، يەنە بىر بەتتە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ” ئويغان“ دېگەن شېئىرى … شېئىرلارنىڭ ھەر بىرىنى تولۇق ھەم ئاۋازىمنى قويۇپ بېرىپ ئوقۇپ چىقتىم. كېيىنكى بىر نەچچە بەتلەرگە فرانسۇزچە، ئىنگلىزچە، نېمىسچە شېئىرلار كۆچۈرۈلگەن ئىدى. ئاندىن، ۋۇجۇدۇمدا يەنە بىر يېڭى دولقۇنلار كۆتۈرۈلۈشكە تەمشەلدى. كۆز ئالدىمدا مەن ئوقۇپ باقمىغان شېئىرلار: نىمشەھىدنىڭ 20 كوبلېتلىق”ئالدىدا“ دېگەن شېئىرى، تۇرسۇن بەگ ئىبراھىمنىڭ”سەككىز سۈرىتىم“ ناملىق ساتىرىك داستانىدىن ئېلىنغان يەتتە كوبلېتلىق پارچە، داڭلىق شائىرىمىز مەرھۇم تېيىپجان ئەلىيوپنىڭ”تىۋىلغا“ ناملىق شېئىرى، داڭلىق يازغۇچى، شائىر روزى سايىتنىڭ ” بىل“، ”يۈرەك سۆزۈم“دېگەن ئىككى پارچە شېئىرى… بۇ شېئىرلارنى مەن راستلا بىلمەيدىكەنمەن. بىردىن بىردىن ئوقۇپ، خۇددى بىر يېڭى ئەڭگۈشتەر تېپىۋالغاندەك ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتتىم:

قىزىم، بۇ شېئىرلارنى مەن ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن، بەك ئېسىل شېئىرلاركەن.-

قىزىم تەمكىنلىك بىلەن سۆز باشلىدى: ”مەن بۇ شېئىرلارنى بىرنەچچە قېتىم ئوقۇپ، ياخشىكەن دەپ تاللاپ كۆچۈرگەن ئىدىم ئاپا. مېنى دەل مۇشۇنداق شېئىرلار ”ساڭا كۆيدۈم، ماڭا كۆيەمسەن؟ سېنى ئالمىسام ئۆلىمەن“ دېگەندەك تېتىقسىز ناخشىلاردىن يىراق تۇتقان. ئادەم كىچىكىدە ئالغان تەربىيە بەك مۇھىمكەن، ئادەمگە قايسى يولنى بويلاپ ئىلگىرىلەشنى ئۆگىتىدىكەن. شۇ تەربىيە بولغاچقا، فرانسۇزچە ياكى ئىنگلىزچە تىللاردا تاللاپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلىرىممۇ يەرلىكلەر ياختۇرۇپ ئوقۇيدىغان ياكى ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن كىتابلار بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ يۆلىنىشتە ماڭىمەن. ۋاقتىم بولسا، ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇشنى قايتا باشلىۋالسام بولاتتى.

قىزىمنى يەنە باغرىمغا باستىم: ” رەھمەت قىزىم! بۇ خاتىرىڭىزدىكى مۇندىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، ئەمدىلا 12-13 ياشلارغا كىرگەن ئۆسمۈر چاغلىرىڭىزدا كۆچۈرۈپ يازغان، مەن ھەتتا كۆرۈپمۇ باقمىغان ئېسىل شېئىرلارنى ئوقۇپ، بىر ھاردۇقۇم چىققاندەك بولۇپ قالدىم. گەرچە ئانا ۋەتىنىمىزدىن ئون ئىككى يېشىڭىزدا ئايرىلىپ بۇ يەرگە كەلگەن بولسىڭىزمۇ، ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەنكى، سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىڭىز، مىللىي روھىڭىز، ئۇيغۇرلۇق غورۇرىڭىز ۋەتەندىن ئايرىلماي ياشاۋاتقان تەڭتۇشلىرىڭىزنىڭكىدىن ئارتۇق بولسا ئارتۇقكى، ھەرگىز كەم ئەمەس! “ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ” دېگەن گەپ بار. سەبىي چاغلىرڭىزدا قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئورنىغان بۇ ئۇچقۇنلار ئىلگىرى بولسۇن، كېيىن بولسۇن، چوقۇم بىر كۈنى ۋەتىنىمىزگە، خەلقىمىزگە بىر كىشىلىك ھەسسىڭىزنى قوشالايدىغان ئادەم بولۇپ چىقىشىڭىزغا تۈرتكە بولغۇسى. مېنى بەكلا خوش قىلىۋەتتىڭىز قىزىم! ئۇلۇغ ئاللانىڭ ماڭا سىزدەك بىر پەرزەنت بەرگىنىگە مىڭ مىڭ شۈكرىلەر جېنىم قىزىم!“ .

-ئاپا، خالىسىڭىز، بىر-ئىككى شېئىرنى ئۈنگە ئېلىپ تەييارلايلى، بۇرۇن ئىشلىگەن مۇزىكىلىرىمدىن بۇ شېئىرلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغانلىرى چوقۇم چىقىدۇ،- دېدى قىزىم.

مەن گويا دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، ”بولىدۇ قىزىم، شۇنداق قىلايلى! “ دەپلا، مۇزىكا تاللاشقا كىرىشىپ كەتتۇق.

قىزىم بەش ياشلارغا كىرگەندە، ئۈرۈمچىدىكى سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ داڭلىق پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى خۇرشىدە ئاپپايدىن پىئانىنو دەرسى ئېلىشنى باشلىغانىدى. ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتەر-ئۆتمەيلا، قىزىمدا خېلى ئىلگىرىلەش بولدى. شۇڭا دادىسىنىڭ ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىگىنىگە قارىماي، بىر پىئانىنو سېتىۋالدىم ھەم كۈندە يېنىدا تۇرۇپ مەشىق قىلدۇردۇم. دەسلەپ قىزىمغا مەكتەپتىن كېلىپ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ، مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە ئويناشنىڭ ئورنىغا، پىئانىنو ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىرەر سائەت مەشىق قىلىش ئېغىر كەلدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە، سىرتتا بالىلارنىڭ چۇقان سېلىپ ئوينىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، قىزىمنىڭ قولى پىئانىنودا، ئەمما ماڭا يالۋۇرغاندەك يىغلامسىراپ قاراشلىرى، بەزىدە ھەتتا ئۆزۈمنىڭمۇ بەل قويۇۋەتكۈلىرىم كېلىپ كەتكەنلىرى.

قىزىم كىچىكىدىنلا خۇددى چوڭ ئادەمنى كىچىكلىتىپ قويغاندەك بىر ئىشنى چۈشەندۈرسەم چۈشىنەتتى، جاھىللىق قىلمايتتى. ئۇ چاغلاردا مەن خۇرشىدە ئاپپاينىڭ ئىككى بالىسىغا ئىنگلىزچە دەرىس ئۆتەتتىم. ھېسابتا دىلفۇرۇزنىڭ بىر سائەتلىك پىئانىنو دەرسى ئىككى بالىنىڭ بىر سائەتلىك ئىنگلىزچە دەرسىگە باراۋەر بولاتتى. خۇرشىدە ئاپپاينىڭ بالىلىرى تولىمۇ ئوماق ھەم ئەقىللىق بالىلار بولۇپ، ھەر بىر سائەتلىك دەرىسنى شۇنداق ياخشى ئۆگىنىۋالاتتى. مۇشۇ تەرىقىدە بىر نەچچە يىل داۋاملاشتۇرۇپ، كېيىن مەن شىۋىتسارىيىگە ئوقۇشقا كەتكەندىن كېيىن، قىزىم ھەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، پىئانىنو دەرسىنى ھەم ئۆزى چېلىپ مەشىق قىلىشلارنى تاشلاپ قويغانىدى. قىزىم شىۋىتسارىيىگە كېلىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى ياخشى ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا مەجبۇرىي تاللىنىدىغان دەرس قاتارىدا ياكى رەسىم دەرسى، ياكى مۇزىكا دەرسى تاللاش مەجبۇرىيەت بولدى. ھەر ئىككىمىز ئىككىلەنمەيلا مۇزىكا دەرسىنى تاللىدۇق. بۇ قىزىم ئۈچۈن بۇرۇن ئۆگەنگەن پىئانىنونى قايتا تېپىۋېلىش، قايتا ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىدى. مەن ئۈچۈن بولسا، بۇ يېڭى ئىقتىسادىي چىقىمنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپرەك ئىشلەش، تېخىمۇ ئىقتىساتچان بولۇشنىڭ بىشارىتى ئىدى. چۈنكى ھەپتىدە بىر قېتىم بارىدىغان، 45 مىنۇتى 80 فرانىكلىق شەخسىي پىئانىنو دەرسىنى ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشتۇرۇشتىن باشقا، بىر پىئانىنو سېتىۋېلىش زۆرۈر ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا قىزىمغا مېنىڭ چۈشەندۈرۈشىم ھاجەتسىز بولدى. چۈنكى ئۇ ئۆزى كۆرۈپ تۇرىۋاتاتتى: مەن باشقىلارغا ئىككى سائەت فرانسۇزچە دەرسى ياكى ئۈچ سائەت خەنزۇچە دەرسى ئۆتكەندىلا، قىزىمنىڭ بىر سائەتلىك پىئانىنو دەرسىنىڭ پۇلى چىقاتتى. شۇ تەرىقىدە ھەر ئىككىمىز تەڭ تىرىشىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش دىسسېرتاتسىيىسىنى ياقلاش ۋاقتىمۇ يېتىپ كەلدى.

قىزىم مەكتەپ پۈتتۇرۈش دىسسېرتاتسىيىسىنىڭ تېمىسىنى ” ھېسلىرىمنى مۇزىكىلىرىم بىلەن ئاڭلىتاي“ دەپ قويغان بولۇپ، ئۆزى ئىشلىگەن تۆت پارچە مۇزىكا ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خوشاللىق، قايغۇلۇق، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۈمىدۋارلىققا ئوخشاش ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلىگەنىدى. دىسسېرتاتسىيە باھالاش ھەيئىتىدىكى ئۈچ پروفېسسورنىڭ ئالدىدا قىزىم بۇ مۇزىكىلىرىنى پىئانىنودا تەمكىن ئورۇنلاپ، ناھايىتى يۇقۇرى باھاغا ئېرىشتى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندە قىزىملا ئەمەس، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ قىزىمنىڭ مۇزىكا ئىنستىتوتىدا ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، مەن قەتئىي قوشۇلمىغان ئىدىم. قىزىم مېنىڭ ”پۇت تىرەپ تۇرغۇدەك ئاساسلىرىم“ غا قايىل بولۇپ، مۇزىكا ئىنىستىتوتىدا ئوقۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. ۋاھالەنكى، قىزىمنىڭ ئەنە شۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئىشلىگەن مۇزىكىلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ يۈرەك تارلىرىنى تىترىتىدىغان، خىيال كەپتەرلىرىنى يىراق-يىراقلارغا ئۇچۇرۇپ كېتەلەيدىغان مۇۋەپىقىيەتلىك مۇزىكىلار ئىدى، ھەتتا بىر نەچچە ئۇيغۇرچە شېئىرلارنى يېزىپ، ئۆزى ئىشلىگەن مۇزىكىغا سېلىپ، ناخشىسىنى ماڭا ئېيتقۇزۇپ ئۈنگىمۇ ئالغانىدى.

مانا ھازىر قىزىمنىڭ دەل شۇ چاغلاردا ئىشلىگەن مۇزىكىلىرىدىن تاللاپ ئولتۇراتتۇق. مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاچ، شېئىرلارنى ئوقۇپ كۆرەتتۇق. ناھايىتى تېزلا، داڭلىق شائىرىمىز تاھىر تالىپنىڭ ”سۇلايمان گۇۋاھ“ دېگەن شېئىرىغا ماس كېلىدىغان بىر مۇزىكىنى تاللىۋالدۇق. مۇزىكىنىڭ رېتىملىرى شېئىرغا شۇقەدەر ماس كەلگەن ئىدىكى، خۇددى تىككۈچى ئۇستا ئۆلچەپ كېسىپ تىككەن پەلتو ئىگىسىگە خوپمۇ ياراشقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. بىرنەچچە قېتىم سىناپ كۆرۈپ، رەسمىي ئۈنگە ئالدۇق ھەم ئاخىرقى نۇسخىسىنى ئۈن-تۈنسىز ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ، تۈگىگەندە بىر-بىرىمىزگە قارىدۇق. ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆزلىرى نەملەنگەنىدى…

50نەچچە يىللىق ھاياتىمدا ناھايىتى كۈچلۈك ھاياجانغا تولغان چاغلىرىم ئاز بولمىغان، ئەمما ئاخشامقىدەك بىر نەچچە سائەت داۋام ئەتكەن بۇ خىل تەسۋىرلىگۈسىز شادلىق قاينىمىدا تۇنجى قېتىم ئۆركەشلىشىم. بۇ نېمەدېگەن ئېسىل تۇيغۇ-ھە!؟

بۈگۈن بىر كۈنۈم بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئويلاپ، تولىمۇ جىددي ئۆتكەندەك تۇيۇلدى. كەچتە قىزىم بىلەن پۈتۈشكىنىمىزدەك، قىزىمنىڭ خاتىرىسىدىكى باشقا شېئىرلارنى يەنە قىزىم ئۆزى ئىشىگەن مۇزىكىلار بىلەن قوشۇپ ئۈنگە ئالىمىز. ئىشىنىمەنكى، تىلغا ئالغۇچىلىكىمۇ يوق بۇ زەررىچە مېھنىتىمىز بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان مەشھۇر ئەدىبلىرىمىز ۋە ئارىمىزدا بار بولسىمۇ، لېكىن قەلەملىرى سۇندۇرۇلۇپ، يېزىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئەل سۆيەر يازغۇچىلىرىمىزغا بىلدۈرگەن يۈكسەك ھۆرمىتىمىزنىڭ ئىپادىسى بولۇپ قالغۇسى!

ئىزاھات: مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىدىكى مۇزىكىنى قىزىم دىلفۇرۇز غېنى ئىشلىگەن.

2018-يىلى 28-ئۆكتەبىر، جەنۋە.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش