ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ياخشى ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاش

ياخشى ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاش

خەلچىگۈل پەتتار

2019-يىل 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، ۋانكۇۋېر – كانادا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ساغلاملىققا بەرگەن تەبىرى تۆۋەندىكىچە: ساغلاملىق دېگىنىمىز كېسەل ئەمەس، ئاجىزلاشمىغان دىگەنلىكلا بولماستىن بەلكى جىسمانى، پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائى جەھەتتىكى ئاساسلىق ئىھتىياجلارنىڭ ھەممىسى قانائەتلەندۈرۈلگەن ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ساغلاملىقنىڭ دائىرىسى تىبابەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ناھايىتى كەڭ دائېرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بىخەتەر،خاتىرجەم ياشىشىنى ئاساس قىلىدۇ.

ساغلاملىققا تەسىر قىلىدىغان ئامىللار كۆز قاراش، ئۇيقۇ، ئىجتىمائى مەسىلىلەر، يىمەك ئىچمەك،ھەركەت، جۇغراپىيىلىك شارائىت  بولۇپ قاتارلىقلار،بۇلار ئۆزئارا باغلىنىشلىق. بۇ ماقالەمدە ئۇيقۇ توغرىلىق توختىلىمەن.

ياپونىيە ئۇيقۇ ئىلمى جەمىيىتىنىڭ ئۇيقۇغا بەرگەن تەبىرى تۆۋەندىكىچە: ئۇيقۇ ھاياتىمىزنىڭ ئاساسەن ئۈچتىن بىرىنى ئىگەللەيدىغان مۇھىم پائالىيەت بولىشىغا قارىماي، “ئۇيقۇ دىگەن نىمە؟” دىگەن  سۇئالغا ھەممەيلەننى قايىل قىلىدىغان جاۋاب بەرمەك ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئەمما زورلاپراپ ۋە يېقىن كېلىدىغان تەبىر بەرسەك: ئۇيقۇ دېگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىدىن پەيدا بولىدىغان،چوقۇم ئويغىنىش ئېھتىماللىقى بار شەرت ئاستىدا سېزىش-بىلىش (مېڭە ھەركىتى) دەرىجىسىنىڭ بىر مەزگىل تۆۋەنلىگەن ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار: ياش، بېسىم، بەدەن تېمپوراتورىسى، تۇرمۇش ئادەتلىرى، ئۇخلاش شارائىتى (تېمپوراتورا، يورۇقلۇق، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، مۇھىت، ھاۋا ئالمىشىش، ئۇيقۇ ئەسلىھەلىرى)، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىق كېچە كۈندۈز ئالمىشىپ ئىشلەش، كېسەللىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بېسىم ئادەتتە ماددى، ئىقتىسادى، خىمىيىلىك، بىئولوگىيەلىك ئامىللاردىن ۋە ئىجتىمائى، سىياسى، تېخنىكىلىق ئامىللاردىن پەيدا بولىدۇ. بەزىدە ھاياتىمىزدىكى خۇشاللىق ئىشلارمۇ بىزگە بېسىم ئەپ كېلىدۇ. مەسىلەن، توي قىلىش،بالىلىق بولۇش،خىزمەتتە ئورنىمىزدا ئۆسۈش دىگەندەك.

بېسىم مۇۋاپىق بولسا، پىشىپ يېتىلىشىمىزگە پايدىلىق، ھاياتىمىزنى مول قىلىدۇ. ئەمما زىيادە كۆپەيسە ھەم ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

نورمالدا ئۇچۇر كۆزنىڭ كۆرۈش تېرىسى ئارقىلىق ئالدى مېڭىگە بېرىپ، ئالدى مېڭىدە ئۆلچىلىپ ،باھالىنىدۇ، ئۇندىن كېيىن ئىنكاس  بەلگىلەنىدۇ ۋە قارار قېلىدۇ. ئاندىن مۇسكۇلنى كونترول قىلىدىغان تېرە ئارقىلىق ھەركەت بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

بېسىم كۆپ بوپ كەتسە ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشسا بۇنداق نورمال جەريان توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. ئۇچۇر ئالدى مېڭىمىزدىن ئۆتمەيلا سېزىش ئەزالىرىدىن بىۋاستە ھەركەتكە ئۆتىدۇ. مەسىلەن، يولدا كېتىۋاتساق ماشىنا بىز تەرەپكە كەلسە ئويلۇغۇدەك ۋاقتىمىز يوق، دەرھال سەكرەپ ئۆزىمىزنى چەتكە ئالىمىز. ئويلاپ، ئانالىز قىپ ئولتۇرساق ماشىنا سوقۇۋېتىشى، ھاياتىمىزغا خەۋپ يېتىشى مومكىن. بېسىم كۆپەيگەندە ئالدى مېڭىمىز ئويلاش، ئانالىز قىلىش، قارار چىقىرىش ئىقتىدارىنى توختىتىپ، دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈش بۇيرۇقى  بېرىدۇ. ھايات قېلىش ئۈچۈن مېڭىمىز شۇنداق پىروگراملانغان. بۇ ئورۇشۇش قېچىش ئىنكاسى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى يا ئۇرۇشىمىز، يا قاچىمىز. مېڭىمىزنىڭ بۇ ئىقتىدارى ئۇرۇش ۋە باشقا جىددي ئەھۋالغا ماس كېلىدۇ،ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئاستا خاراكتىرلىك بېسىمغا ماس كەلمەيدۇ.

نورمال ئەھۋالدا ئۇچۇرنىڭ مېڭىدىكى جەريانى


بېسىمغا ئۇچرىغاندا ئۇچۇرنىڭ مېڭىدىكى جەريانى

ئۇزۇن مۇددەت بېسىمدىن مېڭىمىز غىدىقلىنىۋەرسە ئالدى مېڭىمىز ئىقتىدارىنى سىجىل توختىتىپ، مېڭىمىزدە جاراھەت پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مېڭىمىز دائىم ھاياجانلىنىدىغان، جىم، ئارام ھالەتتە تۇرالمايدىغان، يېڭى بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بوپ قالىدۇ. شۇ  مېڭىنىڭ ئىگىسى بېسىمغا ئۇچرىغاندا تەمكىنلىكنى يوقىتىپ، ئاسانلا ھېسىيات بىلەن ئىش قىلىدىغان بوپقالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بېسىم تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. داۋاملىشىۋەرسە ئەركىن ئازادە، راھەت بولالمايدىغان، دەم ئالىدىغان كۈنلەردىمۇ بېسىم، جىددىچىلىك ھېس قىلىدىغان بوپ قالىدۇ. بۇ جەرياندا مېڭە بېسىم ھورمۇنى چىقىرىش بىلەن بەك ئالدىراش بوپ كېتىپ، خوشاللىق ھورمونىنى چىقىرالمايدۇ. ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ. مېڭە ئادەتتە ئېلاستىلىق بولۇپ، بېسىم كەلسە ئۆزىنى ئۆزى ساقايتالايدۇ. ئەمما ئۇنى ئۇخلىغان چاغدا ساقايتىدۇ. بېسىم بەك كۆپ بوپ كەتسە ئۇيقۇ ناچارلىشدۇ، مېڭىنىڭ بېسىمنى داۋالىشىغا توسالغۇ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇيقۇ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

ئۇيقۇ ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، بۇ قېتىم ئاساسلىق قورامىغا يەتكەنلەر ۋە ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىق  توغرىسىدا توختىلىمەن. ئۇيقۇسۇزلۇق نورمالدا ئۇخلايدىغان ۋاقتىدا ئۇخلايمەن دەپ كارۋاتقا چىقسىمۇ ھەر خىل بېسىملار تۈپەيلى خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ئۇخلىيالمايدىغان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيقۇ ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى پىسخىكا، روھى جەھەتتىكى ئىقتىدارغىلا ئەمەس، ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇنلىغان زىيان ئەپ كېلىدۇ. ئادەم بىئارام بولۇپ، ئۇيقۇ كېلىپ، روھسىزلىنىپ، تۇرمۇش سۈپىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. مېڭىنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ناچار تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

ئادەم ئۇزۇن مۇددەت يېتەرلىك قېنىپ ئۇخلىمىغاندا ئېسىدە ساقلاش ۋە تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئىمونېتىتنىت كۈچى تۆۋەنلەش، ئېنىرگىيەنى كونترول قىلىشى تەسىرگە ئۇچراش، ئاسان سەمىرىش، مىجەزى ئوسال بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ھەمدە يۈرەك مېڭە قان تومۇر، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، دىئابىت، ئۆپكە قان تومۇر  كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇش ۋە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراش خەۋپى يۇقىرىلايدۇ. ھەتتا ئېغىر بولغاندا ھاياتنى ساقلاپ قېلىشمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

قورامىغا يەتكەنلەر ۋە ياشانغانلار نورمالدا كۈندە يەتتە-سەككىز سائەت، ئاز دىگەندە ئالتە سائەت قېنىپ ئۇخلىشى كېرەك. ئۇيقۇنىڭ ۋاقتىمۇ، سۈپىتىمۇ مۇھىم.

ياخشى ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇللىرى

  1. بېسىمنى بەك توپلىۋالماي، بېسىم بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش.

نەگە بارساق،نىمە ئىش قىلساق بېسىم مەۋجۇت. بېسىمنى بەك توپلىۋالماي، كۆز قاراش، ھەركەت، يىمەك ئىچمەك، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ياخشىلاش ئارقىلىق  بېسىم بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇپ ياشاش كېرەك. بۇنىڭ كونكىرت ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

2. ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى  “ئوقۇ” دەپ نازىل قىلغان. قۇرئاننى ئوقۇپ تامامەن چۈشەنگەن ئىنساننىڭ باشقا كىتابلارغا ئېھتىياجى يوق. ئەمما، بىر ئىنسان قۇرئاننى ئوقۇپ چۈشىنىش ئۈچۈن قۇرئاننى ئوقۇش بىلەن بىللە،دۇنيادىكى بارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىشى ھەم ھاياتلىقنىڭ ئىسسىق سوغۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك. ئىمكانىيەتلىرىمىزدىن، كۆپ تىللىق بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىكىمىزدىن  پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

3. ئاللاھقا ئىشىنىش: ئاللاھنىڭ بىزنى تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىغا، مېھرىبانلىقىغا، ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش.

سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆئمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا،كۈلپەتلەرگەئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى،ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر :ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ؟ دېگەنىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر. (سۈرە بەقەرە،214-ئايەت)

4. ئۈمىدۋار ياشاش: پەقەت كاپىر قەۋمىلا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ. (ياقۇپ ئەلەيھىسالامنىڭ سۆزى).(سۈرە يۈسۈف87-ئايەت)

5. ناماز ئوقۇپ، ئاللاھقا دۇئا قىلىش: ياخشى ئىشلارنى ئاللاھتىن تىلەپ،دۇئالىرىمىزدا تىلىمىزنىڭ گۈزەللىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش. دۇئا قىلغاندا سەلبى جۈملە قۇرماي، ئىجابى جۈملىلەرنى قۇرۇش. مۇنداق مۇنداق ناچار ئىشلاردىن ساقلاڭ دىمەي، مۇنداق ياخشى ئىشلارغا نېىسپ قىلىڭ دەپ دۇئا قىلىش دىگەندەك. مەسىلەن، ”زالىملارغا قۇل بولۇشتىن ساقلاڭ” دەپ “قۇل”دىگەن سەلبى سۆزنى ئىشلىتىپ دۇئا قىلماي “بىزگە ھەقىقى ئەركىنلىكنى نېسىپ قىلىڭ”دىگەندەك ئىجابى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ دۇئا قىلىش.

6. سەۋر قىلىش،چىداملىق،كۈچلۈك بولۇش.

ئى مۆمىنلەر!سەۋر ئارقىلىق ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار.ئاللە ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر. (سۈرە بەقەرە،153-ئايەت)

ئىى مۆمىنلەر! تائەت-ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا

سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار. (سۈرە ئىمران،200-ئايەت.)

7. مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى،ماھىيىتىنى تونۇشقا تىرىشىش: (سەن چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن (يەنى قارىماققا يامان،ئەمما ماھىيىتىنى سەن چۈشەنمىگەن) ئىشقا قانداقمۇ سەۋر –تاقەت قىلىپ تۇرالايسەن؟ سۈرە كەھف،68-ئايەت. خىزىر ئەلەيھىسامنىڭ مۇسا ئەلەيھىسالامغا دىگەن سۆزى). دىمەك مەسىلىلەرگە يولۇقساق سەۋەبىنى، ماھىيىتىنى تونۇش ئۈچۈن ئىزدىنىش. مەن نىمە قىلالايمەن دەپ ئويلاپ، ھەر جەھەتتىن ئىزدىنىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا تىرىشىش. كۆز قاراش، تېخنىكا، ئۇسۇللارنى ياخشىلاپ، ئۆزىمىزنى يېڭىلاپ تۇرۇش. مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە، قىينىلىۋاتىمىز، بىز بىچارە دەپ ئەمەس، بەلكى ئۆگىنىۋاتىمىز، ئىلگىرلەۋاتىمىز، پىشىپ يېتىلىۋاتىمىز دەپ ياخشى، ئاكتپ تەرەپكە ئويلاش.

8. ئاكتىپ،ھەركەتچان،تىرىشىپ ياشاش،توختاپ قالماسلىق

ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ. سۈرە بەقەرە، 286-سۈرە. ئاللاھ بىزگە ئىشىنىپ مۇشۇ سىناقلارنى بېرىۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ ئاللاھنىڭ ئىشەنچسىنى يەردە قويماي تىرىشپ بۇ سىناقلاردىن غەلىبىلىك ئۆتىمىز.

9. شۈكۈر قىلىش، مىننەتدار بولۇش

ئاللەنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر.سۈرە بەنى ئىسرائىل 67-ئايەت.

شۈكۈر قىلىش دېگىنىمىز ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق نېمىتى  ئۈچۈن ئېغىزىمىزدىلا ئەمەس، ھەركىتىمىزدە تەشەككۈر ئېيتىش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ۋە شۇ نېمەتلەردىن ياخشى يەرلەرگە  پايدىلىنىش ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈش. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى ئىشلارغا شۈكرى قىلىش: مەسىلەن، سۇ ئىچەلىۋاتىمەن، ماڭالىۋاتىمەن، تاماق يىيەلىۋاتىمەن، سۆزلىيەلىۋاتىمەن، ئورنۇمدىن تۇرالىۋاتىمەن…

10. ئاللاھتىن، ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىكىلەردىن، دوستلىرىمىزدىن، بىزگە ياردەم قىلغان، بىز بىلەن ھەمكارلاشقانلاردىن مىننەتدار بولۇش. كۈندە ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىم رەھمەت ئېيتىش.

11. باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق كەلتۈرمىگەن ھالدا ئۆزىمىزنىڭ ياخشى تەرىپىمىزنى يۇقىرى ئاۋازدا دەپ ئاللاھنىڭ غەمخورلىقىدىن ۋە ئۆزىمىزدىن سۆيۈنۈش.

12. ئىشنىڭ، ئادەملەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلاشقا، تەسەۋۋۇر قىلىشقا تىرىشىش.

ئېنگىلىزچىدە Attitude is Everything دەپ گەپ بار ئىكەن. مەنىسى كۆز قاراش ۋە پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دىگەنلىك بولۇپ، مەسىلىلەرگە قارىتا ئاكتىپ، ئىجابى پوزىتسىيەدە بولساق، ئىشلىرىمىزمۇ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. ئەكسىچە،پاسسىپ،سەلبى پوزىتىسيەدە بولساق، ئىشلىرىمىزمۇ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ.

نېمىتىمگە شۈكۈر قىلساڭلار،ئۇنى تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن.(سۈرە ئىبراھىم7-ئايەت)

يۇقىرىقىدەك شۈكۈر قىلىپ،مىننەتدار بولۇپ ياشىساق ۋە داۋاملاشتۇرساق ئەھۋالىمىز مۆجىزە كەبى ياخشىلىنىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ راكتىن ساقايغانلارمۇ بار.پىسخىكا، مائارىپ ۋە جەمىيەتشۇناسلىق دوكتورى، كۆڭۈلشۇناسلىق تەتقىقاتچىسى كوباياشى سېيكاننىڭ “كۈلۈۋېرىپ ئاخىرى ئەستايىدىل چىراي چاقچاقلار توپلىمى” دىگەن كىتابىدا، راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىر ئادەمگە دوختۇر “ئەتە ئۆلسىڭىزمۇ ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ”دەپتۇ. بۇ ئادەم ئۈچ بالىسىغا دوختۇرنىڭ گېپىنى دەپتىكەن،ئۇلار گۈللەرنى ئېلىپ كۈندە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئاتىسىنى يوقلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەم”ئەجەب ياخشى راك بوپتىمەن.مەن سىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭلارنى بىلەتتىم. مۇشۇ راك ئارقىلىق رەسمى چۈشەندىم”دەپتۇ. ئاندىن دوسلىرىغا”ئۆمرۈم ئاز قالدى،بولسا كېلىڭلەر،كۆرۈشەيلى” دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دوسلىرى كەپتىكەن،ئۇ ئادەم چىن كۆڭلىدىن خوش بوپتۇ ۋە “رەھمەت سىزگە راك ھۈجەيرىسى” دەپ چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئۇ ئادەم بىر ئاي ئۆتسىمۇ ئۆلمەپتۇ،شۇنىڭ بىلەن دوختۇر تەكشۈرسە ئۇنىڭ بەدىنىدىكى راك يوقاپ كەتكەنىكەن.

تۆۋەندىكى رەسىم ياپونىيە دۆلەتلىك تېلۋىزىيىسىنىڭ “ئادەم نېمىشقا ساقىيىدۇ”دىگەن مائارىپ ئالاھىدە پىروگراممىسىدىكى راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر ئارقىلىق داۋالاشقا قاتناشقانلار (سېرىق رەڭ) بىلەن قاتناشمىغانلار (يېشىل رەڭ) نىڭ ئون يىللىق ھايات قېلىش نىسبىتى ۋە ۋاقتى سىتاتىسىكىسى بولۇپ، تەسەۋۋۇر ئارقىلىق داۋالاش جەريانى بىمار كېسەلنىڭ مەنبەسىنى تېىپ چىقىپ،ئۇنى ياخشى،ئاكتىپ تەرەپكە تەسەۋۋۇر قىلىپ ساقايتىش ئىكەن. بۇ پىروگراممىدا راك بىمارلىرىنىڭ شۈكۈر قىلىپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بەل قويۇۋەتمەي توختىماستىن  تىرىشىپ راكنى يەڭگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

NHK教育テレビスペシャル『 人間はなぜ治るのか  』2007

ياپونىيە دۆلەتلىك تېلۋىزىيە ئىستانىسى مائارىپ ئالاھىدە پىروگراممىسى “ئادەم نېمىشقا ساقىيىدۇ” 2007

13. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئامال بار سەلبى،پاسسىپ ئىشلارنى ئويلىماسلىق. ئۇخلاشتىن بۇرۇن سەلبى ئىشلارنى بەك خىيال قىلىپ ئۇخلاپ قالساق، ئۇخلاش جەريانىدا بىز خىيال قىلغان سەلبى نەرسىلەر تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. مېڭىمىزگە يەرلىشىپ كېتىپ، كەينىگە بېرىپ بىزنى راھەتسىز قىلىدۇ. ئادەتتە مېڭە بىزنى قوغداش ئۈچۈن سەلبى ئىشلارنى ئىجابى ئىشلاردىن بەكرەك مۇھىم بىلىدۇ. 90% ياخشى ئىش بولۇپ، 10% سەلبى ئىش بولسا مېڭىمىز شۇ 10% سەلبى ئىشنى بەكرەك ئويلايدۇ. سەلبى ئىشلار كۆپەيگەنسېرى شۇ سەلبى ئىشلارنى جان جەھلى بىلەن كاللىغا كىرگۈزىۋالىدۇ. بۇنداق چاغدا،خىيالىمىزنى ئۆزىمىزنى كونترول قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ سەمىمىزگە سېلىپ، “ئەئۇزۇ بىللەھى مىنەششەيتانىر رەجىم” دەپ  ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن  نېمەتلىرىنى، ئاكتىپ ئېنىرگىيە بېرىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ، ناماز ئوقۇپ، دۇئا قىلىپ، قۇرئان ئوقۇساق، سەلبى ئىشلارنىڭ جاۋابىنى تاپىمىز، مېڭىمىزنى قايىل قىلىمىز، ئارام ئالدۇرىمىزدە ياخشى ئۇخلىيالايمىز.

ھەقىقەتەن كۈندۈزى ئىش بىلەن ئالدىراش بولىسەن. شۇڭا ئىبادەتكە كېچىسى بېرىلگىن. (سۈرە مۇززەممىل،7-ئايەت). دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.(سۈرە رەئد 28.ئايەت)

بەزى كەچلىرى قانداقلا قىلساق ئۇخلىيالمىساق بۇنى بەك چوڭ مەسىلە قاتارىغا كىرگۈزۈۋالماي ئۆزىمىز خالىغان بىر ئىشنى قىلىساق ياكى جىم ئوڭدىسىغا ياتساق بولىدۇ. بەك بېسىم قىلىۋالمىساقلا نورمالدا ئەتىسى ياكى بىرەر ھەپتە ئىچىدە ئۇيقۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئۇنداق قىلماي ئۇخلىيالمىدىم دەپ بەك قايغۇرۇپ كەتسەك تېخىمۇ ئۇخلىيالمايمىز.

ھەدىس: بىر مەسىلىنى بەك چوڭ كەلتۈرۈپ،شۇنىڭ بىلەنلا قايغۇرۇپ قالساڭلا،ئاللاھ  سىلەرگە ئۇ مەسىلىنى كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

14. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىش ۋە ئادەملەرنى ياخشى تەرەپكە ئويلايدىغان يېرىنى ئۆگىنىش،ئۈلگە قىلىش.

ئىشلارنى ياخشى تەرەپكە ئويلاش، تەسەۋۋۇر قىلىش.ياخشى مومكىنچىلىككە ئىشىنىش. ئاۋال ئويىمىز، تەسەۋۋۇرىمىز ئاندىن بەدىنىمىز شۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.

15. نىمە ئىش قىلساق، ئاز كىچىك ئىش بولسىمۇ، قىلالىدىم، ئالدىنقى قېتىمغا قارىغاندا ئىلگىرلەپتىمەن دەپ ئويلاش.

بىزدىكى نۇرغۇن ئارتۇقچىلىق، كۈچ، شارائىت، ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ياخشى يەرلەرگە ئىشلىتىپ، تېرىشساق ئاللاھ بىزگە ھازىرقىدىن ياخشىراقىنى بېرىدۇ.

16. ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن، شۇ كۈنى بولۇپ ئۆتكەن ئاز دىگەندە ئۈچ ياخشى ئىشنى ئويلاش بولسا شۇ ياخشى ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ يېزىش.

17.  ئۆزىمىزگە ئىشىنىش

ئۆزىمىزدىكى بايلىققا ئىشىنىش. ئاللاھ بەدىنىمىزنى مۇكەممەل قىلىپ ياراتقان. ھەر بىرىمىز بىر مۆجىزە. خېلى كۆپ ئەھۋالدائۆزىمىزنى ئۆزىمىز ساقايتالايمىز. سىرتتىن كەلگەن ۋىرۇس، زەربە، بېسىملارغا قارىتا ئىمونېتىت ۋە ئەسلىگە كېلىش كۈچىمىز بار. مەسىلەن، زۇكام بولۇپ قالساق، بەدىنىمىزنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تىرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىپ، تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ياخشىلاپ، ئۇيقۇ، يىمەك-ئىچمەكنى تەڭشەپ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرسەك ساقىيىشقا يۈزلىنىمىز، ئەسلىمىزگە كېلىمىز. ئەكسىچە،”ۋاي مەن كېسەل بوپقاپتىمەن!”دەپ ئاھ ئۇرۇپ، قايغۇرساق، بېسىم بولىدۇ. بېسىم ئىممۇنىت كۈچىمىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ دە كېسىلىمىز ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ ياكى ئېغىرلىشىدۇ ھەتتا يېڭى كېسەلنى پەيدا قىلىشىمۇ مومكىن .

ئۆزىمىزنىڭ قابىلىيىتىنى ئىشلىتىپ،دۇنياغا تۆھپە قوشۇپ،ئەل قاتارى ياشاش. بىز ئۇزۇن مۇددەت ئىنكار قىلىنىپ، قورقۇتۇلۇپ ئاسارەتتە ياشىغاچقا ئۆزىمىزگە ئىشەنچىمىز تۆۋەنرەك. ئەمما  ئىلىم پەن ئىسپاتلىدىكى،ئىنسانلارنىڭ بىر ئىشلارغا بولغان ئىنكاسى، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشى ئاساسەن ئوخشاش.

گۇناھسىز تۇرۇپ ئۆزىمىزنى بىھۇدە جازالىماسلىق،ئەيىبلىمەسلىك. ئۆزىمىزنىڭ گۇناھسىزلىقىمىزغا ئىشىشنىش. بەزى ھەمشىرىلىرىمىزدىن “مەن چەتئەلگە چىققاچقا ياكى ئۆيدىكىلەر مەن بېلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە چىققاچقا ئۇلارنى جازا لاگىرلىرىغا ئەپ كىرىپ كەتتى. مېنىڭ دەستىمدىن ئۇلار جازا لاگىرلىرىغا كىرىپ كەتتى…”دەپ ئۆزىنى ئەيىبلەيدىغانلار بار. ئەمما شۇ دوسلىرىم ۋە جازا لاگىرلىرىغا كىرىپ قالغان ئائىلە ئەزالىرى گۇناھسىز. گۇناھكار خىتاي كومپارتىيىسى. شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ گۇناھسىزلىقىمىزغا ئىشىنىشىمز لازىم.

18. بىزگە كۆيۈنۈپ،تىرىشقان، تىرىشىۋاتقان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن پەخىرلىنىش ۋە ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇش.

19. مۇۋاپىق دەرىجىدىكى ئۆزىنى ئاسراش، ئۆزىنى سۆيۈش.

بىز مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆزىمىزنى ئاسراپ، ساغلام بولساق،تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرالايمىز ھەم باشقىلارغىمۇ ياردەم بېرەلەيمىز.

ئۆزىنى ئاسراشنىڭ ئۇسۇللىرى بەك كۆپ،ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزگە مۇۋاپىقىنى تاللىساق بولىدۇ.

مەسىلەن، كۈندە كىچىك ۋە ئاز بولسىمۇ ئۆزىنى خۇش قىلىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىش. ئىللىق ۋاننىدا يۇيۇنۇش، كىتاب ئوقۇش، كىنو كۆرۈش، ناخشا مۇزىكا ئاڭلاش (ياخشى كۆرىدىغان ياكى كەيپىياتىمىزغا ماسلاشقان)، كارائوكې (تەتقىقاتلار ئاۋازىمىز ياخشى بولسۇن، بولمىسۇن، ناخشا مۇزىكىغا ئەگىشىپ، ئۈچتەك ناخشىنى ئەگىشىپ ئېيتساق، بېسىم ھورمونىمىزنىڭ پەسىيىپ ئازلايدىغانلىقىنى  ئىسپاتلىدى)، تەنتەربىيە بىلەن شوغۇللىنىش، تەبىئەتتىن (تاغقا يامىشىش،ئورماندا مېڭىش، دەريا-دېڭىز،گۈللەردىن،ساپ ھاۋادىن) ھوزۇرلىنىش، ساياھەت قىلىش…

بۇنىڭغا نىسبەتەن،بەزى قېرىنداشلار “ۋەتەندە قېرىنداشلىرىمىز ئازاب تارتىۋاتسا،بۇلارغا كۆڭۈل ئۇنامدۇ” دېيىشى مومكىن. ۋەتەندە قېرىنداشلىرىمىز ھەقىقەتەن ئازاب تارتىۋاتىدۇ. ئەمما بىز مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆزىمىزنى ئاسرىساق،ساغلام بولالايمىز،ئاندىن تىرىشچانلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرالايمىز.

مۇۋاپىق دەرىجىدىكى ئۆزىمىزنى ئاسراش ئارقىلىق تۆۋەندىكىلەرنى ئەمىللەشتۈرەلەيمىز:

1) بىز ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەر ساغلام بولۇپ، تىرىشالايمىز.

2) ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ ساغلام بولۇشىمىزنى، بولسا ئۇلارنىڭ ئازابلىرىنى يېنىكلىتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.

3) خىتاي ھۆكۈمىتى پىسخىكىلىق جەڭ دىگەندەك نۇرغۇن ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، بىزنىڭ ساغلاملىقىمىزدىن ئايرىلىپ، ھالاك بولۇشىمىزنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۆزەڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار. (سۈرە بەقەرە195-ئايەت). بىز ئۆزىمىزنى ھالاكەتكە تاشلىمايمىز.

ئاللاھ ئۆمرىمىزنى بەرسە بۇ ھاياتلىق داۋاملىشىدۇ. ۋەتەندىكىلەرنىڭ ھەسسىسىنمۇ قوشۇپ،ساغلام،كۈچلۈك،تىرىشىپ ياشايمىز.

4) ھازىر ۋەتەندىكىلەرنىڭ ۋە بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بېسىم، زۇلۇملار ناھايىتى ئېغىر. ئۆزىمىزنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئاسراپ،ساغلام بولۇپ، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشساق، دۇنيا خەلقى بىزنى تېخىمۇ قوللايدۇ، بىزدىن ئۆگىنىدۇ.

20. ئاچچىقنى، كۆڭۈل ئاغرىقىنى بەك ئىچىمىزگە سېلىۋالماي، ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلدا چىقىرىپ تاشلاش.

21. كۆڭلىمىزدىن كۈلۈش: كومىدىيەلىك نەرسىلەرنى كۆرۈش ئارقىلىقمۇ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

22. ھەممە ئىشنى ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ قىلىشقا تېرىشىش ۋە ئادەتكە ئايلاندۇرۇش.

23. ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىدىن ھوزۇرلىنىش: مەنزىرىلىك ،كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان يەرلەرگە بېرىش،بولسا بىر مەزگىل تۇرۇپ كېلىش.

24. كۆڭلىمىز خالىمىغان،بەك مۇھىم بولمىغان ئىشنى بىر مەزگىل قويۇپ قويۇش ياكى  قىلماسلىق

25. ياخشى كۆرىدىغان،قىزىقىدىغان ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش.

26. باشقىلار بىزنى قانچىلىك تۆۋەن، ئۆچ كۆرسە كۆرسۇن، بىز ھەرگىز ئۆزىمىزنى تۆۋەن، ئۆچ كۆرمەي،ئۆزىمىزنى سۆيۈپ، توغرا يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش.

27. كۆڭلىمىز يېقىن، ئىشەنچلىكلەر بىلەن سۆزلىشش، ياردەم سوراش، تەقدىرداشلارنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىدىن ئۆگىنىش.

ئاللاھ، پەرىشتىلەر، ئائىلە ئەزالىرىمىز، دوست يارەنلەر، تەقدىرداشلار، پىسخىك دوختۇرلارغا كۆڭلىمىزدىكىنى دېيىش ياكى خاتىرە قىلىپ يېزىش.

28. ياردەم سوراش: ئاجىزلىقىمىزنى دېيىشتىن، ياردەم سوراشتىن خىجىل بولماسلىق. ياردەم سورىيالىغىنىمىزنىڭ ئۆزى بىزنىڭ يەنىلا ساغلام ۋە ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما شۇ سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ بىزنى تۆۋەن كۆرۈشىگە يول  قويماسلىقىمىز كېرەك. چۇنكى بۇ ئىشلارنى بىزگە ئاللاھ تاللىدى.

29. بەدەن تېگىشىش: مۇناسىۋىتى ياخشى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بەدەن تېگىشىش بېسىمنى ئازايتىپ،ئۇيقۇغا پايدىلىق. بەزىلەر دېيىشى مومكىن،مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىم يېنىمدا ئەمەس دەپ.ھېچقىسى يوق. مېھرىبان ئاللاھ ھەر بىرىمىزگە كۈندە ئاز دىگەندە تۆت پەرىشتە ھەمراھ قىلىپ بېرىدۇ.

30. مۇناسىۋەتلىك كىتاب، ماتېرىياللارنى، فىلىملەرنى كۆرۈپ،باشقىلارنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ئۆگىنىش

信長協奏曲 Nobunaga Concerto, The Hunger Games بۇلار يۇقارقى مەزمۇنلارغا  مۇناسىۋەتلىك فىلىملەرنىڭ مىسالى.

31. ئۆتكەنگە قايغۇرماسلىق، كەلگۈسىدىن غەم قىلماسلىق.

مۆمىنلەردىن، يەھۇدىلاردىن، پەرىشتىلەرگە ۋە يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلاردىن، ناسارالاردىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارغا (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر. (سۈرە مائىدە،69-ئايەت)

خاتالىق، كەمچىلىكلىرىمىز بولسا ساۋاق ئېلىپ، تۆۋبە قىلساق، تۈزىتىشكە تىرىشساق  بولىدۇ. كەلگۈسىنى ئويلاپ، پىلانلىساق بولىدۇ. ئەندىشە قىلغان ئىشنىڭ 80% يۈز بەرمەيدۇ. بىز ئىچىدە ياشاۋاتقان ۋاقىت مۇھىم.

32. كۆڭۈلسىز نەتىجىدىن مەيۈسلەنمەسلىك.بەزىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكمۇ نەتىجە ئويلىغىنىمىزدەك چىقمايدۇ، ئەمما ھېچقىسى يوق. بىز بۇ جەرياندا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندۇق. ئاللاھنىڭ بىر پىلانى بار. ھېچبولمىسا تىرىشتۇق، ئەمدى ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىپ، ئەركىن ئازادە كېيىنكى پىلاننى تۈزەيلى.

33. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش

ئەگەر ئاللەغا ئىمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاغا بويسۇنغان بولساڭلار ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللەغا تاپشۇرۇڭلار، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللەغا يۆلىنىڭلار) دېدى. (سۈرە يۇنۇس،84-ئايەت)

ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە،گۇناھى كەبىرلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەب بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللەنىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر. (سۈرە شۇرا 36-39-ئايەت)

بىرەر ئىشنى قىلىمەن، قىلالايمەن دىسەك مېڭە، بەدىنىمىز بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ماسلىشىدۇ؛ قىلمايمەن، قىلالمايمەن دىسەكمۇ شۇنىڭغا ماسلىشىپ قىلمايدىغانغا، قىلالمايدىغانغا توغۇرلىنىدۇ.

34. مەسئۇلىيەتچان بولۇش

35. ئېھتىياجلىق قېرىنداشلارغا ئېشىنچى بولغان نېمىمىز بولسا شۇنى سەدىقە بېرىش: مەسىلەن، مال دۇنيا، كۈچ، بىلىم، ياخشى سۆز ۋە تەبەسسۇم. قېرىنداشلىرىمىزغا تەبەسسۇم قىلىش، ياخشى سۆز قىلىش سەدىقە، ئاللە ئەجىر بېرىدۇ ھەم ساغلاملىقىمىزغا ياخشى. بەدىنىمىز تەبەسسۇمغا، ياخشى سۆزلىرىمىزگە  ماسلىشىپ ياخشىلىنىدۇ.

36. سۆيگۈ،مېھىر مۇھەببەت بىلەن ياشاش. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللە ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا)مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ. (سۈرە مەريەم 96-ئايەت)

37. ئەپۇ قىلىش، ئاچچىقنى كونترول قىلىش، ئاچچىقنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش

ئىنسان (ئۆزىگە ۋە بالا چاقىلىرىغا) خەيرلىك دۇئا قىلغاندەك، (ئاچچىقى كەلگەندە) بەتدۇئا قىلىدۇ، ئىنسان ئالدىراڭغۇدۇر. (سۈرە بەنى ئىسرائىل11-ئايەت.)

بىرسىگە ئۆچ بولۇش، ئاچچىقلىنىش ئەمىلىيەتتە ئۆزىمىزگە زۇلۇم سالغانلىق. پەيغەمبىرىمىزمۇ شۇنداق  ئەپۇچان ئىكەنتۇق ۋە ئاچچىقىنى كونترول قىلاتتىكەنتۇق.

38. كونترول قىلالمايدىغان بەزى ئىشلاردىن مەزگىللىك، قىسمەن ۋاز كېچىش، ئەمما ئۈمىدسىزلەنمەي تىرىشىش.

39. ھاياتنى قەدىرلەش

40. ئۆزىمىزنى ياش ھېسابلاش

41. ۋاقتىمىز،سالامەتلىكىمىزگە قاراپ رەت قىلىشنى، ياق دېيىشنى ئۆگىنىش.

42. چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن كېيىن كۆڭۈلسىز، قايغۇلۇق ئۇچۇر، خەۋەرلەرنى كۆرمەسلىك، ئاڭلىماسلىق. ئۇخلاشتىن ئاز دىگەندە بىر سائەت بۇرۇن ئەركىن ئازادە تۇرۇش.

43. چوڭقۇر نەپەس ئېلىش: بۇنىڭ تۈرلىرى كۆپ بۇلۇپ ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى تاللاپ چوڭقۇر نەپەس ئېلىش ئېلىپ باساق بولىدۇ.

44. ھەركەت قىلىش: بەدەن چېنىقتۇرۇش، مېڭىش، يۈگىرەش، يوگا (ئىسلامچە يوگانى قىلساقمۇ بولىدۇ)، كېرىلىش ھەركىتى (تۆۋەندىكى ئۈچ رەسىم) قاتارلىق تەنتەربىيە ھەركەتلىرى  بىلەن شوغۇللىنىش.

پۇتىمىزنى ئېگىزگە، بەدىنىمىزنى تۆۋەن قىلىپ بەش مىنۇتتىن ئون بەش مىنۇتقىچە ئەركىن ئازادە ياتقاندا، قان ھەزىم قىلىش سېستىمىسى تەرەپكە توپلۇشۇپ، كەيپىياتىمىزنى ياخشىلايدۇ. بۇ ئۇيقۇغا پايدىلىق.

45. پەقەت ئۇخلىيالمىغاندا ئۇخلاشقا تۈرتكە بولىدىغان ئەپ ئىشلىتىش. مەسىلەن، Insight Timer

46. قول تېلىفۇن، كومپىيوتېر، تېلۋىزورنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتىنى تىزگىنلەش. ئىشلەتمىگەن چاغدا ئامال بار ئۆچۈرۈپ، يىراققا قويۇش. ئۇخلاشتىن ئاز دىگەندە بىر سائەت بۇرۇن ئىشلىتىشنى توختىتىش.

كېرىلىش ھەركەتلىرىنىڭ مىساللىرى

47. نورمال كىشلىك مۇناسىۋەتنى ساقلاش.

ئاكتىپ ئېنىرگىيە بېرىدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان ئادەملەر بىلەن ئارلىشىش. زارلاپ قاقشاپ، باشقىلار (زۇلۇم قىلمىسىمۇ) نىڭ غەيۋىتىنى قىپلا تۇرىدىغان، قىلالمايسىز، ئېتەلمەيسىز دەيدىغان، ھەر خىل ئۇسۇلدا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان سەلبى ئادەملەر بىلەن ئۆزىمىزنى زورلاپ ئارلىشىپ يۈرمەي، يىراق تۇرۇش. چاشقانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر  تەجىرىبەدە، چاشقەننى ئاسارەتتىن كېيىن ناچار، سەلبى ئۇچۇرلارنى بېرىدىغان، چەتكە قاقىدىغان توپقا قوشقاندا  ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچارلاشقان. ئاكتىپ ئېنىرگىيە بېرىدىغان، دوستانە توپقا قوشقاندا، بىر مەزگىلدىن كېيىنلا ئۆزىنى ئوڭشاپ نورمال ھالىتىگە كەلگەن.

زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىدىن باشقا (ھەر قانداق كىشىنىڭ) ئاشكارا يامان سۆز قىلىشىنى ئاللاھ ياقتۇرمايدۇ (زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زالىمدىن شىكايەت قىلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا دۇئايىبەت قىلىشىغا بولىدۇ) (سۈرە نىسا،148 ئايەت.)

48. ھەر خىل ئادەملەر ۋە تەقدىرداشلار بىلەن دوستلۇشۇپ،ئۆز ئارا ئۆگىنىش

49. ئۆزىمىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرماسلىق: ئۆزىمىز بولۇپ ياشاش

50. باشقىلارنىڭ بىزنى قانداق ئويلايدىغانلىقىنى بەك ئويلاپ كەتمەسلىك. جەمئىيەت بىزنىڭ مۇكەممەل بولۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەمما پەقەت ئاللاھلا مۇكەممەل، بىز مۇكەممەل ئەمەس. جەننەت مۇكەممەل، بۇ دۇنيا مۇكەممەل ئەمەس.

51. بىرەر مەسىلە توغرىلىق بەك تالىشىپ، ئىىختىلاپ قىلىشىپ، كىرىشىپلا قالماسلىق. ئاللاھقا تاپشۇرۇش.

ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار. ھەممىڭلەر ئاللەنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر ئىخىتىلاپ قىلىشقان نەرسىلەرنى (ئۇنىڭ قايسى ھەق،قايسى ناھەق ئىكەنلىكىنى) ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ. سۈرە مائىدە 48-ئايەت.

52. مېڭىمىز بىلەن ھەمكارلىشىش

بىزنىڭ مېڭىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپلا يۇيۇلغان:دەرسلىكلەردە “تەيۋەن،تىبەت،شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.دىن زەھەر. كومپارتىيە ياخشى.”دېگەندەك مەزمۇنلار ئۆگىتىلىپ،مېڭىمىز يۇيۇلۇپ،ئاسارەتتە چوڭ بولغانمىز.

مېڭىمىز ھەقىقەتەن بىر نېمەت، ئەمما ئۇزۇن مۇددەت بېسىم بولۇۋەرگەندە مېڭىمىز بىزنى قوغدايمەن دەپ سەلبى ئىشلارنى ھەددىدىن زىيادە ئويلاپ،سەل ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. چۈنكى مېڭىمىز ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنداق پىروگمىلانغان.ئادەتتە بىزگە بېسىم كەلگەندە،مېڭىمىز كۈچەيدۇ. زادى كۈچەپ بولالمىسا، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن بەدىنىمىزنىڭ ئاجىز يېرىگە ئاغرىڭ دەپ سىگنال بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەدىنىمىزنىڭ  ئاجىز يېرى ئاغرىيدۇ. مېڭىمىز ئارىمىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن،ئاغرىقىمىزمۇ ساقىيىدۇ. مېڭىمىز كۈچەپ،بەدىنىمىزنىڭ ئاجىز يېرىگە ئاغرىڭ دەپ سىگنال بېرىشتىن بۇرۇن ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن  نېمەتلىرىنى،ئاكتىپ ئېنىرگىيە بېرىدىغان ئىشلارنى ئويلاپ، ناماز ئوقۇپ،دۇئا قىلىپ،قۇرئان ئوقۇپ، مېڭىنى قايىل قىلىپ توختاتقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا سەۋر كېرەك ۋە ئۇزۇن مۇددەت مېڭىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ياشىشىمىز كېرەك.

خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە قارىتا پىسخىك جەڭ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز توغرىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن  ياساپ چىقىرىلغان،مەجبۇرى تېڭىپ،ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان سەلبى ئۇچۇر ۋە تەشۋىقاتلار بار. بۇلار گەرچە يالغان بولسىمۇ،تەشۋىقات،گەپ سۆز مېڭىگە ئازدۇر كۆپتۇر تەسىر قىلىدۇ.

مېڭىمىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرنى قىلىش:

1) ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش.

2) كۈندە ئەتىگىنى-ئاخشىمى، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ،مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش.

ئاخشىمى-ئەتىگىنى پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدى بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. (سۈرە غافىر 55ئايەت)

53. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پىسخىكىسىنى پۈتۈنلەي پاكلاش. (بىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتىمىز. بۇ توغرا. ئەمما  پۈتۈنلەي شۇنداق دەپ ئويلاپ، زارلاپ قاقشاپ،باشقىلاردىن ھەددىدىن زىيادە  ئۈمىد كۈتسەك ساغلاملىقىمىزغا ياخشى ئەمەس ھەم خەتەرلىك. كېيىن بىزنىڭمۇ باشقىلارغا زۇلۇم سېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىمىز بار. مەسىلەن، يەھۇدىلار ئۇزۇن يىل باشقىلارنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراپ، كېيىن ئىسرائىلىيەنى قۇرغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇپ سېلىپ،پەلەستىنگە ھۇجۇم قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ. باشقىلار ھەتتا ئۆز خەلقىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ زۇلۇمىنى كۆرسەتسە ئۇلار قەتئى گۇناھىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇۋېلىغلىق.) زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كۈرەش قىلغۇچى، (كۈرەش قىلغۇچىنىڭ خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى  سۈپىتىدە دۇنياغا زۇلۇمنى ئاڭلاتقاندا بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، چۇنكى بىز ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا بىز زالىمغا قارشى كۈرەش قىلغۇچى) ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى قۇتقۇزغۇچى بولۇش سالاھېيىتىمىز بىلەن بىرگە  مۇھاجىرەتتىكى تۇرمۇشىمىزنىمۇ نورمال ئېلپ مېڭىپ، ساغلام ياشىغاچ، ئۆزىمىزنى ئىلىم- پەن، ئىقتىدار، تەجرىبە  جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈپ، مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ، ئىلغارلاتقۇچى پىسخىكىسىغا ئايلاندۇرۇش.

54. قىلماقچى بولغان، يەتمەكچى بولغان نىشاننى ئاكتىپ تەرەپتىن مېڭىمىزگە كۈندە نەچچە قېتىم دېيىش. مەسىلەن، ئۇيقۇمىزنى ياخشىلىماقچى بولساق،”مېنىڭ ئۇيقۇم ياخشى” دەپ مېڭىمىزگە كۈندە نەچچە قېتىم دېيىش .

ياخشى دىسەك مېڭىمىز بەدىنىمىزگە شۇ سىگنالنى بېرىدۇ، بەدىنىمىز ياخشىلىنىدۇ. ناچار دىسەك ناچارلىشىدۇ.

55. ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلەرنى يېيىش

56. سۇ ئىچىش

57. يۇيۇنغاندا تاپاننى ئۇۋىلاش. تۆۋەندىكى رەسىمدە ياپونىيە تەبىئى پەن تەتقىقات ئورنى دوختۇرلۇق كەسپىدىكى دوكتور كاتائوكانىڭ 30 نەچچە ياشتىن 50 نەچچە ياشتىكى ئونبىر ئايالنىڭ 2013-يىل 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە بولغان ئىككى ھەپتىدىكى ھەر كۈنى يۇيۇنغاندا بىر مىنۇت ئەتراپىدا تاپاننى ئۇۋىلىغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش نەتىجىسى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ نەتىنجىسىندە پۇتنىڭ يېنىكلىك دەرىجىسى ئالتە ھەسسە، راھەت ھېس قىلىش دەرىجىسى بىر پۈتۈن بەش ھەسسە ئاشقان. دىمەك،تاپاننى ئۇۋىلاش  ئارقىلىقمۇ  بېسىمنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

58. بەدەن تېمپوراتورىسىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆرلىتىش، يەنى بەدەننى ئىللىتىش

بەدەن سوۋۇغاندا ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بەدەن تېمپوراتورىسىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئۆرلىتىش يەنى بەدەننى ئىللىتىش ئارقىلىق ئۇيقۇنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

ئىسسىقلىق بەدەنگە قان ئارقىلىق بارىدۇ. شۇڭا قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بەدەننى ئىللىتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇسۇللارنى قوللانغاندىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنىمۇ تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇخلاشتىن بىرەر سائەت بۇرۇن دۇش يەنى ۋاننىدا ئىللىق سۇ قىلىپ، دورا دەرمەك (ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى بەدەننى ئىللىتىپ،قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدىغان دورا دەرمەكلەر)، ئارشاڭ مېنراللىرى، راھەتلەندۈرىدىغان ماتېرىياللار (بۇدورا دەرمەك، مېنرال  ۋە  ماتېرىياللارنى قوشساقمۇ بولىدۇ، قوشمىساقمۇ  بولىدۇ. ئەھۋالىمىزغا قارىتا ئىش كۆرسەك ئەڭ مۇۋاپىق) نى قوشۇپ تەرلىنىپ يېرىم سائەتچە يۇيۇنۇش ياكى ھېچبولمىغاندا پۇتنى 10 مىنۇتلارچە ئىللىق سۇدا يۇيۇش.

شۇ جەرياندا  تاپان، بەدەننى ئۇۋىلاش (دۇشتا يۇيۇنغاندا ياكى پۇتنى يۇغاندا بەدەن ئىللىپ، قان ئايلىنىش ياخشىلىنىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇۋىلىسا ئەڭ ياخشى. ئەمما شارائىت بولمىغاندا بىۋاستە ئۇۋىلىساقمۇ يەنىلا ئۈنۈمى بار)

59. يەر بىخەتەر، ئىللىق  بولسا يالاڭئاياق مېڭىپ بېرىش

بىز ئادەتتە كۆپىنچە ئولتۇرىمىز ياكى تۇرىمىز،قان تاپىنىمىزغا بەكرەك ئۇيۇپ قالىدۇ. تاپاننى ئۇۋىلاش ياكى يالاڭئاياق مېڭىش ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلىمۇ بولىدۇ.

ئىللىتقۇچ (Heat Pad) نى بەدىنىمىزنىڭ سوغۇق يېرىگە قويۇپ ئىللىتىش


بەللىك (腹巻) بىلەن بەلنى باغلاش


تاپاننى ئۇۋىلاش (باشقىلار ئۇۋىلىسىمۇ ياكى ئۆزىمىز ئۇۋىلىساقمۇ بولىدۇ)


60. تۇرمۇش ئادەتلىرىمىزنى ياخشىلاش

ئەتىگەندە، ھېچبولمىغاندا چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بۇرۇن مەلۇم ۋاقىت(ھەر يەرنىڭ كىلىماتى، جۇغراپىيىلىك ۋە كۈن چۈشۈش شارائىتى، پەسىللەرگە، تېرىگە قاراپ كۈنگە قاقلىنىشقا تېگىشلىك  ۋاقىت پەرقلىنىدۇ) كۈن نۇرىغا قاقلىنىش.

ھەر كۈنى تەرتىپلىك ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىش.

ئىمكانىيەت بولسا كۈندە چۈشتە، چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بۇرۇن  يېرىم سائەت ئەتراپىدا چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇخلاش، ئەمما ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇخلىۋەتمەسلىك.

ھاراق ئىچمەسلىك،تاماكا چەكمەسلىك. چۈشتىن كېيىن ئۈچتىن كېيىن قەھۋە، چاي، كولا شاكىلات دىگەندەك مېڭىنى غىدىقلايدىغان يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق.

كەچتە ئېغىر تاماق يىمەسلىك، يەڭگىل، ئاز يېيىش، ئۇخلاشتىن ئاز دىگەندە ئۈچ سائەت بۇرۇن كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇش.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئون مىنۇتتەك كېرىلىش ھەركىتى قىلىش، ئەمما ئېغىر ھەركەت قىلماسلىق

ئۇخلاشتىن بۇرۇن بەك كۆپ ئۇسسۇزلۇق ئىچمەسلىك.

ئامال بار بالدۇرراق ئۇخلاش،بەك كەچ ئۇخلىماسلىق.

ھەر كۈنى تەرتىپلىك ئۇخلىغان ياخشى،ئەمما بەك ئۆلچەمگە،قېلىپقا سېلىۋالماسلىق.

كەچتە ئۇيقۇ كەلسىلا كارۋاتقا چىقىپ ئۇخلاش،ئۇيقۇ كەلمىگەندە زورلاپ كارۋاتقا چىقىۋالماسلىق.

ئۇيقۇ تولۇقلاش مەزگىلىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئوقۇش،خىزمىتىمىزگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ھالدىكى تولۇقلىما ئۇخلاشنى قەدىرلەش. مەسىلەن،پەسىل،مۇھىت ئالماشقاندا،ئادەتتىكى ۋاقىتقا قارىغاندا كۆپرەك ئۇخلايدىغان ئەھۋاللار بار.

61. ئاياللار ھورموننى ۋە بەدىنىگە بولغان تەسىرىنى ئىگەللەپ، ھورمونغا ئاساسەن يىمەك، ھەركەت، كەيپىياتنى تەڭشەش

62. ئۇخلاشقا پايدىلىق يىمەك ئىچمەكلەرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىش.

ئۇيقۇغا ياردەم قىلىدىغان يىمەك ئىچمەكلەر تۆۋەندىكىچە:

سېرىق پۇرچاق / چوڭ پۇرچاق

ئىللىق سۈت (ئۇخلاشتىن 2-3 سائەت بۇرۇن بىر ئىستاكان ئىللىق سۈت ئىچىش)

يىمەكلىكلەر プレバイオティクスPrebiotics益生元پروبايئوتىكس

63. ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا پارچىىلىنىپ، ھەزىم قىلىنمايدىغان، چوڭ ئۈچەيدىكى پايدىلىق باكتىرىيەلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنىڭ بىر قىسمى بولىدىغان ھەم ئۇلارنى كۆپەيتىدىغان، چوڭ ئۈچەينىڭ ساغلام تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان، ساغلاملىققا پايدىلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان يىمەكلىكلەردىن يېيىش. مەسىلەن:


مايمۇن شاپتولى / كىۋى


مەرجۈمەك / لېنتىل


64.  ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە  ئۇخلاش شارائىتنى ياخشىلاش

كەڭ كۇشادە، راھەت، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ،كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئۆي تەييار قىلىش. ئۇخلاش ئۆيىنى ئىشخانا قىلىۋالماسلىق. ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىراقلارنى ئۆچۈرۈۋېتىش. ئۆينىڭ تېمپوراتورىسىنى ئۆزىمىزگە خۇشياقىدىغان تېمپوراتورىغا تەڭشەش. ۋاراڭ چۇرۇڭ ياكى دەخلى قىلغۇدەك خورەك ئاڭلىساق ئاۋاز پەسلەتكۈچنى قۇلاققا تىقىپ ئۇخلاش . راھەت يوتقانلارنى ئىشلىتىش. مەسىلەن، پاختا ماتېرىياللىق يوتقانلارنى.

56.  ئۇزۇن مۇددەت كېچە كۈندۈز ئالمىشىپ ئىشلەيدىغانلار ئامال بار ياخشى ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىش.

ئامال بار كۈندۈزى ئىشلەپ، كەچلىكى ئۇخلىساق ياخشى،ئەمما بەزى خىزمەتلەر كەچكىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇزۇن مۇددەت كېچە كۈندۈز ئالمىشىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ مېلاتون ھورمونى قالايمىقانلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇنداق چاغدا ئامال بار  ياخشى ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئادەتتە دەرھالۋە تەبىئى ئۇخلىيالىسا تېخى ياخشى، بۇنداق قىلالمايدىغان ھەر قانداق ئادەمگە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ 2 مىنۇتتا ئۇيقۇغا كىرىش ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ئۇسۇل تۆۋەندىكىدەك:

1) كارۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىش. يۈز، تىل، ئىڭەك، كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللاردىكى كۈچنى بارابارا چىقىرىش، ئۆزىنى قويۇۋېتىش، ئەركىن ئازادە بولۇش، پېشانىمىزنى ئەركىن ئازادە قويۇۋېتىش.

يۈزىمىز ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلساق، كۆز ئەتراپىمىزمۇ ئەركىن ئازادە بولىدۇ.

2)ئامالبار قولنى كەڭ كۇشادە قويۇش. بويۇن-ئوڭ مۈرە-قول-بارماق، سول مۈرە-قول-بارماق مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئەركىن قويۇپ بېرىش.

3) قايتا قايتا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، مەيدىنى ئەركىن ئازادە قىلىش. ئۆپكىمىزگە ھاۋا تولغانلىقىنى ھېس قىلىش.

4) يوتىمىزدىن پۇتىمىزغا، پۇت ئۈزەڭگە، پۇت ئۇچىغىچە ئەركىن ئازادە قىلىش.

5) پۈتۈن بەدىنىمىز ئەركىن ئازادە بولدى، ئەمدى كۆڭلىمىزنى ئەركىن ئازادە قىلىمىز.ئۆزىمىز ئەركىن ئازادە دەپ ھېس قىلغان يەردە، ھالەتتە تۇرۇۋاتقاندەك تەسەۋۋۇر قىلىمىز. ئەگەر ئۇنداق ھالەت كۆز ئالدىمىزغا كەلمىسە،”ئويلىماڭ، ئويلىماڭ، ئويلىماڭ” دەپ ئۈچ قېتىم تۆۋەن ئاۋازدا دېيىش.

بۇ ئۇسۇلنى كارۋات بولمىسا،ئولتۇرۇپ ئېلىپ بارساقمۇ بولىۋېرىدۇ. دەسلەپتە بىر مەزگىل ئۇيقۇغا كىرەلمىسەك ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىدىكى ھەربىيلەرمۇ ئالتە ھەپتە مەشىق قىلىپ نىشانغا يەتكەن. شۇ ئارقىلىق ئىش ئۈنۈمى 96% ئاشقان.

66. كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۇخلىيالمايدىغانلار كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ داۋالىنىش.

بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ تور بېتىدە بىمارنىڭ ئاغرىيدىغان يېرىگە قاراپ قانداق ھالەتتە ياتسا ياخشى ئۇخلىيالايدۇ دىگەن ئۇچۇرلارمۇ بار. بەزى دورىلار ئۇيقۇنى قاچۇرىدۇ. بۇ چاغدا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش.

67. يۇقىرىقى ئۇيقۇنى ياخشىلاش  ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ (ئەلۋەتتە يۇقىرىقىلاردىنمۇ باشقا ئۇسۇللار بار) ئۇزۇن مۇددەت ياخشى ئۇخلىيالمىساق دوختۇرغا كۆرۈنۈش. ئامال بار دورىغا تايانماسلىق. ئەمما دوختۇر بۇيرۇپ بەرسە دورىنى ئىچىش. ياخشىلانغاندا ئاستا ئاستا ئازلىتىش ۋە توختىتىش.

68. ئالاھىدە كېسىلى يوق، ئەمما ئۇخلىغۇسى بولسىمۇ بوۋاقلىرى ۋە ئۆي ئىشلىرى سەۋەبىدىن ئۇخلاشقا ئىمكانىيىتى يوق ئانىلار بار.ئۇلارنىڭ ياخشى ئۇخلىيالىشى ئۈچۈن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەمكارلىششىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمىسى

سەھىھ ھەدىسلەر، د.سۇلايمان دۇرەيى ئازىمى، سۇتۇق بۇغراخان نەشىرىياتى، 2013

ئۇيقۇ توغرىسىدا چۈشەنچە، مەمەت ئىمىن، 2016-يىل

http://uyghur-jemiyiti.blogspot.com/2017/12/blog-post_22.html  ,مەمەت ئىمىن، سەۋر تاقەت ۋە شۈكۈر2017/12/22

2017 كۇرشات ئوغلى، تەۋسىيە: دىننى قانداق چۈشىنىش كېرەك —ئەقلى تەپەككۇرنىڭ نىيەت ۋە ساۋاپ ئوتتۇرىسىدىكى رولى ھەققىدە

كۆز قاراش ساغلاملىقنىڭ ئاساسى، خەلچىگۈل پەتتار،-12-2018

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=62.msg79%3Btopicseen&fbclid=IwAR0QBzlnTQRadsLcVVF7YSdprDI3WdDPaVw5DaBWyhpDA6EQ3LmLJ6ISDi8#new ,

ئۆمەرجان ئىمىن، غەربىي ياۋرۇپا تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك هىيلىسى، ئاسىيا كىندىكى گېزىتى،1996

ئاچچىقنى كونترول قىلىش، نۇرگۈل ساۋۇت، 2018-10-13

https://www.youtube.com/watch?v=P-ZSUpLaJwk&t=1084s  پىدائىلار بىز،سۈپەتلىك ۋە ياخشى ئۇخلاش ھەققىدە،2019،

https://www.mhlw.go.jp/file/06-Seisakujouhou-10900000-Kenkoukyoku/0000047221.pdf、健康づくりのための睡眠指針 、厚生労働省健康局、2014

http://www.jssr.jp/kiso/syoshin/syoshin.pdf،睡眠の基礎、井上昌次郎、「睡眠科学・医療専門研修」セミナー、1999

https://www.healthcare.omron.co.jp/resource/column/life/141.html

vol.141 睡眠が健康に与える影響――睡眠は「時間」も大事だが「質のよさ」がもっと重要!、2015

http://jssr.jp/kiso/syoshin/syoshin.pdf

「睡眠の基礎」、井上昌次朗、東京医科歯科大学生体材料工学研究所、1999

http://www.health.ihe.tohoku.ac.jp/wp-content/uploads/2015/03/shiori-42.pdf

睡眠障害について、准教授 山崎 尚人、東北大学保健管理センター、2013

https://style-knowledge.com/jibunno-tugou/ 自分の都合のいいように解釈する人の心理特徴7つと上手な付き合い方

https://achinuq.org/?p=1343

大学生の心の健康:睡眠と対人関係へのアプローチ、Mental Health among University Students: Focusing on the Effects of Their Daily Sleeping Habits and Personality Tendency of Shyness)、 黒澤茜、猪俣依李、吉永真理、 昭和薬科大学紀要、2016

https://www.nicovideo.jp/watch/sm1675227 ،NHK教育テレビスペシャル『 人間はなぜ治るのか  』2007

https://www.youtube.com/watch?v=FuKpD5sZo1I, 斎藤一人 「脳は言葉で動く」,2018

https://www.facebook.com/1497866163/posts/10217860732138795/ 小林正観 、 笑顔と元気の玉手箱シリーズ 笑いつつやがて真顔のジョーク集、 宝来社、2002

https://tm-meisou.jp/stress-brain/ ストレスは、4つの側面で脳に損傷を与える | 超越瞑想

https://sunpac.co.jp/column/stress-accumulates/، あなたは大丈夫?ストレスがたまると現れる症状と予防・対策،2016.09.15

https://www.elle.com/jp/gourmet/gourmet-food-drink/a74557/gpi-bettersleep-17-1118/ ، ELLE GOURMET، 心地良い眠りへと導く5つの食べ物،2017

https://www.life-rhythm.net/easy-stretch/،寝る前10分!眠りの質を高める6つのストレッチとは?،2019

https://www.youtube.com/watch?v=D7wisce4bi8 アメリカ海軍が実践している2分で眠ることができる方法,2018

https://dailyhive.com/vancouver/metro-vancouver-disappear-underwater-2100-global-warming, DH Vancouver Staff, Delta and Richmond may disappear underwater by 2100 even if we limit global warming, Nov 09, 2017

https://www.rubyjowalker.com/ , Ruby Jo Walker, 2017

Reclaim Your Heart, Yasmin Mogahid,FB Publishing; 2 edition (August 1, 2015)

影响大学生睡眠品质与身心健康因素之研究,王素真(中華醫事科技大學醫務暨健康事業管理系),洪耀釧(美和科技大學健康照護研究所) ,叶一晃(台南市立醫院),2014

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش