ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بىلىم، تەتقىقات ۋە ئەخلاق

بىلىم، تەتقىقات ۋە ئەخلاق

پىروفېسسور دوكتور ئەردەم ئايدىن

(ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتى – ئەنقەرە)

 

قىسقىچە مەزمۇنى: بىلىم كائىناتتىكى ھادىسىلەرنى يورۇتۇپ بېرىدىغان پائالىيەتلەر ساھەسىدۇر. ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ پىلانلاش، تەتبىقلاش ۋە خۇلاسىلەشكە ئوخشاش بارلىق باسقۇچلىرى ئىنساننىڭ كونتروللۇقى ۋە مەسئۇلىيىتىگە باغلىقتۇر. شۇڭا ئىلىم ئەھلىلىرى / تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلىرى، ئىلمىي تەتقىقاتلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلىرىمىز ئىلمىي خىزمەتلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن «ياخشى» يۆنىلىشتە ئالغا بېسىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بىراق، ئىلمىي تەتقىقاتلار ئەسناسىدا ئەپسۇسكى، ھەرخىل ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلارمۇ كۆرۈلمەكتە. ئىنسانلار ئۈستىدىكى تېببىي تەتقىقاتلاردىمۇ بەزىدە ئىنسان ھاياتى ۋە ئار – نومۇسىغا زىيان يەتكۈزگۈچى پوزىتسىيە ۋە ئىش – ھەرىكەتلەر يۈز بەرمەكتە. بۇ خىل ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇئەييەن بەلگىلىمىلەرگە ئېھتىياج بار. ئەخلاقىي ئۆلچەملەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىنىشىدا ئەخلاقىي بەلگىلىمىلەر ناھايىتى مۇھىم بىر فۇنكسىيەنى ئادا قىلىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىلىم ئەخلاقى، تەتقىقات ئەخلاقى، تەتقىقات ئەخلاقى بەلگىلىمىلىرى

 

بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش، يالغۇز ئۇنىڭ پايدا يەتكۈزىدىغان نەتىجىلىرىنى كۆرۈشتىنلا ئىبارەت ئەمەس. ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشىنىش بىلىمنىڭ ئاساسىي خاراكتېرىنى چۈشىنىشتۇر. پەقەت ئۇ يارىتىدىغان ئەمەلىي پايدىلارنىلا ئويلايدىغان بولسىڭىز، بىلىم بىلەن شۇغۇللانغان بولمايسىز. ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى چۈشىنىش ۋە تونۇش بىلىم پائالىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم قوزغاتقۇچى كۈچىدۇر. ھەرقانداق خەلقنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىگە ئېھتىياجى بار. بۇ ئېھتىياج جەمئىيەتنىڭ ئامان – ئېسەنلىكى، ئىزچىللىقى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن زۆرۈردۇر. ئەگەر جەمئىيەت ئۆز ئىچىدىن تەتقىقاتچى، ئىلىم ئەھلى (ئالىم)، تەتقىقاتچى يېتىشتۈرمەكچى بولسا، بۇ ھېچبولمىغاندىمۇ ئۆز نىشانلىرى ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئالىملارنىڭ تەتقىقات ۋە خىزمەتلىرى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدا يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۆز خەلقىگىمۇ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنداقكەن خەلق، بىلىم ۋە ئالىمنى / ئىلىم ئەھلىنى قوللىشى لازىم.

ھەقىقەتەنمۇ، بىلىمنىڭ ئىنسانغا يەتكۈزگەن پايدا ۋە ياراتقان ئۈنۈملىرى ئىنساننىڭ قەدىرلىنىشىگە ۋاسىتە بولدى. بىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ «مودېرن» كىملىكى ئىلىم – پەن ئوتتۇرىغا چىقارغان نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. مودېرن دۇنيادا ياشاۋېتىپ، كۈندىلىك ھاياتتا بىلىمنى بەك كۆپ پەرق ئېتىپ كەتمىسەكمۇ، شۇنى بىلىمىزكى، دەۋرىمىز تۇرمۇشىنىڭ قولايلىقى ۋە بايلىقى ئىلمىي تەپەككۇر بىزگە سۇنغان ئۈستقۇرۇلمىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئىلمىي تەپەككۇرنىڭ دۇنيا مىقياسىدا ئومۇمەن قوبۇل قىلىنىشى كۈندىلىك ھاياتتا ئۇنى بەس – مۇنازىرە قىلىشتىن يىراقلاشتۇردى. بىز ياشاۋاتقان نۇقتىدا، ئىنسانلار بىلىمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئومۇمەن قوبۇل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، يەنىلا بىلىمنى رەت قىلغۇچىلارنىڭ بولغىنىدەك، ئۇنى ئەيىبلىگۈچىلەرمۇ بار.

ئىلمىي تەتقىقاتلار يەتكەن ئاخىرقى نۇقتىدا كۈندىلىك ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار باشقىچە شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇ شەكىللىنىشنىڭ ئىچىدىكى ھۆكۈمران تېما «بىلىمنىڭ نەتىجىلىرى» نىڭ تېخنولوگىيەلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق باي ئىشلەپچىقىرىش ئامىلغا ئايلىنىشىدۇر. كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقىنى، بىلىمنىڭ بىزگە سۇنغان پايدىلىق نەتىجىلىرىنىڭ ماددىي مەنپەئەتنى كۆزلىگۈچى ئىنسانلار تەرىپىدىن كۆپ مىقداردا قايتا – قايتا ئىشلەپچىقىرىلىشىدۇر.

ئىنسانلار ئىلمىي ئىمكانىيەتلەرگە كېلەچەككە ئامان – ئېسەنلىك، بەخت – سائادەت، سالامەتلىك بېغىشلايدىغان ئاساسىي مەقسەت دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا خۇسۇسىي / كوللېكتىپ نىشانلارغا خىزمەت قىلىدىغان بىر ۋاسىتە دېگەن نەزەر بىلەن قارىماقتا. «نېمىشقا بۇنداق بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئەلۋەتتە ئاسان ئەمەس. لېكىن، شۇ نۇقتىغا ئىشارەت قىلىشىمىز كېرەككى، بىلىمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىش شەكلى، يەنى ئەمەلىيىتى / مېتودولوگىيەسى، ئىلمىي ئاڭ ۋە چۈشەنچىدىن ھالقىپ، ئاساسىي مەقسەت ئىلمىي جەريان، مېتود ۋە ئۇسۇللارنى تەتبىقلاش قىزغىنلىقىغا، تېخىمۇ ئېنىقىنى دېگەندە تېخنولوگىيەگە ئايلىنىپ قالدى.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىلىم بىلەن بىلىمنى دەپ شۇغۇللىنىش ياكى بىلىمنى بىر چۈشەنچە سىستېمىسى دەپ چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا ھەممىلا ئىش بەزى مېتود ۋە ئۇسۇللارنى توغرا تەتبىقلاپ – تەتبىقلىماسلىقتا ئىپادىلىنىدىغان نۇقتىغا كېلىپ قالدى. بىلىم، «تېخنولوگىيە» بىلەن تەڭداش مەنىگە ئىگىدەكلا ھالەت شەكىللەندى. گەرچە تېخنولوگىيە بىلىمدىن مۇستەقىل بىر ھادىسە بولسىمۇ، نۆۋەتتە بىلىمنى تولۇقلىغۇچى كەم بولسا بولمايدىغان  بىر ساھە دەپ قارالماقتا. بىلىم ۋە تېخنولوگىيە گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ زىيىنى بىلىمغا يەتمەكتە، تېخنولوگىيەگە قارىتىلغان خىلمۇخىل تەنقىد ۋە قارشى چىقىشلاردىن بىلىممۇ نېسىۋىسىنى ئالماقتا.

بىلىم مۇقەررەركى بىر كوللېكتىپ پائالىيەت ساھەسىدۇر. يەنى، بۇ ساھەدىكى ئىشلار ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئادا قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ پەقەت ئۆزىلا خەۋەردار بولغان پائالىيەتلەر «ئىلمىي» مۇنبەرلەرگە چىقالمايدۇ. ئالىم قىلغان – قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرۇشى كېرەك. ئوتتۇرىغا چىقارغان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشى، باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىشى كېرەك. ئىلمىي مۇھىت مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ.(1)

بىلىمنىڭ ئەخلاق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئەخلاقىي نۇقتىدىن قارىغىنىمىزدا، ئىنسانلارنىڭ «ياخشىغا يۈزلەنگەن» مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن (بارلىق ناچارلىقلارغا قارىماي). ئىنسانلار، مەسىلەن، يالغان ئېيتىلمىسۇن، ئالدامچىلىق قىلىنمىسۇن، ئادالەت بولسۇن، ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلمىسۇن دېگەندەك…يەر يۈزىدە داۋاملىق «ياخشى» ئىشلارنىڭ بولۇشىنى خالايدۇ.

بۇ ئىستەكلىرىمىز ئومۇمىي دۇنيا مۇناسىۋەتلىرىدىكىگە ئوخشاش خۇسۇسىي پائالىيەت ساھەلىرىدىمۇ مۇشۇنداقتۇر. مەسىلەن، بىر قارار چىقارغاندا ئادىل بولۇشى كېرەك، ناھەقچىلىك قىلماسلىقى لازىم. بىر دوختۇر بىمارلىرىغا ئىگە چىقىشى، ئۇنىڭغا پايدىلىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك…

ئىلمىي پائالىيەت ساھەلىرىدىمۇ بىلىم ئىنسانلىرىدىن – ئالىملاردىنمۇ ئارزۇيىمىزدىكىدەك «ياخشى» پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلەرنى كۈتىمىز. ئىنسانغا مۇۋاپىق بولمىغان، ياخشى بولمىغان ۋە ناچار ئاقىۋەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ئىلمىي نەتىجىلەرنى قوبۇل قىلىش بىز خالىمايدىغان ئىشلاردۇر. ئىلمىي خىزمەتلەر ئىنسانلارغا «ياخشى» بولىدىغان شەكىلدە نەتىجىلىنىشى، شۇنداقلا «ياخشى» شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. «ياخشى» بولمىغان ياكى «ناچار» بولغان مەشغۇلات ۋە نەتىجىلەر ئىلىمنىڭ نىشان ۋە مېتودى ئەمەس. ئۇنداقتا بىلىم بىلەن ئىنسانىي قىممەت – قاراشلار ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت بارمۇ؟ ياكى بۇلار بىر – بىرىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل نەرسىلەرمۇ؟

بىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىشى بىلەن پاراللېل ئەھمىيەتكە بولغان يەنە بىر مەسىلە، تەتقىقاتچىنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىدىكى قىممەت – قاراشلاردۇر. تەبىئىي پەنلەر نۇقتىسىدىن ئىنسان قىممەت – قاراشلىرى مۇھىممۇ؟ ياكى ئەسلىي قىممەتكە ئىگە بولغىنى ئىلمىي «ھەقىقەتلەر» مۇ؟ ھەقىقەتكە ئېرىشىش، ھادىسىلەرنى ئىزاھلاش ۋە ئۇلارغا ئېنىقلىما بېرىش ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ نىشانلىرى بولغان ئىكەن، بۇ پائالىيەتلەرنىڭ نېگىزىدە ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلارنىڭ قانچىلىك ئورنى بار؟ ھادىسىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانى ئەخلاق دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى بىر ساھەمۇ؟ ئىلمىي پائالىيەتنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق ئەخلاقىي ئىزدىنىش ۋە مەنە يوقمۇ؟ بۇلارغا ئوخشاش ئىلمىي تەتقىقات ۋە خىزمەتلەرنىڭ ئەخلاق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار پەرقلىق سوئال ۋە ئىزاھاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە يېتىشنىڭ، تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ئەخلاق ساھەسىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، تەبىئەتكە ئالاقىدار ئىلمىي ئىزاھات، سۇنىڭ قايناش دەرىجىسى، ئېلېكتىرونلارنىڭ ھەرىكىتى ياكى ئىنسان فىزىيولوگىيەسىنىڭ ھورمۇن قۇرۇلمىسى ئىلمىي تېرمىنولوگىيە ۋە ئۇقۇملار بىلەن ئىزاھلىنىدىغان مەسىلىلەردۇر. بۇ مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەنىسىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟

بىلىم پوزىتىپ ھەرىكەت ۋە ئېنىقلىمىلار ساھەسىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، بىلىمنىڭ تەپەككۇر قىلىش، پىلانلاش، تەتبىقلاش ۋە تارقىتىش مېتودولوگىيەسى مۇساپىسىدىكى بارلىق ئىجراچىلىرىنىڭ «ئىنسان» ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويماسلىقىمىز لازىم. بىلىم خالاپ – خالىماي «ئىنسان سوبيېكتىپلىقى» دىن نېسىۋىنى ئالماقتا. بىلىمدىكى مەشغۇلاتلار ئۇنى روياپقا چىقارغۇچى تەتقىقاتقچىنىڭ تەپەككۇر، تۇيغۇ ۋە ئېڭىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماقتا. ئىنساننى تەرىپلىگۈچى ئۇقۇملاردىن بولغان ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلىرىمىزنىڭمۇ بىلىمگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. ئىلمىي تەپەككۇر، ئىزاھ، مۇھاكىمە، ئانالىز ھەتتا بىلىمدىكى تېخنىك مېتودلارنىڭ ئىشلىتىلىشىمۇ، بىزدىكى ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىدۇر. ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ قەلەمگە ئېلىنىش ۋە ئېلان قىلىنىش جەريانلىرىمۇ ئەلۋەتتە ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلاردىن نېسىۋىسىنى ئالماقتا. «تەتقىق قىلىش ۋە نەشر قىلىش ئەخلاقى»، بىلىم ۋە ئاكادېمىك قاتلام ئەڭ كۆپ بەس – مۇنازىرە قىلىدىغان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.(1)

بىز «بىلىم» دەپ ئاتاۋاتقان ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئاساسىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئىلىمنىڭ پېيىغا چۈشۈش، ئىلىمگە ئېرىشىش، ئىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تارقىتىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكى نامايان بولىدۇ. بىلىمنىڭ كويىغا چۈشكەن ئىلىم ئەھلىگە ھەممە ئادەمنىڭ ئىشەنچ قىلىدىغانلىقى ئېنىقتۇر. ئىلىم بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدا بىر «ئىجتىمائىي» كېلىشىم بار بولۇپ، ئۇ، ئىلىم ئەھلىنىڭ ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى ھەقىقەتتىن ئېغىپ كەتمەستىن، ئەڭ توغرا ۋە يېلىڭ شەكىلدە باشقا ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشى ۋە ئورتاقلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ خىل قاراش سايىسىدا ئىلىم ئەھلى بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدا ئۆزئارا ماسلىق ۋە ئىشەنچ مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدۇ. ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئەخلاق، بۇ مەنىدە، بىر تەتبىقلاش پىلانى / مودېلى ئاساسىغا تاياندۇرۇلماقتا. بۇ ئارقىلىق ھەم بىلىم ئاشماقتا ھەم بىلىم مۇھىتى ئىچىدىكى ئىشەنچ ئالاقىسى كۈچەيمەكتە.(2)

ئەسلىدە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇلۇشى بىر قاتار ئەخلاقىي قىيىنچىلىقنىمۇ يۈدۈپ يۈرىدۇ. ئىلمىي ۋاسىتە ۋە مېتودلارنىڭ ئىشلىتىلىش شەكلى ۋە مۇددىئاسى بىر تەرەپتە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئىلمىي خىزمەتلەرنىڭ باشلىنىشى، پىلانلىنىشى، ئېلىپ بېرىلىشى ۋە ئېلان قىلىنىش باسقۇچلىرىدا بىلىم دۇنياسىدىن بىز كۈتمەيدىغان شەكىلدە سەۋەنلىكلەر، قايمۇقتۇرۇشلار، خىلاپلىق قىلىشلار ۋە ئىلمىي ئوغرىلىقلار يۈز بەر بەرمەكتە. بۇمۇ بىلىمنىڭ مەنە ۋە قىممىتىنى خوراتماقتا. شۇڭا، مەسىلەن، 1980 – يىللاردىن بۇيان تۇرمۇش ئادەتلىرى تەتقىقاتلىرىدا دىققەتلەر ئىلمىي سۇيىئىستېماللار (scientific misconduct) ۋە رەسمىي ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتلارغا قىلغان مۇداخىلىلىرىگە ئاغدۇرۇلماقتا.(2)

 

ئىنسانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېببىي تەتقىقاتلار

ئىلىم ئەھلى ئېلان قىلغان ئىلمىي ھادىسە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مۈلكىگە ئايلىنىپ، دۇنياۋىلاشقان بولىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك بىر مەقسەت يوقتۇر، ھەم بۇنداق قىلىش ئىلمىي ھەرىكەتنىڭ روھىغىمۇ زىتتۇر. ئىلمىي تەتقىقات «ئالەمشۇمۇل بولۇش» ئارزۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار قوبۇل قىلالايدىغان بولۇشى، يەنى بىزنىڭ «ئىلمىي» دەپ ئاتىيالىشىمىز ئۈچۈن، ئالەمشۇمۇل بىر تېما ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. ئىلمىي تەتقىقاتلار مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل توغرىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىرگە ئالەمشۇمۇل بولمىغان نەتىجىلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بۇ جەھەتتە بىرىنچى بولۇپ ئېغىز ئېچىشقا بولىدىغان ساھە، ئىنسان ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تېببىي تەتقىقاتلار ساھەسىدۇر. مەيلى تېبابەت ياكى باشقا ساھەلەر بولسۇن، ئالەمشۇمۇل توغرىلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش بىلەن بىرگە يەككە، ئايرىم نەتىجىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغىمۇ سەۋەب بولىدۇ.

ئىنسانلار ئۈستىدىكى تېببىي تەتقىقاتلارنىڭ بىرىنچى مەقسىتى، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىلمىي ھەقىقەتلەردۇر. بۇ خىل تەتقىقاتلار، ئىلىمنىڭ ماھىيىتىگە ماس شەكىلدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. بىراق، تەتقىقات ئامىلىنىڭ «ئىنسان» بولۇشى، يەنى شەخسىنىڭ ئىلمىي ھەقىقەتلەرگە ئېرىشىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى، بىر خىل زىتلىقنىمۇ پەيدا قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ھالقىلىق سوئال بولسا، «ئالەمشۇمۇل توغرىغا يېتىش ئۈچۈن يەنى مىڭلارچە ئىنساننىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، بىر ياكى بىر قانچە ئىنساننىڭ ھاياتى / سالامەتلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىشكە بولامدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت.

ئىنسان ھاياتىغا پەقەت بىر بىيولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇق دەپ قارىماقچى بولغىنىمىزدا، بۇ سوئالغا بەلكى «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىشكە بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ پايدا – زىيان ھېسابلانغىنىدا، نۇرغۇن ئادەمنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر قانچە كىشىنىڭ ھاياتىنى تېببىي تەتقىقاتلار جەريانىدا خەۋپكە ئىتتىرىش ئۇنچىۋالا خاتا ئىشتەك تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن… بىراق، ئىنسان ھەرقانداق بىر جانلىق ئەمەس. ئىنسان جانلىقلار ئارىسىدىكى ئادەتتىكى جانلىق مەۋجۇدات ئەمەس، بەلكى ئۇ مۇئەييەن قىممەت – قاراشلارغا ئىگە بولغان «كىشى»، بىر شەخستۇر. ئۇ، بىيولوگىيەلىك بىر جانلىق بولۇشتىن ھالقىغان بىر قىممەت ساھەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. يەنە كېلىپ، دەۋرىمىزدە ھايۋانلارغا، تەبىئەتكىمۇ بىر بىيولوگىيەلىك مەۋجۇتلۇق بولۇشتىن ھالقىغان مەنىلەر يۈكلەنمەكتە. شۇنداقكەن، باشقا ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش، ئازابىنى يېنىكلىتىش ياكى سالامەتلىكىنى مۇھاپىزەت قىلىش مەقسىتىگە تايىنىپ بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرىشكە بولمايدۇ. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، كېلەچەكتە مىليونلارچە كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرىدىغان بولسىمۇ، بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان بىر تەتقىقاتتا تەجرىبە قىلىنىشىنى ھېچكىمدىن تەلەپ قىلمايمىز. بىزدىنمۇ بۇنداق بىر نەرسىنىڭ تەلەپ قىلىنىشىنى قوبۇل قىلمايمىز. چۈنكى پەقەت بىر كىشى ئۈچۈن بولسىمۇ، بۇنداق بىر ئىستەك ئىنساننى / شەخسنى ئېرىشكەن ئۇلۇغلۇقتىن چىقىرىپ، بىر ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ھېچبىر ئىنساننى باشقا بىر ئىنسان ئۈچۈن ۋاسىتىگە ئايلاندۇرۇشقا بولمايدۇ. ھەر ئىنسان ئۆزى ئۈچۈن بىر ئىشلار قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇتلەق مەقسەت بولۇپ، ھېچبىر شەكىلدە ئۇنى ۋاسىتە قىلىپ ئىشلىتىش توغرا ئەمەس.

بۇنىڭ ئەكسىچە، تېببىي داۋالاش ۋە تەجرىبىلەرنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدە نورمال ۋە مۇنتىزىم ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈنمۇ يەنە ئىنسانلار ئۈستىدە سىناق – تەجرىبە قىلىنىشى شەرتتۇر. ئۇنداقتا، بۇ زىتلىق قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ ئالدى بىلەن، بۇ تەتقىقاتلارغا ئىنسانلارنىڭ پىداكارلىق بىلەن شۇنداقلا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ قېتىلىشى كۈتۈلمەكتە. ئىختىيارلىقى بولمىغان، مۇئەييەن ئىجازەت ۋە ماقۇللۇقلاردىن ئۆتمىگەن ئىشتىراك قىلىش شەكلى، تېببىي تەتقىقاتلاردا قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇ بىز ئويلىغاندەك ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا ئىنسانلار ئۈستىدىكى تېببىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن، ئەخلاق تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا ئوخشاش مۇئەييەن تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ بولۇشى شەرتتۇر.

ئىنسانلار ئۈستىدىكى تېببىي تەتقىقاتلار ئىجتىمائىي دەرىجىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇئەييەن «تەتقىقات سىياسەتلىرى» گە ئىگە بولۇشى كېرەك. ھەر دۆلەت بۇ سىياسەتلەرنى ئۆز ئىلمىي ۋە تەتقىقات قۇرۇلمىسىغا، خىزمەت شەكلىگە ئاساسەن بېكىتىپ تەرتىپكە سالىدۇ. ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەم بىرمۇ ئىنساننىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتىرمەسلىكىمىز، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن يېڭى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم. ھەر ئىككى ئامىلنىڭ بىر يەردە مەۋجۇت بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان تۇنجى ئىش، تەتقىقات سىياسەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر. مۇئەييەن تەتقىقات سىياسىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى مەۋجۇت ئۈستقۇرۇلما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. مەسىلەن، تەتقىقاتلارنىڭ مالىيەسى، تەكشۈرۈش مېخانىزملىرى، تەجرىبىلەر، تەجرىبە گۇرۇپپىلىرى ۋە تەتقىقات مۇھىتى دېگەندەك ئامىللار تەتقىقات سىياسەتلىرىنىڭ رامكىسىنى سىزىپ بېرىدۇ.(3)

شۇنداقكەن، ئىنسانلار تەجرىبە ئامىلى سۈپىتىدە ئورۇن ئالىدىغان تېببىي تەتقىقاتلارنىڭ ئەخلاقىي رامكىسى ئالدىن سىزىلغان بولۇشى كېرەك. مېدىتسىنا ساھەسىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ مەقسىتى؛ ئورگانىزملارنىڭ ئىشلىشى، كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئىمكانىيەتلىرى دېگەندەك جەھەتلەردە مەلۇمات توپلاش، ئارقىدىن تەتبىقلاشقا بولىدىغانلىرىنى تەتبىقلاشتۇر. بەزى ئايرىم ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا (راكقا ئوخشاش) تېببىي تەتقىقاتتا بىرىنچى نىشان كېسەلنىڭ تەتقىقاتتىن پايدىلىنىشى ئەمەس. مەيلى كېسەل بولسۇن، مەيلى سالامەت بولسۇن، ئىنسانلار خەۋپكە تەۋەككۈل قىلىپ قاتنىشىشنى قوبۇل قىلغان تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرى – كۈچلۈك ئېھتىمالدۇركى –ئۆزلىرىدىنمۇ بەك باشقا ئىنسانلارغا پايدا يەتكۈزىدىغان تەتقىقاتلاردۇر.(4)

ئەخلاقىي قىممەت – قاراشلار، بىزنى ئالدىمىزدا تۇرغان كىشىگە زىيان يەتكۈزۈشتىن توسۇپ قېلىشى كېرەك. ماددىي زىيان، ئالداش، سۇيىئىستېمال قىلىشتەك قىلمىشلار تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزگە ياراشمايدىغان ئىشتۇر. شۇنداقلا كىشىلەرنى قارىلاش، ئۇلارغا خىيانەت قىلىش ياكى ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتىمىز. كىشىلەرگە قارىتا بۇ مەنىدە ئەخلاقىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. مېدىتسىنا ساھەسىدىكى تەتقىقاتلاردىمۇ تەتقىقاتقا قاتناشقان كىشىلەرگە قارىتا ئۆتەيدىغان مۇئەييەن ۋەزىپىلىرىمىز بار.(5)

بۈگۈنگىچە تېببىي تەتقىقاتلار ئەسناسىدا كۆپ خىل سۇيىئىستېماللار بولدى. بۇلارنىڭ بىر قىسمى تەتقىقات داۋاملىشىۋاتقان ئەسنادا پەرق ئېتىلدى، بىر قىسمى بولسا، كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىقتى. شۈبھىسىزكى، ئوتتۇرىغا چىقمىغان، سەلبىي تەتقىقاتلارنىڭ سانىمۇ خېلىلا كۆپ بولسا كېرەك… بىلىنىدىغانلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ناتسىست گېرمانىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردۇر. تەجرىبە قىلىنغۇچىلارغا زىيان يەتكۈزگەن ياكى سەلبىي تەسىرلىرى بارلىقى بىلىنىدىغان يەنە نۇرغۇن تەتقىقات ئۈلگىلىرىمۇ بار. تۆۋەندە ئەخلاقىي جەھەتتىن يامان / خاتا بولغان، ماتېرىياللاردىن ئورۇن ئالغان بىر قانچە تەتبىقلاش مىسالىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز:

1 – نورمال سۈيدۈك خالتىسىدا سۈيدۈكنىڭ بولۇپ – بولمايدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن 2 كۈنلۈك بولغان سالامەتلىكى نورمال 26 بوۋاقنىڭ سۈيدۈك يولى نەيچىسى تەكشۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ، بۇ بوۋاقلار سۈيدۈك خالتىسى تولۇق ۋە بوش ھالەتتە x نۇرلىرىغا دۇچار قىلىنغان بولدى.

2 – كانايچە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان 130 بالا ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان سېزىمچانلىقنى داۋالاشنىڭ تەسىرلىرىنى تەكشۈرۈش تەتقىقاتى دائىرىسىدە 91 بالىغا 14 يىل بويىچە تەسىرسىزلەشتۈرگۈچى ماددا ئوكۇل قىلىپ سېلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن نە بالىلارنىڭ، نە ئائىلىلىرىنىڭ خەۋىرى بولمىدى.

3 – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ لوۋا ئىشتاتىدا 11 مەھبۇس چىش گۆشى قاناش، ئىششىپ كېتىش، ئەسەبىيلىشىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان سىناق خاراكتېرلىك سكوربات كېسەللىكىگە دۇچار قىلىندى. بىراق، كېسەللىكنىڭ بۇ كىلىنىكىلىق ھالىتى يۈز يىللاردىن بىرى مەلۇم ئىدى.

4 – بىر راك ئەملەش تەتقىقاتىدا دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقان 22 بىمارغا راكقا سەۋەب بولىدىغانلىقى مەلۇم قىلىنماستىن جانلىق راك ھۈجەيرىلىرى سېلىندى.

5 – كلورومفېنىكولنىڭ كېزىكنى داۋالاشتىكى ئۈنۈمىنىڭ ئېنىق بولۇشىغا قارىماي، تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن 408 كېزىك بىمارىدىن 157 سىگە دورا بېرىش توختىتىلدى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تۆۋەندىكىدەك بولدى:  كلورومفېنىكول بېرىلگەن تۈركۈمدىكى بىمارلار ئارىسىدا ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %7.97 بولغان بولسا، دورا بېرىلمىگەن بىمارلاردا بۇ نىسبەت %22.9 بولدى. بۇ، ئەسلىدىنلا ئېنىق بولغان نەتىجىلەرنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، 23 ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە كۆز يۇمۇش دېمەكتۇر.

6 – LSD نىڭ تەسىرى تەكشۈرۈلىدىغان بىر تەتقىقاتقا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىشتىراك قىلغۇچىلارغا سائىتىگە 2 دوللار پۇل بېرىپ، بۇ ئۇيۇشتۇرغۇچىغا قارىتا كۆرسىتىدىغان ئىنكاسلىرى كۆزىتىلگەن؛ بىراق، ماددىنىڭ پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان تەسىرلىرى توغرىسىدا ئۇلارغا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ تەتقىقاتقا ئىشتىراك قىلغان گۇرۇپپىنىڭ %15 ى پەقەت LSD قوللىنىپ باقمىغاندىن سىرت، بۇ ماددىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەردۇر.(5)

نورمال تېببىي مۇھىتتا، دوختۇر بىمارىغا ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن ھەرقانداق بىر تېببىي داۋالاش ئۇسۇلىنى تەتبىقلايدۇ (ئەلۋەتتە بىمارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان ھالدا). دوختۇرنىڭ مەقسىتى ئالدىدىكى كىشىگە ياردەم قىلىشتۇر. بىمار داۋالىنىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە بارغان بولۇپ، ئۇنى داۋالىماي تاشلاپ قويۇشتەك بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. بىمارنىڭ تېببىي ھالىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان بىر مەقسەتتۇر. ئەمما، تېببىي تەتقىقات كىلىنىكىلىق تەتبىقاتتا بولمايدىغان دەرىجىدە ئوچۇق، كەڭ دائىرىلىك ۋە بىر تۇتاش ھالەتتە ماتېرىياللاشتۇرۇلىدۇ. بىمار تەتقىقاتقا تېما بولۇۋاتقان تەكشۈرۈشتىن چېكىنەلەيدۇ ياكى تەتقىقات نەتىجىسىدە بىماردا ئىجابىي ئۆزگىرىش كۆرۈلمەسلىكىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، كىلىنىكىلىق دورا سىناقلىرىدا دورا ئالمىغان بىر كونترول گۇرۇپپىسى داۋالاشسىز قالىدۇ… شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، بىمارنىڭ نورمال داۋالىنىشى تەتقىقات يۈزىسىدىن ھېچبىر شەكىلدە دەخلىگە ياكى سەلبىي تەسىرگە ئۇچرىماسلىقى لازىم.(4)

تەتقىقاتقا قاتنىشىشى توغرىسىدا كىشىنىڭ / بىمارنىڭ ۋاقىپلاندۇرۇلۇشى ۋە رۇخسىتىنىڭ ئېلىنىشىنى كۆرسىتىدىغان «ۋاقىپلاندۇرۇپ ماقۇللۇقىنى ئېلىش» رەسمىيىتىنىڭ رولى ئىنسانلار ئۈستىدىكى تېببىي تەتقىقاتلاردا مەركىزىي ئورۇنغا ئىگىدۇر. ئايدىڭلىتىلغان ئۇناش، ئىشتىراك قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار قىلىشىغا ۋە كىشىلىك ئەركىنلىكىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا ياردەم قىلىدۇ.

بىز تېببىي تەتقىقاتقا ئىشتىراك قىلىشنى كۈتكەن كىشىلەرنى قانداق ۋاقىپلاندۇرۇشىمىز ۋە ئۇلاردىن قانداق رۇخسەت ئېلىشىمىز كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن، تەتقىقاتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ماس ھالدا ئېغزاكى ۋە يازما رۇخسەت ئېلىش لازىم. مۇئەييەن بىر ئۆلچەم بولمىسىمۇ، تۆۋەندىكىدەك دائىرە ۋە مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا بىمارنى ۋاقىپلاندۇرۇپ، ماقۇللۇقىنى ئېلىش لازىم:

1 – پىلاننىڭ مەقسىتى ۋە تەتقىقاتنىڭ تەبىئىتى،

2 – تەجرىبە قىلىنغۇچىنىڭ تەجرىبە قىلىنىش مۇددىتى ۋە باشتىن كەچۈرىدىغان داۋالاش ۋە جەريانلار بىلەن تەجرىبە قىلىنغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى،

3 – تەجرىبىگە قاتنىشىش پەيدا قىلىدىغان راھەتسىزلىك ۋە زىيانلارغا ئالاقىدار خەۋپلەر،

4 – تەتقىقاتنىڭ جەمئىيەتكە ۋە كىشىگە يەتكۈزىدىغان پايدىلىرى،

5 – تەتقىقاتقا قاتنىشىشقا بولىدىغان باشقا تەڭداش يوللار،

6 – تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنىڭ جازالاش ياكى داۋالاشتىن مەھرۇم قىلماستىن، خالىغان چېغىدا تەجرىبىدىن چېكىنىش ياكى پەقەت قاتناشماسلىق ھەققىنىڭ بارلىقى،

7 – مەخپىيەتلىكنىڭ ساقلىنىشىغا ئالاقىدار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى،

8 – ئەگەر بار بولۇپ قالسا، تەجرىبە قىلىنغۇچىغا بېرىلىدىغان تەخمىنى مەبلەغ ياكى تەجرىبە قىلىنغۇچى قىلىدىغان چىقىملار،

9 – تەجرىبىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان تەقدىردە داۋالاش ۋە تۆلەم بېرىش ئىمكانىيەتلىرى،

10 – تەتقىقات توغرىسىدا ئالاقە ئورنىتىدىغان كىشىنىڭ كىملىكى،

11 – تەجرىبىگە قاتناشقۇچىنىڭ قاتنىشىشىغا خاتىمە بېرىلىدىغان ئەھۋاللار،

12 – تەتقىقات جەريانىدا قاتنىشىشقا ئالاقىدار يېڭى ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان تەقدىردە، تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنى بۇ ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇش كاپالىتىنىڭ بېرىلىشى،

13 – تەتقىقاتنىڭ چىقىمىنى ئۈستىگە ئالغۇچى ۋە نەتىجىلىرىدىن كىرىم ھاسىل قىلىدىغان تەرەپلەر.(6)

 

تېببىي تەتقىقاتلاردا ئەخلاقىي بەلگىلىمىلەرنىڭ ئورنى

ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگىنىدەك، ئىنسانلار ئۈستىدىكى تېببىي تەتقىقاتلارنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشى ۋە تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە دەۋرىمىزدە قۇرۇلغان ئەڭ مۇھىم ئەمەلىي مېخانىزم شەكلى تەتقىقات ئەخلاقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىدۇر. تېببىي تەتقىقات تېمىسىدىكى دىققەتلەرنى ئۆزىگە تارتقان ئەڭ مۇھىم ۋەقە، يۇقىرىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئەسناسىدا ناتسىست گېرمانىيەسىدە يۈز بەرگەن قىلمىشلاردۇر. ئۇ دەۋرگىچە ئىنسانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ئازدۇر – كۆپتۇر ھەر خىل شەكىللەردە نازارەت قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتىن كېيىن يېڭى بىر ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى، ناتسىست گېرمانىيەسىدە «تېببىي تەتقىقات» دېگەن نام ئاستىدا ئىنسانلارنى قىرغىن قىلىش ۋە ئۇلارنى قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىشتەك بەزى ھەرىكەتلەر دوختۇرلار تەرىپىدىن سادىر قىلىندى. ئۇرۇشتىن كېيىن يۈز بەرگەن بۇ تارىخىي ھەقىقەتلەر، تېببىي ساھەدە دىققەتلەرنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلارغا يۈزلىنىشىگە سەۋەب بولدى. ئۇ مەزگىلدە تەييارلانغان نۇرېمبېرگ بەلگىلىمىسى، ئىنسانلار ئۈستىدىكى تېببىي تەتقىقاتقلارنىڭ تۇنجى يېتەكچىسى سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقىدۇ.(7)

نۇرېمبېرگ بەلگىلىمىسىنىڭ بىرىنچى ماددىسى تەتقىقاتقا قاتنىشىدىغان تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنىڭ ئىختىيارىي ماقۇللۇقىنىڭ ئېلىنىشىدۇر. بۇ، تەجرىبىگە قاتناشقۇچىنىڭ ماقۇللۇق بىلدۈرۈشى ئۈچۈن قانۇنىي سالاھىيىتىنىڭ بولۇشى، ھېچقانداق سىرتقى بېسىم، مەجبۇرلاش ۋە ئالداشقا دۇچار بولماستىن ئەركىن شەكىلدە قارار قىلىشى، تەتقىقاتنىڭ ماھىيىتىنى ۋە دائىرىسىنى چۈشىنەلىگۈدەك ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى، قارارنىڭ يېتەرلىك چۈشەندۈرۈشلەردىن كېيىن چىقىرىلغان بولۇشى دېمەكتۇر. بۇلار بىلەن بىرلىكتە، تېببىي تەتقىقاتلار ئەسناسىدا نۇرېمبېرگ بەلگىلىمىسىدىن قانچىلىك پايدىلىنىلغانلىقى ئەسلىدە دېگەندەك بىلىنىپ كەتمەيدۇ. ھالبۇكى دۇنيا مېدىتسىنا ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجىسى 1964 – يىلى ئېلان قىلىنغان خېلسىنكى باياننامىسى بۇ جەھەتتە تېخىمۇ كەسكىن ۋە پائال رولنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، دوختۇر ۋە تەتقىقاتچىلار، تەتقىقاتلىرىدا بۇ باياننامىنىڭ روھىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشماقتا.

تەتقىقات ئەخلاقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، تەتقىقاتقا قاتناشقان تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇسۇلى مەزكۇر ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن بەزى ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. بۇ كومىتېتلار دەسلەپتە ئاساسلىقى تەتقىقاتلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن ياخشى پىلانلىنىپ – پىلانلانمىغانلىقى، مۇھىم بىر ئىلمىي سوئالغا جاۋاب بېرىپ – بەرمەيدىغانلىقى ۋە تەجرىبە قىلىنغۇچىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ – ئۇچرىمىغانلىقى قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلەتتى. 1970 – يىللاردىن كېيىن تەتقىقات ئەخلاقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئاساسەن ئىلتىماسلار ۋە يىغىن خاتىرىسى تۇتىدىغان ئورۇنلاردەك قارىلىشقا باشلاندى. نۆۋەتتە بولسا، تەجرىبە قىلىنغۇچىلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇلۇپ ماقۇللۇق ئېلىنىپ – ئېلىنمىغانلىقى ئەخلاق تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بىماردىن ۋاقىپلاندۇرۇپ ماقۇللۇق ئېلىشنى نەزەردە تۇتمايدىغان ھېچبىر ئەخلاق تەكشۈرۈش كومىتېتى يوقتۇر. ئەخلاق تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى، تەتقىقاتقا قاتنىشىشنى قارار قىلىشتىن ئىلگىرى تەتقىقاتچىلارنىڭ كېرەكلىك مەلۇماتلار ئارقىلىق تەجرىبە قىلىنغۇچىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ۋاقىپلاندۇرۇپ – ۋاقىپلاندۇرمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكتە ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ۋاقىپلاندۇرۇپ ماقۇللۇق ئېلىش شەرتى تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنىڭ تەتقىقاتلارغا ھېچنەرسىنى بىلمەستىن قاتنىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا.(7) باشقىچە قىلىپ ئىپادىلەشكە توغرا كەلسە، ھېچبولمىغاندىمۇ تەتبىقلاش جەھەتتە ئەخلاق كومىتېتلىرىنىڭ ئەخلاقىي نۇقتىدىكى رولىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم نۇقتا، ۋاقىپلاندۇرۇپ ماقۇللۇق ئېلىش مەسىلىسىدۇر.

ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تەتقىقات ئەخلاقىنى تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى بىر مېخانىزم سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەتبىقلاش ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ، بۇ ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيەسىگە يېڭى نەرسىلەرنى ئىلاۋە قىلغانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تېمىغا ئالاقىدار بەس – مۇنازىرىلەردە، بۇ كومىتېتلارنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى دەۋا قىلىنماقتا.(8)

خۇلاسە

زامانىمىزدا ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ مەقسىتى، تەتبىقلىنىش جەريانى ۋە مەلۇماتنى تارقىتىش مۇساپىلىرىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن كونترول مېخانىزملىرىنىڭ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئېنىق. ئىلىم ئەھلىلىرى / تەتقىقاتچىلارنىڭ خىزمەتلىرىدىكى ئەخلاقىي خاتالىقلار ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقى مەسىلىسى پات – پاتلا جەمئىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرىپ تۇرماقتا. بۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىلمىي ئارزۇ ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئىختىيارسىز سادىر قىلىنسىمۇ، ماددىي / مەنىۋى ئۈنۈمنى دەپ ئاڭلىق ھالدا قىلىنغان ئەخلاققا خىلاپ قىلمىشلار ۋە خاتالىقلارنىڭ بارلىقىمۇ پەرق ئېتىلمەكتە. بۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئوخشاش بولمىغان مېخانىزملار ۋە ئەخلاق تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا ئوخشاش ئورۇنلار ھەرىكەتكە ئۆتمەكتە. ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى باشقا مۇددىئانى كۆزلىمەستىن، پەقەت «ئىلىم ئىشقى» بىلەن داۋاملاشتۇرۇشى، ئەخلاقىي بولمىغان پوزىتسىيە ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ مۇھىم توسالغۇدەك قىلماقتا.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە «Türk Hijyen ve Deneysel Biyoloji» ژۇرنىلىنىڭ 2007 – يىللىق 2 – (ئومۇمىي 64 -) سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

پايدىلانغان ماتېرياللار:

(1) Glass B. The ethical basis of science. In: Bulger RE, Heitman E, Reiser SJ eds. The Ethical Dimensions of the Biological and Health Sciences-Selected Policies and Resources. 2nd ed. Cambridge University Press 2002: 29- 41.

(2) Heitmen E. The roots of honor and integrity in science. In: Bulger RE, Heitman E, Reiser SJ eds. The Ethical Dimensions of the Biological and Health Sciences- Selected Policies and Resources. 2nd ed. Cambridge University Press 2002: 21-28.

(3) Sugarman J, Mastroianni AC, Kahn J. Ethics of Research with Human Subject. University Publishing Group Frederick, Maryland 1998: 33-34.

(4) Smith T. Ethics in Medical Research. Cambridge University Press. Cambridge. 2001: 7-8.

(5) Heaney RP, Dougherty CJ. Research for Health Professions. Iowa State University Press/Ames 1988: 211- 19, 230-31.

(6) Brody BA. The Ethics of Biomedical Research. Oxford University Press New York 1998: 46-56.

(7) Foster C. Research Ethics Committees. Encyclopedia in Applied Ethics. Academic Press New York. 1998: 845-52.

(8) Francis L. IRBs and Conflict of Interest. Eds. Spece RG, Shimm DS, Buchanan AE. Conflicts of Interest in Clinical Practice and Research. Oxford University Press New York 1996: 418-36

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش