ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » گۇمان، قورقۇ ۋە ئۈمىد

گۇمان، قورقۇ ۋە ئۈمىد

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئەگەر كۆزدە غەپلەت قىلى بولسا، گۆھەرمۇ تاشتەك كۆرىنىدۇ.

مەۋلانا

ئىنســاننىڭ تەپەككــۇر ئاكتىپچانلىقــى ھــەر دائىــم گۇمــان ۋە ھەيرانلىقتىــن كېلىــدۇ. گۇمــان ۋە ھەيرانلىــق ئىزدەنگۈچىلــەر، تەتقىقاتچىــلار ۋە ئىجادىيەتچىلــەر ئۈچــۈن ياخشــى ئىــش بولــۇپ بــۇ ئارقىلىــق ئىنســان ھاياتىنــى گۈزەللەشــتۈرۈش ۋە جەمئىيــەت تەرەققىياتىنــى ئىلگىــرى سۈرۈشــكە تۆھپــە قوشــقىلى بولىــدۇ. ئەمما دائىــم باشــقىلارغا گۇمــان بىلــەن، يامــان كــۆز بىلــەن قــاراش ۋە ھەممــە ئادەمنــى يالغانچىغــا چىقىرىــش ئاخىرقــى ھېســاپتا ئۆزىگــە ئىزتىــراپ چەكتۈرۈشــتىن باشــقا بىــر نەرســىگە يارىمايــدۇ. بولۇپمــۇ بىزلــەر باشــقىلارغا تــولا گۇمــان بىلــەن قارايمىــز، باشــقىلاردىن قۇســۇر ئىزدەيمىــز. باشــتا ئۇلارنىــڭ يامــان تەرىپىنــى كۆرىمىــز. ئۆزىمىزنــى ھــەر ۋاقىــت پــاك، گۇناھســىز چاغلايمىــز. جالالىدىــن رۇمــى ئىنســانلارنىڭ شــۇ كەمچىلىكلىرىنــى قامچىلاپ مۇنــداق دەيدۇ:

مەنمەنچىلىــك كۆزۈڭگــە قادالغــان ئەينەككــە ئوخشــايدۇ. ئــۇ كۆزلــەر قەيەرگــە قارىســا قارىســۇن. ئۆزىدىــن باشــقا بىرســىنى كۆرمەيــدۇ.
توزدەك قاناتلىرىڭغىلا قارىماي، پۇتۇڭغىمۇ قاراپ قوي.
ھەممــە ئادەمنىــڭ كەمچىلىكىنــى كۆرىدىغــان كىشــى، ئۆزىگــە ئەمــا كــۆز بىلــەن قارايــدۇ.
دېرىزەڭدىــن يــا ئاينىــڭ يــا كۈننىــڭ يورۇقــى چۈشمىســە، بۇنىــڭ ســەۋەبىنى ئــاي بىلــەن قۇياشــتىن كۆرمــەي، بەلكــى كۆزۈڭنــى تورىغــان پەردىدىــن كۆرگىــن. ســېنىڭ دېرىــزەڭ پاســكىنا بولســا، مېنىــڭ گۈلزارلىقىــم ســاڭا ئەخلەت-چــاۋا كۆرۈنىدۇ.
كۆڭــۈل ئەينىكــى پاكىــز بولمىغــان كىشــى ھەقىقىــي گــۈزەل بىلــەن ســەتنى پــەرق ئېتەلمەيــدۇ.

شــەيئىلەرگە ياخشــى تەرەپتىــن قارىغــان كىشــىلەر، ئالدىدىكــى شــەيئىلەرگە نىســبەتەن ئەمــا ۋە پــاڭ بولــۇپ قالىــدۇ. ســۆيگەن نەرسىســىنىڭ قانــداق بىــر نەرســە ۋە ياكــى قانــداق بىــر ئــادەم بولىشــىدىن قەتئىــي نــەزەر ئۇلارنىــڭ كەمچىلىكىنى زىنھــار كۆرمەيدۇ ۋە ناچــار ســۆزلىرىنى پاڭــدەك ئاڭلىمايــدۇ. ئەممــا ئــۇ شــەيئىگە نىســبەتەن سۆيگۈســى يوقالغــان ھامــان قۇســۇرلىرىنى كۆرۈشــكە باشــلايدۇ، ئۇنىڭدىــن ئەيىــپ ئىزدەيــدۇ ۋە قىلغــان ســۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىــرى غەلىتــە تۇيۇلۇشــقا باشــلايدۇ. ئۇنىــڭ ئۈچۈنمۇ شــەيئىلەرگە ياخشــى كــۆز بىلــەن قــاراش، ئۇنىــڭ ياخشــى تەرىپىنى كــۆرۈش ئىنســاندىكى ئــەڭ گــۈزەل ئەخلاقتــۇر.مۇنداق  ئىنســانلار ھــەر ۋاقىــت خــۇش چىــراي، ئوچۇق-يــورۇق بولىــدۇ. ھاياتىنــى ھــوزۇر ئىچىــدە ئۆتكۈزىــدۇ.
جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:

كىــم ياخشــى كۆرۈشــنى بىلســە، ئۆزىمــۇ ياخشــى كۆرۈشــكە مۇيەسســەر بولىــدۇ.
ھــەر ۋاقىــت قەلــب پەيــزى بىلــەن قارىغــان كــۆز، روھنىــڭ ھــوزۇرى بولغــان ئىلاھىــي ئاشــىققا باقىــدۇر.
تىلىڭنــى تەربىيەلەشــتىن ئــاۋال يۈرىكىڭنــى تەربىيەلــە. چۈنكى ســۆز يۈرەكتىــن كېلىــپ، تىلدىــن چىقىدۇ.

ھــەر نەرســىدىن گۇمانلىنىدىغــان گۇمانخــور كىشــىلەرنىڭ تولىســى قورقۇنچــاق كېلىــدۇ. بىــز ئۇيغــۇرلاردا «گۇمــان ئىماننــى قاچۇرىــدۇ» دېگــەن ھېكمەتلىــك ســۆز بــار. گۇمانخورلارنىــڭ ئىمانــى سۇسلاشقانســىرى ھــەر نەرســىنى ئۆزىگــە تەھدىــت دەپ قارايدىغــان بولىــدۇ. ئەتراپىدىكــى بارلىــق شــەيئىلەردىن ۋە ھادىســىلەردىن ئۈركۈيــدۇ. بولۇپمــۇ ئانــا ۋەتىنىمزدىــن ئايرىلىــپ چــەت ئەللــەردە مۇســاپىرچىلىقتا ياشــاۋاتقان بىزلەرنىــڭ ئارىســىغا بىــر خىــل گۇمانخورلــۇق ئۇرۇقــى تېرىلغــان بولــۇپ، گۇمانخورلۇق تۇيغۇســىدىن ئىبــارەت بــۇ ئــۇرۇق بىخلىنىــپ، ئاخىرى قورقۇشــتىن ئىبــارەت ئاچچىــق مېۋىنــى مەيدانغــا كەلتۈرگــەن. بــۇ خىــل قورقــۇش تۇيغۇســى ئادەمنــى ئەتراپىدىكىلــەر بىلــەن بولغــان ئىجتىمائىــي مۇناســىۋەتنى ئۈزۈشــكە ســەۋەپ بولىــدۇ. بۇنىــڭ بىلــەن بۇنــداق ئادەملــەر ھاياتتــا بەختســىز ياشــايدۇ. قىيىنچىلىقلار ئالدىــدا بــاش ئېگىــدۇ. بــۇ دۇنيــادا بەختســىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنىمۇ قوبــۇل قىلىشــنى خالىمايــدۇ. شــۇڭا داۋاملىــق قىيىنچىلىقتىــن بــاش تارتىــدۇ.

جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:

قورقمــاڭلار دېگــەن ســۆز قورققانلارغــا ســۇنۇلغان تەييــار تائامــدۇر ۋە بــۇ تائــام دەل ئۇلارغــا لايىــق.

جالالىدىــن رۇمــى ئىنســانلارغا تەڭرىدىــن قورقۇشــنى ۋە ئــۇ چەكلىگــەن نەرســىلەردىن قورقــۇپ، ئۇلاردىــن ھــەزەر ئەيلەشــنى تەكىتلەيــدۇ. بــۇ ئۇنىــڭ قورقۇغــا نىســپەتەن باشــقا بىــر نۇقتىدىن قارىغانلىقىــدۇر. بــۇ مەنادىــن ئېيتقانــدا بــەزى قورققان نەرســىلەرنىڭ ئارقىســىغا خاتىرجەملىكنىــڭ يوشــۇرۇنغانلىقىنى ئىپادىلەيــدۇ. بــۇ توغرىســىدا مۇنــداق دەيــدۇ:

ئاللاھ قورقۇنى ئالەمگە تۈۋرۈك قىلدى.
ھەر كىم جان قورقۇسى بىلەن بىر نەرسىگە ئېسىلىدۇ.
شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ھېلىمۇ بۇ قورقۇ بار، بولمىسا دۇنيانىڭ نىزامى بولاتتىمۇ؟

قورقۇغــا يۈزلەرچــە خاتىرجەملىــك يوشــۇرۇنغان. كۆزنىــڭ قارىســىدا شــۇنچىلىك يورۇقلــۇق بــار. ئەتراپىمىزدىكــى شــەيئىلەرگە، ۋەقــە ۋە ھادىســىلەرگە چوڭقــۇر تەپەككــۇر بىلــەن نــەزەر تاشــلايدىغان بولســاق، پۈتــۈن بــۇ دەرتلــەر، ئەلەملــەر، ئىزتىراپــلار، كۆڭۈلســىزلىكلەر، ئۆچمەنلىكلــەر، گۇمانــلار، نەپرەتلــەر، قورقــۇلار ۋە ھەتتــا ئۈمىــد قاتارلىقلارنىــڭ ھەممىســى ئىنســاننىڭ ئــۆز چۈشــەنچىلىرىدىن ئوتتۇرىغــا چىقىــدۇ. شــۇڭا ئىنســانلار ئۆزىنىــڭ بارلىــق پائالىيەتلىــرى ۋە مەيدانغا كەلگەن نەتىجىلــەر، ئاقىۋەتلــەر بىلــەن يۈزلىشىشــكە ۋە ھايــات پىلانلىرىنــى ئۇنىڭغــا ئاساســەن تۈزۈشــى لازىــم. شــۇنىڭ بىلــەن بىرگــە ئاللاھتىــن باشــقا نەرســىلەرگە بولغــان قورقۇلاردىــن قۇتۇلۇشــنىڭ يولىنــى تېپىشــى كېــرەك. ئۇنىــڭ ئۈچــۈن ھــەر ۋاقىــت ســاغلام بىــر بەدەنگــە، قۇسۇرســىز ۋە ياخشــىلىقنى ئويلادىغــان توغــرا بىــر ئىدىيەگــە، پىكىرگــە ئىگــە بولۇشــىمىز لازىــم. شــۇنى ئۇنۇتماســلىقىمىز لازىمكى، ئىنســانلار ھــەر ۋاقىت توغرا ياكــى خاتــا جىســمانىي ۋە روھىــي جەھەتتىكــى مۇناســىۋەتلەردىن، ئادەتلەردىــن، قورقۇلاردىــن، قاتتىــق ھاياجانلاردىــن قۇتۇلــۇپ، ھەقىقىــي مەنىدىــن ئۆزىنــى ئــۆزى تونــۇپ يېتىــپ نىجاتلىققــا ئېرىشــەلەيدۇ. جالالىدىــن رۇمــى ئەنــە ئاشــۇ بارلىــق زەئىپلىكتىــن قۇتۇلغــان كىشــىلەر توغرىســىدا مۇنــداق دەيدۇ:

ئەي گۈزەل! ساڭا مات بولغاننى، سەن مات قىلما،
ئۇنىڭغا ياخشىلىق ۋە ھۆرمەتتىن باشقا ئىش قىلما.
بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزۈپ، تەربىيەسىزلىك قىلغان بولسا،
ياخشىلىقىڭ بىلەن ئۇلارنى كەچۈرۈپ، جازالاندۇرما.
ئىچ ئاغرىتىدىغان ۋاقىتتۇر، ئىچ ئاغرىت، ئۆچمەنلىك قىلما.
قۇللىرىڭنى بالاغا ئۇچراتقۇزۇپ، يوق قىلما.
باشلىرىنىڭ ھەققى ئۈچۈن بولسىمۇ ھىجرانلىقنى ئويلىما.
ئۇچرىشىشتىن، ۋىسالغا يېتىشتىن باشقىنى خىيال قىلما.
تۇپراقتىن يارىتىلغاننىڭ تۇپرىقىنى يەرلەرگە چاچما.
ئۇنىڭغا، كۆكلەردىن باشقا بىر يەرنى ماكان قىلما.
باشتا ئۇنى، ئۆزۈڭگە تارت، باشقىسىغا ئىتتىرمە.
ئاخىرى ئۇنىڭغا قۇللۇقتىن باشقا بىر نەرسە بەرمە.
نېمىگە كۆنگەن بولسا، شۇنىڭ ۋىسالىغا يەتكۈز.
ئۇنى يالغۇز قويما.
ئۇنى مەنىۋىي جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇشتىن،
يېتىشتۈرۈشتىن بىزار بولما، زېرىكمە.
مەن سېنىڭ مەيخانەڭدىكىلەرگە قۇل،
بىزنى مەيخانەڭدىن سوۋۇتما، قاچۇرما.
بىز كىم بولاتتۇق «قىلما، ئەتمە» دەيدىغان!
بىراق، مادەمىكى دېدۇق، بىزنىڭ گۇناھىمىزغا قارىما.

جالالىدىــن رۇمىنىــڭ نەزىرىــدە ئىنســانلار تارتقــان بارلىــق قىيىنچىلىقــلار، بېشــىغا كەلگــەن ھــەر تۈرلــۈك قورقــۇلار، ئــارزۇ قىلغــان ئۈمىدلــەر ئۆزىنــى يېتىلــدۈرۈش، ئۆزىنــى تونــۇش يولىدىكــى بىــر كۈرەشــتۇر دەپ قارايــدۇ. ئــۇ مۇنــداق دەيــدۇ: بــۇ قىيىنچىلىقــلار، مۇشــەققەتلەر ئوچاقنىــڭ كۈمۈشــنى داشــقالدىن ئايرىشــى ئۈچۈنــدۇر. ياخشــى بىلــەن ياماننىــڭ ئىمتىھانــى ئالتۇننــى قاينىتىــپ قالدۇقلارنىــڭ ئۈســتىگە چىقىشــى ئۈچۈنــدۇر. شــۇڭا ھاياتتــا ھېچبىر نەتىجــە ئالدىغــا چىققــان قىيىنچىلىقلارنى بىــر بىرلــەپ يەڭمــەي تــۇرۇپ قولغــا كەلمەيــدۇ. شــۇڭا ھاياتتــا قىيىنچىلىقلاردىــن قورقماســلىقىمىز كېــرەك. قىيىنچىلىقلارنــى، دەرتلەرنــى، ھەســرەتلەرنى كاللىمىــزدا قوبــۇل قىلىــپ، ئۈمىــد بىلــەن ئالغــا باســقىنىمىزدا ئــۇ دەرتلــەر، قورقــۇلار ئالاھىدىلىكىدىن مەھــرۇم قالىــدۇ. ئــۇلار بىزنىــڭ يولىمىزغــا توســاق قويالمايــدۇ. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:

غەم ۋە دەرتنىڭ ئاچقۇچى سەۋر.
ئەندىشە قىلىشتىن ھەزەر ئەيلە
دورىنىڭ ياخشىسى پەرھىزدۇر
چۈشەنچە ۋە مەنتىق پەرھىزى قىل
جاننىڭ كۈچىنى كۆرىسەن
قاشلاش قىچىشقاقنىڭ دورىسى ئەمەس
ئەكسىچە قىچىشىشنى ئاشۇرىدۇ.

چۈشــىنىش ئارلىــق پەيــدا بولغــان قورقــۇلار، ئەندىشــىلەر، بارلىــق ئىزتىراپلاردىــن قۇتۇلۇشــنىڭ چارىســى يەنىلا شــۇ كىشــىنىڭ ئــۆز قولىــدا. بۇلاردىــن قۇتۇلــۇش يەنىــلا شەخســنىڭ ئىقتىــدارى دائىرىســى ئىچىــدە. يەنىــلا شــۇ كىشــىنىڭ ئۈمىدۋارلىقىغــا باغلىــق. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:

ئويلاپ قالما، پەقەت دەرت سەندىلا بار،
سەندىكى دەرتنى نېمەت دەپ بىلدىغانلارمۇ بار.
ھەرگىــز ئۈمىدىڭنــى ئۈزمــە.
ســۆيۈملۈك يۈرىكىــڭ «مۆجىزىلەرنــى كۆرســۇن» دەپ ســوقىدۇ.

ئۈمىــد كــۆپ ۋاقىتــلاردا تېخىمــۇ بۈيــۈك جانلىقلىــق، تېخىمۇ كۈچلــۈك ھۇشــيارلىق ۋە تېخىمــۇ چوڭقــۇر پىكىرلــەر بىلــەن ئىلگىرلــەش، تەرەققــى قىلىــش، ئەركىنلىــك ئارزۇســىدۇر. ئۈمىــد ھەرگىــز ھەددىدىــن ئاشــقان تىلــەك ئەمــەس. زىيــادە تىلــەك ئــاچ كۆزلۈكنىــڭ، ھېرىســنىڭ ئانىســىدۇر. ئۈمىــد كەلگۈســى دېگەنلىــك. تۈنۈگــۈن ۋە بۈگۈنگــە ئائىت ئەمەس. شــۇڭا ئىنســان ئەســلىمىلىرى بىلــەن ئۆتمۈشــنى، ئۈمىدلىرىنــى بىلــەن كەلگۈســىنى قۇچاقلايــدۇ. ئۈمىــد دائىــم ئىشــەنچ بىلــەن بىرگــە بولىــدۇ. ئىشــەنچ يوقالســا ئــادەم ئۈمىدســىزلىك ئىچىــدە قالىــدۇ. شــۇڭا بىزنىــڭ ئۈمىدىمىــز چۈشــەنچىلىرىمىزگە باغلىــق بولىــدۇ. چۈنكــى بىــز بىــر ئىشــنى قىلىشــتىن بــۇرۇن ئــۇ ئىــش توغرىســىدا ئويلىشــىمىز. يەنى پىكىرلىرىمىــز پائالىيەتلىرىمىزنىــڭ ئالدىــدا كېلىــدۇ. پىكىرلىرىمىــز بولغاچقىــلا بــۇ ھايــات ئەنــە شــۇنداق رەڭمــۇرەڭ شــەكىللەنگەن. شــۇڭا بىــز كاللىمىزدىكــى پىكىرلەرنــى ئۆچمەنلىــك، ئىنتىقــام، ئــۇرۇش، قىرغىنچىلىقــلار ئۈســتىگە قۇرمــاي بەلكــى ئىنســانىي ســۆيگۈ، مۇھەببەتنىــڭ ئۈســتىگە قۇرۇشــىمىز لازىــم. بــۇ ھايــات بىزگــە گــۈل ئۆســتۈرۈش ئۈچــۈن بېرىلگــەن، شــۇڭا ھاياتىمىزنــى پېتىقلىمايلــى. پېتىقلانغــان يــەردە گــۈل ئۆســمەيدۇ. ھاياتلىــق ئۇلــۇغ تەڭــرى تەرىپىدىــن ھــەر ئىنســانغا بېرىلگــەن ئــەڭ قىممەتلىــك ســوۋغا، ئۇنىڭدىــن مىننەتدارلىــق ھېسســىياتقا بــاي يــۈرەك ئارقىلىــق ھوزۇرلىنىشــقا ھەممىمىــز ھەقلىــق. ھوزۇرلىنىــش بولمىغــان ھايــات مەنىســىز ھايــات بولــۇپ، ئۇنــى مۇكەممــەل بىــر كىشــىلىك ھايــات دېگىلــى بولمايــدۇ. ھاياتقــا ئۈمىــد بىلــەن قــاراش ئېڭــى ئاجىــز ئىنســانلار خۇشاللىنىشــتىن، ھوزۇرلىنىشــتىن مەھــرۇم قالىــدۇ. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:

دۈشــمەنلەرنىڭ ئىچىــدە ئــەڭ يامــان دۈشــمەن، ئىچىڭدىكــى نەپرەتتــۇر.
ئىمانى زەئىپ كىشى ئۈمىدسىز كېلىدۇ.
كېچىنىــڭ قاراڭغۇلىقىــدا كۈندۈزنــى ئىســتە.
قاراڭغۇلۇقلارنــى يوقاتقــان ئەقىلنــى ئۆزۈڭگــە رەھبــەر قىــل.
ئۈمىــد ئىگىلىــرى، ئۈمىــد ئىشــىكىنى باشــپاناھ قىلىــپ، ئىبــادەت قىلســۇن.
ئۈمىد بولسىلا، ھەر بىر كۈن يېڭى بىر باشلىنىشتۇر.

بــۇ دۇنيــادا بەخىتلىــك ياشاشــنىڭ ســەۋەبى، ھاياتتىكــى ياشــاش شــەكلى ئەمــەس، بەلكــى ھاياتقــا قانــداق كــۆز بىلــەن قاراشــتا. ھاياتتىكــى كۆڭۈلســىزلىكلەرنىڭ كۆپــى ئۆزىمىزنىــڭ قۇياشــنىڭ ئالدىــدا تۇرمىغانلىقىمىزدىــن بولغــان. ئۇلــۇغ تەڭــرى بىزنــى ھايۋانلاردىــن پەرقلىــق قىلىــپ، تىــك تــۇرۇپ ماڭىدىغــان قىلىــپ ياراتقــان بولســىمۇ، بــەزى ئىنســانلار ئۈمىدلىرىنــى يوقىتىشــى ســەۋەبىدىن، تىــك تــۇرۇپ ياشــاش ئالاھىدىلىكىنــى ئىشــلەتمەي، ھايۋانــلاردەك ئېگىلىــپ ياشــايدۇ.
شــۇڭا مــەن «بىــز» دەپ قۇرغــان جۈملىلىرىــم ئىچىــدە داۋاملىــق ئۈمىدكــە تولغــان پــاك قەلبلىــك كىشــىلەرنىڭ بولۇشــىنى ئۈمىــد قىلىمــەن. ســۆزۈمنى جالالىدىــن رۇمىنىــڭ مۇنــۇ ســۆزلىرى بىلــەن ئاخىرلاشــتۇرىمەن:

پەرەز قىلىشتىن بۇرۇن ئۆگەن
ئەيىپلەشتىن بۇرۇن ئاڭلا.
زەخمىلىنىشتىن بۇرۇن ھېس قىل.
سۆزلەشتىن بۇرۇن ئويلا.

مەنبە: “جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى” ناملىق كىتاب

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش