ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » تەبىئەت

تەبىئەت

ئاپتۇرى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

گۈل ئېچىلسىمۇ مەندە بىر باھار ھەسرىتى بار،
ھەر كۆزدە باشقا بىر ۋىسال لەززىتى بار.
باق تالدىكى ۋە ياپراقتىكى مىدىرلاشقا،
ھەر لىڭشىشنىڭ پەرقى ۋە بىر ھېكمىتى بار.
-مەۋلانا

تەســەۋۋۇپنىڭ ئاساســىي پىرىنســىپى بولغــان «ۋەھدەتــى مەۋجــۇد» يەنــى «بارلىقنىــڭ بىرلىــك» تەلىماتــى تەبىئەتتىكــى بارلىــق شــەيئىلەر كۆرۈنۈشــتە كــۆپ بولســىمۇ، ماھىيەتتــە بىــرلا بارلىــق (مەۋجۇتلــۇق) بــار ئىكەنلىكىدىــن ئىبــارەت يەككــە بارلىــق نەزىرىيىســىنى ئىلگىــرى ســۈرىدۇ. يەنــى يەككــە بارلىــق بولغــان ئاللاھنىــڭ بىرلىكىنــى ئىلگىــرى ســۈرىدۇ. ئىنســانىيەت جەمئىيىتىنىــڭ ئۈزلۈكســىز تەرەققىيــات تارىخــى جەريانىــدا ئىنســانلار تەپەككۇرىــدا ئــەڭ كــۆپ ئەھمىيــەت بەرگەن، ئــەڭ كــۆپ ئويلانغــان، تەكشــۈرۈپ تەتقىــق قىلغــان مەســىلە بــۇ دۇنيانىــڭ ئەســلى مەنبەســى ۋە ئۇنىــڭ ماھىيىتىنــى بىلىــش، ئۇنــى تونــۇپ يېتىــش ئۈســتىدە بولــدى. ئەمەلىيەتتــە بــۇ مەســىلە ئۈســتىدە ئىزدىنىــش، تەپەككــۇر يۈرگــۈزۈش ئىنســانلارنىڭ ئــۆزئۆزىنــى ســۈزۈك بىلىشــىنىڭ ئالدىنقــى شــەرتى. بــۇ مۇناســىۋەت بىلــەن قۇرئــان ۋە ھەدىســنى ئۆزىنىــڭ ئاساســىي ئىدىيىۋىــي مەنبەســى قىلغــان تەســەۋۋۇپمۇ بــۇ مەســىللەر ئۈســتىدە چوڭقــۇر ئىزدىنىــپ، ئىبنــى ئەرەبــى ۋە جالالىدىــن رۇمىــدەك مۇتەســەۋۋۇپلار ئۆزىنىــڭ پەلســەپىۋىي قاراشــلىرىنى ئوتتۇرىغــا قويغــان. تەســەۋۋۇپ پەلسەپىســى ئالەمنىــڭ ھەممىگــە قادىــر، قۇدرەتلىك ئالــلاھ تەرىپىدىــن يارىتىلغانلىقىنــى قەتئىــي مۇئەييەنلەشــتۈرۈپ، ئاللاھتىــن باشــقا ھېچقانــداق بىــر بارلىــق مەۋجــۇت ئەمــەس دەپ قارايــدۇ. شــۇڭا «ۋەھدەتــى ۋۇجــۇد» تەلىماتىغــا ئاساســلىنىپ ئالــەم، تەبىئــەت ۋە ئىنســانىيەتنى بىردىنبىــر بارلىــق بولغــان «ۋۇجــۇدى مۇتلــەق» يەنــى ئاللاھنىــڭ ســۈپەتلىرىنىڭ ھــەر خىــل شــەكىللەردىكى تەجەللىسى(جىلۋىلىنىشــى) دىــن ئىبــارەت دەپ قارايــدۇ. جالالىدىــن رۇمــى تەبىئەتنــى ئاللاھنىــڭ ئەكــس ئېتىشــى يەنــى تەجەللــى قىلىشــى  دەپ تونىغانلىقــى ئۈچــۈن بارلىــق ئەســەرلىرىدە تەبىئەتتىكــى بارلىــق شــەيئىلەردىن ۋە ھادىســىلەردىن ســۆز ئاچىــدۇ. ئۇنىــڭ ئەســەرلىرىنى ئوقۇغىنىمىــزدا ئەســەرلىرىدىكى ۋەقــە ۋە ھادىســىلەر، ئوتتۇرىغــا قويغــان مەركىــزى ئىدىيەلەرنىــڭ مەنبەســى تەبىئەتتىكــى دىنامىزىمدىــن تۇغۇلغــان بىــر جانلىقلىقتىــن كەلگەنلىكىگــە دىققــەت قىلىمىــز. مەيلــى «مەســنەۋى» مەيلــى «دىۋانــى كەبىــر» ناملىــق ئەســەرلىرىدە بولســۇن دائىــم تىلغــا ئېلىنىدىغــان مەزمۇنــلار، ســۆزلەنگەن تېمىلارنىــڭ ھەممىســى دېگــۈدەك تەبىئــەت بىلــەن زىــچ مۇناســىۋەتلىك. بــۇ تەبىئــەت ھادىســىلىرىنى چۈشەندۈرۈشــتە جالالىدىــن رۇمــى ناھايىتــى يۇقىــرى زېھىــن، ئۈســتۈن بىــر روھ، چەكســىز بىــر ئاشــىقلىق بىلــەن شــېئىرىيەت دۇنياســىدا لــەرزان ســاما ئوينايــدۇ. ئۇنىــڭ تــۈپ مەقســىتى پىكىرلىرىنــى، تەپەككــۇر دۇنياســىنى ئامــال بــار كــۆپ ئىنســانلارغا يەتكــۈزۈش، كــەڭ خەلــق ئاممىســىغا خىتــاپ قىلىــش ئىــدى. ھېكايــە ۋە شــېئىرلىرىدا تەبىئەت تەســۋىرلىرى، ئۆســۈملۈكلەر، ھايۋانــلار، تاغ-دەريــالار، جىلغا-ئىدىرلارنــى مىســال كەلتــۈرۈش ئارقىلىــق بىزگــە پەلسەپىســىنى روشــەن ئىپادىلەشــكە تىرىشــقان. مەســىلەن ئۇنىــڭ «مەســنەۋى» ناملىــق ئەســىرىگە نــەزەر ســالىدىغان بولســاق قۇيــاش، ئــاي، يۇلتــۇز، قىشــنىڭ زۇلمىتــى، باھارنىــڭ پەيــزى، يازنىــڭ مول-ھوســۇللىرى، كۈزنىــڭ كۆڭۈلســىزلىكلىرى، ئېتىزلىقــلار، دانــلار، تۈگمــەن، ئۈگــۈت، ئۆســتەڭ، ئۆســتەڭگە چىــلاپ يېگــەن نانــلار، دەريــالار، دېڭىــز، بېلىــق، ئارســلان، توشــقان، يىــلان، چاشــقان، تۆگــە، كىيىــك، ئىــت، ئېشــەك، تۈلكــە، بــۆرە، ســامان، زىرائەتلــەر، دەلدەرەخلــەر، گۈل-گىياھــلار، تىكــەن، شــامال، ئــوت، يامغــۇر، قــۇم، چۆللــەر قاتارلىــق تەبىئەتكــە ئائىــت بولغــان شــەيئى ۋە ھادىســىلەردىن ســۆزلەيدۇ. ئــۇ تەبىئەتنــى ئىنچىكىلىــك بىلــەن كۆزىتىــپ ئۇنىڭدىــن ئالغــان جۇشــقۇن ھېسســىياتلىرىنى مۇنــداق ئىپادىلەيــدۇ:

ئۆتۈپ كەتتى قارا قىش ئايلىرى،
باھار كەلدى، باھار.
گۈلىستاندا جىلۋە باشلاندى،
گۈل تاللىرىدا قىزىل گۈللەر ئېچىلدى.
قىش ۋەيران قىلغان ئىدى باغچىنى،
ھېچ بىر نەرسە قالمىغانتى باغچىدا.
بىر نەرسە قالمىسىمۇ ئەمما،
قۇياش يەنە نەيزە بويى ئۆرلىدى.

تەبىئــەت تەســۋىرلىرىدە گۈلىســتانلىقلار، پورەكلــەپ ئېچىلغــان گۈللــەر، ئۇلارغــا قونغــان كېپىنەكلــەر، ھەســەل ھەرىلىــرى، تۆكۈلگــەن بەرگىلــەر، مەيىــن شــامالدا دولقۇنــلاپ تۇرغــان زىرائەتلــەر، ئورمــا، خامــان، قۇرغــاق يــەر، ياپيېشــىل يايــلاق، ئوتلاۋاتقــان كىيىــك، يورۇقلــۇق، قاراڭغۇلــۇق،  دېرىزىدىــن مــاراپ قاراۋاتقــان ئــاي، كېچىدىكــى كــۆك يــۈزى، ھاۋادىكــى زەررىلــەر، گۈلدۈر-قــاراس ئــاۋازلار ئىچىــدە چېقىلغــان چاقمــاق، تــاغ ئېتەكلىــرى، تاغدىــن كەلگــەن ســالقىن شــامال، دېڭىزنىــڭ قىرغاقلىرىغــا دەھشــەتلىك ئۇرۇلغــان دولقۇنــلار قاتارلىــق تەبىئــەت ھادىســىلىرىنىڭ ھــەر تۈرلــۈك ھالىنــى ۋە بۇلارنىــڭ بىــر ھالدىــن باشــقا بىــر ھالغــا كېلىــپ ئۆزگىرىدىغــان ئۆزگىرىشــچانلىقىنى ئادەملەرنىــڭ روھى-ھالىتىدىكــى ئۆزگىرىشــلەرگە، ئۆمرىدىكــى ئۆزگىرىشــلەرگە قىياســلاپ تەســۋىرلەيدۇ. بــۇ ئارقىلىــق ئىنســانلارنىڭ ئىچكــى دۇنياســنىڭ، تۇيغۇلىرىنىــڭ پەيــدا بولۇشــى، ئۆزگىرىشــى، يوقىلىشــىنى ســىمۋوللۇق ھالــدا ئىپادىلــەپ بېرىــدۇ. ھەمــدە تەبىئەتتىكــى بارلىــق مەۋجۇداتلارنىــڭ مەيدانغــا كېلىشــى، راۋاجلىنىشــى ۋە يوقىلىــش جەريانىدىكــى قانۇنىيەتلەرنــى تەســەۋۋۇپ نەزەريىســى بويىچــە چۈشــەندۈرىدۇ. تەبىئەتتىكى پەســىللەرنىڭ ئۆزگىرىشــلىرىنى شــۇنچە ئىنچىكىلىك بىلــەن كۆزەتكــەن بولــۇپ، تەبىئەتنىــڭ ئاساســلىق ئېلمىنتلىرىنــى ســۇ، ھــاۋا، تۇپــراق، ئــوت  قاتارلىــق «تــۆت تادۇ»دىــن ئىبارەت دەپ قارايــدۇ. «تــۆت تــادۇ» بارلىــق جىســىملارنىڭ نىگىــزى. بــۇلار ماددىــي دۇنيانىــڭ دائىمــى ئاساســىي بولــۇپ، ئۇلاردىكــى ئۆزگىرىشــچان ھالــەت شــەكىلدىكى ئۆزگىرىــش، ماددىدىكــى ئۆزگىرىشــلەرنىڭ ســەۋەپلىرى، ھادىســىلەرنىڭ ماھىيەتلىــرى «مۇتلــەق ۋۇجــۇت» نىــڭ مەزمۇنىدىــن ئىبــارەت دەپ قارايــدۇ. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:

ســاڭا ئىشــىكى ئېچىلغــان ئــۇ گــۈل باغچىســى شــۇنداق بىــر باغچىكــى، ئــۇ يەردىكــى دەرەخلــەر، ياپراقلارمــۇ جانلىــق. بىربىرىســى بىلــەن سۆزلىشــىپ تۇرىــدۇ. شــۇنى ياخشــى بىلگىنكى، ھەممــە نەرســە جانلىقتــۇر. جېنــى بولمىغــان باغنــى ئادەممۇ ياخشــى كۆرمەيــدۇ. ئۇنــداق بــاغ ئادەمنىــڭ جېنىغــا جــان قوشــمايدۇ.
پۈتــۈن جانــلار بىــر، بىــر يەردىــن كەلگــەن! كۆرۈنىۋاتقــان ھەربىــر نەرســە، كائىناتنىــڭ ئىگىســى، كائىناتنــى ياراتقــان ئۇلــۇغ بىــر بارلىقنىــڭ بارلىقىنــى بىلــدۈرۈپ تۇرىــدۇ. ئەگــەر ئەقلىــڭ بولســا ئەلــەس كۆزۈڭنــى رۇســلاپ، كائىناتقــا ئــۇدۇل قــارا!

تەبىئەتتىكى پەســىل ئۆزگىرىشــلىرى ۋە قىشتا ئۆســۈملۈكلەرنىڭ ئۆلۈشــىنى، باھــار كېلىشــى بىلەنــلا تەبىئــەت جۇشقۇنلىشــىپ، ئۆســۈملۈكلەرنىڭ بىــخ ئۇرۇشــلىرىنى تەســۋىرلەش ئارقىلىــق ئادەمنىــڭ ئىرادىســىگە باغلىــق بولمىغــان بــۇ تەبىئــەت ھادىســىلىرىنى، تەبىئەتتىكــى شــەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشــلىرىنى ھەممىدىــن ئۈســتۈن بولغــان ئۇلــۇغ ئاللاھنىــڭ ھېكمەتلىرىنىــڭ ئالامەتلىرىدىــن ئىكەنلىكىدىــن بىــز بەندىلەرگــە بىشــارەت بەرگــەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

ياشــلىق چاغلارنــى قەدىرلــەڭلار! ئــۇ خــۇددى ياز پەســلىدىكى لەززەتلىــك مېــۋە ۋە خــۇش پــۇراق گۈل-گىياھــلار بىلــەن بېزەلگــەن باغقــا ئوخشــايدۇ. بــۇ چاغــدا قــۇۋەت ۋە شــەھۋەت ئېرىقلىــرى تىنمــاي ئېقىــپ تۇرىــدۇ، بۇنىــڭ بىلــەن بــەدەن ۋە جــان زېمىنلىــرى يېشــىللىققا پۈركىنىــدۇ. باھــار پەســلى كەلگەنــدە پۈتــۈن ئۆســۈملۈكلەر «بىــز ئۆزلۈكىمىزدىــن كۆكىرىــپ ياپيېشــىل بولــدۇق. ھەممىدىــن مەمنــۇن بىــز، خۇشــال بىــز. بەكمــۇ گــۈزەل بىــز.» دەيــدۇ.
يــاز ئۇلارغــا دەيدۇكــى:
«ئــەي مەۋجۇداتــلار، مــەن ئۆتــۈپ كەتكەندىــن كېيىــن ھالىڭلارغــا ۋاي!» بىــر كــۈن ئــۇ پىكىــر ۋە ئويــلار، قــول قانــات كېرىــپ پەردىدىــن چىقــار ئالدىڭغــا. ئــۇ ۋاقىــت  ئېگىــز تاغــلار پاختىــدەك تــوزۇپ، كۇكــۇم تالقــان بولىــدۇ. يۇلتــۇزلار، ئاســمانلار گۇمــران بولىــدۇ. ســۆيگۈنىڭ ئىگىســى، دائىــم تىرىــك ۋە يالغــۇز بولغــان ھەقتىــن باشــقا ھېــچ نەرســە قالمايــدۇ.ئاللاھنىــڭ قۇدرىتــى بىلــەن كۆچەتلەردىــن ئالمىــلار بولــدى. ســەن ئالمىنىــڭ ئىچىدىكــى قۇرتقــا ئوخشايســەن. ســېنىڭ يــا كۆچەتتىــن يــا باغۋەندىــن خەۋىرىــڭ يــوق. ئالمىنىــڭ ئىچىدىــن چىقىــپ ئەتراپقــا نــەزەر ســال.

بىزلــەر تەبىئەتكــە ئىنچىكىلىــك بىلــەن نــەزەر ســالىدىغان بولســاق، دەرەخلەرنىــڭ ياپراقلىرىنىــڭ ســارغىيىپ تۆكۈلىدىغانلىقىنى، گۈللەرنىــڭ سولۇشــۇپ قۇرىشــىغا شــاھىت بولىمىــز. دەل بــۇ چاغــدا ئــادەم تەبىئەتتىكــى بارلىــق جانلىقلارغــا ئوخشــاش ھامــان بىــر كۈنــى ئۆلــۈپ تۇپراققــا ئارىلىشــىپ كېتىدىغانلىقىنــى چۈشــىنىپ يېتىــدۇ. ئەممــا جالالىدىــن رۇمــى يەنــە باھارنىــڭ كېلىشــى بىلــەن تــەڭ بارلىــق ئۆســۈملۈكلەرنىڭ قايتىدىــن تىرىلىدىغانلىقىنــى تەســۋىرلەش ئارقىلىــق ئادەملەرنىــڭ ئۆلــۈپ يەنــە قايتىدىــن تىرىلدىغانلىقىنــى، بــۇ دۇنيانىــڭ نىزامىنىــڭ دائىــم ھەرىكــەت ئىچىــدە بولىدىغانلىقىنــى، كونىســى ئۆلــۈپ، يېڭىســى بارلىققــا كېلىــپ، يېڭىلىنىــش ھالىتىدىكــى ھەرىكــەت نىزامىغــا بــوي ســۇنىدىغانلىقىنى ئوبرازلىــق ھالــدا ئوتتۇرىغــا قويىــدۇ.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: گــۈل باھــاردا ئــۇ گۈزەللىكلەرنــى ئۆزىگــە بەخــش قىلغاننــى تونۇمىســىمۇ، بىلمىســىمۇ، گۈزەللىكــى بىلــەن گۈزەللىكنــى بېغىشــلىغانغا گۇۋاھلىــق قىلىــدۇ. گــۈل دەيدۇكــى: «مېنىــڭ ھۆســنى-جامالىمغا، گۈزەللىكىمگــە قــاراڭلار، ئەلۋەتتــە بۇلارنــى مــاڭا ئاتــا قىلغــان بىرســى بــار. بــۇ گۈزەللىكنــى ئاتــا قىلغــان ســىزگىمۇ ئــۇ گۈزەللىكنــى بەخــش ئەتكەنــدۇر.» ئــۇرۇق يەرگــە چۈشــكەندە تۇپراقتــا جانلىنىــدۇ، ئۈنىــدۇ، بــوي تارتىــدۇ ۋە مايســا بولــۇپ ئۆســىدۇ. بــۇ ئالامەتنــى، بــۇ نــازۇك ســۆزلەرنى ئــاڭلاپ، ســەنمۇ بىزگــە ئەگىشــىپ، ئۆزۈڭدىكــى كىبىرنــى، شەخســىيەتچىلىكنى يوقاتســاڭ، بىــز بىلــەن بىللــە يەرگــە چۈشــۈپ، تۇپراقلارغــا ئارىلىشــىپ كېتىســەن.

بولۇپمــۇ جالالىدىــن رۇمــى قۇياشــنىڭ تەبىئــەت دۇنياســىدىكى ھادىســىلەر ئۈســتىدىكى رولىنــى تۈرلــۈك بايانــلار، تەســۋىرلەر ئارقىلىــق ئىپادىلــەپ ئۆتىــدۇ. ھەتتــا جان-جىگــەر دوســتى شەمســىددىن تەبرىزىنــى قۇياشــقا ئوخشــىتىدۇ. تەســەۋۋۇپ چۈشــەنچىلىرىنىڭ نەزەرىيىســى بويىچــە ئۇلــۇغ بارلىقنىــڭ ئەكســىنى قۇياشــقا ســىمۋول قىلىدۇ. شــۇڭا ئۇ ئەســەرلىرىدە ئەزەلىي قۇياشــنى يەنــى مەشــۇقىنىڭ يۈزىنىــڭ ئەكســىنى ھــەر يــەردە كۆرىــدۇ. ئــۇ مۇنــداق دەيــدۇ: «بــۇ قۇيــاش بولمىســا يــا گۈللــەر ئېچىلمايتتى، يــا مېــۋە بولمايتتــى. قۇيــاش ھەســرەت بىلــەن ســاقلاۋاتقان ھــەر ئاشــىققا يېڭــى بىــر ھايــات، ئەبەدىــي گۈزەللىــك ئاتــا قىلىــدۇ.» قۇيــاش تەڭرىنىــڭ ھۆســنى-جامالىنى ئىما-ئىشــارەت قىلغــان گــۈزەل ۋە ناھايىتــى ئۇيغــۇن بولغــان بىــر ســىمۋولدۇر. قۇياشــنىڭ نۇرلىــرى ئاســتىدا ئادەتتىكــى تاشــلارنىڭمۇ قىممەتلىــك لال ھالىغــا كېلىدىغانلىقىنــى، قەدىرســىز نەرســىلەرنىڭ ئالتۇنغــا ئايلىنىدىغانلىقلىرىنــى ئوتتۇرىغــا قويىــدۇ. ئــۇ ئۆزىنىــڭ ئاللاھغــا ئىتائەتمــەن بەنــدە ئىكەنلىكىنــى «قۇياشــنىڭ قۇلــى مــەن» ناملىق شــېئىرىدا ئوبرازلىــق قىلىــپ مۇنــداق ئىپادىلەيــدۇ:

مادامىكى مەن قۇياشنىڭ قۇلى،
قۇياشتىن سۆز ئېچىشىم كېرەك سىلەرگە.
مادامىكى كېچە ئەمەس مەن،
مادامىكى قاراڭغۇغا چوقۇنمايمەن،
ئۇنداقتا چۈشتىن سۆز ئېچىشقا نە ھاجەت.
مادامىكى قۇياشقا شۇنچىلىك ئوخشايمەن،
قولۇمنى، پېشىمنى تارتاي ئۈستۈڭدىن،
راھەت، باياشاتلىق بولغان يېرىڭدىن.
مادامىكى قۇياشقا شۇنچىلىك ئوخشايمەن،
تۇغۇلىشىم كېرەك ئوتتۇرىسىدا خارابىلىكنىڭ.

جالالىدىــن رۇمــى يالغــۇز باھارنىــڭ تەســۋىرلىرى، قۇياشــنىڭ ســىمۋولى بىلەنــلا چەكلىنىــپ قالمــاي يەنــە تەبىئەتنىــڭ بىربىرلىــرى بىلــەن مۇناســىۋەتلىك بولغــان باشــقا ئالامەتلىرىنىمۇ تەســۋىرلەيدۇ. مەســىلەن، بــاغ بىلــەن باغــۋەن، قــۇش بىلــەن گــۈل، گــۈل بىلــەن تىكــەن، ئاشــىق بىلــەن مەشــۇق، ســۇ بىلــەن تۈگمــەن قاتارلىقــلار ئوتتۇرىســىدىكى دىئاگلــوگلار ئارقىلىــق ئىپادىلىمەكچــى بولغــان مەركىــزى ئىدىيىنــى بەدىئىــي تەپەككــۇر ئارقىلىــق ئوبرازلىــق ئوتتۇرىغــا قويىــدۇ. دېمــەك جالالىدىــن رۇمىنىڭ ئەســەرلىرى يۇقىــرى بەدىئىيلىككە، چوڭقــۇر مەزمۇنغــا، ئىلغــار پىكىركــە ئىگــە بولغانلىقــى ئۈچــۈن تــا بۈگۈنگــە قــەدەر كىشــىلەر تەرىپىدىــن قەدىرلىنىــپ كەلمەكتە. ئۇنىــڭ شــېئىرلىرىنىڭ ھــەر بىــر مىسراســى قولىمىــزدا ئىختىيارســىز چوڭقــۇر ھېسســىياتلىق ســۆيگۈ ئىچىــدە، تۇتــۇپ تۇرغــان تەبىئەتنىــڭ بىــر پارچــە ســۈرىتىدەك كــۆز ئالدىمىــزدا نامايــەن بولىــدۇ. باھــار پەســلى يېتىپ كېلىــپ پۈتــۈن تەبىئەتنىڭ جۇشــقۇنلۇققا چۆمۈلىشــىنى مۇنۇ مىســرالار ئارقىلىــق ئىپادىلەيدۇ:

تەبىئەت باشلىدى بۈيۈك ئىشىنى،
بۇلۇتلار كېلۇر ئۇزاقلاردىن.
قاتار-قاتار، توپ-توپ بولۇپ،
سۇغۇرىدۇ يەر-زېمىننى.
بۇلۇتلار ماڭىدۇ تاغ بېشىغا،
ئويغىنىپ تىكىدۇ كۆزىنى يەر يۈزىگە.
كۆكلەر چالىدۇ دۇمباقلىرىنى،
گۈللەر مەھلىيا قىلۇر تالنىڭ كۆڭلىنى.
ئەجەپمۇ مېزىلىك باھارنىڭ پۇرىقى،
ئۇرۇقمۇ بېرىدۇ نەسىلگە كۆڭلىنى.
دەرەخلەر تىنماي سۆزلەپ تۆكەر ئىچىنى.

جالالىدىــن رۇمــى ئەســەرلىرىدە ئېتىزلىقتىكــى زىرائەتلەردىــن ســۆزلەيدۇ. بۇغــداي مايســىلىرىدىن، بــوي تارتىشــلىرىدىن، ئالتــۇن باشــاقلىرىدىن، ئورمــا مەزگىلىدىــن، خاماندىــن، ســاماندىن، ئۈگۈتتىــن، تۈگمەندىــن، ئۇندىــن، خېمىردىــن، ناۋاينىــڭ چىــۋەر قولــى بىلــەن لالىــدەك ھۈپپىــدە قىزىرىــپ پىشــقان توقاچلاردىــن تارتىــپ، ئۆســۈپ يېتىلىــش جەريانىدىــن تارتىــپ تــا پىششــىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشــقىچە بولغــان ھۈنەر-ســەنئەت باســقۇچلىرىنى بىربىرلــەپ تەســۋىرلەيدۇ. بــۇ ئارقىلىــق ئوبرازلىــق ھالــدا ئادەمنىــڭ ئۆمــۈر مۇساپىســىدىكى ھەربىــر جەرياننــى يۇقىــرى بەدىئىــي ماھــارەت بىلــەن تەســۋىرلەيدۇ. ئۇ «دىۋانى كەبىر» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:

ئۆلــۈپ كۆمۈلگــەن ئــۇرۇق قانــداق ئۈنــەر، يۈزلەرچــە باشــاق بولــۇپ. تەڭرىنىــڭ لۇتفــى بىلــەن مەنمــۇ مىــڭ قېتىــم ئۆلــۈپ يەنــە تىرىلدىــم خــۇددى ئــۇ ئۇرۇقتــەك. ســېنىڭ تەرگــەن ئېتىزلىقلىرىڭدىــن، ئاشــىق ئورغاقلىــرى بىلــەن ئورىدىــڭ بىزنــى. خامــان تېپىــپ ئايرىدىــڭ ســاماندىن، ئاندىــن ئامبــار تەرەپكە ســۆرىدىڭ بىزنى. بــۇ ســۆرەش، توغرىلىققــا، ياخشــىلىققا ۋە زەررىدىــن پۈتۈنلۈككــە ئاپىرىــدۇ بىزنــى. خامــان ياخشــى بىــر يــەردۇر، چۈنكــى ئــۇ يــەر پادىشــاھنىڭ «جــان خامانــى»دۇر.

مەســىلەن ئۇنىــڭ «ســۇ دېدىكــى» ناملىــق شــېئىرىغا نەزىرىمىزنــى ئاغــدۇرۇپ باقايلــى:

كۆڭۈل بۇغداي دانچىلىرىغا ئوخشايدۇ،
بىز بولساق تۈگمەنگە.
تۈگمەن نەدىن بىلسۇن،
بۇ ئايلىنىشنىڭ سەۋەبى نېمە؟
تۈگمەن تېشىغا ئوخشايدۇ بەدەن،
ئوي بىلەن قايغۇ سۇغا.
سۇ قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى،
تاش كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلىدى.
سۇ دېدىكى: تۈگمەنچىدۇر سۇنى ئۆستەڭگە باشلىغان،
ئۇنىڭدىن سورا سەن بۇ ئىشنى.
ئەي نان يېگەن، دەيدۇ ساڭا تۈگمەنچى،
ناۋاي دېگەن قانداق قىلۇر، ئەگەر بۇ تۈگمەن پىرقىرىمىسا؟
بېشىدىن ئۆتكەنلەر بەك ئۇزۇن،
ئۈزۈلمەس ئىشلارنىڭ ئاخىرى.
ئۇلۇغلۇقنىڭ سايىسىدا بىلىمدار تۈگمەن،
بىر ئوبدانلا داننى يانجىپ تالقان قىلۇر.
سورىساڭ ئۇنىڭدىن دەيدۇ ساڭا ھېكمىتىنى.

يەنە بىر شېئىردا مۇنداق دەيدۇ:

جاھان بىر تونۇردۇر،
ئۇ يەردە ھەرخىل نانلار بار.
پەقەت ناۋاينى كۆرگەن،
نېمە قىلسۇن تونۇر ۋە ناننى.

بــۇ يەردىكــى ئوبرازلىــق ئوخشىتىشــلاردا تونــۇر يــەر يۈزىگە، پىشــقان نــان يېتىشــكەن ئىنســانغا، نــاۋاي جانابــى ھەققە ســىمۋول قىلىنغــان بولــۇپ نــان بارلىقتىكــى بىرلىككــە ئېرىشــىش يولىدىكــى ھەرخىــل قىيىنچىلىقلارنــى بېشــىدىن ئۆتكــۈزۈش جەريانىــدۇر. يەنــى ئادەمنىــڭ تۇغۇلــۇپ ئۆسۈشــى، يېتىلشــى، ئاخىرىــدا ئۆلــۈش مۇساپىســىدۇر. يەنــە خامانــدا بۇغداينىــڭ ســاماندىن ئايرىلىشــى بولســا ھەقىقىــي بىلــەن ھەقىقىــي بولمىغاننىــڭ بىر-بىرىدىــن ئايرىلىشــىدۇر. بۇغداينىــڭ تېرىلىشــىدىن تــا پىشــىپ نــان بولغىچــە بولغــان بــۇ جەريــان ئارقىلىــق جالالىدىــن رۇمــى تەپەككــۇر كۈچىگــە تايىنىــپ تەســەۋۋۇپتىكى ئادەمنىڭ تۇغۇلۇشــى ۋە يېتىلىــش جەريانى، ئاخىــرى كامىــل ئــادەم بولــۇپ ئۆلىشــى ۋە يەنــە تىرىلىشــتىن ئىبــارەت بىــر يــۈرۈش پەلســەپىۋىي سېستىمىســىنى چۈشــەندۈرىدۇ. ئــۇرۇق، ئېتىــز،  مايســا، بۇغــداي، باشــاق، ئورمــا، خامــان، داننىــڭ ســاماندىن ئايرىلىشــى، ئاندىــن ئامبارغــا كىرىشــى، تۈگمەنــدە ئېزىلىشــى، ئــۇن، خېمىــر ۋە ئــەڭ ئاخىرىــدا تونــۇردا نــان بولۇپ پىشــىپ چىقىشــى. بــۇ جەريانــدا ئېتىزلىقتىكــى ھەرخىل ھاشــارەتلەرنىڭ زىيان-زەخمىتىگــە ئۇچرىشــى، خامانــدا تــاش بىلەن ئېزىلىشــى، خاماندىكــى ئــوت ئاپەتلىــرى، چاشــقانلارنىڭ تــالانتــاراج قىلىشــىغا ئۇچرىشــى قاتارلىقلارنىــڭ ھەممىســى ئىلاھىــي بىــر نىزامنىــڭ تەبىئەتتىكــى كۆرۈنىشــلىرىنىڭ ئالامەتلىرىدىــن ئىبارەتتــۇر. جالالىدىــن رۇمــى تەبىئەتتىكــى ھادىســىلەرنى شــۇنچە ئىنچىكىلىــك بىلــەن تىلغــا ئېلىشــتىن ئــاۋال تەبىئەتتىكــى بارلىــق ھادىســىلەرنى قېتىرقىنىــپ تەتقىــق قىلغــان. باھــار كېلىشــى بىلەنــلا يېقىــن مۇرىتــى ھىســامىددىن چەلەبىنىــڭ بېغىغــا بېرىــپ گــۈلگىياھــلار، قۇشــلار ۋە ھاشــارەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنــى كۆزىتەتتــى. باھــار كىرىــپ يــەر ئىسســىغاندا چۈمۈلىلەرنىــڭ ئاستا-ئاســتا ئۇۋىلىرىدىــن چىقىــپ مېڭىشــلىرىنى كۆزىتەتتــى. قــارا چۈمۈلىلــەر قاراڭغــۇ تۇپــراق ئاســتىدىكى مەھبۇســلۇق ھاياتىدىــن قۇتۇلــۇپ، يــەر يۈزىگــە چىقىــپ ئەركىــن ھەرىكــەت قىلىــش ئارقىلىــق باھاردىن خــوش خــەۋەر بېرەتتــى. جالالىدىــن رۇمــى، قــۇش ۋە ھاشــارەتلەرنىڭ يالتىــراق قاناتلىــرى بىلــەن كىچىــك پۇتلىــرى ۋە نــازۇك ئاۋازلىــرى بىلــەن تەبىئــەت ئاتــا قىلغــان ئەركىنلىككــە تەنتەنــە قىلىشــلىرىدىن زوق ئالاتتــى. شــۇنىڭ بىلــەن بىرگــە زىرائەتلەنىــڭ تۇپــراق ئاســتىدىن ئاســتا ئۈنــۈپ چىقىــپ مايســىغا ئايلىنىشــلىرىدىن، مەجنۇنتاللارنىــڭ بىــخ چىقىرىــپ گــۈزەل باھارنىڭ ھۆســنىگە ھۆســن قوشۇشــلىرىدىن كۆڭلــى يايــراپ ســۆيىنىپ كېتەتتــى. ئــۇ تەبىئەتتىكــى بارلىــق جانلىقلارنىــڭ ناتــۇرال ھاياتىغــا ئىنتايىــن قىزىقاتتــى. جالالىدىــن رۇمــى قىــش پەســلىدىكى قــار توغرىســىدا مۇنداق دەيدۇ:

ئېرىيمەن، سەل بولۇپ ئاقىمەن.
ئۇدۇل دېڭىزغا ئاقىمەن،
مەن دېڭىز ۋە ئوكيانغا ئائىت،
بارلىق بولىمەن ئەسلىدە.
يالغۇزمەن، تۇرغۇنمەن،
توڭلاپ كرىستاللىشىپ قاپتىمەن.
يوقلۇق ھالىتىدە مۇنداق دېدىم:
ئەي شاھلارنىڭ شاھى،
پۈتۈن تەسەۋۋۇرلار بۇ ئوتنىڭ ئىچىدە ئېرىدى.
ئــۇ جــاۋاب بــەردى:
ســېنىڭ خىتابىــڭ تــا ھازىرغىچــە قارنىڭ مەۋجۇتلىقىدا.
قــار مەۋجۇتــلا بولىدىكــەن، قىزىــل گــۈل يوشــۇرۇن ھالەتتــە بولىدۇ.

جالالىدىــن رۇمــى ئاللاھنىــڭ تەبىئــەت ئارقىلىــق بىــز ئىنســانلارغا ســۇنغان نېمەتلىرىنــى تۆۋەندىكــى ھېكايــە ئارقىلىــق چۈشــەندۈرىدۇ:
بــۇ دۇنيــا ياپيېشــىللىققا پۈركەنگــەن بىــر مــاكان بولــۇپ، بــۇ يــەردە يالغــۇز بىــر ئۆكــۈز ياشــايدىكەن. بــۇ ئۆكــۈز ھــەر كــۈن كەچكىچــە يايلاقتــا ئوتــلاپ، ئۇخــلاپ، ئېغىنــاپ يۈرىدىكــەن. ھەمــدە كۈندىن-كۈنگــە ســەمىرىدىكەن. ئەممــا كــەچ بولدىمــۇ «ئەتــە نېمــە يەيدىغاندىمــەن» دەپ ئويغــا پاتىدىكــەن، ئەنســىرەپ خىيــال ســۈرىدىكەن. تــاڭ ئاتقانــدا يايلاقنىــڭ يەنىــلا ياپيېشــىللىق ئىچىــدە تۇرغانلىقىنــى كۆرىدىكــەن. ھەتتــا ئوت-چۆپلــەر ئېگىــز بــوي تارتىــپ شــامالدا دولقۇنــلاپ تــۇرار ئىكــەن. ئۆكــۈز ئــاچ قورســىقىغا راســا يەيدىكــەن. ئــاچ كۆزلۈك بىلــەن ئوتلاقتىكــى ئېگىز ئۆســكەن قويــۇق چۆپلەرنــى باشــتىن ئاخىرىغىچــە پاك-پاكىــز يەپ تۈگىتىدىكــەن. شــۇنداق قىلىــپ كــەچ كىرگەنــدە يەنــە ئەتىنىــڭ غېمىنــى يەيدىكــەن. ئەتــە ئــاچ قېلىشــتىن قاتتىــق ئەنســىرەيدىكەن ۋە ئەنســىزلىك ئىچىــدە ئورۇقــلاپ كېتىدىكــەن. داۋاملىــق «ئەتــە نېمــە يەيمــەن؟» دېگــەن ئويــدا ھاياتىنــى داۋام قىلىدىكــەن. يىللار بويىچــە بــۇ ئوي-پىكىردىــن خالــى بولالمايدىكــەن. ئەممــا ئۆكــۈز بىــر قېتىممــۇ مۇنــداق ئويــلاپ باقمايدىكــەن: «شــۇنچە يىلــلار ئۆتكــەن بولســىمۇ بــۇ يايلاقتىكــى ئوت-چۆپلــەر ھېــچ ئازايمــاي داۋاملىــق ئۈنــۈپ تــۇردى. مېنىــڭ رىزقىــم بىــر كۈنمــۇ ئۈزۈلــۈپ قالمىــدى. ئۇنداقتــا بــۇ قورقــۇ، كۆڭلۈمنــى غــەش قىلىدىغــان غەم-غۇسســە زادى نېمــە ئۈچــۈن؟» بــۇ نەپىــس ئەنــە شــۇ «ئۆكــۈز»دۇر. يېشــىل يايلاق بولســا تەبىئەت. بىــز ئىنســان بولــۇش ســۈپىتىمىز بىلــەن تەبىئەتكــە نــەزەر ســالىدىغان بولســاق تەبىئــەت ھــەر ۋاقىــت گۈزەللىكــى بىلــەن يېڭىلىنىــپ تۇرىــدۇ، ئۈزلۈكســىز ھەرىكــەت قىلىــدۇ. پۈتــۈن بــۇ جانلىقــلار ۋە ئالەمدىكــى ھادىســىلەرنىڭ گۈزەللىكلىــرى دائىــم ئالــلاھ سۆيگۈســىنى، ئىنســان سۆيگۈســىنى، تەبىئــەت سۆيگۈســىنى بىزنىــڭ قەلبىمىــزدە جۇشــقۇنلىتىدۇ. جالالىدىــن رۇمــى تەبىئــەت تەپەككــۇرى ئارقىلىــق باشــقا مۇتەســەۋۋۇپلار بىلــەن ئوخشــاش ئۇســلۇپتا تەڭرىنىــڭ ئاشــكارە ۋە يوشــۇرۇن ئالامەتلىرىنــى گــۈزەل بەدىئىــي ئۇســۇل، بەدىئىــي ســۆزلەر، بەدىئىــي تەپەككــۇر ئارقىلىــق چۈشــەندۈرىدۇ. ئالــلاھ ياراتقــان تەبىئەتنــى ۋە ئۇنىــڭ گۈزەللىكىنــى تەبىئەتتىكــى ھادىســىلەرنى تەســۋىرلەش ئارقىلىــق بىزنــى تەبىئەتنــى سۆيۈشــكە جۈملىدىــن ئاللاھقــا ئاشــىق بولۇشــقا چاقىرىــدۇ.

بــۇ كائىنــات شــۇنداق كــۆپ ســىرلار خەزىنىســىگە تولغــان ئىكەنكــى ئۇنىــڭ ســىرلىرى يېشــىلىپ تۈگىمــەس، خەزىنىلىــرى ئېچىلىــپ پۈتمــەس. بىلىــم ئىگىلىرىنىــڭ ئەقىــل ئىدراكــى ئۇنىــڭ ســىرلىرىنى ئېچىشــقا يەتمەيۋاتىــدۇ. بىــز تەبىئەتكــە ســۆيگۈگە تولغــان بىــر قەلــب بىلــەن قــاراپ، ئەقىل-ئىدراكىمىزنىــڭ يېتىشــىچە چۈشىنىشــكە ئۈزلۈكســىز تىرىشــىپ ماڭىمىــز. ئۇلــۇغ ئاللاھنىــڭ بارلىــق گۈزەللىكلىرىنىــڭ ئىپادىســى ئەكــس ئېتىــپ تۇرىدىغــان تەبىئەتكــە ئەينەكتــەك قاراپ، ئۆزىمىزنــى ئۇنىڭدىــن كــۆرۈپ، ئۆزىمىزنــى تونــۇپ يېتىمىــز. بــۇ ئەينەكتىــن ئۆزىمىزنــى ســۈزۈك كــۆرۈش ئۈچــۈن ئەينەكنــى پــاكپاكىــز تازىــلاپ، چېقىلىپ كېتىشــتىن ئاســراپ، كەلگۈســى ئەۋلاتلارغا ئەســلى گۈزەللىكــى بىلــەن تاپشۇرۇشــقا تىرىشىشــىمىز لازىــم.

مەنبە: “جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى” ناملىق كىتابى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش