ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » كۆڭۈل

كۆڭۈل

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

كۆڭۈل تۇمانى ئاشىقىمىزنى ئاشكارىلىما كۆڭۈل،
كۆڭۈلدىن چىققان تۇمان، ئوچۇق كۆرۈنەر كۆڭۈل.
كۆڭۈلدە قان دولقۇنلىرى بۇژغۇنلاپ تاشىدۇ،
بەلكى ئۇ كۆڭۈل ئەمەس، بىر دېڭىزدۇر ئەي كۆڭۈل.

-مەۋلانا

كۆڭۈل دېگەنلىك ئىنســاننىڭ يۈرىكىدىكى ســۆيگۈ، دوســتلۇق، ئــارزۇ، چۈشــەنچە، ئــوي ۋە نەپــرەت قاتارلىقلارغــا ئوخشــاش تۇيغۇلارغــا ئىگــە بولغــان بىــر خىــل روھىــي خۇسۇســىيەتتىن ئىبــارەت. ئــادەم قەلبىدىكــى ئاشــۇ تۇيغــۇ ئارقىلىــق بىــر شــەيئىگە يېقىنلىقىنــى ۋە شــۇنىڭغا بولغــان سۆيگۈســىنى ياكــى نەپرىتىنــى ئىپادىلەيــدۇ. كۆڭــۈل ئىنســاننىڭ ئــەڭ نــازۇك تۇيغۇســىدۇر. شــۇ ســەۋەبتىنمۇ بىــزدە «كۆڭــۈل ئازارىدىــن تەڭــرى بىــزار» ، «تىــغ يارىســى ســاقىيىدۇ، كۆڭــۈل يارىســى ســاقايمايدۇ» دېگــەن ماقال-تەمســىللەر بــار. ئۇلــۇغ مۇتەپەككــۇر يۈســۈپ خــاس ھاجىــپ ئۆزىنىــڭ جاھانغــا مەشــھۇر «قۇتادغۇبىلىــك» ناملىــق ئەســىرىدە، ئىنســانغا بېرىلگــەن نېمەتلــەر ئىچىــدە بىرىنچــى ئورۇنغــا كۆڭۈلنــى قويىــدۇ.

«قەلب، كۆز، ئىدراك، ئەقىل ۋە بىلىم بەردى،
تىلىمنــى ئېچىــپ ســۆزۈمنى راۋان قىلــدى.»

دەپ قەلبنــى يەنــى كۆڭۈلنــى ئــەڭ مۇھىــم ئورۇنغــا قويغــان. جالالىدىــن رۇمىنىڭمــۇ بارلىــق ئەســەرلىرىنىڭ يەنــە بىــر ئورتــاق نۇقتىســى يەنىــلا كۆڭۈلــدۇر. جالالىدىــن رۇمىنىــڭ نەزىرىــدە كۆڭــۈل ئاللاھنىــڭ ئەكــس ئېتىشــى، كۆرۈنىشــى، مۇقــەددەس بارلىقنىــڭ ســىمۋولى بولغــان كەبىــدەك بىــر يــەردۇر. ھەتتــا كەبىدىنمــۇ ئۇلۇغــدۇر. چۈنكــى بــۇ توغرىســىدا مۇقــەددەس دىنىمىــز ئىســلامنىڭ ئىككىنچــى خەلىپىســى بولغــان ھەزرىتــى ئۆمــەر مۇنــداق دېگــەن: «كەبىنــى مىــڭ قېتىــم چېقىۋەتســەم چېقىۋېتىمەنكــى، بىــر مۆمىننىــڭ كۆڭلىنــى رەنجىتمەيمــەن. چۈنكــى ئــۇ كۆڭۈلــدە ئالــلاھ بــاردۇر»
جالالىدىــن رۇمىمــۇ ھەزرىتــى ئۆمــەردەك كۆڭــۈل ھەققىــدە مۇنــداق قۇرلارنــى تىزىــدۇ: «كۆڭۈلنى چاقماق، كەبىنى چېقىشتىنمۇ بەتەر گۇناھتۇر.» يەنە ئۇ كۆڭۈل توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «مائارىــپ ئارقىلىــق ئۆگەنگــەن بىلىــم، تاغلاردىــن قورولارغــا قــاراپ ئاققــان ئېرىققــا ئوخشــايدۇ. ئــۇ ئېقىــش يوللىــرى ئىتىلىــپ قالســا ئاقالمايــدۇ. شــۇڭا ســەن كۆڭلۈڭدىــن بىــر بــۇلاق ئــاچ. كۆڭۈلدىكــى بىلىــم ئېرىقلىرىدىــن ئۇرغــۇپ چىققــان ئــۇ جەۋھــەر ھەرگىــز بۇلغانمايــدۇ. كۆڭــۈل ســۇ بولســا، يــۈرەك كومزەكتــۇر. كۆڭۈلدىكــى زەررىچىلىــك بىــر ھۈنــەر، ئادەتتىكــى مىڭلارچــە ھۈنەردىــن ياخشــىدۇر. كۆڭــۈل كــۆزى بىلــەن كۆرگــەن ھــەر نەرســە ھەقىقىــي نەرســىدۇر.» ئىنســانلار ئىجتىمائىــي ھاياتتــا نۇرغۇنلىغــان مەشــغۇلاتلار بىلــەن شــۇغۇللىنىدۇ ۋە بــۇلار ئۈچــۈن كــۆپ جەۋر-جاپــا تارتىدۇ. ئەممــا بۇلارغــا چىــن كۆڭلــى بىلــەن رازى بولىــدۇ. بولۇپمــۇ نەتىجىگــە ئېرىشــىپ مۇۋەپپىقىيــەت قازانســا ھوزۇرلىنىــپ بەختلىــك بولىــدۇ. ئۇنىــڭ ئۈچــۈن ھەممــە كىشــى بــۇ ھاياتتــا كۆڭۈللــۈك ياشاشــنى ئــارزۇ قىلىــدۇ. شــۇڭا جالالىدىــن رۇمــى مۇنــداق دەيــدۇ: «كۆڭــۈل ھــەر بىــر دوســتتىن بىــر ئــوزۇق بىلــەن ئوزۇقلىنىــدۇ. ھــەر ئىلىمدىــن بىــر لــەززەت ئالىــدۇ.»
كۆڭــۈل بىــر ئەينەككــە ئوخشــايدۇ. ئەينەكنــى داۋاملىــق ســۈرتۈپ، تازىــلاپ تۇرمىســا توپا-چــاڭ باســىدۇ. ئۇنىــڭ ئۈچــۈن ھــەر دائىــم كۆڭۈلنــى مەنىۋىــي جەھەتتىــن تازىــلاپ، پــاكلاپ تۇرۇشــىمىز كېــرەك. چۈنكــى بــۇ دۇنيادىكــى رەڭمــۇرەڭ ماددىــي بايلىقــلار، ئىنســان كۆزىنــى قاماشــتۇرۇپ، ئىســتەكلىرىنى، ئېھتىياجلىرىنــى ئاشــۇرىدىغان ئوبېكتىــپ شــەيئىلەر، ئىنســاننىڭ ســۇبېكتىپ ئېڭىغــا تەســىر قىلىــپ، ئادەمنىــڭ كۆڭلىنــى كىرلىتىــدۇ. كىرلەنگــەن كۆڭۈلــدە ئاللاھنىــڭ ئەكســى تەججەللــى ئەتمەيــدۇ. شــۇڭا ھــەر دائىــم كۆڭــۈل ئەينىكىمىزنــى پاك-پاكىــز تۇتۇشــىمىز لازىــم. كۆڭلىمىزنــى ئاشــىق، ســەمىمىيەت، دوســتلۇق، ســۆيگۈ بىلــەن تولــدۇرۇپ، خىرىــس، ئىنتىقــام، ئۆچمەنلىــك، ھەســەت قاتارلىــق تۇيغۇلارنىــڭ ئــورۇن ئېلىشــىغا يــول قويماســلىقىمىز لازىــم. بۇ توغرىسىدا جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ: كۆڭــۈل ئەينىكــى پاكىــز بولمىغــان كىشــى ھەقىقىــي گــۈزەل بىلــەن ســەتنى پــەرق ئېتەلمەيــدۇ. كىمنىــڭ كۆڭــۈل ئىشــىكى ئېچىلســا، ئۇنىــڭ كۆڭــۈل تۆرىــدە مىــڭ قۇيــاش چاقنايــدۇ. كۆڭــۈل ئېلىشــنى ئويلىســاڭ، ســۆيگىنىڭ ئۇرۇقىنــى تېرىغىــن. جەننەتكــە كىرىشــنى ئويلىســاڭ، يوللارغــا تىكــەن تېرىشــتىن ۋاز كــەچ. كۆڭۈللــەر پاك-پاكىــز بىــر ئەينەكتــۇر. ئۇنىڭــدا چەكســىز شــەكىللەرنى كۆرەلەيســەن. پاك-پاكىــز كۆڭــۈل قانــداق بۇيــرۇق بەرســە، تۇيغــۇلار شــۇ بويىچــە ھەرىكــەت قىلىــدۇ. كۆڭۈللىــرى پــاك بولغانــلار رەڭلەردىــن، پەردازلاردىــن ۋە ھەرخىــل پۇراقلاردىــن خالــى بولىــدۇ. كۆڭۈل ئېلىشنى بىلمىگەنگە كۆڭۈلنى ئامانەت ئەتمە. كۆڭــۈل كۆكســى كــەڭ، ياردەمســۆيەر، دوســتلارنىڭ كۆڭلىنــى رەنجىتمەيدىغــان ئىنســانلار ئاللاھنىــڭ ھوزۇرىــدا ئــەڭ ياخشــى ئىنســانلاردۇر.

ئاللاھنىــڭ ھېچبىــر نەرســىگە ئېھتىياجــى يــوق. بەندىلــەر ئاللاھنىــڭ ئالدىغــا ئۇنىڭدىــن ئۆزىنــى كۆرىشــى ئۈچــۈن، پارقىراق بىــر ئەينەكنــى، پاكىــز بىــر كۆڭۈلنــى ئېلىــپ بېرىــش لازىــم. جالالىدىــن رۇمىنىــڭ تەپەككۇرىــدا كۆڭــۈل ھەرۋاقىــت ئالدىنقــى ئورۇنــدا تۇرغــان. شــۇ ســەۋەبتىن مەشــھۇر ئەســىرى «مەســنەۋى»دە دائىــم كۆڭۈلدىــن ســۆز ئېچىــپ مۇنــداق ئالتــۇن قۇرلارنــى بىزگــە قالــدۇرۇپ كەتكــەن: كــۆز نــۇرى يــاغ ئىچىــدە مەيدانغــا كەلــدى. كۆڭــۈل نــۇرى بىــر تامچــە قاننىــڭ ئىچىگــە يوشــۇرۇنغان بولىــدۇ. خۇشــاللىقنىڭ جايــى كۆڭــۈل. غەمنىــڭ ماكانــى جىگــەردۇر. ئەقىــل بولســا مېڭىنىــڭ ئىچىدىكــى شــامغا ئوخشــايدۇ. كــۆز بىلــەن كۆڭــۈل، كاتىپنىــڭ قولىدىكــى قەلەمــدەك ھەقنىــڭ ئىككــى بارمىقــى ئارىســىدا. كۆڭلى ئۆلۈكلەر روھسىز بولىدۇ. كۆڭلى توڭغا جەننەتمۇ سەت كۆرۈنىدۇ. كۆڭــۈل شــۇنداق بىــر نەرســىكى، ئۇنىــڭ ئىچىــدە يەتتــە قــات ئاســماندەك يۈزلەرچــە ســاما غايىــپ بولىــدۇ. شــۇڭا ھىلــەمىكىــر بىلــەن تولغــان كىچىــك بىــر قەلــب ئىســتىمە. ســەن ھوزۇرغــا يۈزلەرچــە خالتــا ئالتــۇن بىلــەن كەلگىنىــڭ بىلــەن جانابىھــەق ســەندىن پەقــەت ئەيىپســىز بىــر تــال يــۈرەك ئىســتەيدۇ.

بىــز ھەممىمىــز بــۇ كائىناتنىــڭ بىــر ئەزاســى بولــۇش ســۈپىتىمىز بىلــەن ئورتــاق بىــر جەمئىيەتتــە ياشــايمىز. جەمئىيەتنىڭ پەزىلەتلىــك بىــر جەمئىيــەت بولۇشــى ۋە ئۆزىمىزنىــڭ پەزىلەتلىــك بىــر جەمئىيــەت ئەزاســى بولۇشــىمىز ئۈچــۈن ئالــدى بىلــەن ئەخلاقلىــق بولۇشــىمىزغا، توغــرا ئىشــلارنى قىلىــش ئەركىنلىكىدىــن ئىبــارەت ھەقىقــى ئەركىنلىككــە ئىگــە بولۇشــىمىز لازىــم. توغــرا ئىشــلارنى قىلىــش ئەركىنلىكــى پەقــەت ســۆيگۈگە تولغــان كۆڭــۈل ئىگىلىرىــلا ئېرىشــەلەيدۇ. جالالىدىــن رۇمــى «دىۋانــى كەبىــر» ناملىــق ئەســىرىدە مۇنــداق دەيــدۇ: ســېنىڭ كۆڭلۈڭنــى رەنجىتكــەن نەرســە پەقــەت ئۆزۈڭنىــڭ شــەيخى ۋە ۋەزىڭــدۇر. چۈنكــى جاھــان سۆيگۈســىدە ســۇ ئۈســتىدىكى نەقىشــلەردەك قــارار يوقتــۇر… ئالــلاھ شــارابىنىڭ كۈپــى كۆڭۈلــدۇر. كۈپنىــڭ ئاغزىنــى ئــاچ. ئەســكى خۇي-مىجــەز لاي بولــۇپ ئۇنىــڭ ئاغزىنــى ئېتىۋاپتــۇ. ئەگــەر كۈپنىــڭ ئاغزىنــى ئــازراق بوشاتســاڭ، ســاڭا يــۈز مىڭلارچــە ئەســەرنىڭ پۇرىقــى كېلىــدۇ. ئۇنىــڭ ئەســەرلىرىنى ســانايمەن دېســەڭ قىيامەتكىچىمــۇ ســاناپ بولالمايســەن. ۋۇجۇتقــا كەلتۈرگــەن ســەنئەت دېڭىزىدىكــى قايســى بىرىنــى دەي؟  ئۇنىــڭ ســەنئەت دېڭزىنىــڭ يــا ئۇچــى، يــا ئاخىــرى بارمــۇ؟

شــۇنى ئۇنۇتماســلىقىمىز لازىمكــى، بــۇ دۇنيــا بەكمــۇ گۈزەل. ئەممــا بــۇ گۈزەللىــك بىزنــى ئاپىرىــدە قىلغــان ياراتقۇچىمىــز بىلەن بىرگــە بىزنىــڭ مەۋجۇتلۇقىمىــز بىلــەن تېخىمــۇ گۈزەللىشــىدۇ. بىزنىــڭ مەۋجۇتلۇقىمىــز پەقــەت بىزنىــڭ ســۆيگۈگە تولغــان كۆڭلىمىــز بىلــەن ئــۆز ئىپادىســىنى تاپىــدۇ. شۇڭلاشــقا جالالىدىــن رۇمــى مۇنــداق دېگــەن:

تۇپــراق ئۈســتىدە ئۈنگــەن گۈللــەر سولۇشــۇپ ئۆلىــدۇ.
ئەممــا كۆڭۈلــدە ئۈنگــەن گۈللــەر مەڭگۈلــۈك بولــۇپ قالىــدۇ.

مەنبە: “جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى” ناملىق كىتاب

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش