You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئاياللار

ئاياللار

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

سۆيگىنىڭلارغا گۈل بېرىڭلار، گۈل بولمىسا تەبەسسۇم.
-مەۋلانا

جالالىدىــن رۇمىنىــڭ تەپەككۇرىــدا ئاياللارنىــڭ ئورنــى ناھايىتىمــۇ يۈكســەك. جالالىدىــن رۇمىنىــڭ ياشــىغان دەۋرلىــرى فىئوداللىــق ھاكىــم مۇتلەقلىــق ھۆكــۈم ســۈرگەن، تېخــى قۇللــۇق تــۈزۈم بىــكار قىلىنمىغــان زامانلارغــا توغــرا كېلەتتى. ئــۇ دەۋرلەردە ئاياللارنىــڭ ئورنــى مەيلــى مۇســۇلمانلار مەيلــى خىرىســتىيانلاردا بولســۇن ئىنتايىــن تــۆۋەن ئىــدى. ئۇلارنىــڭ ئورنــى شــۇنچىلىك بولغاندىكىــن، ئەلۋەتتــە ســۆزىنىڭ قىممىتــى قانچىلىــك بولاتتــى دەيســىز؟ شــۇنداق بىــر دەۋردە جالالىدىــن رۇمــى مۇرىتلىرىغــا ئايالــلار توغرىســىدا مۇنــداق ۋەز قىلغــان:

ئايال دېگەن نېمە؟ بــۇ دۇنيــا دېگــەن گــەپ بىلــەن ئوخشــاش. بۇنــى دېســەڭمۇ دېمىســەڭمۇ ئــۇ ئــۆز تەبىئىيتىنــى تاشــلىمايدۇ. بىــراق ســېنىڭ سەپســەتىلىرىڭ ئۇنىڭغــا زىيــان يەتكۈزۈشــى مۇمكىــن.ســەن ئايالىڭغــا باشــقىلاردىن ئۆزۈڭنــى قاچــۇرۇپ، يۈزۈڭنــى كۆرســەتمە دەپ قانچــە تاپىلىســاڭ، ئۇنــى كــۆرۈش پىيىگــە چۈشــىدىغانلار شــۇنچە كۆپىيىــدۇ. ئۇنىــڭ ئۆزىمۇ ئادەملەرگــە كۆرۈنــۈش كويىغــا چۈشــىدۇ. چۈنكى چەكلەنگەن نەرســە ئىنســاننى كۈچــەپ تارتىــدۇ. ســەن تىنــچ خاتىرجــەم تۇرۇۋاتىمــەن دەپ ئويلايســەن، لېكىــن ئەتراپىڭــدا ئــۆز قولــۇڭ بىلــەن نارازىلىق ئوتىنــى ياققانلىقىڭدىــن بىخــەۋەر. ئۇنىــڭ قەلبىگــە ياخشــىلىق ئۇرىقىنــى تېرىغــان بولســاڭ ياخشــىلىق يولىــدا مېڭىۋېرىــدۇ. بــەس، بۇنىڭغــا ئــاۋارە بولمايــلا قــوي! ئۇنىــڭ ئەكســىچە بولســا، بەرىبىــر دېگىنىدىــن ۋاز كەچمەيــدۇ. ســېنىڭ چەكلەشــلىرىڭ ئۇنىــڭ خائىشــلىرىنى كۈچەيتىــدۇ خــالاس. ســەن كېچــە -كۈنــدۈز ئۇنىــڭ بىلــەن بەسلىشــىپ، ئۇنــى تۈزەتمەكچــى بولىســەن. ئــۆز قولــۇڭ بىلــەن ئۇنىڭغــا چاپلاشــقان مەينەتچىلىكنــى ســۈرمەكچى بولىســەن. ئەممــا بــۇ ســىناق ســاڭا سەۋەپســىز بېرىلمىگــەن، ئۇنىــڭ ياردىمى بىلــەن ئۆزۈڭدىكــى مەينەتچىلىكنــى ســۈرتكىن دەپ بېرىلگــەن. ئۇنى كەمچىلىكلىــرى بىلــەن قوبــۇل قىلىــپ كۆڭلىنــى ئــال. بارلىــق مېھرىــڭ بىلــەن ئۇنــى تــۈزەت. ئىــلاج بــار ئەركەكلەرگــە خــاس رەشــىك بالاســىدىن خالــى بولغايســەن. جاھىلــلار ھەقىقەتــەن ئاياللاردىــن ئۈســتۈن تۇرىــدۇ. ئۇنــداق ئىنســانلار نېمىشــقىدۇر قوپــال، باغــرى تــاش كېلىــدۇ. ئــۇلاردا رەھىــم شــەپقەت، مېھرى-مۇھەببــەت، ھىممەت-خەيرھاھلىــق ئــاز بولىــدۇ. ئۇلارنىــڭ تەبىئىتىــدە ھايۋانلىــق ھۆكۈمــران. شــۇ ســەۋەپتىن مۇھەببــەت ۋە شــەپقەت ئىنســانلىقتۇر، غــەزەپ ۋە خىرىس ھايۋانلىقتــۇر. بۇنــداق ئەركەكلەردىــن ئەقىللىــق ۋە دىلــى گــۈزەل ئايالــلار خېلىــلا ئۈســتۈن.

جالالىدىــن رۇمــى ئاياللارنىــڭ ئۈســتۈنلىكىنى تەرغىــپ قىلىدىغــان ۋەزلەرنــى بېرىــش ئارقىلىــق ئەتراپىدىكىلەرگــە، مىللىتىگە ۋە ھەتتــا پۈتــۈن دۇنياغــا ئىنســانىيەتنىڭ پەقــەت ئايالــلار ئارقىلىقلا بىــر پۈتــۈن گــەۋدە بولالايدىغانلىقىنــى جاكارلىغــان.

جالالىدىــن رۇمــى يەنــە ئەر-ئايــال ئوتتۇرىســىدىكى جىنســىي مۇھەببەتنىــڭ ناھايىتــى مۇھىملىقىنــى ئوتتۇرىغــا قويغــان. چۈنكــى جالالىدىــن رۇمىنىــڭ نەزىرىــدە ئىككى جىنــس ئوتتۇرىســىدا مەۋجۇت بولــۇش پائالىيىتىنــى ئاخىرغىچــە داۋاملاشتۇرۇشــنىڭ بىــر تارتىــش قانۇنــى بــار بولــۇپ، بــۇ قانۇنغــا مەيلــى ئــەر، مەيلــى ئايــال ئۆزلۈگىدىــن بــوي ســۇنىدىغانلىقىنى ئىلگىــرى ســۈرىدۇ. ئــۇ مۇنــداق دەيــدۇ:

«جىنســىيەتنىڭ ئالامــەت بىــر تارتىــش كۈچــى بــار. قەيــەردە بىــر نەرســە ئىزدەشــكە مەجبــۇر بولســاڭ، ئۇنــى ئىزدەتكــەن ۋە ئۆزىگــە تارتقــان نەرســە يەنــە شــۇ ئۆزىنىــڭ جۈپتىــدۇر.» يەنە بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

ھــەر نەرســە بىــر نەرســە بىلــەن بىرگــە بولغانــدا ھاياتلىققــا ئىگــە بولىــدۇ. ئــەر ئايالــلار بىلــەن بىرگــە بولــۇپ بــالا بولىــدۇ، تۇپــراق يامغــۇر بىلــەن بىرلەشســە ھوســۇل بېرىــدۇ.

جالالىدىــن رۇمــى پۈتــۈن تەبىئــەت دۇنياســىدىكى شــەيئىلەرگە ئەھمىيــەت بەرگەندىــن بەكــرەك ھاياتلىقنىــڭ بىــر گۈزەل پارچىســى بولغــان ئاياللارغــا ئالاھىــدە ئەھمىيــەت بەرگەن. چــالا ســاۋات موللىــلار «ئاياللارنىــڭ ئىســمىنى قەبــرە تېشــىغا يېزىشــقا بولمايــدۇ» دەپ پەتىــۋا بەرگــەن دەۋرلــەردە، جالالىدىــن رۇمــى قىلچــە ئىككىلەنمــەي ئاياللارنــى ئۇلــۇغ بىــر بارلىــق دەپ بىلىــپ، ئاياللارنىــڭ جەمئىيەتتىكــى ئورنىنى كۆتۈرۈشــكە تىرىشــقان. ھەتتــا ئــۇ مەشــھۇر ئەســىرى «مەســنەۋى»دە مۇنــداق دەيــدۇ:
ئايالــلار يارىتىلغــان بىــر بارلىق ئەمــەس، بەلكــى يارىتىدىغان بىــر قۇدرەتتۇر. ئايــال كىشــىگە تەبىئــەت بەخــش قىلغــان نەرســىنى ئــەر كىشــى پەقــەت جاســارەت بىلــەن قولغــا كەلتۈرەلەيــدۇ.

جالالىدىــن رۇمىنىــڭ دەرگاھىــدا ئــەر مۇرىتلىرىدىــن باشــقا يەنــە نۇرغــۇن ئايــال مۇرىتلارمــۇ بــار بولــۇپ، ئــۇلار بىــر يەرگــە جــەم بولــۇپ جالالىدىــن رۇمىنــى مەجلىســلىرىگە تەكلىــپ قىلغان ۋە جالالىدىــن رۇمىمــۇ ھىــچ ئىككىلىنىــپ ئولتۇرمــاي بــۇ تەكلىپلەرنــى قوبــۇل قىلىــپ ۋەز نەســىھەتلەرنى قىلغــان. جالالىدىــن رۇمــى ئوغلــى ســۇلتان ۋەلەتكــە يازغــان مەكتۇپىدا مۇنــداق دېگەن:

ئايالىڭنىــڭ كۆڭلىنــى ھــەر ۋاقىــت خــوش قىلغىــن. ھــەر كېچىنــى تــوي كېچىســىدەك ئۆتكۈزگىــن. ئەگــەر ئايالىڭغــا ھۆرمەتســىزلىك قىلســاڭ، مــاڭا ھۆرمەتســىزلىك قىلغان بولىســەن…

جالالىدىــن رۇمــى تەبىئەتتىكــى ھەربىــر شــەيئى ئۆزىگــە مــاس ھالدىكــى باشــقا بىــر شــەيئىنى ئۆزىگــە جەلــپ قىلىــش ھالىتىــدە بولىــدۇ دەپ قارايــدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

ئالەمدە ھەر نەرسىنىڭ جەلىپكارى بار. ئىسسىق ئىسسىققا، سوغۇق سوغۇققا تارتىدۇ. ئەسلى بولمىغان ئەسلى بولمىغاننى تارتىدۇ. باقىلەر باقىلەردىن مەست بولىدۇ. جەھەننــەم ئەھلــى بولغانــلار جەھەننــەم ئەھلــى بولغانلارنىــڭ جەلپكارىــدۇر. نۇرغــا مەنســۇپ بولغانــلار پەقــەت نۇرغــا مەنســۇپلارنى ئىســتەيدۇ.ئەتىــر ســاتقانلارنىڭ رەســتىلىرىگە قــارا. ھــەر جىنــس ئــۆز جىنســىنىڭ يېنىغــا قويىلىــدۇ.

جالالىدىــن رۇمــى ھاياتىــدا پەقــەت بىــر ئاياللىــق بولــۇپ ئۆتكــەن. ئۇنىــڭ بىرىنجــى ئايالى ياشــلا ۋاپــات بولــۇپ كەتكەندىن كېيىــن قايتــا ئۆيلەنگــەن. ئەممــا ئايالــى ھايــات ئىكــەن ئــۆزى ئــۇ ئالەمگــە ســەپەر قىلغــان. ھەرگىــز كــۆپ خوتۇنلــۇق بولمىغان. قــۇل دېــدەك ئىشــلەتمىگەن. ھەتتــا قۇللــۇق تۈزۈمگــە قارشــى چىققــان. تەبىئەتتىكــى ھــەر زەررىچىنىــڭ تەڭرىنىــڭ بىردىــن پارچىســى ئىكەنلىكىنــى ئىلگىــرى ســۈرگەن جالالىدىــن رۇمــى ئىنســانلارنىڭ جىنســىيەت ئايرىمچىلىقــى قىلىــپ ئاياللارنــى خــور كۆرۈشــىنى نادانلىــق، جاھىلىيەتنىــڭ ئالامىتــى دەپ قارىغــان. ئــۇ يەنــە ھەممــە ئــادەم تەڭرىنىــڭ ئالدىــدا تــەڭ بــاراۋەر. جىنســى ئايرىمچىلىقنــى تەڭــرى قوبــۇل قىلمايــدۇ دەپ قارىغــان. جالالىدىــن رۇمىنىــڭ نەزىرىــدە ئەر-ئايالــلار تــوي قىلىــش ئارقىلىــق پۈتۈنلىشــىدۇ، ئىككــى تــەن بىــر تــەن بولىــدۇ، بۇنداق ئىككــى تەننىــڭ بىــر تــەن بولۇشــى بەختلىــك ئائىلىنىــڭ ئالدىنقــى شــەرتى دەپ قارىغــان. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:

ئەر-خوتۇن بىر-بىرسىگە ئوخشىشى لازىم. ئاياق ۋە مەسىلەرنىڭ جۈپلىرىگە قارا. ئاياقنىــڭ بىــر تىلــى پۇتۇڭغــا چــوڭ كەلســە، ئىككىنجىســى كارغــا كەلمەيــدۇ. ئىشــىك قانىتىنىــڭ بىــرى كىچىــك، يەنــە بىرىنىــڭ چــوڭ بولغىنىنــى كۆردۈڭمــۇ؟ ئورمانــدا ئارســلان بىلــەن بۆرىنىــڭ جــۈپ بولغىنىنــى كۆردۈڭمــۇ؟ بىــر ئايالنىــڭ ئېــرى ۋە ياكــى بىــر ئەرنىــڭ ئايالــى باشــقا بىــر يەرگــە كەتســە، ئــۇزۇن ئۆتمــەي يەنــە بىــرى دەرھــال كېلىــدۇ. شــۇڭا ئەر-ئايالــلار بىر-بىرىدىــن ئايرىلمايــدۇ. ھــاۋادا ئۇچۇۋاتقــان قۇشــلارمۇ ئــۆز جۈپتــى بىلــەن بىرگــە ئۇچىــدۇ.

جالالىدىن رۇمى يەنە بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

ئاللاھ ئايالنى ئەرگە يولداش ياراتتى. ئادەم ھەرگىز ھاۋادىن ئايرىم قالمايدۇ. كۆرۈنۈشتە سۇ ئوتتىن ئۈستۈندۇر. كۆرۈنۈشتە ئەر ئايالدىن ئۈستۈندۇر. ئەممــا ئەمەلىيەتتــە ســۇنى ئوتنىــڭ ئۈســتىگە قويســاق ۋاراقــلاپ قاينايــدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەرلەر مەغلۇبىيەتچىلەردۇر. مەغلۇبىيەتكــە مۇھەببــەت ســەۋەپچى بولســا، نېمــە دېگــەن بەختلىــك ئــۇ مەغلۇبىيەتچىلــەر.

جالالىدىــن رۇمىنىــڭ نەزىرىــدە تەســەۋۋۇپ يولــى ئۆزىنــى ئۇنتــۇپ، تەركــى دۇنيــا بولــۇش ئەمــەس بەلكــى ئۆزىنــى ھەقىقىي تونــۇپ يېتىــپ كامالەتكــە يېتىــپ ئۆزىنــى قايتــا تاپماقتــۇر. بــۇ جاپالىــق يولــدا ھەقىقەتكــە يېتىــپ كامىــل ئــادەم بولۇش ئۈچــۈن تــوي قىلماســلىقتەك ئىنســانىيەتنىڭ قانۇنىيەتلىرىگــە قارشــى بولغــان غەيــرى نەرســىلەرگە ئــورۇن يوق. بەلكــى ئەكســىچە بــۇ كامالەتكــە يېتىــش يولىــدا ئۆزىنىــڭ نىكاھلىــق ھــالال جۈپتىدىــن ئىبــارەت بــۇ گۈزەللىــك بولســا ئەرلەرگــە مەنىۋىــي ئوزۇقتــۇر. جالالىدىــن رۇمىنىــڭ نەزىرىــدە ئەرلەرنىــڭ ئاياللاردىــن ئۈســتۈنلىكى جىســمانىي جەھەتتىكــى ئۈســتۈنلۈك بولــۇپ، بــۇ ئەمەلىيەتتــە ھەقىقىــي ئۈســتۈنلۈك ھىســاپلانمايدۇ دەپ قارايــدۇ. ئــۇ بــۇ توغرىســىدا مۇنــداق دەيــدۇ:

ئــەي يىگىــت! ئەرلەرنىــڭ ئاياللاردىــن ئۈســتۈنلىكى قــۇۋۋەت، قازانــچ ۋە مال-مۈلــۈك جەھەتتىكــى ئۈســتۈنلىكى ئەمــەس. ئۇنــداق بولىدىغــان بولســا ئارســلان بىلــەن پىــل كۈچلــۈك بولغانلىقــى ئۈچــۈن ئىنســانلاردىن تېخىمــۇ ئۈســتۈن، تېخىمــۇ ئۇلــۇغ بولغــان بولاتتــى. ئەرلەرنىــڭ ئاياللاردىــن ئۈســتۈن بولۇشــى ئايالنىــڭ نەزىرىدىكــى ئەرنىــڭ تېخىمــۇ يىراقلارنــى كۆرەلىشــىدىن بولغــان. ئــەر كىشــى ئىشــنىڭ نەتىجىســىنى پــەرەز قىلىــپ كۆرەلمىســە، بۇنــداق ئەرنــى ئــەر دېگىلــى بولمايــدۇ. ئــادەم بالىســى يىگىتلىكتــە زالئوغلــى رۇســتەمدەك، ھەمزىــدەك جەســۇر بولســىمۇ يەنىــلا قــارار قىلىشــتا ئايالىنىــڭ ئەســىرىدۇر.

يۇقارقــى ســۆزلەر يەنىــلا ئاياللارغــا بولغــان ھۆرمــەت، مۇھەببەتنــى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئىككىلىســىنىڭ «بىرلەشــتۈرۈلگەن» لىكىنىــڭ ئىپادىســىدۇر. يەنــى ئاشــىقتا بىربىرلىرىنى ســۆيگەن ئايرىم بىرلىكنىــڭ بىرلىشــىپ، پۈتۈنلۈشــۈپ نەتىجىگــە ئېرىشــكەنلىكىدۇر. جالالىدىــن رۇمــى ئۆمــۈر بويــى ئىلغــار پىكىرلىــرى بىلــەن قاتتىــق قېتىــپ مومياغــا ئايلىنىــپ قالغــان دىنىــي ئەقىدىلەرگــە، ئەركىــن تەپەككۇرنــى بوغۇدىغــان قائىدە-يوســۇنلارغا قارشــى جــەڭ ئىــلان قىلغــان. بولۇپمــۇ جالالىدىــن رۇمــى قۇلچىلىق ئىدىيىســىنى، مۇتەئەسســىپ كــۆز قاراشــلارنى ياقىلىمىغــان. ئەممــا كېيىنكىلــەر جالالىدىــن رۇمىنىــڭ ھەقىقىــي ئىدىيەلىرىنــى خۇنۈكلەشــتۈرۈپ خىيالىــي پىكىــر ۋە تۇيغــۇلار بىلــەن بوغــۇپ، ھۆكۈمــران ســىنىپلار ئۈچــۈن خىزمــەت قىلىدىغــان قورالغــا ئايلانــدۇرۇپ قويغــان.

مەنبە: «جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى» ناملىق كىتاب

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top