ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئىنسان ھاياتىدا بىلىمنىڭ رولى

ئىنسان ھاياتىدا بىلىمنىڭ رولى

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

كىمكى كامىل بولسا، يوق غەپلەت ئاڭا،
غەپلىتىدە ئىلىم ھېكمەت ئەقلى بار.
كىمكى جاھىل بولسا، يوق ھېكمەت ئاڭا،
ئىلمىمۇ غەپلىتىدۇر ئاشىكار.
– مەۋلانا

جالالىدىــن رۇمىنىــڭ نەزىرىــدە ھەقىقىــي بىلىــم ئىگىســى، ئىنســاننىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغــا، ئــەڭ كىچىــك ئىھتىمالــى بولغــان نەرســىلەرنىمۇ چەتكــە قاقمايدىغــان پــەرق ئېتىــش قابىليىتىگــە، بۈيــۈك ئىــدراك كۈچىگــە، ھاياتنــى ســۆيۈپ ياشــاش ۋە ئىنســانپەرۋەرلىك روھىغــا ئىگــە بولۇشــى كېــرەك.
مەدىرىســلەردە ئۆگەنگــەن بىلىملــەر كىشــىنى بىلىمگــە ئىگــە قىلىشــى مۇمكىــن. بىــراق ئوقۇمــاق، بىلىملىــك بولماقنىــڭ ئۆزىــلا ئىنســاننى ھەقىقىــي مەنىــدە ياشــاش ھەقىقەتلىرىگــە ئېرىشــتۈرمەيدۇ. مەيلــى مەكتەپكــە بېرىــپ ئوقــۇ، مەيلــى ئــاڭلا، مەيلــى ئۆزلۈكىڭدىــن ئۆگــەن، ئىگەللىگەنلىرىــڭ پەقــەت تاشــقى جەھەتتىكى يۈزەكــى بىلىملــەر. ھەقىقىــي ئىچىدىكىنى كــۆرۈپ ئۇنى ســەزگۈلىرى بىلــەن بىرلەشتۈرمىســە، كۈچلەندۈرمىســە ئىنســان «خــام ســوپى» بولــۇپ قالىــدۇ دەپ قارايــدۇ.
جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:
ئىلىــم ســۆيەر بولــۇش بىلــەن ئالىــم بولــۇش پەرقلىــق. قانچىلىغــان ئالىمــلار بىلىــم مەدىكارلىرىدىــن بولــدى. ســەن ئىلىــم ســۆيەر بــول. ئىنســان ئۆگەنگــەن تاشــقى بىلىملىــرى بىلــەن بىللــە يەنــە بىلمىگــەن نەرســىلەرنى ئۆگىنىشــكە، ئۆزىنــى تەربىيەلەشــكە، ۋاقتــى كەلگەنــدە جاپــا چېكىشــكە تەييــار تــۇرۇش ئارقىلىــق ئۆزىنــى بىلســە ئــۇ چاغــدا ئــۇ ئىنســان ئۆزىنــى تېپىشــتىن ئىبــارەت توغــرا بىــر يولــدا دەپ قارايــدۇ.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
سۇئالمۇ بىلىمدىن تۇغۇلىدۇ، جاۋاپمۇ.
تىكەن تۇپراق بىلەن سۇدىن ئۈنىدۇ، گۈلمۇ.
ئەسكىلىك بىلىمدىن بولىدۇ، توغرىلىقمۇ،
ئاچچىق ھورلاندۇرۇشتىن بولىدۇ تاتلىقمۇ.

تەپەككــۇر بىلــەن بىلىــم ئادەتتــە ئىــچ ئىچىدىــن گىرەلىشــىپ كەتكــەن بولىــدۇ. يىتەرلىــك بىلىمگــە ئىگــە بولغــان بىــر ئــادەم تەپەككــۇر قىلىــش ئارقىلىــق بىــر نىشــانغا يەتمىســە، مەســىلىلەر ئۈســتىدە پىكىــر يۈرگۈزمىســە، تەكشــۈرۈپ تەتقىــق قىلمىســا يېڭــى ئىدىيــە ۋە بىلىمگــە ئېرىشــەلمەيدۇ. ئۇنىــڭ ئۈچــۈن ئىنســان ئۆگەنگــەن نەرســىلىرىنى ئەمەلىيەتكــە تەتبىقــلاپ تەپەككــۇر قىلىــش ئارقىلىــق يېڭى-يېڭــى ئىدىيەلەرنــى ئوتتۇرىغــا قويــۇش قابىلىيىتىگە ئىگىــدۇر. بــۇ ئالاھىدىلىكلەرگــە ئىگــە بولغــان بىلىــم ئادەملىــرى ھەقىقەتكــە بــەك يېقىــن ۋە ھاياتقــا ئوچــۇق دېرىزىلەردىــقارايدىغــان، تېخىمــۇ ئاڭلىــق كۈچكــە ئىگــە بولغــان شەخســلەردۇر.شــۇنى بىلىشــىمىز كېرەككــى، ھاياتتــا ئادەمــدەك ياشىشــىمىز ئۈچــۈن ئېســىل ئەخلاققــا ئىگــە بولــۇش بىلــەن بىرگــە بىلىملىــك بولمــاق ۋە بــۇ بىلىــم ئارقىلىــق تەپەككــۇر كۈچــى بىلــەن مىللىتىمىزگــە جۈملىدىــن ئىنســانىيەتكە خىزمــەت قىلماقتــۇر. بىلىملىــك زىيالىيلارغــا ھــەر ۋاقىــت مىللىتىمىزنىــڭ يۈكــى يۈكلىنىــدۇ. مەيلــى قايســى جەھەتتىــن بولســۇن بىــر بىلىم ئىگىســى بولســىڭىز شــۇ جەھەتتىكــى مىللىتىمىزنىــڭ يۈكىنــى ئۈســتىڭىزگە ئېلىشــقا مەجبۇرســىز. ھېــچ شۈبھىســىز شــۇ جەھەتتىكــى بىلىمىڭىــز ئاشقانســېرى ئۈســتىڭىزگە ئالىدىغــان يۈكمــۇ ئېغىرلايــدۇ. شــۇنداق بولغاندىــلا مىللىتىمىزنىــڭ ئــەڭ پەزىلەتلىــك زىيالىيلىرىدىــن بولالايســىز. چۈنكــى بىــز ئۇيغــۇرلار ھازىــر شــۇنداق زىيالىيلارغــا باشــقا مىللەتلەردىــن بەكــرەك ئىھتىياجىمىــز بارلىقىنــى ھــەر بىرىمىــز ئوبــدان بىلىمىــز. ھەقىقىــي بىلىــم مەڭگۈلــۈك خەزىنىــدۇر. بــۇ توغرىســىدا جالالىدىــن رۇمــى مۇنــداق دەيــدۇ:

تۇپراقتا ئۈنگەن گۈللەر يوق بولۇپ كېتىدۇ،
كۆڭۈلدە ئۈنگەن گۈللەر مەڭگۈ قالىدۇ.
بىز ئۆگەنگەن ئۇ تاتلىق بىلىملىرىمىز،
كۆپ بولغاندا باغدىكى ئۈچ دەستە گۈلدۇر.

باغچىنىڭ ئىشىكىنى ئۆزىمىز ئېتىپ قويۇپ،
ئۇ ئۈچ دەستە گۈلدىن قانائەتلىنىپ قالدۇق.
ئىسىت، شۇنداق باغچىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى،
قوساقنىڭ كويىغا چۈشۈپ يۈتتۈرۇپ قويدۇق.

بــۇ يــەردە يەنــە مۇھىــم بولغىنــى بىــز ئۆگەنگــەن بىلىملەرنى توغــرا يولــدا ئىشلىتىشــىمىز، ئەمەلىيەتكــە بىرلەشــتۈرۈپ تەپەككــۇر قىلىشــىمىزدۇر. ھەرگىــز ئــۇ بىلىــم بىلــەن ئۆزىمىزنــى زىننەتلــەش ئەمەســتۇر. چۈنكــى ئــۇ بىلىملــەر يالغــۇز ئۆزىڭىــز ئۈچــۈن بولماســتىن بەلكــى پۈتــۈن مىللىتىمىز ۋە شــۇنىڭدەك ئىنســانىيەتنىڭ بەخت-ســائادىتى ئۈچــۈن خىزمــەت قىلدۇرۇشــتۇر.شــۇنى بىلىشــىمىز لازىمكــى، نــادان كىشــىلەر خەتەرلىــك بولۇشــى مۇمكىــن، ئەممــا بىلىملىــك بىرىســىنىڭ بىلىمىنــى توغــرا يەرگــە ئىشلەتمەســلىكى چــوڭ پاجىئەلەرگــە ســەۋەپ بولۇشــى ئېنىــق. بۇ توغرىسىدا جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ:

نــادان بىلــەن ئولتــۇرۇپ بــال يېگەندىــن ئالىــم بىلــەن ئۇيقــۇدا بولغــان شۈبھىســىز بىدار(ھۇشــيار)دۇر. ۋاي ئىســىت! ئــۇ نــادان، بىلىمســىزلەر بىلــەن دوســت بولغــان بىدارلارغــا. ئالىــم بىلــەن ئولتــۇرۇپ قــۇرۇق نــان يېگــەن ياخشــى. بىلىمســىز ۋە ئەســكى ئىنســانلارنىڭ كۆپلىكىدىــن بىلىملىــك ئەزىــز كىشــىلەر زۇلۇمغــا ئۇچرايــدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:
نــى نــى ئالىمــلار باركــى ھەقىقىــي بىلىمدىــن، ھەقىقىــي ئىرپاندىــن نېسىۋىســى يــوق. بۇنــداق ئالىمــلار ھافىــزدۇر. ئەممــا ئىلىمگــە مۇھەببىتــى يــوق.

بــەزى ئالىمــلار بىلىمنىــڭ يــۈز مىــڭ تۈرىنــى بىلىــدۇ. ئەممــا ئۆزىنــى بىلمەيدۇ. شــۇڭا ئىنســان بىلىملىــك بولــۇش بىرگــە ئۆزىنــى بىلىشــى، ئۆزىنــى تونــۇپ يېتىشــى لازىــم. خاتالىقلارنىــڭ يــۈز بېرىشــىدىن ساقلىنىشــى كېــرەك. ئۇنىڭدىــن باشــقا ئــادەم ئۆزىگــە كېرەكلىــك بىلىملەرنــى ئۆگىنىشــى لازىــم. كېرەكســىز بىلىــم ئارقىلىــق ھاســىل بولغــان چۈشــەنچىلەر، پىكىرلــەر بــاش ئايىغــى يــوق، قىرغاقســىز دېڭىزغــا ئوخشــايدۇ. بىــر ئــادەم قانچىلىــك بىلىملىــك بولســا بولســۇن، ھايــات قارىشــى، كىشــىلىك مۇناســىۋىتى، ئىجتىمائىــي ئورنــى قوســاقتىكى بىلىمگــە چۇشــلۇق بولمىســا، ئىش-ھەرىكەتلىرىمــۇ بىلىمگە يارىشــا بولمىســا ئــۇ ئادەمنىــڭ ئادەتتىكــى بىرىســىدىن ھېچقانــداق پەرقــى بولمايــدۇ. جالالىدىــن رۇمــى بــۇ توغرىســىدا مۇنــداق دەيــدۇ: «بۇنــداق ئىنســانلارنىڭ دۈمبىســىگە كىتــاب يۈدۈۋالغــان، ساۋاتســىز  ھاممالدىــن پەرقــى يــوق.» بىلىملىــك ئادەمنىــڭ ئۇيقۇســى ئىبادەتتىــن ئۈســتۈندۇر. بولۇپمــۇ ئــۇ بىلىــم ئادەمنــى غەپلەتتىــن ئويغىتىدىغــان بىلىــم بولســا. بىــر ئــادەم دۇنيادىكــى ئــەڭ داڭلىــق كىتابلارنــى ئوقۇغــان بولۇشــى مۇمكىــن. ھەتتــا ئــەڭ ئالىــي ئۇنۋېرســىتېتلاردا ئوقــۇپ دىپلومىلارنــى ئالغــان بولۇشــى مۇمكىــن. تەبئىيكــى بــۇ ئىگەللىگەن بىلىملــەر بىلىملىــك بولــۇش يولىــدا ۋە يېڭــى پىكىرلەرنــى ئوتتۇرىغا قويۇشــتا بۈيــۈك بىــر ئىلگىرىلەشــتۇر. ئەممــا بۇلارنــى ئەمەلىيەتكــە تەتبىقــلاپ تېخىمــۇ چوڭقۇرلاشــتۇرمىغىچە، مىللىتىمىزنىــڭ كەلگۈســى ئۈچــۈن خىزمــەت قىلدۇرمىغۇچــە ئــۇ ئىگەللىگــەن بىلىملــەر كــەڭ بىــر قۇپقــۇرۇق مەيداننىــڭ ئوتتۇرىســىدا بىكاردىــن ئېرىــپ تۈگەيدىغــان مۇزغــا ئوخشــاپ قالىــدۇ. ئىگىســىنى كۆڭــۈل ئەھلــى قىلغــان ئىلىــم ئادەمگــە پايــدا ئەكىلىــدۇ. يالغــۇز بەدەنگىــلا تەســىر قىلغــان، ئىنســانغا ياردىمــى بولمىغــان بىلىــم ئادەمگــە يۈكتــۇر. بىلىم ۋە ھېكمەت يولدا توغرا يول كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. ھەممــە تەرىپــى تۈز يــول بولســا ئىــدى بىلىــم ۋە ھېكمەتنىڭ ئەھمىيىتــى بولمايتتى. جالالىدىــن رۇمــى ئىنســاننىڭ ئۆزىگــە ياراملىــق بىلىملەرنــى ئۆگىنىشــىنىڭ قانچىلىــك مۇھىملىقــى ئۈســتىدە توختىلىــپ «مەســنەۋى» ناملىــق ئەســىرىدە ھەزرىتــى ئەيســانىڭ ھېكايىســى، پەيلاســوپنىڭ ھېكايىســى ۋە تىلشۇناســنىڭ ھېكايىســى قاتارلىــق بىرقانچــە ھېكايىنــى ســۆزلەيدۇ.

تىلنىــڭ گرامماتىكىلىرىنــى ناھايىتــى ياخشــى بىلىدىغــان بىــر تىلشــۇناس ئالىــم كېمىگــە چىقىپتــۇ. بــۇ تەكەببــۇر تىلشــۇناس ئۆزىنــى ناھايىتــى قابىلىيەتلىــك دەپ ئويلايدىكــەن، شــۇ ســەۋەپتىن باشــقا كىشــىلەرنى ياراتمايدىكــەن. كېمــە چەكســىز دېڭىــزدا كېتىۋاتقانــدا، تىلشــۇناس كېمىچىنــى مەنســىتمىگەن قىياپەتتــە: «ھــەي كېمىچــى، ســەن گرامماتىــكا بىلەمســەن؟» دەپ ســوراپتۇ. كېمىچى «ياق بىلمەيمەن، ھېچ  ئوقۇمىدىم.» دەپتۇ. تىلچــى «ئىســىت، ئۆمرۈڭنىــڭ يېرىمــى بىــكار ئۆتــۈپ كېتىپتــۇ» دەپتــۇ. بــۇ ســۆزنى ئــاڭلاپ كېمىچــى خاپــا بوپتــۇ، تېرىكىپتــۇ. ئەممــا ئاچچىقىنــى ئىچىگــە يۇتــۇپ ھېــچ گــەپ قىلماپتــۇ. تۇيۇقســىزلا بــوران چىقىــپ، دېڭىــز ســۇلىرى دولقۇنلاشــقا باشــلاپتۇ-دە، كېمــە خەتــەر ئىچىــدە قاپتــۇ. كېمىچــى ئــۇ تىلچىغــا ۋاقىراپ «ســۇ ئۈزۈشــنى بىلەمســىز؟» دەپ سوراپتۇ. تىلچــى قورققىنىدىــن تىتــرەپ تــۇرۇپ «ئــەي يىگىــت، بىلمەيمــەن!» دەپتــۇ. كېمىچــى مۇنــداق دەپتــۇ: «ئــەي تىلشــۇناس ئالىــم، ئۇنداقتا ســېنىڭ پۈتــۈن ئۆمــرۈڭ بىــكار ئۆتــۈپ كېتىپتــۇ! بىرئازدىــن كېيىــن كېمــە چۆكىــدۇ، ســېنىڭ ئــۇ بىلىملىرىڭنىــڭ ھېــچ بىــرى كارغــا كەلمەيــدۇ» دەپتــۇ. تىلچىنىــڭ ھېكايىســى ســىزگە يــوق بولماســلىقنىڭ تىلىنــى ئاڭلىتىــش ئۈچــۈن بىــر دەرســتۇر.

مەنبە: “جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى” ناملىق كىتاب

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش