ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى – 2 (داۋامى)

بىر مىللەتنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى – 2 (داۋامى)

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سۈبھىنۇر ئۆمەر

(يازمىنىڭ ئالدىنقى قىسمىنى بۇ ئۇلانمىدىن ئوقۇڭ: https://www.akademiye.org/ug/?p=13897)

مىللەتنىڭ مۇستەقىل ماھىيتىنى ئىجتىمائىي بىر ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلغاندا مىللەتكە دائىر پۈتۈن ھادىسەلەرنىڭ سەۋەبىنى ئىجتىمائىي ئامىللاردىن ئىزدەشنىڭ زۆرۈز ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىر ئىلىمنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تېمىسىدىن ئىبارەت مۇستەقىل بىر ھەقىقەتنىڭلا بولىشى كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ ھەقىقەتنىڭ مۇقىملاشتۇرۇش پرىنسىپىگە ئاساسلانغاندا، ھەر ھادىسىنىڭ بۇ ھەقىقەت دائىرىسى ئىچىدىكى مۇئەييەن سەۋەپلىرى بولىشى كېرەك. ئەگەر فىزىكىلىق، بىئولوگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك ھەقىقەتلەر مۇقىملاشتۇرۇش قانۇنىغا بويسۇنمايدىغان بولسىدى، فىزىكا، بىئولوگىيە، پىسخىلوگىيە ئىلىملىرى ئوتتۇرۇغا چىقمىغان بولاتتى. ئەڭ ئاۋۋال، ئىجتىمائىي مۇقىملاشتۇرۇش پرىنسىپىنى ھەقىقەت تەرىقىسىدە قوبۇل قىلمىغاندا، ئىجتىمائىي ھەقىقەتنىڭ قانۇنلىرىنى تېپىشقا ئۇرۇنمىغان بولاتتى ۋە بۇ تېپىلمىغاندا جەمىيەتشۇناسلىق ئىلمى ھاسىل بولالمايدۇ. مىللىي ھادىسەلەرنى ئىجتىمائىي ئۇسۇل بىلەن تەتقىق قىلىش زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ ھادىسىلەرنىڭ يېقىن سەۋەپلىرىنىمۇ ئىجتىمائىي ھادىسىلەر ئىچىدىن تېپىش كېرەك.

پۈتۈن بىئولوگىيلىك ھادىسىلەردە بولغىنىدەك، ھەر ئىجتىمائىي ھادىسە، ئۈزلۈكسىز بولۇش ئۈچۈن ئائىت بولغان مىللەتنىڭ ھاياتىغا پايدىلىق خىزمەتلەرنى قىلىشى كېرەك. لىكىن ئىجتىمائىي ھادىسەلەر بۇ پايدىلىق خىزمەتلەرنى ئاساس قىلغان ئەمەس. بۇلار ئۆتمۈشتىكى ئىجتىمائىي سەۋەپلەرنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان. بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىنلا نەچچە يۈز يىل داۋاملىشالىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي بىر ۋەزىپىگە خىزمەت قىلىشى لازىم. ھەتتا بىر ئىجتىمائىي ھادىسە باشلىنىشتا مەلۇم بىر خىزمەتنى قىلغان بولسا ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئىجتىمائىي شەرتلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ باشقا بىر خىزمەتكە يۆنىلىشىمۇ مۇمكىن. ئۇنداقتا ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ پەقەت سەۋەپلىرىنىلا ئەمەس ئوخشىمىغان زامانلاردا ئۈستىگە ئالغان ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ ئۈستىگە ئالغان سەۋەپ ۋە خىزمەتلىرىدىن باشقا قىممەتلىرىمۇ بولىدۇ. ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ قىممىتىنى ئۆلچەشتىكى بىردىن بىر ۋاستە ئىستاتىستىكىدۇر. بىر يۇرتتىكى يىلىغا يۈز بەرگەن قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاجرىشىشلارنىڭ سانىنى كۆرسىتىدىغان ئىستاتىستىكىلىق رەقەملەر شەخسىي ھاياتنىڭ ھۆرمىتى، شەخسىي مۈلكنىڭ قوغدىنىشى، نىكاھنىڭ قۇتساللىقى ھەققىدىكى ئىجتىمائىي ھىسسىياتلارنى ئۆلچەيدۇ.

بىر يەردە قاتىللىق ۋەقەسى قانچە كۆپ يۈز بەرسە شەخسىي ھاياتىنىڭ قىممىتىنىڭ شۇنچە ئاز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىتى. بىر دۆۋلەتتە ئاجرىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولسا ئۇ يەردە نىكاھنىڭ قىممىتىنىڭ ناھايتى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ.

ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتلىرىنى چۈشىنىۋالغاندىن كىيىن، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ نىمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش لازىم.
ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، ھەقىقەتنىڭ مۇستەقىل بىر تۈرى بولغانلىقتىن ئۇنى فىزىكىلىق، بىئولوگىيلىك ۋە پىسخىلوگىيلىك ھادىسىلەردىن تېپىشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەتتە كۆرۈلگەن بىردىنبىر ھادىسە ئىنسانلار توپى ۋە مۇئەسسەسەلەردۇر.

ئىنسانلار توپى، خۇسۇسىي تايانچلار بىلەن بىر بىرىگە باغلانغان شەخسلەرنىڭ توپلىمىدۇر. ئائىلە، يېزا، جەمەت تەبىقە، قەبىلە، ھەيئەت، ئۈممەت، دۆلەت ۋە مىللەتكە ئوخشاش.

مۇئەسسەسە بولسا بۇ ئىنسانلار توپلىرىنىڭ ئەزالىرىغا خاھىشى بويىچە ياكى مەجبۇر قوبۇل قىلدۇرغان ئىددىيە، ھەرىكەت شەكلى. دىنى ئېتىقاد ۋە دىنى مۇراسىم، ھوقوقى ۋە ئەخلاقى دەستۇرلار، تىل ۋە بەدئىي قائىدىلەر، ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكلەر، پەننى ئۇسۇللارغا ئوخشاش.

ئىنسانلار توپى ۋە مۇئەسسەسەلەر، مىللەتلەر، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈك دۇنياسىدىكىگە ئوخشاش تۈرلەرگە ئايرىلالايدۇ. بىر ھەقىقەتكە مەنسۇپ بولغان شەخسلەر، ئومومىي جەھەتتىن تۈرلەرگە ئايرىلمىغاندا، ئۇ ھەقىقەتكە باغلىق بىر ئىلىمنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ. ئىلىم – پەن پەقەتلا ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئومومىي قانۇنلارنىڭ ئىجادى ئۈچۈن ئومۇمىي تىپلەر ئوتتۇرىغا چىقىشى كىرەك. مىللەتلەر تېخىچە تامامەن ئىلمىي ھالدا دەرىجىگە ئايرىلمىدى. يىڭى بىر ئايرىم ئوتتۇرىغا چىققۇچە تەتقىقاتلاردا ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش بىلەن بىللە ئۇسۇل ۋە ئۆتكۈنچى ماھىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي بىر دەرىجە ئايرىمنىڭمۇ ياردىمى بولىدۇ. بۇ سەۋەپلىك بىر دەرىجە ئايرىمىنى كىيىن سۇنىمىز.

مىللەتلەر، ئىپتىدائىي قەۋىملەر ۋە مىللەتلەر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئىپتىدائىي قەۋىملەر نېمىسلارنىڭ ناتۇرۋېركەل ئىسمىنى بەرگەن تۇنجى ئىجتىمائىي تىپلەردۇر. بۇلارنى خاراكتىرىستىك قىلغان ئاساسىي تەشكىلات، سەمىييەدۇر. سەمىييە دىنى يېقىنلىق بىلەن بىر بىرىگە باغلانغان نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ شەخسلەردىن تەركىپ تاپقان ئائىلىۋى بىر ئىنسانلار توپىدۇر.

سەمىييەنىڭ ئالاھىدىلىكى، شەخسلەرنىڭ ئېتىراپ قىلغان ئورتاق ئەجدادى خىيالىي ياكى ھەقىقىي بىر مەۋجۇداتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغانلىقىدۇر. ئورتاق ئەجداد يەنە سەمىييەنىڭ خاس تەڭرىسى دەپ قارىلىدۇ.

سەمىييەنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا ئورتاق مەسئۇلىيەت ۋە ئورتاق ئىنتىقام قائىدىلىرى بار. ئىپتىدائىي قەۋىملەردە تېخى ئاممىۋىي ھوقۇق ۋە شەخسىي ھوقۇق تۇيغۇسى شەكىللەنمىگەنلىكتىن سەمىييەلىلەردە ھەق ئىگىسى سۈپىتىدە پەقەتلا ئالاھىدە

ھوقۇق تۇيغۇسى مەۋجۇتتۇر. بۇنداق جەمىئەتلەردە مەركەزلەشكەن ئاممىۋى ھوقۇق بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىر سەممىيە ئەزاسىنىڭ ئۆزىگە خاس ھوقوقى باردۇر. سەممىيەلەر بىرلىشىپ قەبىلىلەرنى، قەبىلىلەر بىرلىشىپ جەمەتلەرنى، جەمەتلەر بىرلىشىپ ئىتتىپاقداشلارنى تەشكىل قىلسىمۇ بۇ كەڭ ئىنسانلار توپلىرىمۇ ئاساسەن سەمىييەدەك بىر ئائىلىۋىي ماھىيەتتىدۇر.

ئىتتىپاقلاشقان بىرلىكلەر ياكى جەمەتلەر تۇنجى ئوتتۇرىغا چىققان سەمىييەلەر بولۇپ باشقىسى بۇلارنىڭ پارچىلنىشىدىن ھاسىل بولغان ئىنسانلار توپىدۇر. بۇنداق بولغاندا قەبىلە، جەمەت ياكى ئىتتىپاق رەئىسلىرىمۇ سەمىييە رەئىسىدەك بىر ئائىلىنىڭ چوڭى ماھىيتىدە، بۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ھوقۇقى باردۇر. بۇ قەۋىملەردە جازا، ئۆزىگە خاس ماھىيەتتە بولۇپ ئۆچ ئېلىش، قىساس تەرىقىسىدە ئىجرا قىلىنىدۇ، دىيەت تۆلىسىمۇ بولىدۇ. سەمىييەلەردىكى ھوقۇق دىنى بىر ماھىيەتتە بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭلىرى دىنى رەئىسنىڭ ئورنىدا بولغان بولىدۇ.

ئىپتىدائىي قەۋىملەر تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ

بىرىنجىسى، ئايرىلمىغان سەممىيە قەبىلىلىرى

ئاۋىستىرالىيەدىكى قەۋىملەر بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بۇلار ئۆز- ئارا بارابەر، ئارىسىدا دەرىجە پەرقى بولماستىن توپلانغان توتېملىك سەمىييەلەردىن تەشكىل تاپقان. سەمىييەلىلىەر يىڭى ئۆزگىرىشلەرگە تېخى دۇچار بولمىغانلىقتىن بۇ قەۋىملەر ئەڭ ئاددى ئىپتىدائىي قەۋىملەردۇر.

ئىككىنجىسى، ئايرىلغان سەمىييە قەبىلىلىرى

بۇ قەۋىملەردە توتېملىك سەمىييە مەۋجۇت بولۇش بىلەن بىرگە يوقاپ كىتىشكە قاراپمۇ يۈز تۇتقان بولىدۇ. بۇ ئىككى ئاساس سىنىپلاردىن، ئەسكەرلىكلەر، دىنى تەرىقەتلەردىن تەشكىل تاپقان بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئورگانلارنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋە بۇلارنىڭ ھەممىسى سەمىييەنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدۇر. شىمالى ئامېرىكا ھىندىلىرى بۇنىڭ مىسالى.

ئۈچىنچىسى، قەبىلىۋى مىللەتلەر

بۇ مىللەتلەردە توتېم مۇئەسسەسى پۈتۈنلەي يوقالغان، سەمىييەنىڭ ئىسىمدىشى بولغان ئورتاق ئەجدادى بىر ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك بولۇپ بۇ تۈرلەردىن باشقا شەخسلەرنىڭ سەمىييەنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر تۇققانلىرى دەپ بىلىنىشىگە ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك توتىمى دىيىلىدۇ. توتېم، ھاۋا ۋە ئاسمان ھەرىكەتلىرىدىن، جانسىز مەۋجۇداتلار ئارىسدىن تاللانغان بولىدۇ. قەبىلىۋى مىللەتلەردە بولسا ئورتاق ئەجداد ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك بولماستىن ھەقىقى بىر ئىنساندۇر. بۇ مىللەتلەردىكى سەمىييەلەرنىڭ ئاخىرىقى ئىزلىرىنىڭمۇ توتېملا بىر باغلىنىشى قالمىغان.

توتېملىك سەمىييەلەر ئاساسەن ئانا ئەجدادتىن، قەبىلىۋى مىللەتلەردە بولسا ئاتا ئەجدادتىن بولىدۇ. بۇ مىللەتلەردە سەمىييەنىڭ تايانچ كۈچى ئازىيىپ، جەمەتنىڭ تايانچ كۈچى زورايغان ۋە جەمەت ئۆز مەۋجۇدىيتى ۋە بىرلىكىنى يۇقىرىدىكى ئىككى تۈرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىپ ئويلاشقا باشلىغان. بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە ئافرىقىدىكى داخومەيلەرگە قارىساق بولىدۇ.

تۆتىنجىسى، چىكىنىشتىكى ئىپتىدائىي مىللەتلەر

بۇ مىللەتلەردە سەمىييە پۈتۈنلەي يىشىلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا مىللى تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسى قۇرۇلىشقا باشلىغان. بەزى ئېتنولوگلار بۇ تىپتىكى جەمئىيەتلەرنى كىچىك ئائىلىلەردىن تەركىپ تاپقان ۋە سەمىييەۋى تەشكىلاتلاردىن خالىي دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى ئەڭ ئاددىي ئىپتىدائىي مىللەت دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشلىرىمۇ خاتا. كىچىك ئائىلىلەرنىڭ ئاتا جەمەت ئائىلىلەردىن، بۇلارنىڭمۇ ئانا جەمەت سەمىييەلەردىن تۆرەلگەنلىكى ئىسپاتلانغاندەك قىلىدۇ. ئۇنداقتا سەمىييەلەرنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن ئاددى بىر ئىجتىمائىي چىكىنىش نەتىجىسى كىلىپ چىققانلىقىدا شۈبھە يوقتۇر. سەيلان ئارىلىدىكى ۋەددالار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

(بۇ يەرگىچە ئوتتۇرىغا قويغانلىرىمىز جەمئىيەتشۇناس لاننىنىڭ 11.ۋە 12. جىلدىدىن ئېلىنغان.)

داۋامى بار…

تەھرىر: پەرىزات غەيرەت

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «مىللىي تەتەببۇلار مەجمۇئاسى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش