نەي
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئاڭلا شىكايەت قىلماقتا دائىم بۇ نەي،
ئاڭلىتار دائىم جۇدالىقتىن بۇ مۇڭ نەي.
-مەۋلانا
جالالىدىــن رۇمىنىــڭ تەپەككۇرىدىكــى نــەي، قۇمۇشــزارلىقتىن كېســىۋېلىنغان ئادەتتىكــى بىــر قۇمــۇش بولماســتىن بەلكــى ئاشــىقنىڭ قولىدىكــى ئوتتــۇر، كۆڭۈلــدۇر. ماددىــي ۋە مەنىۋىــي جەھەتتىــن كامالەتكــە يەتكــەن ئادەمنىــڭ يەنــى تەســەۋۋۇپتىكى «ئىنســانى كامىل»نىــڭ ســىمۋولىدۇر. نــەي ئىنســانىيەت جەمئىيىتىــدە بىرىنجــى بولــۇپ مەيدانغــا كەلگــەن چالغــۇ ئەســۋابى بولــۇپ ھېســاپلىنىدۇ. نــەي ئۆزىنىــڭ مۇڭلــۇق ساداســى بىلــەن ئىنســانلارنى ئۆزىگــە مەپتــۇن قىلىدىغان، تەبىئەتنىــڭ بارلىــق گۈزەللىكلىرىنــى ئەســلىتىدىغان، ئىنســاننى ھــەم خــوش ھــەم يىغلىتىدىغــان ئاجايىــپ ســىرلارغا تولغــان بىــر مۇزىــكا ئەســۋابىدۇر.
بۈگۈنكــى كۈنگــە كەلگەنــدە نــەي تــۈرك مىللەتلىرىنىــڭ مەدەنىيىتىــدە مۇھىــم ئورۇننــى ئىگەللەپــلا قالمــاي بەلكــى يەنــە پۈتــۈن دۇنيــا خەلقىنىــڭ مەدەنىيىتىــدە مۇھىــم ئورۇنغــا ئىگــە بولــۇپ، پۈتــۈن دۇنياغــا كــەڭ تارقالغــان. ھەرقانــدا بىــر مۇزىــكا ئوركىســتىرىدا ئۆزىنىــڭ مۇھىــم ئورنىنــى نامايــەن قىلىــپ كەلمەكتە. ئىنســانىيەتنىڭ دىنىــي تۇيغۇلىرىنــى يۇقىــرى كۆتۈرۈشــتە ناھايىتــى مۇھىــم رولــى بولــۇپ، ئۇنىــڭ مۇڭلــۇق ناۋاســىدا ھەرقانــداق ئادەمنىــڭ ئىچــى ســۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولــۇپ، ئۇلــۇغ تەڭرىگــە بولغــان ئىشــقى تولــۇپ تاشــىدۇ. نەينىــڭ ساداســى ئادەملەرگــە گــۈزەل تەبىئەتنىــڭ گۈزەللىكلىرىدىــن بەھرىمــان بولــۇش زوقىنــى بېغىشــلايدۇ، يەتتــە تۆشــۈكىدىن چىققــان مــۇڭلار قۇشــلارنىڭ ھەرخىــل ئــاۋازدا سايراشــلىرىنى ئەســلىتىپ ئادەمنــى لەرزىگــە ســالماي قالمايــدۇ. ئۇنىــڭ ئۈچۈنمــۇ نەينىــڭ ساداســى ئىنســانىيەتنى ئۆزىگــە مەپتــۇن قىلغــان. تــۈرك خەلقــى ئىســلام دىنىنــى قوبــۇل قىلغاندىــن كېيىــن نەينىــڭ خەلــق ئىچىدىكــى ئورنــى تېخىمــۇ يۇقىــرى كۆتۈرۈلگــەن.
ئــۆز ۋاقتىــدا ئىســلامنىڭ تــۈرك دۇنياســىغا يېيىلىشــىغا ئالاھىــدە ھەسســە قوشــقان خوجــا ئەخمــەت يەســەۋى يېتىشــتۈرگەن نەچچــە يۈزلىگــەن مۇرتــلار يىــراق يېزا-قىشــلاقلارغا بېرىــپ ئىســلام دىنىنىــڭ ئىســىل ئەنئەنىلىرىنــى قوشــاققا قېتىــپ، مۇزىكىلاشــتۇرۇپ، نــەي، راۋاپ، داپ قاتارلىــق چالغــۇ ئەســۋاپلار بىلــەن ئورۇنــلاپ تارقاتقــان. بۇنــى كۆرگــەن يېزا-قىشــلاقتىكى كــەڭ چارۋىچــى ئامما مەدەنىيەتلىرىنىــڭ ئىســلام دىنــى بىلــەن زىــچ بىرلەشــتۈرۈلگەنلىكىنى كــۆرۈپ، ئىســلام دىنىغــا ئاســانلا مايىــل بولغــان ۋە ئۇنــى دەرھال قوبــۇل قىلغــان. ئۇنىڭدىــن باشــقا بۈيــۈك مۇتەســەۋۋۇپلاردىن ھاجــى بەكتــاش ۋەلــى ۋە جالالىدىــن رۇمــى قاتارلىقــلار نــەي قاتارلىــق چالغۇلارنــى تــۈرك مىللەتلىرىنىــڭ ئىچىگــە كــەڭ تارقىلىشــىدا ئالاھىــدە رول ئوينىغــان. بۇنىڭدىــن ئىســلام دىنىنىــڭ مۇزىكىغــا قارشــى بىــر دىــن ئەمەســلىكىنى نامايــەن قىلغــان.
ئــۆز ۋاقتىــدا پەيغەمبــەر ســەللەللاھۇ ئەلەيھــى ۋەسســەللەم قۇرئاننــى گــۈزەل، مۇڭلــۇق ئــاۋازدا ئوقۇشــنى بۇيرۇغــان. بۇنىــڭ بىلــەن قۇرئاننــى تەجۋىــت بىلــەن قىرائــەت قىلىــش ئادەتكــە ئايلانغــان. ھەزرىتــى بىلالنىــڭ ئاۋازىنىــڭ مۇڭلۇقلىقىنــى ســەزگەن ســۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىــز ئەزاننــى ھەزرىتــى بىلالنىــڭ توۋلىشــىنى بۇيرىغــان. ئەلۋەتتــە مۇڭلــۇق ئــاۋاز ۋە مۇزىــكا رېتىملىــرى ئىنســانغا زوق، ھــوزۇر ۋە گۈزەللىــك ئاتــا قىلــدۇ. ئىنســان روھىنــى جۇشقۇنلاشــتۇرىدۇ. ئىنســاننى ئالــلاھ ياراتقــان بارلىــق گۈزەللىكلەردىــن زوقلىنىشــقا ئۈندەيــدۇ. شــۇڭا ئۇلــۇغ دىنىمىــز ئىســلام ھېــچ بىــر ۋاقىــت مۇزىكىغــا قارشــى چىققــان ئەمــەس.
600 يىلدىــن ئارتــۇق دۇنياغــا ھۆكۈمدارلىــق قىلغــان ئوســمانلى 500 ئىمپىراتورلىقــى زامانىدىمــۇ مۇزىكىنىــڭ ئورنــى ھــەر قايســى تەبىقىدىكــى كىشــىلەرنىڭ ئارىســىدا ناھايىتــى يۇقىــرى ئورۇنــدا تۇرغــان. بولۇپمــۇ نەينىــڭ ئورنــى بارلىــق چالغۇلارنىــڭ ئارىســىدا ئالاھىــدە ئىتىبــار قازانغــان. ئەينــى زامانــدا جالالىدىــن رۇمــى نەيدىــن ئىبــارەت بــۇ مۇڭلــۇق چالغۇغــا ناھايىتــى ئەھمىيــەت بەرگــەن. نەينــى ئۆزىنىــڭ بارلىــق ئەســەرلىرى ئىچىگــە كىرگــۈزۈپ، مەزمــۇن بىلــەن ئارىلاشــتۇرۇپ يۇغۇرىۋەتكــەن. ئۇنىــڭ تەپەككۇرىدا نەي «ئىنســانى كامىل» غــا قىيــاس قىلىنغان. نەينىڭ ھــەر تۈرلــۈك ئالاھىدىلىكلىرىنى مۇجەسســەملەپ تەبىئىــي بىــر بارلىــق دەپ قارىغــان. شــۇڭا ئۇنىــڭ ئەســەرلىرىدە بــۇ توغرىســىدىكى پىكىرلىرىنــى ئىلگىــرى ســۈرىدىغان نۇرغــۇن بايانــلار بــار.
جالالىدىــن رۇمــى نــەي ئارقىلىــق ئادەمنىــڭ ئەســلى ماكانــى بولغــان ۋە ئەلەســت بەزمىســىدىكى ۋەدىلىرىنــى ئەمەلگــە ئاشــۇرۇش ســەۋەبى بىلــەن مەيدانغــا كەلگــەن قىيىنچىلىقلارنــى، ئامانەتلەرنى ۋە خىيانــەت ســەۋەبىدىن ئوتتۇرىغــا چىققــان ھېكايىلەرنــى ئاڭلىتىــدۇ. تەســەۋۋۇپتا ئالــلاھ بەندىلىــرى بىلــەن تېخــى روھ بەدەنگــە كىرمــەي تۇرۇپــلا بىــر ئەھدىنامــە تۈزگــەن دەپ قارايدۇ. ئىنســانلار شــۇ ۋاقىتتىــن تارتىپــلا ئاللاھنــى تونىغــان، يەنــى «ئەلەســتۇ بــى رەببىكىــم» دېگــەن. «ئەلــەس بەزمىســى» ئاللاھنىــڭ بىرلىكىنــى تونىغــان مەجلىســتۇر. ئالــلاھ شــۇ كۈندىــن بېــرى ھــەر بىــر روھقا بىــر كىملىــك ئاتــا قىلغــان. ئەنــە شــۇ روھ ئانــا ھەمرىيىــدە بەدەن بىلــەن ئۇچرىشــىپ، ئاللاھنىــڭ قۇدرىتــى بىلــەن توققــۇز ئايــدا شــۇنچىلىك گــۈزەل بىــر شــەكىلگە كىرىــپ، بــۇ ماددىــي ئالەمگــە ئاپىرىــدە بولىــدۇ.
ئالــلاھ ئادەمنــى ئاجايىــپ قابىلىيەتلىــك قىلىــپ ۋە ئەقىــل، تەپەككــۇر، كۆڭــۈل، ســۆيگۈ قاتارلىــق ئىنســاننى ئىنســان قىلغــان ئالاھىدىلىكلــەر بىلــەن يارىتىــدۇ. شــۇڭا بىــز ئىنســانلار بىزنــى ياراتقــان قــۇدرەت ئىگىســىگە ئىتائــەت قىلىشــقا شەرتســىز رازىبىــز. شــۇڭا ئىســلام دىنــى بويىچــە بــۇ دۇنيــادا ياشــايمىز ۋە ئالــلاھ ھوزۇرىغــا ئىمانىمىــز بىلــەن بارىمىــز. تەســەۋۋۇپتا ئادەمنىــڭ «ئەلــەس بەزمىســى» دىن تارتىپ ئاللاھ ھوزۇرىغــا قايتــا قايتىشــقىچە بولغــان پۈتــۈن جەرياننــى نەينىــڭ كەچۈرمىشــلىرىگە ئوخشــاتقان. يەنــى نــەي قۇمۇشــلۇقتا تۇرغــان چاغلىرىــدا داۋاملىــق يۇقىرىغــا قــاراپ ئۆســۈپ چوڭىيىدىغــان ۋە ئىزغىرىــن شــاماللاردا ياپيېشــىل بويلىرىنــى ئىغاڭشــىتىپ تۇرىدىغــان قۇمــۇش ئىــدى. مانــا شــۇ ســازلىقتىكى قۇمــۇش كېســىلگەندىن كېيىــن ئۇسســايدۇ، ســارغىيىدۇ، قۇرۇيــدۇ، ئاندىــن داغلىنىــپ تۆشــۈكلەر ئېچىلىــدۇ. ئاندىــن نەپــەس بىلــەن پۈۋلىگەنــدە ئۇنىڭدىــن ئاجايىــپ مۇڭلــۇق ئــاۋاز چىقىــپ، بــۇ دۇنيانــى لەرزىگە ســالىدۇ. بــۇ جەريــان بىــر ئارىــف (ئويغانغــان، پىشــىپ يېتىلگــەن ئادەم) نىــڭ ھايــات كەچۈرمىشــلىرىگە ئوخشــىتىلغان.
ئادەمنىــڭ بــۇ دۇنيادىكــى ھاياتــى ئوخشاشــلا ئەنــە شــۇ ســازلىقتىن كېســىۋىلىنغان قۇمۇشــتەك جەۋر-جاپالارنــى بېشــىدىن كەچۈرگــەن بىــر پۈتــۈن ئۆمــۈر مۇساپىســىدىن ئىبارەتتــۇر. يەنــى ئــادەم رەھىمســىز ۋە قۇپقــۇرۇق دۇنياغــا كەلگەنــدە سۇســىز قالىــدۇ، قۇرۇيــدۇ، ســارغىيىدۇ، روھــلار ئالىمىدىــن مەھــرۇم قالىــدۇ. ئاخىــرى مۇڭلــۇق ئاۋازلارنــى چىقىرىــپ زارلىنىــدۇ. ۋەتىنىنــى ســېغىنىپ ھىجــران دەردىــدە يۈرەكلىــرى لەختە-لەختــە بولىــدۇ. نــەي بىــر نەپەســنىڭ پۈۋلىشــى بىلــەن مۇڭلــۇق ئــاۋاز چىقىرىــدۇ. بــۇ يەردىكــى «پۈۋلــەش» ئاللاھنىــڭ ئىنســاننى ياراتقانــدا ئالــدى بىلــەن روھىنــى پۈۋلــەش ئارقىلىــق ياراتقانلىقىغــا ســىمۋول قىلىنغــان. نەيدىكــى يەتتــە تۆشــۈك بولســا ئــادەم ۋۇجۇدىدىكــى يەتتــە تۆشــۈككە ســىمۋول قىلىنغــان. نەيدىكــى توققــۇز بوغــۇم ئادەمنىــڭ ئانــا ھەمرىيىــدا ئۆتكۈزگــەن توققــۇز ئايغــا ســىمۋول قىلىنغــان. نەينىــڭ تــۈز بويــى كامىــل ئىنســاننىڭ ئىســىل خۇيلىرىغــا ســىمۋول قىلىنغــان. نەيدىــن چىققــان مــۇڭ ئارىــف ئادەمنىــڭ ئاشــىقىغا ئىزھــار قىلغــان ســۆزلىرى بولــۇپ ھېســاپلىنىدۇ. ئەنــە شــۇ مۇڭزارلارنــى ئاڭلىغــان كىشــىنىڭ ئاللاھقــا بولغــان سۆيگۈســى چەكســىز ئاشــىدۇ. جۈملىدىــن تەبىئــەت ۋە ئىنســانىيەتكە بولغــان مۇھەببىتــى تولــۇپ تاشــىدۇ. ئانــا ۋەتىنىگــە بولغــان چەكســىز سۆيگۈســى ئۇرغــۇپ تاشــىدۇ. بەزىــدە ھىجــران ئازابىدىــن ئادەمنىــڭ يۈرەكلىــرى پارەپــارە بولىدۇ.
مەۋلەۋىلىكتــە يەنــە نــەي توغرىســىدا مۇنــداق بىــر ھېكايىمــۇ بار: مۇھەممــەد ئەلەيھىســالام ئاللاھنىــڭ ئىھســان قىلغــان ســىر ۋە ھېكمــەت دېڭىزىدىــن بىــر تامچىنــى «ئىلىمنىــڭ ئىشــىكى» دەپ نــام ئالغــان ھەزرىتــى ئەلىگــە ئامانــەت بەرگــەن ۋە «بۇ ســىرلارنى ھەرگىــز ئاشــكارىلىما!» دەپ قايتا-قايتــا ئاگاھلاندۇرغــان. ھەزرىتــى ئەلــى بــۇ ئامانەتكــە بەرداشــلىق بېرەلمــەي، ۋەزىپىنىــڭ يۈكىدىــن ئىككــى پۈكلىنىــپ قالغــان ۋە چۆل-جەزىرىلەرنــى كەزگــەن. ئاخىرى يۈرىكىــدە ســاقلىنىۋاتقان ســىرلارنى بىــر قاراڭغــۇ قۇدۇقنىــڭ ئىچىگە تۆككــەن. بــۇ ســىرلارنى ئاڭلىغــان قۇدۇقمــۇ چىدىيالمــاي قاينــاپ تېشــىپ، ســۇلىرى يۇقىرىغــا ئۆرلــەپ چىققــان. قۇدۇقتىــن ئاققــان ســۇلار ئەتراپقــا يېيىلىــپ بىــر ســازلىقنى مەيدانغــا كەلتۈرگــەن. كۈنلەرنىــڭ ئۆتۈشــى بىلــەن بــۇ ســازلىقتىن ياپيېشــىل قۇمۇشــلار بــوي تارتىــپ ئۆسۈشــكە باشــلىغان. بىــر كۈنــى بىــر پادىچــى قويلىــرى بىلــەن بــۇ ســازلىقنىڭ بويىغــا كەلگــەن. پادىچــى قۇمۇشــلارنىڭ ســالقىن شــامالنىڭ تەســىرىدە لــەرزان لىڭشــىپ ئاجايىــپ مۇڭلــۇق ئــاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنــى ئاڭلىغــان. بــۇ مۇڭلۇق ئاۋازدىــن ھەيــران قالغــان پادىچــى دەرھــال قۇمۇشــلۇقتىن بىــر تــال قۇمۇشــنى كېســىپ ئېلىــپ ئۇنــى پۈۋلىگــەن ۋە «نەي» دىــن ئىبــارەت بــۇ ســاز مەيدانغــا كەلگــەن. شــۇندىن بۇيــان نەيدىــن چىققــان كىشــىنىڭ روھــى دۇنياســىنى ئويغىتىدىغــان يېقىملىــق ئــاۋازلار ئەتراپنــى لەرزىگــە ســېلىپ، جەلىپــكار كۈيلىــرى بۈگۈنگــە قــەدەر ئىنســان روھىنىــڭ مەنىۋىــي ئوزۇقــى بولــۇپ كەلمەكتــە. ئۇنىــڭ مۇڭلــۇق نەغمىلىــرى بىزنــى خــوش قىلســا، پەريادلىــرى يۈرەكلىرىمىزنــى ھىجــران ئازابــى بىلــەن ئازاپلىماقتــا.
بۈيــۈك مۇتەســەۋۋۇپ، پەيلاســوپ، شــائىر ۋە ۋەلــى مەۋلانــا جالالىدىــن رۇمــى مۇزىكىغــا ئىنتايىــن ئەھمىيــەت بەرگــەن بولــۇپ، بــەزى دىنىــي پائالىيەتلەرنــى مۇزىــكا، ســامادىن ئىبــارەت ســەنئەت بىلــەن بىرلەشــتۈرۈپ ئېلىــپ بېرىــش ئارقىلىــق شــۇ قىيىــن تارىخىي شــارائىتتا نېمــە قىلارىنــى بىلمــەي، ھاياتتىــن ئۈمىدىنــى ئــۈزۈپ گاڭگىــراپ قالغــان خەلققــە ئۈمىــد چىرىغىنــى يېقىــپ، ئۇلارغــا مەنىۋىــي جەھەتتىــن يۆلەنچــۈك بولــۇپ، قايتىدىــن تىرىلىشــنىڭ يولىنــى يورۇتــۇپ بەرگــەن. شــۇ قايتىدىــن تىرىلىــش يولىــدا نەينىــڭ ساداســى، ئۇنىــڭ مۇڭــزارى خەلقنىــڭ خۇنۈكلىشــىپ كەتكــەن روھىيــەت دۇنياســىنى قايتىدىــن جۇشقۇنلاشــتۇرۇپ، ئۇلارغا ھەقىقەتنىــڭ نېمــە ئىكەنلىكىنــى تونۇتقــان. شــۇڭا جالالىدىــن رۇمى دۇنياغــا مەشــھۇر «مەســنەۋى» ناملىــق ئەســىرىنى قۇلاقلىرىــدا ياڭرىغــان نەينىــڭ ناۋاســىدىن ئالغــان ئىلھــام ۋە ئۆزىدىكــى ســىرلارنىڭ تېشــىغا جۇشــقۇنلاپ ئۇرغــۇپ چىقىشــى ئاساســىدا ئاپىرىــدە قىلغــان. شــۇڭا «مەســنەۋى» ناملىــق بــۇ ئەســەرنى ئەســتايىدىللىق بىلــەن ئوقۇغىنىمىــزدا مەنالارنىــڭ بارغانســىرى چوڭقۇرلىشــىپ كېتىۋاتقانلىقىنــى، ھەربىــر بېيتنىــڭ نۇرغــۇن ســىر ۋە ھېكمەتلــەر بىلــەن تولغانلىقىنــى ھېــس قىلىمىــز.
چەكســىز كەتكــەن چوڭقــۇر دەريانــى پەقــەت بىــر تامچــە ئىچىــدە كۆرەلىگــەن، تەســەۋۋۇر قىلالىغــان جالالىدىــن رۇمــى شــۇ تامچىنىــڭ ماھىيەتلىرىنــى ئىپادىلەيدىغــان بېيتلىــرى ئارقىلىــق بىزلەرنىــڭ كــۆز ئالدىمىــزدا چەكســىز بىپايــان دەريــا ھەتتــا ئوكياننــى نامايەنــدە قىلــدى. بىزگــە بــۇ توغرىســىدا مۇنــداق دەپ خىتــاپ قىلىــدۇ: مــەن مەســنەۋىنى يىغىنچاقــلاش ئاساســىدا ســۆزلىدىم. ئەگــەر ســىر ۋە ھېكمەتلەرنــى بىــراز كېڭەيتىــپ ئىزھــار قىلغــان بولســام، بــۇ ئەســەر قىرىــق ئېشــەككە يــۈك بولغــان بولاتتــى. بــۇ ئارقىلىــق ئاللاھنىــڭ ھېكمــەت ۋە ســىرلىرى دېڭىزىنىــڭ چەكســىز ئىكەنلىكىنــى بىلــدۈرۈپ ئۆتكــەن. بىــز يەنــە ئۇنىــڭ ئەســەرلىرىدە ئاشــىقنىڭ تىلغــا كەلتۈرگــەن پەريادلىرىنــى ئاڭلايمىــز. شــۇڭا ئــۇ «مەســنەۋى»نى مۇنــداق بېيتــلار بىلــەن باشــلىغان:
*
ئاڭلا شىكايەت قىلماقتا دائىم بۇ نەي،
ئاڭلىتار دائىم جۇدالىقتىن بۇ مۇڭ نەي.
*
دەركى، پەريادىم قۇمۇشلۇقتىن كېلۇر،
ئاڭلىسا ھەر كىم، كۆزلەرىدىن قان كېلۇر.
*
جۇدالىقتىن لەختە-لەختە شۇ قاپ يۈرەك،
ئىستىكىم شۇ، دەردىمنى تۆكمەك كېرەك.
*
ئەگەر تەندىن بىر نەپەس ئايرىلسا بۇ جان،
كۈتەر قايتا ۋەسلى ئۈچۈن ھەر زامان.
*
يىغلاپ ھەر يەردە دائىم ئاھ ئەيلەدىم،
كۆرگەن ھەر بەندىنى دوستۇم دېدىم.
*
ھەركىمگە گويا دوست بولدۇم ئەمما،
ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى سىرلارىمغا.
*
ھېچ ئەمەس پەريادىمغا سىرىم ئۇزاق،
كۆزدە لېكىن يوق نۇر، ئشىتمەس قۇلاق.
*
ئاشكارىدۇر جان-بەدەن، كۆرگىن ئىنساننى،
يوق ئىجازەت، كۆرمەس پەقەت ئىنسان جاننى.
*
ھاۋا ئەمەس نەي ساداسى، ئەمما ئاتەش،
ئىسىت كىمدە بولمىسا گەر ئۇشبۇ ئاتەش.
*
ئاشىق ئاتەش بولۇپ چۈشۈپتۇ نەيگە،
ئاشىقنىڭ ئىشقى ھالى ئارىلىشىپتۇ مەيگە.
*
ياردىن ئايرىم دوستنى دوست قىلدى نەي ھەم،
پەدىسىدىن پەردىلەر يىرتىلىپ كەتتى ھەم.
*
قانلىق يولدا نەي سۇنار دائىم ئەرزىھال،
ھەم بېرىدۇ مەجنۇننىڭ ئاشقىدىن مىسال.
*
نەي زەھەر ھەم پانزەھەر، ئاھ نەدە بار،
بۇنداق دوست، بۇنداق سېغىنىشلىق بىر يار.
*
ئەقىلنىڭ سىرلىرى سىرداشتۇر ئاشىق بىلەن،
پەقەت قۇلاقتۇر خېرىدارى ھەم تىل بىلەن.
*
ئۆتتى غەم-قايغۇلۇق تالاي كۈن-كېچە،
ئۆتتى خاتالىقلار بىلەن شۇنداق بۇ كۈنلەر.
*
ئۆتسە كۈنلەر قورقۇسىز، ھەممىسى مەسەل،
ئەي پاك دوست، سەن مەڭگۈلۈك بولۇپ قال.
*
ھەممىسى قانسا، بېلىق قانماس سۇغا،
كۈن ئۇزار رىزقى بولمىغان جانغا.
*
ھېچ چۈشەنمەس پىشقان ئادەمنى خام،
سۆز ئۇزار، كەسمەك كېرەك ئەمدى ۋەسسالام.
*
يىغىنچاقــلاپ ئېيتقانــدا مەۋلانــا دېگەنــدە ئەقلىمىزگــە بىرىنجى بولــۇپ «مەســنەۋى» ناملىــق ئەســەر كېلىــدۇ. «مەســنەۋى» دېگــەن ســۆزنى ئاڭلىغــان ھامــان ئەقلىمىزگــە دەرھــال نــەي كېلىــدۇ. دېمــەك نــەي مەســنەۋىنى، مەســنەۋى جالالىدىــن رۇمىنــى ئەســلىتىدۇ. جالالىدىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ: نەينىــڭ ساداســى ئاتەشــتۇر، ئۇنــى يــەل چاغلىمــا. بۇنــداق ئاتــەش بولمىغانلارغــا مىــڭ ئەپســۇس! ئەلۋەتتــە نەينــى ياســىغان كىشــى قۇمۇشــقا شــەكىل، ســۈرەت بېرىــدۇ. ئەگــەر نەپــەس بەرمىســە، ئىچىگــە پۈۋلىمىســە، نــەي قانداقمــۇ پەريــاد قىلســۇن؟ نەينىــڭ ساداســىنى ئــاڭلا! ئەســلىدە ئــۇ ســادا نەينىــڭ ئەمــەس، بەلكــى نەينــى پۈۋلىگــەن تۇيغۇلارنىــڭ ساداســىدۇر.
بۇ پارچا «جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۈرى» ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى.