ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ســاما

ســاما

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

شۇ ھالدا ساما ئاشىقلارنىڭ ئوزۇقى،
چۈنكى ساما ئاللاھ ۋىسالىنىڭ خىيالى.
– مەۋلانا

پەيلاســوپ ئابدۇشــۈكۈر مۇھەممەتئىمىــن «ئومۇمى ئىســتېتىكا» ناملىــق ئەســىرىدە ئۇسســۇل توغرىســىدا مۇنــداق دەيــدۇ: «ئۇسســۇل ســەنئىتى كۈچلــۈك ئىســتېتىك ئىپادىلــەش كۈچىگــە، ئۆزىگــە خــاس ئوبــراز يارىتىــش ۋە ھېسســىيات ئىپادىلــەش ئۆزگىچىلىكىگــە ئىگــە. ئۇسســۇل ئــادەم بەدىنىنىــڭ قىياپىتــى، ھېسســىيات بىلــدۈرۈش ۋە كۆرۈنــۈش ھاســىل قىلغۇچــى بەدىئىــي ھەرىكىتــى ئارقىلىــق كىشــىنىڭ ســۇبىكتىپ ھېس-تۇيغۇســىنى ئىپادىلەشــنى ئــۆز ئالاھىدىلىكــى قىلغــان.»
جالالىدىــن رۇمــى ســامانى ھاياتىنىــڭ بىــر پارچىســى قىلغــان بولــۇپ، ئــۇ ھېس-تۇيغۇلىرىنــى ســاما ئوينــاش ئارقىلىــق ئىزھــار قىلغــان. چۈنكــى ســاما يالغۇز ئــادەم بەدىنىنىــڭ ھەرىكــەت كەچۈرمىشــى بولماســتىن، بەلكــى ســاما قەلبنىــڭ ئىپادىســى، خاراكتىرنىــڭ ئىپادىســى. ســامانىڭ ھەرىكــەت شــەكىللىرى مۇزىــكا رېتىمــى ئاساســىدا ئۆزگىرىــش ياســاپ ئاجايىــپ كۆرۈنــۈش گۈزەللىكىنــى ھاســىل قىلىــدۇ. ئەنــە شــۇ ئىنســانغا ئىســتېتىك زوق بېغىشــلايدىغان رېتىملىــق ســاما ھەرىكەتلىــرى، قەلــب تۇيغۇلىــرى بىلەن بىرلىشــىپ بەدىئىــي تىلنــى ھاســىل قىلىــدۇ. شــۇنىڭ ئۈچــۈن جالالىدىــن رۇمــى مەشــھۇر «مەســنەۋى» ناملىــق ئەســىرىدىكى ھېكايــە ۋە شــېئىرلارنى ســاما ئويناۋېتىــپ ســۆزلىگەن. ئەينــى چاغــلاردا ســەلجۇقلار خانىدانلىقىنىــڭ پايتەختــى كونيــادا ســامادىن ئىبــارەت بــۇ مەدەنىــي پائالىيــەت جالالىدىــن رۇمىنىــڭ تەشەببۇســكارلىقى بىلــەن ئاساســىي بىــر مەدەنىيــەت ۋە دىنىــي پائالىيەتلەرنىــڭ بىر قىســمىغا ئايلانغــان. جالالىدىــن رۇمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشــى بىلــەن ھەمــدە ئۆزىنىــڭ بــاش بولــۇپ ســاما ئوينىغــان ســورۇنلىرىغا ســەلجۇقلار دۆلىتىنىــڭ دۆلــەت ئەركانلىرىمــۇ قاتناشــقان. جالالىدىــن رۇمــى ســاما ئويناۋىتىــپ ئۆزىنــى ئۇنتۇغــان ھالــدا ســۆزلىگەن ســۆزلىرى ئۇنىــڭ «ســۆيۈملىكى» بىلــەن دىدارلاشــقانلىقىنىڭ ئىپادىســى دەپ تەســۋىرلەنگەن. شــۇ چاغلاردىكى ســۆزلىگەن شــېئىرلىرىدا ۋەزىــن ياكــى قاپىيــە مۇھىــم ئەمــەس بولــۇپ ئاساســلىقى مەناســىنىڭ نەقــەدەر چوڭقۇرلىقىــدا. ئۇنىــڭ ئۈچــۈن جالالىدىــن رۇمىنىــڭ ئەســەرلىرى بۈگۈنگىچــە قەدىرلىنىــپ كەلمەكتــە ۋە قىممىتىنــى يوقاتمــاي بەلكــى كۈندىن-كۈنگــە ئەتىۋارلىنىــپ كىشــىلەر تەرىپىدىــن تىلغــا ئېلىنماقتــا.
جالالىدىــن رۇمىنىــڭ تەپەككۇرىــدا مۇزىــكا تەبىئــەت جۇشــقۇنىنىڭ نامايەندىســى بولســا، ســاما بــۇ جۇشــقۇننىڭ ھاياتتىكــى ئەمەلىلىشــىدىن ئىبــارەت دەپ قارىغــان. ئــۇ بــۇ توغرىســىدا مۇنــداق دەيــدۇ:

ئەي يىگىت، كۆك يۈزىنى ئاياق ئاستىڭغا ئال،
پەلەكنىڭ ئۈستىدىكى نەغمە ئاۋازلىرىنى تىڭشا!
قۇلىقىڭدىكى ۋەسۋەسە پاختىسىنى چىقىرىپ،
كائىناتنىڭ جۇشقۇنىنى تىڭشا!
ئەرلەر مەيداندا ئويناپ پىقىرايدۇ،
ئۆز قانلىرى ئىچىدە ئۇسۇل ئوينايدۇ.
بارلىقىدىن قۇتۇلغاندا غۇلاچ ئاچىدۇ،
كەمچىلىكلىرى تۈگىگەندە ساماغا چۈشىدۇ.

ئەســلىدە جالالىدىــن رۇمــى شەمســىددىن تەبرىــزى بىلــەن ئۇچراشــقاندىن كېيىــن ســاما ئويناشــقا باشــلىغان. بىــر كۈنــى ســۆھبەت جەريانىــدا شەمســىددىن تەبرىــزى رۇمىنىــڭ قولىغــا بىــر نەرســىلەرنى دەپ پىچىرلايــدۇ. بۇنىــڭ بىلــەن ئىككىلىســى تــەڭ ئورنىدىــن دەس تــۇرۇپ ســاماغا چۈشــىدۇ. بــۇ پەقــەت ئاللاھقــا بولغــان شــۈكرانلىرىنى ئىپادىلەشــنىڭ بىــر ئۇســۇلى ئىدى. جالالىدىــن رۇمــى ئاناتولىيــەدە «مەۋلانــا» دېگــەن نــام بىلــەن تونۇلغــان بولــۇپ، مەۋلانــا دېگــەن زامــات ئادەمنىــڭ ئەقلىگــە ســاما كېلىــدۇ. ســاما دېمــەك مۇڭلــۇق مۇزىكىنــى ئــاڭلاپ تــۇرۇپ ھوشــىنى يوقاتقــان ھالــدا ئۇســۇل ئوينــاپ پىقىرمــاق دېمەكتــۇر. مەۋلانــا زامانىــدا دىنــى ۋە تەســەۋۋۇپنىڭ بىــر جۇشــقۇنلۇقى ۋەسىلىســى بىلــەن ئىجــرا قىلىنغــان ســاما، كېيىــن مەۋلانانىــڭ ئوغلــى ســۇلتان ۋەلــەد ۋە ئارىــف چەلەبــى زامانىســىدىن باشــلاپ پۈتــۈن بىــر تەرتىپلىــك ئۆلچــەم بويىچــە ئوينايدىغــان، رېتىملىــق ئۆگىنىــپ ئىجــرا قىلىدىغــان ھالغــا كەلگــەن ۋە ســاما كائىناتنىــڭ ئۆزگىرىشــىنى، ئىنســاننىڭ ئالەمــدە تىرىلىشــىنى، ئۇلــۇغ ياراتقۇچىغا بولغــان ئاشــىقىنى ۋە قۇللىقىنــى ئىدراك قىلىــپ كامالەتكە يېتىشــنىڭ يۆنىلىشــىنى ئىپادىلەشــنىڭ ســىمۋولى بولغــان. ســاما ئويناشــتىكى مەقســەت ئادەتتىكــى ئويــۇن ئوينــاش بولمــاي بەلكــى ئىبادەتنىــڭ بىــر خىــل ئۇســۇلىدۇر. ســامانىڭ ھــەر بىــر ھەرىكىتىنىــڭ ئۆزىگــە چۇشــلۇق مەنالىرى بــار ۋە ســاما ئوينىغانــدا نــەي چالىــدۇ. نەينىــڭ مۇڭلــۇق ئــاۋازى ئىنســانغا ھــوزۇر بەخــش ئېتىــدۇ. ھەتتــا ســاماچىلار كىيگــەن كىيىملەرمــۇ ئۆزىگــە چۇشــلۇق مەنالارنــى ئىپادىلەيــدۇ. ســاماچىلارنىڭ ئۈســتىدىكى ئــاق كىيىــم يەنــى جەنــدە «تەننــۇرە» دەپ ئاتىلىدىغــان بولــۇپ بــۇ كىپەنگــە ســىمۋول قىلىنغــان. بېشــىغا كېيىۋالغــان ســېرىق كــۇلاھ «ســىككە» دەپ ئاتىلىدىغــان بولــۇپ قەبــرە تېشــىغا ســىمۋول قىلىنغــان. گەرچــە بــۇ كىيىملــەر بىزگــە ئۆلۈمنــى ئەسلەتســىمۇ ئەســلىدە ســاما ئۆلۈمنــى ئەمــەس بەلكــى ھاياتلىقنــى، قايتــا تىرىلىشــنى ئاڭلىتىدۇ. ئۇلارنىــڭ ئىش-ھەرىكەتلىــرى ســۈرەت ئالىمىدىــن ھەقىقــەت ئالىمىگــە ئۆتــۈش جەريانىنــى تەســۋىرلەپ بېرىــدۇ. ســاماچىلار باشــتا مەيداننىــڭ ئوتتۇرىغــا چۈشــكەندە ئۈســتىدە بىــر قــارا جەنــدە بولــۇپ بــۇ قــارا جەنــدە مازارلىققــا ســىمۋول قىلىنغــان. ســاماچىلار مەيدانغــا چۈشــكەندىن كېيىــن ئۈســتىدىكى قــارا جەندىنــى يېشــىۋىتىپ ئويۇننــى باشــلايدۇ. بــۇ قايتــا دۇنياغــا كېلىشــنىڭ ســىمۋولى بولــۇپ ھىســاپلىنىدۇ. ســامانىڭ پۈتــۈن جەريانــى ئىنســان كامالەتكــە يېتىــپ ھەققــە ئېرىشــىش جەريانىدىــن ئىبارەتتــۇر. يەنــى «ھەققــە يەتكــەن ئىنســان» دېگەنلىكتــۇر.
ســاما ئويناۋاتقانــدا تــۆت قېتىــم ســالام قىلىــدۇ. بــۇ ئىنســاننىڭ كامىــل بولــۇش جەريانىدىكــى تــۆت باســقۇچقا تەمســىل قىلىنىــدۇ. بــۇلار:
1-شەرىئەت، 2-تەرىقەت، 3-مەرىپەت، 4-ھەقىقەت.  بۇ تۆت ئىشكتىن ئۆتمىگەن كىشى كامىللىققا يېتەلمەيدۇ. ســاماچىلار ئــوڭ قولىنــى كۆككــە، ســول قولىنــى يەرگــە قارىتىــدۇ. بۇنىــڭ مەناســى ئــوڭ قــول ھەقتىــن ئېلىــپ، يەرگــە قارىتىلغــان ســول قــول بىلەن خەلققــە بېرىــدۇ. بۇ شــەكىل ئارقىلىق يېڭىدىــن تۇغۇلغــان ھالەتكــە كەلگــەن بولىــدۇ. بــۇ تۇغۇلــۇش ئادەتتىكــى تۇغۇلــۇش بولمــاي بەلكــى ئىلاھىــي تۇغۇلــۇش بولــۇپ ھىســاپلىنىدۇ. ئۇنىــڭ ئۈچۈنمــۇ ســاما ئوينىغۇچىلارنــى كۆرگــەن چېغىمىــزدا ئادەتتىكــى ئويۇنلارنــى كۆرگەندىــن نەچچــە ھەسســە مەنىۋىــي جەھەتتىــن زوق ئالىمىــز. ســاما ئوينىغانــدا ســاماچىلار تىنمــاي ئايلىنىــدۇ. بۇنىڭغــا ئوخشــاش بىزنىــڭ بەدىنىمىزدىكــى قانمــۇ ھــەم شــۇنداق تىنمــاي ئايلىنىــپ تۇرىــدۇ. ئەممــا بىــز ۋۇجۇدىمىزدىكــى بــۇ توختاۋســىز ئايلىنىشــنى ســەزمەيمىز. خــۇددى تۇرغــۇن ھالەتتــە تۇرغانــدەك ھېــس قىلىمىــز. ئەمەلىيەتتــە بەدىنىمىزدىكــى ھەربىــر زەررىچــە بىــر مەركەزنىــڭ ئەتراپىــدا توختاۋســىز ھەرىكــەت قىلىــدۇ. بــۇ شــۇنى ئىپادىلەيدۇكــى، ھەرقانــداق بارلىــق ئــۇ يالغــۇز بارلىقنىــڭ تارتىش كۈچــى چەمبىــرەك دائىرىســىدىن ئايرىلىــپ چىقىــپ كېتەلمەيــدۇ. ئــۇ مەركەزنىــڭ ئايدىڭلىقىدىــن ھەرقانــداق زەررىچىلىــك نەرســىمۇ كۆرۈنــۈپ تۇرىــدۇ. ئايلىنىۋاتقــان ھەرقانــداق نەرســە ھەرقانــداق بىــر نۇقتىدىــن تــۈز ســىزىق بويىچــە ئايرىلســىمۇ يەنــە بەرىبىــر باشــلانغان نۇقتىغا كېلىــپ قالىــدۇ ۋە شــۇ بويىچــە ئاينىلىــپ تۇرىــدۇ. دېمــەك بــۇ ئايلىنىــش شــۇنى كۆرســىتىپ بېرىدۇكــى، ھەرقانــداق شــەيئىدە باشــلىنىش ۋە ئاخىرلىشــىش يوقتــۇر. نەرســىلەردىكى باشــلىنىش ۋە ئاخىرلىشــىش بىــر شــەكىلدۇر. ئەمەلىيەتتــە ھەرقانــداق شــەيئى ئەزەلىــي ۋە ئەبەدىــي بولغــان يالغــۇز بارلىقنىــڭ بارلىقــى بىلــەن ئەزەلىــي ۋە ئەبەدىيــدۇر. شــۇڭا كائىناتتىكــى ھېچقانــداق بىــر شــەيئى تەلتۆكــۈس يــوق بولــۇپ كەتمەيــدۇ. بــۇلار ســامانىڭ ھەقىقىــي مەناســىدۇر ۋە شــۇنىڭدەك جالالىدىن رۇمىنىــڭ تەپەككۇرىنىڭ ئاساســىدۇر. ئۇنىــڭ ئۈچۈنمــۇ جالالىدىــن رۇمــى پەقــەت تۈركلەرنىــڭلا ئەمــەس، پۈتــۈن مەدەنىيەتلىــك ئىنســانلار جەمئىيىتىگــە شــەرەپ بەرگــەن بۈيــۈك بىــر ئىنســاندۇر. خەلقئــارا ئىلىــم دۇنياســىدا، دۇنيــا ئەدەبىياتىــدا ھــەر ۋاقىــت ئىســمى ھۆرمــەت بىلــەن تىلغــا ئېلىندىغــان ۋە ئۇنىــڭ ھېكمەتكــە تولغــان ســۆزلىرى ئالدىــدا مــەن ئادەتتىكــى بىرســى بولــۇش ســۈپىتىم بىلــەن چوڭقــۇر ھۆرمەتلــەش ۋە ئەســەرلىرىنى ســۆيۈپ تــۇرۇپ ئوقــۇش ھەمــدە تەتقىــق قىلىشــتىن باشــقا يەنــە نېمــە دېيەلەيمەنكــى.

بۇ پارچا “جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۈرى” ناملىق كىتابىدىن ئىلىندى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش