• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » مەن كۆرگەن غېنى باتۇر ۋە ئەخمەتجان قاسىمى

مەن كۆرگەن غېنى باتۇر ۋە ئەخمەتجان قاسىمى

1944- يىلى 11- ئاينىڭ 4- كۈنى ئەتىگەندە «تاڭ-تۇڭ» قىلغان ئوق ئاۋازى غۇلجا خەلقىنى جىددىيلەشتۈرىۋەتتى. بۇ غېنى باتۇرنىڭ بىر نەچچە ئادىمى بىلەن توپىدەڭ تۈرمىسىدىكى پاتىخنىڭ خوتۇن بالىلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا گومىنداڭچىلار بىلەن ئاشكارە توقۇنۇشقان كۈنى ئىدى.
ئەتىگەنلىك چېيىمنى ئىچىپلا توپىدەڭگە باردىم. بۇ مەھەللىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەر ئاز ئىدى. مەن بۇ يەردە ياتقان بىر قىرغىز ئايال بىلەن بىر ئاتنىڭ جەسىدىنى كۆرۈپلا مەھەللىگە قېچىپ كىرىۋالدىم. ھەر ئىككىسى قورسىقى باداڭدەك كۆپكەن ھالەتتە ئۆلۈپ ياتاتتى.
مەھەللىمىزدە ئىمىنكام دەپ بىر كىشى بولىدىغان، شۇ كىشى مېنى كۆرۈپ:
– مەيەرگە كېلىڭە ئاسىبباي،- دەپ چاقىردى.
– نەگە بېرىپ كەلدىڭىز؟
– توپىدەڭگە.
– نېمىنى كۆردىڭىز؟
بىر قىرغىز ئايال قورسىقى كۆپۈپ باداڭدەك بولۇپ يېتىپتۇ، يەنە بىر ئات …..
كاچىتىمغا تەككەن بىر تەستەك بىلەن گېپىمنىمۇ يۇتېۋېتىپ مەڭدەپ قالدىم.
– ئۆلگىڭىز كەلدىمۇ؟ مۇندىن كېيىن چوڭلاردىن بىسوراق ئۇياقلارغا بارغۇچى بولماڭ!
+ + +
شۇ يىللاردا ئىلى ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى (ھازىرقى ئىلى ئوبلاستلىق پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىدا) نىڭ ئىچىدە چوڭ بىر تۈرمە بار ئىدى. بىر كۈنى شۇ ياققا كېتىۋاتسام جالالىدىن يەھياروپ ئاكا (1944- يىلنىڭ بېشىدا تېرە ئىسكىلاتىدىن ئاجرىۋالدىم، جالالىدىن ئاكىمۇ خىزمىتىدىن ئاجرىغان ئىدى) ئۇچراپ قالدى. ئۇ:
– جۈرە …… ئەمدى بىز بىلەن بەيتۇلمال (ئىگىسىز مال-مۈلۈكلەرنى يىغىۋېلىش ئورنىنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى) دا ئىشلەيسەن، – دېگىنىچە مېنى ئەگەشتۈرۈپ ھېلىقى سودا ئىدارىسى ئىچىدىكى گومىنداڭچىلار چوڭ تۈرمەن قىلغان ھويلىغا باشلاپ كىردى. كېيىنچە راستىنلا بەيتۇلمالدا ئىشلەپ قالدىم. بەيتۇلمالغا كىرگەندە ئاۋال كۆزۈم ھويلىغا پەۋەس دۆۋىلىەۋەتكەن مالغا چۈشتى. بۇ قاچقان، مۆككەن، ئىگىسىز قالغان گومىنداڭچىلارنىڭ دەپنە-دۇنيالىرى ئىدى. باشقىلارنىڭ بۇلاپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن بەزى دۇكانلار پېچەتلەنگەن ئىدى. بولۇپمۇ شەرقىي شىمالدىن كەلگەن ئەجنەبىلەشكەن باي سودىگەرلەرنىڭ تاشلاپ قاچقان دۇكانلىرىدىكى كىيىملەرنى شۇ چاغدا ئىنقىلاپچىلارنىڭ ئالاھىدە رەھبەرلىرىمۇ كىيەلمىەيتتى. مەن ئەنە شۇ يەردە ئىسكىلاتچىلىق قىلىپ كېچە- كۈندۈز ئىشلەيتتىم. مانا بۇ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى دەسلەپكى ئەمگەك مىۋىلىرىنى قولغان كەلتۈرىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى.
مەن مۇشۇ ئىسكىلاتتا غېنى باتۇرنى كۆردۈم. شۇ چاغدا بىز گومىنداڭ بىلەن چېتىشلىقى بار بىر يارىدارنى ئىسكىلاتقا يوشۇرۇپ قويغانلىقىمىز ئۈچۈن غېنى باتۇردىن ناھايىتى سەت ھاقارەت ئاڭلىدۇق. كېيىن بەيتۇلمال سودا ئىدارىسىنىڭ تارمىقىغا ئۆتكۈزىۋېلىندى. شۇندىن باشلاپ بىر مەزگىل تاشلەپكە بازىرىدىكى مۇسابايوۋلارنىڭ سودا ئىدارىسىدا كاسسىر بولدۇم. ئايدۇرۇمدىكى «ھەربىي مەتلۇبات» (ھەربىي رايونلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات پونكىتى) پۈتكۈل ھەربىي تەمىنات يەنى يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەش، باشقۇرۇشنى دائىرە قىلغان ئىسكىلاتچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدى. مەزكۈر ھەربىي مەتلۇبات قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ چوڭ ئىسكىلاتتا خىزمەت قىلدىم. ئورنۇم ئارقا سەپتە بولغاچ ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمتىنىڭ رەھبەرلىرىنى پات- پات كۆرۈش نېسىپ بولمىسىمۇ يەنىلا شۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە ياشايتتىم. بولۇپمۇ غېنى باتۇر مەندە ئالاھىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان ئىدى.
بۇ غېنى باتۇر خىزمەت كۆرسىتىپ ھەربىي سوتنىڭ باشلىقى بولغان چاغلار ئىدى. ئۇ چاغدا غېنى باتۇرنىڭ بىلىنوپ دېگەن بىر رۇس مۇئاۋىنى بار ئىدى. غېنى باتۇر رۇسلارنى «تۈگمەنچى» دەپ چاقىراتتى. بىر كۈنى غېنى ئىشخانىسىغا كىرىپ قارىسا تۆت تام قۇرۇق، بىر ئۈستەل- ئورۇندۇق ۋە بىر چەينەك ھەم پىيالىلەردىن باشقا كۆزگە چېلىققۇدەك ھېچنىمە يوق تۇرغىدەك.
– ھەي، تۈگمەنچى نىمە قىلىۋاتىسەن؟
– نىمە بولدى …. ئولتۇردى،- دەپتۇ بىلىنوپ
– ئىشخانىدا ئوغرى ئالغىدەك ھېچنىمە يوق تۇرسا تۆت تامنى بېقىپ ئولتۇرىۋېرەمسەن؟- دەپتۇ غېنى باتۇر تېخىمۇ كەيپى ئۇچۇپ.
بىرگە يوق …… دەپتۇ بىلىنوپ ئۇيغۇرچىغا يامىداپ
غېنى باتۇر يوغان چاپىنىنى كىيگەچ كونا خۇيى بويىچە ئاغزىنى بۇزۇپ «ۋاي، ******* ….. تۈگمەنچى، نەرسە ئۆزى مېڭىپ كېلەتتىمۇ؟ يوقنى بار قىلمامدۇق …» دېگىنىچە بىر نەچچە چاپارمەننى ئەگەشتۈرۈپ، سەرخىل ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ ھەر تەرەپكە يول ئاپتۇ دە، قەدىمى يەتكەنلىكى كومىتېت- ئىدارىلەرنىڭ كۆزگە چىرايلىق تاشلىنىدىغان نەرسىلىرىنى سورىماي ئالىۋېرىپتۇ ……، ھايالسىز بىز ئۇنىڭ بىز تۇرۇۋاتقان «ھەربىي مەتلۇبات» قا قاراپ يول ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.
«مەتلۇبات» ئىمىزنىڭ باشلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىقاقىدا ئوقۇپ مالىيەنى ئوقۇپ كەلگەن ئەسھەدۇللا ئىسىملىك ئۆزبېك ئادەم ئىدى. غېنىلار ئىسكىلاتىمىزغا كەلگىچە ئەسھەدۇللا ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولدى.
– ھەي، ئەسھەدۇللا ….. پاھ، سەن مۇشۇنداق كاتتا ئىشخانىلاردا ئولتۇرىدىكەنسەن- ھە! بىز جەڭ قىلىپ، قۇربان بېرىپ ھەجەپ سەن كۆرگەن راھەتنى كۆرمىدۇققۇ؟- دەپ ھەيۋە قىلىپ ئۇنى بېرىسەن، بۇنى بېرىسەن، دەپ خالىغىنىنى سوراپ تۇرىۋالدى. ئەسھەدۇللا:
– باتۇرۇم مەن خوش بولاي، قېنىڭىزنى قىزىتماڭ …. قېنىڭىزنى قىزىتماڭ،- دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى.
غېنى باتۇر يەنىلا گەپ يورغىلىتىپ:
– بىز دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلىپ، سەن خەققە مۇشۇ يەرلەرنى ئازاد قىلىپ بەردۇق. سەن خەق نىمە ئىش قىلىشتىڭ؟ سەنلەر ھەممە نەرسىدىن خالىغانچە پايدىلىسەنۇ، ئەجىبا بىز!…… دېگىنىچە ماڭە ھۆركىرىدى،- ماڭە، ئىسكىلاتىڭنى ئېچىپ دېگىنىمدىن ئېلىپ بەر!….
ئەمەلىليەتتىمۇ غېنى باتۇر ئۈچ ۋىلايەت ئىنىلابىينىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى ئاجايىپ زور ئىدى. خەلق ئىچىدىمۇ «غېنى باتۇر ئۇرۇشقا كىرسە ئوق ئۆتمەيدىكەن، كەچقۇرۇن چاپىنىنى سالسا ئوقلار توكۇرلاپ چۈشىدىكەن!» دېگەندەك ئەپسانىۋىي ھېكايىلەر كۆپ ئىدى. بىز شۇ قېتىمقى جىدەلدە غېىنى باتۇرغا نائىلاج قىسمەن مەنقۇلاتلاردىن بېرىپ قۇتۇلغان بولدۇق.
ئىلگىرى تېرە زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان چېغىمدا بىزنى تەشكىللىك ئېلىپ بارىدىغان گومىنداڭنىڭ يىغىنلىرىدا ۋىجىك، ئورۇق كەلگەن ئابدۇكېرىم ئابباسوپنىڭ تەرجىمانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى يىراقتىن كۆرگەن بولسام، مانا ئەمدى ئىسكىلاتچىلىقنىڭ راپاۋىتىدە ئۇنىڭ بىلەن قېرىنداش ئاكا- ئۇكىلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتىم. ئۇ پوزۇر ياسىنىپ مەدەنىي يۈرۈشكە بۆلەكچە ئامراق بولغاچ ھەر قېتىم بىز تەرەپكە كەلسە ماڭا:
-ۋاي، جېنىم ئۇكام، سادىغاڭ كېتەي ئۇكام ….. دېگەندەك تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئىسكىلاتتىكى سەرخىل خۇرۇم كىيىم- كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىپ كېتەتتى.

ئىنقىلاب رەھبىرى يىتىملارنىڭ غەمگۈزارى
– ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ئۇچرىشىش

گومىنداڭغا قارشى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئىلى دارىلتام (يىتىم بالىلارنى بېقىش، تەربىيەلەش ئورنى) ۋە ئىلى دارىلئاجىزىن (ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى) قۇرۇلدى. (ئورنى ھازىرقى دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چوڭ قورۇ ئىچىدە ئىدى)
49-، 50- يىللىرى مەن شۇ دارىلتامدا تەربىيىچى بولۇپ ئىشلىدىم. يېڭىلا قۇرۇلغان ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى ئېغىر بولسىمۇ، دارىلتام قۇرۇلۇشىغا قىزغىن كۆڭۈل بۆلدى. ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم تەرەققىپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقى ھەم قوللاپ يار- يۆلەك بولۇشى بىلەن دارىلتامدىكى يېتىم- يېسىرلار جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم ئائىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىنمۇ ياخشىراق تۇرمۇش شارائىتىغا ئىگە بولدى.
دارىلتامدىكى بالىلار بەش ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان جەمىئىيەتتىكى يېتىم- يېسىرلار ۋ ھەربىيلەرنىڭ ئىنقىلابتا يېتىم قالغان پەرزەنتلىرى ئىدى. ئۇلار ناھىيە، يېزا ۋە مەھەللىلەردىن ئاساسىي قاتلاملارنىڭ تونۇشتۇرىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى ئورگانلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، تەربىيلىنىپ، يېشى توشقانلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جەمئىيەتكە تەقدىم قىلىناتتى. دارىلتامنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى يېرىم ھەربىيلەشكەن تۈزۈم بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەمىناتى، شارائىتىمۇ ھەربىيلەر ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئىمتىيازلارغا لايىقلاشقان ئىدى.
ھەر كۈنى ئەتتىگەن تاماقتىن كېيىن بۇ بالىلارنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتكەنلىرى بىرخىل، رەتلىك، كىيىملىرى بىلەن سەپكە تىزىلىپ كوماندا بېرىلىش بىلەن تەڭ مەشىققە دەسسەپ (مەكتىپى سىرتتا بولغانلىقى ئۈچۈن) دارىلتام دەرۋازىسىدىن چىقىپ، كېيىن كوماندا بويىچە سىنىپلارغا بۆلۈنۈپ كېتەتتى. دەرستىن چۈشكەندىمۇ شۇ بويىچە ياتاقلىرىغا تارقىلاتتى ياكى مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە ماشىنىچىلىق، ياغاچچىلىق، سېستىرالىق، تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ باراتتى. ئىختىيارى دەم ئېلىش پائالىيەتلىرىن ئېلىپ باراتتى. بەزىدە شۇ ئەتراپتىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزەتتى. گەرچە بالىلارنىڭ تامىقى، كىيىم- كېچىكى مۇنتىزىم ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭكىدەك يېتەرلىك بولسىمۇ يېتىم- يېسىرلار ئوقۇيدىغان سىنىپ، پارتا مەسىلىلىرى دارىلتامنىڭ بىرلا ياتاق بىناسى بولغانلىقى ئۈچۈن تولۇق ھەل بولمىغان ئىدى. بۇ قىيىنچىلىقلار ئاخىرى يۇقۇرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى «مۇرات مەكتەپ» (ھازىرقى 19- باشلانغۇچ مەكتەپ) نىڭ مۇدىرى قۇربانجان نىزام ۋە مەكتەپتىكى بالىق ئوقۇتقۇچى يولداشلارنىڭ، مەكتەپ ئاتىلار كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن ھەل قىلىندى. يەنە ئۈچ ۋىلايەت ھەربىي قىسىمدىكى تۇرسۇن ۋاھىدى بىەن پىراپورچىك تۇرسۇن دەريا ئۆزلۈكىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كېلىپ بالىلارغا تەنتەربىيە مەشىقلىرىنى ئۈگىتەتتى.
پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى ئىبراھىم ئەپەندى (ئىبراھىم ماشىنىچى) بالىلارغا سەنئەت نومۇرلىرى ۋە بىر قىسىم سېرىك نومۇرلىرىنى ئۈگىتەتتى. ھېيت- بايرام، خاتىرە كۈنلىرىدىكى كونسېرت كېچىلىكلىرىگە قاتناشتۇراتتى، يېتەكچىلىك قىلاتتى. بۇندىن باشقا خەلق ئىچىدىكى تەرەققىپەرۋەر كىشىلەردىن ئۇلارغا خەير- ئېھسان ئورنىدا قوي، كالا، گۈرۈچ، ماي، نەق پۇل، توپ- توپ رەخت، كىيىم- كېچەكلەر كېلىپ تۇراتتى.
كېيىنكى يىللاردا ئوغۇللارغا سۈپىتى ياخشى ئاق رەخىتتىن بىر يۈرۈش قىلىپ ماتروسچە كىيىم، بېشىغا زەر يىپ بىلەن خەت يېزىلغان ماتروس شەپكىسى، قىزلارغا كوپتا- يوپكا ۋە ئوخشاش قىلىپ باش كىيىم تىكتۈرۈپ بېرىلدى. بالىلار بۇ كىيىملەرنى كېيىپ تىزىلىپ ماڭسا ھەممىنىڭ زوقىنى قوزغايتتى.
ھېيىت- بايرام كۈنلىرى دارىلتامدىكى بالىلار تېخىمۇ جانلىنىپ كېتەتتى. بەك ئەتىگەن تۇرۇپ تەق بولۇشاتتى. چۈنكى بۇ كۈنى شەپقەتچى ئاتىسى ئەخمەتجان قاسىمى كېلەتتى. ئۇ بالىلارنى ئەركىلىتىپ ئۇلار بىلەن قىزغىن مۇڭدىشىپ كېتەتتى ۋە ئۇلاردىن «بالام، سەن چوڭ بولغاندا نىمە ئىش قىلىسەن؟ دوختۇر بولامسەن؟ ئېنژىنىر بولامسەن؟ ياكى ليۇدچىك بولۇپ ئايرۇپىلان ھەيدەمسەن؟ سەنچۇ؟ تانكا ھەيدەمسەن؟ ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇپ بالىلارنى ئوقۇتامسەن؟» دەپ سورايتتى. بالىلار بەس- بەستە چۇرقىرىشىپ جاۋاپ بەرگەندىن كېيىن، «ھوي- ھوي، مانا- مانا بىزدىن تېخى ھەربىي ئالىملارمۇ، مۇتەخەسىسلەرمۇ، گېنېراللارمۇ چىقىدىكەن تېخى!..» دەپ كىچىك بالىلاردەك خوش بولۇپ كېتەتتى. كەلگۈسىنىڭ ھەر بىر ئىستىقباللىق ئەزىمەتلىرىدىن ھېسابسىز ئۇمىتلەرنى كۈتەتتى.
1949- يىلى ياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كەچقۇرۇنلۇقى كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىت بولۇپ، قىزغۇچ شەپەق نۇرى ۋە ئوچۇق ھاۋا، سالقىن شامال جانغا ھوزۇر بېغىشلايتتى. دارىلتامنىڭ دەرۋازىسىدىن بىلىم يۇرتىنىڭ ئارغىماق ئېتى قوشۇلغان تىراشبانكا ھارۋىسىدا چىراىىدىن خۇش تەبەسسۇم تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئۈچ كىشى كىرىپ كەلدى. ھارۋىكەش بېشىغا ئالما چېچىكى گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كەيگەن كىشى ئىدى. مېھامانلار ھارۋىدىن چۈشۈپ ئاتنى باغلايدىغان چاغدا ھارۋىكەش بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھارۋىغا قېتىلغان ئاتنى «مەن باغلاي» دېسە، «مەن باغلاي» دەپ تالاش- تارتىش بولۇپ كەتتى. گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق كىشى «ھارۋىكەش ئۆزى باغلايدۇ» دېسە، مەن «ساھىپخان مېھماننىڭ ئېتىنى ئالىدۇ» دەپ تالىشاتتىم. توغرىسى ئاتنى ساھىپخانغا باغلىتىش ھېچقانچە ئوڭايسىزلانغىدەك ئىش بولمىسىمۇ يارىشىملىق گۈللۈك دۇخاۋا دوپپا كىيگەن بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ چىرايىدىن ئېتىنى دارىلتامدىكى مېھنەتكەش تەربىيەچىلەرگە باغلىتىش سەل ئەدەپسىزلىكتەك بىلىنىۋاتقانلىقى سېزىلىپ تۇراتتى. ئۇنداقتا ساھىپخاننىمۇ تەڭقىسلىقتا قويۇپ قويىۋاتقان بۇ گۈللۈك دۇخاۋا دوپپىلىق ئادەم كىم؟ ئۇ مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دېدارلىشىشقا تەقاززا بولىۋاتقان سۆيۈملۈك رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق مېھمانلار بالىلارنىڭ ياتاقلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇلار كىشىنىڭ دىلىنى يورۇتۇپ، ئامراقلىقىنى كەلتۈرگىدەك پاكىزە، رەتلىك ياتاقلارنى كۆرۈپ ھاياجانلىنىپ، سۆيۈنۈپ كېتىشتى. بالىلار ھويلىدا تاماق يەۋاتقاندا، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار بىلەن خالىراق يەردە سۆھبەتتە بولدۇق.
ئەخمەتجان قاسىمى دارىلتامنىڭ باشلىقى قاسىم مۇسايوفتىن: بېشىدا چاقىسى بار بالىلارنىڭ يارىسىنى قانداق داۋالاۋاتىسىلەر؟- دەپ سورىدى.
– ئۆزىمىزنىڭ دوختۇرى بىر خىل يەرلىك دورىنى بالىلارنىڭ بېشىغا سۈركەپ داكا بىلەن ئوراپ تېڭىپ، ھەپتە ئۆتكەندە ئالماشتۇرۇپ داۋالاۋاتىدۇ. ئۈنۇمى يامان ئەمەس،- دەپ جاۋاپ بەردى قاسىم مۇسايوف.
– بايقاڭلار، دورا بالىلارنىڭ «كۆز» ئىگە دەخلى قىلمىسۇن يەنە!- دېدى ئابباسوف، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. ئابدۇكېرىم ئابباسوف گەپ ئارىلىقىدا سۆزنى ماھىرلىق بىلەن چاقچاققا بۇراپ، ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سەل- پەل قىيسىقراق بىر كۆزىنى چېقىۋالغان ئىدى.
– راست بايقاڭلار «كىچىك بالا» ئەمەسمۇ، «قولى» بىلەن تاتىلىۋەتمىسۇن!… دېدى ھازىر جاۋاپلىق بىلەن ئەخمەتجان ئەپەندى. توغرىسى بۇ چاقچاقمۇ «بىر قاققا بىر قاق» دېگەندەك دەل جايىغا تەككەن ئىدى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق. ئەخمەت ئەپەندىم ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ياشتا كىچىكلىكىنى «كىچىك بالا» غا، سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ئەيىبناق بارمىقىنى شۇ «كىچىك بالا» نىڭ جىم تۇرماس «قولى» غا ئوخشىتىپ بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوقۇش مەقسىدىگە يەتكەن ئىدى. بىردەم يېرىمدەم ئەنە شۇنداق ئىلمىي ئەمما قىزىق چاقچاقلار بولۇپ ئۆتتى. ئەخمەت ئەپەندىم قايتىدىغان چاغدا مېنىڭ قولۇمغا ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ سوملۇق قەغەز پۇلىدىن يۈز پارچىنى (پېچەتلەنگەن) تۇتقۇزدى:
– ئەتە ھېيت ئىكەن. مېنىڭ مۇھىم ئىشىم بولغانلىقى ئۈچۈن بالىلارنى يوقلاپ كېلەلمەيدىغان ئوخشايمەن. بۇ مېنىڭ بالىلارغا ھېيتلىقىم بولسۇن تارقىتىپ بېرەرسىزلەر!…. دېدى.
بىز بىرقانچە بالىلار بىلەن ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئۇزۇتۇپ دەرۋازا تۈۋىگە چىقتۇق. بۇ كۈننىڭ قاندەك قىزارغان ھاياجانلىق پەيتى ئىدى. تىراشبانكا ھارۋا ئەخمەت ئەپەندىملەرنى ئېلىپ بىردەملىك قىزغىن سۆھبەتلەرنى مەڭگۈ ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھېكايىگە ئايلاندۇرپ ئۇزاپ كەتتى. بىز دەرۋازا ئالدىدا ئەخمەت ئەپەندىملەر يەنە قاچان كېلەر دېگەنلەرنى كۆڭلىمىزدىن ئۆتكۈزۈپ، خېلى ئۇزۇنلارغىچە ئۇلار ئۇزاپ كەتكەن يولغا ئىنتىزارلىق بىلەن قاراپ تۇردۇق.
ئېھ …….. ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى …….!
سىزنىڭ شۇ قېتىمقى ئۆز بالىلىرىڭىزنى يوقلاپ كېلىشىڭىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەڭ ئاداققى خوشلۇشۇش بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان، شۇ سەبىيلەر ئۆزىنىڭ شەپقەتچىسى، ئىنقىلابىي رەھبىرى بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشقانلىقىنى قانداقمۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن!؟ ……….
«ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى» نىڭ 10- ساندىكى «كىشىلىك ھايات كىتابقىلا ئوخشايدۇ» ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى: ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم، ئەكبەر قادىر.
سۆزلەپ بەرگۈچى ئاسىم مەسۇم ئىمىنوف.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top