You Are Here: Home » ئومۇمى » بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا

بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا

بۆرىلەر ھۇۋلىماقتا

ئاپتۇرى: ئەخمەت ئىمىن

ئورمان

ئورمان. ئايدىڭ كېچە. دەرەخ يوپۇرماقلىرى ئاندا-مۇندا ئەسكەنشامالدىن شىرىقشىپ قويىدۇ. ئاي نۇرى ئالدىمدىكى بىر پارچە چىملىقنى سۇسيورۇتۇپ تۇرىدۇ. بىر يەرلەردە ئالا سايە، نېرىسى سۇس قاراڭغۇچىلىق؛ بىريەرلەردە قارا سايە، نېرىسى قاپقاراڭغۇچىلىق.
«ھۇۋ» تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى.
بۇ نېمە ئاۋازدۇ؟
بوراننىڭ ھۇۋۇلدىشىمۇ؟ ياق، ئوخشىمايدۇ! پىلنىڭ ۋارقىرىشىمىدۇ؟ ياق، ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدۇ!
«ھۇۋ»، «ھۇۋ» ئاۋاز كۈچەيدى.
توۋا، خۇددى جىن-ئالۋاستىلار دەل-دەرەخلەرنىڭ كەينىگە مۆكۈپتۇرغاندەك، ھېلىلا ئۇياقتىن-بۇياققا يۈگۈرىدىغاندەك ياكى ئاقۇش بەستىبىلەن سۈرلۈك سايە تاشلاپ يوپۇرۇلۇپ ئۇچىدىغاندەك، بىر بولسا شامالداقالغان ئىنچىكە شاخلاردەك ئىرغاڭشىپ، بىر بولسا كارىكاتورىلاردىكى مەستبولغان پىل سىياق تولغىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدىغاندەك بىر كۆرۈنۈش كۆزئالدىمغا كېلىۋالدىغۇ!؟
مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم، كۈچەپ چايقىدىم، كۆز ئالدىمدىكى خىيالىيمەنزىرە يوقالدى، لېكىن ئەتراپىمدا شىپىرلىغان بىر خىل ئاۋاز پەيدا بولدى. مەن ئەتراپىمغا قارىدىم، دەرەخلەرنىڭ ئۈستىگە قارىدىم، ھېچ نەرسە يوق؛ كەينىمگە قارىدىم، ئوخشاش، ئالدىمغا قارىدىم، يەنە ھېچ نەرسە يوق، سوليېنىمدىمۇ شۇ. ئوڭ تەرىپىمگە قارىدىم، چاتقاللىق ئىچىدىن كۆزۈمگەپىلىلدىغان بىر نەرسە كۆرۈندى. مەن ئۇ نەرسىگە تىكىلىپ قارىدىم. ئۇ چوغدەكيېنىپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ تېنىم جۇغۇلدىدى، تەرلىدىم. مەندە ئۇنىڭ نېمىنىڭ كۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشقۇدەك جۈرئەتقالمىغانىدى. دەرھال ئۆزۈمنى چېدىرىمغا ئالدىم، بۇمۇ يەتمىگەندەك ئىشىكنىمەھكەم ئېتىپ ئىچىدىن تاقاق سېلىپ قويدۇم. نېمىلا دېگەن بىلەن ھوشياربولغان يەردە بالا يوق-دە!

چېدىر ئىچىدە

چېدىر ئىچى. چاڭغىراققا تىكىلگىنىمچە كۆككە تەلمۈرۈپ ئولتۇرىمەن. كۆكتىكى ئاي پەرىشان ھالىمغا ئىچ ئاغرىتقاندەك، ماڭا مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. يۇڭ-كاشايىپلار چېدىرنىڭ كەرەگە-ئوۋۇقلىرىنى مەھكەم چىرماپ تۇرغاندەك، مېنىڭ كاللامنىمۇ ھەر خىل خىياللار چىرمىۋالغان. قانداق قىلساممۇ ھېلىقى بىرجۈپ كۆز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيتتى. نېمىدېگەن سۈرلۈك كۆزلەر-ھە! چوغدەكيېنىپ تۇرۇشلىرىچۇ!
كۆزلەر! كۆزلەر!
تەڭرىم، مەن كۆزلەردىن: سۈر يېغىپ تۇرغان كۆزلەردىن، مەككارلىق، پىتنىخورلۇق چاقناپ تۇرغان كۆزلەردىن، نەپسانىيەت، شۇملۇق تۆكۈلۈپ تۇرغانكۆزلەردىن، ھەسەت ۋە ۋەھشىيەت ئويناپ تۇرغان كۆزلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ، بۇ ئادەمسىز دالىدىن ماكان تۇتقان ئەمەسمىدىم؟! راست، مەن بايامقى كۆزدىنسۈردىن بۆلەك نەرسە ھېس قىلمىدىم، لېكىن كۆز مۇھەببەت ھېس قىلدۇرالمىغانكۆز نەئۈچۈنكى ساڭا باشقا كۆزلەرنىمۇ ئەسلىتىپ قويىدىكەن.
مەن جىق ئويلىدىم، ئۆزۈم ياشىغان، مەن بىزار بولغان مۇھىتنى ئويلىدىم، ئەمدى مەن ياشايمەن دەپ كەلگەن بۇ مۇھىتنى ئويلىدىم. خىيالىم يەنە بايامقىبىر جۈپ كۆزگە مەركەزلەشتى.
ئۇ ئەتراپىمدا نېمە قىلىدىكىنە؟
بۇ سوئالىمغا جاۋاب ئىزدەپ چېدىر ئىچىگە ئەلەڭلەپ قارىدىم، تۈڭلۈككەقارىدىم. ئاي ماڭا يەنە مۇڭلۇق قاراپ تۇرىدۇ. كىچىك يۇلتۇزلار كۆزىنىچىمچىقلىتىپ ھەيران، چوڭ يۇلتۇزلار يەنە ھېلىقى كۆزلەرنى ئەسلەتكەندەكيېنىپ تۇرىدۇ خىيال دولقۇنلىرىدا تولا تاسقىلىپ ھارغان بولسام كېرەك، ئاخىركۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىندى.

تاڭ

ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى بىلمەيمەن، بىر چاغدا ئويغاندىم، تۈڭلۈككە قارىسام، تاڭ گىرىمسەن سۈزۈلۈپتۇ. سۈبھى چېغى دەپ ئويلاپتۇرۇۋېدىم، چاڭغىراق چېتىدىن كۈچلۈك بىر نۇر ۋاللىدە چاقنىدى، ھەش-پەشدېگۈچە ئۆينى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن كۈچلۈك نۇردىن قاماشقان كۆزلىرىمئىختىيارسىز يۇمۇلدى، كۆزلىرىمنى چىمچىقلىتىپ زورىغا ئاچتىم. ھويكۆزلىرىمنى جامدەك ئېچىپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇردۇم. ئالدىمدا نۇر قوتىنىنىڭئىچىدە كۆك ياللىق بىر بۆرە تۇراتتى. قېتىپلا قاپتىمەن، قانچىلىك ۋاقىتقېتىپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن، بىر ئاۋازدىن ئېسىمگە كەلدىم، بۇ ئاۋاز دەلئالدىمدىكى بۆرىنىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ ھۇۋلىغانىدى. بۇ ھۇۋلاش ئاخشاميىراقتىن ئاڭلانغان ھېلىقى ھۇۋلاش ئاۋازىنىڭ ئۆزى ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزىگەقارىدىم، ئۇنىڭ كۆزى يېنىپ تۇراتتى. بۇ ئاخشام چاتقاللىقتا كۆرۈنگەنھېلىقى كۆزنىڭ ئۆزى ئىدى، لېكىن سۈرلۈك ئەمەس ئىدى. توۋا، ئۇنىڭكۆزلىرىدىن ۋەھشىيلىك چىقمايدىغۇ؟ مۆلىلدەپ تۇرغىنى ئۇنىڭدىكىسەمىمىيلىكمىدۇ؟ كۆزلەرنىڭ دەقىقىلىك ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئۇ كۆزىنىمەندىن ئەپقاچتى، نېمىشقىدۇر، بىلمىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆزۈمگەئىسسىققىنا كۆرۈندى. توۋا، بۇ «قۇياش بولۇپ كىرگەن، كۆك بۆرە بولۇپ چىققانئىشق»نىڭ مۇھەببەتنىڭ كارامىتىمىدۇ؟ مەن يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدىم، لېكىن ئۇ مېنىڭ كۆزۈمگە قارىمىدى. بۇ ئۇنىڭ «سەمىمىيلىكنى كۆزلىرىمدىنئەمەس، ھەرىكىتىمدىن كۆر» دېگىنىمىدۇ ياكى ئىنساننىڭ سىنچى كۆزلىرىنىنەزىرىگە ئىلمىغىنىمىدۇ؟!
ئۇ مېنى كەينىدىن مېڭىشقا ئىشارە قىلدى. تۈڭلۈكتىن چۈشكەن ھېلىقىنۇرنىڭ خاسىيىتىدىن بولۇۋاتامدۇ ياكى ئۇنىڭ كۆزىدىكى نۇر مېنى سېھىرلەپقويدىمۇ، بىلمىدىم، ئىشقىلىپ، ئىختىيارلىق چۇلۋۇرۇمنى ئۇ بۆرىنىڭ قولىغاتۇتقۇزدۇم.

بۆرە كەينىدىن

كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپكېتىۋاتىمەن. ئورمانلىقتىن چىققاندىن كېيىن، ئۇ قىرغا قاراپ ماڭدى. مەنئۆزۈمچە توختاپ قالدىم، كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك مېنىڭ پىكىر دائىرەمنىئېچىۋەتكەندەك قىلاتتى. مەن نەگە كېتىۋاتىمەن؟ نېمىنىڭ كەينىدىنكېتىۋاتىمەن؟
مەن ئۇ بۆرىگە كەينىدىن قارىدىم. ئۇنىڭ كۆك رەڭگى ئاسمان ئېتىكىدەخۇددى كۆك بايراقتەك كۆزۈمگە تاشلاندى. نېمىلەرنى ئويلىغىنىمنى بىلمەيمەن، تەسەۋۋۇر ئېكرانىمدا ھەر خىل كۆرۈنۈشلەر تېز-تېز ئالمىشاتتى. يۈزىكۆپكۆك تۇغۇلغان بوۋاق ئورمانغا چۈشكەن كۆك نۇر دەرەخ كاۋىكىدا پەيدابولغان پەرىزات، ئۇنىڭ كۆك كۆزلىرى كەڭرى كەتكەن كۆكلىمەيدان كۆك ئاسمانكۆك تەڭرى مەن خىيال قۇچىقىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ ئالدىمغا قارىغىنىمدا، ھېلىقى «بايراق»نىڭ خېلىلا يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. كۆك تەڭرىنىڭقۇدرىتىدىنمۇ، بىلمىدىم، دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈردۈم. مەن ئۇنىڭغايېتىشىۋالغىنىمدا، ئۇ بىر بۆرە ئەمەس، بەلكى بىر توپ بۆرە سۈپىتىدەكۆزۈمگە تاشلاندى. چۆچۈپ كەتتىم، كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمۇپ، ئاستا ئېچىپ قاراپباقتىم، ئۇۋىلىۋېتىپمۇ قاراپ باقتىم، ھەتتا بېشىمنى سىلكىۋېتىپمۇ قاراپباقتىم. ئالدىمدا ھەقىقەتەن بىر توپ بۆرە تۇراتتى. توۋا، بۇ نېمە ئىش؟ ئادەملەر توپىدىن قېچىپ چىققانىدىم، ئەمدى كېلىپ بۆرە توپىغا كىرىپقالغىنىم نېمىسى؟

بۆرىلەر بىلەن ئويناش

بىر چاغدا ئۆزۈمنى بىر توپ بۆرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆردۈم، ئۇلار مېنى ئۆزەك قىلىپ چۆرگىلەيتتى، تاقلايتتى، بەزىدە تېخى يۇمۇلاپمۇ قوياتتى. مەنبولسام، چەمبەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدەك قېتىپلا تۇراتتىم.
ھېلىقى بۆرە ماڭا ئىشارە قىلدى. مەن ئۇنىڭ قۇدرەتلىك سېھرى بىلەنئويۇنغا چۈشتۈم: قاتارغا كىرىپ چۆرگىلىدىم، سەكرىدىم، موللاق ئېتىپمۇقويدۇم، لېكىن ئۇلار مېنى پات-پات مەركىزىي نۇقتىغا چىقىرىپ قوياتتى. مەنجايىمدا پىرقىرىغىنىمچە، بىلەكلىرىمنى ئوينىتىپ ئۇسسۇلغا چۈشتۈم، تۇرۇپ-تۇرۇپ بارماقلىرىمدىن قاس چىقىرىپمۇ قويىمەن ئويۇننىڭ قىزىقى ئاجايىپبولىدىكەن، بىرئازدىن كېيىن مەندىكى قورقۇنچمۇ، ئەندىشىمۇ، ئىككىلىنىشمۇ، ياتسىراشمۇ يوقىلىپ، ئۆزۈمنى خۇددى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكى بىر ئەزادەكلا ھېسقىلىپ قالدىم.
بىرئازدىن كېيىن مېنى باشلاپ كەلگەن ھېلىقى بۆرە ئوتتۇرىغا چىقتى. باشقا بۆرىلەر بىر سۇر بۆرىنىڭ كەينىگە تىزىلدى. ئىككى بۆرە ئاللىقانداقبىر ئاۋازلارنى چىقىرىپ، ئىككىسى بىر-بىرىگە ئۇدۇل ھالدا بىردەم ئوڭغا، بىردەم سولغا تاشلىنىشتى؛ سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرمۇ ئالدىدىكى بۆرەقاياققا تاشلانسا، شۇ ياققا تاشلىناتتى. بۇ ماڭا «قارا-قارا قۇشلارىم» ئويۇنىنى ئەسلەتتى. مەنمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇۋالدىم، مەنئۇياققا-بۇياققا سەكرەپ تۇرۇپ ئىچىمدە ئوقۇيتتىم:

ئاللا-ئاللا، قۇشناچىم
ئارقاڭدىكى نېمىلەرىڭ؟
قارا-قارا قۇشلارىم.
ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ،
كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ.

قوشاق ئوقۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، سەپنىڭ سىلجىش دائىرىسىدىن چەتتەقالغىنىمنى سەزمەي قاپتىمەن. مېنى ئەكەلگەن بۆرە ئۇدۇل ماڭا تاشلاندى. «بۆلۈنگەننى بۆرە يەر» دېگەن ماقال گۈپپىدە ئېسىمگە كەلدى. ئەگەر بۇبۆرىنىڭ ماڭا دوستانىلىقى بولمىغان بولسا، بۇ ماقال مېنىڭ شۇم قىسمىتىمدەئۆز ئىسپاتىنى تاپقان بولماسمىدى!؟ خەيرىيەت، ئۇ بۆرە مېنى يەۋەتمىدى، بەلكى كەينىگە قوشۇۋالدى.
ئويۇن خېلى داۋاملاشتى، سۇر بۆرىنىڭ كەينىدىكى بۆرىلەرنىڭ بىرسىمۇسەپتىن بۆلۈنۈپ كەتمىدى، مېنىڭ كەينىمگىمۇ يېڭى ئەسىر قوشۇلمىدى. ئويلاپباقسام، بۇ بۆرىلەرنىڭ ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، بۆلۈنۈپ كەتمەسلىك، ھەرقانداق چاغدا كوللېكتىپنىڭ بىر گەۋدە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنقىلىۋاتقان مەشىقى ئىكەن. بۆرىلەر بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىردەكلىكىنىنامايان قىلدى، مەن بولسام ئىنسانلىقىمنى قىلدىم.

ھۇجۇم

مەن بۆرىلەرگە ئەگىشىپ كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە، ھەممىگە زەن سېلىپكېتىۋاتىمەن. بىرئازدىن كېيىن ئۇلار بىر توپ كالىغا ئۇچراشتى. مەن ئۇلارنى «كالىلارغا ھازىرلا ھۇجۇم قىلىدىغان بولدى» دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇنداقبولمىدى. ئۇلار پايلاپ يېتىشتى. مەن بىر دەرەخنىڭ دالدىسىدا تاماشا كۆرۈپئولتۇردۇم. كالىلار بۆرىنىڭ ھىدىنى پۇراپ قالغان بولسا كېرەك، دەرھال بىريەرگە غۇژمەكلەشتى. بۆرىلەر ئۇلارنى قورشاپ كەلدى، كالىلار قېچىپ كېتىشكەكۆزى يەتمىگەنمۇ قانداق، دەرھال بۇ رەھىمسىز رېئاللىققا ئۇدۇل يۈزلەندى: ھەممىسىنىڭ قۇيرۇق تەرىپى بىر يەردە، مۈڭگۈزلىرى بۆرىلەر تەرەپكە نەيزىدەكچىقىپ تۇراتتى. بۆرىلەر ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىشقا باشلىدى، بىرەرسىمۇھۇجۇمغا ئۆتمىدى، ئايلىنىۋەردى. مەن بۆرىلەردىكى سەۋرچانلىققا ھەيرانقالدىم. كالىلار بولسا تۇياقلىرى بىلەن يەرنى چاپچىپ، بۆرىلەرگە ھوشيارلىقبىلەن تىكىلەتتى. بۆرىلەرمۇ ئۇلاردىن كۆز ئۈزمەيتتى. ئاخىر بۆرىلەركالىلارنىڭ ئالدىغا بىر قېتىم ئېتىلىپ باردى، لېكىن كالىلار سېپىنى بۇزمىدى، ئىككىنچى قېتىم يەنە ئېتىلىپ باردى، كالىلار يەنىلا غۇژمەك ھالىتىنى ساقلىدىبۇ خىل ئەھۋال يەتتە-سەككىز قېتىم داۋاملاشتى. بۆرىلەر يەنىلا نەتىجىگەئېرىشەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۆرىلەر كەينىگە چېكىنىپ ئورماننىڭ ئىچىگە كىرىپكەتتى. مەن بۆرىلەرنى «مەغلۇبىيىتىگە تەن بەردى» دەپ ئويلىدىم. كالىلارمۇشۇنداق ئويلىغان بولسا كېرەك، ئۆزلىرىنىڭ ھالقىسىمان مۇداپىئە ھالىتىنىبۇزۇپ بەھۇزۇر يايلاشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا ئىككى بۆرە چېچىلىپ يۈرگەنكالىلارنىڭ ئارىسىغا ئوقتەك ئېتىلىپ كەلدى. بۇ تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن كالىلارچۆچۈپ كەتتى. مەنمۇ چۆچۈپ كەتتىم. ئۇلار ئۆز ئالدىغا قېچىشقا باشلىدى، باشقا بۆرىلەرمۇ تەرەپ-تەرەپتىن ئۇلارغا يوپۇرۇلدى. شۇ قاچ-قاچتا مەنكالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرسىنىڭ پۇتى ئاقساق ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. بۆرىلەر قېچىۋاتقان باشقا كالىلارغا يول بېرىپ، ھۇجۇم نىشانىنى ھېلىقىئاقساق كالىغا مەركەزلەشتۈردى. بىر بۆرە ئۇ كالىنى كەينىدىن چىشلىدى، كالائېچىنىشلىق مۆرىگىنىچە كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، يەنە بىر بۆرە كېلىپ ئۇنىڭبوينىنى قاسىۋەتتى، كالا بوينىنى ئوڭشاپ بولغۇچە، ئۈچىنچى بۆرە كېلىپ ئۇنىكەينى پۇتىدىن چىشلەپ يىقىتتى، شۇنىڭ بىلەن باشقا بۆرىلەرمۇ بىراقلايوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.
مەن بۆرىلەرنى قەيسەر ئىكەن، دەپ قارىدىم. يەتتە-سەككىز قېتىملىقئۇرۇنۇشتىمۇ ئۇتۇقلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەندە، مەن قانداق قىلار ئىدىم؟ جەزمەن نىيىتىمدىن يانغان بولاتتىم، لېكىن بۆرىلەر ئۇنداق قىلمىدى، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشمىگۈچە زادى بولدى قىلمىدى، ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتىكى، نىيىتىنى ئۆزگەرتمىدى. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە ماسلىشىشىچۇ تېخى، ئۈنسىز-داۋراڭسىز، ھەربىرى بۇ ھۇجۇمدا قانداق رول ئويناشنى، قايسى نۇقتىدىن ئۆزكۈچىنى جارى قىلدۇرۇشنى بىلدى.
ئۇيۇشقان كۈچ چېچىلاڭغۇ كۈچنى يەڭدى. ھۇجۇمدا بىرەر بۆرىمۇ ئۆزۈمچىلىكقىلمىدى، غەلىبىدىن كېيىن بىرەرسىمۇ شۆھرەت دەۋاسى قىلمىدى، ئۆزىگەتەمەننا قويمىدى، ھەربىرى «مۇشۇنداق قىلىشىم كېرەك» دەپ قارىدى. مەنئويلىنىپ قالدىم: ئەگەر مەنمۇ ئۆز جامائىتىم ئىچىدە ئاشۇنداق ئۈنسىزماسلىشىشنى بىلگەن بولسام، باشقىلارمۇ شۇنى بىلگەن بولسا، ئۇ چاغدائىنساننىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان مەقسىتى بولماس ئىدى چوقۇم!

پاتقاقلىقتا

مەن يەنە بۆرىلەر توپىنىڭ كەينىدىن كېتىۋاتىمەن، ھەممىگە زەن سېلىپ، زەن سېلىپ كېتىۋاتىمەن.
بىر چاغدا بىر پاتقاقلىققا كىرىپ قالدۇق. پاتقاق يولدا مېڭىشھەقىقەتەن قىيىن، بولۇپمۇ ئالدىدا ماڭغۇچى ئۈچۈن نەقەدەر تەسلىكى كۆزگەكۆرۈنۈپ تۇرغان ئىش. ئەڭ ئالدىدا بۆرىلەرنىڭ سەردارى يول ئېچىپ ماڭدى، خېلى بىر ھازادىن كېيىن ئۇ ھارغان بولسا كېرەك، سەپتىن چەتكە چىقىپ تۇردى. ئۇنىڭ كەينىدىكى بۆرە توپىنى باشلاپ كېتىۋەردى. سەردار بۆرە مەن ئۇنىڭئالدىغا يېقىنلاشقاندا مېنىڭ كەينىمدىن ماڭدى. ئەمدى ئۇ بىر بۆرىنىڭمۇسەپتىن چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگەئالغانىدى. بېشىدا كېتىۋاتقان بۆرە بىر ھازادىن كېيىن سەپتىن يانغا چىقىپ، بالا بۆرىلەر يېقىنلاشقاندا ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىرىپ ماڭدى. ئەمدى بېشىداكېتىۋاتقان بۆرە بىر ھازادىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىگە قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپھەممىسى نۆۋەت بىلەن يول ئېچىپ ماڭدى، كۈچ كۈچكە ئۇلىنىپ تۇردى، يولمۇناھايىتى ئاۋۇشلۇق بولدى. دېمەك، بۆرىلەر توپىدا جاپانى بىرىگىلا ئىتتىرىپقويىدىغان، ھەممىدە بىرىگىلا ئارتىلىۋالىدىغان ئىش يوق ئىكەن. ئۇلار بىر-بىرىگە تايىنىدىكەن، ماسلىشىدىكەن، ھەمكارلىشىدىكەن. مانا سادىقلىق دېگەن! بۆرە بىزچە ئاڭسىز ھايۋان ئىدى، خوش، ئۇنداقتا، ئۇلاردىكى بۇ ئاڭ نەدىنكەلدى؟ ئىنسان ئاڭلىق ھايۋان ئىدى، لېكىن ئىنسان كوللېكتىپىنىڭ ھەممەئەزاسىدىلا ئاشۇ ئاڭ بارمۇ؟
مەن بۆرىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ كېتىۋاتىمەن، سەردار بۆرە مېنىڭ ئىزىمنىبېسىپ كېلىۋاتىدۇ. مەن خۇددى بۆرىدەك، ياكى بولمىسا، ئۇلار خۇددى ئادەمدەك، تولىمۇ ئىناق كېتىۋاتىمىز. مەن ئۆزۈمنى بۆرىگە ئوخشاتقىنىمدا، بۇئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى مۇشۇ سەپەردىن تاپقىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇلارنىئادەمگە ئوخشاتقىنىمدا ئىناقلىقنىڭ ئىسپاتىنى تولۇق دېگىلى بولارمۇ؟ بۆرىلەرنىڭ بۇ توپىدا سۇر رەڭلىكلىرىمۇ، قوڭۇر رەڭلىكلىرىمۇ، كۈمۈشرەڭلىكلىرىمۇ، ئوچۇق سېرىق، ھەتتا قىزىل رەڭلىكلىرىمۇ بار، لېكىنرەڭلىرىنىڭ ھەر خىل بولۇشى ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىغا تەسىر يەتكۈزەلمىگەن، ئىنسانلاردىچۇ؟ ئۆڭىنىڭ ئاق، قارا، سېرىق دېگەندەك بىرنەچچە خىلغابۆلۈنگەنلىكىمۇ خېلى بىر يىللارغىچە ئۇلارنىڭ ئىناقسىزلىقىنىڭ سەۋەبچىسىبولۇپ كەلگەنىدىغۇ!؟

ۋاي، بۇ نېمە ئىش؟

بۆرىلەرنىڭ ئىچىدە بىر بۆرە خېلىدىن بۇيان مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىپتۇراتتى. ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ توپتىن قېپقالاتتى. باشتا بۆرىلەر ئۇنى ساقلاپتۇرۇپ ياكى يېنىغا بېرىپ، ئۇنى تۇمشۇقلىرى بىلەن پۇرايتتى، يالايتتى، پەنجىلىرى بىلەن ئۇنىڭ ياللىرىنى سىلاپ قوياتتى، ئاخىر ئۇنى قاتارغا ئېلىپماڭاتتى.
پاتقاقلىقتىن ئۆتۈپ خېلى بىر مۇساپىدىن كېيىن بىر چاتقاللىقتاتوختىدۇق. دەل مۇشۇ چاغدا مەن ئۇ بۆرىنىڭ ماڭا تىكىلىپ قالغانلىقىنىسەزدىم. مەن باشقا بۆرىلەرنىڭ ھەتتا مېنى تۇنجى كۆرگەندىمۇ ماڭا بۇنچىلىكتىكىلىپ قارىغانلىقىنى بايقىمىغانىدىم. تۇيۇقسىز، ئۇ بۆرە ماڭا قاراپخىرقىرىدى، يۈرىكىم قارتتىدە قىلدى. ئۇ ماڭا ئۇشتۇمتۇت تاشلاندى، قانداقلارچە ئوڭدامغا ئۇچۇپ كەتكەنلىكىمنى سەزمەي قاپتىمەن. كۆز ئالدىمدائۇ بۆرىنىڭ ھىڭگىيىپ تۇرغان چىشلىرى، ساڭگىلىغان تىلى، قان تولغانكۆزلىرىدىن بۆلەك ھېچنېمە يوق ئىدى. شۇ ئارىدا يۈز-كۆزلىرىمگە، باش-بويۇنلىرىمغا قۇيرۇق، يۇڭ-مويلارنىڭ قالايمىقان تېگىۋاتقىنىدەك بىرئەھۋالنى سەزدىم بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام، بۆرىلەر بىر چەتتە ئوپۇر-توپۇر بولۇپ كېتىپتۇ. زەن سېلىپ قارىسام، ھېلىقى بۆرىگە ھەممە بۆرە تەڭلايوپۇرۇلغانىكەن. بىر چاغدا ھېلىقى بۆرە يارىلانغان ھالدا دالىغا قاراپقاچتى. ئۇنىڭ يۈگۈرگەن چاغدىكى قىسىلغان قۇيرۇقىلا كۆز ئالدىمدا قاپتۇ. مەنئورنۇمدىن تۇردۇم. ھېلىقى بۆرە مېنى قاساشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى. مەن ئەمدىباشقا بۆرىلەردىنمۇ خەۋپسىرەپ تۇرۇۋېدىم، ئۇلار قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭشىتىپئەتراپىمدا ئايلانغىلى تۇردى. ئۇلار ماڭا قارىمايتتى، باشلىرىنى يەرگەقاراتقان ھالدا مېنى ئۆزەك قىلىپ چۆرگىلەيتتى، چۆرگىلەيتتى. مەن بۇنى «ئۇلارنىڭ خىجالەت بولۇۋاتقىنى» دەپ ھېسابلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئويلاپباقسام، ھېلىقى بۆرە ئەسلىي كېسەل ئىكەن. كېسەل قاتتىق تۇتقاندا، ئۇتەبىئىتىدىن ئاينىپ ماڭا ھۇجۇم قىلغان. دېمەك، بۆرە تەبىئىتى بويىچەئادەمگە چېقىلمايدىكەن، چېقىلمىغان ئادەمگە ھەرگىز چېقىلمايدىكەن، لېكىن بىزچۇ؟

گۈلخان ئەتراپىدا زۇلمەت

يىراقتىن گۈلخان يورۇقى كۆرۈندى. قاراڭغۇلۇقتىكى بۇ نۇرلۇق شولا مەندىنشۇنچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇدۇمنى ئىللىق بىر تۇيغۇغا چۆمدۈردى. مەنگۈلخانغا قاراپ قەدىمىمنى تېزلەتتىم. بۆرىلەرمۇ مېڭىشىنى ئىتتىكلىتىپيەڭگىل يورغىغا چۈشتى. ئەمدى ئۇلارغا يېتىشىپ مېڭىش ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈمگەتوغرا كەلدى. گۈلخانغا يېقىنلاشقاندا بۆرىلەر يورغىسىنى شاپپىدە توختاتتى. مەنمۇ يۈگۈرۈشتىن توختىدىم. ئۇلار گۈلخانغا بىر قىسمىلا قارايتتى، كۆزلىرىئوت يورۇقىدا خۇددى يېنىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بۆرىلەر گۈلخاندىن يىگىرمە-ئوتتۇز قەدەمچە نېرىدا يېرىم ھالقىسىمان پىرقىراشقا باشلىدى. شۇ ئەسنادائاسماندا ھىلال ئاي پەيدا بولدى. بۆرىلەر كەينىگە داجىغان ھالدا ئايغاقاراپ تەلمۈردى. ئۇلار دەم ئوتقا، دەم ئايغا قارايتتى. بىر بۆرە ھۇۋلىدى، كەينىدىنلا ئۇنىڭغا يەنە بىرى، ئۇلىشىپلا يەنە بىرى، ئارقىدىن ھەممىسىقوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدى. ھەربىرىدە ئۆزىگە خاس ئاۋاز، لېكىن ھەممىسىلا بىرئاھاڭدا ھۇۋلايتتى. ئۇلارنىڭ ئاھاڭى ماڭا تولىمۇ مۇڭلۇق بىلىندى. ئۇلارنېمىشقا مۇڭلىنىۋاتقاندۇ؟ ئاينىڭ مۇڭلۇق ھالىتىگە قاراپمۇ؟
بىرئازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھۇۋلىشى ماڭا ئەنسىز بىلىندى. ئۇلارغا نېمەئەنسىز تۇيۇلۇۋاتقاندۇ؟ ئوتمۇ؟ كۆكتىن چۈشكەن چېقىن، كۆيگەن ئورمان، كۈلبولغان ئىن-ئۇۋا، بىخسىپ كۆيگەن تاپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغاكېلىۋالغانمىدۇ؟ ياكى «پاڭ-پۇڭ» تۇيۇقسىز ئېتىلغان ئوق ئاۋازلىرى خىيالىمنى چورتتىدەبەلدىن ئۈزۈۋەتتى. ئېسىمنى يىغىپ بولغۇچە، يېنىمدىكى بىر بۆرىنىڭ گۈپپىدەيەرگە يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. ئىختىيارسىز كەينىمگە داجىدىم. داجىغاندىمۇ خېلى داجىدىم. كەينىمگە بۇرۇلمىغىنىمنى ھېسابقا ئالمىغىنىمدا، «داجىدىم» دېگەندىن كۆرە «قاچتىم» دېگىنىم تۈزۈك ئىدى. لېكىن، بىر بۆرەئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ھېلىقى يىقىلغان بۆرىنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى. «پاڭ-پۇڭ» قىلغان ئوق ئاۋازى بىلەن ئۇ بۆرىمۇ قەددىنى رۇسلىيالماي يېتىپقالدى. كەينىدىن يەنە بىر بۆرە يىقىلغان بۆرىلەرنىڭ ئالدىغا قاراپيۈگۈردى. مەن شۇ چاغدىلا چۈشەندىم: بۆرىلەر ئوق تەگكەن قېرىنداشلىرىنىقۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈم خەۋپىگە ئۇرۇۋاتاتتى. مەن كەينىمگەداجىغانلىقىم ئۈچۈن نومۇس قىلدىم-دە، ھېچنېمىگە قارىماي يۈگۈردۈم، ئەپسۇس، مەن بېرىپ بولغۇچە ئۈچىنچى بۆرىمۇ ئوق يەپ يىقىلدى. مەن يىقىلغانبۆرىلەر بىلەن يۈگۈرۈپ كەلمەكچى بولغان بۆرىلەرنىڭ ئارىلىقىغا كىرىپتۇرۇۋالدىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا تىرىك بۆرىلەرگە گويا: «سىلەر ئۆلۈمئارقىلىق ئار-نومۇسسىز مەلئۇنلارنى نىيىتىدىن ياندۇرالمايسىلەر. قۇربانبېرىش پەقەت ۋاپا-ساداقەت ئەقىدىسى ئالدىدا تەسىرلىنىشنى بىلىدىغانلارغىلائۆز قۇدرىتىنى كۆرسىتەلەيدۇ» دەۋاتاتتىم. مەن شۇ تۇرۇشۇمدا قوراللىقلارغا: «ئاتساڭلار مانا مېنى ئېتىڭلار. نەزىرىڭلاردا مەن بىر ئەرزىمەس ئادەمقاتارىدا ئۆلسەممۇ، لېكىن مەن ئۆزۈمنى ئەسلىي بۆرە قاتارىدا ئۆلدۈم، دەپھېسابلايمەن» دەۋاتاتتىم. قوراللىقلار ماڭا پوپوزا قىلىپ ئاسمانغا قارىتىپبىرنەچچە پاي ئوق ئاتتى. مەن جايىمدىن مىدىرلىمىدىم. بۆرىلەر مەقسىتىمنىچۈشەنگەن بولسا كېرەك، كەينىگە داجىپ-داجىپ تۈن قاراڭغۇلۇقىدا غايىببولدى. مەن بۆرىلەرنى قاچۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ھاياجاندا قىزىغان قانلىرىمئاستا-ئاستا سوۋۇدى. قانداقتۇر بىر ئادەملەرنىڭ چۇقانلىرى، دەرەخلەرنىڭقايرىلىپ سوقۇلۇشلىرىدىن چىقىۋاتقان پاراس-پۇرۇسلار، يارىلانغانبۆرىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرى، گۈلخان ئوتىنىڭ چاراسلاشلىرى كاللامدائەكس ئەتتى. مەن ئەسلىمگە كەلگەندە، بىرنەچچە قوراللىق ئادەم يىقىلغانبۆرىلەرنىڭ تېرىلىرىنى تېنىدىن ئايرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىغا قارىغۇممۇكەلمىدى. كۆزۈم پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈنى ئۆچكەن مىلتىقىدا، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭقېنىغا بويالغان پىچىقىدىلا ئىدى. مىلتىقلىرىنى يۇلۇۋېلىپ، ئۇلارنىئېتىۋەتكۈم كەلدى، پىچاقلىرىنى تارتىۋېلىپ قانلىرىنى بۆرە قانلىرىغاقوشۇۋەتكۈم كەلدى. لېكىن مەن ئاجىز ئىدىم. ئۇلارنىڭ ماڭا نېمىلەرنىدېگىنىنىمۇ بىلمەيمەن، بىلگۈممۇ كەلمىدى. قاچان كەتتى، قانداق كەتتى، قارىغۇممۇ كەلمىدى. بىر چاغدا قارىسام، گۈلخان ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن. قانداق قىلساممۇ ئىللىيالمىدىم، مۇزلىغان قەلبنى ھەرقانداق ئوتمۇئىللىتالمايدىكەن. يېنىۋاتقان ئوتقا تىكىلگىنىمچە ئولتۇرۇپتىمەن، ئولتۇرۇپتىمەن، ئاخىر لاۋۇلدىغان ئوتلارمۇ ئۆچۈپتۇ، كۈل ئاستىداپىلىلداۋاتقان چوغدىن كۆزۈمنى يۆتكەپ قارىسام، شەرق تەرەپ چوغ قىزىللىقىغاچۆمكەلگەنىكەن.

مۇقەددەس ئەستىلىك

ئورنۇمدىن تۇردۇم، تېرىسى سويۇپ تاشلىۋېتىلگەن بۆرىلەرنىڭ قىپقىزىلتېنىگە قاراپ ئۆزۈمنى خۇددى قان ئىچىدە تۇرغاندەك ھېس قىلدىم. گويا پۈتۈنئەتراپ قىزىللىق ئىچىدە، ھاۋادىنمۇ پەقەت قان ھىدى كېلىۋاتقاندەك. مەن شۇتاپتا ئاللىقانداق بىرسىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەپىلەشمەكچى بولغانجەرراھمۇ ياكى گۆشنى ئېپى-جېپى بىلەن پارچىلىماقچى بولغان قاسساپمۇ ۋەياكى ئەسەبىيلىشىۋاتقان جاللاتمۇ، بىلمىدىم، يانچۇقىمدىن كىچىككىنە بەكەمنىچىقاردىم. بېرىپ بىر بۆرىنىڭ پېيىدىن ئازراق كېسىۋالدىم، ئوشۇقىنىمۇئەپچىللىك بىلەن چىقىرىپ، شوينىغا چىگىپ بوينۇمغا ئاستىم، ئاندىن نەمخۇشيەرنى قوللىرىم بىلەن كولاپ ئازگال ئېچىپ، بۆرىلەرنىڭ جەسىتىنى كۆمدۈم. بۆرىدىن ئالغان مۇقەددەس ئەستىلىكنىڭ ئورنىغا بەكەمنى دۆۋىلەنگەنتۇپراقنىڭ ئۈستىگە سانچىپ قويدۇم. مەن ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ كۆككە قاراپدۇئا قىلدىم، كۆزۈمدىن ياش ئاقتى، بۇ ياش تىرناقلىرىمدىكى قاننى يۇيۇپئاقتى. قان-ياشلىرىم تۇپراققا چۈشتى. مەن كۆك تەڭرىدىن تىلىدىم: ئەيقۇدرەت ئىگىسى، مېنىڭ مۇشۇ قان-ياشلىرىمدىن گۈل-چېچەكلەر ئۈنگەي، مۇشۇناتىۋان، گۇناھسىز بۆرىلەرنىڭ قەبرىسىنى مەڭگۈ-مەڭگۈ گۈلگە پۈركىگەي!

قانغا پاتقان قىشلاق

كېتىۋاتىمەن، كېتىۋاتىمەن، ئوڭ-تەتۈر دەسسەپ كېتىۋاتىمەن. نېمەئويلاۋاتىمەن، قەيەرنى نىشان قىلىپ كېتىۋاتىمەن، بىلمەيمەن. كەينىمدەيېشىلچىلىقلار قالدى، چۆل-جەزىرىلەرمۇ قالدى، يەنە ئالدىمدا يېشىلچىلىقبىر چاغدا «كۆزۈڭنى ئاچ» دېگەندەك بىر سادا زاھىر بولدى، ئوچۇق كۆزلىرىمنىھەقىقىي تۈردە ئاچتىم. قارىسام، كۆز ئالدىمدا بىر دەھشەتلىك مەنزىرە: كەپىلەر بىلەن چاتقال دەرەخلەر كۆيۈۋاتقان، كالىلار ئېچىنىشلىق مۆرەۋاتقان، قويلار مەرىشىپ ئۇياق-بۇياققا قېچىۋاتقان، ئۇ-بۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدىدائادەم جەسەتلىرى سۇنايلىنىپ ياتقان بۇ پاجىئەگە قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئىس-تۈتەكلەر كۆزلىرىمنى، قان-ھىدلىرى بۇرنۇمنى ئېچىشتۇردى. كۆزلىرىمنىئۇۋۇلۇۋېتىپ جەسەتلەرگە يېقىنلاشتىم. ئۇلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى يىرتقۇچھايۋانلار ئەمەس، بەلكى ئادەم ئىكەن. ھەممىسىنىڭلا بەدىنىدە ئوق ئىزلىرىتۇراتتى. مەن جەسەتلەرگە قاراپ پېشانەمنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ۋەھشىيلىك، ئاھ ۋەھشىيلىك! بۆرىلەر ئىچىدىمۇ مۇنچىلىك ۋەھشىيلىك يوقئىدىغۇ. ئادەملەرگە نېمە بولغان؟ ئادەملەر، ئەي ئادەملەر! سىلەر ئەسلىنىسۈرۈشتۈرگەندە ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدىڭلار. قابىلبىلەن ھابىلدىن قالغان ئۆچمەنلىك ئۇدۇمى پات-پات سىلەرنى قىر-چاپقاقۇترىتىپ تۇردى. سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئاقلايدىغان باھانە-سەۋەبىڭلارناھايىتى كۆپ. زېمىن ئەسلىي سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنىڭ ھەممىمىزنىڭ، شۇنداقلابارلىق جانلىقلارنىڭ ماكانى ئىدى، لېكىن سىلەر «مەن»نىلا ئويلىدىڭلار، «مەن»نى قۇدرەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە «مەن»نى «بىز» دەۋالدىڭلار. بۇ «بىز» قانداقتۇر بىرقانچە يۈز، مىڭ، يۈز مىڭ، ھەتتا مىليونلارغا ۋەكىلبولۇۋالدى. ئۇنىڭغا قارىمۇقارشى ياكى تەڭ تۇرىدىغان ئاشۇنداق «بىز»لەر بۇزېمىننىڭ ھەممە يېرىدە خۇددى ياۋا ئوتقا، ئازغانغا ئوخشاش پەيدا بولۇشقاباشلىدى. بۇ «بىز» ۋاقتى كەلگەندە باشقا «بىز»لەرنى، بارلىق جانلىقلارنىئەرزىمەس نەرسە قاتارىدا كۆردى، بەزىلەرنىڭ ھەتتا نەسلىنى قۇرۇتۇۋەتتى.
كېچە ئۆلتۈرۈلگەن بۆرىلەر ئالدىمدا سۇنايلىنىپ ياتقان جەسەتلەر قان-ياش ئىچىدە قالغان قىشلاق كۆز ئالدىمدا تېز-تېز ئالمىشاتتى. بۇكۆرۈنۈشلەرنى كۆيۈۋاتقان دەل-دەرەخلەردىن بۇقسۇپ چىققان ئىس-تۈتەكلەرپات-پات سۈرەتسىز قارا كارتىنا بىلەن يېپىپ تۇراتتى.
كۆزلىرىمدىكى ئاچچىق، بوغۇزۇمدىكى ئاچچىق، يۈرىكىمدىكى ئاچچىق ھەممىسىبىرلىشىپ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. مەن ئۆچ ئالماقچى بولدۇم، ئۆز ئەسلىدىنئاينىغان، ئادەملىك تەبىئىتىنى يوقاتقان ئاچ مەلئۇنلاردىن ئۆچ ئالماقچىبولدۇم. يانچۇقۇمدىن بۆرىنىڭ سىڭىرىنى ئالدىم-دە، چوغنىڭ ئۈستىگەقويدۇم. سىڭىر پىژىلداپ سۈيى قېچىپ، ئاندىن تارتىلىپ قورۇلۇشقا باشلىدى. «مەن ئۇدۇم قىلدىم، دېدىم ئىچىمدە، بۇ شۇملۇقنى قىلغان قولۇڭلار چوقۇم مۇشۇسىڭىردەك كىرىشىپ-تارتىشىپ قالىدۇ، مېڭەڭلار مۇشۇ سۈيى قاچقان سىڭىر كەبىقۇرۇيدۇ، پۈتۈن ئۈگەڭلاردىكى پەي-مۇسكۇللار ئۆز ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ». مەن بۆرىگە تېۋىنىۋاتاتتىم، كۆك بۆرىنىڭ قۇدرىتىگە تېۋىنىۋاتاتتىم.

جاھان مەنزىلىدە

مەن ئاجايىپ بىر روھىي يۆلەكنىڭ مەدىتى بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. قان-ياش، ئىس-تۈتەك قاپلىغان قىشلاقنى كەينىمدە قالدۇرۇپ، سەپىرىمنىداۋاملاشتۇردۇم. مەن قاچۇرۇۋەتكەن ھېلىقى بۆرىلەرنى ئىزدەپ تېپىش نىيىتىگەكەلدىم. مەن كونا-يېڭى قۇرۇقلۇقنىڭ خېلى جايلىرىنى ئارىلىدىم، قەدىمكىئۆڭكۈرلەرگە كىردىم، ئۇلارنىڭ تاشقا ئويۇلغان مۇبارەك سۈرەتلىرىنى كۆردۈم ، كۆزۈمگە سۈرتتۈم. توقىسىغا ئىنسان بالىلىرىنىڭ بۆرىنى ئېمىۋاتقانكۆرۈنۈشلىرى چۈشۈرۈلگەن كەمەرنى بېلىمگە باغلىدىم. بۇ ئىرادە كەمىرىئىدى. دەستىسىگە بۆرە سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن قامچىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ مېنىھەرگىز بوشاشتۇرمايدىغان ھەيدەكچى ئىدى. ئىگىرىگە بۆرە سىماسىچۈشۈرۈلگەن كۆك تۇلپارنى مىندىم. بۇ ئەركەكنىڭ قانىتى ئىدى. تېبىردەرياسىنىڭ تىررىن دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان جايىدا ئىنسان بالىلىرىنىئېمىتىۋاتقان ئانا بۆرىنىڭ ھەيۋەتلىك ھەيكىلىنى كۆردۈم. بۇ كەمىرىمدىكىئويمىنىڭ چوڭايتىلغان ھەم مۇكەممەل شەكلى ئىدى. مەن بۇ ھەيكەل ھەققىدىكىھېكايىنى ئاڭلىدىم: قەدىم-قەدىم زامانلاردا دەل مۇشۇ دەريا ساھىلىدا بىردۆلەت بار ئىكەن. ئۇكىسى پادىشاھ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاجۇ-تەختىنىتارتىۋاپتۇ، ئاندىن ئاكىسىنىڭ ئۇرۇق-جەمەتىنى قىرىپتۇ. پەقەت بىر جيەنقىزلا ئامان قاپتۇ. جيەن قىز ئۆمۈر بويى توي قىلمايدىغان موناخ بولۇشقامەجبۇر قىلىنىپتۇ. لېكىن، ئويلىمىغان يەردە بۇ موناخ قىز قوشكېزەك پەرزەنتتۇغۇپتۇ. غەزەپلەنگەن پادىشاھ موناخ قىزنى ئۆلتۈرۈپ، ئىككى بالىنى دەرياغاتاشلىۋېتىپتۇ. بۇ بالىلارنى بىر چىشى بۆرە قۇتۇلدۇرۇۋېلىپ، ئۆز سۈتى بىلەنبېقىپ چوڭ قىپتۇ بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن پادىشاھنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋەبۆرە ئۆزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان جايدا بىر شەھەر بىنا قىپتۇ. كېيىن ئاكا-ئۇكا ئىككىسى بۇ شەھەرنى قايسىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاش مەسىلىسىدەئارازلىشىپ قېلىپ ئاكىسى ئۇكىسىنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە بۇ شەھەرنى ئۆزىنىڭ نامىبىلەن «رۇم» دەپ ئاتاپتۇ. كېيىن ئۇ، خوتۇن-قىزلارنى قولغا كەلتۈرۈشمەقسىتىدە قوشنا قەبىلە بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇب بولۇش گىردابىغا كېلىپقالغاندا، ئارىغا بىرنەچچە ئانا بۆرە كىرىپ ئۇلارنى ياراشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭبىلەن شەھەردە تىنچلىق ئورنىتىلىپ، بۇ شەھەر بۆرە شەھىرى دەپ ئاتىلىپتۇ .
بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيكەلگە قاراپ خىيالغا چۆمدۈم. «قۇرئان»دىكى ھابىل-قابىل ئاكا-ئۇكا ھېكايىسى، ئىنسانىيەتتىكى تۇنجىقاتىللىق ۋەقەسىگە سەۋەبچى بولغان ھوقۇق ۋەسۋەسىسى ۋە قىز ( ئىقلىمە) كاللامدىن يالت قىلىپ ئۆتتى. ھۇن، ئۇسۇن، قاڭقىل، تۈركلەر ئېلىدىمۇ، ئەرگىنە قۇندىمۇ، ئوغۇزخان مەنزىلىدىمۇ، موڭغۇل زېمىنىدىمۇ، مىسىر ۋە فارسدىياردىمۇ، فېن، گېرمان ۋە سلاۋىيان ئەللىرىدىمۇ، ھەتتا ئىندىئانلاردىمۇ ھەرقېتىملىق قېرىنداشلار قەتلىئامىدا بۆرىنىڭ يا ئانىلىق، يا ئاتىلىق ياكىيولباشچى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىنسانغا نىجاتلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىماڭا بىر ئىلاھىي قۇدرەتنى ئەسلەتتى. ئىنسان تەبىئىتىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگەيوشۇرۇنغان يىرتقۇچ قاتىللىق خۇسۇسىيەت ھەربىر قېتىم پارتلىغاندا، ئۇنىڭغا بەرھەم بەرگۈچى، ئۇنى چەكلىگۈچى، ئۇنى تىنچلىققا يېتەكلىگۈچى نېمەئۈچۈن ھەر قېتىم بۆرە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداقيىرتقۇچلۇقنى چەكلىگۈچى، ئىنسان نەزىرىدە ھەم نىجاتكار، ھەم يىرتقۇچھېسابلىنىدۇ؟
دەرھەقىقەت، كۈچ-قۇدرەت، قۇدرەت ئىگىسى ئۈچۈنمۇ، قارشى تەرەپ ئۈچۈنمۇئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەن؛ خۇددى مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، ياخشىلىقبىلەن يامانلىق، ئۆزىنى كۆزلەش بىلەن ئۆزگىگە بېغىشلاش روھى ھەربىر ئىنسانئۈچۈن مۇكەممەل ھەمجەھەتلىك بولغانغا ئوخشاش.
مەن جاھان مەنزىلىدە ئۇلارنىڭ ئىز-نىشانلىرىنى تاپتىم. بۆرە بېشىنىڭسۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇغ-ئەلەملەر ، ياغاچ ئويمىلار؛ بۆرە سىماسىچۈشۈرۈلگەن قېيىق ۋە تۈۋرۈكلەر، كۆكتىكى يۇلتۇزلار ئارىسىدا يۈرگەن بۆرىنىڭسۈرىتى كەشتىلەنگەن رەخت ، ئىندىئانلار قالدۇرغان ئۇچار بۆرە رەسىملىرى ، بۆرە بىلەن ئىلاھ نامى تەڭ قوشۇلۇپ ئاتالغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىلار ۋەبايراملار ماڭا ئۇلارنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىدىن دېرەك بەردى. مەن يىراق-يىراق ئۆتمۈشلەردىكى ئانىلىق-ئاتىلىق ئەجدادلىرىمنىڭ ئىزناسىنىتاپقاندەك بولدۇم، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك، مېھرىبانلىق، ھەمدەملىك، قان-قېرىنداشلىق تۇيغۇسىنىڭ ئەسلىي يىلتىزىنى، ئىلھامچىسىنىتاپقاندەك بولدۇم. يىلتىزداشلىق، زېمىنداشلىق، تەقدىرداشلىق بۇرچىقانلىرىمنى ئۇرغۇتتى.
مەن قۇياشقا قارىدىم، ئاق تەنلىك قوۋملارنىڭ قۇياش ئىلاھىنى بۆرە نامى بىلەنقوشۇپ ئاتىغانلىقى ئېسىمگە چۈشتى، قۇياش ماڭا تېخىمۇ ھارارەتلىك بىلىندى. مەن يېيىلىپ ياتقان ئوتلاق، يەلپۈنۈپ تۇرغان ئورمانلارغا قارىدىم، بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىلاھىنىمۇ بۆرە نامى بىلەن ئۇلۇغلىغانلىقى نەزىرىمنىتېخىمۇ كەڭلىككە تاراتتى. يەنە بەزىلەرنىڭ ئاسمان ئىلاھىنى بۆرە نامى بىلەنئاتىغانلىقى كۆك بۆرە تەسەۋۋۇرۇمنى تېخىمۇ بۈيۈكلۈكلەردە پەرۋازقىلدۇردى. ئەقىل-پاراسەت ئىلاھى مىركورى بىلەن «قۇرئان»دا زىكىر قىلىنغانبۆرە يۇلتۇزى ھەققىدىكى ئوخشاشلىق مېنىڭ تەپەككۇرۇمنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈردى. ئاجايىپ بىر تۇيغۇ مېنى ئەسىر قىلىۋالدى. ئىنساننى قاراڭغۇلۇقتىنيورۇقلۇققا، ھالاكەتتىن نىجاتكارلىققا، ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈمىدۋارلىققا، چۈشكۈنلۈكتىن جۇشقۇنلۇققا باشلىغان شۇ ئۇزاق دەۋرلەردىكى قۇدرەتلىكروھ بۆرە روھى مېنى ئاجايىپ ھاياجانغا چۆمدۈردى.
بوينۇمغا ئېسىۋالغان بۆرە ئوشۇقىنى ھۆرمەت بىلەن سۆيدۈم، ماڭا كۈچ كىردى. بۇ ماڭا بۆرە روھىدىن كىرگەن كۈچ ئىدى.

ئوۋچىنى قاچۇرۇش

مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرىلەرنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن تۇيۇقسىز ئالدىمغا بىرئوۋچى ئۇچراشتى. ئۇنىڭ بىر قولىدا مىلتىق، بىر قولىدا بۆرە تېرىسى بارئىدى. نېرى-بېرىسىنى ئويلىمايلا، ئۇنىڭ قولىدىكى بۆرە تېرىسىنىتارتىۋالدىم. ئۇ ماڭا مىلتىقىنى تەڭلىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي بۆرەتېرىسىنى يېپىندىم. مەن شۇ تاپتا ئۆزۈمچە بۆرە قىياپىتىگە كىرگەنىدىم. ئۇماڭا پوپوزا قىلدى، مەن ئۇنىڭغا بۆرىلەرچە خىرىس قىلدىم؛ ئۇ مېنىمەنسىتمەي كۈلدى، مەن كۆڭلۈمدە ئۇنى ساراڭغا چىقاردىم. مەن ئۆزۈمنى گوياسىرتاردۇشلارنى ھالاكەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ئۆتۈكەن بۆرىسىھېسابلايتتىم. مەن ئۇنىڭغا ۋارقىرىدىم: «سەن سەنلەر ھالاك بولۇش خەۋپىدەتۇرۇۋاتىسىلەر!» ئۇ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ مېنى ساراڭغا چىقاردىمۇ ياكىئاللىقانداق ۋەھىمىگە چۆمدىمۇ، بىلمىدىم، مىلتىقىنى ماڭا تەڭلىگىنىچە، كەينىگە داجىپ-داجىپ بىرئاز يىراقلىشىۋالغاندىن كېيىن قېچىپ كەتتى.

ئېگىز چوققىدىكى بۆرە

مەن كېتىۋاتىمەن، بۆرە تېرىسىنى يېپىنىپ كېتىۋاتىمەن، ئۆزۈمنى بۆرە چاغلاپ، بۆرە جامائىتىمنى ئىزدەپ كېتىۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى بايقىسامپۇرىدىم، تىكەنلەرگە ئىلىنىپ قالغان يۇڭلىرىنى بايقىسام كۆزلىرىمگەسۈرتتۈم. ئۇلارنى ئەنە شۇنداق سېغىنىش ئىچىدە كېتىۋاتىمەن. ناھايەت بىركۈنى ئۇلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. گويا بىر ۋەھىي ئاڭلانغاندەك ۋۇجۇدۇم لەرزىگەكەلدى. يۈگۈردۈم، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ يۈگۈردۈم. چاتقاللارپەشلىرىمگە ئېسىلدى، پەرۋا قىلمىدىم؛ ئۇچلۇق تاشلار چاپۇتلىدى، پىسەنتقىلمىدىم، يۈگۈردۈم، قۇلىقىم تۈۋىدە پەقەت بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىلا!
ئاخىر مەن ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ناھايىتى تىك بىر چوققىنىڭ ئۈستىدە ئىدى. چوققىغا ياماشتىم، سېرىلدىم، يەنە ياماشتىم، يەنە سېرىلدىم، قانچەقىلساممۇ بولمىدى. ئاياغلىرىم يىرتىلدى، قوللىرىم قانىدى، كىيىملىرىمجۇلجۇل بولدى، لېكىن مەن ئۇ تۇرغان يۈكسەكلىككە چىقالمىدىم. ئاخىر مەن ئۇتۇرغان چوققىنى مەركەز قىلىپ پەستە ئايلىنىشقا باشلىدىم، خۇددى بۆرىلەربىر چاغلاردا مېنى مەركەز قىلىپ ئايلانغاندەك ئايلاندىم، كۆزۈم ھامان ئۇتۇرغان نۇقتىدا ئىدى. مەن چۆرگىلەيتتىم، كاللامدىمۇ ئاجايىپ خىياللارچۆرگىلەيتتى.
«ئەي بۆرە، دەيتتىم ئىچىمدە، سەن ئاشۇ يۈكسەكلىككە، ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىيۈكسەكلىككە مەنسۇپ. سېنىڭ روھىڭ تاغ-ئورمانلارغا، ئاسمان، يۇلتۇزلارغاسىڭگەن. يىراق ئۆتمۈشلەردە ئاتا-بوۋام ساڭا سېغىنغان، مەن ھېلىھەم ساڭاسېغىنىمەن. مەن سەن بىلەن مۇڭداشقىلى كەلدىم، ئىچىمدىكىنى ئېيتقىلى كەلدىم»

ھۇۋلاش

تۇيۇقسىز، بۆرە ھۇۋلىدى. ئۇنىڭ ھۇۋلىشى تولىمۇ مۇڭلۇق ئىدى. ئۇنىڭ مەنبىلەن ھال-مۇڭ بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم. «سەن مۇڭلىنىشقاھەقلىق، دېدىم ئىچىمدە، دۇنيادا قايسى بىر جان ئىگىسى ساڭا ئوخشاشئاۋۋال شۇنچە زامان ئۇلۇغلىنىپ، كېيىن مۇشۇنداق قارىلانغان ھاقارەتلىكتارىخنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان؟!»
بۆرىنىڭ ھۇۋلىشى تۇيۇقسىز ئۆزگەردى، ئۇنىڭغا بىرنەچچە بۆرىنىڭ ھۇۋلىشىقوشۇلدى. مەن بۇ ئاۋازلاردىن داد-پەرياد ھېس قىلدىم. شۇنداق، ئۇئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان ئادالەتسىزلىكلىرىدىن پەرياد ئۇرۇۋاتاتتى. قەدىمدە ئىنسان بىلەن بۇ تەبىئەت دۇنياسىدا تەڭ ياشاپ، ئىنسانغا روھىيمەدەت ۋە ئۇلۇغۋارلىق بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەمدىلىكتە قىرغىن قىلىنىش «مۇكاپاتىغا سازاۋەر»مۇ؟ مەن ئۇنىڭ داد-پەريادىنىڭ تېگىنىچۈشىنىۋاتىمەن: تەبىئەت دۇنياسىدا ئىنساندىن ماكان تالىشىدىغان، ئىنسانغاھۇجۇم قىلىدىغان غالجىر تەبىئەتنى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرگەنمۇ ئەسلىيئىنسان ئىدى. «نەسلىنى ياخشىلاش» دەيدىغان قانداقتۇر بىر غەلىتە ئىستەكنىڭقۇترىتىشى بىلەن ئىتنى ئۇنىڭ بىلەن چېتىشتۇرمىغان بولسا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدائىنسانغا ئۆچمەنلىك پەيدا بولارمىدى!؟»
تۇيۇقسىز، بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلىشىدا بىر سۈر ئەكس ئەتتى. مەن قانداقتۇر بىرۋەھىمە ئىچىدە قالدىم. ناھەق قارىلانغان، ناھەق جازالانغان بۆرىلەر ئەمدىئىسيان كۆتۈرمەكچىمىدۇ، ئىنساندىن قىساس ئالماقچىمىدۇ؟ لېكىن بۆرىلەرماڭا يوپۇرۇلۇپ كەلمىدى. دېمەك، بۇ ۋەھىمە ئىچىدە تۇرغان بۆرىلەرنىڭساداسى. ئۇلار ئىنساندىن ۋەھىمە ھېس قىلىۋاتىدۇ.
مەن ئەمدى بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرىدىن ئەنسىزلىك ھېس قىلدىم. ئۇلار ئۆزىدىنئەنسىرەۋاتاتتى، ئىنساندىن ئەنسىرەۋاتاتتى. راست، بۆرىنىڭ نەسلىنىئۆزگەرتىۋەتكەن ئىنسان ئەمدى ئۆز نەسلىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىۋاتىدۇ. ئىككىجىنستىن ئەمەس، بەلكى تاق بىر جىنستىن پەيدا بولىدىغان (ياكى بولغان؟) ئىنسان ئىنساننى نېمە كويغا سالار؟ تەبىئەتنى نېمە كويغا سالار؟
بىر چاغدا بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى كۈچەيدى، ئۇلارغا نۇرغۇن-نۇرغۇنبۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى قوشۇلغانىدى. تىلسىز تاغۇ-تاشلار خۇددى زۇۋانغاكەلگەندەك ئەكس سادا چىقاردى، بوران پەيدا بولدى. دەل-دەرەخلەر خۇددىئۇلارنىڭ ئىسيانكار چۇقانىنى چاۋاك بىلەن ئالقىشلاۋاتقاندەك شالدىرلاشقاباشلىدى. گۈل-گىياھلار خۇددى ئۇلارنىڭ خىتابىنى تەستىقلاپ باش لىڭشىتىپئۈلگۈرەلمەيۋاتقاندەك؛ بۇلاق سۇلىرى شىرىلداۋاتقاندەك ئەمەس، خۇددىتوختىماي پىچىرلىشىۋاتقاندەك. كۆل سۇلىرى دەيدىغىنىنى ئەمدى ئىچىدە بىلىپياتماي، بىر ھەق گەپ قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەۋاتقاندەك، دەريا-دېڭىزلار تاشقىنلاپ مەيدىسىگە مۇشتلاپ سۆزلەۋاتقاندەك بىر ئەھۋال يۈز بەردى. مېنىڭ قېنىممۇ ئۇرغۇدى. مەنمۇ بۆرە بىلەن، بوران بىلەن، تەبىئەت بىلەنقوشۇلۇپ ھۇۋلاشقا باشلىدىم. مېنىڭ ھۇۋلاشلىرىمدا ھاياجانغا كەلگەن تەبىئەتبىلەن ئويغانغان ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ھەمجەھەتلىكى ئەكس ئېتەتتى. مەن بۇھۇۋلاشلىرىمدا دۇنياغا خىتاب ياڭرىتىۋاتاتتىم: «بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ئىنسانلار، قۇلاق سېلىڭلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ. ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەسلىي بىرمەنبەدىن كەلگەن قان-قېرىنداش ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇئۆزلىرىنىڭمۇ، بىزنىڭمۇ، باشقا جانلىقلارنىڭمۇ بىر ماكانداش، كائىناتتابىرلا ماكانداش بىرلا يەرشارىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ، ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىيىتىنىڭ ھەممىگە، ھەممىگە ئورتاقئىكەنلىكىنى جاكارلاۋاتىدۇ. ئۇ قىرغىن قىلىشمايلى دەۋاتىدۇ، قىرغىنقىلىشماڭلار دەۋاتىدۇ؛ ئۇ بۇ جاھاننى جەننەت قىلىدىغانمۇ ئىنسان، دوزاخقىلىدىغانمۇ ئىنسان، دەۋاتىدۇ؛ ئۇ مەن بىر چاغدا مۇقەددەسلىكنىڭ ساھىبىئىدىم، ئەمدى قارىلىنىپ ۋەھشىيلىكنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ قالدىم. ئىنسانھېلىھەم ئۇلۇغۋارلىقنىڭ ساھىبى، لېكىن ئاينىۋاتقان تەبىئىتى تۈپەيلىبەلكىم بىر كۈنى غالجىرلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، دەۋاتىدۇ.
بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ئەي ئىنسانلار، بۆرىلەر ھۇۋلاۋاتىدۇ، ھەربىر بۆرەئۆزىگە خاس ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتىدۇ، لېكىن بىر خىل ئاھاڭدا ھۇۋلاۋاتىدۇ، مەنمۇئۆزۈمگە خاس ئاۋازدا ھۇۋلاۋاتىمەن، تەبىئەت قۇلاق سېلىۋاتىدۇ، سىلەرمۇ قۇلاقسېلىڭلار، ئەي ئىنسانلار»

ئويغىنىش

ئويغاندىم، قارىسام چېدىر ئىچىدە يېتىپتىمەن. مېنى بۆرىلەر چېدىر ئىچىگەئەكىلىپ قويدىمۇ ياكى ئەسلىدىمۇ چېدىردىن چىقماي چۈش كۆردۈممۇ، بىلەلمىدىم. چاڭغىراقتىن كۆككە قارىغىنىمدا چېدىر ماڭا كومزەكتەك، خۇددىجەسەت كۈلى قاچىلانغان كومزەكتەك بىلىندى. مەن ئېڭەك، بوينۇمدىكى تەرلەرنىسۈرتۈۋېتىپ سىرتقا چىقتىم. كۆككە تىكىلدىم، يىراق-يىراقلارغا قارىدىم. بۇچاغدا ئاسمان زېمىننى ئوراپ تۇرغان ئايلانما ئېتىكى بىلەن ماڭا ئىنتايىنزور چېدىردەك بىلىندى. «مەن چېدىر ئىچىدە ياشاۋاتىمەن بىز چېدىر ئىچىدەياشاۋاتىمىز» دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلاپ. مەن گەپ قىلغاندەك تۇراتتىم، لېكىن ئاۋازىم قۇلىقىمغا ھۇۋلىغاندەك بىلىندى. مەن كىم ئىدىم؟ كىم بولدۇم؟ كىم بولىمەن؟ بىز كىم ئىدۇق؟ كىم بولدۇق؟ كىم بولىمىز؟ قاتمۇ-قاتسوئاللار ئىچىدە بېشىم ئېسەنگىرەپلا قالدى. مەن بېشىمنى چايقىۋەتتىم. ئۆزۈمنى سەل ئازادىلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ناخشا توۋلاشقا باشلىدىم:

يۇرتۇمنىڭ خەۋىرىنى بىلەمسەن، ئېيتقىن ماڭا
قارا باشىم قۇربان بولسۇن بۆرەم ساڭا

ناخشام چەكسىزلىكلەردە پەرۋاز قىلدى، قۇشلار چۇرۇقلاشلىرى بىلەن تەڭكەشبولدى؛ ناخشام كەڭلىكلەرگە تارىلىشقا باشلىدى، تاغۇ-تاشلار ئەكس ساداياندۇردى
مەن خىيالدىن ئويغاندىم، مەن ئويغاندىم، ئەي ئىنسانلار
مەنبە: بىلىك كۇلۇبى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top