You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » 1946-يىلىدىكى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە

1946-يىلىدىكى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە

نەشىرگە تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى

ئالدىنقى رەت ئوڭدىن سولغا: ئابلەھەت مەخسۇم، كېرەم ھاجى، ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن، ئەخمەتجان قاسىمى، مەسئۇد سابىرى بايقوزى، ئامىنە بۇغرا، خادىۋاڭ، مۇ جىڭئا

كېيىنكى رەت ئوڭدىن سولغا: رادنا بولد، جاۋ جەنفىڭ، ما گويى، زىيا سەمىدى، خەمىت سۇلتان، مادانبېك، ئەرتۇغرۇل سابىرى،جاڭ فىڭجۇ، ئەنۋەر سالىجان


خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىكى (گومىنداخۈي) شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئومۇمىي مۇلاھىزە

(ئەسكەرتىش: تەيۋەننىڭ دۆلەت تارىخى ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئارخىپ ھۆججىتىدە بەزى يەرلەردە «شىنجاڭ ۋەكىللىرى» ۋە بەزى يەرلەردە «شەرقىي تۈركىستان ۋەكىللىرى» دەپ ئېلىنغاچقا، ئەسلى تېكىستى بويىچە ئېلىندى.)

خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئىستىخباراتى، 39-نۇمۇر، قەتئىي مەخپىي
تاپشۇرۇلسۇن: چىن تسىشىيۇ
(چىن چىڭ) ئەپەندىگە
تۈزگۈچى: گو چىڭ
ۋاقتى: جۇڭخۇا مىنگونىڭ 35-يىلى
(1946-يىلى) 12-ئاينىڭ 18-كۈنى تارقىتىلدى

(قانۇن تۈزۈش مەھكىمىسى تەرىپىدىن جۇڭخۇا مىنگونىڭ 106-يىلى (2017-يىلى) 7-ئاينىڭ 11-كۈنى 1060007339-نۇمۇرلۇق قارار بىلەن مەخپىيلىكى قالدۇرۇلدى).

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە سىياسىي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ. بۇ 17 ۋەكىل ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەتەنداشلىقىدىكى ۋە سوۋېتپەرەس كىشىلەر 11 گە بارىدۇ. مەسىلەن، ئەخمەتجان (ئەخمەتجان قاسىمى) سوۋېت تەۋەلىكىدىكى ئۆزبېك بولۇپ، كىچىكىدىن تاكى 20 ياشلارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆسكەن ۋە كوممۇنىستىك سېستىمىنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان. ئۇ سوۋېت بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان ناھايىتى ئەلا بىر كادىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى شىنجاڭنى خىتايدىن مۇستەقىل قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇۋېتىش. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرىمۇ ناھايىتى غەلىتە. پېقىر تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك مۇلاھىزىلەرنى خۇلاسە قىلىمەن:

1. مۇھىم گەپ-سۆزلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ مۇھىم گەپ-سۆزلىرىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا ئايرىش مۇمكىن:

1-ئىچكى چاقىرىق، 2-سىرتقى تەشەببۇس، 3-قۇرۇلتايغا سۇنۇلغان تەكلىپ لايىھەسى ھەققىدىكى كۆز قاراش.

1-ئىچكى چاقىرىق

ئەخمەتجان ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلەپ، ئىچكى قىسىمدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى، ۋەكىللەر ئىچىدىكى ئاز ساندىكى دۆلەتكە سادىق كىشىلەرنى ئۆزى بىلەن ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشقا زورلىدى. يەنى ئاتالمىش «خوجايىنلار (يەرلىك مىللەتلەر) گۇرۇپپىسى» نى شەكىللەندۈرۈپ، ۋەكىللەرگە نىسبەتەن سۆز ھەرىكەتتە نازارەتنى كۈچەيتىپ، دوست-دۈشمەننى ئېنىق تونۇش ۋە سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولۇشنى داۋاملىق تەكىتلىدى. ئۇ يەنە 23-ۋە 24-نويابىر ئىككى كۈن ئۇلاپ ئېچىلغان شىنجاڭ ۋەكىللىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى سۆزلىدى:

«ۋۇ جۇڭشىن شىنجاڭنى باشقۇرغان چاغدا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتنىڭ  غەلبىسىگە توسالغۇ بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بىزنىڭ ھەقىقىي دۈشمىنىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋۇ جۇڭشىن بىلەن سۆز-ھەرىكەتتە بىردەك بولغان ھەر قانداق كىشى شەرقىي تۈركىستان مىللىتىنىڭ دۈشمىنى. بۈگۈن بىز دۈشمەننىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى يەرلەردە تۇرىۋاتىمىز، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىنتايىن ھالقىلىق مەسىلە ئۈچۈن بۇ يىغىنغا كەلدۇق. شۇڭا ھەربىر ۋەكىلنىڭ سۆز-ھەرىكىتى ۋە تەشەببۇسى چوقۇم بىردەك بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ سىرت بىلەن بولغان پائالىيەتلەردە بىردەك چارە كۆرۈش لازىم». گەرچە خادىۋاڭ قارشى پىكىر قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەخمەتجاننىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە كۆپ سانلىق ۋەكىللەرنىڭ ھىمايىسى ئارقىسىدا «خوجايىنلار گۇرۇپپىسى» نىڭ تەشەببۇسلىرى تەستىقتىن ئۆتتى. يىغىندىن كېيىن ئاز ساندىكى دۆلەتكە سادىق ۋەكىللەر يەنىلا ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى، بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك ھالدا ئەخمەتجان بىلەن ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى بىلدۈرۈپ تۇردى. ئەخمەتجان بۇلارغا قارىتا يۇمشاق ۋە قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن بېسىم ئىشلەتتى. ئەخمەتجان بۇ خىل پىكىردىكى جاۋ جيەنفىڭ (赵剑锋) ، مۇ جىڭئا (穆精阿) ۋە ما گويى (马国义) قاتارلىق ۋەكىللەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ :»ئەگەر بۇ ئۈچەيلەن تەشەببۇسلىرىمىزغا يەنە داۋاملىق قارشى چىقسا، شىنجاڭغا قايتقاندىن كېيىن ئۈنۈملۈك ۋاستىلەر بىلەن تاقابىل تۇرىشىمىز كېرەك» دېگەن. بۇ تۈردىكى سۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەتجاننىڭ تىزگىنلەش مەقسىتىدىكى ئىچكى چاقىرىقى ھېسابلىنىدۇ.

2-سىرتقا تەشەببۇس

شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سىرتقا قارىتا تەشەببۇس خىزمىتىگە كۆپىنچە ئەيسا (ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن) مەسئۇل بولغان بولۇپ، بۇنى شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئەيسانىڭ يېتەكچىلىكىدە موڭغۇل-تىبەت ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى گەپلىرىدىن  ۋە سوۋېتكە سادىق كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىدىن بىلىشكە بولىدۇ. ئەينى چاغدا ئەيسا قاتارلىقلار مۇنداق دېگەن:»بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ يىللاردىن بېرى ئېزىلگەن مىللەتلەرمىز. ھازىر دۇنيادىكى نۇغۇن ئاجىز مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەشمەكتە. بىزمۇ ھازىرقى شارائىتتا شۇ ھوقۇقلىرىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ قۇرۇلتايدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشىمىز ۋە بىرلىكتە غەلبە قىلىشىمىز كېرەك». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:» دۆلەت بايرىقى ئەسلىدە بىر دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ سىموۋلى بولۇپ، بۇرۇنقى بەش رەڭلىك بايراقنىڭ ھېچ بولمىسا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىموۋل مەنىسى بار ئىدى. ھازىرقى «كۆك ئاسمان، ئاق كۈن» بايرىقى پەقەتلا خىتاي مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. شۇڭا بۇ بايراق تەمسىل قىلغان دۆلەت مېنىڭ دۆلىتىم ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن مەن بۇ بايراققا سالام بېرىشنى خالىمايمەن ۋە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆز دۆلىتىمنى تىكلىشىم كېرەك دەپ قارايمەن».

ئەينى چاغدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىلى كۆپىنچە چاغدا ئەيسانىڭ پىكىرلىرىگە ھېسداشلىق قىلغان ۋە چېگرا رايون ۋەكىللىرىنى قەدەملىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلغان. لېكىن تىبەت ۋەكىلى تېخى بۇ پىكىرگە قۇشۇلمىغان ۋە تىبەتنىڭ خىتاي-ھىندىستان چېگراسىغا جايلاشقانلىقى، ھازىرقى ۋاقتتا بۇ رايوندا تېنچلىقىنىڭ زۆرۈرلىكىنى كۆرسەتكەن. تىبەت ۋەكىللىرى بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتكە تىبەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش ۋە تېنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەخمەتجان ياشلار پارتىيىسى ۋە دېموكراتىك سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئۆزلىرىنى قوللاتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشقان. قىسقىسى، شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ سىرتقا نىسبەتەن پائالىيەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مۇختارىيەت تەلەپلىرىگە ھېسىداشلىق ۋە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.

3-قۇرۇلتاي تەكلىپ لايىھەسىگە بولغان كۆز قاراشلار

شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتاي تەكلىپ لايىھەسىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئۇلارنىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشتىكى مۇددىئالىرى دەپ كۆرۈشكە بولىدۇ. گەرچە ئالىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلىش توغرىسىدىكى بۇ تەكلىپ لايىھەسى قۇرۇلتاي تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېتىلگەن بولسىمۇ، لايىھەنى ھازىرلاش جەريانىدىكى مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر ئارقىلىق نۆۋەتتىكى شىنجاڭ مەسىلىسىنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تونۇش مۇمكىن. شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئىككى تۈركۈمگە ئايرىلىدۇ: ئەخمەتجان ئىككىنچى تۈركۈمدە نەنجىڭغا يېتىپ كەلگەنلەردىندۇر. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان لايىھە ئەخمەتجان نەنجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، يەنى 23- ۋە 24- نويابىر كۈنلىرى ئۇلاپ ئېچىلغان شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئومۇمىي يىغىنىدا بېكىتىلگەن. لايىھە مەزمۇنىدا ئوچۇق ئاشكارە ھالدا شىنجاڭغا ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىغاندىن باشقا تۆۋەندىكى ماددىلار بار:

1) «شىنجاڭ» خىتاي ئىشغالىيىتىدىن كېيىن قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، «خىتايلار يېڭىدىن ئىشغال قىلغان زىمىن» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. بۇ خىل ئاتاش يەرلىك مىللەتلەرگە ئىنتايىن چوڭ ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. يەرلىك مىللەتلەر بۇنى ئەسلا قۇبۇل قىلمايدۇ ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش شەرتى ئاستىدا «شىنجاڭ» دېگەن ئىسىمنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» گە، «شىنجاڭ مىللەتلىرى» دېگەن ئىسىمنى «شەرقىي تۈركىستان مىللىتى» گە ئۆزگەرتىش مىللەتلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پىرىنسىپى ئاساسىدىكى ھەققانىي تەلىپىمىزدۇر. (ئەيسا ۋە ئابباسوۋنىڭ تەكلىپى)

2) «جۇڭخۇا مىللىتى» خىتاي مىللىتىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا جۇڭخۇا مىنگو خىتايلارنىڭ دۆلىتىدۇر ۋە ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. شۇڭا جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مىنگو قاتارلىق ئىسىملار ئۆزگەرتىلىشى كېرەك. پەقەت بولمىغاندا ئامال قىلىپ شەرقىي تۈركىستان مىللىتى مەنىسىنى قوشۇش كېرەك. مەسىلەن، جۇڭخۇا مىنگو ئىسمىغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دېگەن ئىسىمنى قوشۇپ يېزىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا بىز قۇبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن. (مەي خۇەنشىن (ئەرتۇغرۇل سابىرى) ۋە خەمىت (خەمىت سۇلتان) تەكلىپى)

3) ئەگەر دۆلەت بايرىقىنى ئۆزگەرتكىلى بولمىسا، دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان چاغدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بايرىقى بىللە ئېسىلىشى كېرەك. (ئەيسا تەكلىپى)

4) مەركەزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىجرائاتلىرى تېخىچە يەرلىك مىللەتلەرگە مۇختارىيەت ھوقۇقلىرىنى تەيىن قىلالمىدى. مەركەز ھازىر خىتايلارنى شىنجاڭدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشقا دەۋەت قىلىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق سىياسىي ھوقۇقلارنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. (ئابباسوۋ (ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ) تەكلىپى)

5) شەرقىي تۈركىستان چېگراسى ئىچىدىكى ھەربىي قوشۇنلار ۋە چېگرا ساقلاش قوشۇنلىرى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى توسىدۇ، زىممىسىدىكى يۈكىنى ئارتقۇزىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قوشۇنلارنى تېزدىن چېكىندۈرۈش ۋە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكىنى تەيىن ئېتىشى كېرەك، شۇندىلا شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ( زىيا (زىيا سەمىدى) تەكلىپى)

ئاخىرىدا ئەخمەتجان خۇلاسە قىلىپ تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلىدى: «بىز بۇ قېتىم خىتايلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان بىر قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتىمىز. دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قول ئاستىدىكى جايلاردا ئاغزاكى كۆرەش قىلىۋاتىمىز. ۋەزىيىتىمىز بەك ئېغىر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قۇرۇلتايغا سۇنىدىغان تەكلىپىمىزنىڭ ناھايىتى قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلنىش تەس. مەيلى غەلبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشتىن قەتئىينەزەر، كەسكىنلىك بىلەن بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك، شۇنداقلا دادىل پىكىر قىلىشىمىز، يىغىن ئىچى سىرتىدا كۆپلەپ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق كۆپ سانلىق ۋەكىللەرنىڭ قوللىشى ۋە ھېسىداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك».

2. ھەرىكەت سېلىشتۇرمىسى

شىنجاڭ ۋەكىللىرى نەنجىڭگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، رەئىس كۆرۈشۈشكە تەكلىپ قىلدى. ئابباسوۋ ۋە مەي خۇەنشىن قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە ماڭغان يول ئۈستىدە مەڭسىتمەسلىك پوزىتسىيىسىدە بولدى ۋە رەئىس قەسرىگە يېتىپ بېرىپ، ئارام ئېلىش جەريانىدا بىر-بىرى بىلەن كۈلۈشۈپ چاقچاقلىشىپ، تاماكا قالدۇقلىرىنى قالايمىقان تاشلاپ ئەدەپسىزلىق قىلدى. كۆرۈشكەندىن كېيىنمۇ ئۇلاردا مىننەتدارلىق ئىپادىلىرىنى كۆرمىدىم. ئەكىسچە، ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە بولسا، ۋەكىللەر ئىچىدىكى سوۋېت ۋەتەنداشلىرى ۋە سوۋېتپەرەس كىشىلەر رەتلىك كىيىنىپ، زىياپەتلەرگە داخىل بولدى ۋە سوۋېت كىنوسىنى كۆرۈشكىمۇ قاتناشتى. گەرچە كىنو ئۇزۇن بولسىمۇ، ۋەكىللەر باشتىن ئاخىر ئېغىر-بېسىق ئولتۇرۇشتى، مۈگۈدەپ قالغان ۋە پىچىرلىشىپ قالغان چاغلىرىدا بىر-بىرىنى ئەسكەرتىپ تۇردى. دۆلەتكە سادىق ۋەكىللەردىن ما گويى كىنو ئوتتۇرىدا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتمەكچى بولغاندا ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قويۇشتى. كەچتە قۇرۇلتاي كاتىباتلىقى ئۇيۇشتۇرغان مۇزىكىلىق كېچىلىكتە بولسا ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى يەنىلا ئەسلىدىكى چېچىلاڭغۇ ھالىتىگە قايتىپ، پائالىيەت تەرتىپىنى بۇزۇپ، ئۆزلىرىنى سورىمىدى. بۇ ھالەتنى سوۋېت ئەلچىخانىسىدىكى كەچلىك زىياپەت بىلەن سېلىش تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر تەرەپنىڭ خىتاي ئەمەس بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ يۈزلىنىشى قاتارلىقلارنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

3. ئادەتتىكى ئىنكاسلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ باشقا سۆز-ھەرىكەتلىرى، مەسىلەن، قۇرۇلتايغا قارىتا ھېس قىلغانلىرى، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرى، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرلەشمە مانىۋېرىغا قاراشلىرى ۋە  قۇرۇلتايغا سۇنغان تەكلىپ لايىھەسى قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئىنكاسلىرى قاتارلىقلار دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

1- قۇرۇلتايغا قارىتا ھېس قىلغانلىرى

بۇلارنىڭ قۇرۇلتايغا قارىتا ھېس قىلغانلىرىنى ئەخمەتجان ۋە خەمىتنىڭ پاراڭلىرىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئەخمەتجان قېتىملىق خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان دەسلەپكى مەزگىللەردىلا بۇ قۇرۇلتاينى «خىتايلارنى ئاساس قىلغان قۇرۇلتاي» دەپ ئاتاپ، ۋەكىللەرنىڭ يىغىن مەزگىلىدە تۈرلۈك مەسىلىلەردە توختىماي دەتالاش قىلىپ بىرلىك ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى سۆكۈپ، « گومىنداڭنىڭ ئادەملىرى ئىنتىزامسىز ئىكەن» دېگەن. خەمىت بولسا بۇ قۇرۇلتايغا «ئىنتايىن قالايمىقان، پىكىرلەر تولىمۇ چېچىلاڭغۇ » دەپ باھا بەرگەن.

2- ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بولغان كۆز قاراشلىرى

ۋەكىللەر ئىچىدىكى دۆلەتكە سادىق كىشىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى كۆرگەندىن كېيىن « ۋەتىنىمىز باي-باياشات، خەلق خوشال-خورام، كەلگۈسىمىز پارلاق» دەپ قارىغان بولسا، يەنىلا شۇ سوۋېت ۋەتەنداشلىرى ۋە سوۋېتپەرەس ۋەكىللەر باشقىچە ھېستا بولغان. مەسىلەن، ئابباسوۋ « نەنجىڭ بىلەن شاڭخەينىڭ ماددىي شارائىتى شىنجاڭدىن ياخشىكەن، ئەمما مەنىۋى شارائىتى شىنجاڭغا يەتمەيدىكەن» دېگەن بولسا، ئەيسانىڭ قارىشىچە « ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، بولۇپمۇ بېيجىڭدا فېئودال كۆز قاراش تولىمۇ ئېغىر» ئىكەن.

3- ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە بىرلەشمە مانىۋېرىغا قاراشلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئىچىدىكى سوۋېت ۋەتەنداشلىرى ۋە سوۋېتپەرەسلەر مانىۋېر جەريانىدا ناھايىتى جىمغۇر بولۇۋېلىپ، ھېچقانداق ئىنكاس بەرمىدى. ئاندىن ئابباسوۋ « بۇ قېتىملىق مانىۋېر ئىككى خىل كىشىلەرگە ھەيۋە قىلىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بىرى شىنجاڭلىقلار، يەنە بىرى چەتئەللىكلەر. بۇنىڭدىن مەقسەت شۇكى، شىنجاڭلىقلارغا «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىللىق دېيىشكە يول يوق، بولمىسا قورال بىلەن جاۋاب بېرىمىز» دېيىش. چەتئەللىكلەرگە بولسا «بۇ ئاجىز مىللەتلەرنىڭ ئازاد ۋە مۇستەقىل بولۇشىغا ياردەم قىلىشما» دېيىش.

4- قۇرۇلتايغا سۇنغان تەكلىپ لايىھەسى قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ئىنكاسلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنغان تەكلىپى قايتۇرۇۋېتىلگەندىن كېيىن ئەخمەتجان مۇنداق دېگەن: «مەركەز يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىزچىل تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ساقلاپ كەلدى. بىزنىڭ قۇرۇلتايغا سۇنغان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە مۇستەقىللىق ھەققىدىكى تەلەپلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئەمدى مۇمكىن ئەمەس.  بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ غالىبىيىتى پۈتۈنلەي ئۆزىمىزنىڭ كۆرەشلىرىگە باغلىق بولۇپ قالدى. ھازىر پەقەت تېزدىن شىنجاڭغا قايتىپ، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى كۈچلەندۈرگەندىلا ئىستىقبالىمىزدا ئۈمىد بار». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« قۇرۇلتاي بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى رەت قىلغان ئىكەن، بىزنىڭ بۇ قۇرۇلتايغا داۋاملىق قاتنىشىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. بۇندىن كېيىن تۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇن بىزنىڭ مۇنازىرە ۋە تەستىقىمىزدىن ئۆتمىگەن ئىكەن، بىزمۇ ئۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايمىز. ھازىر مەن باشلىق بىر تۈركۈم كىشىلەر بۇ يىغىندىن تەدرىجىي چېكىنشكە تەييار بولدۇق (ئاز سانلىق بىر قىسىم دۆلەتكە سادىق ۋەكىللەر چېكىنىش تەكلىپىگە قارشى تۇرغان) ۋە تېزدىن شىنجاڭغا قايتىپ، مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى كۈچلەندۈرىمىز».

4. خۇلاسە كالام

شىنجاڭ مەسىلىسنىڭ ئېغىرلىقى پەقەتلا شىنجاڭ مىللەتلىرىنىڭ ئالىي مۇختارىيەت تەلەپلىرىدە ئەمەس، بەلكى دۆلىتىمىزدىن ئايرىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كېتىشىدە. بۇ قېتىم ئەخمەتجاننىڭ قۇرۇلتايغا قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ شىنجاڭ مىللەتلىرىنى ئايرىلىش ھەرىكەتلىرىگە قۇترىتىشى كۈندىن كۈنگە كۈچىيىپ بېرىشى مۇقەررەر. مەن ئۇنىڭ ياخشى سۆزلەر بىلەن بۇ نىيىتىدىن يانىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنمەيمەن. شۇڭلاشقا شىنجاڭ ۋەكىللىرىگە قارىتا ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن قاتتىق تەدبىر ئېلىش كېرەك. شىنجاڭغا قارىتىلغان بۇندىن كېيىنكى سىياسەتلەرنىمۇ تېزدىن مۇۋاپىق ھالدا بېكىتىش كېرەك.

مەنبە: تەيۋەننىڭ دۆلەت تارىخى ئىدارىسى (国史馆) دىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ ھۆججەتلەر


شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن  1947-يىلى ئىشلەنگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي خەرىتىسى


بۇ ئارخىپقا مۇناسىۋەتلىك خىتايچە مەنبەلەرنىڭ رەسىملىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top