You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » تۈركىيە پۇقرالىقى قانۇنى

تۈركىيە پۇقرالىقى قانۇنى

تۈركىيە پۇقرالىقى قانۇنى (تۈركچە نۇسخىسىنى Türk Vatandaşlığı Kanunu-5901 بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن رىسالەت تۇرسۇن

قانۇن نومۇرى: 5901

قوبۇل قىلىنغان ۋاقتى: 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئېلان قىلىنغان رەسمىي گېزىت ۋاقتى: 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى

نومۇرى: 27256

نەشىر: تەرتىپ: 5

قىسىم: 48

1-بۆلۈم

مەقسەت، دائىرىسى، ئېنىقلىمىلار ۋە پۇقرالىق رەسمىيەتلىرىنىڭ بېجىرىلىشى

مەقسەت:

1-ماددا: بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى: تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ۋە مەھرۇم قېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار ۋە رەسمىيەتلەرنىڭ بېجىرىلىشىگە دائىر تەرتىپ ۋە قائىدىلەرنى بىلدۈرىدۇ.

دائىرىسى:

2-ماددا: بۇ قانۇن، تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ۋە مەھرۇم قېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ بېكىتىلىشى ۋە پۇقرالىق رەسمىيەتلىرىنىڭ بېجىرىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك تەرتىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇقۇملار:

3-ماددا: بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا،

1) مىنىستىرلىق: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى

2) كۆپ دۆلەت پۇقرالىقى: تۈركىيە پۇقراسىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا بىردىن كۆپ دۆلەت پۇقرالىقىغا ئىگە بولۇشى.

3) نوپۇس ئىدارىسى: نوپۇس ۋە پۇقرالىق ئىشلىرى ئىدارىسى.

4) تۈركىيە پۇقراسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە پۇقرالىق مۇناسىۋىتى بىلەن باغلانغان كىشى.

5) چەتئەللىك: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە پۇقرالىق مۇناسىۋىتى بىلەن باغلانمىغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.

پۇقرالىق رەسمىيەتلىرىنىڭ بېجىرىلىشى:

4-ماددا: تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ۋە يوقىتىشقا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەر دۆلەت ئىچىدە مىنىستىرلىق، دۆلەت سىرتىدا بولسا چەتئەلدىكى ۋەكىللىك ئورۇنلاردا بېجىرىلىدۇ.

2-بۆلۈم

تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ۋە پۇخرالىقتىن مەھرۇم قېلىش

تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش شەكىللىرى:

5-ماددا: تۈركىيە پۇقرالىقىغا تۇغۇلغاندىن باشلاپ ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئېرىشكىلى بولىدىغان تۈركىيە پۇقرالىقى:

6-ماددا: تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئېرىشكىلى بولىدىغان تۈركىيە پۇقرالىقى، ئائىلە مۇناسىۋىتى ياكى تۇغۇلغان ئورنىغا قارىتا ئۆزلىكىدىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشنى كۆرسىتىدۇ. تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئېرىشكىلى بولىدىغان پۇقرالىق تۇغۇلغاندىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئائىلە مۇناسىۋىتى:

7-ماددا: تۈركىيە ئىچىدە ياكى سىرتىدا تۈركىيە پۇقراسى ئانا ياكى ئاتىدىن رەسمىي نىكاھى مەۋجۇت ئەھۋالدا تۇغۇلغان پەرزەنت تۈركىيە پۇقراسى بولالايدۇ.

تۈركىيە پۇقراسى ئانا ۋە چەتئەللىك ئاتىدىن رەسمىي نىكاھى بولمىغان ئەھۋالدا تۇغۇلغان پەرزەنت تۈركىيە پۇقراسى بولالايدۇ.

تۈركىيە پۇقراسى ئاتا ۋە چەتئەللىك ئانىدىن رەسمىي نىكاھى بولمىغان ئەھۋالدا تۇغۇلغان پەرزەنت، ئائىلە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىقلانسا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

تۇغۇلغان ئورنى:

8-ماددا: تۈركىيەدە تۇغۇلغان، چەتئەللىك ئاتا-ئانىدىن بولغان، ھېچقانداق دۆلەت پۇقرالىقىغا ئېرىشەلمىگەن پەرزەنت تۈركىيە پۇقراسى بولالايدۇ.

تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بالىلار ئەكسىچە ئەھۋال ئېنىقلانمىغان ئەھۋالدا تۈركىيەدە تۇغۇلغان دەپ قارىلىدۇ.

كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان تۈركىيە پۇقرالىقى:

9-ماددا: كېيىن ئېرىشكىلى بولىدىغان تۈركىيە پۇقرالىقى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ چىقارغان قارارى ياكى بالا بېقىۋېلىش، سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ چىقارغان قارارى ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش:

10-ماددا: تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشنى ئويلىغان بىر چەتئەللىك، بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەھۋالدا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ چىقارغان قارارى بىلەن پۇقرالىققا ئېرىشەلەيدۇ. لېكىن، بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىشى شۇ كىشىنىڭ چوقۇم پۇقرالىققا ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.

بۇ قانۇننىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىغاندا، كېيىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىجرا قىلىنىدىغان ئاساسىي قائىدە-تۈزۈملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي دائىرىلەر ۋە ئىدارىلەرنىڭ كۆز قاراشلىرى ئېلىنىپ، مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى:

11- ماددا: تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان چەتئەللىكلەر،

ئۆز مىللىي قانۇنلىرىغا، ۋەتەنسىز بولسا تۈركىيە قانۇنلىرىغا قارىتا يېتىشكەن ۋە پەرق ئېتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش.

ئىلتىماس قىلغان كۈندىن باشلاپ كەينىگە سانىغاندا 5 يىل ئۈزۈكسىز تۈركىيەدە ياشىغان بولۇش.

تۈركىيەدە يەرلىشىپ تۇرۇپ قېلىشنى قارار قىلغىنىنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىش.

ساغلاملىق نۇقتىسىدىن تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان كېسەللىكى بولماسلىق.

ياخشى ئەخلاققا ئىگە بولۇش.

يېتەرلىك دەرىجىدە تۈركچە بىلىش.

تۈركىيەدە ئۆزىنىڭ ۋە بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىلايدىغان ئىقتىسادىي كىرىمگە ياكى كەسىپكە ئىگە بولۇش.

دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئامىۋىي تەرتىپ نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولماسلىق قاتارلىق شەرتلەر تەلەپ قىلىنىدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئېلىشتىكى ئالاھىدە ئەھۋاللار

12-ماددا: دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىي تەرتىپ نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولماسلىق ئالدىنقى شەرتى بىلەن دۆلەت رەئىسىنىڭ چىقارغان قارارى ئارقىلىق تۆۋەندىكى چەتئەللىكلەر تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

1) تۈركىيەگە سودا ئۈسكۈنىلىرى ئېلىپ كەلگەن ياكى تېخنىكا، ئىقتىساد،

تەنتەربىيە، سەنئەت، پەن قاتارلىق ساھەلەردە ئادەتتىن تاشقىرى خىزمەت قىلغان ياكى شۇنداق قىلالايدىغانلىقى ئالدىن كۆرۈلگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلاردا تەكلىپ-پىكىرى بولغان كىشىلەر.

2) (قوشۇمچە) 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلىنغان 6458-نومۇرلۇق چەتئەللىكلەر ۋە خەلقئارا قوغدىنىش قانۇنىنىڭ 31-ماددىسى 1-تارمىقىدا ئىقامەت ۋە تۈركناز كارتىسى ئالغانلار، ئۇلارنىڭ جۆرىلىرى، ئۆزىنىڭ ۋە جۆرىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ۋە ئۇلار بىلەن قانداشلىقى بولغان چەتئەللىك پەرزەنتلىرى.

3) تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈشى زۆرۈر دەپ قارالغان كىشىلەر.

4) كۆچمەن سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان كىشىلەر.

2. (قوشۇمچە) دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىي تەرتىپ نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسى مىنىستىرلىق تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.

ئالاھىدە يېڭى ماددا (2018-يىلى دېكابىر):

1) تۈركىيەدە ئەڭ ئاز 250 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى تېخى پۈتمىگەن ئۆي-مۆلۈكنى نوتەر ئارقىلىق رەسمىي سېتىۋالغان (ئەڭ ئاز 3 يىل ساتماسلىق ياكى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىك شەرتى بىلەن ئۆي-مۆلۈك ئالغان) چەتئەللىكلەر تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

2) تۈركىيەگە ئەڭ ئاز 500 مىڭ دوللار قىممىتىدە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت باشلىغان چەتئەللىك سودىگەرلەر تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

3) تۈركىيە بانكىلىرىدا 3 يىللىق مۇددەت بىلەن ئەڭ ئاز 500 مىڭ دوللار قىممىتىدە پۇل قويغان چەتئەللىكلەر تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

4) تۈركىيەدىكى شىركىتىدە ياكى زاۋۇتىدا ئەڭ ئاز 50 تۈركىيە پۇخراسىنى ئىشقا ئالغان چەتئەللىك تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. 

تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىقامەت شەرتى تەلەپ قىلمىغان ھالدا قايتا ئېرىشىش

13-ماددا:

1) دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولماسلىق ئالدىنقى شەرتى بىلەن تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن كىشىلەر، تۈركىيەدە تۇرغان ۋاقتىغا تەلەپ قويۇلمىغان ھالدا، مىنىستىرلىق چىقارغان قارار ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا قايتىدىن ئېرىشەلەيدۇ.

(1) چىقىش رۇخسىتى ئالغانلىقى سەۋەبلىك تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قالغانلار.

(2) ئانا ياكى ئاتىسى سەۋەبىدىن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قالغانلاردىن 21-ماددىدا ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاللاش ھوقۇقىنى ئىشلەتمىگەنلەر.

تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئىقامىتى بولۇش ئالدىنقى شەرتى بىلەن قايتا  ئېرىشىش.

14-ماددا:

1) 29-ماددىدا بەلگىلەنگەن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولغانلار دۆلەت رەئىسى چىقارغان قارار بىلەن، 34-ماددىدا بەلگىلەنگەن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قالغانلار مىنىستىرلىق چىقارغان قارار بىلەن، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولماسلىق ۋە تۈركىيەدە ئۈچ يىل تۇرغان بولۇش ئالدىنقى شەرتى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا قايتىدىن ئېرىشەلەيدۇ.

ئىقامەت ۋە ۋاقىت ھېسابلاش

15-ماددا:

1) بىر چەتئەللىك ئۈچۈن ئىقامەت، تۈرك قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا تۈركىيەدە تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان بىر چەتئەللىك، ئىلتىماس ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ۋاقىت ئىچىدە، جەمئىي 12 ئايدىن ئاشماسلىق شەرتى بىلەن تۈركىيە سىرتىدا تۇرالايدۇ. تۈركىيە سىرتىدا ئۆتكەن ۋاقتى بۇ قانۇندا ئالدىن مۆلچەرلەنگەن تۇرۇش ۋاقتىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.

توي قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش

16-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقراسى بىلەن توي قىلىش بىۋاستە ھالدا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەنلىك ئەمەس. لېكىن تۈركىيە پۇقراسى بىلەن ئەڭ ئاز دېگەندە 3 يىلدىن بۇيان نىكاھ تۇرمۇشى مەۋجۇت ھەمدە داۋاملىشىۋاتقان چەتئەللىكلەر تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن:

(1) بىرلىكتە ياشاش.

(2) ئائىلە بىرلىكىگە ماسلاشمايدىغان ھەرىكەتتە بولماسلىق.

(3) دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋى تەرتىپ نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولماسلىق قاتارلىق شەرتلەر تەلەپ قىلىنىدۇ.

2) ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن تۈركىيە پۇقراسى تەرەپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن نىكاھ تۇرمۇشى ئاخىرلاشقان ئەھۋالدا 1-تارماقتىكى (1) سى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

3) توي قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن چەتئەللىكلەر، توي قىلشىتا ياخشى نىيەتتە بولسا تۈركىيە پۇقرالىقىنى قوغدايدۇ.

بالا بېقىۋېلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش

17-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقراسى تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان، قۇرامىغا يەتمىگەن بالا دۆلەت ئىچى بىخىتەرلىكى نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولماسلىق ئالدىنقى شەرتى بىلەن قارار قىلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىقى ئىلتىماسىنىڭ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى

18-ماددا:

1) 11- ۋە 16-ماددىلاردا بەلگىلەنگەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئىلتىماس ئۈچۈن زۆرۈر بولغان شەرتلەرنى ھازىرلىغان ياكى ھازىرلىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش، كېيىنكى باسقۇچلاردا تەشكىللەنگەن تۈركىيە پۇقرالىقى ئىلتىماسى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. گۇرۇپپىنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە ئىش بېجىرىش تۈزۈملىرى يۇقىرى قاتلام ئورگانلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ چىقارغان قارارى ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشتىكى تەرتىپ ۋە قائىدىلەر

19-ماددا:

1) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قارارى ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان چەتئەللىكلەردىن ئىلتىماس ئۈچۈن زۆرۈر شەرتلەرنى ھازىرلىغانلار نامىدا پۇقرالىق ئارخىپى تەييارلىنىدۇ ۋە قارار چىقىرىش ئۈچۈن مىنىستىرلىققا ئەۋەتىلىدۇ. مىنىستىرلىقتا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئەھۋالى مۇۋاپىق دەپ قارالغانلار مىنىستىرلىقنىڭ چىقارغان قارارى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىدۇ، مۇۋاپىق دەپ قارالمىغانلارنىڭ ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنىدۇ.

2) 12-ماددىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە، تۈركىيە پۇقرالىقى رەسمىيەتلىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بېجىرىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قارار چىقىرىشى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشنىڭ كۈچكە ئىگىلىكى ۋە ئاقىۋەتلىرى

20-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىشقا مۇناسىۋەتلىك چىقىرىلغان قارارلار، قارار چىقىرىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

2) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ چىقارغان قارارى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش جۆرىسىنىڭ پۇقرالىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئاتا ياكى ئانىنىڭ بېقىش ھوقۇقى ئۆزىگە تەۋە بولغان پەرزەنتلەر، قارشى تەرەپنىڭ ۋاكالەتنامە بېرىشى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ بىر تەرەپ ۋاكالەتنامە بەرمىگەن ئەھۋالدا، ئاتا ياكى ئانا تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى تەپتىشنىڭ چىقارغان قارارىغا ئاساسەن بېجىرىلىدۇ. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئوخشاش ۋاقىتتا ئېرىشكەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىمۇ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىدۇ.

3) ئاتا ياكى ئانىنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن ۋاقتىدا بىللە رەسمىيەت بېجىرمىگەن پەرزەنتلەر، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن تۈركىيە پۇقرالىقى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغاندا 11-ماددىدىكى ھۆكۈملەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

سايلاش ھوقۇقى ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش

21-ماددا:

1) 27-ماددىدا بەلگىلەنگەن ئاتا ياكى ئانىلىرىغا باغلانغان ھالدا تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قالغان پەرزەنتلەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن ئۈچ يىل ئىچىدە سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا قايتا ئېرىشەلەيدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىقىغا سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئېرىشىشىنىڭ كۈچكە ئىگىلىكى ۋە ئاقىۋەتلىرى

22-ماددا:

1) سايلاش ھوقۇقى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش، بۇ ھوقۇقنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دائىر شەرتلەرنىڭ ئىگىلىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك قارار چىقىرىلغاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

2) سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ جۆرىلىرى ۋە پەرزەنتلىرىگە 20-ماددىدىكى ھۆكۈملەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

3-بۆلۈم

تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قېلىش

تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قېلىش ئەھۋاللىرى

23-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن چىقارغان قارار ياكى سايلاش ھوقۇقى ئىشلىتىش بىلەن مەھرۇم قىلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار چىقارغان قارار بىلەن مەھرۇم بولۇش يوللىرى

24-ماددا:

1) مۇناسىۋەتلىك ئورۇن چىقارغان قارار بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قېلىش، پۇقرالىقتىن چىقىش، مەھرۇم قىلىنىش ياكى پۇقرالىققا ئېلىنىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

25-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىش ئۈچۈن رۇخسەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە، تۆۋەندىكىلەرنى ھازىرلاش ئالدىنقى شەرتى بىلەن مىنىستىرلىق تەرىپىدىن چىقىش رۇخسىتى ياكى چىقىش ئىسپاتى بېرىلىدۇ.

(1) قۇرامىغا يەتكەن ۋە پەرق ئېتىش كۈچىگە ئىگە بولۇش.

(2) باشقا بىر دۆلەت پۇقرالىقىنى ئالغان بولۇش ياكى ئالالايدىغانلىقىغا دائىر ئىشەنچىلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەش.

(3) ھەر قانداق بىر جىنايەت ياكى ئەسكەرلىك ۋەزىپىسى سەۋەبىدىن ئىزدەش تىزىملىكىگە كىرىپ قالغان كىشىلەردىن بولماسلىق.

(4) ھەر قانداق بىر مال-مۈلۈك ۋە جازا تەھدىتى بولماسلىق.

تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتلىرى

26-ماددا:

1) باشقا بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ئۈچۈن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىشنى تەلەپ قىلغانلاردىن ئىلتىماسى مۇۋاپىق دەپ قارالغانلارغا مىنىستىرلىق تەرىپىدىن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى بېرىلىدۇ. بېرىلگەن ئىسپات نەتىجىسىدە ياكى بۇرۇن باشقا بىر دۆلەت پۇقرالىقىنى ئالغانلىقىغا دائىر ئىسپات كۆرسەتكەنلەرگە تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىش ئىسپاتى بېرىلىدۇ.

2) چىقىش رۇخسىتى ئىسپاتى، قارار چىقىرىلغاندىن ۋاقىتتىن باشلاپ ئىككى يىل كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ ئىسپاتنى ئالغانلار بۇ ئىككى يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە تۇرۇشلۇق يەردىكى ۋالىي مەھكىمىسىگە، چەتئەلدە بولسا چەتئەلدىكى ۋەكىللىك ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىغا باشقا دۆلەت پۇقرالىقىنى ئالغانلىقىغا دائىر ماتېرىيال ۋە ئىسپاتلارنى بېرىشى كېرەك. بۇ ۋاقىت ئىچىدە باشقا دۆلەت پۇقرالىقىنى ئالالمىغان بولسا چىقىش رۇخسىتى ئىسپاتى ئىناۋەتسىز بولىدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىشنىڭ كۈچكە ئىگىلىكى ۋە ئاقىۋەتلىرى

27-ماددا:

چىقىش ئىسپاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىگە ئىمزا قويۇش ئۈچۈن تاپشۇرۇلۇشى بىلەن مەزكۇر كىشى تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەرنىڭ ئائىلە نوپۇس ئۆرنىكىدىكى ئۇچۇرلىرى ئېتىۋېتىلىدۇ ۋە مەھرۇم بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ چەتئەللىك مۇئامىلىسى قىلىنىدۇ.

2) جۆرىلەرنىڭ بىرىنىڭ چىقىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولۇشى قارشى تەرەپنىڭ پۇقرالىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولغان ئاتا ياكى ئانىنىڭ تەلەپ قىلىشى ۋە قارشى تەرەپ جۆرىسىنىڭ كاپالەتنامە بېرىشى بىلەن پەرزەنتلىرىمۇ ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولىدۇ. كاپالەتنامە بېرىلمىگەن ئەھۋالدا، تەپتىش چىقارغان قارارغا ئاساسەن رەسمىيەت بېجىرىلىدۇ. چىقىش رۇخسىتى ئېلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىدىن بىرلىكتە مەھرۇم بولغان ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولىدۇ.

3) پۇقرالىقتىن مەھرۇم بولۇش، پەرزەنتلەرنى ۋەتەنسىز قىلىپ قويىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقسا بۇ ماددا ھۆكۈملىرى ئىجرا قىلىنمايدۇ.

چىقىش رۇخسىتى ئېلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قالغان كىشىلەرگە بېرىلگەن ھوقۇقلار

28-ماددا:

1) تۇغۇلغاندىن تارتىپ تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، چىقىش رۇخسىتى ئېلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولغانلار ۋە ئۈچۈنچى دەرىجىگىچە بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، بۇ ماددىلاردا بەلگىلەنگەن ئالاھىدە ئەھۋاللاردىن سىرت، تۈركىيە پۇقرالىرىغا بېرىلگەن بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولالايدۇ. دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكىگە ۋە ئاممىۋىي تەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ.

2) بۇ ماددا دائىرىسىدىكى كىشىلەرنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش، ماشىنا ۋە ئۆي جاھازىلىرى ئىمپورت قىلىش ھوقۇقى بىلەن ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش مەجبۇرىيىتى يوق. بۇ كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك قولغا كەلتۈرگەن ھوقۇقلىرى ساقلانغان بولۇپ، بۇ ھوقۇقلىرىنى قوللىنىشتا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىكى ھۆكۈملەر كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

3) بۇ ماددا دائىرىسىدىكى كىشىلەر، خادىملار ۋە جەمئىيەت ھوقۇقى تۈزۈمىگە ئەلۋەتتە ئۇلار دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋە دائىمىي ۋەزىپىلىرىگە قاتنىشالمايدۇ. لېكىن جەمئىيەت ئورگانلىرى ۋە قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشچى، ۋاقىتلىق ياكى توختاملىق خادىم بولۇپ ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

4) دۆلەت رەئىسى زۆرۈر دەپ قارىغاندا، 3-دەرىجىدىن باشلاپ قايسى دەرىجىگىچە بولغان تۇغقانلارنىڭ بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلەيدۇ.

5) بۇ ماددا ھۆكۈملىرىدىن پايدىلانماقچى بولغان ئەۋلادنىڭ ئەجدات بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئىسپاتلىنىشى كېرەك.

6) بۇ ماددا دائىرىسىگە كىرىدىغان كىشىلەرگە، ئۇلار تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇقلاردىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆك كارتا بېرىلىدۇ. بۇ كارتا 1963-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېلان قىلىنغان، 210-نومۇرلۇق قىممەتلىك ھۆججەتلەر قانۇنى دائىرىسىگە تەۋە بولىدۇ.

7) بۇ ماددىدا بېرىلگەن ھوقۇقلارنىڭ ئىشلىتىلىشىدە كۆك كارتىنىڭ تاپشۇرۇلۇشى يېتەرلىك بولىدۇ. كارتا تاپشۇرۇلمىغان ئەھۋالدا كىملىك ھەمبەھىرلىنىش سىستېمىسى ۋاستىسى بىلەن كۆك كارتىلىقلار قىسمىدىن ئېلىنىدىغان نوپۇس ئۆرنىكى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن بېرىلگەن كىملىك ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپات بىلەن رەسمىيەت بېجىرىلىدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىش بولغان ئەھۋالدا، تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدىن ئېلىنغان كونا ۋە يېڭى كىملىك ئۇچۇرلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئىسپاتنىڭ تەستىقلانغان تۈركچە تەرجىمىسى بىلەن بىللە تاپشۇرۇلۇشى كېرەك.

8) بۇ ماددا دائىرىسىگە تەۋە كىشىلەرگە مىنىستىرلىقنىڭ تەكشۈرىدىغان قائىدىلەر ئىچىدە كىملىك نومۇرى بېرىلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كىملىك نومۇرى تەلەپ قىلىنغان جايلاردا مۇشۇ كىملىك نومۇرى ئىشلىتىلىدۇ.

9) كۆك كارتىنىڭ چىقىرىلىشى ۋە تارقىتىلىشى بىلەن كۆك كارتىلىقلارنى تىزىملاشنىڭ ئېلىكترونلۇق مۇھىتتا بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ ۋە قائىدىلىرى مىنىستىرلىق تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

10) دۆلەت مۇئەسسەسەلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى، بۇ ماددا ھۆكۈملىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى مەقسىتىدە ھەر خىل تەدبىر ئالىدۇ ۋە زۆرۈر رەسمىيەتلەرنى بېجىرىدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قىلىنىش

29-ماددا:

1) تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەردە بولغانلىقى رەسمىي ئورۇنلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان كىشىلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقى سالاھىيىتى دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ.

(1) باشقا بىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق بىر خىزمەتىگە قاتنىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت سىرتىدا دۆلەت سىرتىدىكى ۋەكىللىكلەر، دۆلەت ئىچىدە بولسا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئەسكەرتىشىگە قارىماي، ئۈچ ئايدىن ئاز بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ ۋەزىپىنى ئۆز ئارزۇسى بىلەن تاشلىمىغانلار.

(2) تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ھەر خىل خىزمەتلىرىدە دۆلەت رەئىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز رازىلىقى بىلەن ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرغانلار.

(3) رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ باشقا بىر دۆلەت خىزمىتىدە پىدائىي بولۇپ ئەسكەرلىككە قاتناشقانلار.

2) (قوشۇمچە) 2004-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئېلان قىلىنغان، 5237-نومۇرلۇق تۈرك جازا قانۇنىنىڭ 302-، 309-، 310-، 311-، 312-، 313-، 314- ۋە 315-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن جىنايەتلەر سەۋەبىدىن سوراق قىلىش ياكى جىنايىتى كۆزىتىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە چەتئەلدە بولغاچقا ئالاقىلىشالمىغان كىشىلەر، بۇ ئەھۋال تەكشۈرۈش باسقۇچىدا جۇمھۇرىيەت تەپتىشى ياكى تەپتىش قىلىش باسقۇچىدا تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىلىنگەندىن باشلاپ بىر ئاي ئىچىدە پۇقرالىقلىرىدىن مەھرۇم قىلىنىش مەقسىتىدە مىنىستىرلىققا بىلدۈرىلىدۇ. مىنىستىرلىقنىڭ رەسمىي گېزىتتە قىلغان ۋەتەنگە قايت ئېلانىغا قارىماي، ئۈچ ئاي ئىچىدە قايتمىغاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ تۈركىيە پۇقرالىقى دۆلەت رەئىسى چىقارغان قارار بىلەن مەھرۇم قىلىنىدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قىلىنىشنىڭ كۈچكە ئىگىلىكى ۋە ئاقىۋەتلىرى

30-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىنىڭ مەھرۇم قىلىنىشى دۆلەت رەئىسى چىقارغان قارارنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنىشىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

2) مەھرۇم قىلىش قارارى پەقەت شەخسكە ئائىت بولۇپ، شەخسنىڭ جۆرىسى ياكى پەرزەنتلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىقىنىڭ بىكار قىلىنىشى

31-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىنىڭ بېرىلىش قارارى، مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ يالغان بايانى ياكى پۇقرالىقنىڭ ئېلىشقا ئاساسلىق شەرتلەرنى تەشكىل قىلغان مۇھىم خۇسۇسلارنى يوشۇرۇش نەتىجىسىدە ئېلىنغان بولسا قارارنى چىقارغان ئورۇن تەرىپىدىن بىكار قىلىنىدۇ.

بىكار قىلىش قارارىنىڭ كۈچكە ئىگىلىكى ۋە ئاقىۋىتى

32-ماددا:

1) بىكار قىلىش قارارى، قارار چىقىرىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىكار قىلىش قارارى مۇناسىۋەتلىك كىشىگە باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن پەرزەنتلىرى ۋە جۆرىسىگىمۇ ئىجرا قىلىنىدۇ.

مال-مۈلكىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى

33-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقى بىكار قىلىنغانلارغا 1950-يىلى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلىنغان 5683-نومۇرلۇق چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇش ۋە ساياھەت قىلىش توغرىسىدىكى قانۇن ھۆكۈملىرى ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇلاردىن مال-مۈلكىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى زۆرۈر دەپ قارالغان ئەھۋالدا، بۇ خۇسۇس بىكار قىلىش قارارىدا ئەسكەرتىلىدۇ. بۇ كىشىلەر ئەڭ كېيىن بولغاندىمۇ بىر يىل ئىچىدە تۈركىيەدىكى مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، مال-مۈلكى مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن سېتىلىپ، پۇللار ئاممىۋى مالىيە سېستىمىسىغا تەۋە بولغان بىر ئاممىۋى بانكىغا قويۇلىدۇ.

2) بۇ كىشىلەر بىكار قىلىش قارارىغا قارىتا نارازىلىق ئەرزى سۇنغان ئەھۋالدا، مال-مۈلۈكلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى دەۋا نەتىجىسىگە قارىتا بېكىتىلىشكە قالدۇرىلىدۇ.

سايلاش ھوقۇقى بىلەن تۈكىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قېلىش.

34-ماددا:

1) تۆۋەندە كۆرسىتىلگەن ئەھۋالدىكىلەر، قۇرامىغا يەتكەن ۋاقتىدىن تارتىپ ئۈچ يىل ئىچىدە تۈركىيە پۇقرالىقىدىن ئايرىلالايدۇ.

(1) ئانا ياكى ئاتىسى سەۋەبلىك تۇغۇلۇشتىن باشلاپ تۈركىيە پۇقراسى بولغانلاردىن چەتئەللىك ئانا ياكى ئاتىنىڭ پۇقرالىقىنى تۇغۇلغاندىن باشلاپ ياكى كېيىن ئالغانلار.

(2) ئانا ياكى ئاتا سەۋەبىدىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەردىن تۇغۇلغان ئورنى قائىدە-تۈزۈملىرىگە قارىتا باشقا بىر دۆلەت پۇقرالىقىنى ئالغانلار.

(3) بالا بېقىۋېلىش ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر.

(4) تۇغۇلغان ئورنى قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاساسەن تۈركىيە پۇقراسى بولغان، كېيىن چەتئەللىك ئانا ياكى ئاتىنىڭ پۇقرالىقىنى ئالغانلار.

(5) ھەر قانداق بىر يول بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئالغان ئانا ياكى ئاتا سەۋەبىدىن تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەنلەر.

2) يۇقىرىدا بېرىلگەن قائىدىلەرگە ئاساسەن پۇقرالىقتىن مەھرۇم بولۇش مۇناسىۋەتلىك كىشىنى ۋەتەنسىز قىلىپ قويسا سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتەلمەيدۇ.

سايلاش ھوقۇقى ئارقىلىق تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم قېلىشنىڭ كۈچكە ئىگىلىكى ۋە ئاقىۋەتلىرى

35-ماددا:

1) سايلاش ھوقۇقى بىلەن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولۇش، بۇ ھوقوقنىڭ قوللىنىلىشىغا دائىر شەرتلەر بارلىقىنىڭ ئېنىقلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك چىقىرىلغان قارار، قارار چىقىرىلغان ۋاقتىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

2) سايلاش ھوقۇقىنى قوللىنىپ تۇرۇپ تۈركىيە پۇقرالىقىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ جۆرىسى ۋە پەرزەنتلىرى 27-ماددىدىكى قائىدە-تۈزۈملەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

4-بۆلۈم

ئورتاق قائىدىلەر

تۈركىيە پۇقرالىقىنىڭ ئىسپاتى

36-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىنىڭ ئىسپاتى ھەر قانداق بىر شەكىلگە تەۋە ئەمەس.

2) تۆۋەندىكى رەسمىي تىزىمغا ئېلىش ۋە ئىسپاتلار، ئەكسىچە ئەھۋال مۇقۇملاشقىچە مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىگە تەخمىن تەشكىل قىلىدۇ.

(1) نوپۇس

(2) كىملىكى

(3) پاسپورت ياكى پاسپورت ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان كىنىشكىلەر.

3) بىر كىشىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ بولمىغانلىقى توغرىسىدا ھەر قانداق بىر شۈبھە پەيدا بولغاندا بۇ ئەھۋال مىنىستىرلىقتىن سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

پۇقرالىق رەسمىيەتلىرى بېجىرىشتىكى ئىلتىماس تەرتىپلىرى

37-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ۋە مەھرۇم قېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلتىماسلار دۆلەت ئىچىدە تۇرۇشلۇق جايدىكى ۋالىي مەھكىمىسىدە، چەتئەلدە بولسا چەتئەلدىكى ۋەكىللىكلەردە شۇ كىشى ئۆزى بېرىپ ياكى بۇ ھوقۇقنىڭ قوللىنىلىشىغا دائىر ۋاكالەتنامە بىلەن بېجىرىلىدۇ.

ئۇچۇر ۋە ئىسپات تەلىپى

38-ماددا:

1) پۇقرالىق رەسمىيەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشقا دائىر ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلار، ئاممىۋىي ئورگان ۋە ئىدارىلەردە ھەر قانداق بىر كېچىكتۈرۈش بولمىغان ئاساستا بېرىلىدۇ.

ماددىي خاتالارنىڭ تۈزىتىلىشى ۋە تولۇقلىنىشى

39-ماددا: (ئۆزگەرتىش)

1) بۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلغان قارارلاردا ماددىي بىر خاتا ياكى كەمتۈكلۈك كېيىن بايقالسا، قائىدە-تۈرۈملەرگە ئۇيغۇن شەكىلدە باش ئىدارە تەرىپىدىن تۈزىتىش ياكى تولۇقلاش قارارى چىقىرىلىدۇ.

پۇقرالىق ھەققىدە چىقىرىلغان قارارلارنىڭ قايتۇرۋېلىنىشى

40-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشىش ياكى مەھرۇم قېلىشقا دائىر چىقىرىلغان قارارلار، قانۇنىي شەرتلەر تەشكىل قىلمىغان ئاساستا ياكى تەكرار بېرىلگەنلىكى كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەھۋالدا قايتۇرۋېلىنىدۇ.

ئۇقتۇرۇش

41-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقى ئېلىشقا ياكى مەھرۇم قېلىشقا مۇناسىۋەتلىك قارارلار مۇناسىۋەتلىك كىشىگە ۋە ئىلتىماس ئورۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. 29-ماددىدا بەلگىلەنگەن مەھرۇم قىلىنىش قارارلىرى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىنىدۇ ۋە ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئۇقتۇرۇلغان ھېسابلىنىدۇ.

5-بۆلۈم

ھەر خىل قائىدە-تۈزۈملەر

شىمالىي سىپروس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى

42-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان شىمالىي سىپروس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرى، تۈركىيە پۇقراسى بولغۇسى بارلىقىنى يېزىقچە بايان قىلسا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتەلەيدۇ.

2) شىمالىي سىپروس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىقىنى كېيىن ئالغانلارغا 11-ماددىدىكى بەلگىلەنگەن قائىدە-تۈزۈملەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولغانلار ياكى پۇقرالىقى رەت قىلىنغانلار

43-ماددا: (ئۆزگەرتىش)

1) مۈلگا 403-نومۇرلۇق تۈركىيە پۇقرالىقى قانۇنىنىڭ 25-ماددىسىنىڭ (a), (ç), (d)ۋە (e)تارماقلىرىدا بەلگىلەنگەن تۈركىيە پۇقرالىقىدىن مەھرۇم بولغان كىشىلەر، ئىلتىماس قىلسا، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولماسلىق ئالدىنقى شەرتى بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇش شەرتى تەلەپ قىلىنمىغان ھالدا، مىنىستىرلىق قارارى ئارقىلىق تەكرار تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

2) مۈلگا 1928-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىنغان 1312-نومۇرلۇق تۈركىيە پۇقرالىرى قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، پۇقرالىقى رەت قىلىنغان كىشىلەر، ئىلتىماس قىلسا، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدىن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بولماسلىق ئالدىنقى شەرتى بىلەن تۈركىيەدە تۇرۇش شەرتى تەلەپ قىلىنمىغان ئاساستا مىنىستىرلىق قارارى ئارقىلىق تەكرار تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

3) دۆلەت بىخەتەرلىكى نۇقتىسىدن مەسىلە تەشكىل قىلىدىغان ئەھۋالى بارلارنىڭ ئىلتىماسلىرى مىنىستىرلىق تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ.

كۆپ دۆلەت پۇقرالىقى

44-ماددا:

1) ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن باشقا بىر دۆلەتلىنىڭ پۇقرالىقىنى ئالغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئەھۋاللارغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تىزىمغا ئېلىنغان كىشىنىڭ ئوخشاش بىر كىشى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئەھۋالدا، ئائىلە نوپۇس ئۆرنەكلىرىدىكى ئۇچۇرلىرىدا كۆپ دۆلەت پۇقرالىقىغا ئىگە ئىكەنلىكىگە دائىر چۈشەندۈرۈلۈش بېرىلىدۇ.

پۇقرالىق رەسمىيەتلىرى ھەققى

45-ماددا:

1) تۈركىيە پۇقرالىقىغا كېيىن ئېرشكەنلىكىگە دائىر بېرىلگەن خىزمەت ھەققى، مىنىستىرلىق ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھەمكارلىقىدا بەلگىلىنىدۇ.

2) 193-نومۇرلۇق كىرىم بېجى قانۇنىغا ئاساسەن كىرىمى يوقلار ۋە ئۆزلىرى بىلەن بىللە رەسمىيەت بېجىرگەن قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرى ئۈچۈن 1-تارماقتا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.

قائىدىلەر

46-ماددا:

1) بۇ قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرتىپ ۋە قائىدىلەر دۆلەت رەئىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان قائىدىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.

بىكار قىلىنغان قانۇنىي ھۆججەتلەر ۋە مەلۇماتلار

47-ماددا:

1) 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىنغان 403-نومۇرلۇق تۈركىيە پۇقرالىقى قانۇنى، 2006-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئېلان قىلىنغان 5490-نومۇرلۇق نوپۇس خىزمەتلىرى قانۇنىنىڭ 22-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا تىلغا ئېلىنغان «ۋىلايەت ۋە ناھىيە» ئاتالغۇسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

2) باشقا ھۆججەتتە 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىنغان 403-نومۇرلۇق تۈركىيە پۇقرالىقى قانۇنىغا كۆرسىتىلگەن پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى بۇ قانۇنغىمۇ ئۇيغۇن دەپ قارىلىدۇ.

يوشۇرۇن نوپۇس

قوشۇمچە ماددا: (قوشۇمچە 19)

1) 18 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن ئائىلە نوپۇس ئۆرنىكىگە تىزىملانمىغانلار ۋە باشقا بىر دۆلەت بىلەن پۇقرالىق مۇناسىۋىتى بولمىغان كىشىلەر، ئانا ياكى ئاتىلار ئۆلگەن ئەھۋالدا، قېرىنداشلىرى بار بولسا ۋە ئۇلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دوختۇرخانا ئىسپاتى كۆرسىتىلسە تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئېرىشەلەيدۇ.

تۈرك پۇشتىدىن بولغان چەتئەللىكلەر

ۋاقىتلىق ماددا:

1) 11-ماددىنىڭ 1- تارمىقىدا تەخمىنەن پەرەز قىلىنغان تۇرۇش ۋاقتى، تۈرك پۇشتىدىن بولغان چەتئەللىكلەر ئۈچۈن 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىككى يىل قىلىپ بېكىتىلدى.

مەۋجۇت قائىدىلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى

ۋاقىتلىق ماددا 2:

1) 46-ماددىدا تەخمىنەن پەرەز قىلىنغان قائىدىلەر ئالتە ئاي ئىچىدە تەييارلىنىپ ئىجرا قىلىنىشقا قويىلىدۇ. بۇ قائىدىلەر ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغىچە مەۋجۇت قائىدىلەرنىڭ بۇ قانۇنغا خىلاپ بولمىغان قائىدىلىرىنى ئىجرا قىلىش داۋاملىشىدۇ.

ئىجرا قىلىش

48-ماددا: 1) بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ.

ئىجرا قىلىش

49-ماددا: 1) بۇ قانۇن قائىدىلىرىنى مىنىستىرلار قۇرۇلتىيى ئىجرا قىلىدۇ.

جەدىۋەل

5901-نومۇرلۇق قانۇنغا قوشۇمچە ۋە ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن ھۆججەتلەر ياكى ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى قارارلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلاش ۋاقىتلىرى كۆرسىتىلدى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top