ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » كۆك بايراق جۇشقۇسى

كۆك بايراق جۇشقۇسى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

“يول” ناملىق تارىخىي روماننىڭ “كۆك بايراق جۇشقۇسى” ناملىق 6-بابىدىن قىسقا بىر ئارىيە

ھاياتىنى بىر دۆلەت قۇرۇشقا ئاتىغان سابىت داموللام ئۆزنىڭ مۇقەددەس مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنى قۇرۇش يولىدا بەك ئالدىرايتتى. شۇڭا ئۇ بىر تەرەپتىن يېڭىشەھەرنىڭ ئازات بولىشىغىمۇ قارىماي، يەنە بىر تەرەپتىن خوجانىياز ھاجىنىڭ قەشقەرگە يېتىپ كېلىشىنىمۇ كۈتمەيلا، دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىنى ئۆتكۇزىشنى قارار قىلدى. بۇ دەل 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىدى. بۈگۈن قەشقەر شەھەرىنىڭ كۆپكۆك ئاسمىدىدا قۇياش باشقىچە پارلىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىللىق نۈرى بىلەن كەچ كۈز مەۋسىمىدىكى قالدۇق ياپراقلارنىڭ ساپ-سېرىق يۇزىنى جۇلالاندۇرۇپ تۇراتتى. قەشقەر خەلقى بىلەن مۇڭداش، سىرداش ۋە ئەزەلدىن قەشقەرنىڭ باھادىر ئوغلانلىرىغا ھەم نەپەس، ھەم مەدەتكار بولۇپ كەلگەن تۈمەن دەرياسى ئۆز ۋۇجۇدىغا سىڭدۇرگەن جۇشقۇن ۋە مەردانە قىياپىتىنى ئاشكارلاپ شاۋقۇن چىقىرىپ،كۈۋەجەپ، ئۆز خوشنۇتلىقىنى ئىپادىلىمەكتە ئىدى. مانا بۇ قۇتلۇق كۈندە قەشقەر شەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق خەلق تەن-تەنەگە چۆمۈلگەن بىر روھلۇق ھېسيات بىلەن نەچچە ۋاقتىن بېرى بىكىنىپ ياتقان ئۆي-ماكانلىرىدىن ئىرغىپ چىقىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىغىنى پۈتۈن ئالەمگە جاكالايدىغان مەيدانغا قاراپ، بەئەينى ئانىسىنىڭ ئالدىدا ئويناقشىپ چاپقان تايچاقلاردەك كېتىۋاتاتتى. ئەنە توپ-توپ بولۇپ كېتىۋاتقان خالايىقنىڭ ئاراسىدا چىرايلىق ياسانغان يېگىت- قىزلار، بىر-بىرىنى قوغلىشىپ يۇگرەۋاتقان ئۇشاق بالىلار، ساقال-بۇرۇتلىرى قاردەك ئاقارغان بوۋالار، بەللىرى مۇكچەيگەن مومايلارمۇ بار ئىدى. مانا كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگەندە شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللام ئۆز ھەمرالىرى بىلەن تۈمەن دەرياسىنىڭ شىمالى تەرىپىدىكى كەڭ كەتكەن مەيدانغا قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە يېتىپ كەلدى.

قاينام-تاشقىنلىققا چۆمۈلگەن مەيداننىڭ رەئىس سەھنىسىدە سابىت داموللام باشلىق بارلىق مىنىستىرلار، قوماندانلار، ئۆلىمالار ۋە يۇرت ئاقساقاللىرى ئۆزلىرىگە مۇناسىپ ئورۇنلاردا قاتار -قاتار بولۇپ ئولتۇردى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا ئەسكەرلەر، مەمۇرى خادىملار، ئوقۇغۇچىلار ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئۆزىدە ھېچ بىر ۋاقىت ھېس قىلىپ باقمىغان تاتلىق شېرىن بىر تۇيغۇ بىلەن سەھنىگە نۇرلانغان كۆزلىرىنى تىكىپ تۇراتتى. ئەتراپقا قاتار-قاتار ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار قادالغان بولۇپ، قىشنىڭ سوغۇقلىرىنى ئاستا-ئاستا ئەكىلىۋاتقان كەچ كۈز شامالنىڭ تەسىرىدە شۇنچىلىك گۈزەل لەپپىلدەپ تۇراتتى. كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدىن تۆۋەنگە قاراپ تۇرغان كىشىلەرگە، بۇ مەيدان خۇددى كۆكنىڭ يەر يۇزىدىكى بىر پارچىسىدەك شۇنجىلىك جۇلانىپ كۆرۇنەتتى. مەيدانغا جەم بولغان مىھنەتكەش ئۇيغۇر خەلقى كۆك بايراقنىڭ جۇشقۇسىدىن تامچىغان ھاياجان ياشلىرىنى خوشاللىق بىلەن سۇرتىۋاتاتتى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىگە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھېچ كۆرۈلۈپ باقمىغان مۇنداق بىر جۇشقىنى سالغان بۇ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بولسا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىگىنىڭ، مۇستەقىللىغىنىڭ سىمھولى ئىدى. مانا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ ۋە مەھجۇتلۇغىنىڭ ھەمدە ئادالەتسىزلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە بولغان قارشىلىق كۈچىدىن مەھرۇم قالمىغانلىغىنى روشەن ئىپادىسى ئىدى. كۆك بايراقنىڭ جىلۋىسىدىن چاقنىغان نۇرلار ئەسىرلەردىن بىرى زۇلمەت قارانغۇلۇقى ئىچىدە قالغان مىللىتمىزنىڭ روھىيەت دۇنياسىنى يورۇتۇپ، ئوغۇزخان روھىنى يەنە بىر قىتىپ ئويغۇتۇپ، ئىنساننىڭ قىممىتىنى، ئەركىنلىكنىڭ قىممىتىنى، ئازاتلىق سۆيگىسىنى ۋە بۇ ھاياتنىڭ چەكسىز قەدىر-قىممىتىنى مىللىتىمىزگە ھېس قىلدۇرغان ئىدى.

بۈگۈن سابىت داموللام ئۈچۈن ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئەھمىيەتلىك كۈن بولۇپ ھېساپلىناتتى. بۈگۈن ئۈچۈن ئۇ ھاياتىنى تەغدىم قىلىشقا رازى ئىدى. چۈنكى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىغىنى پۈتۈن خەلققە ۋە جۈملىدىن پۈتۈن دۇنياغا جاكالايتتى. مانا ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن پەيت دەل ھازىرقى ۋاقىت ئىدى. ئۇ ئورنىدىن دەس تۇردى – دە، ئىككى ئالقىنىنى ئالدىغا قويۇلغان ئۈستەلنىڭ گىرۋىكىگە قويۇپ، ھاياجانلىق بىر تون بىلەن سۆزىنى مۇنداق باشلىدى:

– بىسىملا راھمانى رەھىم، بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاغا خاستۇر. ئاللانىڭ رەھمەت ۋە سالامى مۇھەممەد سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغا، ئائىلىسىگە ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە جۈملىدىن ئۇلارغا قىيامەت كۈنىگىچە ئەگەشكەن بارلىق ئەھلى مۇسۇلمانلارغا بولغاي. ئەسسالامۇ ئەللەيكۇم قەدىردان قىرىنداشلار! ئەسسسالامۇ ئەللەيكۇم ئەزىز ئانا ۋەتەن! مەن بۇگۈن شەرقى تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالاتەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇريىتىنىڭ قۇرۇلغانلىغىنى ھازىر جاكالايمەن!

بۇ سادا بىلەن مەيداندىكى بارلىق خەلقنىڭ بىردەك “ياشىسۇن شەرقى تۈركىستان !”، “ياشىسۇن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق” دەپ، تۆۋلىغان ئاۋازلىرى قەشقەرنى زىل-زىلگە سالدى. بۇ چىن يۈرەكتىن ئىتىلىپ چىققان ياڭراق ئاۋازلار تۈمەن دەرياسىنىڭ شاۋقۇنلىرى بىلەن قوشۇلۇپ تەكلىماكانغا سىڭىپ كەتتى.لەرزان لەپپىلدەپ تۇرغا كۆك بايراق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۇشقۇسىغا-جۇشقا قوشۇپ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ قەلب ساداسىنى ئۆزىنىڭ رەڭگىدە تون كىيگەن ساماغا تۇتاشتۇرغان ئىدى. ئارىدىن ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن خەلقنىڭ ياڭراق ئاۋازى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىدى. سابىت داموللام سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى:

– مەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مۇختەرەم خوجا نىياز ھاجى ھەزرەتلىرىنىڭ نامىدىن ئەسىرلەردىن بىرى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قاتمۇ-قات زۇلۇمىنى چەككەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىغىنى چىن قەلبىم بىلەن تەبرىكلەيمەن. ئەزىز قىرىنداشلار! ئەسىرلەپ ھۆكۇم سۇرۇپ كەلگەن زۇلۇم زالالەت، قاراڭغۇ جاھالىيەت قاپلىغان زامانلاردا كۆپ جەبىر- جاپا تارتتۇق ۋە تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىدۇق. ھەتتا ئەركىنلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ زۇلۇم تېخىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىمىزنى قولىمىزدىن ئالدى، ئەركىنلىككە بولغان ئۈمىدلىرىمىزنى كۆزىمىزدىن يۇلىۋالدى. شۇڭا خەلقىمىز پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا قوزغۇلۇپ، كۈرەش يولىغا ئاتلاندى. ئەمدى بىزنىڭ يولىمىز ئەركىنلىك يولى، ئازاتلىق يولى. بۇ يولدىن بىزنى ھېچقانداق بىر كۈچ توسۇپ قالالمايدۇ. بىزنىڭ يولىمىزنى كۆكتىكى قۇياش يورۇتتى، ئۇزۇن قاراڭغۇ تۇنلەر ئازايىپ، تاڭ قۇياشى يۇزىمىزگە قاراپ پارلاشقا باشلىدى. ئەمما ئالدىمىزدىكى يول ھەم ئۇزۇن، ھەم جاپالىق. ھەقىقى كۈرەش ئەمدى باشلاندى. مەن ماشۇ پەيتتە سېلەرنى قۇتلۇق ۋەتىنىمىزنىڭ ئازاتلىقى، جانىجان خەلقىمىزنىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن قانلىق جەڭگاھقا ئاتلىنىشقا چاقىرىمەن! كىمكى جەڭگاھتا كۆكسىگە ئوق تىگىپ يىقىلسا ئاللا يولىدا شېھىتتۇر! شېھىتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ روھى ئەبەدى ماشۇ ئانا زېمىننى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەزىز قىرىنداشلار ياۋۇز، قانخور تاجاۋۇسچىلاردىن جانغا جان، قانغا قان ئېلىشا ھازىرمۇ سېلەر!?

پۈتۈن مەيداندا سەپراس تۇرغان ئەسكەرلەر ۋە خەلق توپىدىن بىردەك ئاۋازدا „ھازىر! ھازىر!“ دېگەن سادالارنى ياڭرىدى. بۇ ياڭراق سادالار تاغ-داۋانلار ئىشىپ ئىلى بوستانلىقلىرىغىچە يىتىپ باردى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بىئارام بولۇپ، غەم-قايغۇ، دەرت-ئەلەملىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ، ئۇزاقتىن-ئۇزاققا تولغۇنۇپ ئاققان تارىم دەرياسى قەشقەر خەلقىنىڭ ياڭراق سادالىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئۆز ۋۇجۇدىغا سىڭدۇرگەن جەڭگىۋار، مەردانە قىياپىتىنى ئاشكارلاپ، جۇش ئۇرۇپ، شاۋقۇن چىقىرىپ، ئۆركەش ياساپ ئېقىپ، بۇجغۇنلىغان سۇلىرىنى قىيان تاشلارغا ئۇرۇپ، مەرۋايىت دانچىلىرىنى ئەتراپقا سىخېلىك بىلەن چاچرىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىپتىخارلىق ھېسياتىنى ئىپادىلىدى. بۇ ياڭراق سادالار تۈركىسىدە مىللەتنىڭ تەغدىرى، ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم ئويلۇنىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى جاھالىيەت تۇتەكلىرى قاپلاپ كەلگەن تارىم ۋادىسىنىڭ ئاسمىنىدا نۈرانە يۇلتۇزلار چارلاشقا، تەڭرىتاغ ئاتىنىڭ گىگانىت گەۋدىسى مىدىرلاشقا، ئۇن-تۇنسىز ئېقىپ كىلىۋاتقان ئىلى دەريالىرىمۇ شاۋقۇنلاشقا، نەچە ئەسىردىن بىرى پۇششۇلداپ ياتقان بۇ قەدىمى تۇپراق سىلكىنىشكە باشلىدى.

سابىت داموللام بىر ئاز تىنىۋالغاندىن كىيىن، سۆزلىرىنىڭ تونىنى تېخىمۇ ۋەزىنلىك قىلىپ، سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى:

– مۇختەرەم ئەزىز يۇرتداشلىرىم! كىندىك قېنى ماشۇ ئەزىزانە قەشقەرگە تۆكۇلگەن ئۇلۇغ بوۋىمىز ماھمۇد قەشغەرى ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى “تۈركىي تىللار دىۋانى”غا مۇنداق ئالتۇن قۇرلارنى تىزغان ئىكەن: “مەن تەڭرىنىڭ دۆلەت قۇياشىنى تۈركلەرنىڭ بۇرجىدا تۇغدۇرغانلىقىنى ۋە پەلەكنىمۇ شۇلارنىڭ زېمىنى ئۈستىدە چۆگىلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. تەڭرى ئۇلارنى “تۈرك” دەپ ئاتىدى ۋە سەلتەنەتكە ئىگە قىلدى. دەۋرىمىزنىڭ خاقانلىرىنى تۈركلەردىن قىلىپ، زامان ئەھلىنىڭ ئىختىيار تىزگىنىنى شۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئۇلارنى ئىنسانالارغا باش قىلدى. ھەق ئىشلاردا ئۇلارنى قوللىدى. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە كۈرەشكەنلەرنى ئەزىز قىلدى ۋە تۈركلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنى ھەممە تىلەكلىرىگە ئېرىشتۈرۈپ، يامانلارنىڭ يولىنى مەھكەم تۇتۇش ھەربىر ئەقلىل ئىگىسىگە لايىق ۋە مۇناسىپ ئىش بولۇپ قالدى. ئۆز دەردىنى ئېيتىش ۋە تۈركلەرگە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارغا تۈرك تىلىدا سۆزلىشىشتىن ياخشىراق يول يوق. كىمكى ئۆز گۇرۇھىدىكى دۈشمەنلىرىدىن ئايرىلىپ، تۈركلەرگە سىغىنىپ كەلسە، تۈركلەر ئۇلارنى ئۆز قانىتى ئاستىغا ئېلىپ، خەۋپتىن قۇتقۇزىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە باشقىلارمۇ پاناھ تاپىدۇ”.

بۇ سۆزلەردىن بىزنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ئېسىل سەلتەنەتلەرنى سۇرگەنلىكىنى كۆرۋالىمىز. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزنىڭ بىشىمىزغا مۇدھىش كۇلپەتلەر كەلدى. بۇ كۇلپەت-زۇلۇملارنىڭ تۇپ يىلتىزى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ۋەتىمىزگە بېسىپ كىرىپ، دۆلەتىرىمىزنى مۇنقەرز قىلىپ،خەلقىمىزنى قۇللۇق، جاھالىيەت زەنجىرى بىلەن چىرماپ، بىزنىڭ روھىيىتىمىزنى قۇللۇققا مايىل قىلىپ قويغانلىغىدىندۇر. مانا ئەمدى خەلقىمىزنىڭ روھى قايتتىدىن تىرىلدى. ئەسىرلەردىن بېرى تەلمۇرۇپ، ئارزۇ قىلىپ كۇتكەن قۇياش بىزگە باقتى. ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ، ئەمدى تولۇق ئويغانمىساق، ئەمدى قولىمىزغا قورال ئالمىساق ئاللاھمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. ئىلى ئوغلانى سادىر پەلۋان «ئاتاڭ ئەردۇر، ئەردەك قىلىق قىل» دېگەن ئىكەن. شۇڭا بىز ئەجداتلار يولىدىن مېڭىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ياشنىتىپ، ئۆز دۆلىتىمىز شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز! دۆلەت بايرىقىمىز ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق. بۇ دېمەك دىنىمىز مۇقەددەس ئىسلامنىڭ روھى ئاستىدا ئىمانىمىز بىلەن بۇ يولدا ئاداقىچە ماڭىمىز. ھەمدە كۆكرەڭنى مۇقەددەس بىلگەن ئوغۇزخان ئاتالارىمىزنىڭ مىللىي روھى بىلەن كۈرەش يولىمىزنى يورىتىمىز. خۇلاسە قىلغاندا كۆپ مېھنەت ۋە مۇشەقەتلەر چېكىپ تۈمەن-تۈمەنلەپ مەزلۇم مىللىتىمىزنىڭ قانلىرى تۆكۈلۈپ، كۆپلىگەن جايلىرىمىز دۈشمەن تەرىپىدىن ۋەيران بولۇش بەدەلىگە قۇرۇلغان مىللىي ھاكىميىتىمىزنى ۋە سۆيۈملۈك ۋەتىنىمىزنى يەنە قولىمىزدىن بەرمەي ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، نىزاملىق ۋە قائىدىلىك ھۆكۈمەت تەشكىلاتىغا قەتىي رەۋىشتە ئىتائەت قىلىش ۋىجدانى ۋە ئىمانى بۇرچىمىزدۇر. ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆلكىلىرىدىن تاللانغان ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى يەنى سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ھەربىي، مالىيە ۋە ئەدىلىيەگە ئوخشاش مەخسۇس كەسىپتە يىتىشكەن زاتلارنىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئالىي ھۆكۈمەت مەھكىمىسى تۇرغۇزۇلدى. مەملىكەتتىكى ھەر خىل ھۆكۈمەت ئىدارىلىرى شۇ ئالىي مەھكىمىنىڭ ئۆزىگە قاراشلىق باش شۆبىسىگە قاراپ ئىتائەتتە بولۇشى شەرتتۇر.

بىز قۇرۇپ چىققان ھۆكۈمەت ئورگانلىرى خەلقنىڭ ئامانلىقى، تېچ-بەختىيارلىق ئىچىدە ئۆز تىرىكچىلىكىنى يۇرگۇزىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادالەتنىڭ قۇياشى ئاستىدا خىزمەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنشائاللاھ ھەربىر ئىشىمىز ياخشى ھالەتكە كېلىپ، مۇشى مەزلۇم خەلق مىللىي ئازاتلىق ئاپتىپىنىڭ زىياسىدىن كۆپ مىقداردا پايدىلىنىپ، قەددى كۆتۈرلۈپ، پەيزى سائادەت ۋە ئىززەت ئىقبالىدىن مەمنۇن بولۇپ، بەختىيارلىق ئىچىدە ياشار دەپ ئۈمىد كۈتىمىز.ئەلھەمدۇلىللاھ! ھازىر مىللىي ئازاتلىق دەۋرگە چىقتۇق. ئۆز ئۆزىمىزنى تونۇپ، ئۆز ئىشىمىزنى ئۆزىمىز ئىدارە قىلىپ، خانىدان مىللىتىمىزنى ھەر خىل زىيان ۋە زەھمەتتىن مۇھاپىزەت قىلىپ، تا ئاداقىچە ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش يولىمىزنى داۋام قىلىمىز. تېخى بىز ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرۋاتىمىز، ئالدىمزدىكى يول تېخىمۇ مۇشەقەتلىك. بۇ مۇشەقەتلىك ھايات-ماماتلىق كۈرەشلەردە مىللەتنىڭ ئۈستىگە يەنە نۇرغۇن ئېغىر تراگېدىيەلىك ھالاكەتلەر كېلىشى مۇمكىن. ۋە لېكىن ئازاتلىق يولىدىكى مۇنداق ھالاكەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە بىزگە مىللىتىمىزنىڭ قەدىر- قىممىتىنى، ئانا يۇرتقا بولغان سۆيگىمىزنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرىدۇ. مىللىتىمىز مۇنداق ھالاكەتنىڭ زەربىسىدە، روھى جەھەتتىن تېخىمۇ تىرىلىپ، چېھرىنى بويلاپ چىققان قۇياشنىڭ نۇرى بىلەن ئۆز يولىنى يورىتىپ ماڭىدۇ. بىز ئەجداتلىرىمىز بىسىپ ئۆتكەن سەلتەنەتلىك يوللارنى بويلاپ، ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى دەسسەپ، توختاۋسىز قەدەملەرىمىز بىلەن ئازاتلىق ئۈچۈن داۋمالىق كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

بۇنىڭ بىلەن مەيداندا 41 دانە توپ ئېتىلىپ، تەرەپ-تەرەپتىن ئالدىن تەيارلانغان كۆك بايراقلار يەنە ئىچىلىپ، ناھايىتى كۆتەرەڭگۇ بىر روھ بىلەن مۇستەققىل دۆلەتنىڭ قۇرۇلغانلىغى تەن-تەنە قىلىندى ۋە ئارقىدىنلا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىم-زاتلىرى ئىلان قىلىندى.

دۆلەت رەئىسى: ھوجا نىياز ھاجى

باش مىنىستىر: سابىت داموللام

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: سەئىدزادە يۇنۇس بەگ

تاشقىش ئىشلار مىنىستىرى: قاسىمجان ھاجى

مائارىپ مىنىستىسى: ئابدۇلكەرىمخان مەخسۇم

ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى: ئورازبەگ

ئەدىلىيە ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى: زەرىف قاراجىم

مالىيە مىنىستىرى: ئەلى ئاخۇنباي

ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ ئىسىم شەرىپى ئاتىلىپ بولغاندىن كىيىن يەنە خەلق قىزغىن ئالقىشلار بىلەن ئۇلارنى ئۇزۇنغىچە تەبرىكلىدى. ئەتراپقا قاتار-قاتار قادالغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار خۇددى ئوغۇزخان قوشۇنلىرىغا يول باشلىغان كۆك بۆرىنىڭ ياللىسىدەك يالتىراپ، كەچ كۈزنىڭ شامىلىدا توختىماي لەپپىلدەپ، گۈلدۈر-قاراس سادالارغا جۇر بولماقتا ئىدى. ئەسىرلەردىن بېرى تەغدىرى شۇنچە كاج بولۇپ كەلگەن تېلەكچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى چىن بولغاچقا بۈگۈن بىر كۈن بولسىمۇ مىرادىغا يېتىپ بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۋاتاتتى. سابىت داموللامنىڭ تەسىرلىك سۆزلىرى، ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن تويغان ۋە قان ياشلىرى بىلەن تولغان قەشقەر خەلقىنىڭ كۆڭۈللىرىدە بىھ سۈرۈشكە باشلىدى.

ئەنە ئاشۇ كۆك بايراقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىدە لەپپىلدەپ تۇرۇشلىرىنى كۆرۈشنىڭ ئۆزى، كىشىگە قانچىلىك بەختىيار بىر تۇيغۇ بېرىدىغانلىغىنى ئەزىزانە قەشقەر خەلقى ئۆزىنىڭ بىغۇبار قەلبىدە ھېش قىلىشماقتا ئىدى. بۇ زېمىننى سۆيۇپ قوچاق ئاچقان قەشقەر ئاھالىسىنىڭ كۆز نۇرلىرى كۆك بايراقنىڭ ۋاستىسى بىلەن قۇياش نۇرلىرى بىلەن تۇتىشىپ بىر ئۇپۇق سىزىقىنى ھاسىل قىلغانتى. مانا ئەمدى كۆك بايراقنىڭ ئانا تۇپراققا چۈشۇرگەن غۇۋا شولىسى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىنسانىي روھىنى تىرىلدۇردى. بۇ روھنىڭ تىرىلىشى ئانا تۇپراقنى دەسسەپ تۇرغان ھەربىر ئۇيغۇرغا ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تېخىمۇ روشەن تونىتىۋاتاتتى. كۆك بايراقنىڭ كۆكىش نۇرلىرى تۈمەن دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تومۇرلىرىدا ئىقىۋاتقان ئىسسىق قانلىرىنى دولقۇنلۇتۇپ، سىرلىق سوقۇشلار ئارقىلقى ئۇلارنىڭ مۇزلىغان ۋۇجۇدىنى ئىللىتىشقا باشلىدى. كۆك بايراق جۇشقىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زەيپ روھىدىكى يامان خەۋپ ۋە خەتەر ئىزتىراپلارنى بىردىنلا كۆتۈرۋەتتى.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش