ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » قەشقەردە ئانا تىل كۈنى زىياپىتى

قەشقەردە ئانا تىل كۈنى زىياپىتى

64502416201302211655292096038727298_000

سالام ساڭا ئانا تىلىم!

(ئەسكەرتىش: سىن ھۆججىتى ئاستى تەرەپتە)

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تور ئەھلى! مۇشۇ خەتلەرنى بىسىۋاتقان بارماقلىرىم ھاياجانلىق تىترەشتىن توختىمىغان بولسىمۇ، بىراق كۈچلۈك ھاياجاندىن ئۆزەمنى يەنىلا ئاز – تولابىسىۋىلىپ، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى يىزىۋاتىمەن. نەچچە كۈن ئىلگىرى، مەن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان«دۇنيا ئانا تىل خاتىرە كۈنى زىياپىتى» نىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرىۋالدىم. شۇنداق، بۇ مەن ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ خۇشاللىنارلىق ھەم شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىش ئىدى. نەچچە كۈندىن بىرى شۇنداق ئىنتىزارلىق بىلەن شۇ كۈننى كۈتمەكتىمەن. تۈنۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ، ئانا تىل كۈنىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە تارىخىغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆردۈم، مەن بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر بىرىشتىن بۇرۇن، يەنىلا ئانا تىل ھەققىدە توردىكى ماتىرىياللاردىن ئاز – تولا خەۋەردار بولۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم. «ئانا تىل كۈنى» نىڭ بېكىتىلىشى: 1999 -يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن -مەدەنىيەت باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ،2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى » (International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان. «ئانا تىل كۈنى» نىڭ تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ 1999-يىلى، « خەلقئارا ئانا تىل كۈنى » نى بېكىتىشى، شۇ يىلىدىكى بېنگالنىڭ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952-يىلى2- ئاينىڭ 21-كۈنى، يەنى بىنگال پاكىستانغا قارايدىغان دەۋردە، بىنگال خەلقى بېنگال تىلىنى دۆلەت تىلىنىڭ بىرى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغاندا، خەلق ئاممىسى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قۇربان بولغان. بېنگال مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئەنە شۇ نەچچەنەپەر «تىل قۇربانلىرى» غا ئاتاپ خاتىرە مۇنار تىكلىگەن. «ئانا تىل كۈنى» نى بېكىتىشنىڭ تەخرسىزلىكى: ئانا تىل بولسا بىر مىللەتنىڭ ئالاقىلىشىش قورالى، شۇنداقلا شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە سالاھىيىنىڭ بەلگىسى. بىراق،ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە يەر شارىلىشىشنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ،يېرىمدىن كۆپرەك تىل يوقىلىش گىردابىغا ماڭماقتا. دۇنيادا ھازىر 7000 خىلدىن ئارتۇق تىل بار. بىراق بۇنىڭ ئىچىدە %96 نى ئىگەللىگەن تىللارنى ئىشلىتىدىغان نوپۇس دۇنيا نوپۇسىنىڭ پەقەت %4 نىلا ئىگەللەيدۇ. ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسىدىكى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىغا مەسئول خادىم سىمىسنىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپرەك تىل ھازىر يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. ئىككى ھەپتىدە دىگۈدەك بىر خىل بۇ دۇنيادىن يوقىلىدىكەن. ئەگەر بۇنىڭغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىلمايدىكەن، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، نەچچە يۈز يىلدىن كىيىن يەرشارىدا ئىشلىتىلىدىغان تىل نەچچە يۈزلا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر كۆپ مىقداردىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئىقتىسادىي سېلىنمىنىڭ ياردىمى بولسا، ئېھتىمال نەچچە مىڭ تىل ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىراق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، دۇنيا تىلىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كەلگۈسى ئىنتايىن خىرە. شۇنداقتىمۇ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قىلىشتا ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرى ئارقىلىق تىلنىڭ يوقىلىشىنى كونترول قىلغىلى بولىدىكەن. ۋېلش تىلى، كانادادىكى ھىندىئان تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. ئىنتېرنىت تورىنىڭ ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىشتىكى رولى نىمە؟ بۈگۈنكىدەك يەر شارىلىشىش ۋەزىيىتىدە، تور بوشلۇقىغا كىرىش بىر تىلنىڭ ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تور بوشلۇقى بىر تىلنىڭ دۇنياغا بىلىنىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى كۈچەيتىدۇ. توردىكى يۆتكىلىش بۇ خىل تىلغا يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشىدۇ. ياشلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ. سىمىسنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ يەنە بىر مۇناسىۋەتلىك تۈرى، تور مۇھىتىدا قانچە خىل تىلنىڭ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى باھالاشنى مەقسەت قىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە (2006-يىلى)ئىنتىرنېت تورىدا پەقەتلا نەچچە يۈز خىللا تىل ئىشلىتىلىپتۇ. يەنە خېلى كۆپ ساندىكى تىللار ئىنتىرنېت تورىدا پەقەت ئىنتايىن قىسقىلا ماتىرىياللاردا بار ئىكەن. بىرخىل تىلنىڭ سېستىمىلىق ھالدا ئومۇمىيۈزلۈك ئىنتېرنېت تورىغا كىرىشى نۇرغۇن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ. بەزىدە ئىنتايىن مۇرەككەپ. بىزنىڭ بۇ تۈرىمىز يەنىمۇ كۆپلىگەن دۆلەت ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ياردەملىشىپ كونۇپكا لاھىيەلەش، تىلنىڭ كومپىيوتىرغا كىرگۈزىلىدىغان كودىنى بەلگىلەش، مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دىتاللارنى لاھىيەلەپ بېرىش. «ئانا تىل كۈنى» گە ئائىت پائالىيەتلەر: ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى 1999-يىلى ، ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنىنى«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بىكىتكەن، ھەمدە ئانا تىلنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان. 10يىلدىن بۇيان، مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى تەشۋىقاتى»، «مەدەنىيەت ئىپادىسىنىڭ كۆپ خىللىق ئەھدىنامىسىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش»، «تور بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسىلىسىگە بولغان دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغاپ ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەدبىر- سىياسەتلەرنى قوللىنىپ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە. 1999 – يىلى، ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى 30- قىتىملىق ۋەكىللەر كۇ#رۇلتىيىدا، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ21-كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، «تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش ۋە بىرلىشىش كۈچىنى زورايتىشتىكى ئومۇمىيۈزلۈك قىممىتىنى نامايان قىلىدۇ» دىگەننى تەشەببۇس قىلدى. «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى: «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا كۆپخىللاشتۇرۇش. تىل ئىنسانىيەتنىڭ شەكىللىك ۋە شەكىلسىز مىراسلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنى تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسى تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر خىل تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز-ئاراچۈشىنىش، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز-ئارا دىئالوگ قىلىش ئاساسىدا، دۇنياخەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. خوش ئەمدى مەن سىلەرنى كۆپ ئىنتىزار قىلماستىن بۈگۈنكى پائالىيەت مەزمۇنى بىلەن تەڭ ئورتاقلىشاي. پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋاقتى: شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:30 دە بولۇپ، ئورنى قەشقەرشەھىرى مەپتۇن چاي تائاملىرىنىڭ 1- قەۋەت زالىدا. بۈگۈن ھاۋا خېلى ئوچۇقتەك كۆرۈنسىمۇ بىراق سوغۇقمۇ ئۇنچە بەك بوشاپ كەتمىگەن ئىدى.ئەتىگەن سائەت 7:30 دىن باشلاپلا مەپتۇن چاي- تائاملىرى تىز تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا قاتار ماشىنىلار تىزىلىشقا باشلىدى. تەكلىپنامىدە تەكلىپ قىلغۇچى ئورۇن بولغۇسى بىرەر شىركەت، ئورۇن ياكى بىرەر شەخىسنىڭ ئىسمى يوق بولۇپ، بۇ قىتىمقى پائالىيەت پۈتۈنلەي ھالدا جەمئىيەتتىكى ئىلىم سۆيەر،  ئۆز ئانا تىلىنى ئۆز ئانىسىنى سۆيگەندەك سۆيىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان، ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن تىگىشلىك كۈچ چىقىرىشقا تەييار  بىر بۆلۈك خالىس كىشىلەرنىڭ ئىختىيارى تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. زىياپەتنىڭ تەييارلىقلىرى جىددى ئىشلىنىۋاتاتتى.  زال ئىچى ئازادە بولۇپ، ئۇدۇل تەرەپتىكى كىچىك سەھنە ئالدىغا مىكرافون ۋە ياڭراتقۇ قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۈستىگە بەش مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قىزىل رەخىتكە چوڭ قىلىپ « خەلقئارا ئانا تىل كۈنى خاتىرىلەش زىياپىتى» دىگەن خەتلەر يىزىلغان بولۇپ،كۆزگە ئىنىق تاشلىنىپ تۇراتتى. زىياپەت مەسئۇللىرى ئالدىن تەييارلانغان تارقىتىلىدىغان ھەقسىز كىتاب ۋە باشقا ماتىرىياللارنى ئالدىن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تەييار قىلىپ بولدى. مانا، مېھمانلار ئارقا- ئارقىدىن زىياپەت زالىغا كىرىشكە باشلىدى. زالغا بىر- بىرلەپ كىرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چېھرىدە بىر خىل نۇر جىلۋىلىنەتتى. ئۇلاردىن چىرايىدىن خۇشاللىق، ھاياجان ھىسلىرى تەپچىپ تۇراتتى. ئۆزەممۇ بىلىمىدىم، شۇ پەيىتتىن باشلاپ مەندە ئاجايىپ بىر خىل ھاياجان ئۇرغۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لال قىلدى، شۇنداق، بۇ قانداق ھاياجان؟ ئاھ  پەرۋەردىگارىم، مىنى ئۇيغۇر قىلىپ ياراتقىنىڭغا شۈكرى، ئۇيغۇرچە تىلىم چىقىپ، ئۇيغۇرچە گەپ قىلالايدىغان قىلىغىنىڭغا شۈكرى!  ۋۇجۇدۇمدىكى ئۇيغۇر روھى ئاجايىپ تەنتەنىگە چۈشكەن ئىدى، ئۆزۈم تىنچ، گەپ قىلماي، ئۆزۈمنى بىسىۋىلىپ ئولتۇرغان بولساممۇ، بىراق قەلبىم ئاللىقاچان ساماغا چۈشۈپ بولغان ئىدى، بۇتۇرقىدا ئۇنى سامادىن توختىتىشقا ئامالسىز ئىدىم، ئەسلىدىنغۇ ئۇنى توختىتىش خىيالىم يوق ئىدى. ۋاقىت سائەت 9 ئەتراپىدا، رىياسەتچى سۆز باشلىدى، زالغا ئالاھەزەل 100 دەك مېھمان يىغىلغان بولۇپ، رىياسەتچى ئالدى بىلەن بۈگۈنكى پائالىيەتكە قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمانلارغا قارشى ئىلىش سۆزى قىلغاندىن كىيىن، ئاۋال تائامغا ئېغىز تىگىشنى، بىرئازدىن كىيىن پائالىيەتنىڭ رەسمى باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن، رىياسەتچى ئاۋال كۆپچىلىككە دۇنيا ئانا تىل كۈنىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخى ھەققىدە ئاز تولا مەلۇمات بەرگەندىن كىيىن، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇردى، ئاندىن ئامرىكا كانزاس ئۇنۋىرسىتىنىڭ تىلشۇناسلىق ماگىستىر ئاسپىرانتى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى، مۇستەقىل مائارىپچى،تونۇلغان تور يازغۇچىسى، قەشقەر نۇرخان تەربىيلەش ئورنىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇۋىلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندىنى ئالدى بىلەن سۆز قىلىشقا سەھنىگە تەكلىپ قىلدى. ئابدۇۋىلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندى ناھايىتى مەزمۇنلۇق، قىسقا، ئوبرازلىق ۋە ئىخچام ھالدا ئاناتىل يەسلىسى ھەققىدىكى تىما ۋە ئۇنىڭ ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى، ئانا تىلنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە ئاناتىلنى قوغداشنىڭ كونكىرىت ئۇسۇللىرى قاتارلىق بىر قانچە مەزمۇندا ئەتراپلىق سۆزلىدى. ئىشلىتىگەن سۆزلەر كەسپى ئاتالغۇلاردىن مۇستەسنا، ئاممىباب ۋە چۈشىنىشلىك بولغاچقا، مېھمانلار زور قىزىقىش ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن پۈتۈن دىققىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئاڭلىدى ۋە سۆھبەت مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈردى. سۆھبەت تۈگىگىچە ئارىلاپ- ئارىلاپ مېھمانلارنىڭ گۈلدۈراس چاۋاك ئاۋازلىرى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇردى. رىياسەتچى سەھنىگە چىقىپ، ئابدۇۋىلى ئايۇپ گۈلەن ئەپەندىگە يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتقاندىن كىيىن، قەشقەر شەھىرىدىكى پىشقەدەم مائارىپچى، ئۇستاز مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىم ئەپەندىنى سەھنىگە تەكلىپ قىلدى، ئۇستازنىڭ قولىدا ھاسا، يول مىڭىشى سەل تەستەك كۆرۈنسىمۇ بىراق كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى. ئۇستازنىڭ مىكروفون ئالدىغا كىلىپ كۆپچىلىك مېھمانلارغا ئۆزىنىڭ يۇقىرى، جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن بەرگەن سالىمىدىن كىيىن، پۈتۈن زال ئاجايىپ بىر لەزرىگە كىلىپ، ھەممەيلەن پۈتۈن زېھنىنى ئۇيغۇر مائارىپ سىپىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان بۇ پىشقەدەم مويسىپىتقا قاراتتى. سۆزلەر شۇنچىلىك مەردانە، شۇنچىلىك جاراڭلىق، شۇنچىلىك ۋەزنىلىك ئىدى. قولۇمدا قەلەم يوق ئىدى، ئەگەر بولغان بولسىمۇ شۇ سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتقان ۋاقىتتىكى شۇ سىزىم لەرزىدە قولۇم قەلەمگە بارماس ئىدى، چاۋاكلار ئارىلاپ- ئارىلاپ چىلىنىپ تۇردى. كىيىنكى قەدەمدە قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتىدىكى ياش شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى، ئانا تىل مۇھەببىتىنىڭ كۈچىدىنمۇ ئەيتاۋۇر چىمەنگۈل سەھنىگە چىقىپ سۆز باشلىشى بىلەن تەڭلا، ھاياجانلىق ياشلىرى كۆزلىرىدە ئەگىدى، ئاۋازلىرى جاراڭلىق بولسىمۇ، بىراق ئاز تولا تىترەش بار ئىدى. سۆز شۇ يەرگە يەنى ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئانا تىل مۇھاكىمە يىغىنىدا باشقا بىر قانچە مىللەتنىڭ شۇ كۈنكى قاتناشچىلىرىنىڭ  چىمەنگۈلنىڭ ئالدىغا كىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا ئەسەر يازالايدىغانلىقىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنىڭ بارلىقىغا شۇنچىلىك قايىللىقىنى ۋە ھۆرمىتىنى بايان قىلغان يەرگە كەلگەندە، ياش شائىرەنىڭ كۆزلىرىدىن چىققان ياش بىلەن تەڭ زال ئىچىدە ئاجايىپ بىر كەيپىيات كۆرۈلدى، نۇرغۇن مېھمانلار ئۆزلىرىنى تۇتىۋالالماي كۆز يىشى قىلىشىتى، كىيىن چىمەنگۈل ئاۋۇت نەق مەيداندا ئۆزىنى تەربىيلىگەن ئۇستازلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئىلىپ، ئۇلارغا بولغان چۇڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن كىيىن، قەشقەر 6- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى دولقۇن تۇرسۇن ئەپەندىم سۆز قىلدى، ئارقىدىن 6- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى نۇرسىمانگۈل خانىم ئۆزى يازغان ئانا تىل ھەققىدىكى شىئىرىنى نەق مەيداندا دىكلاماتسىيە قىلدى. زىياپەت تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىۋاتاتتى. رىياسەتچى باشتىن ئاخىرى قىزغىن ھالدا ۋاقىتنى كونتىرول قىلغان ئاساستا  سەھنىگەمېھمانلارنى تەكلىپ قىلىۋاتاتتى. ئارقىدىن يەنە قەشقەر شەھىرىدىكى دىنى زات ئىمام قارىم ئاكا سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، تولىمۇمەزمۇنلۇق، ئىخچام سۆزلەر بىلەن ئۆز چۈشەنچىسىنى بايان قىلدى. ئاخىرىدا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قەشقەر ئىسكەندەر سۈت، قايماق ماروژنىخانىسى، شىنجاڭ ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقتىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، مەرىپەتپەرۋەر،ساخاۋەتچى زاتلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان تۇرسۇنجان ئەپەندىم سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى. تۇرسۇنجان ئەپەندىم، تولىمۇ زور ھاياجان بىلەن، تولىمۇ ئەپچىل ئوبرازلىق تىل بىلەن، مول مەزمۇنلۇق شېئىر ۋە داستانلاردىن ئايرىپ دىكاماتسىيە قىلغان شېئىرلىرى سورۇن ئەھلىنى ئاجايىپ سۆيۈندۈردى. نۇتۇق ھەقىقەتەنمۇ ئاجايىپ ياخشى بولدى. ئۇندىن كىيىن،رىياسەتچى بۈگۈنكى زىياپەت ئەھلىگە كۆڭۈل سوۋغىسى ئۈچۈن، بىر پارچىدىن كىتاب ۋەتەييارلانغان ماتىرىيالدىن بىر نۇسخىدىن تارقاتتى. رىياسەتچى تېخىمۇ كۆپ مېھمانلارغا سۆزلەش پۇرسىتى بىرىشنى خالىسىمۇ بىراق ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن مېھمانلارنىڭ توغرا چۈشىنىشى ھەققىدە ئۆزرە قويغاندىن كىيىن،پائالىيەتنىڭ ئاياقلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. پۈتكۈل پائالىيەت ئاياقلىشىپ بولغىچە بىرمۇ مېھماننىڭ يان تېلىفونى سايراپ قالمىدى، بىرەر باشقاۋاراڭ چۇرۇڭمۇ بولمىدى. شۇنچىلىك ياخشى تەرتىپ ئىچىدە بۇ پائالىيەت تاماملاندى. پائالىيەت تۈگىگەندىن كىيىن، نەق مەيداندا مېھمانلار ئۆز ئارا ئىختىيارى خاتىرە سۈرەتكەچۈشتى، زىياپەت مەسئۇللىرىغا ياخشى تىلەكلىرىنى تىلەپ قايتىشتى. شۇنىڭ بىلەن نەچچەكۈندىن بىرى پىلانلىغان بۇ پائالىيەت مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياقلاشتى. بىرىنجى قىسىم:  http://player.youku.com/player.php/sid/XNTE3Mjg3MDA4/v.swf   ئىككىنجى قىسىم: http://player.youku.com/player.php/sid/XNTE3NDQ1NTEy/v.swf مەنبە: ئىزدىنىش تورى http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=52795 ———————- قەشقەردە دۇنيا ئانا تىل كۈنى (سۈرەت) 2-ئاينىڭ 21-كۈنى ب د ت بېكىتكەن دۇنيا ئانا تىل كۈنى، بۇ كۈنى قەشقەر شەھىرى ۋە خوشنا ناھيىە شەھەردىكى  ھەر ساھەدىكى زاتلار، زىيالىلار قەشقەر مەپتۇن تېز تاماقخانىسغا جەم  بولۇپ بۇ كۈننى خاتىرلىدى. پائالىيەتتە ئالدى بىلەن ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان گۈلەن ئەپەندى ئانا تىل ، بولۇپمۇ ئانا تىل مائارىپى توغرىسدىكى يېتۈك كۆز قاراشلىرىنى كۆپچىلىككە سۇندى، ئاندىن سابىق قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق ئىلمىي مۇدىرى مۇھەممەدتۇرسۇن ئىبراھىم،  سابىق  قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق مەكتەپنىڭ (ھازىرقى قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ)ئىلمىي مۇدىرى،ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى دولقۇن تۇرسۇن ئەپەندى، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئىسكەندەر مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىنىڭ باشلىقى ،مەرىپەتپەرۋەر زات تۇرسۇنجان ئەپەندى قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ  بۇ خاتىرە كۈندىكى يۈرەك سۆزلىرنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. پائالىيەت ئاخىرىدا قەشقەر قۇتادغۇبىلىك كىتابىخانىسىدىكى خىزمەتچىلەر پائالىيەتكە ئىشتراك قىلغان قىرىنداشلارغا  بىر قىسىم كىتاب ۋە باغراش مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنغان ،كۆرۈلۈش سانى 500مىڭدىن ئاشقان “ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا” دېگەن تېمىنىڭ  باسما نۇسخىسىنى سوۋغا قىلدى. تۆۋەندىكىسى پائالىيەت جەريانىدىن كۆرۈنۈشلەر:

  گۈلەن ئەپەندى سۆز قىلماقتا

 

گۈلەن ئەپەندى سۆز قىلماقتا

گۈلەن ئەپەندى سۆز قىلماقتا

مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىم ئەپەندى سۆز قىلماقتا

دولقۇن تۇرسۇن ئەپەندى سۆز قىلماقتا

چىمەنگۈل ئاۋۇت خانىم  سۆز قىلماقتا

 

تۇرسۇنجان ئەپەندى سۆز قىلماقتا

 

پائالىيەت ئەھۋالى

پائالىيەت ئەھۋالى

 

پائالىيەت ئەھۋالى

 

پائالىيەت تەييارلىقلىرى

 

قۇتادغۇبىلىك كىتابخانىسىدىكى خىزمەتچىلەر كىتاب سوۋغا قىلماقتا

پىشقەدەم زىيالىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

 

گۈلەن ئەپەندى زىيالىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

 

گۈلەن ئەپەندى زىيالىلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

مەنبە: ئىزدىنىش تورى http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=52773

ئىنكاسلار (2)

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش