سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (1)

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا (1)

«خىتاينىڭ چەت-ياقا ئۆلكىسى تولۇق مۇستەقىللىق ۋە ئىسلاھات تەلەپ قىلىدۇ»

پەگىي پاركىر

1947-يىلى 13-ئۆكتەبىر

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى

غۇلجا، شىنجاڭ ئۆلكىسى، خىتاي


1947-يىلى، ئاي-يۇلتۇزلۇق جۇمھۇرىيەت بايرىقى ئېسىلغان غۇلجا كوچىلىرى

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى كەڭ ۋە چەت بۇ چېگرانىڭ ئىلى رايونى يولباشچىلىرى تولۇق مۇستەقىللىق تەلەپ قىلماقتا ۋە ئەگەر خىتاي بۇنى تېزدىن كاپالەتكە ئىگە قىلمىسا، مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

 

بۇ رايون ئاساسەن تۈركىيلەردىن تەركىب تاپقان ئاسىيا قان سېستىمىسىدىكى ئارىلاشما ئىرققا تەۋە 750 مىڭ نوپۇسقا ئىگە. ئۇنىڭ پايتەختى بولغان غۇلجا شەھىرى «ئىلى» ياكى «يىنىڭ» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، سوۋېت روسىيەسى چېگرىسىدىن 60 مېل ئۇزاقلىققا جايلاشقان. بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق يولباشچىلىرىنىڭ بىر قىسىمى روسىيەدە تۇغۇلغان ياكى تەربىيەلەنگەن. بۇ جايدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سوۋېت ۋەتەنداشلىقى بار.

 

ئىلى خەلقى 1944-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىككى يىلدىن ئارتۇق قانلىق ۋە جاپالىق كۈرەش قىلدى. ئۇلار 1946-يىلى تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۇرغۇن يول قويۇشلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، مۇختارىيەتكە نائىل بولالمىدى. شۇندىن كېيىن ئۇلار كېلىشىمنى ئاساسەن نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۆز ئارمىيەسىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، بۇ رايونغا مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قالغان ۋە داۋاملىق تۈردە سودا قىلىپ كەلگەن ساناقلىقلا كىشىلەردىن باشقا بارلىق خىتايلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن ئىدى. غۇلجىدىن 350 مېل شەرققە جايلاشقان شىنجاڭ ئۆلىسىنىڭ پايتەختى دىخۇا شەھىرىدە خىتاي بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇزاكىرىلەر داۋام قىلماقتا. بۇ مۇزاكىرىلەر يېقىندىن بۇيان بىر ئىزىدا توختاپ قالغان بولۇپ، ئىلى تەرەپنىڭ موسكۋادا تەربىيەلەنگەن ئۇيغۇر سۆزچىسى ئەخمەتجان قاسىموۋ ئىلىغا قايتىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن بۇ روسلاشقان ۋە ھەربىيلەشگەن پايتەختكە تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئىدىم. ئۇ ماڭا خالىغان جايدا كېزىش ۋە خالىغان كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىش ئەركىنلىكى بەردى.

 

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئاتلىق قىسىملىرى مەشىق ئۈستىدە

دىخۇادا خىتاي ھەربىي كوماندېرى سۇڭ شىليەن شەرقىي خىتايدىن ئايروپىلان بىلەن توشۇپ كېلىنىۋاتقان ھەربىي لازىمەتلەر بىلەن ئۆز ئارمىيەسىنى يېڭىلاۋاتاتتى. چاتاق چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىخۇا كوچىلىرىدا ئۇنىڭ مىلتىقلىق ئەسكەرلىرى چارلاپ يۈرەتتى. غۇلجىدا بولسا قوزغىلاڭچىلار «ھوسۇل يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن، ناھايىتى مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ» دەپ ئوچۇق ئېيتىشاتتى. مەن سۆزلەشكەن نۇرغۇن كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن بولسىمۇ، خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكى بىردەك ئىدى. ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسى بولسا «خىتايدىن روس ياخشىراق» دېگەنلىك ئىدى. 1946-يىلىدىكى تېنچلىق بىتىمىدىن كېيىن ۋاقتنى سوزۇش تاكتىكىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئىلى تەرەپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ دىخۇادا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىنى يوققا چىقاردى ۋە ھازىر كۆپ ساندىكى خىللانغان ئاتلىق ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 مىڭ كىشىلىك ئارمىيەگە قوماندانلىق قىلالايدىغانلىقى ھەققىدە ماختىناتتى. ئۇلارنىڭ قوماندانى ئىسھاقجاننىڭ ئەسلى ئىسمى ئىسھاقبېك بولۇپ، روسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قاراقولدا تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ باش قوماندانلىقتىكى بىر قاتار ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن «ئاممىنىڭ سايلىشى» بىلەن ھازىرقى ئورنىغا تەيىنلەنگەن ئىكەن. ئۈرۈمچىدىكى سۇڭ شىليەننىڭ قولىدا بولسا، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن بېرمادىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان 10مىڭ كىشىلىك گارنىزون قىسىم بار ئىدى. مەن سۆھبەتلەشكەن ئىلى خەلقى ئۇلارنىڭ قوماندانى ئىسھاقنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ھېچ قىينالماستىنلا ھەل قىلغۇچ ھۇجۇم قوزغىيالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. لېكىن ئۇلار چاتاقنىڭ نەنجىڭدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچىگە 1300 مېللىق ئارىلىقتىن قۇرۇقلۇق ياكى ھاۋا يولىدىن بېرىدىغان ھەربىي ياردىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى.

 

ھاۋا ئارمىيەسىگە كەلسەك، مەن غۇلجىدىكى بىر تۈزلەڭلىكتە ئالتە دانە روسىيەدە ئىشلەنگەن قوش ماتورلۇق بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ يوشۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى كۆردۈم. ئىلى ئەسكەرلىرى ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى ياكى يەردە باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما ئايروپىلانلارنىڭ ياخشى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى 1939-يىلى بۇ ئايروپىلانلارنى روسىيەدىن سېتىۋالغان بولۇپ، كېيىن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئولجا ئالغان ئىكەن.

 

مەن سۆھبەتلەشكەن نۇرغۇن كىشىلەر ئىچىدە كەلگۈسىدە خىتاي بىلەن ئەپلىشىشتىن شەپە بەرگەن كىشىلەر پەقەتلا سىياسىي رەھبەرلەر بولۇپ، ئۇلار «يۈزدە توقسەن مۇختارىيەت بولسا، مۇخالىپلار تىنجىيدۇ» دەيتتى. دۇكاندارلار، ئائىلە ئاياللىرى ۋە موزدوزلارغا ئوخشىغان كىشىلەر بولسا خىتايلاردىن تولۇق ئايرىلىشتىن باشقا ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۆزلىرىنى رازى قىلالمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇراتتى. بۇنداق كىشىلەردىن بەزىلىرى 1946-1944 يىللىرىدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولۇپ، كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى ئۈچۈن مېداللار بېرىلگەن ئىدى.

 

ھەممە ئۆزلىرىنىڭ تېكساس ۋە كالىفورنىيەنىڭ يەر مەيدانىغا تەڭ بولغان دۆلىتىگە قويۇلىدىغان ئىسىمدا بىردەك ئىدى. «بىز ئۇنى تۈركىستان دەپ ئاتايمىز» دەيتتى ئۇلار. بۇ ئىسىم خىتايلار بۇ جاينى شىنجاڭ ئۆلىسى دەپ ئاتاشتىن نەچچە يۈز يىل بۇرۇنلا قوللىنىلىپ كېلىنگەن ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيەسى رەھبەرلىرى ۋە ئەسكەرلىرى

 

مەن بىر قانچە ھەربىي ھەمشىرە ۋە يېنىك قوراللانغان پىيادە قىسىم ئايال ئەسكەرلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتىم. ئۇلاردىن بەزىلىرى يىپەك پايپاق كىيگەن، لەۋسۇرۇق ئىشلەتكەن ۋە تىرناقلىرىغا لاك سۈرگەن ئىدى. گەرچە قوزغىلاڭ بىر يىل بۇرۇن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئۇلار ھېلىھەم ئالتۇن رەڭ زىغزىق تۇتۇلغان قىزىل پاگون تاقىغان، زەيتۇن رەڭلىك فورما، قېنىق كۆك رەڭلىك ھەربىي يوپكا ۋە سىپانكا دوپپا كىيگەن ئىدى.

«بىز ئىسلاھات ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق» دېدى 22 ياشلىق چىرايلىق قىز لېتىنانت راۋزا كيېپوۋا، «خىتايلار بىزگە تولىمۇ زالىم ئىدى». «بىز مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىدۇق» دېدى لېتىنانت شەفىيە ھافىزوۋا. گېنىرال ئىسھاقنىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن زىيارىتىمنى قۇبۇل قىلغان بۇ قىزلار ئون مىنۇتتىن كېيىن ھەربىي لاۋازىملار تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېتىلدى. ئۇلار قىسىملىرىغا قايتىشتىن بۇرۇن قاتار تىزىلىپ ماڭا بىردەك چاس بېرىشتى.

 

كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، غۇلجىدا ياشاۋاتقان 4000 خىتاي پۇقراسىنىڭ كۈنى ھەر قايسى جەھەتتىن تەس ئىدى. ئۇلار شۇنچىلىك ئەرزان باھالىق مۇھىتتا تۇرمۇش كەچۈرەتتىكى، ھەتتا شاڭخەيكى بىر مەدىكارمۇ بۇ جايدا پۈتۈن ئائىلىسىنى بېقىپ كېتەتتى. ئۇلار مەكتەپلەرگە بارالايتتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ گېزىتىمۇ بار ئىدى. ئۇلار تېرىلغۇ يەرلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلالايتتى. ئۇلار ئېرىشەلەيدىغان ئېتىبارلار مۇشۇلاردىن ئىبارەت ئىدى. مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇجايدىكى باشقا مىللەتلەر خىتايلارنى ياتلار دەپ قارايتتى. خىتايلار شەھەرنىڭ ئەڭ نامرات جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قارىماققا چۈشكۈن، چەتكە قېقىلغان ۋە شۈبھىلىك ئىدى. « خىتايلار بۇ جايدا خوجايىن چاغلاردا بىزنى ئۆزلىرىدىن پەس ئورۇندا تۇرىدىغان چۈپرەندىلەر دەپ ھېسابلايتتى» دېدى روس مىللىتىدىن بولغان بىر قىز، « مانا ھازىر ئۇلار ئۆزلىرىگە لايىق ئورۇنغا قويۇلدى». ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن ئوۋىر ئەپەندى (ئەنۋەر مۇساباي بولسا كېرەك)  «خىتايلار بۇ جايدا باشقىلارغا ئوخشاش ھوقۇقلارغا ئىگە» دېدى. ئەمما بۇنى ئىسپاتلىغۇدەك پاكىت يوق ئىدى. (تۈگىدى)


ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ئۈشبۇ ماقالە ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى پەگىي پاركىرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلغان چاغدىكى خاتېرىسىنىڭ بىر قىسىمىدىن ئىبارەت. پەگىي پاركىر 1947-يىلى ئىيۇل ئايلىرى ئۈرۈمچىدىكى چېغىدا، ئىلى تەرەپ ۋەكىللىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندى بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكەن ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى زىيارەت قىلىش ئىستىكىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە ئۇ ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۈچ پارچە تونۇشتۇرۇش خېتى بىلەن شۇ يىلى ئۆكتەبىردە غۇلجىغا يۈرۈپ كەتكەن. ئۇ غۇلجىدىن يېزىپ ئەۋەتكەن زىيارەت خاتېرىلىرى بىرلەشمە ئاگېنتلىق تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى چوڭ-كىچىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنى ئامېرىكا جامائىتى ۋە سىياسىيونلىرىغا يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. 

مەزكۈر ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش