سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » نورۇز قىزى ھەققىدە جەڭنامە

نورۇز قىزى ھەققىدە جەڭنامە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ھازىر ئەردەممۇ خالايىقنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، نورۇز بەزمىسى بار تەرەپكە قاراپ ماڭغان ئىدى. ئۇ توساتتىن يول ياقىسىدا كىشىلەر توپ بولۇپ يىغىلىۋالغان يەرگە كېلىپ ئىختىيارسىز توختاپ قالدى. ئۇنىڭ قۇلىغىغا داپ بىلەن راۋاپنىڭ ئاۋازىغا قوشۇلغان يىقىملىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ ئادەملەر توپى ئارىسىغا قىسىلىپ كىرىپ، بۇ بەزمىدىن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىش ئۈچۈن راسلاندى. ئۈستىگە ياماق بىلەن توشۇپ كەتكەن جەددە كىيگەن، بېشىغا ئۇچلۇق كۇلا كىيگەن بىر دەرۋىش ناخىلنى راۋابنىڭ تارىسىغا تېز ئۇرۇپ، سەھەر قۇشلىرىنىڭ شوخ ناۋاسىدەك سايرىتىۋەتكەن ئىدى. يېنىدىكى داپچىمۇ تىرناقلىرىنىڭ ئىچىگە كىر توشۇپ كەتكەن بارماقلىرىنى ئەپچىلىك بىلەن داپنىڭ قارداپ كەتكەن يۈزىگە ئۇرۇپ، رېتىملىق ئاۋازى بىلەن تەڭكەش قىلاتتى. ئۇنىڭ بېشىغا باسۇرۇپ كىيۋالغان مايلىشىپ كەتكەن كۇلاسىنىڭ ئىككى چېتىگە پاقپىيىپ چىقىپ قالغان قارا چاچلىرى داپنىڭ يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن سادادا يەڭگىل يەلپۇنۇپ تۇراتتى. راۋاپچىنىڭ قېلىن لەۋلىرىدىن خوتەننىڭ قەدىمى داستانلىرىدىن ھېساپلىنىدىغان «سەنەۋەر» ناملىق داستاندىن نەزمىلەر ئۇزۇلمەي تۆكىلەتتى. ئاۋازى بىلەن تەڭ شالاڭ ساقىلى ۋە بۇرۇتى توختىمماي تىترەيتتى. ئۇنىڭ قارا كۆزلىرى ئۆزۈ ئېيتتىۋاتقان شوخ نەزمىلەرنىڭ خوشنۇتلىقىدا، ھاياجانغا تولغان ئىدى. ئۇ ئېيتقانسېرى پۈتۈن بەدىنى جۇشقۇنلىشىپ، ئاۋازىمۇ بارغانسېرى سۈزۈلۈپ ئەتراپىدىكى تاماشىبىنلارغا ئالامەت زوھ ئاتا قىلغان ئىدى. ئۇ ئەمدى ئاۋازىنى بولىشىغا قويۋېتىپ ئېيتتىشقا باشلىدى:

*

شەمسۇقەمەر يۈزلۈكۈم زۇلفى ئەنبەرىم،
كۆزلەرى مەستانىم قايدىن بولۇرسەن؟
لاچىندەك ئۇچۇشلۇق پەرىم،
تازا تەۋجەۋانىم قايدىن بولۇرسەن؟

*

مېنى سورىساڭ پەرىزادنىڭ شاھىمەن،
ئەسلى شەھرى شەبىستاندىن بولۇرمەن.
فەھىم ئەيلەسەڭ ھۆسن ئەھلىن ماھىمەن،
خەزانى يوق گۈلىستاندىن بولۇرمەن.

*

باشىڭغا كېيىپسەن مۇرەسسە تاجى،
گۆرگەن ئادەم بولۇر يۈزۈڭ مۇھتاجى.
چەشمەڭ چىراغى، باشىمنىڭ تاجى،
غەمزەسى پەيكانىم قايدىن بولۇرسەن؟

*

ئاشىقلارنىڭ مەسكانى مەلامەت تاشى،
سەلدەيىن ئاققۇزمە كۆزۈڭدىن ياشى،
مەسكەنىم خەلقدۇر، چەشمەلەر باشى،
مېنى سورىساڭ پەرى ماكانىدىن بولۇرمەن.

*

خىنايى قوللارىڭ بوياپسەن قانە،
زەرەفشان زۇلفىڭگە ئۆرۈپسەن شانە.
يۈسۈفدەيىن سالدىڭ مېنى زىندانە،
زىلەيخا نىشانىم قايدىن بولۇرسەن؟

*

كۆزلەرىڭ نەرگەسدۇر، قامىتىڭ تۇبى،
نازلى دىلبەر سەن جاھان مەھبۇبى.
نەچچە يىللىق يولدۇر مەنزىلىڭ خۇبى،
سۆزلە تەۋجەۋانىم قايدىن بولۇرسەن؟

*

ئەسلىمىز پەرىدۇر، يوقتۇر نىشانىم،
ئەگەر ئاشكار ئەتسەم سىررى نىھانىم،
ئۈچ يۈز يىللىق يولدۇر مېنىڭ مەكانىم،
بىلسەڭ شەھرى شەبىستاندىن بولۇرمەن.

*

نورۇز بەزمىسى سېھىرگەرلەرنىڭ ئويۇنلىرى، ۋائىز-مەدداھلارنىڭ جەڭنامە ھېكايىلىرى، بالىلارنىڭ توۋلىغان نورۇز قوشاقلىرى بىلەن قىزىپ كەتكەن ئىدى.

*

پەسلى جاھان ئوت كەتتى،
جۇتلۇق ئۆتۇپ قۇت كەلدى.
نورۇز كەلدى نۇر بولدى،
ھەممە جانلىق ھۆر بولدى.

*

ئەردەم ئۇياق بۇياقنى تاماشا قىلىپ ئاخىر شەھەر ئاخالىسى لىق تولغان كەڭ كەتكەن سەيناغا كېلىپ قالدى. مەيداننىڭ كېرىش ئېغىزىدا ئۇرۇق، ئېگىز بويلۇق بىر مەدداھ ئۇياق-بۇياققا ئاستا قەدەم ئېلىپ، نورۇز توغرىسىدا بىر جەڭنامىنى سۆزلەۋاتاتتى:

«ئېھ، خالايىق! ئاڭلىمىدىم دېمە، مېنىڭ سۆزلەيدىغىنىم تۈن بىلەن كۈن تەڭ بولغان، ئاينىڭ يۈزى تولۇشقا باشلىغاندا، قۇياشنىڭ نۇر ئالتۇندەك چاقنىغان، يەر جاھاننىڭ سىرلارى ئىچىلغان، جېمىكى جانلىقلار قايتتىدىن تىرىلگەن مانا بۈگۈنكى نورۇز كۈنىدە، يۇز بەرگەن ئىككى ئىلاھنىڭ جەڭنامىسىدۇر. دۇنيادا بۇنىڭدەك قىززىق قىسسە بولمىسا كېرەك» دەپ، بولىشىغا ۋاقىراپ، قولىدا مۇسانىڭ ھاسىسىدەك تۇتىۋالغان تايىقىنى پۇلاڭلىتىپ ئالدى-كەينىگە مېڭىپ سۆزۈنى داۋام قىلاتتى.

مەدداھ:

«بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، ئىككى ئىلاھ بار ئىكەن، بىرى ياز ئىلاھى يەنە بىرى قىش ئىلاھى ئىكەن. ياز ئىلاھى باھارغا، يازغا، يامغۇرغا چوقىنىدىكەن. قىش ئىلاھى بولسا قىشقا، زىمىستان سوغۇققا، قارغا چوقۇنىدىكەن. قىش ئىلاھىنىڭ يەتمىش پۇشتى ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ، جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە يېيىلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. بارغانلا يېرىگە زىمىستان قىشنى كۆتۈرۈپ ئەكىلىپ، جېمىكى يەرنى قار-مۇز بىلەن قاپلاۋېتىدىكەن. قىش ئىلاھىنىڭ خۇي-پەيلى ناھايىتمۇ يامان بولۇپ پۈتۈن جاھاننى ئۆزىنىڭ قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن. ياز ئىلاھى بولسا ناياتىمۇ مۇلايىم، مېھمان دوست، مەرت ئىكەن. ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدىن ئايرىلماي، باشقىلارنىڭ يەرلىرىگە كۆز تىكمەي تېچ، ئىللىق بىر مۇھىتتا ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ياز ئىلاھى ھەر يىلى مانا مۇشۇنداق باھار كۈنلىرىدە نەغما-ناۋا بىلەن، كۈلكە چاقچاق بىلەن تېرىقچىلىق پەسىلىنى كۈتىۋالىدىكەن. ياز ئىلاھىنىڭ پەقەت بىرلا قىزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى نورۇزقىز ئىكەن. نورۇزقىزنىڭ چىرايى باھاردەك ئىللىق، ئايدەك پاقىراق، قاشتېشىدەك سۈزۈك ئىكەن. پۈتۈن بەدىنى ئىپاردەك پۇرايدىكەن. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى بۇ مېزىلىك پۇراق كۆڭلىدىن كەلگەن پۇراق ئىكەن. ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بۇ پۇراق بولسا ئىلاھى ئادالەتنىڭ تەجەللىسى ئىكەن. شۇڭا نورۇزقىزى نەرگە ئاياق باسسا شۇ يەردىن مېۋە كۆچەتلىرى چېچەكلەپ، گۈللەر غۈنچىلاپ، ئەتراپ باغۇ-بوستانلىققا ئايلىنىدىكەن. بۇ گۈلىستانلىقلارنىڭ ئىپار پۇراقلىرى ئەتراپقا يېيىلىپ، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى ھەرۋاقىت نەۋ باھار ئىچىدە ھاياتلىرىنى بەختىيار ئۆتكىزىدىكەن. كۈنلەر، ئايلار، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نورۇزقىزنىڭ بۇ كارامىتىدىن، ھۆسنى-جامالىنىڭ گۈزەللىكىدىن قىش ئىلاھى خەۋەردار بوپتۇ.

ئىچى يامان قارا نىيەت قىش ئىلاھى نورۇز قىزىنى بۇلاپ ئەپقىچىپ، بۇ زېمىندىن باھارنى قوغلاپ، قىشنى ئەكىلىپ، ئۆزىگە بوي سۇندۇرماقچى بوپتۇ. قىش ئىلاھى ئۇزۇن بىر ۋاقىت ئۇرۇش تەيارلىقى قىلغاندىن كېيىن شۇنچىلىك كۆپ لەشكەر تارتىپ، ياز ئىلاھىنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كەپتۇ. لەشكەر ۋە ئۇلارنىڭ قولىدىكى تۇغ-ئەلەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن كۆك بىلەن يەرنىڭ يۈزى كۆرۈنمەيلا قاپتۇ. ئۇلارنىڭ كۆتەرگەن سۈرەن-شاۋقۇنلېرىدىن قورقان جېمى جانلىقلار ئۆزلىرىنى دالدىغا ئاپتۇ. ئۇلار نەرگىلا ئاياق باسسا شۇ يەردىكى گۈل-گىيالار توڭلاپ، پۈتۈن تەبىئەتىكى مەۋجۇداتلار ئۇلارنىڭ ئاياقلىرى ئاستىدا خانى-ۋەيران بوپتۇ. لېكىن باھار ئىلاھى بوش كەلمەي، ئۇلارغا قارشى جەڭ ئىلان قىپتۇ. ئەمما، سان جەھەتتىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان قىش ئىلاھىغا تەڭ كىلەلمەپتۇ. بۇنداق ئەخۋالدىمۇ ياز ئىلاھى ھېچ تەسلىم بولماپتۇ. ئۇ قىزى نوۋرۇزقىزنى قىرىق چەۋەنداز يىگىتنىڭ قوغداپ ئېلىپ قىچىشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزۈ نۆۋكەرلىرى بىلەن دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىپتۇ. جەڭ شۇنچىلىك بوپتىكى ئۆلۈكلەردىن ئاققان قانلار قىپقىزىل مۇز تاغلارنى ھاسىل قىپتۇ. ياز ئىلاھى ئاخىرى بارلىق نۆۋكەرلىرى بىلەن شېھىت بوپتۇ. ئوردىغا باستۇرۇپ كىرگەن قىش ئىلاھى نورۇزقىزنى ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ ۋە قىزنىڭ قىرىق باھادىر چەۋەنداز بىلەن قاچقانلىغىدىن خەۋەر تېپىپ، ئارقىدىن قوغلاپتۇ. نورۇزقىزى ئۆزىنىڭ 40 باھادىرى بىلەن قېچىپ كەڭ كەتكەن بىر دالاغا يېتىپ كەپتۇ. ئەمما شۇنچە قىچىپمۇ قىش ئىلاھىدىن قۇتۇلالماپتۇ. نورۇزقىز ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقان كۈرمىڭلىغان دۈشمەن لەشكەرلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئىمكانىنىڭ يوقلىغىنى پەملەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نورۇزقىز ئۆزىنىڭ 40 باھادىرى بىلەن راۋرۇس راسلىنىپ، ئوقلىرىنى ساداقلىرىغا بەتلەپ، قىلىچلىرىنى يالاغاچلاپ تەق بولۇپ تۇرۇپتۇ. دۈشمەن لەشكەرلىرىمۇ يېتىپ كەپتۇ.

ئەييۇھەنناس، ئىشىتىڭلار ئامۇخاس!

جەڭ دەھشەتلىك باشلىنىپتۇ، نورۇزقىزى بىلەن 40 باھادىر سەپتارتىپ كېلىپ دۈشمەن بىلەن شۇنچىلىك ھەيۋەتلىك جەڭ قىپتىكى، ھەر چاپقان قىلىچى بىر كاللىنى بىر تەندىن جۇدا قىپتۇ. جەڭ باشلىنىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قىش ئىلاھى لەشكەرلىرىنىڭ ئۆلۈكلىرى تاغدەك دۆۋلىنىپ كېتىپتۇ. ئەمما، دۈشمەن لەشكەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئايىغى ئۇزۇلمەي كېلىۋېرىپتۇ. جەڭ شۇنچىلىك دەخشەتلىك داۋام قىپتۇ. نورۇزقىزنىڭ 40 باھادىر چەۋەندازىدىن يىگىرمە توققۇزى قۇربان بولۇپ، ئون بىرى قاپتۇ. دەل مۇشۇ چاغدا ھاۋا بىردىنلا ئۆزگۈرۈپ پۈتۈن جاھاننى قار-شېۋىرغان قاپلاپتۇ. ھەممە جاھان مۇزلاپ توڭلاپتۇ. ھاۋادىكى ئۆزگۈرۈشتىن ئۇستۇلۇق بىلەن پايدىلانغان نورۇزقىزى ئون بىر جەۋەندازى بىلەن دۈشمەننىڭ سېپىنى يېرىپ چىقىپ قېچىپتۇ ۋە بىر تاغنىڭ باغرىغا كەپتۇ. ئۇلار تاغنىڭ يېنىدىن بىر تار قاراڭغۇ ئۆنكۈرنىڭ بارلىقىنى بايقاپتۇ. ئاتلىرىنىڭ كاسىسىغا قاتتىق بىر شاپىلاق ئۇرۇپ، ئۇلارنى قاچۇرۋېتىپتۇ. ئۆزلىرى مەشئەل يىقىپ قاراڭغۇ ئۆنكۈرگە كىرىپ كېتىپتۇ. ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن قىش ئىلاھىنىڭ لەشكەرلىرى قاچقان ئاتلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كېتىپتۇ. نورۇزقىزى ئون بىر چەۋەندازى بىلەن ئۆنكۈرنىڭ ئىچىدىن مېڭىپ، بىر ئوچۇقچىلىق جايغا چىقىپ قاپتۇ. قارىسا ئالدىدا كەتكەن بىر ئەزىم دەريا ئۆركەش ياساپ ئېقىۋاتقان ئىكەن. ئەتراپتا دەريادىن باشقا ھېچ بىر نەرسە يوق ئىكەن.

بۇ چاغدا بۇلارنىڭ يا يىگىدەك نەرسىسى يا ئۆرە تۇرغۇدەك ھالى قالمىغان ئىكەن. ئەمما ئۇلار چوقۇم ئالدىدىكى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريادىن ئۇزۇپ ئۆتمىسە بولمايدىكەن. چۈنكى ئالدىدا بۇنىڭدىن باشقا بىر يول يوق ئىكەن. نە چارە، باشقا بىر چىقىش يولى بولمىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇزۇشكە ماجالى قالمىغان نورۇز قىزى ۋە ئۇنىڭ ئون بىر باھادىرى تەڭرىگە تەۋەككۇل قىلىپ، ئۇلۇغ ئېقىۋاتقان دەرياغا ئۆزلىرىنى تەڭلا تاشلاپتۇ. دەريا ناھايىتى ئۇلۇغ ھەم شىددەتلىك تېز ئاققاشقا ئۇلار سۇ ئىچىدە ئۆزلىرىنى باشقۇرالماي قاپتۇ. ئۇلارنىڭ مۇبارەك بەدەنلىرى بىر چۆكۈپ بىر لەيلەپ تاش قىيالارغا سوقۇلۇپ ئەزىز تەنلىرىدىن جانلىرى چىقىپ، روھلارى كۆتۈرلۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ دەريانىڭ سۇيى بىردىنلا ئۇلغۇيۇپ، تاشقىن پەيدا بوپتۇ – دە، پۈتۈن ئەلنى سەل بېسىپتۇ. سەل سۇيى بارلىق مۇزلارنى ئېرىتىپ تېخىمۇ ئۇلۇغ ئېقىن ھاسىل قىپتۇ ۋە بۇ ئەلگە بېسىپ كەلگەن قىش ئىلاھى ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ئېقىتىپ غەرق قىلىۋېتىپتۇ. سەلدىن كېيىن پۈتۈن ئەلگە چىچىلىپ كەتكەن دۈشمەن جەسەتلىرى يەردىن ئۇنۇپ چىقىدىغان جىغانغا ئوغۇت بوپتۇ. نورۇزقىزى ۋە ئۇنىڭ ئون بىر باھادىرىنىڭ جانسىز تەنلىرى بولسا سۇدا ئېقىپتۇ، ئېقىپتۇ ئەڭ ئاخىرى تارىم دەرياسىغا قوشۇلۇپ تەكلىماكان قۇملۇقىغا سىڭىپ كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ روھلارى بولسا تارىم ۋادىسىدىكى گۈل-گىيالارنىڭ ئىپاردەك پۇراقلىرى بىلەن توغراق-يۇلغۇنلارنىڭ تازە پۇراقلىرىغا ئارلىشىپ كېتىپتۇ. ئەنە شۇ نورۇزقىز بىلەن ئون بىر باھادىرنىڭ قەھرىمالىق روھى ھەر يىلى باھاردا قايتىدىن تىرىلىدىكەن. پۈتۈن تەبىئەت بىلەن بىرگە قايتىدىن باش كۆتۈرىدىكەن. نورۇزقىزىنىڭ ئىپاردەك پۇراقلىرى باھارنىڭ سەلكىن شامىلىدا تارىم ۋادىسىنىڭ تۆت ئەتراپىغا يېلىدىكەن. ئەسلىدە بۇ پۇراق كۆڭۈلنىڭ پۇراقى ئىكەن. پۇراقلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى كۆڭۈل پۇراقىدۇر. چۈنكى ئۇ پۇراق رەببىمنىڭ پۇراقىدۇر. سۇنغان كۆڭۈللەرگە، مۇڭلۇق روھلارغا مەدەت بولىدغان ۋەتەن سۆيگۈسىگە تولغان ئىماننىڭ پۇراقىدۇر. شۇڭا بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇر خەلقى تا بۈگۈنگىچە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۆز قەھرىمانلىرىنى ياد ئېتىپ، ئۇلارنىڭ روھلارىغا ئاتاپ نورۇز ئاشلىرى، نورۇز سۇيىلىرىنى تەيارلاپ ئەل-يۇرتقا تارقاتسا، يەنە بىر جەھەتتىن تاجاۋۇزچىلارغا بويۇن ئەگمىگەن جاسارەتنى مەدھىلەپ، خاتىرلەپ نەغمە-ناۋا بىلەن شاد-خوراملىققا چۆمۈلىپ نورۇزنى تەبرىكلەيدىكەن. ئەمما، نورۇزقىزىنى ئويلىغان ئەل-يۇرت يەنىلا باھار ھەسرىتى چېكىدىكەن. بۇ ھەسرەت تاكى تاجاۋۇزچىلارنى بۇ زېمىندىن تەل-تۆكۇس قوغلاپ چىقارغىچە داۋام قىلىدىكەن.»

مەدداھ ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن ھەم ئورۇق قوللىرىنى تايىقى بىلەن تەڭ ھاۋادا ئوينىتىپ، ياداڭغۇ يۈزىنى كۆككە قارىتىپ «يا دوست! يا ئاللاھ!» دەپ تازا ئۇنلۇك بىر ۋاقىراپ سۆزىنى كەستى.

مەدداھ سۆزلىگەن بۇ جەڭنامە ئەتراپتىكى قىز-چوكانلارنى يىغلىتىۋېتىپ قالماي، ئەردەمنىمۇ يىغلىتىۋەتكەن ئىدى. ئۇ، ئەتراپتىكىلەردىن ھىجىل بولۇپ، چاناقلىرىدىن ساقىغان تەسىرلىك ياشلارنى، قولىنىڭ دۇمبىسى بىلەن چاندۇرتماي سۈرتىۋەتكەن ئىدى.

بۈگۈنكى نورۇز بارىمى باشقا يىللاردىكىدىن باشقىچە قىززىپ كەتكەن ئىدى. مەيداننىڭ جەنۇپ تەرىپىگە قازغان ئورەكلەرگە يوغان يوغان داش قازانلار ئېسىلغان بولۇپ، ئىچىدە قوينىڭ قوۋۇرغا گۆشى، بۇغداي، نوقۇت، گۇرۇچ، تېرىق، ئارپا، قىزىل پۇرچاق، قىزىل مۇچ، سەۋزە قاتارلىق گۆش ۋە توققۇز خىل دانلىق زىرائەتلەردىن ئېتىلگەن نورۇز ئېشى تەيارلانغان بولۇپ، نورۇز ئەخلىگە تارقىتىشقا تەييار بولۇپ قالغان ئىدى. مەيداننىڭ شىمال تەرىپىدىكى كەڭ كەتكەن سەينادا ئۇيغۇر مەدەنىيەتىگە ئائىت بولغان بارلىق ئويۇنلار ئوينىلىۋاتاتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنى ئۆزىگە بەكرەك جەلپ قىلىدىغان ئويۇنلار بولسا، يەنىلا «سوقۇشتۇرۇش» ئويۇنلىرى ئىدى. يەنى قوشقا سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، چېلىشىش قاتارلىقلار. كىچىك بالىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلغىنى لەپپەڭ ئويۇنى بولۇپ، چاچلىرى ئۇششاق ئۆرۈلگەن قىزلار، باشلىرىغا چىمەن دوپپىلىرىنى چۆكۈرۈپ كىيگەن بالىلار، قىن-قىنىغا پاتپاي قاھ ئېتىپ كۈلىشىپ، لەپپەڭ ئۇچۇپ ئوينىشىۋاتاتتى.

ئەردەمنى بولسا «تېپە، پوكانغا تەپ!» دېگەن ئاۋازلار جەلپ قىلغان بولۇپ، ئۇ ئاۋاز چىققان يەردە، توخۇ سوقۇشتۇرۋاتاتتى. سوقۇشىۋاتقان ئىككى غورۇزلارنىڭ بىرى پاكاراق كەلگەن سىمىز دوغلاق، پۇتلىرى شۇنچىلىك توم، ئۇچلانغان دۇكرەكلىرى جۇۋالدۇرۇزدەك ئۆتكۈر ئىدى، پەيلىرىنىڭ رەڭگى قارامتۇل كەلگەن بولۇپ، قۇيرۇقى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس ئىدى. كۆرۈنىشى شۇنچىلىك سۇرلۇك ، كۆزلىرى چوغدەك قىزىرىپ كەتكەنتى. يەنە بىرى ئېگىز غوللۇق كەلگەن غورۇز بولۇپ، پەيلىرى قىزغۇچ ئالا چىپا ئىدى، بۇ رەڭلىك پەيلەر قۇياشنىڭ نۇرىدا ۋال-ۋال يالتىرايتتى. قۇيرۇقلىرىنىڭ ئۇزۇن پەيلىرى ياي ئەگمىسىدەك ئىگىلىپ يۇقۇرغا قاراپ تۇراتتى. پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم مەزمۇت ئىدى. بۇ غورۇزنىڭمۇ دۇكرەكلىرى ئۇزۇن، ئۇچلۇق، تىرناقلىرى مەزمۇت ئىدى. بۇ ئىككى غورۇز شۇنداق دەھشەت ئۇرىشىۋاتاتتىكى، ئاي ھاي. نى- نى توخۇۋازلارمۇ بۇنداق سوقۇشقان غورۇزلارنى ئۆمرۈدە كۆرۈپ باقمىغانلىغى، ئەتراپىتىكى كىشىلەر بىلەن توخۇۋاز ۋە كەپتەرۋازلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھايجاندىن، بەدەنلىرىدىكى ھەركەتلەردىن كۆرۋالغىلى بولاتتى. كۆپچىلىنىڭ ئارىسىدا تۇرغان، ئۆزۈ پاكار كەلگەن، يۈزلىرى پاقىراپ تۇرىدىغان، بۇرۇتلىرى ئەمدىلەدىن خەت تارتقان بىر يىگىت:

– ھەي! خالايىق كۇلىنىڭ غورۇزىنىمۇ كۆردۇق جۇما، چاغلىقكەن. تۇردى بەگ خېنەندىن ئەكەلگەن تۇخۇملىرىنى، كۈرۈك مىكىيىنىغا باسۇرغۇزۇپ چىقارتقۇزغان ئۈچ چۈجەنىڭ بىرسى شۇ. مەمەتتوخۇ ئۇ چۈجە ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققاندا، بىر ساغلىق قويغا تىگېشىپ، ئۆزۈ يىمىگەننى يىگۈزىپ، ئىچمىگەن ئىچكۇزىپ، بىقىپ غوراز قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندە دوغا تىككەن ئىدى. ئەمدى ما ئىشنى كۆرمەمدىغان، ئاۋۇ، ئۇزۇن پاچاق تۇرپاننىڭ چا غورۇزىغا تەڭ كىلەلمەيۋاتقىنىنى.

ئۆزۈ ۋىجىك، كۆزلىرىنى چاقناپ تۇرىدىغان، بادام دوپپىسىنى باسسۇرۇپ كىيۋالغان بىر تازچاق كىشى سۆزگە ئارلىشىپ،

– شۇنى دېمەمسىلە، ھىلىتىنلا ئىككى قانىتى مەڭگەندەك چۇۋۇلۇپ، تىلى ساڭگىلاپ يەرگە تىگەي دەپ قالدى، ئۇ يېتىمنىڭ. تېخى ئۇششۇقلىق قىلىپ،ئۆيدىن قىڭراق كۆتۈرۈپ چىقمىسا بولاتتىغۇ بۇ گاداي، – دەپ، چاچچاق قىلدى.

ئەتراپتىكى تاماشىبىنلار تېخىمۇ جىددىلىشىپ:
– بولدى قىلىلىي خالايىق، تېخى ئويۇن ئەمدى باشلاندىغۇ، كىمنىڭ يامانلىغىنى ئاخىردا كۆرىمىز.

ئىككى غورۇز يىراقتىن قاناتلىرىنى سۆرەپ ئېتىلىپ كېلىپ، بىر بىرىگە پۇت ئاتقاندا، پوكانلىرىغا تەگكەن پەشۋادىن ئارقىغا ئۇچۇپ، يەرگە پالاقلاپ چۈشەتتى. پوكانلىرىدىن توزۇپ چىققان پەيلەر ھاۋا ئۇچۇپ لەيلەيتى. بۇ مەنزىرنى كۆرگەن توخۇۋازلار:
– پاھ-پاھ! ماۋۇ تىپىشنى كۆرمەمدىغان. قىنى دوغا تىكىدىغانلار بارمۇ. مەن تۇرپاننىڭكى، دېسە. ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرغانلاردىن بىرلىرى قوپۇپ:
-مەن خېنەننىڭكى. ئەمما، بىرگە ئىككىنى بىرىسەن، – دەيتتى.

ئىككى غورۇز بىربىرىدىن يانماي ئەنە شۇنداق بىرھازا سوقۇشقاندىن كېيىن. ئۇلارنىڭ تۇمشۇقلىرى سۇنۇپ، باشلىرىدىكى تۇكلىرى يۇلۇنۇپ تاز بولۇپ قالدى ۋە ئىككى كۆزى يۇمۇلۇپ، باش-كۆزى قىپ-قىزىل قانغا بويۇلۇپ كەتتى. ئەمما ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىدىن يانمايتتى. ئاخىرىدا يېراقتىن ئاستا قانات سۆرەپ، يانداپ كەلگەن تۇرپاننىڭ غورۇزى، جۇغى ئۆزىدىن كىچىكرەك كەلگەن خېنەننىڭ غورۇزىنىڭ بېشىغا كەلتۇرۇپ ئىككى پۇتلاپ بىر تەپكەنتى، ئۇ غورۇزنىڭ مېڭىسىغا دۇكرەكلىرى پىتىپ كەتتىمۇ ياكى قاتتىق پەشۋانىڭ زەربىسىدىنمۇ ئەيتەۋۇر، بېشىنىڭ چوققىسى تېشىلىپ، تاجىلىرى ئۇزۇلۇپ، ئىككى كۆزى قۇيۇلۇپ كەتكەندەك، بېشىنى يەردىن كۆتىرەلمەيلا قالدى ۋە «غىق، غىق!» قىلىپ غەلىتە ئاۋازكلارنى چىقارغاندىن كېيىن، ئىككى پۇكلىنىپ موككىدە يېتىپ قالدى.

بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئۆپۈر-تۆپۈر بولۇشۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇتقانلار ئۇتتارغانلاردىن پۇللىرىنى ئىلىشقا ئالدىراۋاتاتتى. ئۇتتارغانلاردىن بىرى ئاچچىقلىنىپ:
«ئاناڭنى، كۇلىڭنىڭ، كۇلىڭنىڭ دەپ كىتىشىدۇ تېخى. چاگلىقكەنغۇ. بىر پەشۋاغا يارىمىدى. قاراپ تۇرۇپ ئەتىگەن ساتقان ئىككى ئۆتۈكنىڭ پۇلىنى ئۇتتىرۋەتتۇق» دەپ، كاسسىلىرىدىكى توپىنى قېقىپ بىكارلىق نورۇز ئېشى بار تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

رەڭمۇ-رەڭ ئىجتىمائىي ھايات ۋە خىلمۇ-خىل تىرىكچىلىك ئۇسۇلىمۇ خۇددى مۇشۇ تەبىئەت دۇنياسىغا ئوخشاش ھەركىمدە ھەر خىل ئوخشىمىغان زوق، ھەر خىل ئوخشىمايدىغان تەسىرات ۋە ھەر خىل ئوخشىمايدىغان ھېس-تۇيغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. بۈگۈن ئەردەمنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ گۈزەل تۇغۇلارنى ئويغۇتۇپ، ئۇنىڭدا ھاياجان پەيدا قىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۇنى ئويلاندۇرغان ۋە ئەپسۇسلاندۇرغان ئىدى. ئىشقىلىپ نېمە دېگەن بىلەن بەرىبىر ئۇ، بۈگۈنكى سەيلىدىن يەنىلا مەمنۇن ئىدى. ئەنە شۇنداق تاماشا قىلىپ سەل چارچاپ قالغان ئەردەم، نورۇز ئېشىنى تويغۇدەك يەپ، نورۇز سۇلىرىدىن قانغىدەك ئېچىپ، ۋۇجۇدىغا باغدۇر كىرگەندەك بولدى. ئاندىن ئۇ، بۈگۈن سەھەردە ئالدىراشچىلىقتا ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن خوشلاشمايلا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكە ئالدى. ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم مۇڭدىشىپ ھەم خوسشلىشىپ، رازىلىقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، ئۆيگە قاراپ يول ئالدى. ئەسلىدە ئۇ ئىلاخۇن تېۋىپ بىلەن ئەمەس، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆڭلىدە ساقلاپ كەلگەن يۈرەك سۆزلىرىنى پەرۋىنگە ئېيتىش ئۈچۈن ماڭدى دېسەك، مەنتىقىغە ئۇيغۇن كېلەتتى…

«يول» ناملىق تارىخى روماننىڭ «مەۋج ئۇرغان دەريا» ناملىق بۆلۈمىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش