• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (3) غۇلجادىكى تۇنجى كۈن

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (3) غۇلجادىكى تۇنجى كۈن

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (3) غۇلجادىكى تۇنجى كۈن

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

 

1947-يىلى 22-ئىيۇل، غۇلجا 

 

مەن ھازىر قوزغىلاڭچىلار تەرەپتە! بۈگۈن سەھەر سائەت ئالتىدە قوي كۆزلۈك ۋالېنتىنا ھاياجاندىن ئەس ھوشىنى يوقاتقان ھالدا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەلدى-دە، «ئايروپىلان بۈگۈن غۇلجىغا ماڭىدىكەن، ئۇچقۇچىلار سىزنى ئىزدەپ كەپتۇ. ئايروپىلان ھازىرلا قوزغالغۇدەك» دېدى. مەن ئورنۇمدىن خۇددى قىلىچ بېلىقتەك چاچراپ تۇردۇم-دە، ئۆزۈمنى ھەريان ئۇرۇشقا باشلىدىم. شۇ قاتاردا ياندىكى ئۆيدە، يەنى بېرىتانىيە كونسۇلخانىسىدا تۇرىۋاتقان ئامرىقىم (بولغۇسى ئېرىم)نىمۇ ئويغىتىپ ئۈلگۈردۈم. بىز بىر ھازا قۇچاقلىشىپ، قول-پۇتلىرىمىزغا سۆيۈشۈپ خوشلاشقان بولدۇق. ئاندىن مەن يۈك-تاقلىرىمنى ھازىرلاپ يولغا چىقتىم. دوگ (دوگلاس مەككىرنىن) مېنى شەھەر ياقىسىغاجايلاشقان ۋە خىتاي مەركىزىي ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىشلەتمەيدىغان باشقا بىر ئايرپورتقا ماشىنا بىلەن ئاپىرىپ قويدى. كۆرۈنۈشكە خېلىلا مۇستەھكەم ئەمما كونىرىغان بىر بىنا بىزنىڭ تىزىملىتىش ئورنىمىز ئىكەن. مەن ئارتۇق يۈك-تاقلىرىم ئۈچۈن تۆت ئامېرىكا سېنتى تۆلەپ، ئايروپىلانغا چىقتىم. زەيتۇنرەڭ يېشىل سىرلانغان بۇ ئايروپىلان ئامېرىكىدا ياسالغان بولۇپ، يان تەرىپىگە «خامى-ئاتا (XAMI-ATA)» (خامى، يەنى قۇمۇل ئارقىلىق ئالمۇتاغا ئۇچىدىغان لېنىيە دېگەن مەنىدە) دېگەن خەتلەر پارقىراق سىرلانغان ئىدى. ئايروپىلاندىكى ھەممە ماڭا سىڭايان كۆز بىلەن قاراشقا باشلىغاندىلا مەن چەتكە قېقىلىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندىم ۋە ئۆزۈمنى قورشاۋدا قالغاندەك ھېس قىلدىم. ئەخمەتجاننىڭ ۋەكىلى، بويى پاكار، پۇتلىرى كىچىك، قوڭۇر رەڭلىك يوللۇق شىم-كاستيۇم ۋە سىپتا ئىشلەنگەن فرانسۇزچە شىلەپە كىيگەن بىر كىشى مېنى كۈتۈۋالغان بولدى. مەن پەقەت ئىككى پارچە رۇسچە لۇغەت ۋە ئۈچ ئاي ئۆگەنگەن روسچەم بىلەن قوراللانغان بولۇپ، قىيىن ئەھۋالدا ئىدىم. مەن شىخۇ تەرەپكە دىققەت قىلىپ قاراپ نېفىتلىكلەرنى ئىزدىدىم، ئەمما يا شەھەرگە يا نېفىتلىككە ئوخشايدىغان نەرسىلەر كۆزۈمگە چېلىقمىدى. يوللاردىمۇ ھېچنەرسىنىڭ ھەرىكىتى سېزىلمەيتتى. مەن ھەربىي گازارما ياكى ئىستىھكاملارنىمۇ كۆرمىدىم. غۇلجىغا يېقىنلاپ قالغاندا بىز ياپيېشىل دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان بىر ئېگىز تۆپىلىكتىن ئۇچۇپ ئۆتتۇق. چەت ياقىغا جايلاشقان بۇ يېشىل يېپەكتەك تۆپىلىكنىڭ شەكلى ئۇنىڭدا ياشىغۇچىلارنىڭ «يۇرت» دەپ ئاتىلىدىغان كىگىز ئۆيلىرىگە ئوخشاپ كېتەتتى. غۇلجا ئۆزى ياپيېشىل ۋە مۇنبەت بىر زىمىن ئىدى. مەن دېرىزىدىن ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىگە سىنچىلاپ قارىدىم.

 

غۇلجا ئايرپورتىدا مەن يەنە بىر قېتىم قىزىقارلىق مەخلۇقتەك كۆزگە تاشلىنىشنىڭ تەمىنى تېتىدىم. بۇ تولىمۇ غەلىتە بىر ھېسىيات ئىدى: بۇ يۇرتتا ھېچېكىم سىزنىڭ تىلىڭىزدا سۆزلىيەلمەيدۇ، ئۆز دۆلىتىڭىز ۋە ئۇنىڭ تۇتقان سىياسىتى بولسا سىزنى ھەرقانداق قۇبۇل قىلىنىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ.  مەن ئالياسكىدا نۇرغۇن روس ئۇچقۇچىلار بىلەن تۇنۇشقانلىقىم ئۈچۈن، بىزنىڭ ئۇچقۇچىمىزغا بەكلا گەپ تاشلىغىم كەلگەن ئىدى. مەن ئىككى قېتىم ئىشارەت بىلەن پاراڭلىشىشنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ، تەلىپىم نەزەرگە ئېلىنمىدى. لېكىن مەن ناھايىتى سالماق ۋە چېچەن كۆرۈنىدىغان ئۇچقۇچىمىز بىز تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كەلگەندىلا ئۇنىڭغا چېكىت قويۇپ قويغان ئىدىم. ئۇ كېلىپ مەن بىلەن قول ئېلىشتى. مەن شۇ زامات ئۇنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ توغرا قىلغان قىلمىغانلىقىنى دەڭسەۋاتقانلىقىنى سېزىپ تۇردۇم. بۇ ئەپسىز ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا ئالياسكادا تونۇشقان روس ئۇچقۇچىلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم. ئۇ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئالياسكاغا بېرىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن تېخىمۇ ئېنىق چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكىدىن سېتىۋېلىنغان ئايروپىلانلارنى فەيربەنك (Fairbank) تىن رۇسىيەگە ئېلىپ بارغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇچقۇچىلىرىنى كۆزدە تۇتىۋاتقانلىقىمنى بىلدۈردۈم. «بىز بۈگۈن ئۇچۇپ كەلگەن ئايروپىلانمۇ ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن» دەپ گېپىمنى تۈگەتتىم. سەپەردىكى ھەربىر كىشى ماڭا تېخىمۇ راھەتسىزلەنگەندەك كۆرۈندى. بۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنمەسلىكىمۇ ياكى شۈبھىلىنىشىمۇ، ئېيتاۋۇر، ھېچ بىلمىدىم. جىمجىتلىق يەنە ھۆكۈم سۈردى. مەن تىل ئۆتكىلىدىنمۇ قىيىن بولغان يالغۇز قالدۇرۇلۇشنى ھېس قىلىپ ئولتۇردۇم.

 

 

يۈك-تاقلىرىمنى چۈشۈرۈشكىمۇ خېلى ۋاقت كەتتى ۋە مەن چامادانىم ئۈستىدە ئەتراپىمغا قارىغاچ كۈتۈپ ئولتۇرۇپ قالدىم. مەن ئۇچۇش يولىنىڭ بىر تەرىپىدە توختىتىپ قويۇلغان كۈمۈش رەڭلىك، قوش ماتورلۇق ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى ئالتە دانە ئايروپىلاننى كۆردۈم. ئۇچۇش يولىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولسا كىچىكرەك تىپتىكى، يان تەرىپىدە قارا سىر بىلەن «USSR» (سوۋېت ئىتتىپاقى) دەپ يېزىلغان يەنە بىر ئايروپىلان تۇراتتى. ئۇزاقراق ئارىلىقتا مەن باشقا ئايروپىلانلارنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلارنىڭ سانلىرى ئەسلىدىنلا ئاز، ياكى بىر قىسىمى يوشۇرۇپ قويۇلغان بولسا كېرەك. گازارما شەكلىدە يانمۇيان سېلىنغان ئىككى ئىمارەت ھاۋا قاتنىشى ئىشخانىسى بولۇپ، ئەتراپىدا روسچە ھەربىي فورمىلارنى كىيگەن ئەسكەرلەر جىددىي ھالەتتە يۈرەتتى ۋە بەزىلىرى يۈكلەرنى چۈشۈرۈشكە ياردەم قىلاتتى. كىرىش ئىشىكىدە بىر قانچە موتوسېكلىت توختىتىپ قويۇلغان ئىدى. تۆۋەن دەرىجىدىكى يەرلىك ئەسكەرلەرگە قوشۇلۇپ، قارىماققا روسلارغا ئوخشايدىغان، قىرلانغان ھەربىي فورما، سۈپەتلىك ئۆتۈك ۋە يېڭىچە پاگون تاقىغان ئاتيۈزلۈك ئوفېتسىرلار كۆزگە چېلىقاتتى. ئۇلاردىن سېرىق چاچ، قارىماققا قوپال، ئەمما ئۆزى ياش بىرى مېنىڭ دېققىتىمنى تارتتى. مەن ئۇنىڭ ئەتراپىمدا قانداق ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۈزىتىپ تۇردۇم. ئۇ بىردىنلا مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ، روسچە «سىز روسچە بىلەمسىز؟» دەپ سورىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ماڭا گەپ تاشلاش ئۈچۈن مەشىق قىلىۋالغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. مەن تېزدىنلا ئۆزۈمنىڭ روسچىنى قىسقا بىر مەزگىل ئۆگەنگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇ سۆزۈم تۈگىشىنى ساقلىماستىنلا گەپ باشلىماقچى بولۇۋېدى، سۆرۈنرەك بىر ئۇيغۇر ئوفېتسىر دەرھال ئارىغا كىردى-دە، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاگاھلاندۇرغاندەك تەلەپپۇزدا چاقىردى. ۋاقت ئۆتىۋەردى. ئاخىرى، ھېلىقى سۆرۈن تەلەت ئۇيغۇر ئوفېتسىر مېنى ھاۋا قاتنىشى ئىشخانىسىغا ئېلىپ كىرىپ، يەنە بىر روس كىشى بىلەن يۈزلەشتۈردى. مەندىن يەنە بىر قېتىم ئىسىم-فامىلەم، تۇغۇلغان يېرىم ۋە يېشىم سورالدى. روسچە-ئېنگىلىزچە ۋە ئېنگىلىزچە روسچە ئىككى يۆنىلىشتىكى لۇغەت ئارقىلىق بىز بىر-بىرىمىزگە مۇددىئامىزنى ئۇقتۇردۇق. ئۇنىڭغا «تۇغۇلغان يېرى» دېگەن سوئال قىيىن كەلدى ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان «پېنسىلۋانىيە»نىڭ ئورنىغا ئۇلارغا تونۇش «ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى»نى يېزىپ، بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتتۇق. بۇلار تۈگەپ، مەن يەنە چامادانىم ئۈستىدە ساقلاشنى داۋاملاشتۇردۇم. ئۆزىنى مائارىپ مىنىستېرى دەپ تونۇشتۇرغان بىر يەرلىك سىياسىي ئەرباب (سەيپىدىن ئەزىزى) ماڭا يېقىنلىشىپ، مەن بىلەن بىللە بۇ ئۇزۇن كۈتۈشتە ھەمرا بولدى. ئابباسوۋنىڭ كېلىشى بىلەن ئىككى يانغا تاشلانغان بۇرۇت قويۇۋالغان، قورساقلىق، تۇرقىدىن موڭغۇل-قازاق-خىتايغا ئوخشاپ كېتىدىغان (ئىرقىنى پەقەتلا تەخمىن قىلالمىدىم)، لېكىن روس ياكى ئۇيغۇر ئەمەس، پاگونلىرىدا زەر يىپتىن ئەگرى زىغزىق تۇتۇلغان بىر كىشى ئالدىغا چىققانلىقىنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مەن ئابباسوۋنىڭ خىتاي ئايالىدىن بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇ «گېنىرال» دەپ جاۋاب بەردى. ھېچكىم مېنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرمىدى، ئەمما ئۇ ماڭا يىراقتىن دىققەت بىلەن سەپسېلىپ تۇردى. راستىمنى ئېيتسام، مېنى ھېچكىم ھېچكىمگە تونۇشتۇرمىغان، مېنى ھېچكىم ھېچقانداق شەكىلدە قارشى ئېلىپ كۈتۈۋالمىغان ئىدى.

 

تېخىمۇ بۇرۇنراق ۋاقتنى ئەسلىسەم، ئۆزۈم ئولتۇرغان ئايروپىلان ھەققىدە سۆزلىگىم كېلىدۇ. ئايرپورتتىكى چاغدا مەن ئايروپىلانغان چىقاي دەپ تۇرغاندا كىرىش ئېغىزىدا خىتاي تاموژنا خادىملىرى ۋە بىر-ئىككى خىتاي بار بولۇپ، ئۇلار پەقەتلا مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئىدى. بۇ ھاۋا يولىنىڭ دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىكى مەسئۇل خادىمىمۇ بۇ ئايروپىلانغا چىققان بولسىمۇ، ئۇ ۋە باشقا يولۇچىلار ئۇچقۇچىلار بۆلۈمىگە يېقىن جايدىن ئورۇن ئېلىشىپ، مەندىن ھەتتا كۆزلىرىنىمۇ قەستەن ئېلىپ قاچاتتى. مەن ھاۋا يولى باشقۇرغۇچىسىغا ئەدەپ يۈزىسىدىن ئاددىيلا باش لىڭشىتقان بولساممۇ، ئۇ مېنى كۆرمەسكە سېلىۋالدى. چامادان، سومكا ۋە بوپىلاپ تېڭىلغان ياغلىق، ئەدىيال ۋە كىرلىك قاتارلىق يۈك-تاقلار ئايروپىلاننىڭ بىر تەرىپىگە چوققىلاپ دۆۋىلەپ قويۇلغان ئىدى. ئايروپىلان تۆۋەنلەپ قونغان چېغىدا بۇ يۈك تاغلىرى بىز تەرەپكە قاراپ سىلكىندى. ئەگەر ئېغىپلا كەتكەن بولسا بىز چوقۇم تېگىدە قالاتتۇق. چۈنكى، ئۇلار ئارغامچا بىلەنمۇ تېڭىلمىغان ئىدى. بىزنى ئورنىمىزدا تۇتۇپ تۇرغىدەك بىخەتەرلىك تاسمىسىمۇ يوق ئىدى. ئادەتتىكىچە ئورۇندۇقلارنىڭ ئارقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مېتال تۇرۇبىلارنىلا تۇتۇپ تۇرۇشىمىز مۇمكىن ئىدى. ئايروپىلاندا پەقەت بىرلا ئۇچقۇچى بار بولۇپ، ئاچچىقى يامانراق يەنە بىر ياش يىگىت ئايروپىلان باشلىقىلىق رولىنى ئۆتەپ تۇراتتى. باشقا يولۇچىلار روس دېھقانلار بولۇپ، قارىماققا نامراتلىقىدىن ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيتتى: بىر قىزنىڭ كۆزى زەخمىلەنگەن، يەنە بىر ياشانغان كىشىنىڭ يېرىق بېشى تېڭىقلىق تۇراتتى. مەن ھاۋا يولىنىڭ ئىشخانىسىدا خىتاي ساقچى بىلەن رەسمىيەت بېجىرىۋاتقاندا بىر توپ پاسپورتلارغا كۆزۈم چۈشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سوۋېت پاسپورتى ئىدى.

 

بارغانسېرى ناقولاي بولۇۋاتقان ئەھۋالىمنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان چېغىمدا، ئاخىرى بىر ماشىنا مېنى بىر ياقلارغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى. بۇ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ، ئولتۇرسا ئادەمنىڭ ئۇمۇرتقىسى چۇۋۇلۇپ كەتكۈدەك سىلكىيدىغان كونا تىپتىكى ماشىنا بولۇپ، قەدىمىي يادىكارلىقدەك كونا ئورۇندۇقلىرى چىرايلىققىنە بىنەپشە رەڭلىك كىگىز بىلەن ئوراپ قويۇلغان ئىدى. بىز نەسىللىك كالىلار ئوتلاپ يۈرگەن كەڭ دالىلاردىن ئۆتكىنىمىزدە، مەكتەپ مۇدىرى بولغان يەرلىك سىياسىي ئەرباب بۇ جايلاردا نۇرغۇنلىغان قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ماڭدى. بىز پاچاقلانغان ۋە تېشىلگەن ئېگىز لاي تاملاردىن ئۆتكەندە ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن بۇ جايدا (خاتالاشمىسام) ئۈچ ھەپتە (ياكى ئۈچ ئاي)گىچە ئۇرۇش قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى (ھەرەمباغ بولسا كېرەك). بىز يەنە يېڭىدىن ئارمىيەگە قاتنىشىپ قارغا ئېلىشنى مەشىق قىلىۋېتىپ، ئون مىنۇتچە تەنەپپۇسقا چىققان ئۇيغۇر ئەسكەرلەرنىڭ يېنىدىن ماشىنىلىق ئۆتتۇق (ھەرەمباغ گازارمىسى). مەن ئۇلارغا قىزىقىش ئىچىدە قاراپ قالدىم. 50 تىن 60 قىچە ئەسكەرلەر قارىماققا تولىمۇ يېڭى مىلتىقلارنى تۇتقىنىچە بۇ جايدا تارقىلىپ تۇراتتى.

 

 

شەھەرگە كىرگىنىمىزدە مەن غۇلجىنىڭ دىخۇا (ئۈرۈمچى) دىن خېلى چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. يوللار لاي بولۇپ، توپا ئۆرلەپ تۇراتتى، ئەمما يولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى پىيادىلەر يوللىرىغا ئېگىز تېرەكلەر قاتار تىكىلگەن ئىدى. كۆپ قىسىم ئۆيلەر ئاقارتىلغان بولۇپ، بەزى ئىمارەتلەر تولىمۇ زامانىۋىي كۆرۈنەتتى. كوچىلاردا بۇغدايئۆڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئاق-سېرىق ۋە قاۋۇل كەلگەن روسلار ئارىلاش ئۇچراپ تۇراتتى. شەھەر ئىچىدە ماشىنىلىق كېتىۋاتقان چېغىمىزدا قورغانغا ئوخشاپ قالىدىغان، ئەتراپى ئېگىز دەرەخلەر بىلەن ئورالغان ۋە مەزمۇت ئۆگزىلىرى تام ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر چوڭ ئىمارەتنى ئۇچراتتۇق. مانا بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلخانىسى، يەنى بۇ شەھەردىكى بىردىنبىر چەتئەل دىپلوماتىك ئورگىنى ئىدى. بىز ئاخىرى مائارىپ مىنىستېرىنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ يېرىمى ياكى تۆتتىن ئۈچىنى چۈشىنەلمىگەنلىكىمدىن، مەن ئىزچىل ھالدا ئىچىمدە «ئەتراپىمدا زادى قانداق قاغىشتەككۈر ئىشلار يۈز بېرىپ كېتىۋاتىدىغاندۇ» دەۋاتقاندەك قىلاتتىم. بىز بامبۇكتىن ياسالغان ئۈزۈم باراڭلىق، ئالما دەرەخلىرى بوي تارتقان، توخولار ئاياق ئاستىدىن قاقىلداپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان، تولىمۇ ئىللىق بىر باغلىق قورودا بىر پىيالىدىن خۇددى كۆكىرىپ قالغاندەك تېتىيدىغان چاي ئىچتۇق. ئالدىمغا ئالمىلار تىزىلدى، ئەمما «قېنى ئېغىز تېگىڭ»دىن سادا يوق ئىدى. مەن مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئالاقىدە ناھايىتى قىينالدىم. ئۇنىڭ موسكۋادا بىر يىل ئوقۇغانلىقىنى بىلدىم. پۈتۈن بۇ جەرياندا ئېگىز قامەتلىك، ئايىقى يېنىك، قوڭۇر رەڭلىك دۇخاۋىدىن تىكىلگەن ھەربىي فورما كىيىپ، يان قورالىنى بەلبېغىدىن ئايرىمايدىغان بىر يىگىت ئۇيان-بۇيان ئۆتۈپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خىزمەتتە بولدى. «كتۋ ئو؟» (ئۇ كىم؟) دەپ سورىدىم مەن. «ئۇ مېنىڭ ئاديۇتانتىم (مۇھاپىزەتچىم)» دېگەن جاۋاب كەلدى. «ھە، سىزمۇ يەرلىك ئارمىيەدىمۇ؟» دەپ سورىدىم مەن يەنە. كەسكىن ۋە زورمىزور شەكىلدە «ياق، ياق» دېگەن جاۋاب كەلدى. مەن ئۆزۈمنىڭ يەنە خاتا سۆزلەپ قويۇشىدىن خۇدۈكسىرەپ تۇرساممۇ، ئۇلاپلا يەنە ئاديۇتانتنىڭ بىر ھەربىي ياردەمچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم. بىز بۇ ھەقتە ئارتۇق تالاشمىدۇق. باياتىنقى ئاديۇتانتنىڭ ئىسمى مومىيېتا (Momyeta دەپ يېزىلغان، بەلكىم مەمەت بولسا كېرەك) بولۇپ، ماڭا بۇ سەپەردە ھەمراھ بولىدىغانلىقىنى قىياس قىلدىم. ئۇ ئالدىنقى يىلى قىشتا (1946-يىلى نويابىر ۋە دېكابىر) نەنجىڭدا ئېچىلغان خەلق قۇرۇلتىيى (گومىنداخۈي) غا ۋەكىل بولۇپ بارغان بولۇپ، بۇ سەپەر ئۇنىڭ «كۆزىنى ئېچىپ قويغان» ئىكەن. ئۇ يىگىتلەرچە مەردانىلىك بىلەن ئۆزىنىڭ بىر ئامېرىكىلىق ياش قىزغا ھەمراھ بولۇپ شەھەرنى ئايلاندۇرۇپ كېلىشكە قۇربى يېتىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى.

 

چۈشلۈك تاماق ئاخىرى تارتىلدى. غىزالار ئاقلانغان ئالما (ئەڭ ئاخىرىدا)، تۈركىيلەرنىڭ دائىملىق نېنى (چىۋىنلەر ئولىشىپ تۇراتتى)، مۇراببا ۋە مايلىرى تېمىپ تۇرىدىغان بەكمۇ تاتلىق بىر قورۇما ئىدى. بۇلارغا قوشۇپ يەنە شۇ كۆكىرىپ قالغاندەك تېتيىدىغان چاي تارتىلدى. مەن ئالمىنى بىر چىشلىدىم-دە، يۈزۈمگە كۈلكە يۈگۈردى. ئاخىرى (يەتكۈچە) چارچاپ كەتكەن مەكتەپ مۇدىرى مېنىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىگىچە ئارام ئېلىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتى. بىز ئارامدىن كېيىن شەھەرنى كۆرگىلى بارماقچى بولدۇق. مەكتەپ مۇدىرى دەم ئېلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن بىر چىقىپ كەتكىنىچە يوقاپ كەتتى. مەن بولسام ھويلىدىكى باياقى چۈشلۈك تاماققا كۆز تىكىپ تۇرغان قورسىقى ئاچ ئاياللار تەرىپىدىن ئورالغان ئىدىم. مەن بىر ئەڭلىك قۇتىسىنى سومكامدىن چىقىرىپ، ئۇلارغا پەرداز قىلىپ قويدۇم. يۇزلىرىگە سىن ئەينەك تۇتۇلغاندا ئۇلار پىخىلداپ كۈلۈشەتتى. مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئايالى، قىزلىرى ۋە ھويلىدىكى باشقا ئاياللار بۇغدايئۆڭ بولۇپ، گىرىمىدىن باشقا كىيىنىشلىرى غەربچە ئىدى. ئاديۇتانت ۋە باشقا يىگىتلەرمۇ بىزگە قوشۇلۇپ ئولتۇردى. مەن ئاخىرى ھېرىپ ۋە زېرىكىپ قالغاندىن كېيىن، ھارۋا چوڭلۇقىدىكى بىر كارىۋات ئۈستىگە سېلىنغان ئىنتايىن پاكىز ۋە قاردەك ئاق كىرلىك ۋە ياستۇقلارغا ئۆزۈمنى تاشلاپ، ئۇيقۇغا كەتتىم. كۈچەپ قاقىلداۋاتقان خورازدىن باشقا ھەممىنىڭ ئۈنى ئۆچكەن ئىدى. مەن كۆزۈمنى يۇمدۇم ۋە بۇ يوچۇن، مۇرەككەپ ۋە ناھايىتى غەلىتە شەھەردە دوگ (دوگلاس مەككىرنىن) بولمىسا ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر يالغۇز ئىكەنلىكىمنى ئويلاپ كەتتىم. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى بولغاندا بىر ئايال پەيدا بولۇپ، يۈك-تاقلىرىم ئېلىپ چىقىلدى ۋە گىلەم سېلىنغان بىر ماشىنىغا بېسىلدى. مەنمۇ ماشىنىغا چىقتىم ۋە ئاديۇتانت بازارغا بېرىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ماشىنىدىكى چاغدا مەن سىرتتىكى كىشىلەرگە سەپسالدىم. ئەجەبلىنەرلىك يېرى كوچىدا كىشىلەر ئاز بولۇپ، يەرلىكلەر بىلەن روسلارنىڭ سانى تەڭ دېگۈدەك ئىدى. بىز بىر سودا ساراي ئالدىدا توختاپ، ئىچىگە كىردۇق. تەزگاھلار روسىيەنىڭ توقۇلما ماللىرى ۋە يۇڭ رەختلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. بىرقانچىلىرىنىڭ رەڭگى ھەربىي فورمىنىڭكىگە ئوخشاش زەيتۇنرەڭ يېشىل ئىدى. پاختا رەختلەرنى ئەرزانلا سېتىۋالدىم. ئەمما ھەر بىر يېرىم يارد (ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا) يۇڭ رەخت 10 ئامېرىكا دوللىرىغا توختىدى. لېكىن بۇ رەختلەرنىڭ ئېنى خېلىلا كەڭ ئىدى. ۋودكا (ھاراق)، تاماكا، سەرەڭگە ۋە باشقا ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلەر ئەينەك تەزگاھلارغا تىزىلغان ئىدى.

 

يارىشىملىق گۈل كەشتىلەنگەن غەربچە ئاق پىلاتى كۆينەك كىيگەن ئىككى روس قىزى مېنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەنلىكىدىن سەل ھودۇقۇپ تۇرغان ئاديۇتانتقا گەپ تاشلىدى. شۇ چاغدىلا مەن زورمۇزور كۈلۈمسىرەپ، ماڭا تىكىلىپ تۇرغان كۆزلەرنى چۆرىدەپ مېڭىشقا باشلىدىم. ماڭا خىتاينىڭ لۈكچەكلىرىمۇ ئەسلا، ئەسلا بۇنچىلىك مىكروسكوپتا كۆرگەندەك سىنچىلاپ قاراپ باقمىغان ئىدى. بىز بۇ جايدىن يېنىپ، يەرلىكلەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان تەرەپكە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتۇق. مەزمۇت ئاتلارغا مىنىشكەن نۇرغۇن قازاقلار ماڭا قاراپ ئۆتەتتى. ئۇلارنىڭ دوپپىلىرىغا سەپسېلىش تولىمۇ قىزىقارلىق ئىدى. شۇ دوپپىلارنى خاتېرەمگە سىزىپ ساقلاپ قويدۇم.

(داۋامى بار)

ئالدىنقى قىسىملىرى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدا:

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (1)

ئامېرىكىلىق مۇخبىر پەگىي پاركىر ۋەتىنىمىزدە (2)


1940-يىللاردىكى غۇلجا شەھىرى خەرىتىسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top