سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » «يول» نامالىق روماننىڭ قىسقىچە شەرھىسى

«يول» نامالىق روماننىڭ قىسقىچە شەرھىسى

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

«يول» ناملىق رومان مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ئۆمرۈدە بېسىپ ئۆتكەن شانلىق ھايات يوللىرىغا بېغىشلانغان تارىخىي روماندۇر. بۇ روماننى مەن 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تاڭ سەھەردىن 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچكىچە بولغان ئارلىقتا، ئۆز خىزمىتىمنىڭ سىرتىدىكى بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىقتىم. مەندەك بىر تەبىئىي پەن كەسپ ئىگىسىنىڭ مۇنداق بىر تارىخىي روماننى يېزىپ چىقىشىمغا زادى نېمە تۇركە بولدى؟ مەن بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتا بويىچە شەرھىلەپ، رومان ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.

1. 80-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئانا ۋەتىنىمىزدە «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ۋە «ئانا يۇرت»،«جاللات خېنىم» قاتارلىق تارىخىي رومانلار يېزىلىپ، خەلقىمىزنىڭ ئىچىقاپ كەتكەن تارىخىي ئىشتىھاسىنى قاندۇرۇپ، قاغجىراپ كەتكەن مەنىۋىي دۇنياسىغا شىپالىق يامغۇر بولۇپ ياغدى. بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىي جەھەتتىن يۇكسىلىشىگە، مىللىي روھىنىڭ تىرىلىشىگە ۋە ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىغا نەزەر تاشلاپ، ئۆز كىملىكىنى تونۇپ يېتىش ئۈچۈن تەپەككۈر بوشلۇقىغا نەزەر سېلىشىغا ۋەسىلە بولغان ئىدى. ئەپسۇس ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇ مىللىي ئويغۇنىش ھەركىتى ئۇزۇنغا بارمايلا، خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىميىتىنىڭ قاتتىق باستۇرۇشىغا ئۇچىرىدى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي، تىل-ئەدەبىياتى ۋە دىنىي، ئۆرپە-ئادېتى، مائارىپى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، ئۇيغۇر مىللىتى بۇ دۇنيادىن تەل-تۆكۈس يوقۇلۇش تەھدىتى ئاستىدا جان تالىشىش گېرداۋىغا كېلىپ قالدى. خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىميىتى ئۆزىنىڭ مۇستەبىت دۆلەت ئاپاراتلىرىنىڭ كۈچى بىلەن، مىللىتىمىزنىڭ كۆز نۇرى بولغان زىيالىلىرىمىزنى، ئۆلۈمالىرىمىزنى، يازغۇچى، تارىخچى ۋە سەنئەتكارلىرىمىزنى تۇركۇم تۇركۇملەپ قاماقلارغا تاشلاپ، پۈتۈن بىر مىللەت ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. بولۇپمۇ بىر مىللەتنى يوقۇتۇشتىكى ئەڭ ئۇنۇملۇك ئۇسۇل شۇ مىللەتنىڭ تارىخىنى، تىل-ئەدەبىياتىنى، دىنىي ئىتىقاتىنىن ۋە مەدەنىيەت-سەنئىتىنىي يوقۇتۇش بولغانلىغى ئۈچۈن، خىتاي مۇستەملىكىچى ھاكىميىتى ئالدى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا، تىل-ئەدەبىياتىغا، مەدەنىيەت-سەنئىتىگە ۋە دىنىي ئىتىقاتىغا ھۇجۇم باشلىدى. بۇ ئارقىلىق بىزنىڭ كەچمىشىمىزگە تۇتاشقان يولىمىزنى پۈتۈنلەي ئۇزۇپ تاشلاپ، ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ ئاچقان تۇيۇق يولىغا باشلاپ، يېڭى بىر ئەۋلاتنى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. نۆۋەتتە شۇ ئۇزۇۋېتىلگەن تارىخىي يوللارنى ئۇلاش ۋە ئۇ يوللارنى داۋاملاشتۈرۈش ۋەتەن سىرتىدىكى يازغۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۇكلەنگەن مۇقەددەس ۋەزىپە بولۇپ قالدى. شۇڭا مەن گەرچە بىر كەسپى زىيالى بولساممۇ، ئاممىۋىي زىيالى بولۇش يولىغا قاراپ قەدەم بىسىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بۇ «يول» ناملىق تارىخىي روماننى يېزىپ چىقتىم.

2. بۇ روماننى يېزىشتىكى يەنە بىر سەۋەپ بولسا ۋەتەن ئىچىدە بۇرۇن يۇقۇردا ساناپ ئۆتكەن تارىخىي رومانلارنى يېزىشقا ئىمكانلار بار بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىن ۋە مەسئۇت سابىرى بايكوزۇدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئەپەندى ھەققىدە كىتاب يېزىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېغىزدىن چىقىرىشنىڭ ئۆزى بىر جىنايەت ھېساپلىناتتى. ئەمما ئۈچ ئەپەندى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىيدا ئۆتكەن مۇھىم شەخسلەر ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يول باشچى لېدىرلىرى بولغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىردىن مەنىۋى ئابىدە تىكلەش ۋەتەن سىرتىدىكى يازغۇچىلارنىڭ باش تارتپ بولمايدىغان ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىناتتى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ چەكلىك ئىمكانلىرىدىن بايدىلىنىپ ۋە تىرىشىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق، ئالدى بىلەن قولىغا قورال ئېلىپ تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئىنقىلاپ قىلغان، قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۆز تارىخىمىزنى يازغان ۋە خىتاي زىيالىرىلىرى بىلەن قەلەم كۈرىشى قىلغان ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ۋۇلىنى سالغان مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندى ئۈچۈن بىر ئۆلمەس ئابىدىنى مىللىتىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆۋرىسىدە تۇرغۇزۇشنى مەخسەت قىلىپ، بۇ «يول» ناملىق تارىخىي روماننى يېزىپ چىقتىم.

3. بۇ روماننى يېزىپ چىقىشتىكى مۇھىم سەۋەپلەردىن يەنە بىرى بولسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ئېغىر خىرىسقا، كىرزىسقا دۇچ كەلمەكتە. مۇشۇنداق تارىخىي بۆھراندا ئۇيغۇر ئانا تىلىدا بىر تارىخىي روماننى يېزىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر تىلىنىڭ شۇنچىلىك پاساھاتلىق بىر تىل ئىكەنلىكىنى، بۇ تىلنىڭ مەڭگۈ يوقالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ تىل ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى چەتەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا قايتا جانلادۇرۇپ، يېڭى نەسىل ئۈچۈن سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەسەرلەرنى قالدۇرۇشنى ئارزۇ-ئىستەك قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ روماندا ئۇلۇغ بوۋۇمىز مەھمۇد قاشغەرىنىڭ بۇيۇك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئۇزۇندىلەر، ماقال-تەمسىللەر، شېئىرلار ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئەنە شۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردەك تولۇق پايدىلىنىپ روماننىڭ بەدىئىيلىكىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشتىم.

«يول» ناملىق بۇ رومان تارىخىي روماندۇر. تارىخىي روماننىڭ دۇنياۋى ئەدەبىياتىدىكى ئورنى ناھايىتىمۇ يۇقۇرى بولۇپ، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ كىتابخانىلار ئەڭ قىزىقىپ ئوقۇيدىغان ئەدەبىي ژانىرلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىي مىللىي تۇيغۇسى ئەڭ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋردۇر. لېكىن شۇنداق بولۇشقا قارىماي بەزى كىتابخانىلارنىڭ تارىخىي رومان ھەققىدىكى نەزەرىۋىي چۈشەنچىسى تېخى تولۇق ئايدىڭلىشىپ كەتكىنى يوق. ئەكبەر ئەمەت ئەپەندىمنىڭ «تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىيلىق ۋە بەدىئىيلىك» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىدا بۇ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:«تارىخىي ئەسەرلەردىكى بەدىئىيلىك بىلەن تارىخىي چىنلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ناھايىتى مۇھىم. تارىخىي روماننى تارىخنىڭ دەل ئۆزۈ دەپ قارىۋېلىش ۋە تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تۆھپىسىنى ئۇنىڭ مەلۇم تارىخىي ۋەقەلەرگە بولغان ساداقەتمەنلىكى نۇقتىسىدىن ئۆلچەش ئوقۇرمەنلەرنىڭ تارىخىي ئەسەرلەرگە بولغان تەلىپى ۋە زوقلىنىشى دەرىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىۋاتىدۇ» شۇنىڭ ئۈچۈن كىتابخانىلارنىڭ ئۈستۈن ئوقۇرمەن بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخىي رومانلاردىكى تارىخنىڭ چىنلىقى بىلەن يازغۇچى ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەپەككۈرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ توقۇپ چىققان بەدىئىي توقۇلمىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا چۈشۈنىشى كېرەك. مەلۇم تارىخىي دەۋردە يۇز بەرگەن ۋەقەلەرنى بەدىئىي بىر ئۇسلۇپتا تەسۋىرلەش ئارقىلىق شۇ دەۋرنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىدىن ۋە شۇ دەۋر خەلقىنىڭ پىسخىكىسىنى، ئۆرپە-ئادەتلىرىنى جۈملىدىن ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرگەن رومان تارىخىي رومان دەپ ئاتلىدۇ. رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومان بولسا پەقەت ئۆز دەۋرنىڭلا رېئال ئومۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇڭا تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ تارىخىي بىلىملىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ، تارىخىي مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋايىغا يەتكەن بەدىئىي ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ خۇددى رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومانلاردا بولىدىغان بەدىئىي ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلىدىنمۇ ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ تارىخىي روماننى روياپقا چىقىرىدۇ. تارىخىي رومانلاردىكى تارىخىي شەخسلەر بولسۇن ۋە ياكى يازغۇچى ئۆزۈ ياراتقان بەدىئىي ئوبرازلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ديالوگلىرىدىكى خاسلىق، بايان، تىل ۋە تەسۋىرلەر رېئالىستىك ئىجتىمائىي رومانلاردىكىدەك شۇنداق مۇھىم بولىدۇ. شۇڭا تارىخىي رومانغا باھا بېرىشتە يازغۇچىنىڭ ئاشۇ بەدىئىي ئىجادىيەت ئەركىنلىدىن پايدىلىنىپ بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئوممۇمىي قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۇرۇشتىكى بەدىئىي سەۋىيەسىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ تارىخىي رومان يازغۇچىسى تارىخىي پاكىتلارنىڭ ھەممىسىگە قاتمال ھالەتتە سادىق بولۇشى ھاجەت ئەمەس دەپ قاراش كېرەك. چۈنكى تارىخىي روماننىڭ غەلبىلىك يېزىپ چىقىلىشى ئۈچۈن يازغۇچى تارىخىي مەنبەلەر ئاساستا ئەركىن پائالىيەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى لازىم. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈنلا تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ بەدىئىي ماھارىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئېسىل تارىخىي رومانلارنى يېزىپ قالدۇرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخىي رومانلاردىكى بايانلارنى تارىخنىڭ دەل ئۆزۈ دەپ قاراپ، يازغۇچىدىن تارىخقا خۇددى تارىخچىدەك سادىق بولۇشنى تەلەپ قىلىش نامۇۋاپىتۇر. تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ تارىخقا بولغان ساداقىتى، تارىخچىنىڭ تارىخقا بولغان ساداقىتىدىن پەرقلىق بولىدۇ. تارىخچى تارىخىي خاتىرلەر ۋە يازمىلار ئۈستىدىن سوغۇققانلىق بىلەن تەپەككۈر يۈرگۈزۈش، ئۇلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مېغىزىنى ئېلىپ، شاكىلىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مەنتىقىلىق تەپەككۈرىنىڭ كۈچى بىلەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىپ بىر پۈتۈن تارىخىي دەۋرنىڭ ھەقىقىي تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا تارىخىي رومان يازغۇچىسىنىڭ يەلكىسىگە تارىخچىنىڭ مەسئۇللىيىتىنى يۈكلەشكە بولمايدۇ. تارىخىي روماندىكى بەدىئىي توقۇلمىلار، تارىخچىنىڭ تارىخنى ئەينەن تەسۋىرلەش مېتودىغا زىت كېلىدۇ. ئەمما ئەنە شۇ بەدىئىي توقۇلمىلار تارىخىي روماندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندىلا تارىخىي رومان شۇنچىلىك قىزىقارلىق، جەزبىدارلىق بولۇپ روياپققا چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىتابخانلارنىڭ ئېستىتەك تۇيغۇسى يۇقۇرى كۆتۈرۈپلا قالماي يەنە تارىخىي تۇيغۇسىنى ئويغۇتۇپ، مىللىي روھنىڭ تىرىلىشىگە تۈرك بولىدۇ. مەسىلەن يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆزىنىڭ تارىخىي رومانى «ئويغانغان زېمىن»نىڭ ئىككىنچى قىسمىنىڭ توققۇزىنچى بابىدىكى «جىر جىس ھاجى» دېگەن قىسمىدا ئاپتور تارىختىكى جىر جىس ھاجى بىلەن خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئەسلى ئۇچراشمىغان تارىخىي ۋەقەلىكىنى ئۇچراشقان ۋەقەلىك قىلىپ توقۇش ئارقىلىق ۋە جىر جىس ھاجىنىڭ خوجانىياز ھاجىمغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى ناھايىتى ئورۇنلۇق بايان قىلىش ئارقىلىق روماننىڭ بەدىئىيلىگىنى تېخىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى كۆتەرگەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ قاتمۇ-قات مۇرەككەپ تارىخىي رېئاللىغىنى كىتابخانلارغا ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرگەن. يازغۇچى پەرھات جىلان ئۆزىنىڭ «مەھمۇد كاشغەرىي» نامالىق رومانىدا پەيلەسوپ ئىمام غەزالىنى باغداتتىكى نىزامىيە مەدرىستە مۇدەررسلىك قىلىۋاتقان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ ۋە مەھمۇد كاشغەرى بىلەن ناھايىتى يىقىن دوستلاردىن قىلىپ بايان قىلىدۇ. ھەمدە ئىمام غەزالىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:«ئۇ بوي-تۇرقى چاققانغىنا كەلگەن، ساقال-بۇرۇتلىرى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئاقىرىپ كەتكەن خۇش چىراي ۋە يېقىملىق كىشى ئىدى. بېشىغا يوغان مۇدەررىسلىك سەللىسىنى ئوراپ، پەتتىسىنى مۈرىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ كۆكرىكىگە چۈشۈرۈۋالغان، پەشلىرى يەرگە تېگەي دەپ قالگۇدەك ئۇزۇن كۆك تونى ئۈستىدىن ئاق شايى يەكتەك كىيگەن بۇ ھۆرمەتلىك زات ئۇششاق قەدەملىرى بىلەن ئالدىراپ مېڭىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى…..». ئەگەر بىز تارىخنىڭ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئەينى چاغدا ئىمام غەزالى ئاران 14 ياشقا كىرگەن بالا ئىدى. ئەمما يازغۇچى ئىمام غەزالىنى 60 ياشلاردىكى بىر مويسىپىت قىلىپ تەسۋىرلەش ھەمدە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ يىقىن دوستنى قىلىپ بەدىئىي توقۇلمىنى توقۇپ چىقىش ئارقىلىق ئىمام غەزالىدىن ئىبارەت بۇ بۇيۇك پەيلاسوپ توغرىسىدىمۇ كىتابخانىلارغا ئۇچۇر بېرىپ ئۆتۇپ، ئۆز ئەسىرىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتقان ۋە ئەسەرنىڭ بەدىئىيلىگىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتەرگەن. يەنە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان شۇنداق مۇھىم بىر نۇقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ تارىخىي روماندىكى تارىخىي پېرسوناژلارنىڭ ديالوگلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆزلېرىنىڭ ھەممىسىنى شۇ تارىخىي پېرسوناژغا خاس، ئەينى چاغدىكى تارىخىي دەۋردە شۇ شەخس شۇنداق سۆزلەرنى قىلغان دەپ، قارىۋېلىش يەنىلا تارىخىي رومانغا بولغان نەزەرىۋىي قاراشنىڭ سۇسلىقىدىن كېلىپ چىققان خاتالىقلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئۆزىنىڭ تارىخىي رومالىرىدا تارىخىي پېرسوناژلارنىڭ ئوبارازلىرىنى تېخىمۇ تىپىلەشتۇرۇش ۋە تىرىك، جانلىق قىلىپ تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەپەككۈرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ توقۇپ چىققان توقۇلمىلاردا ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى شۇ تارىخىي پېرسوناژنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق ئىبارىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جۈملە ۋە سۆزلەر شۇ تارىخىي پېرسوناژنىڭ ھەقىقىي ئۆزىگە خاس بولغان جۈملە ياكى سۆزلەر ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ جۈملە ۋە سۆزلەرنى ۋە ياكى توقۇلما ۋەقەلەرنى خاتا ھالدا شۇ تارىخىي پېرسوناژغا خاس دەپ چۈشۈنىپ قالماسلىقى لازىم.شۇڭا يۇقۇردا قەيت قىلغىنىمىزدەك تارىخىي رومان يازغۇچىلىرى روماننىڭ بەدىئىيلىگىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ۋە مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن بەزى تارىخى ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتىغا قاتمال ھالەتتە سادىق بولۇپ كەتمەيدۇ. مانا بۇ تارىخىي كىتابلار بىلەن تارىخىي روماننىڭ تۇپ پەرقىدىن ئىبارەت. شۇڭا مەنمۇ بۇ «يول» نامالىق رومانىمدا يىگىرمىدىن ئوشۇق تارىخىي پېرسوناژلارنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە يەنە سەككىزگە يىقىن بەدىئىي ئوبرازلارنى ياراتتىم ۋە نۇرغۇن بەدىئىي توقۇلمىلارنى توقۇدۇم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «بۆرە ئوغلى»، «يەتتە قىز»، « نورۇزقىزى» قاتارلىق توقۇلما رىۋايەتلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق روماننىڭ بەدىئىيلىگىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ،مەزمۇنىنى بېيىتىش ئارقىلىق ئەينى دەۋرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تولۇق ئەكس ئەتتتۇرۇپ بېرىشكە تىرىشتىم ھەمدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرادەك مەشھۇر بىر تارىخىي شەخسنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى كىتابخانىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشتىم. بولۇپمۇ مەن ئەينىي چاغدىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى بەدىئىي بىر ئۇسلۇپتا تەسۋىرلەش ۋە پۈتۈن تىل قابىللىيىتىمنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ مىللىي روھىنى تىرىلىدۈرۈشكە ۋە ئۇنى تېخىمۇ يۇكسەك باشقۇچقا كۆتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. ئەگەر مەن بۇ روماندىكى تارىخىي ۋەقەلەرنى بەدىئىيلىگى تۆۋەن، بەدىئىي ئوبرازلار يارىتىلمىغان ئاساستا پەقەت شۇ تارىخنى ئاساس قىلىپ ئاخپارات تىلى بىلەنلا بايان قىلغان بولسام بۇ رومان بەلكى شۇ دەۋردىكى تارىخلار يېزىلغان تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالغان بولار ئىدى.

«يول» ناملىق بۇ تارىخىي رومان قۇرۇلما جەھەتتىن ئون ئىككى بابتىن تۇزۇلگەن بولۇپ، ھەربىر بابنىڭ بېشىغا «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى شېئىر ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەردىن ئۇزۇندىلەر نەقىل كەلتۈرۈلگەن ۋە روماندا قوللىنىلغان ماقالە-تەممسىل ۋە ھېكمەتلىك سۆزلەردىن بولۇپ 100 دىن ئوشۇق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر قوللىنىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 60 تىن ئوشۇق ماقال-تەمسىللەر «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئېلىنغان. مەن مەخسۇس مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مىراسى بولغان شائانە ئەسەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئازراق بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئۇچۇر بېرىشنى مەقسەت قىلدىم ۋە كۆمۈلۈپ قالغان تىل بايلىقىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تىل ئىستىمالىدا كەڭ قوللىنىشنى مەخسەت ۋە نىشان قىلدىم.
مەن بۇ روماندا يەنە ھەر بىر بابنىڭ باش جۈملىسىنى «يول» دېگەن سۆز بىلەن باشلىدىم ۋە روماننى «يول»دېگەن سۆز بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇم. بۇنداق ئوشۇقچە ئەجىر قىلىپ، ئىزدىنىشىمدىكى سەۋەپ بولسا روماننىڭ بەدىئىيلىكىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈشنى مەخەت قىلغانلىغىمدىندۇر.
مەن ئەنە شۇنداق قابىليىتىم يېتىدىغانغا قەدەر بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق روماندا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى ۋە ئەينى دەۋردىكى مۇرەپكەپ سىياسى ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتترۇپلا قالماي يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن ئىبارەت بۇ كىتابنىمۇ تونۇشتۇرۇپ چىقىش مەخسىتىگە يەتكەن بولدۇم.

مۇئاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى ئوقۇمىغان كىتابلىرى ۋە خەۋەردار بولمىغان تارىخلار نۇرغۇن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز تېخى قەلەمگە ئالمىغان تارىخىي ۋەقەلەرنى تارىخىي رومان قىلىپ يېزىپ چىقىپ كەڭ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغا سۇنۇش ۋە بۇرۇنقى كىتابلارنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەردار قىلىش مۇئاجىرەتتىكى يازغۇچىلارنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىدۇر. چۈنكى بىز بۇ ئارقىلىق بىر جەھەتتىن خەلقىمىزنى ئۆز تارىخىي بىلەن يۈزلەندۈرسەك يەنە بىر جەھەتتىن ئانا تىلنىڭ مەڭگۈ يوقالماي ئەبەدىي بىزنىڭ تىلىمىز بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئوقۇرمەنلەرنى تارىخ بىلەن ئۆزۈ ئوتتۇرىسىدا باغ قۇرغۇزۇپ، مىللىتىمىزنىڭ مىللىي روھىغا ۋارىسلىق قىلىشىغا ۋاستە بولالايمىز. ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن، ئۆتمۈشى بىلەن باغلىنىشى يوق مىللەتنىڭ كەلگۇسى پارلاق بولمايدۇ. بىز كېلەچەككە قانداق قەدەم ئېتىشنى بىلمىسەك، ئۇنداقتا ئۆتمۈشتە قانداق يوللارنى ماڭغانلىقىمىزغا قارىشمىز كېرەك. بىز تارىختىكى تەجىربىلەرنى يەكۇنلەش ئارقىلىقلا ئۆزىمىزگە نامەلۇم بولغان يولنىڭ يولچىسى بولالايمىز. تارىخىي رومانلارنىڭ كۆپلەپ يېزىش نەتىجىسىدە مۇئاجىرەتتىكى مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرك بولالايمىز. مىللىي ئەدەبىياتى راۋاجلانمىغان مىللەتنىڭ روھى زەيىپ كېلىدۇ، روھى زەيىپ بولغان مىللەتتە ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسى بولمايدۇ. چۈنكى مىللىي ئەدەبىيات شۇ مىللەتنىڭ ئۆز تىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەدەبىي تىل بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ روھىغا خىتاپ قىلىپ، شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەتىنى، تارىخىنى، پىسخىكىسىنى، قىممەت قارىشى، پەلسەپەسىنى ۋە تۇرمۇش شەكلىنى، ئوممۇمەن شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىستېتىك بىر شەكىلدە ئىپادىلەيدىغان سەنئەت. بولۇپمۇ بىزدەك ئاسارەت ئاستىدىكى مىللەتلەر ئۈچۈن مىللىي ئەدەبىيات قاراڭغۇ تۇندىكى بىباھا چولپان. بىز پەقەت مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئۆز خەلقىمىزنى ئويغىتالايمىز،ئۆزىگە ئۆزىنى تونىتالايمىز، ئۇلارنىڭ ئېڭىغا خىتاپ قىلىپ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە مىللىي ئويغىنىش ھەركىتىنى قوزغىتالايمىز.شۇڭا مىللىي ئەدەبىيات بىزگە ھەم تارىخىي بىلىملەرنى ئۆگەتسە ھەم سىياسەت ئۆگىتىدۇ، شۇنىڭدەك بىر مىللەتنىڭ بارلىق ئىجتىمايى پائالىيەتلىرىدىن خەۋەردار قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىزنى جەڭگىۋار بىر قوشۇن قىلىپ يېتىشتۇرۇپ چىقىدۇ. دېمەك ئەدەبىيات دېمەك تارىخ دېمەك، سىياسەت دېمەك، پەلسەپە دېمەك يىغىپ ئېيتقاندا ئەدەبىيات دېمەك ھايات دېمەكتۇر. ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز بەدىئىي ئوبرازلىق كۈچى بىلەن، بۇ ھاياتتىكى كۆزىمىزدىن ساقىت بولغان رۇجەكلىرىنى يورۇتۇپ، قايتا جانلاندۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ. دېمىسىمۇ بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىز تارىختىن بۇيان يىغلىساق يىغلىدى، كۈلسەك كۈلدى، بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزدىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەي ھەر زامان بىز بىلەن بىرگە بولدى. ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك قاتمۇ-قات زۇلۇملار ئاستىدا يوقالماي تا بۈگۈنگىچە ئۆز كىملىكىمىز بىلەن ياشاپ كەلدۇق. بىز پەقەت ئەدەبىياتىمىز ئارقىلىقلا ئەمىن تاپتۇق. ئەدەبىيات بىزگە تارىخنى ئۆگەتتى، ئەدەبيىئات بىزگە سىياسەتنى ئۆگەتتى. ئەدەبىيات بىزنىڭ پىسخىكىمىزنى ياشىلاپ، چىدام غەيرەتلىك بولۇشقا ئۇندەپ، يولىمىزنى داۋام قىلىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر مۇئاجىرەتتىكى مىللىي ئەدەبىياتىمىز بولسا بىزنىڭ شىكەستىلەنگەن يارىلىرىمىزغا مەلھەم بولۇپ، روھىمىزنىڭ سۇنماي مەڭگۈ تىرىك تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلمەكتە. ئۆزىمىزنىڭ شانلىق ۋە تراگېدىيەلىك تارىخ يوللىرىمىزنى يورۇتماقتا. تارىخقا شۇنداق نەزەر تاشلايدىغان بولساق مىللىي ئەدەبىياتىمىز بەزىدە بىزنىڭ ئىرادىمىزنى تاۋلاپ قوللىمىزغا قورال ئېلىشقا چاقىرىپ، جەڭگاھتا زەپەر مارشىلىرىنى ياڭرىتىشقا تۇركە بولغان بولسا، بەزىدە بىزگە سەۋر قىلىشنى، ئۆزىمىزنى ئىلىم-پەن بىلەن قوراللاندۇرۇپ، پۇرسەت كۈتۈپ ۋاقتى كەلگەندە ئاتاكىغا ئۆتۈشنى ئۆگىتىپ، بىزگە ئۈمىدنىڭ چىراغلىرىنى تا بۈگۈنگىچە يېقىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزارا شەپقەت يەتكۈزىشنى، بىر-بىرىمىزگە مېھرىبان بولۇشنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە. بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي روھى، ئانا تىلىنىڭ جەۋھەرلىرى، قەلب ۋە ئىستەكلىرىمىزنىڭ گۈل-چېچەكلىرى مۇجەسسەملەنگەن. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىدا ئۆزىمىزنى تولۇق كۆرەلەيمىز، ئۆز ئۆزىمىز تولۇق تونۇپ يېتەلەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ مىللىي روھىنىڭ چاقناپ تۇرغانلىغىنى مىللىي ئەدەبىياتىمىزدەك جاھان ئەينىكىدىن ئىنىق كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇئاجىرەتتىكى مىللىي ئەدەبىياتقا ھېچ بىر زامان سەل قارىماسلىقىمىز، ئۇنىڭ زاۋاللىقا يۈزلىنىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىقىمىز لازىم. ئەگەر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس داۋاسىنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارىمايدىكەن، ئۇنداقتا بىز ئۇزۇنغا بارماي ئۆز ئانا تىلىمىزدىن، ئۆز مەدەنىيەتىمىزدىن ئايرىلىپ قىلىپ، ئۆز كىملىكىمىزنى يوقاتقان بولىمىز ۋە كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزىمىزنىڭ داۋاسىنى قىلىدىغان ئادەم تاپالماي قالىشىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن ئانا ۋەتەندە ئۆز مىللىي ئەدەبىياتى ئۈچۈن قاراڭغۇ زىندانلاردا يېتىۋاتقان ۋە ئەزىز جانلىرىدىن ئايرىلغان ئەزىزلىرىمىزگە يۈز كىلەلمەيدىغان ئەڭ چوڭ خاتالىقنى سادىر قىلغان بولىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن سىرتىدا قولىدا قەلەم تۇتۇشنى بىلىدىغانلا كىشى ئۆزىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك ۋە بۇ كۈرەشلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مۇستەققىلىغى ئۈچۈن قىلىۋاتقان داۋانىڭ بىر پارچىسى دەپ بىلىشى لازىم. يەنە بۇ يولدا ئەدەبىياتنى پۈتۈنلەي سىياسەتلەشتۇرۋېتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر ئەدەبىيات پۈتۈنلەي سىياسەتلىشىپ كەتسە ئەدەبىيات ئۆزىنىڭ سەنئەتكە خاس خۇسۇسىيىتىنى يوقۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشتىن مەھرۇم قالىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەدەبىياتنى سىياسىلەشتۇرمەي سىياسەتنى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئەكس ئەتتۇرۇپ، مىللىي ئەدەبىياتىمىزنى تېخمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۇركە بولىشىمىز ۋە ئەدەبىيات ئىبارەت بۇ بىلىمنىڭ كۈچى بىلەن داۋا يولىدا يۇرگۇزىۋاتقان سىياسەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۇرۇشنىڭ يولىنى قىلىشىمىز كېرەك. شۇڭا رومان ۋە ھېكايىلەرنى يازغاندا پۈتۈنلەي نوقۇل ھالدا ئاخپارات تىلىنى قوللانماي، ئەدەبىي تىل ئارقىلىق بەدىئىي ئوبرازلارنى تېخىمۇ تىپىكلەشتۇرۇپ، پېرسوناژلارنى تىرىك، جانلىق تەسۋىرلەپ، بەدىئىي كۈچنىڭ قۇدرىتى بىلەن مىللىي روھنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەي ھايات قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشمىز لازىم.

ۋەتەن ئىچىدە تاكى 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئەدىپلىرىمىز ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى تارىخىي بۇرچىنى ئادا قىلىپ كەلدى ۋە بۇ يولدا زور بەدەللەرنى تۆۋلىدى. ئەمدى بۇ مۇقەددەس ۋەزىپە ۋەتەن سىرتىدىكى ئەدىبلەرنىڭ زىممىسىغا يۇكلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەن سىرتىدىكى يازغۇچى ۋە شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى بۇرچىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ مەسئۇللىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. يازغۇچى ۋە شائىرلار ئۆزۈ ئىگە بولغان بىلىم، قابىلىيەت، ئىستىداتى ۋە مىللىي روھ بىلەن ئۆزىنىڭ قولىدىكى قەلىمىنى قورال قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەدىئىي تەپەككۈرىنىڭ كۈچى بىلەن ئاچقان يولدا مېڭىپ، مۇشۇ دەۋردىكى مىللىتىمىزنىڭ تەغدىرى، ئېڭى، مىللى بۇرچ تۇيغۇسى، كەلگۇسىگە بولغان يۇكسەك ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىجادىيەتلىرى بىلەن يېڭى يول ئىچىشى كېرەك. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنىڭ جان تومۇرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىدۇر. ئەدەبىياتنىڭ سېھرى كۈچىنىڭ بۇقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكى ئۇنىڭ تارىختىن بۇيان تەۋرەنمەس بىر ھەقىقەت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىندۇر. ئەلۋەتتە بۇ رېئاللىققا ھېچكىممۇ كۆز يۇمالمايدۇ. بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پاك مىللىي روھى، مىللەتنىڭ ۋە جەمىيەتنىڭ ۋۇجۇدۇدىكى ئەزىز جېنى ۋە بىر مىللىي مەسئۇللىيەت، مىللەتنىڭ ئىگىسى. دېمەك ئەدەبىيات يەنە بىر مەنادىن ئېيتقاندا چىن ھەقىقەتنىڭ ئۆزىدۇر. شۇڭا بىر مىلەتنىڭ يازغۇچى ۋە شائىرلىرى شۇ دەۋرنىڭ خاتالىقلىرىنى كۆرەلەيدىغان ۋە دەۋر ئۆزگىرىشلىرىنى پەرق ئىتەلەيدىغان پەرق ئىتىش تۇيغۇسى يۇقۇرى، مەسئۇللىيەت ئېڭىغا ئىگە ئاۋاڭارت قوشۇندۇر. ئۇلار ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق پۈتۈن بىر مىللەت ۋە جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، شۇ مىللەت ۋە جەمىيەتنى مەنىۋىي كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۇركە بولىدىغان مەنىۋى كۈچتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي مىللىتى ئەڭ كىرزىسقا دۈچ كەلگەن دەۋردە، خىتاي مىللىتىنىڭ تېنىنى داۋالاشتىن بەتەر روھىنى داۋالاشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن لۇشۈن ئەپەندى ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى تاشلاپ، قولىغا قەلەم ئېلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللۇنىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي روھىنى ئويغىتىش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلانغان ۋە نۇرغۇن بىباھا ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئەدەبىيات توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:« ئەدەبىيات سەنئەت مىللىي روھنىڭ پارلاق ئۇچقۇنى، شۇنداقلا مىللىي روھنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان مەشئەل. بۇلار خۇددى كۈنجۈت يېغى كۈنجۈتتىن چىقىرۋېلىنغىنىغا، ئەمما كۈنجۈتكە يەنە ياغ ئارلاشتۇرسا كۈنجۈتنىڭ تېخىمۇ ياغلىق بولغىنىغا ئوخشاش بىر-بىرىگە سەۋەپ نەتىجە بولىدۇ» دېمەك ئەدەبىيات بىلەن مىللىي روھ ھېچ بىر زامان بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ئەمەس. بىرسى بولمىسا بىرسى مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ. مىللىي ئەدەبىيات راۋاجلانسا مىللىي روھمۇ كۈچلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مىللىي روھقا ئىگە قورقماس پىداكارلار بولمىغان يەردە ھەقىقىي مىللىي ئەدەبىياتمۇ بولمايدۇ.

2020-يىلى 14-ئاپىرىل، گېرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش