سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » قار

قار

ھەبىبۇللا ئابلىمىت

– ئۈمىد تەۋەككۇلدىن خالى ئەمەس.

*

سەھەر ئىدى، پۈتۈن مەھەللىمىز قەبرىستانلىقتەك جىم-جىتلىققا چۆمگەن ئىدى. ئەسلىدە مۇنداق دېيىشنىڭ ئۆزىمۇ تازا مەنتىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى. قەبرىستانلىقلاردا يەنىلا ئۆلۈكلەرنى يوقلاپ كېلىپ، قەبرىلەرنىڭ بېشىغا گۈل قويىدىغان، ئۇلار ئۈچۈن دۇئا تىلاۋەت قىلىدىغان ئىنسانلار بار ئىدى. ئەممە ھازىر مەھەلىمىزدە قارنىڭ شىررىلداپ يىغىشىدىن چىققان يەڭگىل ئاۋازدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئاۋاز يوق ئىدى. باشلىرى كىسىۋىتىلگەن دەرەخلەر ئاپئاق قارنىڭ ئاستىغا كۇمۇلۇپ، خۇددى شۇ قەبرىستانلىقلاردىكى قەبرىلەرگە ئوخشاپ قالغانتى. كوچىدا ئىنسى-جىن يوق ئىدى. چۈنكى، بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغانلىغى ئۈچۈن گېرمانلار تا سائەت توققۇزغىچە ئۇخلايىتتى. شۇڭا مەھەلىدە مېنىڭدىن باشقا بىر سەھەرچى كۆرۈنمەيتتى.

بۇ يىل تۇزۇكرەك قار ياغمىغانلىغى ئۈچۈن تۈنۈگۈندىن بېرى توختىماي يىغىۋاتقان قارنىڭ كەيپىنى سۇرۇش ئۈچۈن، سەھەردىلا قار سەيلىسى قىلاي دەپ، سىرتقا چىققان ئىدىم. قۇش پەيلىرىدەك ئاپپاق يەرگە يېيىلغان قارلارنى ئاۋايلا دەسسەپ، ئۆينىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كۆل بويىغا قاراپ يول ئالدىم. ئاياق ئاستىمدا ئېزىلىۋاتقان قارلارنىڭ قېرىسلىغان ئاۋازىدىن باشقا بىر ئاۋاز قۇلىغىمغا ئاڭلانمايتتى. مەن ئۆز – ئۆزۈمدىن تەشۋىشلىنىپ پۇتۇمنى يەڭگىل ئېلىپ، يەرنى ئاستا بېسىپ ئىلگىرلىدىم. يولدىكى قارلار خۇددى ماڭا يېڭى بىر كەلگۇسىنى يارىتىش ئىمكانىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھاياتلىق يولۇمنى قايتىدىن ئاقارتىۋاتقاندەك، ھەتتا ئۈستى-بېشىمغا چۇشىۋاتقان ئاپئاق قارلار روھىمدىكى بارلىق كىرلەرنى يېپىۋاتقان تۇيۇلىشقا باشلىدى. ئەنە شۇنداق ھېس-خىياللار ئىچىدە كۆل بويىغا يېتىپ كەلدىم. كۆلنىڭ قىرغاقلىرى قار بىلەن پۇركەنگەن ئىدى. قىشنىڭ جۇدۇنلىرىدا قايرىلىپ سۇنغان تاللار، سارغىيىپ باشلىرى ئىگىلگەن قومۇشلار خۇددى يارىلىرى ئاپپاق داكا بىلەن ئەپچىل تېڭىلغان ئالپلاردەك كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ كەتتى. كۆل سۇيى مۇز تۇتمىغانلىغى ئۈچۈن ئاسماندىن توختىماي چۇشىۋاتقان قارلار، سۇ يۈزىگە چۇشى بىلەنلا ئېرىپ كېتىۋاتاتتى.

مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆككە قارىدىم. توختاۋسىز ھەركەت ئىچىدە يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ چۈشىۋاتقان سان-ساناقسىز قار ئۇچقۇنلىرى كۆكتىكى پەرىلەرنىڭ توزۇپ كەتكەن پەيلىرىدەك يەرگە قاراپ يېغىۋاتاتتى. مانا ئەمدى ئىچىمدىكى ئارزۇ-ئىستەكلەرنىڭ ئۇچقۇنى يۈزۈمدە چاقنىغاندەك بولدى. ئىسسىق لەۋلىرىمگە چۇشكەن قارنى تىلىم بىلەن يالىدىم ۋە يۈزۈمنى تۇيىنى كۆرگىنى بولمايدىغان ئاسمانغا قارىتىپ تۇرۇپ، يۈزۈمگە قاراپ ئۇدۇل يىغىۋاتقان قارلارغا سوغۇققانلىق بىلەن سەپ سالدىم. يەرگە قاراپ چۇشىۋاتقان قارلار سان-ساناقسىز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىر-بىرىگە ھېچ ئۇرۇلۇپ كەتمەيتتى. ھەممىسى شۇنچىلىك نازۇك، شۇنچىلىك سۆيگۈ-مۇھەببەتكە تولغان بىر خىل ھېس بىلەن ھەركەت قىلاتتىكى، يا ئۆزلىرىگە ياكى ئەتراپتىكى ھېچ بىر مەۋجۇدادقا زىيان-زەخمەت يەتكۇزمەيتتى. ھەركىم ئۆز يولىنى بويلاپ توختاۋسىز ھەركەت قىلماقتا ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا كىرپىكلىرىمنى نەمدىۋەتكەن قارلارنى قولۇمنىڭ دۇمبىسى بىلەن سۇرتۇپ تۇرۇپ، جالالىدىن رۇمىنىڭ مۇنداق سۆزى يادىمغا ئالدىم: «قار دانچىلىرى قانچىلىك گۈزەل چۈشەندۇردىكى، بىر-بىرلىرىگە ھېچ زىيان بەرمەستىنمۇ ئۆز يولىغا راۋان بولۇشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىغىنى…»

راست! قارلار ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا بىر-بىرىگە زىيان زەھمەت قىلمايمۇ ئۆز يولىغا ماڭغىنى بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ھاياتتا بىر-بىرىگە مېھرى-مۇھەببەت يەتكۇزۇپ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ تۇرۇپ ئۆزلۈككە قايتىشنىڭ مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئۆز ھەركەتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈشلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بېرىۋاتاتتى. ئەنە كۆل يۈزىگە قاراپ چۇشىۋاتقان قارلار كۆل يۈزىدە ئۆز ئەسلىنى كۆرگەندە، دەرھال مىلىققىدە بولۇپ ئۆزلۈك ئىچىدە ئېرىپ، غايىپ بولۇپ، ئۆزىنىڭ قارلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىۋاتاتتى. مانا بۇ قارلارنىڭ ئېسىل خۇسۇسىيەتلىرى مېنىڭ تەپەككۈرۇمنى ھاياتلىق بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىدكى زامان بىلەن ماكانغا سۆرەپ ئەكىردى. ئۈستىگە چۇشكەن قار دانچىلىرىدىن ئاپاق ئاقارغان تەبىئەتكە قاراپ ھاياتنىڭ قانچىلىك پاكىز، ساپ ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلغان بولساممۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ بۇ ھايتتىكى قىلمىشلىرىدىن بۇلغانغان رىئال تۇرمۇشنى ئويلاپ تەئەججۇپلىنىشكە باشلىدىم ۋە ئاستا ئارقامغا ياندىم.

يول ئۈستىدە بىر قاغىنىڭ قاياقتىندىندۇر ئۇچۇپ كېلىپ، ئارچىنىڭ بىر تال شېخىغا قونۇپ «قاق… قاق…» قىلىپ قاققىلداۋاتقانلىغىغا قاراپ دەم تۇرۇپ قالدىم. توغرا، تەبىئەتتىكى ھەر پەسىلنىڭ، ھەر ئىقلىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆزىگە تۇشلۇق خېرىدارى بار. باھار پەسىلى بولسا بۇلبۇللارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى، رەڭمۇ-رەڭ گۈللەرنىڭ پورەكلىشى بىلەن ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرگە ئىستېتىك زوق ئاتا قىلىدۇ. قىش پەسىلنىڭ كەيپىنى قاغىلار سۈرىدۇ. شۇڭا قىشنىڭ سەلتەنەتى قاغىلارغا ئائىت. قاغىنىڭ قاقىلداشلىرى كۈچەيگەندە بۇلبۇلنىڭ يېقىملىق نىداسى پەسىيىدۇ. بۇلبۇل ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. دېمەك قىشنىڭ جۇدۇنلىرىنىڭ ئالامەتلىرى، كۆڭۈلسىز ھادىسلەر ئىنسانغا بىر ئىستېتىك زوق بەرمەيدۇ. ئەمما، قارنىڭ يېغىشىدا ئاجايىپ بىر ھېكمەت بار، ئۇنىڭ يېغىشى ئادەمنىڭ كۆڭىلىدە باشقا بىر تۇيغۇنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا مەن ئىنسان ھاياتىنى ئاشۇ تەبىئەت ھادىسلىرىدىن بىرى بولغان قارغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم. قارنىڭ ئەسلى ماكانى يەر، ماھىيىتى سۇ. يەردىندىن ئىتىلىپ چىققان سۇ ئۆزارا بىرلىشىپ، بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى، ئۆستەڭلەرنى، دەريالارنى ھاسىل قىلىپ ئاخىرى بېرىپ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. دېڭىز-ئوكياندىكى سۇلار ئاستا-ئاستا پارغا ئايلىنىپ، يۇقۇرغا كۆتۈرۈلۈپ، كۆككە ماكانلىشىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇ يەردە پارچە-پارچە بۇلۇت ھالىتىگە كېلىدۇ، ئاندىن پارچە-پارچە بۇلۇتلار بىرلىشىدۇ. بىرلەشكەن بۇلۇتلار ھاۋا ئېقىمىدا ئېغىرلىشىپ قايتىدىن تۆۋەنگە يامغۇر بولۇپ ياغىدۇ ۋە ياكى سوغاق ھاۋا ئېقىمىدا كىرىستاللىشىپ ئاپئاق قار دانچىلىرىغا ئايلىنىپ، قايتىدىن يەرگە چۈشىدۇ. يەرگە چۈشكەن قارلار سۇ ياكى قۇياش نۇرىنى كۆرسە دەرھال ئۆزلۈككە قايتىپ يەنە سۇغا ئايلىنىپ يەرگە سېڭىدۇ.

ئادەم بۇ دۇنياغا ئاچچىق تولغاق ئاغرىقى ۋە پەلەككە يەتكەن پەرياتلار نەتىجىسىدە قان ئىچىدە دۇنياغا كېلىدۇ. دۇنيادا ئەڭ دەسلەپتە تۇيغىنى يەنىلا ئۆزىنىڭ يىغا ئاۋازى بولىدۇ. مانا بۇلار بۇ ھاياتنىڭ قانچىلىك جاپالىق، زۇلۇم ئىچىدە ئىكەنلىگىنىڭ بىشارىتىدۇر. ئەمما ئىنساندا ئۈمىدتىن ئىبارەت بۇ ئىمان بولغانلىغى ئۈچۈن، مۇشۇ ئىماننىڭ كۈچى بىلەن ئەركىنلىككە ئىنتىلىدۇ. ئەركىنلىككە ئىنتىلىش كۈچى ئادەمنى بۇ ھاياتتا ئالغا باستۇرىدۇ. ئەنە شۇ ئىنتىلىش كۈچىنىڭ تۇركىسى ئاستىدا ئادەم بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىپ ئاخىرى ئۆلىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ھەققىقەت ئادەمگە يەنە بىر يېڭى باشلىنىشنى ئەكىلىدۇ. گەرچە ئادەم ئۆلۈپ، بەدەن ئەسلى ماھىيىتى بولغان تۇپراققا قوشۇلۇپ كەتسىمۇ. ئەمما، روھ كۆكتىن ئىبارەت ئەسلى ماكانى بولغان «ئەلەس ئالەمى» گە قايتىدۇ. دېمەك ئادەم بارلىق تەبى’ئەتتىكى جانلىقلار ۋە ھادىسلەردىن ئۇلۇغدۇر. ئۇنىڭ باقى ماكانى كۆكتۇر. ئەمما ھاياتلىق يولىدىكى سەپەردە ئاشۇ قارچىلىك بىر-بىرىگە سادىق ئەمەس. ئاسماندىن چۈشىۋاتقان قار شۇنچىلىك سان-ساناقسىز تۇرۇپمۇ بىر-بىرىگە يول بېرىپ ئۆز يولىدا ماڭىدۇ ۋە نىشانىغا يېتىپ يەنە ئۆز ماھىيىتى سۇ ئىچىدە ئېرىپ ئۆزلۈككە قايتىدۇ ۋە ياكى قۇياش ئاستىدا ئېرىپ تۇپراققا سېڭىپ كېتىدۇ. ئاققان سۇلار دەريانىڭ ئاستىدا نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان يوللاردا ئوخشىمىغان شەكىلدە ئاقسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئوخشىمىغان ھالىتىنى بىزگە ھېچ كۆرسەتمەي ئۆز يۈزىنى دەريا ئۈستىدە بىردەك كۆرسىتىدۇ. تەڭ دولقۇنلايدۇ، تەڭ بۇجغۇنلايدۇ، تەڭ مەۋج ئۇرىدۇ، بىردەك شاۋقۇن چىقىرىپ، بىردەك تاشىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئوخشاش نىشانغا قاراپ بىرگە ئېقىپ، بىرلىكتە دېڭىزغا قۇيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز ئەركىنلىكىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.

ئىنسانچۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىنسانلار ئوخشاش نىشانغا ھەر خىل يولدا، ھەر خىل شەكىلدە ماغالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەر خىل پىكىردىكىلەر بىر بىرسىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىدۇ؟ بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلار ھەممىزنىڭ نىشانى ئەركىنلىك، ئازاتلىق ۋە ۋىجدان بىلەن مەردانە ئۆلۈپ، ئۆز ئەسلىمىزگە قايتتىش ئەمەسمۇ؟ ياكى پىكىردىن ئىبارەت بۇ ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ جەۋھىرى شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقمۇ؟ ھە چۈشەندەم! شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار ئوخشىمىغان پىكىر-ئىدىيەدىكىلەرنىڭ ئۈستىلىرىگە ھۇجۇم ياغدۇرۇپ، جىمىكى ئالەمنى قىيامەتكە ئايلاندۇرىدۇ، شۇنداقمۇ؟ مىليونلاپ بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆز ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىپ، لاگىرلارغا يېغىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تەڭداشسىز كۈچ سەرىپ قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلارنى قىيناپ قىيما-چىيما قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ قارا تۇپراققا كۆمىدۇ.

ماھىيەتتە بەدەندىن روھ ئۇلۇغ، شەكىلدىن مەنا. ھەمدە دۇنيادا ئۆزگەرمەس بىر ھەقىقەت بار، ئۇ بولسىمۇ ئىنساننىڭ بەدىنى ئەسىر قىلغان بىلەن روھىنى ئەسىر قىلىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ئۇنداقتا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان روھلار بىرلەشسۇن! ئوخشاش نىشان ئۈچۈن يولغا چىققان روھلار ئەنە شۇ ئاپئاق قاردەك ئۆزلۈك يولىدا ئېرىپ، بىر-بىرلىرى بىلەن ئارلىشىپ كەتسۇن! ھەركىم ئۆزۈ توغرا دېگەن يولدا كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىقى ئوخشاش نىشانغا قاراپ توختاۋسىز يول ئالسۇن! ئۇيغۇرلارنىڭ روھى پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ ئەركىنلىككە، ئازاتلىق، ئۆزلۈككە تەلپۇنگەن روھ!

مەن ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۆيۈمنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان ئىدىم. يانچۇقۇمدىن ئاچچۇقنى ئېلىپ، قۇلۇپقا تىقىۋېتىپ مۇنداق ئويلۇدۇم. ھاياتقا كېلىشىمىز ۋە كېتىشىمىز بىزنىڭ ئىرادىمىزدىكى ئىش ئەمەس. كاشكى بىزنىڭ ئىرادىمىزگە بوي سۇنغان بولسا ئىدى. بۇ ھاياتنىڭ قايدە-قانۇنلىرى ئۆز ئىلكىمىزدە بولغان بولاتتى ۋە ئىشلىرىمىزنى ئۆز پىلانىمىز بويىچە ئورۇنلاشتۈرۈپ، بۇ ھاياتتا ھېچ ئۇزۇلمەي، قورقماي تا ئەركىنلككە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۆلمەي كۈرەش قىلغان بولاتتۇق. ئەپسۇس ھەممىمىز چەكلىك زامان، مەلۇم ماكاندا ئۆلۈپ كېتىمىز. شۇڭا ئۆلۈم ھاياتتىن ئۈستۈن. ئۇنداقتا بۇ ئۆلۈم يولىدىكى ھاياتتىن قورقمايلى. قەلبىمىز بىلەن مەنتىقنىڭ ئارىسىدا قالغاندا قەلبىمىزنىڭ ئاۋازىنى تىڭشايلى. يەنە شۇنداقتىمۇ ئەقلىمىز دا’ئىم كاللىمىزدا بولسۇن. ھەرۋاقىت ھاياتتا ئەركىنلىكىمىزدىن مەھرۇم بولۇپ قىلىشقا ۋە روھىمىزنىڭ قۇللۇققا مەھكۇم بولۇپ قىلىشىغا زىنھار يول قويمايلى. ياشىسۇن روھى ئەركىنلىك! دەپ ئاچقۇچنى ئاستا ئوڭغا بۇرۇندۇم ۋە جالالىدىن رۇمىنىڭ:

*

ئېرىپ، سەل بولۇپ ئاقىمەن.
ئۇدۇل دېڭىزغا قاراپ،
مەن دېڭىز ۋە ئوكيانغا ئا’ئىت،
ئەزەلدىنلا مەۋجۇت مەن ئەسلىدە.
يالغۇزمەن، تۇرغۇنمەن،
توڭلاپ، كىرىستاللىشىپ قاپتىمەن.

*

دېگەن شېئىرىنى ئىچىمدە پىچىرلىدىم ۋە قۇلۇپنىڭ تاراق قىلىپ ئىچىلغان ئاۋازى قۇلاق تۆۋىمدە جاراڭلىدى…

2020-يىلى 17-فېۋرال، گېرمانىيە

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش