You Are Here: Home » ۋەزىيەت ئانالىزى » بىز كىچىككىنە خۇشاللىققىمۇ تەشنا مىللەتمىز، ئەمما بۈگۈنكى خۇشاللىقىمىز كىچىك ئەمەس

بىز كىچىككىنە خۇشاللىققىمۇ تەشنا مىللەتمىز، ئەمما بۈگۈنكى خۇشاللىقىمىز كىچىك ئەمەس

رۇقىيە تۇردۇش

بىز داۋاملىق «مۇجاھىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قانداق قىلىپ كۈچلىنەلەيمىز؟ مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ ھۆرلۈك ھەرىكىتىنى قايسى سىستېمىدا ئېلىپ بارىمىز؟» دېگەن سوئاللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلدۇق. ھۆرمەتلىك ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى در.ئەركىن ئەكرەم بۇ سوئاللارغا داۋاملىق قىسقا ۋە ئېنىق جاۋاب بېرىپ، چەت ئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى سىياسىيلىشىشى كېرەك، بىز تېخى بۇ باسقۇچقا كىرىپ بولالمىدۇق، سىياسىيلاشقاندا، كېلىدىغان ۋە كېلىۋاتقان پۇرسەتلەر ئۈچۈن تەييارلىق قىلالايمىز، دېگەننى تەكىتلەپ كەلدى. ئۇنداقتا بىزنىڭ خەلقئارادىكى مەسىلىمىز قانداق سىياسىيلىشىدۇ؟ ئەلۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى باللىلىرىنى ئوقۇتۇپ ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك تۈزۈلمىلىرى، ھۆكۈمەت قۇرۇلمىلىرىغىچە سىڭىپ كىرىپ، خۇددى يەھۇدىيلاردەك ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كورسىتەلىگەندە، ئاندىن سىياسىيلىشىدۇ. ئېسىمدە ناھايىتى ئېنىق تۇرۇپتۇ، كاناداغا كېلىپ ئەڭ دەسلەپ تونۇغان يەرلىك دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادۋوكات بولۇپ، ھەممىسىلا دېگۈدەك يەھۇدىي ئىدى. مەن ئۆز ۋاقتىدا ياشىغان مونترېئال شەھىرىدە فىرانسۇزلارنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي، يەھۇدىيلارنىڭ كۈچىنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇ يەردە ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقانىدى. ھەيرانلىق بىلەن بىر ئادۋوكات تونۇشۇمدىن، يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسىلا ئادۋوكاتمۇ ياكى ماڭا ئۇچرىغانلار ئادۋوكات چىقىپ قالدىمۇ؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ: «بۇ يەردىكى يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادۋوكات. كىچىكىمىزدە مەجبۇرىي يەھۇدىي مەكتىپىدە ئوقۇيمىز، يەھۇدىي مەكتىپىدە ئوقۇغانلارنىڭ ئىككىلا تاللاش يولى بار؛ ئۇ بولسىمۇ ئادۋوكات بولۇپ، دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىسرائىل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ياكى ئىسرائىلغا كېتىپ ھەربىي گېنېرال بولۇپ، ئىسرائىل دۆلىتى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسىتىشتىن ئىبارەت» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇنىڭ گېپىنىڭ قانچىلىك راست ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. شۇ چاغدىلا باشقىلارنىڭ دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش، قانۇن لايىھەسى تۈزۈش ۋە بۇ ھوقۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ بەك قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئاسان قولغا كېلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئىدىم. ئەمما، ئۈمىدنى يەنىلا «بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ ئوقۇتۇپ …» دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىگە، بالىلىرىغا ئارتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ياغمۇچتەك ئاچچىق تەقدىرىمىزدىن بەكمۇ ئازابلىناتتىم. چۈنكى، ۋەتەننىڭ ئەھۋالى بىزنى ساقلاپ تۇرالمايتتى، بىز قىرىلىپ تۈگەپ كېتىش باسقۇچىدا ئىدۇق. مۇشۇنداق ئاچچىق، شاكىراپتەك قارا قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقىنىمىزدا، ئۇزۇن يىللىق سەمىمىي دوستىمىز، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھاجىرەتتىكى دەۋاسى ئۈچۈن ھاردىم – تالدىم دېمەي، ئىنتايىن كەسپىيلىك بىلەن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك قېرىندىشىمىز نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسېي پېلوسى خانىم تەرىپىدىن ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ يېڭى ئالىي ھەيئەتلىكىگە يەنى كومىسسارلىقىغا تەيىنلىنىشى، بۇ قارا تەقدىرىمىزنى بۆسۈپ، مۇساپىمىزنى قىسقارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىياسىيلىشىشىدا تۇنجى قەدەمنى باستى. ھەقىقەتەنمۇ تاڭ ئاتماس كېچىنىڭ مەھكۇملىرىدەك ياشاۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ قەلبىنى يورۇتقان بۇ ئۈمىد، دەۋا يولىمىزنىڭ سىياسىيلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىنى، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تەبرىكلىمەسلىككە، ھاياجانلانماسلىققا ھېچقانداق ھەققى ياكى سەۋەبى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇجاھىرەتتىكى دەۋاسىنىڭ سىياسىيلىشىشىغا ئېچىلغان بۇ يول، دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلامنى ۋىرۇس دەپ جاكارلاپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىغى، خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك تەلىپىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىۋاتقانلىقى تۈپەيلىدىن كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان، تەيۋەن مۇستەقىللىقىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەننى قوشۇۋېلىپ بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم يۈرگۈزمەكچى بولۇشىغا قاتتىق قارشى چىققان سەي يىڭۋىن ئەڭ كۆپ ئاۋاز بىلەن ئىككىنچى قېتىم تەيۋەن پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان مۇشۇنداق بىر سىياسىي ۋەزىيەتتە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، بىز ئامېرىكادىن ئىبارەت خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئادالەت تەرەپتە تۇرۇپ، ئەركىنلىك قىممەت قارىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان كۈچلۈك بىر دۆلەت تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان ھالقىلىق تارىخىي پۇرسەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز.

ھەممىمىزگە مەلۇم، ئامېرىكا بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىش تېخنىكىلىرىغا ياردەم قىلغان ياكى ۋاسىتىلىك چېتىشلىقى بولغان 28 خىتاي شىركىتىنى، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرى ۋە خىتاي ساقچى بىخەتەرلىك ئىشخانىلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىدېئولۇق تەكشۈرۈش كامېرالىرى ياسايدىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زاۋۇت ھىكۋىسون، شۇنداقلا خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان 68 شىركەتمۇ بار بولۇپ، ۋاشىنگتون بۇ تىزىملىك ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئىمپورت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشىغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزدى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سالغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى، يەنى ئۆتكەن جۈمە يەنە ئامېرىكا سودا ئىشلىرى باشقارمىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشقا قاتناشقان 9 كارخانا – شىركەتنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىن ھەرقانداق نەرسىنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىدى. بۇ دەل نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش بىلەن ئوخشاش بىر كۈندە ئېلىپ بېرىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇش ئامېرىكا يۇقىرى قاتلام ھوقۇق مەركىزىدە ئومۇمىيۈزلۈك بىر كەيپىياتقا ئايلانغان بولۇپ، ئامېرىكادىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى چوڭ پارتىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنىڭ ئاۋام پالاتا ۋە كېڭەش پالاتا – ھەر ئىككىسىدىكى پارتىيە لىدېرلىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، ئامېرىكادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئايال لىدېر نەنسېي پېلوسىي خانىمنىڭ، مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېلان قىلىش ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش بىلەن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي ھەيئىتىگە تەيىنلىشى ۋە بۈگۈن ئۇيغۇر قانۇنىي چىقىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئاممىغا ئېلان قىلىنىشى بىزگە پۇرسەتنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقى ۋە قانداق كېڭەيتىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.

شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى رامىزان ئېيى ۋە روزا ھېيتنى ئازاپ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان مۇشۇنداق بىر كۈندە، ھەر بىر ئۇيغۇر بۇنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بېرىلگەن ئەڭ كاتتا ھېيتلىق سوۋغا دېمەي تۇرالمايمىز. تېخى ئۆتكەن يىلىلا ئۆز قابىلىيىتى ۋە ئۆتكۈرلۈكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قىزلىرىمىزدىن ئەلنىگار ئابلىكىم ئىلتەبىر ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىكىگە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئەلنىگاردىن ئىپتىخارلىنىش، سۆيۈنۈش ھاياجىنىمىز تېخى بېسىقماي تۇرۇپلا، بۈگۈن يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت سىياسىي قۇرۇلمىسى ئىچىدە ھوقۇق تۇتۇشى بىزنى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن سۆيۈندۈردى.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ئامېرىكانىڭ فېدېراتىپ ھۆكۈمەت دەرىجىلىك كومىتېتى بولۇپ، 1998- يىلى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن قۇرۇلغان. كومىتېتتىكى ۋەكىللەر پىرېزىدېنت ۋە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسىدىن ئىبارەت پېشقەدەملەردىن تەركىپ تاپقان ھەر ئىككى سىياسىي پارتىيە لىدېرلىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە تەيىنلىنىدىغان بولۇپ، كومىتېتتىكى ۋەكىللەرنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش ۋە بۇ ھەقتە ئامېرىكا پىرېزىدېنتىغا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە سىياسەتلەرنى تۈزۈش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ. نۇرى تۈركەل ئەپەندىمگە بېرىلگەن ھوقۇق، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق ئەركىنلىككە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە باشقا دۆلەتلەر ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىمۇ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە كۈنتەرتىپكە تەرتىپكە ئەكېلىش، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن، شۇنداقلا دىنىي ئەركىنلىكى دەپسەندە بولۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئارقىلىق دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئامېرىكانىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ تەيىنلىنىشى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە:

بىرىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ چوڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى 70 يىل تەتقىق قىلغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى يوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مۇسۇلمانلارنى يەر يۈزىدىن يوقاتماقچى بولۇۋاتقان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە، دىنىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ جىددىي ياردىمىگە موھتاجمىز. ۋە بۇ ياردەمنى ئاللاھتىن كېچە – كۈندۈز تىلەپ كېلىۋاتىمىز. بىر ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكا دۆلەت سىياسىتىگە تەسىر يەتكۈزەلەيدىغان، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداش ھوقۇقىنى قولىغا ئالغانلىقى ۋە بۇ ھوقۇقنىڭ مانا مۇشۇنداق بۈيۈك دىپلوماتىك مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىر ئۇيغۇر ئادۋوكاتنىڭ قولىغا ئۆتۈشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ سىياسىيلىشىشقا قاراپ ماڭغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي باسقۇچنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچىدىن، بۇ ھوقۇقنىڭ نۇرى تۈركەلدەك بىر مۇسۇلمانغا بېرىلىشى، ئىسلاموفوبىيا ئەۋج ئېلىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىسلام دىنىنىلا ئەمەس پۈتۈن دىنلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان بىر نەمۇنەسىنى تىكلەيدۇ. بۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈنمۇ زور شەرەپ.

ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىغا ۋەكىل بولغۇچىنىڭ خىتاي تۇخۇمىنى قۇرۇتۇۋەتمەكچى بولۇۋاتقان بىر مىللەتكە مەنسۇپ بولۇشى خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك دىپلوماتىك بېشارەت ۋە زەربە بولۇپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا بولغان، غورۇرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە ئۈمىد نۇرىنى چاچىدىغان بىر يۇلتۇزدۇر.

خىتايدىن ئىبارەت بىر چوڭ ۋە ياۋۇز دۆلەتكىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىكى خىتايغا ئوخشاش ئەركىنلىكنىڭ دۈشمىنى بولغان، خىتاي بىلەن ئوخشاش ئىدېئولوگىيەدىكى دىكتاتور دۆلەتلەرگە قارشى دىنىي ئەركىنلىك ساھەسىدە دىپلوماتىك ئۇرۇش ئېلىپ بېرىش ناھايىتىمۇ زور بىر مەسئۇلىيەت؛ بۇ مەسئۇلىيەت ئۇنى كۆتۈرەلەيدىغان ئەڭ توغرا ۋاقىتتا، ئەڭ توغرا شەكىلدە تاللانغان بىر نامزاتقا يەنى نۇرى تۈركەل ئەپەندىمگە بېرىلدى. چۈنكى، نۇرى تۈركەل قانداقتۇر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىكى دىپلوماتىك ئۇرۇش تۈپەيلىدىن چوقۇم بىر ئۇيغۇرنى بۇ ئورۇنغا چىقىرىپ قويۇش ئۈچۈنلا تاللانغان كىشى ئەمەس. ئۇنىڭ تاللىنىشى مائارىپ تەربىيەسى، سىياسىي ئىقتىدارى، تەجرىبىسى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى، قىسقىسى بۇ بۈيۈك مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان بىردىنبىر كۈچلۈك نامزات بولۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. نۇرى تۈركەل، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ۋە قانۇنشۇناسلىق بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. نۇرى تۈركەل ئامېرىكادىكى بەلكىم غەرب ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى قانۇنشۇناسلىقتا دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە بۇ ساھەدە تۇنجى ئىجازەتنامە ئالغان ئادۋوكات. ئۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئاۋىياتسىيە ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئادۋوكاتىدۇر. نۇرى تۈركەل ئەپەندىمنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى ۋە ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا قانداق رول ئوينىغانلىقى، جازا لاگېرلىرى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە كوپ قېتىم گۇۋاھلىق بېرىپ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ نۇرى تۈركەلنىڭ تەشەببۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرغا ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بولۇپ، پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولۇشىدا قانداق خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەنلىكىنى، ئامېرىكادىكى ئاساسلىق قانۇن چىقارغۇچىلار، تەدبىر يەنى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىگە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ساھەسىدە مەسلىھەتلەرنى بەرگەنلىكىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى تولۇق تەرجىمىھالىدىن كۆرۈۋالغايسىلەر. نۇرى تۈركەلنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك كەسپى ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پارتىيە، ئىدېئولوگىيە، ئىرق، ۋە دىننى مەزھەپ ئايرىمايدىغان ئورتاق مىللىي ۋە دۆلەت مەنپەئەتى مەسىلىسىگە ۋە كۆز قارىشىغا يۈزلەندۈرۈش ۋە شۇنداق ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىقىدۇر.

نۇرى تۈركەل ئادۋوكاتلىقتىن ئىبارەت 8 سائەتلىك تولۇق خىزمىتىدىن سىرت توختىماي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەۋاسى ئۈچۈن سىياسىي مۇنبەرلەردە نۇتۇق سۆزلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ سۆزلىمىگەن، ئۇنى زىيارەت قىلمىغان چوڭ مەتبۇئاتلار يوق دېيىشكە بولىدۇ.

نۇرى تۈركەل شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇجاھىرەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەركىنلىك دەۋاسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈنلا ئەمەس، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ خەلقئارالىق ئەركىنلىكىنى ئەڭ توغرا شەكىلدە قوغدىيالىشى ئۈچۈنمۇ بىر كۈچلۈك قورال. مەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئۇنىڭ بۇ بۈيۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن! ئۇنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئەركىنلىكى بوغۇلۇۋاتقان، غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، ھەتتا يوقىلىش گىرداۋىغا ئىتتىرىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ قولىدىكى بىر شەمشەر بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە سەمىمىي تىلەكداشمەن.

قىممەتلىك دوستۇم نۇرى تۈركەل، ۋەزىپىڭىز ئېغىر، دۈشمىنىڭىز كۈچلۈك، ئەمما ئاللاھ ۋە ئادالەت سىز بىلەن بىرگە. يولىڭىز ئوچۇق بولسۇن! سىزگە يېڭى خىزمىتىڭىزدە ئۇتۇق تىلەيمەن، بارلىق ئىشلىرىڭىزدا ئۇتۇق تىلەيمەن! سىزنى تەبرىكلەيمەن!

نۇرى تۇركەل تەرجىمىھالى:

نۇرى تۈركەل ئادۇۋكات ۋە ئۇيغۇر ھوقۇق تەشەببۇسچىسى. ئۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ قايتا تەربىيلەش لاگىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، دۇنياغا كۆز ئاچقان دەسلەپكى نەچچە ئايلىرىنى ئانىسى بىلەن ئەسىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. ئۇ 1995- يىلى ئوقۇچى سالاھىيەت بىلەن ئامېرىكىغا كېلىپ، 1997- يىلى سىياسى پاناھلىق تىلەيدۇ. ئۇ ئامېرىكىدا قانۇندا ئوقۇغان تۇنجى ئۇيغۇر.

نۇرى تۈركەل ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇنۋېرىستىتىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ۋە قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن . ئۇ كولۇمبىيە رايونىدا ئادۋۇكاتلىق پراۋىسىنى ئالغان . ئۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىش ، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ، ئاۋىئاتسىيە ۋە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئادۇۋكاتى. ئۇ كەسپىي ھاياتىدىن باشقا ، ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئامېرىكا ۋە ئۇنىۋېرسال دېموكراتىك قائىدىلىرىنى قوللاشقا سەرپ قىلدى.

2004-يىلدىن 2006-يىلغىچە ، نۇرى تۈركەل ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان. ئۇ بۇ مەزگىلدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن . بۇ تىرىشچانلىقلىرى ئارىسىدا كۆرۈنەرلىكلىرىدىن بولغىنى : 2005-يىلى مارتتا ئۇيغۇر ۋىجدانى مەھبۇس رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇ 2003- يىلى ئۆزى بىرلىشىپ قۇرغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلىشىنىڭ تۇنجى ئىجرائىيە مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئۇ2004 – يىلى دۆۋلەتلىك دېموكراتىيە فوندىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىغا ، 2005- يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا دەسلەپكى فوندىنى تەستىقلىشى ۋە داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. تەستىقلانغان ئىقتىساد ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىدا ھۆججەت تۇرغۇزۇش ۋە تەتقىقات ئ‍شلىرىغا ئىشلىتىلسە ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا بولسا خىتايدا ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ دېموكراتىك ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئۆتىيەلەيدىغان كەلگۈسى ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئاجرىتىلغان . نۇرى تۈركەل 2018- يىلى مارت ئېيىدىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ مۇدىرىيەت ھەيئىتى ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.

2005- يىلدىن 2009- يىلىغىچە ، نۇرى تۈركەل كۇبانىڭ گۇۋانتاناما قولتۇقىغا جايلاشقان ئامېرىكا ھەربىي تۈرمىسىدە خاتا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىش تەشەببۇس خىزمىتىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈپ ، ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ۋەسلى بولۇش ئارقىلىق ، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقلاردا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان.

نۇرى تۈركەل «ۋال كوچىسى گېزىتى»، «مۇستەقىل» ۋە «تاشقى سىياسەت» قاتارلىق نەشىرياتلارغا سىياسەت خاراكتېرلىك ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان. ئۇ ئامېرىكا مەجلىسىدە كۆپلىگەن گۇۋاھلىقلارنى بەرگەن ۋە ئاساسلىق قانۇن چىقارغۇچىلار ، تەدبىر يەنى سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەر، ۋە ئۇلارنىڭ ياردەمچىلىرىگە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ساھەسىدە مەسلىھەت بەرگەن. ئۇ ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئاۋسترالىيە پارلامىتىدا سىياسەت ۋە قانۇن چىقىرىش خىزمەتلىرىدە تەشەببۇس ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ئىزچىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنۋېرسال كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسى خىزمىتىنى قىلىدىغان كۈنلۈك تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇنى ۋە سىياسى مەسلىھەتچىلىك رولىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

نۇرى تۈركەل دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ قانۇنى ۋەكىلى ۋە ياردەمچىسى بولغان. ۋە دولقۇن ئەيسانىڭ ئامېرىكىغا ساياھەت قىلىش ئىمتىيازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى خالىقارالىق جىنايى ئىشلار ساقچى ئورگىنىنىڭ تۇتۇش تىزىملىكتىن چىقىرىش خىزمىتىدە مۇۋاپىقىيەت قازانغان. ئۇ يەنە ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ پانالىق تىلەش ئىشلىرىدىمۇ ياردەمدە بولغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ، ئامېرىكىدا 150 ئۇيغۇرنىڭ سىياسى پاناھلىق ئىشلىرىدا ئۇلارنىڭ قانۇنى ۋەكىلى بولۇپ ، پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل بولۇشىدا مۇۋاپىقىيەت قازانغان .
2017-يىلدىن باشلاپ، نۇرى تۈركەل ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرۈك مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن چوڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى سەۋەپلىك ، ئۇلار توغۇرسىدا نۇرغۇنلىغان سىياسى مۇنبەرلەردە ئىنستىتۇت ۋە كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىدا نۇتۇق بەردى .

ئ‍ۇنىڭدىن سىرت ب ب س، س ن ن ،قاتارلىق ئاساسلىق مىدىيالار ۋە فوكىس ،ئال جازىرە ۋە سىكاي خەۋىرى قاتارلىق ئاخپىرات ۋاستىلىرىدا تىنىمسىز زىيارەتلەرنى قوبۇل قىلىدى.

شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرىنىڭ خەۋەرلىرى تاقىلىشقا باشلىغان ئەڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ، نۇرى تۈركەل زور خەتەرگە تەۋۋەككۈل قىلىپ ، جازا لاگېرى توغرۇلۇق ھەرخىل مۇنبەرلەردە سۆز ئاچىدۇ. 2018- يىلى ئاپىرىلدا ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا بەرگەن نەق مەيدان زىيارىتىدىن كىيىن ئۇلۇشۇپ «مەملىكەتلىك ئوبزور» نەشىرياتىدا نۇرى تۈركەلنىڭ نەق مەيدان زىيارىتىدىكى سۆزلىرى ئامېرىكا ئوبزورىلىرىدا نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ . بۇ ئوبزورچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى چوڭ كۆلەمدە تۇتۇشقا باشلىغاندىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرىشىنىڭ تۇنجى باشلىنىشى ئىدى . نۇرى تۈركەل ئاتا ئانىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش خارەكتىرلىك بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىشىغا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ يەنىلا جازا لاگېرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى .
نۇرى تۈركەلنىڭ يېقىنقى نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى جەنۋە باشلىقلار يىغىنى ، ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى، خەلىقارا دىنى ئەركىنلىك توغرىسىدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا – تىنىچ ئوكيان رايونلۇق دىئالوگ، ئاسىيا تەتقىقات بىرلەشمىسى ، ئاتلانتىك ئوكيان كېڭىشى ، تاشقى ئىشلار كېڭىشى ، خادسون ئۇنۋېرسىتىتى، كاتو ئۇنۋېرسىتىتى ، مىراس فوندى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان مۇنازىرە مۇنبىرى ، يىغىن ۋە ئۇنۋېرسىتتتلارغىچە بولغان پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
نۇرى تۈركەل 2018- يىلى ئەترەت باشلاپ ئاۋىستىرالىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ ، بۇ قېتىملىق زىيارىتى مىدىيا زىيارىتى ، ئاۋۇستىرالىيە پارلامىتىدا ئامېرىكا مەگنىتسىكىي قانۇنى توغۇرلۇق مۇلاھىزىلەر ۋە لوۋى ئىنستىتۇتى، ئاۋىستىرالىيە مەملىكەتلىك ئۇنۋىرسىتىتى ۋە لا تروبى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاممىۋى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

لاگېرلار توغۇرلۇق خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا مەجلىسىنىڭ خىتايغا قارىتا قانۇنى جەھەتتىن ئىنكاس قايتۇرۇش تەششەببۇسىدىن بۇرۇن ، نۇرى تۈركەل ئامېرىكا مەجلىسىدە 2 قېتىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ . بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ، قانۇن تۈزگۈچىلەر نۇرى تۈركەلنىڭ تەشەببۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا ئائىت قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلايدۇ .

نۇرى تۈركەل يۇقارقى پائالىيەتلىرىنى شەخسى قۇربانلىق بېرىش بەدىلىگە قارىماي داۋاملاشتۇرىدۇ .ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ پائالىيىتى تۈپەيلى قولغا ئېلىنىدۇ . 2007 – يىلى ئاتا ئانىسىنىڭ پاسپورتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تارتىۋىلىنىپ ئۇلارنىڭ دۆۋلەت چېگرىسىنى ئاتلاپ ساياھەت قىلىشى چەكلىنىدۇ . نۇرى تۈركەل 2004- يىلدىن ھازىرغىچە ئانىسى بىلەن كۆرەلمەيۋاتىدۇ . 2014- يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇ تۈركىيەدە بىر نەچچە كۈنلا دادىسى بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. نۇرى تۇركەلنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاممىۋى تەشەببۇسى تۈپەيلى ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ھازىرغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەھدىت ، بۇزغۇنچىلىق ۋە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچراپ كەلمەكتە . گەرچە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى داۋاملىق خىتايدا خەتەر ئىچىدە بولسىمۇ ، ئۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەقىقى ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەركەت قىلماقتا.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top