• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » پادىچى بالا

پادىچى بالا

‌‌پادىچى بالا (ھېكايە)

ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

ئانا يۇرتنىڭ سان-ساناقسىز تاغ-دەريالىرىدىن بىرى بولغان، قاش دەرياسىنىڭ كىچىك بىر تارماق ئېقىنىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشۇ داۋاننىڭ ئۈستىدە ئولتۈرغان پادىچى بالا، ئۆتكۈر كۆزلىرىنى ئۇزاق-ئۇزاقلارغا تىكىپ، تېرەن خىيال دەرياسى ئىچىگە تېپ-تىچ شۇڭغۇغان ئىدى. گاھ ئاستىلاپ، گاھ جۇشقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى، گاھ شاقىراپ، گاھ بۇژغۇنلاپ ئېقىپ، بەزىدە تۆپىلىكلەردىن ئارتىلسا، بەزىدە ئازگاللارغا باشچىلاپ شۇڭغۇپ، يەنە ئۆز يولىنى بويلاپ مەۋج ئۇرۇپ ئېقىۋاتاتتى. يانلىرىدا يالتىراپ تۇرغان زۇمرەتتەك تاشلارغا مارجان دانچىلىرىنى شوخلۇق بىلەن چېچىپ قاچاتتى. ئەنە ئاشۇ ئابرال تاغلىرىنىڭ يۈرەك قېنى ئېقىۋاتقان بۇ ئەزم دەريا، ئۇنىڭغا ئۆز ئانا يۇرتىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەرنى بىر-بىرلەپ ھېكايە قىلىپ بېرىۋاتقاندەك، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئاجايىپ تراگېدىيەلىك كەچمىشلىرىنى مۇڭلۇق بىر كۈي قىلىپ ئېيتىۋاتقاندەك قىلاتتى. پادىچى بالا دەريا ئېقىنىغا بېقىپ تۇرۇپ، ئىچىگە سىغدۇرالمايۋاتقان ئوي-خىياللىرىنى قولىدا ئويناپ ئولتۇرغان چىۋىققا قوشۇپ دەريا سۈيىگە قارىتىپ ئاتتى. ئاندىن ئۇ، ئۆزىنىڭ نەزىرىنى ئۇدۇلىدىكى بىر-بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن ئېگىز-پەس تاغلارغا ئاقتۇردى. ئەمدى ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرى ئاشۇ تاغ چوققىلىرىدىن خالقىپ، كۆك يۈزىدە لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتلارغا يەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ قارا كۆزلىرى تاغنىڭ ئاقارغان بېشى تاقاشقان كۆككە تېكىلىپ قالدى. كۆكتىكى بۇلۇتلارنىڭ تەبىئىي شەكلى خۇددى رىۋايەتلەردىكى بۆرىلەرنىڭ ئىلاھى بولغان بۆرە ئانىغا قۇيۇپ قويغدەكلا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ يوغان بېشى، توم بويۇنلىرى، كۇلرەڭ بولاق يالىسى، گىروي گەۋدىسى، ئارقىسىغا توغرا ئۇزانغان قۇيرۇقى شۇنچىلىك ئېنىق كۆرىنىپ تۇراتتى. پادىچى بالا بۆرە ئانىغا قاراپ، ئۆز ھالىنى بايان ئەيلىدى:

«ھەي بۆرە ئانا، ئەي بۆرىلەرنىڭ ئىلاھى! ماڭا ياخشى بىر قارا. مانا ئۇدۇلۇڭدا تۇرۇپتىمەن. مەن كىچىك بىر پادىچى بولىمەن. مۇشۇ داۋاننىڭ ئۈستىدە، دەريانىڭ يان باغرىدا ساڭا قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن. ياپپۇ-يالغۇز تەلەيسىز بىر بالىمەن. نەچچە يىلدىن بېرى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان دادامنى سېغىنىپ، ئۇنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپتىمەن. تېخى كىچىك ئىنىم دادامنى تېخى كۆرمىدى. چۈنكى دادام ئاشۇ تاغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ كەتكەندە، ئۇ تېخى ئانامنىڭ قوسىقىدا ئىدى. مانا ھازىر ئۇمۇ يەتتە ياشقا كىرىپ قالدى. مەن بولسا ئون ئىككى ياشتا. ئەي بۆرە ئانا نەچچە يىلدىن بېرى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان دادامنىڭ يېنىغا كۆتەرسەڭچۇ مېنى. ۋىسال لەززىتىنىڭ شېرىن مېۋىسىنى تېتىتساڭچۇ ماڭا!»

دەل مۇشۇ چاغدا تاغ تەرەپتىكى نەچچە يۇز يىلدىن بېرى قەددىنى رۇسلاپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بەھەيۋەت قارىغايلار، دۇب دەرەخلىرى ۋە چىنارلارنىڭ شىددەتلىك دولقۇنلىرى كۆرۈندى. ئۇلارنىڭ تۇۋىدە ئۆسكەن مامۇقتەك يۇمران تەپمۇ- تەكشى،ياپ-يېشىل چۆپلەر ۋە بەس-بەستە ئېچىلغان رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ئۈستىدە ئاجاياپ-غارايىپ سايىلەر كۆرۈنگەندەك بولدى ۋە بىردىنلا بۆرىلەرنىڭ ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىنى لەختە-لەختە قىلىدىغان ھوۋلاشلىرى يىراق-يىراقلاردىن ئاڭلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئاۋازلار بارغانسېرى كۈچۇيۇپ، ئۈمىدسىزلىك، چارىسىزلىك ئىچىدە قالغانلىغىنى پۈتۈن ئالەمگە ئاڭلىتىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدا مۇدھىش بىر ئازاپ، مۇدھىش بىر غەزەپ بار ئىدى. بىرسى توختىسا ، ئارقىسىدىن يەنە بىرسىنىڭ ھوۋلىغان ئاۋازى جاھاننى زىل-زىلگە سېلىۋاتاتتى. قاراڭغۇنى جېنىدىن بەتەر ياخشى كۆرىدىغان بۆرىلەر تېخى قاراڭغۇ كېچىگە ئۇلاشماي تۇرۇپلا، ھاياتى كۈچى يايراپ كەتكەندەك قىلاتتى. چۈنكى ئۇنىڭ جەڭگە بولغان مەپتۇنلۇقى، ئۇنىڭ روھىدا ئەنە شۇنداق ھاياجاننى قوزغاتقان بولسا كېرەك.

ئەنە بۆرىلەرنىڭ ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىنى لەختە-لەختە قىلىدىغان ھوۋلاشلىرى داۋام قىلماقتا. ئۇلار ھەقسىزلىك، ئادالەتسىزلىك قاپلىغان جەمىيەتكە قارشى ئۆز ھوۋلاشلىرى ئارقىلىق ئىسيان كۆتەرمەكتە، قاراڭغۇ كېچىدىكى جەڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ھازىرلاپ، تەق تۇرماقتا. چۈنكى بۇ غاپتارى پەلەك بۆرىلەرنىڭ ئەزەلدىن دوستى بولۇپ كەلگەن يايلاق ئاھالىسىگە دۈشمەن بولغاندەك، بۆرىلەرگىمۇ دۈشمەنلىك قىلغان ئىدى. مۇشۇ زېمىننىڭ ئەزەلى ۋە ئەبەدى ئىگىلىرىنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن ھاياتىنى ئۆز ئىلكىدىن ئېلىۋالغىنىدەك، بۆرىلەرنىڭ ئەسلى ماكانى بولغان تاغلارنىمۇ ئىگىلەپ، بورىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇ يەرلەردىن سۈرۈپ-توقاي قىلىۋەتكەن ئىدى. ئەمما بۆرىلەر ئۆز دۈشمەنلىرىگە ئۇنداق ئاسان بوي ئىگىدىغان ھايۋانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىنتىقام تۇيغۇسى ئالامەت كۈچلۈك بولۇپ، ھەر پۈرسەتتە ئۆز دۈشمەنلىرىدن ئىنتىقاملىرىنى ئېلىشقا تەييار تۇراتتى. ئۇلاردىكى تۇغما ئىقتىدار ئۇلارنى ئەنە شۇنداق ئېگىلمەس روھقا ئىگە قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تەبىئىيتى ئۆزلىرىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ كەمسىتىلىشىگە زىنھار يول قويمايتتى. بۇنداق چاغدا ئۆزىنى جەڭگە ئاتاۋېتەتتى، ئۆلسىمۇ ھەرگىز قۇل بولمايتتى، ئىتتەك بوينىغا زەنجىر سېلىنىشتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل بىلەتتى. شۇڭا بۆرىلەر ئەزەلدىن تارتىپ يايلاقنى باغرىغان بېسىپ ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ روھىي ئۇستازى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بولۇپمۇ بۆرىنىڭ ئەسلا قۇل بولمايدىغان قەيسەرلىك ۋە ئەركىنلىك روھى يايلاق مىجەزلىك ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلگىسى ئىدى. بۆرىلەرنىڭ ئېگىلمەي-سۇنماي ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشايدىغان، ھەتتا قارشى تۇرغىنى بولمايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى يەتمەيدىغان سىرتقى كۈچكە ئۆزىنىڭ ئەزىز جېنىنى قۇربان قىلىپ تۇرۇپ زەربە بېرەلەيدىغان روھى ھەقىقەتتەن يايلاق مىجەزلىك خەلقلەر ھۆرمەتلەيدىغان ئېسىل روھ ئىدى. ئەما ھازىر يايلاق مىجەزلىك خەلقلەر بىلەن تەڭ بۆرىلەرمۇ زۇلۇمغا ئۇچراپ، ئاستا-ئاستا يوقىلىۋاتاتتى. مانا ئەتراپتا بولۇق يېشىل ئوت-چۆپلەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. بىرلىرى كېلىپ خۇددى بۇ زېمىننىڭ ئۈستىنى قۇم قەغەز بىلەن سۈرتىۋاتقاندەك، ھەممە يەردىن قۇم ئۆرلەپ، ئۈستىگە ئېگىز-ئېگىز بىنالار ئىنشا قىلىنىپ، يايلاق بىلەن تەڭ يايلاق روھلۇق مىللەتلەرنىڭ روھىمۇ تەڭ قۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۆرىلەر ئۆزلىرىنىڭ ماكانىنى تاشلاپ بارا-بارا تاغنىڭ ئۇ تەرىپىگە قىچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىۋاتاتتى. ئەگەر بۇ زېمىندا راستىنلا بۆرىلەر پاك-پاكىز يوقۇلۇپ كەتسە، كۆكتە چاراقلاپ تۇرغان قۇياشنىڭ نۇرى بۇ ئانا يۇرتنى يورۇتالمايدۇ. ئانا يۇرتنى دەسسەپ تۇرغان ئىنسانلارنىڭ روھى بۆرى بىلەن تەڭ يوقۇلۇپ، ئاشۇ دەريا لېۋىدە ئوتلاۋاتقان قويلاردەك بولۇپ قالىدۇ – دە، جىمىغۇر، ياۋاش، زەئىپلىك ۋە بوي سۇنۇش قاتارلىق قورقۇنچلۇق مەنىۋى دۈشمەن ئانا يۇرتنى بېسىپ كېتىدۇ. تۆمەن مىڭ يىللار مابەينىدىكى جەسسۇر، قەيسەر، ياۋايى، قورقماس، پىداكارلىق بىلەن تولغان ئانا يۇرت خەلقىنىڭ روھى ئۈزۈل-كېسىل يوقىلىدۇ. ئاخىرىدا بۆرىلەر بىلەن تەڭ بۇ يۇرتنىڭ خەلقلىرىمۇ جەڭ تونىنى سېلىۋېتىپ، قىلىچلىرىنى قىنىغا سېلىپ، تۆرگە ئېسىپ قويىدۇ.

ئەنە بورىلەرنىڭ ئاۋازلىرىمۇ ئاستا-ئاستا جىمىدى. پادىچى بالا ئۆزىنىڭ ئوي-خىياللىرىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ ۋە ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق مەشغۇل بولماقتا ئىدى. مانا ئەمدى يازنىڭ مۇشۇ ئەڭ ئۇزۇن كۈنلىرىدە، قاق سەھەردىن ئاخشامغىچە، مەشرىقتىن مەغرىبقىچە چېپىپ يۈرگەن قۇياش، غەرىپتىكى تاغلار ئارقىسىدىكى ھوجۇرىسىغا كېرىش ئالدىدا، چوغدەك قىزارغان ھارغىن يۈزىنى پادىچى بالىغا قارىتىپ خوشلاشماقچى بولدى. پادىچى بالا يازدىكى قۇياشنىڭ ئاتاشتەك ھارارىتىدىن قاپقارا كۆسەيدەك كۆيگەن بەدىنىنى ئېگىپ تۇرۇپ، ئورنىدىن دەس تۇردى. دەل مۇشۇ چاغدا قۇياش ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىپقىزىل قاندەك نۇرلىرىنى ئانا يۇرتىكى تاغ-داۋانلارغا، دەريا-ئېرىقلارغا ۋە كۆكلەرگە چېچىۋېتىپ ئاستا-ئاستا پاتتى. ئەمدى پۈتۈن ئانا يۇرت قان ئىچىدە قالغان ئىدى. مانا بۇ چېچىلغان قانلار پادىچى بالىنىڭ كۆز ئالدىدا بۇ ئانا زېمىننى بەئەينى بىر جەھەننەمدەك زاھىر قىلىپ تۇراتتى. كىچىك پادىچىنىڭ سەبى يۈرىكى بولسا بەجايىكى يورۇقلۇق ئۈچۈن تۇخۇمدىن چىقىمەن دەپ تىپىرلاۋاتقان قۇشتەك، شۇنچىلىك تېز كۆكسىنى چوقۇلاۋاتتى. ئەمدى ئۇ چېچىلىپ كەتكەن ئوي-خىياللىرىدىن قۇتۇلۇپ، پۈتۈن دىققىتىنى دەريا لېۋىدىكى قويلىرىغا مەزكەزلەشتۇردى. قويلار شۇنچىلىك بىغەم ھالدا يەردىن بېشىنى كۆتەرمەي ئوتلاۋاتاتتى. پادىچى بالا بارا-بارا جاھاننى قىستاپ كېلىۋاتقان نامازشام قاراڭغۇسىدىن قېچىش ئۈچۈن، قويلىرىنى ھەيدەپ، ئۇدۇل ئۆيىگە قاراپ راۋان بولدى. ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ يولىغا قاراپ تۇرغان ئانىسى بىلەن ئىنىسى تۇراتتى. ئۇنى يېراقتىن كۆرگەن ئانىسى: «بىزنى شۇنچىلىك ئەنسىرتىپ، نېمىشقا بۇنچىلىك كېچىكىپ كەتتىڭ ئوغلۇم!؟» دەپ، كېچىك ئوغلىنى يېتەكلىگەن پېتى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە پاخپىيىپ كەتكەن ئۆسكىلەڭ چاچلىرىنى مېھرىلىك بىلەن سىلاپ، مېڭزىگە سۆيدى. ئەنسىزلىك بىلەن سوقىۋاتقان يۈرىكى سەل تىنجىغان ئانا، ئوغلىنىڭ كۆزلىرىدىكى ياش يۇقىلارنى كۆرۈپ: «جېنىم قوزام سەن يىغلاپسەنغۇ؟» دېيىشىگە، پادىچى بالا، زېمىننى پۇتى بىلەن تاتىلاپ تۇرۇپ، بېشىنى تۆۋەنگە سېلىپ، مىسكىن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاشۇ لەنىتى تاغدىن ئاتىلاپ، چەتئەلگە كەتكەن دادامنى ئويلاپ»، بۇنىڭ بىلەن ئانىسى بىلەن ئۇكىسىنىڭمۇ كۆزىگە تەڭلا ياش كەلدى.

28.05.2020، گىرمانىيە

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top