• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكا كونسۇلى پاكستون ۋە ئابدۇكېرىم ئابباس ئەپەندىنىڭ سۆھبىتى

ئامېرىكا كونسۇلى پاكستون ۋە ئابدۇكېرىم ئابباس ئەپەندىنىڭ سۆھبىتى

ئىلاۋە: مەزكۇر پارچە ئامېرىكانىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئاخىرقى كونسۇلى جون خول پاكستون (John Hall Paxton) ئەپەندىنىڭ تېخى نەشىر قىلىنمىغان «شىنجاڭغا تەيىنلەنگەن كونسۇل» (Consul to Sinkiang) ناملىق كىتابىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزى ئىلىغا ئېلىپ بارغان زىيارەت ھەققىدىكى 7-باب 3-قىسىمىدىن ئېلىندى.

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر


«ئامېرىكادا ئوقۇغۇم بار»

بىز ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولغان 80 ياشتىن ئاشقان، ئاق ساقاللىق، سالاپەتلىك كۆرۈنىدىغان بىر كىشى (ھېكىمبەگ خوجا) تەرىپىدىن ناھايىتى چىرايلىق كۈتۈۋېلىندۇق. بىز بۇ زىيارەتتىن كېيىنچە بىزگە غۇلجادا تولىمۇ ئەسقاتقان ئەخمەت ئىسىملىك تۈركىيچە (ئۇيغۇرچە)-خىتايچە تەرجىمان بىلەن بىرگە قايتتۇق. بىز غۇلجادا تەرجىمان ئەخمەتنىڭ ھەمراھلىقىدا بەخىرامان كېزىپ يۈردۇق. رەتلىك تېرەكلەر بىلەن بېزەلگەن كوچىلار تولىمۇ گۈزەل ئىدى. بىز بىر تېرە زاۋۇتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سېلىنغان ۋە كېچە كۈندۈز ئىشلەيدىغان بىر ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى زىيارەت قىلدۇق. بىز يەنە گېزىتخانىنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ گېزىتخانىدا روسچە، خىتايچە، تۈركىيچە (ئۇيغۇرچە)، قازاقچە، موڭغۇلچە ۋە مانجۇچە تىللاردا گېزىتلەر بىرلا ۋاقتتا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلاتتى (ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان گېزىتى). مانجۇ (شىبە) تىلىدىكى گېزىت بۇ تىلدا تارقىتىلىۋاتقان بىردىنبىر كۈندىلىك نەشىر بويۇمى بولۇپ ھېسابلىناتتى. بىز يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالتە تىلدىكى گېزىتكە خۇۋىر كۈتۈپخانىسى (Hoover Library) نامىدا مۇشتەرى بولدۇق. خۇۋىر كۈتۈپخانىسى بىزگە شۇ گېزىتلەرنى سېتىۋېلىشقا رۇخسەت قىلغان ئىدى. بىز ئامېرىكىدىكى بۇ گېزىتلەرگە قىزىقىدىغان باشقا كۈتۈپخانىلارغىمۇ تارقىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۆزىمىز بىلەن بىرگە بىر نەچچە توپلامنى ئېلىپ ماڭدۇق.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىز ئۈرۈمچىدىكى چېغىمىزدىلا چىقىشىپ قالغان ۋە بىزگە دوستانە بىلىنگەن (ئابدۇكېرىم) ئابباسوۋ ئەپەندىنى ئىزدەشنى قارار قىلدۇق. بىز ئۇنىڭ ئۆيىنى ھېچ كۈچىمەيلا تاپتۇق. ئەمما ئۇ ئايالىنىڭ «تاغقا دەم ئېلىشقا كەتكەنلىكى»نى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ بىزنى لايىقىدا كۈتەلمەي قالىدىغانلىقىدىن خىجالەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بىزنىڭ ئىلىدا كۆرگەن مۇئامىلىمىزنىڭ بەكمۇ دوستانە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ سورىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولغان ئىدى. ئۇ ئۆز خەلقى نامىدىن ئۆزۈر سوراپ، ھازىر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن «شابات» مەزگىلى ئىكەنلىكى (رامىزان دېمەكچى بولسا كېرەك)، بىر قانچە كۈندىن كېيىن ياخشىراق تەييارلىق قىلىپ كۈتىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭغا غۇلجىدا پەقەت بىر كۈنلا تۇرالايدىغانلىقىمىزنى، ئالتاي ۋە چۆچەكنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئۇزاپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېيتتۇق.

«سىز چۆچەكتىكىلەرنىڭ بىزدىن پەرقلىقراق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز»،- دېدى ئابباسوۋ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە سىلىقلىقى بىلەن،- «ئۇلار، يەنى قازاقلار تۈز كېلىدۇ. مىجەزى ئىتتىكرەك بولسىمۇ ئۆزلىرى ئوچۇق-يورۇق ۋە چىقىشقاق كىشىلەر».

«مۇنداق دەڭ، بۇ گېپىڭىزدىن شۇ ئېسىمگە كېلىپ قالدى»،- دېدى خول پاكستون،-«مېنىڭ بىلىشىمچە ئىلىدىكى مانجۇلار (شىبەلەرنى كۆرسىتىدۇ) ئۆز تىللىرىدا سۆزلىشىدىكەن. مەن ھەمىشە پەرقلىق مەدەنىيەتلەرگە قىزىقىمەن. مەن بۇ جايدىكى مانجۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىشنى تولىمۇ خالايمەن». ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى خىتايچىگە تەرجىمە قىلىنغاندا «ئەھۋال»دىن باشقا يەنە «مەسىلە» دېگەن مەنىنىمۇ بېرەتتى. ئابباسوۋ شىنجاڭدىكى بۇ نازۇك ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، بۇ سۆزنى «مەسىلە» دەپ چۈشىنىۋالدى بولغاي ئىتتىكلا « ھە، پاكستون ئەپەندى، بۇلار ناھايىتى ئاز سانلىق بىر توپ خەلق. سانلىرى بىر نەچچە يۈزلا بولۇپ، كۆپ قىسىمى دېھقان. بۇ جايدا ھېچقانداق مانجۇ مەسىلىسى مەۋجۈت ئەمەس» دەپ جاۋاب بەردى. پاكستون بۇ ئۇقۇشماسلىقتىن كۈلۈپ تاشلىدى ۋە ئۆزىنىڭ چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە بۇ جايلارنى ئىشغال قىلىشقا ياردەملەشكەن ۋە شۇندىن كېيىن بۇ چەت ياقا جايغا يەرلەشكەن ئاز ساندىكى ئۈچ مانجۇ قەبىلىسىنىڭ ئېتنىك ئالاقىسى ۋە مەدەنىيىتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇلارنىڭ بىكىنمە ھاياتى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىن يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئايرىم يېزىق، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشىغا يول ئاچقان ئىدى.

ئابباسوۋمۇ بۇ كۈلكىگە قوشۇلدى ۋە «خىتايچە تەس بىر تىل ئىكەن. بەزىدە مەنمۇ خاتا سۆزلەپ قويغاندا ئايالىمغا ئويۇن بولۇپ بېرىدۇ» دېدى (ئابباسوۋنىڭ ئايالى خىتاي ئىدى).

«سىز تولىمۇ كەمتەرلىك قىلىۋاتىسىز»،- دېدى پاكستون جاۋابەن ،- «سىزنىڭ خىتايچىڭىز ناھايىتى ياخشى».

«مەن ئېنگىلىزچە بىلسەم ئىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن» ،- دېدى ئابباسوۋ داۋام قىلىپ ،- «مەن ئېنگىلىزچىنى ئارزاقتىن ئۆگىنىۋاتقان ئىدىم. گېنىرال جاڭ (جىجۇڭ) مېنىڭ ئامېرىكادا ئوقۇشۇمنى خالايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا بۇ تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت بولاتتى. چۈنكى، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرسىمۇ ئامېرىكادا ئوقۇپ باقمىغان».

«نېمە ئۈچۈن ئامېرىكادا شىنجاڭدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى يوق ئىكەنلىكىدىن ھەيرانمەن»،- دەپ سورىدى پاكستون،-«چۈنكى، بىلگىنىڭىزدەك چەتئەلدە خىتايدىن كەلگەن مىڭلارچە ئوقۇغۇچى بار».

«شۇنداق، بۇنى بىلىمەن. ئەمما سىز بىلگەندەك رىقابىتى كۈچلۈك بۇ ئىمتىھانلار خىتايچە ئېلىنىدۇ ۋە بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىز خىتاي دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆلچەمدىن تۆۋەن دەپ قارىلىدۇ. مانا بۇ يۇرتداشلىرىمىزغا نىسبەتەن ناھايىتى زور بىر توسالغۇ» دەپ سۆزىنى تاماملىدى ئابباسوۋ. پاكستونمۇ بۇ خۇلاسىگە قوشۇلدى.

«ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن روسىيەگە بېرىش تولىمۇ ئاسان» دەپ داۋاملاشتۇردى ئابباسوۋ «ئەلۋەتتە، ھەر قانداق سەۋىيەدىكى بىر مائارىپ تەربىيەسى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ بىزگە بىردىنبىر يول بولۇپ قالدى. سىز شىنجاڭدىكى مەكتەپلەرنىڭ سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك تۆۋەنلىكىنى بىلىسىز. يەنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپ سەۋىيەسىدە. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قول ئىلكىدە بار ۋە غايىلىك بىر كىشى ئۈچۈن ئوغۇللىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن نېمە قىلىشى كېرەك؟ تاشكەنت ئۇنىۋېرىستىتىدا ياشلىرىمىز ئۆز تىلىدا تولۇق كۇرس دەرسلىرىنى ئوقۇيالايدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇلار ئۈچۈن روسچە ئۆگىنىشمۇ ئاسان. روسچە بىلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى ھەرقانداق بىر ئالىي بىلىم يۇرتىدا ماگىستېرلىق ئوقۇشمۇ قولايلىق. ئۈچ ۋىلايەتتىكىلەرنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن نەنجىڭدىكى مائارىپ مىنىستېرلىقىنىڭ تەستىقىنى ساقلاپ رەنجىپ يۈرۈشىنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ».


تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىك ئۇنىۋېرىستېتى (ساگۇ) ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ لېكسىيە دەپتىرى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top