You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » دونكىخوت رومانى ھەققىدە

دونكىخوت رومانى ھەققىدە

ئىنگىلىزچىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلىز ئۇيغۇر

دونكىخوت بولسا (Don Quixote) بۇندىن 400 يىل ئاۋال ئىسپانىيەلىك يازغۇچى سارۋانتىس(Miguel de Cervantes) نىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان دونكىخوت رومانىدىكى باش قەھرىمان.

«دونكىخوت» – ئىسپانىيىلىك مەشھۇر يازغۇچى مىگۇئېل دې سېرۋانتېسنىڭ رومانى. 1605 ۋە 1615-يىللاردا ئىككى قىسىمدا نەشر قىلىنغان دونكىخوت ئىسپانىيە ئالتۇن دەۋرى ۋە پۈتكۈل ئىسپانىيە ئەدەبىيات قانۇنىدىكى ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ئەسەر. غەرب ئەدەبىياتىنىڭ قۇرغۇچى ئەسىرى ، ئۇنىڭغا ھەمىشە «تۇنجى زامانىۋى رومان» دەپ يېزىلغان. نۇرغۇن ئاپتورلار ئۇنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ئەدەبىي ئەسەر دەپ قارايدۇ.

روماندىكى ۋەقەلىك لامانچادىكى ئالونسو كۇيسانو ئىسىملىك ئاقسۆڭەكنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى چۆرىدىگەن بولۇپ، ئۇ نۇرغۇن باتۇرلۇق ھەققىدىكى كىتابلارنى ئوقۇغان بولۇپ، ئۇ كاللىسىدىن كېتىپ، دونكىخوت نامىدا چەۋەندازلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۆز مىللىتىگە خىزمەت قىلىشنى قارار قىلغان. ئۇسانچو پانزادىن ئىبارەت بۇ ئاددىي بىر دېھقاننى ئ‍ۆزىنىڭ ياردەمچىسى دەپ قوبۇل قىلىدۇ.

بۇ كىتاب ئەدەبىيات جەمئىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەسىرى ئالېكساندىر دۇماسنىڭ «ئۈچ ئەسكەر» (1844)، مارك تۋىننىڭ «خاكلېبېرنىي فىننىڭ سەرگۈزەشتىلىرىلىرى (1884) ۋە ئېدموند روستاندنىڭ (1897) «de Bergerac Cyrano» دىن نەقىل ئېلىشى ھەم شۇنداقلا «باشقىلارغا ياردەم بېرىمەن دەپ ئۆزى خەتەرلىك ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىش» دېگەن مەنىدىكى سۈپەت سۆزىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنىشى بىلەن ئىسپاتلانغان. 19-ئەسىردىكى گېرمان پەيلاسوپى ئارتۇر شوپېنخاۋېر «دونكىخوت» رومانىنى تىرىسترام شاندى، لا نوۋېللې خېلوس ۋە ۋىلخېلم مېيستېر لېخراجىرى بىلەن بىللە يېزىلغان تۆت چوڭ روماننىڭ بىرى دەپ كۆرسەتكەن.

«دونكىخوت» رومانى تۇنجى قېتىم نەشىر قىلىنغاندا ، ھەجۋىي رومان دەپ ئىزاھلانغان. فرانسىيە ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئەخلاق بۇزۇلۇپ، كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ دەپ قارالغان مەزگىللەردە، ئەخلاق مەركەز قىلىنغان جەمئ‍ىيەتتە ئىندىۋىدۇئ‍اللىقنىڭ توغرا دەپ قوبۇل قىلنىشى بىلەن تونۇلغان. 19-ئەسىردە، ئۇ بىر ئىجتىمائىي ئوبزور دەپ قارالدى، ئەمما ھېچكىم «سېرۋانتېسنىڭ كىمنىڭ تەرىپىدە» ئىكەنلىكىنى ئاسانلا دەپ بېرەلمىدى. 20-ئەسىرگە كەلگەندە، مەزكۇر رومان زامانىۋى ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى.

دونكىخوت دىگەندە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا تارىخقا كۆمۈلۈپ قېلىشتىن باشقا، خىيالى بىر قەھرىمان، يەنى قۇرۇق گەپ قىلىپ پو ئېتىپ شەھەر ئالىدىغان ، ئەمىليەتتە قەھرىمانلىقتىن قىلچە ئەسەرمۇ يوق، خىيالپەرەس بىر ۋالاقتەككۈر كېلىدۇ. كىشىلەر ئادەتتە، قۇرۇق گەپنى جىق قىلىپ ئەمىليەتتە ھىچ نەتىجىسى چىقمايدىغان، بوش ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈيدىغان سۈنئىي قەھرىمانلارنى “دونكىخوتلۇق قىلما” دەپ مەسخىرە قىلىدۇ.

روماننىڭ ئاپتۇرى سارۋانتىس، ئىككى خاراكتىر يەنى دونكىخوت ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى سانچو پانزا (Sancho Panza) ئارقىلىق، ئۇ دەۋردىكى ئىسپانىيە جەمىيتىنى ھەجۋىلەشتۈرگەن ئىدى. كاللىسىدا ئۆزى شەكىللەندۈرۋالغان خىيالى دۈشمەنلەر ۋە ئادالەتسىزلىكلەر بىلەن كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ئۇزۇن ئورۇق كەلگەن دونكىخوت بىلەن، قىسقا پاكار، سېمىز دوغلاق كەلگەن سانچو پانزا ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

دونكىخوت ساختا قەھرىمان، ساختا ئىنقىلاپچى بولۇپ، ئەينى دەۋىردىكى ئىسپانىيە يۇقۇرى قاتلىمىدىكى قۇرۇق قەھرىمانلىق ۋە قۇرۇق ئىنقىلاپچى نىقاۋىغا كىرىۋالغان، ھەقىقەتنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان، ئۆتمۈشتىكى خىيالى سىمبوللار بىلەن پەخىرلىنىپ ياشايدىغان قورقۇنچاق يۇقۇرى تەبىقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. خىيالى قەھرىمان دونكىخوت بىلەن ساددا، نادان سانچۇپانزا سۆزدە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە يولغا چىقىدۇ.

دونكىخوت، ئۆزى كۆرگەن ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئۆز خىيالىدا چوڭايتىدۇ. يولدا ئۇچراپ قالغان ئادەتتىكى بىر كىشىنى خان جەمەتى دەپ قاراپ، ئوزىگە شوۋاليىلىك ئۇنۋانى بەرگۈزىدۇ. دونكىخوت قوي پادىلىرىنى، ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا كەلگەن ئەسكىرى قوشۇن دەپ قاراپ، ئۆز خىيالىدا ئاجىز تەرەپكە ياردەم بەرمەكچى بولۇپ، قوي پادىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ نۇرغۇنلىغان قويلارنى ئۆلتۈرۈپ پادىچىلاردىن تاياق يەيدۇ. بىر پادىشاھنىڭ يەر ئاستى ئامبىرىدىكى ھاراق ساخلايدىغان تۇڭلارنى ئىبلىس دەپ قاراپ، قىلىچى بىلەن پارچىلىۋېتىدۇ. كوچىدىكى بىر سەرگەردان سىگان ئايالنى خىيالى دۇنياسىدا بىر ئېسىلزادە خانىم دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئاشىق بولىدۇ. يولدا ئۇچراپ قالغان قولى پۇتى كىشەنلەنگەن جىنايەتچىلەرنى مەزلۇملار دەپ قاراپ قۇتۇلدۇرىدۇ ۋە ئۇلار تەرىپىدىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ.

روماندا دونكىخوت بىر ساتىراچنىڭ ئۇستۇرسىنى، سېھىرلىك دۇبۇلغا دەپ ئويلاپ مۇسادىرە قىلىدۇ. دونكىخوتنىڭ ئەڭ كۈلكىلىك قەھرىمانلىقلىرىنىڭ بىرى، كۆز ئالدىدىكى شامال چاقپىلەكلىرىنى دىۋىلەر دەپ ئويلاپ، ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىشى ھېساپلىنىدۇ.

ئىسپانىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى سارۋانتىسنىڭ قەلىمىدە يارىتىلغان، 400 يىلدىن بۇيان ئۆلمىگەن داڭلىق ئوبراز، سانچو پانزا كىمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ سانچۇ پانزا، يوقسۇل ئىسپانىيە تۆۋەن قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر خاراكتىردىن ئىبارەت. دونكىخوتتىن ئىبارەت بۇ قومانداننىڭ تەلۋىلەرچە قىلىقلىرىنى، ساختا قەھرىمانلىقلىرىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىدىغان، ئۇنى مەدھىيەلەيدىغان، ساددا نادان ئىسپانىيە خەلقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

گەرچە سارۋانتىس بۇ رومانىنى 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يازغان، ئارىدىن 400 يىلدىن ئارتۇق ۋاقت ئۆتكەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر دۇنيادا نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر ئەسەر سۈپىتىدە ئالقىشلىنىپ كەلمەكتە.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top