• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » ئومۇمى » شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ستالىن ۋە سۇڭ زىۋېنننىڭ تۆتىنچى قېتىملىق سۆھبىتىدە

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ستالىن ۋە سۇڭ زىۋېنننىڭ تۆتىنچى قېتىملىق سۆھبىتىدە

مارشال ستالىن ۋە مىنىستېر سۇڭ نىڭ تۆتىنچى قېتىملىق سۆھبىتىنىڭ خاتېرىسى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرى سۇڭ زىۋېن موسكۋا ئايردرومىدا سوۋېت تاشقى ئىشلار مىنىستېرى مولوتوۋ بىلەن كۆرۈشمەكتە. 1945-يىلى ئىيۇل

تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

 

قاتناشقۇچىلار: ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش

ۋاقتى: 1945-يىلى 9-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 9:00 دىن 10:40 قىچە

 

مارشال ستالىن جانابلىرى (تۆۋەندە ستالىن دەپ يېزىلىدۇ): قانداق يېڭى خەۋەرلەر بار ؟

مىنىستېر سۇڭ (تۆۋەندە سۇڭ دەپ يېزىلىدۇ): ئۆتكەنكى قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن مەن جياڭ ۋېييۈەنجاڭغا دوكلات قىلدىم. سۆھبەتنىڭ قاتمال ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى ۋە جانابىڭىزنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بارلىق ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىپ، بۇندىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ھەرقانداق توقۇنۇشتىن خالىي بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىم. بۈگۈن مەن جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە ھازىر تەرجىمە قىلىنىدۇ. جياڭ ۋېييۈەنجاڭنىڭ جاۋاب تېلگىراممىسىنى ئوقۇپ ئۆتۈشتىن بۇرۇن مەن جانابىڭىزغا ئۆز مەيدانىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشنى خالايمەن. پېقىر ھەرگىزمۇ گەپدانلىق قىلىۋاتقىنىم يوق. ئەمەلىيەتتە، جانابىڭىزغا جياڭ ۋېييۈەنجاڭنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چوڭ يول قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.

(جياڭ جېشىنىڭ جاۋاب خېتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار)

سۇڭ: ئىككىنچى، شىنجاڭدا يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان توپىلاڭ يۈز بېرىپ، خىتاي-سوۋېت ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئۈزۈلدى، سودا-سېتىقنى داۋام قىلىشقا ئامال بولمىدى. بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇنقى كېلىشىملەر بويىچە ھەمكارلىشىپ، بۇ خىلدىكى توپىلاڭلارنى تۈگىتىپ، سودا-سېتىق ۋە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈتىمىز. ئالتاي تاغلىرى مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالتاي تاغلىرى ئەسلىدىنلا شىنجاڭغا تەۋە ئىدى، يەنىلا شىنجاڭنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى كېرەك.

….

سۇڭ: شىنجاڭغا نىسبەتەن جانابلىرى بىزگە قالايمىقانچىلىقنى تىنجىتىشتا ياردەم بېرەلەرمۇ؟

ستالىن: قوشۇن چىقىرىڭلار دېمەكچىمۇسىز؟

سۇڭ: ياق. ھازىر چېگرادا ھەربىي لازىمەتلىكلەر ئەتكەس قىلىنىۋاتىدۇ. مەن جانابلىرىنىڭ بۇنى توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ستالىن: مېنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقۇم يوق.

سۇڭ: خىتاي چېگرىسى ئىچىدە ئەمەس، بەلكى چېگرادا دېمەكچىمەن.

ستالىن: خىتاي شۇ جايدىكى خەلققە بىر قاتار ھوقۇقلارنى بېرەمدۇ؟

سۇڭ: بۇ بىر سىياسىي مەسىلە. ھازىر دېيىشىۋاتقىنىمىز ھەربىي ئىشلارغا ئائىت مەسىلە.

ستالىن: ۋەزىيەت شۇنچىلىك ئېغىر دېمەكچىمۇسىز؟

سۇڭ: ئىلى توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى.

ستالىن: ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار تەرىپىدىن دېمەكچىمۇسىز؟

سۇڭ: بىز بارلىق مىللەتلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى خالايمىز. بۇ بارلىق مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل. ئەمما بىز توپىلاڭچى ئارمىيە تەرىپىدىن ئىگەللىنىلگەن جايلارنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ستالىن: بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن تەلەپ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇلارغا ھوقۇق بېرىش. بىزدىمۇ نۇرغۇن مىللەتلەر بار. مىللەتلەرنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھوقۇقلىرىمۇ تېخى ئېتىراپ قىلىنمىسا تالاش-تارتىش ھېچقاچان تۈگىمەيدۇ. لېكىن بۇ خىتاينىڭ ئۆزىدىكى مەسىلە.

سۇڭ: پېقىر بۇ نۇقتىغا قوشۇلىمەن. ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا بىز سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆگىنىشنى خالايدىغان نۇرغۇن جايلار بار. بىز بۇ مەسىلىدە بىر قاتار ئىشلاردا يول قويۇشقا رازى. لېكىن ئۇلار بىزگە بويسۇنۇشنى خالىمىسا بىز چوقۇم قوراللىق كۈچ ئىشلىتىمىز.

ستالىن: ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ. توپىلاڭچى ئاممىنىڭ خىتايدىن ئايرىلىش نىيىتى بار دېمەكچىمۇسىز؟

سۇڭ: ئۇلار ئاتالمىش يېڭى جۇمھۇرىيەت ئېلان قىپتۇ.

ستالىن: مەن بۇ ھەقتە ئاخباراتلارنى توپلايمەن. بەلكىم بۇ ھەقتە يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشەرمىز. چېگراغا قورال ئەتكەس قىلىشنى چەكلەش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. بۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك. لېكىن ھازىر نۇرغۇن يوچۇقلار بارلىقى جەزىملەشتى. مەن بۇنى ھەل قىلىشتا پۈتۈن كۈچۈمنى چىقىرىشنى خالايمەن.

سۇڭ: توپىلاڭچىلار ئىشلىتىۋاتقان قورال جابدۇقلار بۇ بىر توپ كىشىلەردە بۇرۇن ھېچ بولۇپ باقمىغان ئىدى.

ستالىن: ھازىرقى ۋاقتتا خالىغان جايدىن قورالغا ئېرىشكىلى  بولىدۇ.

سۇڭ: شىنجاڭدا بۇنداق بولۇشى ناتايىن.

ستالىن: نېمە ئۈچۈن؟

سۇڭ: قاتناشنىڭ قولايسىزلىقى سەۋەبىدىن.

ستالىن: ھىندىستان قورال سېتىپ بەرمەسمۇ؟

سۇڭ: ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا بۇنداق ئەھۋال يوق.

ستالىن: ئىككى دۆلەت ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا ئا دۆلەت ب دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى توپىلاڭچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

سۇڭ: شىنجاڭدا يۈك توشۇش ھەقىقەتەنمۇ بەك قىيىن.

ستالىن: جانابلىرى قورالنى سوۋېت ئىتتىپاقى كىرگۈزگەن دەپ قارامسىز؟

سۇڭ: بۇ خىل ئېيتىماللىق بار.

ستالىن: بۇ خىل ئېھتىماللىق ناھايىتى ئاز. بۇ ھەقتە باشقا كۈنى سۆھبەتلىشەيلى.

سۇڭ: پېقىر جانابلىرىنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ چېگراغا قورال ئەتكەس قىلىشنى چەكلەش ھەققىدە كاپالەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداق بولىدىكەن بىز توپىلاڭنى تېنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چارە ئىزدەيمىز.

ستالىن: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيەدىكى نۇرغۇن قورال-ياراق زاۋۇتلىرى گېرمانىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىگەن. دۆلىتىڭلاردىكى ئەمەلدارلار قوراللارنى توپىلاڭچىلارغا يۇقىرى باھادا سېتىپ بەرگەنمۇ، قانداق؟

سۇڭ: بۇنىڭغا مېنىڭ جاۋابىم بار. جانابلىرى ئىشەنسە بولىدۇكى، توپىلاڭچىلارنىڭ قولىدىكىسى خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىشلىتىدىغان قوراللار ئەمەس.

ستالىن: قارىغاندا بۇ ھەقتە جانابلىرى مەندىنمۇ ياخشى بىلىدىكەنسىز.

سۇڭ: بىز بۇرۇن پارتىلاشتىن كېيىنكى توپ ئوق پارچىلىرىنى يىغىپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە بىزدە بۇ خىلدىكى توپ ئوقلىرى يوق ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. مەن جانابلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى يېشىشتە بىزگە ياردەم بېرىشنى تولىمۇ خالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىمەن. خۇددى باشقا مەسىلىلەرنى يېشىشتىمۇ بىزگە ياردەم قىلغانغا ئوخشاش. جانابلىرىنىڭ خىتاي كومۇنىستىك پارتىيەسى مەسىلىسىگە كۆز قارىشى قانداقكىن؟ مەن بۈگۈن جانابلىرى بىلەن رەسمىي سالاھىيەتتە ئەمەس بەلكى سۇڭ ئەپەندى بىلەن ستالىن ئەپەندىنىڭ شەخسىي سۆھبىتى تەرىقىسىدە سۆزلىشىۋاتىمەن.

ستالىن: جانابلىرى شۇنداق ئارزۇ قىلىدىكەن. ئەمما سىز بۇرۇن مېنىڭ كومۇنىستىك پارتىيەگە قورال بەرمەسلىكىمنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا ياردەم بېرىشىنى خالىسا جياڭ ۋېييۈەنجاڭنىڭ ھۆكۈمىتىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز. شۇنداق ئەمەسمۇ؟

سۇڭ: شۇنداق.

ستالىن: ئىش شۇنداق ئىكەن، جانابلىرى قانداقمۇ مېنىڭ قوشۇن ئەۋەتىپ كومۇنىستلار ئارمىيەسىنى تارمار قىلىشىڭلارغا ياردەم بېرىشىمنى كۈتەلىسۇن؟

سۇڭ: بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس. مەن جانابلىرىغا ئۆز مەيدانىمنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ قويۇشنى خالايمەن. مەن سىياسىي يول بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ستالىن: بۇ ئەلۋەتتە ئاقىلانە تەدبىر. بۇ بىر توپ كىشىلەر ئاقكۆڭۈل، ۋەتەنپەرۋەرلەردۇر. سىياسىي يول بىلەن مەسىلىنىڭ ھەل بولغىنى يامان ئىش ئەمەس.

سۇڭ: بىز كومۇنىستلار ئارمىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قوشۇۋېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ستالىن: بۇ ھەقىقەتەن قانۇنلۇق تەلەپ. خىتايدا پەقەت بىرلا ھۆكۈمەت ۋە بىرلا ئارمىيە بولۇشى كېرەك.

سۇڭ: بىز ئۇلارنىڭ بىز تەييارلىق قىلىۋاتقان ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىچكى كابېنت ۋە ھەبىي كومىتېتقا كىرىش تەكلىپىمىزگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھېچ بىلەلمىدۇق. ھازىرقى ۋەزىيەت كىشىگە ناھايىتى ناچار تەسىر بېرىۋاتىدۇ. مەن جانابلىرىنىڭ بىزگە ئەخلاقىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ستالىن: قانداق دەيسىز؟

سۇڭ: سوۋېت نەشىر بۇيۇملىرى بۇرۇن كۆپ قېتىم خىتايغا ھۇجۇم قىلغان. جانابلىرىنىڭ بۇنىڭغا چەك قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ستالىن: بەرھەق. لېكىن خىتاي نەشىر بۇيۇملىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىلىنغان ھۇجۇملار تېخىمۇ كۆپ.

سۇڭ: ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز نەشىر بۇيۇملىرىمىزدىكى گەپ-سۆزلەرگە چەك قويايلى.

ستالىن: شۇنداق بولسۇن.

مەنبە: (تەيۋەن) دۆلەتلىك تارىخ سارىيى 


مەزكۇر سۆھبەت خاتېرىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى:

 

 

 

 

 

 

 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top