• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » يورۇقلۇقنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ يوقىلىپ كېتەمدۇ؟

يورۇقلۇقنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولىدۇ؟ يوقىلىپ كېتەمدۇ؟

تەرجىمىدە: ئەراپاتجان

دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ھامان يوقىلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك بىر مۇتلەق ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلىدۇ: ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار چىرىيدۇ، تۇرغۇن يۇلتۇزلار پارتلاپ غۇۋالىشىدۇ، سەييارىلەر پارچىلىنىدۇ ياكى كۆيۈپ كېتىدۇ، ھەتتا قارا ئۆڭكۈرلەرمۇ رادىياتسىيە قويۇپ بېرىش ئارقىلىق تارقىلىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى تەشكىل قىلغۇچى ئاتوملار ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاجىزلاپ تېخىمۇ يېنىك ئېلېمېنتقا ئايلىنىدۇ.

لېكىن يورۇقلۇقچۇ؟ ئۇ يوقاپ كېتەمدۇ ياكى مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن بىز ئاتومنىڭ قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر ئېغىر ئاتومدا «رادىيوئاكتىپلىق يىمىرىلىش» يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلۈكىدىن پارچىلىنىپ تېخىمۇ كىچىك زەررىچىگە ئايلىنىپ ئاخىرىدا ئاتومنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، يورۇقلۇقنىڭ مۇشۇنداق بىر ئۆزگىرىش جەريانى بارمۇ؟

قۇياش ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيىسى
قۇياش رادىئاتسىيە سپېكتىرى

قۇياش رادىياتسىيەسىنىڭ سپېكتىر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنىنىڭ ھەربىر دولقۇن بۆلىكىنى دېگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەسىلە ئەڭ ئاخىرىدا فوتون (ئېلېكتىر ماگنىت كۈچىنىڭ توشۇغۇچىسى، يەنى يورۇقلۇق)نىڭ ماسسىسى بار-يوقلۇقىغا باغلىق بولىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدا فوتوننىڭ ماسسىسى نۆل بولىدۇ. ئەمما، ئىلىم-پەن ساھەسىدە، بىز باشقا ئۆزگەرگۈچى مىقدارنى كۆپەيتكەندە ھەمدە «پەرەز» قىلساق مەسىلە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ.

ئەگەر بىز فوتوننىڭ ماسسىسى بار دەپ پەرەز قىلساقچۇ؟

ئەگەر بىر فوتون ھەقىقەتەن نۆل بولمىغان تۇرغۇن ماسسىغا ئىگە بولسا، بۇ ئۇنىڭ ئاجىزلاپ يېنىكرەك ئېلېمېنتقا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن فوتون مەلۇم بولغان بىر قەدەر يېنىك بولغان ئاساسىي زەررىچىلەرگە، مەسىلەن، نېيترىنو ۋە ئانتى نېيترىنو ياكى تېخى بايقالمىغان بىر زەررىچىگە پارچىلىنىدۇ. لېكىن بۇ پەرەزدە بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت. بىزنىڭ نۆۋەتتىكى چۈشەنچىمىزگە ئاساسلانغاندا، فوتون تىنچ ھالەتتە مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا، تۇرغۇن ماسسا ئۇقۇمى ئۇنىڭغا ماس كەلمەيدۇ. لېكىن فىزىكا تەتقىقاتىدا، بىز فوتوندا ھەقىقەتەن نۆل بولمىغان تۇرغۇن ماسسا بار دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ.
ئىلگىرىكى تەجرىبىدە، بىز بۇ ماسسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بىلدۇق. مۇشۇ ئاساستا، فوتون يەنە قانچىلىك ۋاقىت ياشىيالايدۇ؟ ماكس پلانك يادرو فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدىكى جۇلىئان شىك بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە «فىزىكا ئوبزورى تېز گېزىتى»دە فوتوننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىتنى ھېسابلاپ چىققان.

فوتوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىشى سەۋەبىدىن ۋاقىت كېچىكىشى ئېففېكتى پەيدا بولىدۇ. فوتوندىن پايدىلىنىش سىستېمىسىدا، شىك ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ پەقەت ئۈچ يىلدىن قىسقا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. لېكىن، بىزنىڭ پايدىلىنىش سىستېمىمىزدا، نۇرنىڭ ئۆمرى تەخمىنەن 19^10*1 يىل بولىدۇ. 000،000،000،000،000،000 ،10 يىللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالەمنىڭ پەقەت 000، 000، 13،800 يىللىق تارىخى بار. بۇ غايەت زور رەقەملىك پەرق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، فوتوننىڭ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يورۇقلۇقنىڭ دولقۇن-زەررە ئىككى ياقلىمىلىقى

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ سانغا ئېرىشىش ئۈچۈن، شىك فوتوننىڭ تۇرغۇن ماسسىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك. بۇرۇنقى ئانالىزلاردا، شىك ئۇنىڭ چېكىنى 10-18 ئېلېكترون ۋولت (10-54 كىلوگىرام) بولىدۇ دەپ قارىغان. كېيىن، ھىك تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ توغرا بولغان قارا جىسىم سىپېكترى − كائىناتنىڭ مىكرو دولقۇنلۇق ئارقا كۆرۈنۈش رادىياتسىيەسى (CMB) سىپېكترى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى تاماملىغان. ئەگەر فوتوننىڭ ھەقىقەتەن ماسسىسى بولسا ھەمدە ئاجىزلاشتۇرۇپ يېنىكرەك زەررىچىگە ئايلاندۇرغىلى بولسا، ئۇنداقتا فوتوننىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ، CMB دىكى فوتوننىڭ سان زىچلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ماسسا بىلەن CMB نىڭ بىرىكمە چەكلىمىسى ئاستىدا، ھىكنىڭ ئانالىزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دولقۇن ئۇزۇنلۇقىدىكى فوتون ئاز دېگەندىمۇ 19^10*1 يىل ئىچىدە مۇقىم بولىدۇ.

فوتون بىر خىل ئاساسىي زەررىچە. ئۇ ئېلېكتىر ماگنىت مەيدانىنىڭ كۋانتى بولۇپ، يورۇقلۇق ۋە رادىيو دولقۇنى قاتارلىق ئېلېكتىر ماگنىت رادىئاتسىيەسى ھەمدە ئېلېكتر ماگنىت كۈچىنىڭ توشۇغۇچىسى (ھەتتا مەۋھۇم زەررىچە ئارقىلىق تىنچ تۇرىدۇ). فوتوننىڭ ئۆزگەرمەس ماسسىسى نۆل بولۇپ، ئۇ ۋاكۇئۇمدا ھەمىشە يورۇقلۇق تېزلىكىدە ھەرىكەت قىلىدۇ.

فوتون دولقۇن-زەررە ئىككى ياقلىمىلىقى

بارلىق ئاساسىي زەررىچىلەرگە ئوخشاش، كۋانت مېخانىكىسى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈش. فوتون دولقۇن-زەررە ئىككى ياقلىمىلىققا ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دولقۇن ۋە زەررىچىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، يەككە فوتون لىنزا تەرىپىدىن سۇندۇرۇلىدۇ ھەمدە ئۆزى بىلەن ئىنتېرفېرېنسىيە ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، ئۇ بىرلا ۋاقىتتا ئېنىق ۋە چەكلىك بولغان ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئورۇن ياكى ھەرىكەت مىقدارىغا ئىگە زەررىچە بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن ھېيسېنبېرگنىڭ ئېنىقسىزلىق پرىنسىپىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى ناتايىن.

فوتوننىڭ دولقۇنى بىلەن كۋانت ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بىر ھادىسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى كۆزىتىش يۈزى بولۇپ، ئۇلارنى ھېچقانداق مېخانىكىلىق مودېل ئارقىلىق تەسۋىرلەشكە بولمايدۇ. يورۇقلۇقنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق خۇسۇسىيىتىنى تەسۋىرلىگەندە، ئۇنىڭ ئېنېرگىيەسىنى دولقۇن ئالدىدىكى بەزى نۇقتىلاردا دەپ پەرەز قىلىشقا بولمايدۇ، چۈنكى يورۇقلۇق دولقۇنىدىكى كىۋانت بوشلۇقتا كونكرېت ئورۇن بەلگىلىيەلمەيدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top