• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » دۇنيادىكى بىر قىسىم ئېچىلمىغان سىرلار

دۇنيادىكى بىر قىسىم ئېچىلمىغان سىرلار

1. دىنوزاۋرنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى

دىنازاۋر دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق ھايۋان، ئۇنىڭ بەدىنىدە نۇرغۇن يېشىلمىگەن سىرلار بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى دىنازاۋرنىڭ قانداق ھالاك بولغانلىقىدۇر. دىنازاۋرنىڭ يوقىلىشى ھەققىدىكى سىرنى ئىنسانلارنىڭ تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولدى، ھەمدە: «يەر ماگنىتىنىڭ تەتۈر ئايلىنىش تەلىماتى، كىسلاتالىق يامغۇر تەلىماتى، كىلىمات ئۆزگىرىش تەلىماتى، جىنسىي پەرق تەلىماتى، دېڭىز-ئوكياننىڭ تارىيىش تەلىماتى، يانار تاغ پارتلاش تەلىماتى» قاتارلىق تەلىماتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. دىنازاۋرنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىش سىرى كىشىلەر مەڭگۈ يېشەلمەيدىغان سىر.

2. «موميا» نىڭ سىرى

مومىيانىڭ ياسىلىشىغا سىرلىق ۋە خۇراپىي نەرسىلەر ئارىلاشقان بولۇپ، «موميا» نىڭ ياسىلىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ قەدىمكى مىسىرنىڭ مېدىتسىنا سەۋىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. «موميا» نى ياساش جەريانىدا، مىسىرلىقلار ئاناتومىيە ھەققىدىكى نۇرغۇن بىلىملەرنى توپلىغان. ئۇلار جەسەتنى مومىيالىغاندا، ئادەم بەدىنىدىكى قان ئايلىنىش بىلەن يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەمدە چوڭ مېڭىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان مۇھىم رولىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىگەن.

3. «ئۆلۈم ئارىلى» رىۋايىتى

كانادانىڭ شەرقىدىكى خالىفاكىس بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا، بىزنى ئىنتايىن ۋەھىمىگە سالىدىغان بىر كىچىك ئارال «سەب ئارىلى» بار. پۈتۈن ئارالدا بىر پارچە ئۇششاق قۇم بولۇپ، ئىنتايىن قاقاس ۋە قورقۇنچلۇق، بۇ يەردە ئېگىز دەرەخلەر يوق بولۇپ، پەقەت ئوت-چۆپ ۋە پاكار دەرەخلەرلا بار. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ ئارالنىڭ تۆت ئەتراپىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 500 دىن ئارتۇق پاراخوت سىرلىق ھالدا ۋەقەگە ئۇچراپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 5000 دىن ئاشقان.

4. ئېھرامنىڭ سىرى

مىسىردىكى نىل دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئېھرام تەخمىنەن 80 گە يېتىدۇ. ئۇلار قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنلىرى (پادىشاھى) نىڭ قەبرىستانلىرىدۇر. ئەڭ چوڭ ئېھرام تۆتىنچى سۇلالە فىرئەۋىنى خۇفۇنىڭ قەبرىسى بولۇپ، تەخمىنەن 4500 يىل بۇرۇن ياسالغان، بۇ ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكى 146.5 مېتىر. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنداق بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئۈچۈن 50 مىليون نوپۇسلۇق دۆلەت كۈچىگە ئىگە بولۇش كېرەك ئىكەن، بىراق مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 3000-يىللاردا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 20 مىليوندىن ئاشمايدىكەن.

5. ھالاكەت تاشيولى

ئامېرىكىنىڭ ئېداخو ئىشتاتىدىكى ئشىتاتلىق تاشيولنىڭ بىر كىچىك بازارغا 14.5 كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا، شوپۇرلار تەرىپىدىن «ئېداخو ئالۋاستىسى» دەپ ئاتالغان ئۈچ بۇرجەكلىك ۋەھىمىلىك ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ چۈشۈش بەلۋىغى بار. ئادەتتە نورمال يۈرۈۋاتقان بىر ئاپتوموبىل بۇ يەرگە كىرگەندە تۇيۇقسىز بىر سىرلىق كۈچ تەرىپىدىن ئاسمانغا ئېتىلىدۇ. ئارقىدىنلا يەنە شىددەت بىلەن يەرگە چۈشۈپ، ئاپتوموبىل ۋەيران بولۇپ، ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان ئېغىر ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6. مايا مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىش سىرى

مايا مەدەنىيىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سىر بولۇپ، مايا مەدەنىيىتى قەدىمكى مېكسىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، گۋاتېمالا قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان مەدەنىيەتتۇر. بۇ مەدەنىيەت نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق تارىخنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، يەنە سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن. مايالار يۈكسەك يبزا ئىگىلىك، ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى ئىگىلىگەن. مايالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدۇ.

7. نىس كۆلىدىكى غەلىتە مەخلۇق

ئۇ يەر شارىدىكى ئەڭ سىرلىق سىرلارنىڭ بىرى. نىس كۆلى شوتلاندىيەدىكى بىر چوڭ جىلغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ كۆل يىل بويى مۇز تۇتمايدۇ. 1934-يىلى 4-ئايدا، لوندونلۇق دوختۇر ۋىلسون فوتو ئاپپارات ئارقىلىق سۇ مەخلۇقىنىڭ سۈرىتىنى تارتىپ، سۇ مەخلۇقىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىق نامايان قىلغان، مەخلۇقنىڭ بويۇنلىرى ۋە ياپىلاق باشلىرى قارىماققا 70 مىليون يىللار ئىلگىرىكى يىلان بويۇنلۇق دىنازاۋرغا ئوخشاپ كەتكەن.

8. «مونالىزا» نىڭ كۈلكىسىنىڭ سىرى

«مونالىزا» ئىتالىيەنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى داڭلىق رەسسام داۋىنچى سىزغان رەسىم ئەسىرى. 500 يىلدىن بۇيان، كىشىلەر ئىزچىل تۈردە «مونالىزا» نىڭ سىرلىق كۈلكىسى توغرىسىدا بىر قارارغا كېلەلمىگەن. بۇ رەسىمنى ئوخشىمىغان كۆرگۈچىلەر، ئوخشىمىغان ۋاقىتتا كۆرسە، تەسىراتى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ كۈلكىسى بەھوزۇر، مۇلايىم كۆرۈنىدۇ، بەزىدە سۈرلۈك كۆرۈنىدۇ، بەزىدە ھەسرەتلىك كۆرۈنىدۇ، بەزىدە مەسخىرە ئارىلاش كۈلگەندەك كۆرۈنىدۇ.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top