• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى – سوقرات

قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى – سوقرات

قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى سوقرات (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 469-399-يىللار) نىڭ «ئۆزۈڭنى بىل! » دېگەن بىر جۈملە ئەقلىيە سۆزى بار، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشىنى، بىلىمسىزلىكىنى تونۇپ يېتىشنىڭ كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ گەرچە ئافېنا دىكى ئاددىي ھەيكەلتىراش ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، كىچىكىدىن باشلاپلا كىتاب ئوقۇشقا ئىنتايىن ھېرىسمەن بولۇپ، مەسىلىلەر ئۈستىدە ماھىرلىق بىلەن تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئاخىر داڭلىق ئالىم بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

قىزىقارلىقى شۇكى، ئۇنىڭ ئىلمىي پائالىيەتلىرى دەرسخانىدا ئەمەس، بەلكى ئافېنا شەھىرىنىڭ كوچا-كويلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۆزى بىلەن سۆھبەتلەشكۈسى بارلا ئادەم ئۇچرىسا، ئۇ بىرەر مەسىلە ئۈستىدە ئەستايىدىللىق بىلەن بەس-مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتى. ئۇ بۇ جەرياندا ئەزەلدىن قەلەم تۇتمىغان بولغاچقا، خاتىرە قالدۇرۇپ كەتمىگەن، ئۇنىڭ نۇرغۇن سۆز-پىكىرلىرى ۋە چوڭقۇر ئىدىيىسىنى ئوقۇغۇچىلىرى خاتىرىلەپ قالدۇرغان. ئەپلاتۇن ئۇنىڭ شاگىرتى، ئاپلاتۇننىڭ «ئەپلاتۇن پاراڭلىرى-سوقراتنىڭ ئۆلىمى» ناملىق كىتابىدا سوقراتنىڭ تىلى ئارقىلىق دىئالۇگ شەكلىدە سوقراتنىڭ ھاياتى ئىش ئىزلىرى،پەلسەپىۋى قاراشلىرى بايان قىلىنغان.

سوقرات بەس-مۇنازىرە قىلغان مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەملەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى، ئىلگىرى يۇنان پەيلاسوپلىرى پەقەت تەبىئەت دۇنياسىنىلا تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ۋە كىشىلىك ھاياتقا ئەھمىيەت بەرمىگەنىدى. سوقرات بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، «ئۆزۈڭنى بىل» دېگەننى ناھايىتى چوڭقۇر بىلىم دەپ قاراپ، سىياسىي، ئۇرۇش، ئېتىكا، ئەخلاق، سەنئەت قاتارلىقلار بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى زىچ باغلىنىشلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ بەخت، بىلىم، ھەقىقەت، گۈزەل ئەخلاق دېگەن نېمە، دېگەندەك قارىماققا ئاددىي كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە قىيىن مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدى. ئۇنىڭ «ئەخلاق بىلىم دېمەكتۇر، نادانلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزى بار، شۇڭا، ئۇ سىياسىي جەھەتتە دۆلەتنى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق ئادەمنىڭ باشقۇرۇشى كېرەكلىكىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان.

مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 399-يىلى، سوقرات زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، «دۆلەت چوقۇنىدىغان ئىلاھقا ھۆرمەت قىلمىدى» دېگەندەك جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان كۈنى كەچتە، ئۇ بالا-چاقا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى زىنداندىن كەتكۈزۈۋېتىپ، دوستلىرى بىلەن روھ ئۆلمەيدۇ دېگەن قائىدە ھەققىدە كەڭ-كۇشادە بەس-مۇنازىرە قىلغان، ئاندىن گۇندىپاينىڭ قولىدىن زەھەرلىك دورىنى تەمكىنلىك بىلەن ئېلىپ، بىراقلا ئىچىپ، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان، بۇ چاغدا ئۇ 70 ياشقا كىرگەنىدى.

مەنبە ئىزدەش قامۇسى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top