• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ۋېنېرادا ئىلگىرى مەدەنىيەت مەۋجۇت بولغانمۇ؟

ۋېنېرادا ئىلگىرى مەدەنىيەت مەۋجۇت بولغانمۇ؟

تەرجىمىدە ئەراپات

كۆزىتىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىز كۆزىتەلەيدىغان ئالەم رادىئوسىنىڭ تەخمىنەن 46 مىليارد 500 مىليون نۇر يىلى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بۇ بىز كۆزىتەلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى چەك. بىز سانسىزلىغان ئاسمان جىسىملىرىنى شۇنداقلا 4000 دىن ئارتۇق تاشقى سەييارىنى بايقىدۇق. بۇ تاشقى پىلانېتلارنىڭ بايقىلىشى بىزنىڭ كەلگۈسىدە پىلانېتىلار ئارا كۆچۈشىمىزگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. ئەمما تېخنىكىنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن، بىز ئالدىن تاللايدىغان كۆچمەنلەر يۇلتۇزى يەنىلا قۇياش سىستېمىسى ئىچىدە، بۇنىڭ ئىچىدە مارس بىلەن ۋېنېرا ئىنسانلارنىڭ ئالدىن تاللىشى. ۋېنېرا يەر شارىغا ئىنتايىن يېقىن بولغاچقا، ھەتتا يەر شارىنىڭ قوشكېزەك قېرىندىشى دەپ ئاتالغان. ھازىر بار بولغان كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى ۋېنېرانىڭ سىرتقى يۈزىدە نۇرغۇن ئېھرام ۋە شەھەر خارابىسىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ۋېنېرانى ئاساسىي جەھەتتىن تىلغا ئالىمىز. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ۋېنېرانىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ 0.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، لېكىن دىئامېتىرى يەر شارىنىڭ 0.8 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋېنېرانىڭ زىچلىقىنى يەر شارىدىن سەل چوڭراق قىلغان، لېكىن ئىچكى قۇرۇلمىسى يەر شارى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا پەرقلەرمۇ ناھايىتى چوڭ. ئالدى بىلەن ۋېنېرا يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى 400 سېلسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىل بويى كىسلاتالىق يامغۇر ئۈزۈلمەيدۇ. ھاۋادا زور مىقداردا سۇلفات كىسلاتاسى بىلەن پارنىك گازى بار. پارنىك ئېففېكتى ئىنتايىن ئېغىر، ئالىملار ئومۇميۈزلۈك ھالدا بۇنداق مۇھىتتا ھاياتلىق مەۋجۇت بولمايدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمما كېيىنكى بايقاش نۇرغۇن ئالىملارنى گۇمانلاندۇرۇپ قويدى. بەلكىم ۋېنېرادا ئىلگىرى ھاياتلىق مەۋجۇت بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ۋېنېرانى تەپسىلىي كۆزەتكەن. ئۇلار ھەيران قالغان ھالدا، ۋېنېرادا خېلى بۇرۇنلا گۈللەنگەن مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىق مۇمكىنلىكىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن قايتىپ كەلگەن سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئالىملار ۋېنېرانىڭ يۈزىدە زور مىقداردىكى شەھەر خارابىلىكىگە ئوخشاش كۆرۈنىشنى بايقىغان. تولۇقسىز مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ خارابىلىكنىڭ ساقلىنىپ قالغان سانى تەخمىنەن 20 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ ۋېنېرانىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ شەھەر بىلەن قاپلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر بىر شەھەرنىڭ ئەڭ مەركىزىدە بىر غايەت زور بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش ئېھرام باردەك قىلىدۇ.

تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، ئەگەر بۇلار راستىنلا ئىمارەت بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئىمارەتلەر ۋېنېرا مۇھىتىدا جىددىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئاندىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىن. ۋېنېرادىكى ئەقىل-پاراسەتلىك ھاياتلىق گەۋدىسى بۇ ناچار مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ياسىغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر بۇ خارابىلىكلەر ۋېنېرادىكى ئەقىل پاراسەتلىك ھاياتلىقنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بەختسىزلىكتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بەلكىم نەسلى قۇرۇپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇ خارابىلىكلەرنىڭ تارقىلىشىدىن قارىغاندا، ئەقىل-پاراسەتلىك ھاياتلىقنىڭ ئىزنالىرى ناھايىتى روشەن ئىكەن. شۇڭا بىز مۇۋاپىق پەرەز قىلساق ئىلگىرى ۋېنېرادا ئەقىل-پاراسەتلىك ھاياتلىق گەۋدىسى مەۋجۇت ئىدى، ئەمما نامسىز سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كىلىمات مۇھىتىنىڭ زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشى بىلەن ۋېنېرادىكى ھاياتلىقنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان، پۈتكۈل يۇلتۇز خارابىلىككە ئايلانغان.

ۋېنېرادىن بۇرۇن، ئالىملار مارستا ئەقىل-پاراسەتلىك جانلىقلار گەۋدىسى بار دەپ قارىغان. لېكىن بەزى نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يىراق قەدىمكى دەۋردە بىز ئىنسانلار دۇنياغا كېلىشتىن بۇرۇن ۋېنېرا بىلەن مارستىكى ئەقىل-پاراسەت مەدەنىيىتى يوقالغان. بەلكىم ئۇلار داغدۇغىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. بۇ خارابىلىكلەر بەلكىم ئۇلار قالدۇرغان بىردىنبىر ئىز بولۇشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا، كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش شۇكى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈش ئەسۋابى «ۋېنېرا 13» ئەۋەتكەن سانلىق مەلۇمات بولدى. سانلىق مەلۇماتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئالىملار ۋېنېرانىڭ يۈزىدە بىر «چايان» غا ئوخشاپ كېتىدىغان جانلىق نەرسىنى بايقىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە خېلى ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشغان. بىراق كېيىن NASA ئوتتۇرىغا چىقىپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بايقىغانلىرىنى ئىنكار قىلغان. چۈنكى ئۇلار بۇنى سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان شاۋقۇنلۇق نۇقتا دەپ قارىغان. بىراق ئەمەلىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز. بەلكىم مەلۇم بىر كۈنلەردە بىزنىڭ تېخنىكىمىز يېتەرلىك تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، بىز ئۆزىمىز ۋېنېراغا چىقىپ ئاندىن بارلىق تېپىشماقلارنى يېشەلەيمىز. ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىزنىڭ پەرىزىمىز. ئۇنداقتا سىزنىڭچە ۋېنېرادا ئىلگىرى ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ باققانمۇ؟ سىزنىڭچە بۇ خارابىلىككە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسىلەر قانداق نەرسە؟

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top