• 2020-يىلى 21-مارت قۇتلۇق نورۇز كۈنىدە قۇتادغۇ بىلىگ ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە قۇرۇلدى. ...
You Are Here: Home » پايدىلىق ئۇچۇرلار » ياپونىيەلىكلەر زادى قانچىلىك دەرىجىدە «ئەستايىدىل»؟

ياپونىيەلىكلەر زادى قانچىلىك دەرىجىدە «ئەستايىدىل»؟

تەرجىمىدە ئادىلجان

ياپونىيەلىكلەر ئىنتايىن ئۆزگىچە بىر مىللەت بولۇپ، نوپۇسى 120 مىليوندىن ئاشىدۇ؛ بىر نۇقتىدا يىغىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئەمما سەل قاراشقا بولمايدۇ. خەلقئارادىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالالىشىنىڭ ياپونىيەلىكلەرنىڭ «خاراكتېرى» بىلەن ناھايىتى چوڭ باشىلىنىشى بار. ياپونىيەلىكلەر بىلەن سودا قىلىش ناھايىتى خاتىرجەم بولىدىغان ئىش، لېكىن ياپونىيەلىكلەر بىلەن سودا قىلىش «تەس ئىش». بۇ سۆز قارىماققا زىددىيەتلىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ياپونىيەلىكلەرنىڭ «خاراكتېرى»نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. «تىجارەتتە ناھايىتى خاتىرجەم بولۇش» دېگەن بۇ نۇقتا ياپونىيەلىكلەرنىڭ «سەمىمىيلىك دەرىجىسى»نى كۆرسىتىدۇ، گەرچە ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئىناۋەتكە ئەمەل قىلمايدىغانلار بار بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيەدە ناھايىتى ئاز، ئۇلار سىزگە ۋەدە بەرگەن ئىشلارنى ھەرقانداق قىلىپ بولسىمۇ ئورۇندايدۇ. ئارىلىقتا بەك چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەمما، خىتايلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، گەرچە ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماقۇل بولسىمۇ، لېكىن ئىش قىلىش داۋامىدا ھەر خىل ئەھۋاللار چىقىپ تۇرىدۇ.

«سودا قىلىش تەس» دېگىنى ئەمەلىيەتتە سودا قىلىشتىن بۇرۇنقى ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيەلىكلەر ناھايىتى ئىنچىكە، بۇمۇ ياپونىيەلىكلەرنىڭ « تۇغما» خاراكتېرى، بىز دىققەت قىلىپ بولالمايدىغان نۇرغۇن « ئىنچىكە» تەرەپلەردە ياپونىيەلىكلەر «ئىنتايىن ئەستايىدىل». مەن نۇرغۇن ياپونىيىلىكلەرنى زاۋۇت تەكشۈرۈشكە ئېلىپ بارغان، بۇ جەريانلار ئارقىلىق، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك مىجەزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم: ئىشنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق. باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىدىن تارتىپ كونكىرىت يولغا قويۇشقىچە بىرمۇ بىر جەزىملەشتۈرىدۇ، ئەگەر ماس كەلمىسە ئۇنى رازى قىلغىچە تۈزىتىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، بىز بۇ ئىشلارنى «زۆرۈر ئەمەس» دەپ قارايمىز، لېكىن دەل مۇشۇنداق زۆرۈر بولمىغان ئىشلار دەل ياپونىيەنىڭ «تەرەققىيات»قا يۈزلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەب.

ياپونىيەلىكلەر ئىنچىكە، ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا بولغان ئىنتىلىشى تېخىمۇ «يۇقىرى»، قېنى ئۇلار زادى قانچىلىك ئىنچىكە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

«مېيىپلار» غا بولغان غەمخورلۇق

ياپونىيىدە نۇرغۇن «مېيىپلار»نى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن مېيىپلار دائىم ئۆيىدە تۇرىدۇ، سىرتقا چىقمايدۇ. لېكىن ياپونىيە بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، بىر تەرەپتىن ياپونىيە جەمئىيىتىنىڭ «مېيىپ»لارنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغاچقا، يەنە بىر تەرەپتىن ياپونىيەنىڭ ئاممىۋى ئەسلىھەلىرى مېيىپلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىدۇ.

ياپونىيەدە تىرامۋايغا ئولتۇرغاندا، تىرامۋاي خادىمىنىڭ بىر چوڭ تاختىنى ئېلىپ بېكەت سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تاختاينى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار تىرامۋايغا چىقىشتا ئىشلىتىدىغان بولۇپ، چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرىدىغان يولۇچىلار ئۇچرىسا، پويىز خادىملىرى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تىرامۋاينىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. بۇ خىل مۇلازىمەت پەقەت يېڭى لىنىيەدىكى يۇقىرى باھالىق تىرامۋايغا ئولتۇرۇش مۇلازىمىتى بولماستىن بەلكى ئادەتتىكى تىرامۋايلاردىمۇ ئومۇملاشقان.
ياپونىيەدىكى بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇسلىرىغا ھازىر «لىفت شەكىللىك» چاقلىق ئورۇندۇق ياردەمچى سىستېمىسى كىرگۈزۈلگەن، بۇ سىستېمىنىڭ كىرگۈزۈش باھاسى يۇقىرى ئەمەس ھەمدە ئىشلىتىش ئەھۋالى چەكلىك، لېكىن يەنىلا ئىمپورت قىلىنىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى «مېيىپلارغا كۆڭۈل بۆلۈش»دىن باشقا يەنە قايسىلار بار؟ ئەگەر بۇ سېستىمىغا تايىنىپ پۇل تاپماقچى بولسا، مېنىڭچە بۇ كارخانىنىڭ «كىرىم چىقىمنى قاپلىيالمايدۇ».
ياپونىيەدە كونسېرۋالىق ئىچىملىك سېتىۋالغان ۋاقىتتا، بەلكىم بوتۇلكىنىڭ ئۈستىدە ئازراق تومپىيىپ چىققان نۇقتىلار بارلىقىغا دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بۇ نۇقتىلار دەل «ئەمالار يېزىقى». بۇ خىل ئۇسۇل «كۆزى ئەركىن ئەمەس» كىشىلەرگە قاچىلىنىدىكىسى «ھاراق» ياكى «ئىچىملىك» ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان.

جەمئىيەتتىكى كىچىك ئىشلاردىن ياپونىيەلىكلەرنىڭ مېيىپلارغا بولغان «غەمخورلۇقى»نى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. مېنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىگە بولغان ھېسسىياتىم بولسا: مەيلى نېمىلا ئىش قىلىڭ، پەقەت تىرىشسىڭىزلا، تېگىشلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز. ياپونىيەلىكلەر مېيىپلارغا ئوخشاشلا مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۇلار «مېيىپ»لىكنى بىر خىل نۇقسان دەپ قارىمايدۇ، شۇڭا «مېيىپ»لارنى سىغدۇرۇشچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ھېچ بولمىغاندا بۇ كىشىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كەمسىتمەيدۇ. ھۆرمەتلەش بىر خىل «باراۋەرلىك» مۇناسىۋىتى، باش قاتۇرۇپ ئېتىبار بېرىش ئەمەس، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مېيىپ كىشىلەرگە جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىنى ھېس قىلدۇرغىلى، ئاندىن ئۇلارنى ئۆزىنى كەمسىتمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ، ياپونىيە جەمئىيىتى مانا مۇشۇنداق.
«بايلىقنى تېجەش» ۋە پايدىلىنىش
ياپونىيە ئەسلىدە ئارال دۆلىتى بولۇپ، بايلىق چەكلىك، ياپونىيەلىكلەر بايلىقنى تېجەشتە ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش ياپونىيەدە يولغا قويۇلغىلى نەچچە ئون يىل بولدى. ياپونىيەنىڭ ھاجەتخانىلىرىمۇ دۆلەت ئىچىدىكىسىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، ئەمما سۇ ساقلاش ساندۇقىنىڭ ئۈستىدە بىر جۈمەك بار بولۇپ، بۇ جۈمەك قول يۇيۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە سۇ جۈمەكتىن سۇ ساقلاش ساندۇقىغا ئاقىدۇ، تەرەت قاچىسىىغا سۇ ماڭدۇرغاندا، جۈمەكتىن سۇ چىقىپ قول يۇيۇشقا قولايلىق يارىتىدۇ، قول يۇيغان سۇ تەرەت قاچىسىغا قاچىلىنىپ تەرەت قاچىسىدىكى تەرەتنى ئاقتۇرىدۇ. ئەۋرەز يولى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «ناھايىتى مەينەت» جاي. ئەمما، ياپونىيەدە بولسا ناھايىتى پاكىز (كۆپ قىسمى شۇنداق، مەينەت تەرەپلىرىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمايدۇ). مەسىلەن، ئەۋرەش يولىدا ئالتۇن بېلىق بېقىش قاتارلىقلار ياپونىيەلىكلەرنىڭ بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرىپى.

جىددىي ئەھۋالدىكى ئەسلىھەلەر

ياپونىيەدە يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ياپونىيەلىكلەر «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش»قا ئادەتلەنگەن. ئادەتتە ئالتە بال ئەتراپىدىكى يەر تەۋرىسە، ياپونىيەدە ئانچە كۆپ تالاپەت كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئاپەت ئېڭى يۇقىرى. ياپونىيەلىكلەرنىڭ بۇ خىل «ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئېڭى ئوخشاشلا تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ.

ياپونىيەدە ياتاق بىناسىدا تۇرغان كىشىلەر ياپونىيە بالكونىنىڭ لايىھىسىگە دىققەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ياپونىيە بىناسىنىڭ بالكونى تۇتاش بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ بالكونى بىر ئايرىش تاختىسى ئارقىلىق توسۇلىدۇ، بۇ ئايرىش تاختىسى قاتتىق ماتېرىيال ئەمەس، ئادەم كۈچى بىلەن بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. ئۈستىدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: جىددىي پەيتتە، بۇ يەرنى بۇزۇپ، ياندىكى ئۆيگە بېرىپ پاناھلىنىڭلار. مەسىلەن، ئۆيىدە جىددىي ۋەقە يۈز بەرسە، بالكون ئارقىلىق ياندىكى ئۆيدىن ياردەم سورىسا بولىدۇ. ئوڭ-سولغا تۇتاشقاندىن باشقا، ئاستى-ئۈستى ئوخشاشلا «پاناھلىنىش شوتىسى» ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلىدۇ. بالكون ئورنىدا تۆۋەن قەۋەتكە تۇتىشىدىغان پاناھلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان شوتا بار، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى ياپونىيە ئۆي-زېمىن سودىگەرلىرى قۇرۇلۇشنى لايىھىلىگەن ۋاقىتتا ئويلىشىدىغان مەسىلە.

ياپونىيەدىكى نۇرغۇن لىفىتلار ئىچىدە، بولۇپمۇ ئاممىۋى سورۇنلاردىكى لېفىتلارغا «لىفىت ئورۇندۇقى» تەسىس قىلىنغان. دەسلەپتە مەن ئورۇندۇقنى لىفىتنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويۇشنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىگەن. چۈنكى لېفىت كىشىلەر توپىنىڭ «يۆتكىلىشى» چوڭ ئۈسكۈنە بولۇپ، قىسقا ۋاقىت توختايدۇ، ھېچكىم بۇ يەردە مەخسۇس ئولتۇرمايدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىر ئورۇندۇق قويۇلىدۇ؟ بۇ ئورۇندۇقنىڭ ئەڭ چوڭ رولى «ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش». گەرچە بۇ ئورۇندۇق ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئەمما رولى ناھايىتى چوڭ. جىددىي پەيتتە، بۇ ئورۇندۇقنى «ھاجەتخانا» ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن لىفىتقا ئۇزاق ۋاقىت قاپسىلىپ قالغانلىقدا، ھاجەت قىلىش ئىنتايىن قىيىن مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. بۇ EV ئورۇندۇق ئىچىدە مىنېرال سۇ، قول چىراغ، تازىلىق قەغىزى، پۇراق يوقىتىش دورىسى قاتارلىقلار بار.

خۇلاسە كالام:

يۇقىرىقىغا ئوخشاش تەپسىلاتلار ياپونىيەدە ھەقىقەتەن ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان «سوغۇقتىن قورقىدىغانلار ۋاگونى»، مەخسۇس سوغۇقتىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ؛ قولايلىق دۇكان پۇل يىغىش پۇكىيىنىڭ ئاستى تەرىپىدە، قول يۇيۇش سۇپىسى بار، خېرىدارلارنىڭ قول يۇيۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ؛ پەلەمپەيدە مەخسۇس بالىلار ۋە بويى پاكار كىشىلەر ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان تۇتقۇچ قاتارلىقلار بار. بۇنى كۆرگەندە، بەزىلەر زۆرۈرىيىتى يوق، بۇ تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئىشلىتىلىشى ناتايىن دەپ قارىشى مۇمكىن. لېكىن ياپونىيەلىكلەر بۇ تەپسىلاتلارغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، بىر دوستۇمنىڭ گېپى ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلغان: ئادەمنى چارچىتىدىغىنى يىراق تاغ يولى ئەمەس، بەلكى ئاياغ ئىچىدىكى بىر تال قۇم؛ تەپسىلاتىغا دىققەت قىلىش، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەش ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل قويۇش!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى يازمىلار ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى يازمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top